- تىزىملاتقان
- 2014-3-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4632
- نادىر
- 0
- يازما
- 361
ئۆسۈش
87.73%
|
بۇرۇن ياللۇغى ھەققىدە
ئۇيغۇر تېبابىتى كىلاسسىك ئەسەرلىرىدە بۇرۇن ياللۇغى «ئىلتىھا بولئەنفى»،«ئەۋرا مۇلئەنفى»«ۋەرەمى بىينى»دەپ ئاتىلىدۇ.
بۇرۇن ياللۇغى ئىچكى -تاشقى سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بەدەندىكى قان ، بەلغەم، سەپرا خىلىتلىرىدا غەيرىي تەبىئىي ئۆزگىرىش بولۇپ، بۇرۇن بوشلۇقىدىكى شىللىق پەردىلەر ياللۇغلىنىپ، كىلىنىكىدا باش ئاغرىش،قىزىش، بۇرۇن ئىچى قىچىشىش، كۆپ چۈشكۈرۈش، بۇرۇن پۈتۈش، پۇراش سىزىمى ئاجىزىلاش،بۇرۇن بوشلۇقىدىكى شىللىق پەردىلەر قىزىرىپ ئىششىش،ھەم بۇرۇندىن ھەر خىل ئاجرالما سۇيۇقلۇقلار ئېقىپ،چىقىش قاتارلىق تىپىك ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خارەكتىرلېك كېسەللىك بولۇپ، بۇرۇن ياللۇغى مەلۇم يۇقۇشچانىلىق خۇسۇسىيەتكە ھەم تارقىلىشچانلىققا ئىگە بولۇپ، كۆپىنچە، نەپەس يوللىرى ئارقىلىق يۇقۇپ تارقىلىدۇ. ھەم تەكرار قوزغىلىدۇ. ئەتىياز پەسلىدە كۆپ كۆرىلىدۇ.
مەزكۈر كېسەلنىڭ كېسەللىك جەريانى ۋە ئالامىتىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن ئۆتكۈر خارەكتىرلىك بۇرۇن ياللۇغى ۋە سوزۇلما خارەكتىرلىك بۇرۇن ياللۇغى دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ.
1.ئۆتكۈر خارەكتىرلىكبۇرۇن ياللۇغىنىڭ كىلىنىك ئالامىتى
1)دەسلەپكى دەۋرى: بۇ تەخمىنەن 7-10كۈنگىچە بولىدۇ. دەسلەپتە بىمار ھەمىشە چارچايدۇ، سوغۇقتىن قورقىدۇ،قىزىيدۇ. كېيىن بۇرۇن بوشلۇقى ۋە بۇرۇن يۇتقۇنچاق قىسمى قۇرۇپ، بۇرۇن ئىچى قىچىشىدۇ،كۆپ چۈشكۈرىدۇ. بۇرۇن ئەينىكىدە تەكشۈرگەندە بۇرۇن بوشلۇقىدىكى شىللىق پەردىلەرنىڭ قۇرۇغانلىقىنى، قان تولغانلىقىنى ۋە ئاز مىقداردا تىكەنسىمان ئاجرالىمىلارنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
2) يىرىڭلاش ئالدىنقى دەۋرى:بۇ تەخمىنەن 2-5كۈنگىچە بولىدۇ. قىزىش ،باش ئاغرىش ئېغىرلىشىدۇ. پۈتۈن بەدەن سىقىراپ ئاغرىيدۇ.بۇرۇن پۈتۈش ئېغىرلىشىپ بۇرۇندىن سۇدەك ئاجرالمىلار ئاقىدۇ. پۇراش سىزىمى ئاجىزلايدۇ. بالىلارنىڭ ئېغىز-تىللىرى قۇرۇيدۇ. يۇنقۇنچاق قىسمى ئارامسىزلىشىدۇ. بۇرۇن ئەينىكىدە تەكشۈرگەندە بۇرۇن بوشلۇقىدا شىللىق پەردىلەرگە قان تولۇپ ئىششىغانلىقىنى، ھەمىشە دىگۈدەك بۇرۇن بوشلۇقىنى ئېتىۋالغانلىقىنى، بۇرۇن بوشلۇقىدا كۆپ مىقداردا سۇدەك ياكى شىلىملىق ماددىلارنىڭ بارلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
3)يىرىڭلاش دەۋرى:بۇ تەخمىنەن 3-4كۈنگىچە بولىدۇ. ئومۇمى بەدەنلىك ئالامەتلىرى يېنىكلەيدۇ. لېكىن بۇرۇن پۈتۈش تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ. چۈنكى ئاجرالمىلار ئاسانلا قويۇقلىشىپ ، سىرتقا چىقىرلىشى تەس بولىدۇ. بۇرۇن ئەينىكى بىلەن تەكشۈرگەندە بۇرۇن بوشلۇقىدىكى شىللىق پەردە يۈزىدە ۋە بۇرۇن تۈۋىدە كۆپ مىقداردا قويۇق يىرىڭلىق ئاجرالمىلارنىڭ بارلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
4)ئەسلىگە كېلىش دەۋرى: 3-4كۈنگۈچە بولىدۇ. ئومۇمى بەدەنلىك ئالامىتى يېنىكلەيدۇ. ئاجرالمىلار ئازىيىدۇ.ھەم قويىلىدۇ. تەكشۈرگەندە بۇرۇن بوشلۇقى شىللىق پەردىلىرىدىكى قان تولۇش ۋە ئىششىش ئەھۋالىنىڭ ئەسلىدىكى ھالىتىگە كەلگەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
2. سوزۇلما خارەكتىرلىك بۇرۇن ياللۇغىنىڭ ئالامەتلىرى
بۇرۇن ھەمىشە نۆۋەت بىلەن پۈتۈپ تۇرىدۇ. بۇرۇن پۈتۈش سەۋەبىدىن پۇراش سىزىمى ئاجىزلايدۇ. باش ئاغرىيدۇ. ئەستە تۇتۇش ئاجىزلايدۇ. بۇرۇن بوشلۇقىدىكى ئاجرالمىلار كۆپىيىدۇ.شىلىملىق سۇيۇقلۇق يىرىڭلىق بولىدۇ.چوڭلاردا بەلغەم كۆپ بولىدۇ.بۇرۇن ئەينىكىدە تەكشۈرگەندە بۇرۇن شىلىملىق پەردىسىنىڭ قان تولۇپ ئىششىغانلىقىنى، تەكشۈرۈش يىڭنىسىدە باسقاندا شىللىق پەردىنىڭ چوڭقۇر بولۇپ قېلىپ، يىڭنىنى يۆتكىگەندىن كېيىن چوڭقۇرلاپ كەتكەن ئورۇننىڭتېزلا ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ. قىسمەن بىمارلاردا كۆز ياشاڭغۇراش، قۇلاق غۇڭۇلداش، ئاڭلاش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش، باش قىيىش، باش ئاغرىش، قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ.
ئاقىۋىتى
ئۆتكۈر خارەكتىرلىك بۇرۇن ياللۇغى ۋاقتىدا بايقىلىپ ، توغرا دىياگنوز قويۇلۇپ، توغرا داۋالاش ئېلىپ بېرىلسا، تېزلا ئەسلىگە كېلىدۇ. ئەگەر كېسەللىك جەريانى بەك ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كەتسە، سوزۇلما بۇرۇن ياللۇغىغا ئۆزگىرىش بىلەن بىرگە ، مەزكۈر كېسەلدە ئاجرالغان يىرىڭلىق ئاجرالمىلار ھەمىشە بۇرۇن دالىنىنى غىدىقلىغانلىقتىن، بۇرۇن دالىنى ياللۇغى بۇرۇن چىيقىنىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ،شىللىق پەردىلەر ئىششىغانلىقتىن بۇرۇن كاۋاكلىرىنىڭ ئاققۇزۇشى ۋە يۇتقۇنچاق، ناغرا كانىلىنىڭ ئىقتىدارىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭغا قوشۇپ كۆچەپ مىشقارغاندا، يۇقۇملۇق ماددىلار بۇرۇن كاۋىكى، يۇتقۇنچاق ناغرا كانىلىغا كېرىپ كېتىپ ئەگەشمە بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغى، زىققا، ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغىنى پەيدا قىلىدۇ. يۇقۇملىنىش تۆۋەن تەرەپكە تەرەققى قىلىپ ، يۇنقۇنچاق كاناي، كېكىرتەك، كانەيچە ۋە ئۆپكە قىسىملىرىنىمۇ يۈللۇغلاندۇرىدۇ. يۇقۇرقىلارنىڭ پەيدا بولۇشى بەدىنى ئاجىز كىشىلەردە ،بالىلاردا كۆپ بولىدۇ.
مەنبە: ئۇيغۇر تىبابىتى بەش ئەزا كېسەللىكلەر قامۇسىدىن ئېلىندى
|
|