قارادۇۋە ئۇيغۇرلىرى ھەققىدە توختالغاندا بۇ يۇرتنىڭ قەۋمى سەل مۇرەككەپرەك تارىختىكى نەچچە قېتىملىق يۇرت كۆچۇش ۋە قىرغىنچىلىقتىن كىيىن ھازىرقى قارادۇۋە ئۇيغۇرلىرى شەكىللەنگەن ،تۇرپاننىڭ تەسىرى قارادۇۋە ئۇيغۇرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تىل سېستىمىسىغا تەسىر قىلىپلا قالماي خاراكتىر ئالاھىدىلىگىگىمۇ ئالاھىدە تەسىر قىلغان.
1.تىل ئالاھىدىلىگى
تىل ئىشلىتىلىش جەھەتتە ،سەل قوپال،تۇز،ئاددى-ساددا ،تىل قاتلىمى ۋە تىلدىكى ئەگرىلىك ئاساسەن يوق،ئىنتوناتسىيە جەھەتتە ئۆزگىرىشچان ئەمەس ،سىپايە،خۇشامەت خاراكتىردىكى ئاھاڭ -تاۋۇشلىرى ئاساسەن يوق.
مەسلەن:
-ئاخمول نەگە كەتتى،
-كۆمۈدۈم،
-بۇگۇن كىلىمە دەپ كەمىدى بۇ خەييە.
2.مەھەللىۋى بىردەكلىك .
قارادۆۋە ئۇيغۇرلىرىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىگى مەھەللىۋى بىردەكلىك،ۋە مەھەللىۋى كوچا مەدىنيىتى
بىر كۇنى ناتونۇش بىر مويسىپىت ئادەم ئۇچىراپ قالغان ئىدى ،مەن تونىمىغاندىكىن دەپ بېشىمنى لىڭشىتىپ قويۇپ ئۆتۇپ كىتىپتىمەن ،
-ھوي ،كىمنىڭ بالىسىسەن؟
- پالانچى ئاخۇننۇڭ .
ئەتىسى ھېلقى بۇۋاي ،ئۆيدە ئولتۇرۇپتۇ،ھەمدە ئاتامنى تەنقىدلىگىلى تۇرۇپتۇ؟
-قانداق بالا تەربىيلىدىڭ ،ھە- چوڭلارغا سالام قىلمايدىغان ،قانداق تەربىيە بۇ -ھە؟
ئاتام خجىل بولۇپ ،مەن بالىغا ئەدەپ ئۆگىتەي،دەپ بوۋاينى ئۇزۇتۇپ قويدى ،شۇندىن باشلاپ تونىسام -تونىمىسام چوڭلارغا سالام قىلىمەن .
3.ئىتقاد
بىر جەميەتشۇناس قارادۇۋىدىكى بىر قار-نامرات دىھقاننىڭ ئۆيىدە،باي بىر دىھقاننىڭ ئۆيىدە ئوخشاش بىر ئائىلە مۇھىتىنى بايقىغان بولۇپ جاۋاپ ئوخشاش بولغان،
-سىلەر نىمە ئۇچۇن ياشايسىلەر؟ سىلەردىكى خوشاللىق ۋە بەخىت نىمە ؟
-بىز يەيمىز-ئىچىمىز،ئۇخلايمىز، ئىبادەت قىلىمىز،باشقا ۋاقىتتا ئەمگەك قىلىمىز
ھېلقى جەميەتشۇناس باشقا ئائىلەردىمۇ ئوخشاش ئائىلە مۇھىتنى،قېلىپلاشقان ئائىلە مەدىنيىتىنى كۆرگەن ئىكەن،
4.ئىچىملىك ۋە چىكىملىك
قارادۇۋە ئۇيغۇرلىرى ئاساسەن ئىچىملىك ۋە چىكىملىكتىن يىراق بولۇپ تەبئى ھالدا كىشىلەر بۇ ئىككى نەرسىنى ئەيىب سانايدۇ،ئىچىملىك ۋە چىكىملىككە بىرىلگەن كىشىلەرنى ھىچكىم ياراتمايدۇ،كۆزگە ئىلمايدۇ،ھەتتا قىز بەرمەيدۇ،بۇرۇن ھۆنىرى بولمىسا قىز بەرمەيتتى ،ھازىر بولسا قىزلارنىڭ ئۆلچىمى ئىتقاد خاراكتىردىن رەڭ ئالغان ئىدى.
ئوقۇغۇچىلار ساپ ئىسلام ئائىلە مۇھىتىدا ئائىلە تەربىيسى ئالىدىغان بولۇپ مەكتەپتىكى ئاتىزىم تەربىيسى بىلەن قۇتۇپلىشىش ئېغىر بولغاچقا نۇرغۇن ئاتا- ئانىلار بالىلىرىنى مەكتەپتىن خالىسا تۇتۇۋالاتتى،خالىسا مەكتەپكە بىرەتتى،بۇ بىر ئىجابى تەرەپمۇ ياكى سەلبى تەرەپمۇ كەمىنە بۇ ھەقتە ھۆكۇم قىلىشقا ئامالسىزمەن.
كوچىدا ھاراق ئىچىپ مەس بولۇپ قالغان ئادەمنى كۆرگىلى بولمايدۇ،كوچىدا ،كىشىلەر توپلاشقان يەردە بەڭگىلەر ئاساسەن تاماكا چەكمەيدۇ،
يېڭىدىن خىزمەتكە چىققان بىر خزمەتچى قارادۇۋىدە ھاراق ئىچىپ سىرتقا چىقىپ يول ياقىسىدا ئۇخلاپ قالغان ئىكەن ،بىر نەچچە ياش بالىلار ھېلقى ھاراقكەشنى ئىككى پۇتىدىن تۇتۇپ سۆرىگىنچە كۆلگە تاشلىۋەتكەن ئىكەن.
يەنە بىر مىسال .يېڭىدىن كەلگەن بىر يېزا باشلىغى قارادۇۋىدىكى شۇنچە كۆپ دۇكانلاردىن ھاراق-تاماكا تاپالماي ھەيران بولۇپ ،بۇ قانداق يۇرت-ھە؟ بۇ يەردە ھۆكۆمەت يوقتەك نىمىشقا ھاراق سېتىلمايدۇ ؟ دەپ قول ئاستىدىكىلەرنى تەنقىدلىگەندە ،ئۇلار چۇشەندۇرۇپ ،بۇ يەردىكى دۇكانچىلار ھاراق ساتقىلى ئۇنمايدۇ،بىز كۆپ ئىدىيە -خىزمەت ئىشلىدۇق ،ئۇنۇمى بولمىدى دىگەندە ھېلقى يېزا باشلىغى بارمىغىنى چىشلىگىنچە ھەيران بولغان ئىكەن.
5.توي-تۆكۇن،نەزىر -چىراق
قارادۇۋىدە توي-تۆكۇن،نەزىر -چىراق باشقا يۇرتلارغا قارىغاندا ئۆزگىچە بولۇپ ،بۇرۇنقى مەشرەپ ۋە توي تاماشىسىنىڭ ئورنىغا چېلىش ۋە بوكىس مۇسابىقىسى ئورۇنلاشتۇرۇش ئوموملاشقان،توي ئىگىسى ئايرىم بىر ئۆيگە ياكى بىر مەيدانغا چېلىش مەيدانى ياكى بوكىس مەيدانى ئورۇنلاشتۇرۇپ بىرىدۇ،پالۋانلار چېلىشىدۇ،مۇشتلىشىدۇ،پالۋان ئاتالغان يىگىتكە ساھىبىخان چاچقۇ چاچىدۇ ،چېلىش شۇنچىلىك قىزىپ كىتىدۇكى ،مەيدىسىدە ئەركەك تۇكى باركى ئەر كىشىنىڭ بىر قەپەس تۇتىشۋالغۇسى كىلىپ كىتىدۇ،مەنمۇ بىر نەچچە قېتىم ياشلىق قىلىپ چۇشۇپ يېڭىلىپ قالدىم دىسە،ئاچچىغىمدا نەچچە كۇن قاتتىق چېنىقتىم ،،،ھەي كارامەت پالۋانلار بار جۇمۇ...تارىخى رىۋايەتلەردە چوڭلارنىڭ ئىيتىشىچە ،شامەخسوت ۋاڭ چېلىش ئورۇنلاشتۇرۇپ ئوردا چېلىشچىسى ھەممىنى يەڭگەن بولۇپ،ئاخىرىدا قارادۇۋىدىن بارغان پالگانلار بىلەن چېلىشقان بۇ ۋاقىتتا قارادۇۋە پالۋانلىرى ئوردا چېلىشچىسىنىڭ پۇتىنى ئۇزىۋەتكەن ئىكەن ،ھەسەتخور -پىتنىخورتەيجىلەر ،ۋاڭغا بۇ سەھرالىقلار ۋاڭغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىپ ۋاڭنىڭ داڭلىق چېلىشچىسىنىڭ پۇتىنى ئۇزىۋەتتى،بۇ ۋاڭغا قارشى چىققانلىق دەپ ئۇلۇمگە ھۆكۇم قىلغاندا ،بىر ئادىل يۇسۇپ تەيجى دىگەن ئادەم ۋاڭغا ئالىلىرى بۇ سەھرالىقلار ساراڭ،دەلدۇش كىلىدۇ بۇلار ،ۋاڭنىڭ چېلېشچىسىنىڭ پۇتىنى ئۇزىۋېتىش قانداق جىنايەت بولىدىغانلىغىنى بىلمەيدۇ،بىز بىر تەخسىگە ئۆرۇك بىر تەخسىگە قوڭۇز ئەپكىلىپ بۇلارغا يىگۇزەيلى،ئۆرۇكنى يىسە،ساق دەپ ئۆلتۇرەيلى،قوڭغۇزنى يىسە ساراڭ دەپ قويۇپ بىرەيلى دەپتۇ،مۇلازىملار قوڭغۇز بىلەن،ئۆرۇكنى ئېلىپ كەلگەندە ئىشنىڭ تىگىگە يەتكەن قارادۇۋېلىك پالۋانلار تالىشىپ تۇرۇپ قوڭغۇزنى يەپ تۇگەتكەن ئىكەن ،ھازىرمۇ باشقا يەرلىك كىشىلەر قارادۇۋېلىكنى <<قوڭغۇز يىدى>> دەپ مەسخىرە قىلىدۇ
مانا بۇ مەن تۇغۇلغان،توپىسىغا مىلەنگەن، سۈيىگە چۆمۇلگەن ،مەن ئۇلۇغلايدىغان، ئۇيغۇرۇمغا ئۆرنەك بولىدىغان يۇرت.
مەن نامرات،قۇرغاق،ھەسرەتلىك تۇپرىغىمنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ دەيدىغىنىم ،مەن - سەن ، سەن- مەن،،،،، |