قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3046|ئىنكاس: 24

ئاتالمىغان بەشتال ئوق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

25

تېما

2

دوست

2002

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   0.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1620
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 336
تۆھپە : 390
توردىكى ۋاقتى: 175
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-21 23:52:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتالمىغان بەشتال ئوق


   مەرھۇم تۇردى سامساقنىڭ«بەشتال ئوق»ھېكايىسىنىڭ ۋەقەلىكى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى دەۋىردىكى كەڭ خەلقنىڭ،جۈملىدىن خوتۇن قىزلىرىمىزنىڭ ئارزۇ-ئۈمىدلىرىنى چىقىش قىلىپ يېزىلغان بولۇپ،ئەمەلىيەتتە ئەسەردىكى باش پىرسۇناژنىڭ پىروتۇتىپى بولغان جەڭچى يىگىتكە بەش تال ئوقنىڭ بىرسىنىمۇ  ئېتىش نېسىپ بولمىدى. ئۇ ۋە سەپداشلىرى ناھايىتى ئۇزۇن بىر مەزگىل قورالىنى قۇچاقلاپ يېتىپ قالدى. ئۇنىڭدىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتكەن قىزنىڭ ئارزۇ-ئۈمىدلىرى بەربات بولىدى.

   1946-يلى 9- ئاينىڭ 14 -كۈنى ماناس دەرياسى چېگرا قىلىنىپ،ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسى ماناس دەرياسى كۆۋرۈكىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىن ئورۇن ئالدى . گومىنداڭ قوشۇنلىرى ماناس دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىىغا ئورۇنلاشتى .گومىنداڭ تەرەپ بىلەن گەرچە تېنىچلىق بېتىمى ئىمزالانغان بولسىمۇ،لېكىن  مىللىي ئارمىيە قېسىملىرى جەڭگىۋارلىقىنى بوشاشتۇرۇپ قويمىدى . ئارقا سەپتىن قىسىملارغا ئىلھام بېرىپ خەت،پوسۇلكىلار كېلىپ تۇراتتى،ھەتتا قىزلاردىن مىللى ئارمىيە جەڭچىلىرىگە مېھرى-مۇھەببىتى ئىپادىلەنگە خەتلەر،كەشتىلەنگەن قولياغلىقلار كېلىپ قالاتتى .
   بىر كۈنى ئالدىنقى سەپكە بىر قىزدىن«جەڭچى ئاكامغا تىگىدۇ»دەپلا بىر پارچە خەت بىلەن پوسۇلكا كېلىپ قالدۇ. پوسۇلكىدا ئازراق تاتلىق-تۇرۇم ، كەشتىلەنگەن بىر قولياغلىق،بەش تال ئوق بار ئىدى. خەتتە مۇنداق دىيىلگەندى : «قىممەتلىك جەڭچى ئاكا،سىزگە ئەرزىمەس كىچىككىنە بىر پوسۇلكا ئەۋەتتىم، پوسۇلكا ئىچىدە بەش تال ئوق بار.  ئاشۇ بەش تال ئوق بىلەن ياۋۇز دۇشمەندىن بەشنى يەر چىشلىتىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۈمىدىمنى ئاقلىيالىسىڭىز مەن سىزنى كۇتىمەن،غەلبە سىزگە يار بولغاي!مېنىڭ ئادىرىسىم چۆچەك شەھەرلىك ئوتتۇرا مەكتەپ 3- يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئامىنە. »بۇ قىسىمدا چۆچەكلىك جەڭچىلەر يوق ئىدى. خەت غۇلجىلىق لەتىپ غاپپارۇپ دېگەن جەڭچىنىڭ قولىغا چۇشۇپ قالىدۇ .
   بۇ لەتىپ غاپپارۇپنىڭ ياشلىقى ئۇرغۇپ تۇرغان چاغلىرى ئىدى. ئۇنىڭ تەلىيىگە بېتىم تۈزۈلۈپ ئۇرۇش بولماي بەش تال ئوقنى ئىشلىتىش پۇرسىتى بولمايدۇ . لېكىن ئۇ، بۇ ئاق كۆڭۈل، ناتىۋان قىزنىڭ كۆڭلىنى يەردە قويۇشنى خالىمايدۇ . ئۇ قىزنىڭ ئادېرىسى بويىچە بىر پارچە خەت يازىدۇ. ئۇ خېتىدە  قىزنىڭ يازغان خېتى بىلەن ئەۋەتكەن پوسۇلكىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى يېزىپ ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى قىسقىچە تۇنۇشتۇرىدۇ. قىزنىڭ ئىپادىلىگەن ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىغا ئاپىرىن ئوقۇيدۇ. قىزنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاپ، غەلبىلىك كۆرۈشىشىنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۇرىدۇ .كۆپ ئوتمەي  تېنىچلىق بېتىمى بۇزۇلۇپ،لەتىپ غاپپارۇپلارنىڭ قىسىمى ماناس دەرياسى بويىدىن غۇلجىغا قايتىپ كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن لەتىپ غاپپارۇپ بىلەن قىزنىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالىدۇ .
    1948-يىلى،ئەخمەتجان ئەپەندى،گېنرال ئىسھاقبېك،ئابدىكىرىم ئابباسۇپلار ئالدىنقى سەپنى كۆزدىن كۆچۈرگىلى يەنسىخەي ئورمانلىقىغا كەلدى. بۇ 6- ئاي مەزگىللىرى ئىدى.ئەتراپ ياپ-يېشىللىققا پۈركەنگەن، يىراق-يىقىنلاردا چاڭىلداپ سايراۋاتقان بۇلبۇلار كىشىگە ھوزۇر بېغىشلايتتى، يىپ-يېڭى كىيىملەرنى كىيىپ، ئوردېنلارنى تاقىغان جەڭچى - ئوفىتسېرلارنىڭ چېھىرلىرىدە خۇشاللىق جىلۋە قىلاتتى .
  — ئىنقىلاپ يېڭى باشلانغاندا،دۈشمەن بىزنى«ئالتە ئوغرى»دەپ كۆزگە ئىلمىغان ئىدى،—دېدى ئەخمەتجان ئەپەندى مەمنۇن بولغان ھالدا،—بىراق بىزنىڭ باتۇر جەڭچى،ئوفىتسېرلىرىمىزنىڭ بۈگۈنكىدەك جاسارىتى دۈشمەننى قايىل قىلدى . ئەمدى ئۇلار بىزنىڭ«ئالتا ئوغرى»ئەمەس بەلكى ئۆزلىرىنىڭ ئاغزىغا سېلىنغان يۈگەننى چىڭ تۇتۇپ تۇرىۋاتقان قۇدرەتلىك قوشۇن ئىكەنلىكىمىزنى چۈشەندى.
   ئەخمەت ئەپەندى قىسىملارنى كۆزدىن كەچۈرگەندە،قىسىملاردا مەدەنىي كۆڭۈل ئىچىش پائالىيەتلىرىنىڭ كام ئىكەنلىككىنى ھېس قېلىپ ئىلى، ئالتاي،تارباغاتاي ۋىلايەتلىرىنىڭ سەنئەت ئۆمەكلىرىنى ئالدىنقى سەپكە بېرىپ،جەڭچى - ئوفىتسېرلاردىن ھال سوراش ئويۇنلىرىنى قويۇشقا سەپەرۋەر قىلغان ئىكەن .
   —تارباغاتاي ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىگى ساۋەنگە كېلىپ،بۇگۇن ساۋەندە تۇرۇشلۇق قىسملاردىن ھال سوراش ئويۇنى قويۇپ،ئەتە بىزنىڭ قىسىمغا كېلىدىكەن. قوماندانلىق شىتاپ مېھمانلارنى قىزغىن كۈتۈۋېلىشقا ئۇقتۇردى . سىز ئەتە قىسىم دىژورنىلىقنى ئۈستىڭىزگە ئىلىپ،ئۇلارنى ياخشى كۈتۈۋىلىڭ! ئەتە سەككىزدە بارلىق ئوفىتسېر-جەڭچىلەر يېڭى كىيىملىرىنى كىيىپ،پاگۇن، ئوردېنلىرىنى تاقاپ ئىستىرۇيغا چىقسۇن!—دېدى كوماندىر دىۋىزىيۇن .
   غاپپارۇپ«خوپ»دەپ چاس بىرىپ شىتاپتىن قايتىپ چىقتى.كەچكى يىغىلىشتا قىسىمدىكى بارلىق ئوفىتسېر-جەڭچىلەرگە بۇ خوش خەۋەرنى يەتكۇزدى . ئەتىسى يەتتە بىلەن سېگنال بىرىلدى. ئوفىتسېر-جەڭچىلەر گازارمىدىن ئوقتەك ئېتىلىپ چىقىشىپ،شىتابنىڭ ئالدىدىكى ياپ-يېشىل چىمەنلىكتە تىزىلدى،ئوفىتسېر -جەڭچىلەر خۇددى ھېيىت - بايرامدىكىدەك ياسىنىپ شادلىققا چۈمگەنتى . ئۇلارنىڭ مورىسىدىكى پاگۇن،مەيدىلىرىدىكى ئوردىن،مىداللىرى ئەتىگەندىكى كۈن نۇرىدا يالت-يۇلت قىلىپ تۇراتتى .
  سەككىزگە 15 مىنۇت قالغاندا جەنۇپ تەرەپتىكى تاش يولدا تۆت ماشىنا كورۈندى،غاپپارۇپ دەرھال قىسىمغا دىققەت كوماندىسى بەردى :
   —دېققەت ! ئوڭغا قاراپ توغىرلان!
  ئوفىتسېر-جەڭچىلەر دىققەت ھالەتتە شەپكىلىرىنى قولىغا ئېلىپ سەنئەتچىلەر كېلىۋاتقان تەرەپكە قاراپ تۇرۇشتى . ماشىنىلار ئۇلار تۇرۇۋاتقان يەردىن يۈز مىتىر نېرىغا كېلىپ توختىدى . سەنئەتچىلەر ماشىنىدىن چۈشۈپ بولۇشى بىلەن غاپپارۇپ مېھمانلارنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ دوكلات قىلدى:
—ھۆرمەتلىك ئەزىز مېھمانلار،زەبىرەك دىۋىيۇنىدىكى بارلىق ئوفىتسېر -جەڭچىلەر سىلەرنى كۈتۈپ تۇرماقتا ... دوكلات قىلغۇچى پۇتپۇرۇتچىك غاپپارۇپ لەتىپ .... دوكلات تۇگۈشى بىلەن سەنئەتچىلەر دۈررىدە كېلىپ ئۇنى ئورىۋالدى ۋە ئۇنىڭ بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى .
  سەنئەتچىلەر 60 قا يېقىن كىشى بولۇپ. كۆپى قىز -ئاياللار ئىدى. ئۇلار غاپپارۇپ بىلەن كۆرۈشكەنگە قانماي،خۇددى مەسلىھەتلىشىۋالغاندەك بىر دىنلا غاپپارۇپنى كۆتەر-كۆتەر قىلىپ،قىسىم يىغىلغان يەرگە ئېلىپ كەلدى. قىسىم تىخىچە دىققەت كوماندىسىدا تۇراتتى. سەنئەتچىلەر كېلىپلا جەڭچىلەرگە ئېسىلىپ كۆرۈشۈپ كەتتى. جەڭچىلەر دىققەت كوماندىسىدا تۇرغانلىقى ئۈچۈن مىدىر قىلماي تۇرۇشاتتى. غاپپارۇپ ئەھۋالنى سەنئەتچىلەرگە چۈشۈندۇرۇپ، ئوفىتسېر -جەڭچىلەرنى ئولارنىڭ قولىدىن تەستە ئاجىراتتى-دە،ۋاقىراپ تۇرۇپ راھەت كوماندىسى بەردى. راھەت كوماندىسى بېرىلىشى بىلەن سەنئەتچىلەر بىلەن ئوفىتسېر -جەڭچىلەر باشقىدىن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى، كۆرۈشۈش ئالاھەزەل يېرىم سائەت داۋاملاشتى ....
    سەنئەتچىلەر چالغۇ--ئەسۋاپ،دېكراسيە،گىلەملەرنى ماشىنىدىن چۈشۈرۈپ، ئويۇن قويۇشقا تەرەدۇت قىلدى. ئۇلار بىر قانچە مەيدا ئويۇن كۆرسەتكەندىن كېيىن،ئاكاردىيۇن تارتىپ تانسا باشلىدى. ئوفىتسېر-جەڭچىلەر ئۇلارنىڭ ئوينىغان تانسىلىرىغا قىزىقىپ قاراپلا قېلىشتى. سەنئەتچىلەر ئۆزلىرى بىر قۇر تانسا ئوينىغاندىن كېيىن،ئوفىتسېر -جەڭچىلەرنى ئاق تانسىغا تارتىشتى .
   قىسىمدىكى بىر قىسىم ئوفىتسېر -جەڭچىلەر تانسا ئويناشنى بىلمەيتى . بىلىدىغانلار ئوينىدى، بىلمەيدىغانلار ئەيمىنىپ ئوتتۇرىغا چۈشكىلى ئۇنىمايتتى . بەزىلىرى ھەدەپ ئۆزلىرىنى چەتكە ئالاتتى. بەزى قىزلار ئۇلارنىڭ قاچقىنىغا قويماي، كەينىدىن قوغلاپ بېرىپ قولىدىن سۆرىگەنچە ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقاتتى . لەتىپ غاپپارۇپمۇ تانسا بىلمەيتتى. ئۇ بۇ قىزىقچىلىقلارغا قىزىقىپ قاراپ تۇراتتى، ئاق پۇشماق،زىلۋا كەلگەن چىرايلىق بىر قىز تارتىنىپقىنا غاپپارۇپنىڭ ئالدىغا كېلىپ،بىر خىل تەبەسسۇم بىلەن ئۇنى تانسىغا تەكلىپ قىلدى .
  —رەخمەت سېڭلىم، مەن تانسا ئومايمەن،—دېدى غاپپارۇپ قىزغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۇرۇپ .
  —ئوقمىسىڭىز بىر دەمدىلا ئۆگۈنۋالىسىز ،—دېدى قىز ئۇنىڭ قولىدىن تارتىپ . قىز غاپپارۇپنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قويماي ئۇنى سۆرەپ ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقتى .
  — تانسىنى راستىنلا بىلمەيمەن ، ئۆگىتىپ قويسىڭىز بوپتۇ ئويناي،—دىدى غاپپارۇپ ئىلاجىسىز .
  —بىلمىسىڭىز ھېچقىسى يوق،مەن ئۆگىتىپ قويىمەن،—دىدى قىز پۇت ئېلىش ئۇسۇللىرىنى كۆرسىتىپ .
غاپپارۇپ شۇنچە دىققەت قىلىپ ئويناپمۇ قىزنىڭ پۇتىنى دەسسىۋالاتتى. قىز غاپپارۇپنى خىجىل بولۇپ قالمىسۇن،دەپ« كېرەك يوق»دەپلا قوياتتى. قىز غاپپارۇپنىڭ بەكمۇ ئېھتىياتچان ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ :
— خىلى ئۆگىنىپ قالدىڭىز،ئەمدى بېشىڭىزنى كۆتۈرۈپ ئويناۋىرىڭ دېدى . قىزنىڭ سەمىمى ئىلھام بېرىشى بىلەن غاپپارۇپ ئۆزىنى توختىتىپ ئويناشقا باشلىدى . باشقىلار ئۇنىڭغا قىزىقىش نەزىرى بىلەن قارىشىپ قوياتتى. ئۇنىڭ مەيدىسىدىكى« باتۇرلۇق » ئوردىنى بىلەن« پىدائىي »،« ساداقەت»مىلداللىرى كۈن نۇرىدا جۇلالىنىپ تۇراتتى .
— ئاكا،سىزدىن بىر ئىشنى سورىسام بولامدۇ ؟—دېدى قىز جەزبىدارلىق بىلەن غاپپارۇپقا قاراپ. غاپپارۇپ قىزغا زوقلىنىپ قارىدى :
— نېمە ئىشتى، تارتىنماي سوراۋىرىڭ ! - دېدى قىزنىڭ نۇر يىغىپ تۇرغان كۆزلىرىگە قاراپ .
— بىر قانچە يىلنىڭ ئالدىدا ئالدىنقى سەپكە بىر پارچە خەت بىلەن بەش تال ئوق ئەۋەتكەم ئىدىم . ئۇنى غۇلجىلىق لەتىپ غاپپارۇپ دېگەن جەڭچى تاپشۇرۇپ ئېلىپ،بىر پارچە خەت يېزىپتىكەن،—دېدى قىز ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ .
—ھۇي، 1946 -يىلى چۆچەكتىن ئالدىنقى سەپكە خەت يازغان ئامىنە دېگەن قىز سىز بولامسىز؟—غاپپارۇپ قىزغا بەشقىچە زوق بىلەن قارىدى،—سىزگە جاۋاپ خەت يازغان لەتىپ غاپپارۇپ دېگەن جەڭچى مەن بولىمەن .
— سىز شۇ لەتىپ غاپپارۇپمۇ ؟!—دېدى قىز ئۆزىنىڭ ھەيرانلىقىنى يۇشۇرالماي ، —بايا ئۆمىكىمىزنى كۇتۇۋالغاندا،ئۆزىڭىزنى لەتىپ غاپپارۇپ،دەپ تۇنۇشتۇرغان ئىدىڭىز،يۈرىكىم«جىغ »قىلىپ قالدى . قارىسام سىز ئوفىتسېر ھەم بەك سالاپەتلىك ئىكەنسىز. تۇرقۇڭىزغا قاراپ شۇ لەتىپ غاپپارۇپمىدۇ، ئەمەسمىدۇ ؟ دەپ گۇماندا قالدىم. چۈنكى سىز خەت يازغاندا« مەن ئاددى بىر جەڭچى»دەپ يېزىپتىكەنسىز. جاۋاپ خېتىڭىزنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ يەنە بىر پارچە خەت يازغاندىم .....
   —يەنە خەت يازغانمىدىڭىز؟ لېكىن ئۇ خېتىڭىز ماڭا تەگمىدى،—دېدى غاپپارۇپ ئەپسۇسلىنىپ .سىزگە جاۋاپ خەت يېزىپ ئاز ئۆتمەيلا گومىنداڭ بىلەن تۈزگەن تېنىچلىق بېتىمى بۇزۇلۇپ،ماناس بويىدىن غۇلجىغا قايتىپ كەتتۇق . باندىتلارنى تازلاش ئۇرۇشى باشلانغاندىن كېيىن يەنە بۇ ياققا يۆتكەلدۇق .
—ھە، شۇڭا خىتىم سىزگە تەگمەي قاپتىكەندە،—دىدى قىز چوڭقۇر ئەپسۇسلىنىپ،—كۆڭۈل نېمە دېگەن ئۈلۈغ ھە !سىزنى شۈمىدۇ،دەپ گۇمان قىلىپ تانسىغا تارتقان ئىدىم. دەل ئۆزىڭىز ئىكەنسىز .......
— بۇ بىر ئاجايىپ ئۇچۇرشىش بولدى،—دېدى غاپپارۇپ ئامىنە بىلەن يۈز كۆرۈشكەنلىكدىن خۇشال بولۇپ، سىز مېنى قانداراق ئادەمكىن دەپ ئويلىغان بولغىيتىڭىز ھە قاچان .
— ئويلىمىدىن  دىسەم يالغان بولىدۇ . لېكىن يازغان خېتىڭىزنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ سىزنىڭ خېلى بىلىملىك،ئوچۇق كۆڭۈل ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى ھېس قىلىپ كۆڭلۈم تەسكىن تاپقان ئىدى .....
—مەنمۇ سىزنىڭ يازغان خېتىڭىزدىن سىزنىڭ جۇرئەتلىك،ئەقىللىق قىز ئىكەنلىكىڭىزنى ھېس قىلغان ئىدىم. سىز شۇنداق بولۇپ قالماي،يەنە ئاجايىپ ئوماق ۋە چىرايلىق قىز ئىكەنسىز ....
ئۇلار تانسىنى قىزغىن،سەمىمى پاراڭلىشىپ ئويناپ،چۈش بولۇپ قالغانلىقىنى بىلمەي قېلىشتى. بىر چاغدا چۈشلىك تاماققا سېگنال چېلىندى . ئۇلار قىيمىغان ھالدا ئايرىلىشتى .
تاماقتىن كىيىن سەنئەت ئۆمىكىنىڭ باشلىقى سۆز قىلدى :
—قەھرىمان ئوفىتسېر-جەڭچىلەر،مەن بۈگۈن،بۇ يەردە،چۆچەك خەلقى ۋە ئۆمەكتىكى بارلىق سەنئەتچىلەر نامىدىن قىسىمدىكى بارلىق ئوفىتسېر -جەڭچىلەردىن سەمىمى ھال سورايمەن،ئەڭ ئالى ئېھتىرام بىلدۇرىمەن! سىلەر قان كېچىپ جەڭ قېلىپ،خەلىقنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلدىڭلار. سىلەرنى، سىلەرنىڭ تۆھپەڭلارنى خەلقىمىز ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ،بىز سىلەرگە شان -شەرەپ تىلەيمىز !
ئاندىن مېھمانلارنىڭ تەلىپى بويىچە سەنئەتچىلەر بىلەن ئوفىتسېرلار ئارلىشىپ ئولتۇردى. ئامىنە لەتىپ غاپپارۇپنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى. قىزنىڭ چېھرىدە بىر خىل خۇشاللىق، پەخىرلىنىش تۇيغۇسى ئەكىس ئېتىپ تۇراتتى .
قەدەھلەر كەينى كەينىدىن كۆتۈرۈلدى. لەتىپ غاپپارۇپ يېنىدا ئۆزىگە زوقلىنىپ ئولتۇرغان قىزغا قاراپ قولىدىكى رومكىنى قولغا ئالدى :
—قىنى ئامىنە يۈز كۆرۈشكەنلىكىمىز ئۈچۈن كۆتۈرەيلى !—دېدى ئۇ رومكىنى قىزغا ئۇزۇتۇپ .
ئامىنە رومكىنى قۇلغا ئالدى ، لېكىن نىمىشقىدۇر قولى تىتىرەپ رومكىدىكى ھاراقنى داۋالغۇتىۋەتتى ۋە :
—مەن ھاراق ئىچىپ باقمىغان،—دېدى ئۇ قولىدىكى رومكىنى غاپپارۇپنىڭ رومكىسىغا ئاستا ئۇرۇپ .
—ھېچقىسى يوق،قىزىل ھاراق ھېچنىمە قىلمايدۇ،—دىدى غاپپارۇپ قىزغا ئىلھام بىرىپ .
— بوپتۇ،تۇنۇگۇنكى خوشاللىق مىنۇتلاردا كۆرۈشكەنلىگىمىزنىڭ شەرپى ئۈچۈن ، ئازراق ئىچىپ قوياي. قىز غاپپارۇپقا تەبەسسۇم بىلەن بېقىپ رومكىنى كۆتۈرۈۋەتتى .
    رومكىلار بىر قانچە قىتىم ئايلانغاندىن كېيىن ئاكاردىيۇنغا تەڭكەش قىلىپ جىرلاش باشلىنىپ كەتتى. بۇنىڭ بىلەن ئولتۇرۇش قىزىپ كەتتى.ئوفىتسېرلار ئارىسىدا جىرغا ئۇستىلار بار ئىدى. ئۇلار ئۆز-ئارا جىرلىشىپ قىقاس چىقىرۋەتتى. جىرلاش توختىغاندىن كىيىن،تانسا باشلاندى. بۇ قىتىم غاپپارۇپ تارتىنىپ ئولتۇرمايلا ئامىنەنى تانسىغا تەكلىپ قىلدى. بۇ قېتىمقى تانسا نېمە ئۇچۇندۇر غاپپارۇپقا باشقىچە زوق بېغىشلىغان ئىدى.ئۇ قىزنىڭ نازۇك بىلىنى ئەپچىللىك بىلەن تۇتۇپ، تانسىنى شۇنچە يەڭگىل، شۇنچە ماسلىشىپ سىلىق ئويناتتى . قىزمۇ ئۇنىڭ كونا تانسا ھەمراھىدەك ئۇنىڭغا شۇنچىلىك ماشلىشىپ كەتكەندى . بۇ غاپپارۇپنىڭ ھەربىي تۇرمۇشىدا ئۇنتۇلغۇسىز بىر كۈن بولۇپ قالدى ...
   ئەتىسى ئەتىگەنلىك تاماقتىن كىيىن سەنئەت ئۆمىكى باشقا قىسىملارغا ئويۇن قويغىلى يۆتكەلدى. لەتىپ غاپپارۇپ بىلەن ئامىنە ئالدىنقى كۇنى بەك كەچ بولۇپ كەتكەچكە، خوشلىشالمىغان ئىدى. ئەتىگىنىمۇ ئۇلارغا كۆرۈشۈش پۇرسىتى بولمىدى. چۈنكى ھەربىي ئىنتىزامدا قالايمىقان كۆرۈشۈشكە، مۇھەببەتلىشىشكە يول قويۇلمايتتى. ئامىنە قايتىدىغان چاغدا غاپپارۇپنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ كېلىپ، نەپىس كەشتە ئىشلىگەن بىر قولياغلىقنى تۇتقۇزۇپ قويۇپ كېتىپ قالدى . غاپپارۇپ قول ياغلىقنى تۇتقىنىچە ئۇنىڭ كەينىدىن قاراپلا قالدى. قىز ماشىنىغا چىققاندىن كىيىن، قولىنى پۇلاڭلىتىپ خوشلاشتى. لېكىن ئۇنىڭ كۆڭلى ئايرىلىش ئازابىدا ئۆرتىنىپ كۆزلىرىدىن ئىختىيارسىز ياش تۆكۈلەتتى. ئالدىنقى سەپتىكى بىر-ئىككى كۈنلۈك ئۇچىرشىش ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى مېھرى مۇھەببەت ئۇرۇقىنى بىخلاندۇرغاندى .
— ھوي، بۇ قىز غاپپارۇپنى ئوبدانلا ياقتۇرۇپ قالغان ئوخشىمامدۇ،—دېدى بىر جەڭچى ئۇ قول ياغلىقنى پۇلاڭلىتىپ،—قاراڭلار،ياغلىققا«سىزنى كۈتىمەن»دەپ كەشتىلەپ قويۇپتۇ. ھەممە باشقىدىن قول ياغلىقنى تالىشىپ كۆرۈشۈپ كەتكەنتى.
—غاپپارۇپقا كۆڭلىنى ئىزھار قىلغان بۇ قىز كىم بولىدۇ ؟— دېدى بايقى جەڭچى قول ياغلىقنى ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بىرىپ .
—بۇ قىز 1946 - يىلى  ماناس دەرياسى بوليىدا تۇرغان ۋاقتىمىزدا خەت يېزىپ بەش تال ئوق ئەۋەتكەن ئامىنە دېگەن قىزكەن ،—دېدى غاپپارۇپ قىزنىڭ ئەھۋالىنى چۇشەندۇرۇپ.
— ھوي، شۇ قىزمىكەن،—دېيىشتى جەڭچىلەر تېخىمۇ قىزىقپ،—سىنىڭ ھەقىقەتەن تەلىيىڭ بار ئىكەن جۇمۇ،بۇ نېمە دېگەن چىرايلىق قىز ......
    خۇدانىڭ قىسمەت - تەقدىرى بىلەن ئۇلارنىڭ خەت ئالاقىسى يەنە ئۈزۈلۈپ قالدى. لېكىن بۇ كۈن ئۇلار ئۈچۈن مەڭگۇ ئۇنتۇلماس بىر كۈن بولۇپ قالدى .1949- يىلى ئازادلىق ئارمىيە شىنجاڭغا كىرىپ،ئۈرۈمچى تىنىچلىق بىلەن ئازاد قىلىندى. مىللى ئارمىيە قىسىملىرى ئۆز ئورۇنلىرىدا ئازادلىق ئارمىيىنى كۇتۇۋالدى.   1950 -يىلى  مىللى ئارمىيە قىسىملىرىدىن 13- 14 - دىۋىزىيىلەر قۇرۇلۇپ،مىللى ئارمىيە ئارتىزۇن قىسمى ئىككىگە بۆلۈندى . بىر قىسمى شىخۇدا قالدى، بىر قىسمى ئىلىغا قايتىپ كۆكدالاغا ئورۇنلارشتى. لەتىپ غاپپارۇپ شىخۇ ئارتىزۇن قىسىمدا قالدى .
   1950يىلى 4- ئايدا لەتىپ غاپپارۇپقا يۇقۇردىن بۇيرۇق كىلىپ، غۇلجا باياندايدا قۇرۇلغان زەمبىرەك، مىناميۇتچىلارنى تەربىيەلەش مەكتىپىگە تەكلىپ قىلىندى. 1950 -يىلى 6- ئايدا لەتىپ غاپپارۇپ ئاتا -ئانىسىنىڭ زورى بىلەن باشقا بىر غۇلجىلىق قىز بىلەن مەجبۇرەن توي قىلدى.1952يىلى 7- 8- ئايلاردا لەتىپ غاپپارۇپ پۇتۇن قىسىملار بويىچە ئۈرۈمچىدە ھەربىي تەلىم -تەربىيە كۇرسىغا قاتناشتى بىر شەمبە كۈنى ، لەتىپ غاپپارۇپ بىر قانچە سەبداشلىرى بىلەن روس كۇلۇپقا تانسا ئوينىغىلى باردى. تانسا باشلىنىپ ئەمدى بىر قىزنى تانسىغا تارتىپ تۇراتتى، تانسىخانىغا چىرايلىق ياسانغان ئىككى قىز كىرىپ كەلدى . .
   غاپپارۇپقا بىرسى تونۇشتەكلا بىلىندى. قىزلار يىقىن كەلگەندە،غاپپارۇپنىڭ يۈرىكى«جىغ»قىلىپ قالدى. كىرگەن قىزلارنىڭ بىرسى دەل ئەمىنە ئىدى. تانسا تۇگىشى بىلەن غاپپارۇپ، ئامىنەنىڭ ئالدىغا باردى  ئاسماندىن چۇشكەندەكلا پەيدا بولغان تونۇشلا چىرايغا قاراپ،ئامىنە تىڭىرقاپ تۇرۇپلا قالدى .
—مېنى تونىمىدىڭىزمۇ ؟مەن لەتىپ غاپپارۇپ،—دېدى ئۇ ئۆزىنى تۇنۇشتۇرۇپ .
قىز ئولتۇرغان يېرىدىن چاچراپ تۇرۇپ غاپپارۇپنىڭ بوينىغا ئېسىلدى :
—ۋىييەي،سىزمىدىڭىز،نەدىن پەيدا بولۇپ قالدىڭىز؟—دېدى قىز ئۆز كۆزىگە ئىشەنمەي .
—سىز بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىپ يۇرىسىز ؟- دېدى غاپپارۇپمۇ ھەيران بولغانلىقىنى يۇشۇرالماي .
—ئۆلكىلىك بىيرۇ كادىرلار مەكتىپىگە ئوقۇشقا كەلگەن ئىدىم،—دېدى قىز ئۆز ئەھۋالىنى تۇنۇشتۇرۇپ .
—مەنمۇ ھەربىي سىياسى تەلىم -تەربىيە كۇۇرسىغا كەلگەن ئىدىم،—دېدى غاپپارۇپ ئەھۋالنى تۇنۇشتۇرۇپ،—سىز بىلەن يەنە ئۇچىرشىپ قېلىشىمنى زادىلا ئويلىماپتىكەنمەن .
—ئەمسە مېنى ئۇنتۇپ كەتكەن ئوخشىمامسىز؟—دېدى قىز غاپپارۇپنىڭ كۆزىگە قاراپ .
غاپپارۇپ نېمە دېيىشنى بىلەلمەي بىر دەم سۈكۈتتە تۇرۇپ قالدى. قىز توختىماي ئۇنى -بۇنى سورايتتى. غاپپارۇپ ئۆزىنىڭ ئالدىراپ تونۇشلۇق بېرىپ قويغىنىدىن ئەپسۇسلىنىپ قالدى .
—بىز كەتكەندىن كېيىن،كەينىمىزدىن بىر پارچىمۇ خەت يېزىپ قۇيمىدىڭىز-ھە،—دېدى قىز رەنجىگەندەك قېلىپ،—خەت كېلىپ قالارمىكىن،دەپ خېتىڭىزنى كۈتۈپ كۆزۈم تۆت بولۇپ كەتتى. دۇنيادا ياخشى كۆرگەن ئادىمىنىڭ خەت -خەۋەرىنى كۈتمەكتىن تەس ئىش يوقكەن ........
—ئۇنى بىر دىمەڭ،—دېدى غاپپارۇپ ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ،—سىلەر قايتقاندا ئۆمىكىڭلارنىڭ ئادېرىسىنى سورۇۋالماپتىمەن،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئازادلىق ئارمىيە كېلىپ قىسىملاردا ئۆزگۇرۈش بولۇپ،ئالدىراش بولۇپ كەتتۇق. تۇلا ئۇ يەر-بۇ يەرگە يۆتكىلىپ،ئاخىردا يەنە غۇلجىغا بېرىپ قالدىم . ئاڭغىچە ھايت -ھۇيت دەپ بىر قانچە يىل ئۆتۈپ كەتتى. يېشىممۇ بىر يەرگە بېرىپ قاپتۇ. ئاتا - ئانام يېشىمنىڭ چوڭىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىمىغىنىمغا قويماي، تۇققانلارنىڭ قىزىنى چىتىپ قويدى .
—نېمە سىز توي قىلىپ بولدىڭىزما؟—قىز بىردىن توۋلىۋەتتى .
—شۇنداق،ھازىر ئىككى قىزىم بار .
   غاپپارۇپنىڭ سۆزى تۈگە-تۈگىمەيلە قىز تامدەك ئاقىرىپ ئارقىسىغا«تىرىڭڭىدە» ئۇچۇپ كەتتى. غاپپارۇپ ئۇنى چاققانلىق بىلەن يۆلىۋالدى . قىزنىڭ دوستى سۇخانىدىن سوغۇق سۇ ئېلىپ كېرىپ ئۇنىڭ يۈزىگە چاچتى . قىز ئەندىكىپ كۆزىنى ئاچتى .
  —ئامىنە،نېمە بولدىڭىز؟—دېدى غاپپارۇپ قىزنىڭ ھۇشىغا كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ،قىز غاپپارۇپقا بىر ئالىيىپ قاراپ قويۇپ،ئۇنىڭ قۇچىقىدىن يۇلقىنىپ تۇردى-دە،ىغلىغان پېتى زالدىن يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتتى. غاپپارۇپ بىردەم تىڭىرقاپ تۇرۇپ قىلىپ،كەينىدىن يۈگۈرۈپ چىقتى. لېكىن،ئۇنى ھېچيەردىن تاپالمىدى ....
   قىز ئۆز ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىپ،غاپپارۇپنى شۇنچە يىللار ساقلىغان ئىدى . لېكىن تەقدىر ئۇلارنىڭ بېشىنى قوشمىدى. ئۇرۇش بۇ ئىككى ياشنى قانداق تۇنۇشتۇرغان بولسا، يەنە شۇنداق رەھىمسىزلەرچە بىر - بىرىدىن ئايرىۋەتكەن ئىدى ............1955-يىل 5 - ئايدا غاپپارۇپ غۇلجىغا قايتىپ كەلدى ۋە سودا ئىدارىسىغا ئىشقا ئورۇنلاشتى. لەتىپ غاپپارۇپ سودا ئىدارىسىدا 30 يىل باش چۆكۈرۈپ ئىشلەپ 1985 - شەرەپ بىلەن دەم ئېلىشقا چىقتى .

بۇ خاتىرە پىشقەدەم مىللى ئارمىيە كوماندىرى لەتىپ غاپپارۇپنىڭ ئاغزاكى ئەسلىمىلىرى ئاساسەن رەتلەپ يېزىلدى .

ئىلى تارىخ ماتىرياللىرى
ش. ئۇ ئا ر  ئىچكى ماتېرياللارنى بېسىشقا رۇخسەتنامىسى NO:26

0

تېما

19

دوست

3974

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   65.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14768
يازما سانى: 435
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 34
تۆھپە : 1149
توردىكى ۋاقتى: 197
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-22 04:12:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاچچىق -ئاچچىق تارىخلار ..

بۇ تارىخ كىتاپلارنى ھازىر تاپقىلى بولمايدىكەن ، بولسا كۆپرەك يوللاپ تۇرۇڭ ،

قەلمىڭىزگە رەھمەت .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

1136

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   13.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15891
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 12
تۆھپە : 334
توردىكى ۋاقتى: 42
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-22 08:50:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىللى  ئىنقىلاپ  تۇغرىسىدىكى  ئەسلىمىلەر ، ھىكايىلەر  كىشىنىڭ يۈرىكىنى ئۆرتەندۈرىدۇ .
كىچىك ۋاقتىمىزدا مەھەللىدىكى  كىنوچىلار قويغان بىر  كىنو  بۇلىدىغان ،مىللى  ئىنقىلاپ  دەۋرىدىكى ئىشلار  تەسۋىرلەنگەن .كىم  بىلىدىغاندۇ  شۇ  كىنونى ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

4

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.15%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6865
يازما سانى: 746
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2109
تۆھپە : 2770
توردىكى ۋاقتى: 647
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-22 09:08:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزلارغا قىزىل ھاراقنى ھېچنىمە بولمايدۇ ، بۇ مېيروڭ قىلىدۇ دەپ ئىچتۈرۈش شۇ چاغلاردىمۇ باركەن ھە ؟

5

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2547
يازما سانى: 736
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2588
تۆھپە : 2694
توردىكى ۋاقتى: 911
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-22 10:18:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
begir يوللىغان ۋاقتى  2015-1-22 09:08
قىزلارغا قىزىل ھاراقنى ھېچنىمە بولمايدۇ ، بۇ مېيروڭ قى ...

  ماۋۇ تەپسىلات راستمۇ ياكى قۇشۇپ قۇيۇلغان ئىشمۇ ؟
  كۆڭلۈم بىر خىللا بولدا قىزلارغا ھاراق قۇيۇپ ئىچىشكە زورلىغىنىنى ئۇقۇپ ............
  مىنىڭ خىيالىمدا مىللى ئارمىيە جەڭچىللىرى قىزلارغا ھاراق قۇيۇش ئەمەس ئۆزىمۇ ئىچمەسلىكى كىرەك ئىدى .

0

تېما

0

دوست

2084

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   2.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18614
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 682
توردىكى ۋاقتى: 140
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-22 11:37:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاراقمۇ شۇ سوۋېت مەدەنىيىتى ئىدى شۇ چاغلاردا بەلكىم. بۇلار ئۆز ۋاقتىدا سوۋېتكە بەك ئىشتىياق باغلىغان.

0

تېما

0

دوست

1367

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   36.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32879
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 422
توردىكى ۋاقتى: 124
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-22 12:05:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دېمەك بەش تال ئوق ئەسلىدە ھەقىقى بولۇپ ئۆتكەن ۋەقە ئىكەندە....

ئەمەل تەڭشەشنىڭ مەنىسى نىمە ؟

1

تېما

0

دوست

5781

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   15.62%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15376
يازما سانى: 401
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 48
تۆھپە : 1764
توردىكى ۋاقتى: 402
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-22 14:37:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەش تال ئوق
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )