ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىننىڭ تارىخى قارشى ۋە ئۇنى تەتقىق قىلىشتىكى ئۈسۈلى ھەققىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش
نۇرمۇھەممەد تۇرسۇن ئالىپ ئوغۇز
بىزنىڭ بۇ يەردە تىلغا ئېلىۋاتقانتارىخ ھەققىدىكى بايانىمىز مەلۇم قانۇنىيەت ئاساسىدا ھەركەت قىلىۋاتقان تەبىئەتتارىخى ئەمەس ، بەلكى ئىنسانغا مۇناسۋەتلىك تارىخ .بۇ :‹‹تارىخنىڭ ھەر بىر بەتلىرىدەمەيلى روشەن بولسۇن ،مەيلى غۇۋا بولسۇن ئەڭ ئالدى بىلەن ئىنساننىڭ ئىزلىرىنى كۆرىمىز.››①تارىخچى ئەنەشۇ ئىزلارنى بويلاپ بۈيۈك ھەم جاپالىق سەپەرگە ئاتلىنىدۇ . پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ، مەلۇممىللەت ياكى رايوننىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلماقچى بولغىن كىشىدە ئۆزى چوڭقۇر ئىشەنگەنھەم تەسىر قىلغان تارىخى قارىشى بولۇشى زۆرۈر .مۇكەممەل بولغان تارىخ قاراشقا ئىگەبولماي تۈرۈپ تارىخنى تەتقىق قىلغىلى بولمايدۇ ،چۈنكى تارىخ قاراش بىۋاستە تارىخ تەتقىققىلىشنىڭ ئۇسۇلىنى بەلگىلەيدۇ مەسىلەن، مەلۇم تارىخچى :تارىخنى تەبىئەت قانۇنىيىتىياراتقان دېگەن قاراشقا شەكسىز ئىشەنسە ،ئۇ ئىشنى تەبىئەت قانۇنىيتىنىڭ ئىنسانلارپالىيىتىگە بولغان بىۋاستە ۋە ۋاسىتىلىك تەسىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشتىن باشلايدۇ ھەمشۇ ئاساستا تارىخىنى ئىزاھلايدۇ .ناۋادا مەلۇم تارىخچى ئۆزى مەنسۈپ بولغان مىللەتياكى رايوننىڭ تارىخىنى باشقا مىللەت ياكىرايونلارنىڭ تارىخنىڭ شەكىللىنىشنىڭ ئاساسى ،مەنبەسى دەپ قارايدىغان تار رايونياكى مىللەتچىلىك ئاساسىدىكى تارىخ قاراشقا ئىگە بولغان بولسا ، ئۇ ئۆزى مەنسۈپبولغان مىللەت ياكى رايون تارىخنى ھەددىدىن زىيادە كۆپتۈرىدىغان، باشقا مىللەتياكى رايونلارنىڭ تارىخىنى كەمسىتىدىغان، ھەتتا ئېتراپ قىلمايدىغان ئەخلاقسىز ئۇسۇلنىتەتقىقاتىغا يېتەكچى قىلىۋالىدۇ .بۇ خىل تارىخ تەتقىقات ئۇسۇلىنى بىز ‹‹غەرب مەركەز››دەپ قارايدىغان نۇرغۇن غەرب تارىخچىلىرنىڭ قاراشلىرى ۋە ئەسەرلەردىكى يېتەكچىئىدىيىدىن كۆرۈۋالالايمىز .شۇنىڭ ئۈچۈن‹‹شەرق شۇناسلىق ››ناملىق كىتابنىڭ مۇئەللىپى سايىت :‹‹ مۇستەملىكە ئەمىلىيتى تۆۋەندىكى قاراشنى ئۆزىگە ئاساس قىلىغان : شەرقلىقلەر غەربلىكلەرگە قارىغاندا مەدەنىيەتلىك ئەمەس ، شۇنىڭئۈچۈن ئۇلار مۇستەملىكىچىلەرنىڭ ئىدارەقىلىشىغا ئېھتىياجلىق . ›› ②دەپ يۇقىرىدىكىبىنورمال بولغان تار قاراشلار ئۈستىدىن ئادىل ھۆكۈم چىقىرىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن تارىخچىچوقۇم تار دائىرلىك تارىخى قاراشنىڭ زەھەرلىشدىن قۇتۇلغاندىلا، ئۇنىڭ تەتقىقاتى ھەقىقىيئىلمىي ھەم ئىنسانىيەتكە مەنپەت بېرەلەيدىغان تەتقىقات بولىدۇ ھەم ئۇ ئۆزىنىڭ ۋىجدانغاقارشى ھەركەت قىلمىغان بولىدۇ . بىز تۆۋەندە مىللىتىمىزنىڭلائەمەس ھەتتا پۈتكۈل مەركىزى ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مۆلچەرلىگۈسىزنەتىجىلەرنى ياراتقان ،بىر ئۆمۈر ئۆزنى مەركىزى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ماددى ۋە مەنىۋى تارىخىنى تەتقىق قىلىشقا بېغىشلاپ،بۇ يولدا نۇرغۇن ئىلمىي ،قىممىتى يوقىرى ئەسەرلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن سۆيۈملۈكئالىمىمىز مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمننىڭ تارىخى قارىشى ھەم تارىخنى تەتقىققىلىشتىكى ئۇسۇلى ھەققىدە قىسقىچەتوختىلىپ ئۆتىمىز .
ھازىر بىزدە تارىخ پەلسەپىسىىلائەمەس تارىخنىڭ تەتقىقات ئۇسۇلغا مۇناسىۋەتلىك نەزىرىيەۋى ئەسەرلەر كەم ھەم بۇ جەھەتتىكى تەتقىقات ئاق بەتھالەتتە تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ بەتلەرگە ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە چوڭقۇر تەپەككۇرىبىلەن ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئۆزىنىڭ ئۆچمەس ئىزنى قالدۈرالىدى . بىز ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمننىڭ مەركىزى ئوتتۇرا ئاسىياتارىخى تەتقىقىاتى ۋە تارىخ نەزىرىيىسىگە ئالاقىدار ئەسەرلىرىنىئوقۇغان ۋاقتىمىزدا ئۇنىڭ كەڭ دائىرلىك بىلىمنى ئۆزىگە توپلىغان بىر ئالىم ئىكەنلىكىگەشەرتسىز قايىل بولۇش بىلەن تەڭ ، ئۇنىڭ ئاللا بۇرۇن تار دائىرلىك تارىخى قاراش ۋەتەتقىقات ئۇسۇللىرىدىن ئاللا بۇرۇن قۇتۇلغانلىقىنى ، ئىلغار ئاڭغا ئىگە بولغان ھەم ئۆزىدە مۇكەممەلكەسپى ئەخلاقنى ھازىرلىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىمىز. ئۇنىڭ تارىخ ھەققىدە : ‹‹تارىخى ـ ئىنسانىيەت پائالىيەتلىرىنىڭ بىرەر مىللەت،بىرەر رايون ـ دۆلەتتىن ھالقىغان مۇجەسسەم توقۇلمىسىدىن ئىبارەت .›› ③ ‹‹تارىخ ـتېگى ـ تەكتىدىن ئالغاندا ،ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى تارىخى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .››④ دەپ ئېيتقانلىرىدىنئۇنىڭ تارىخىنى تار مىللەتچىلىك ،ئاتالمىش بەگ – خانلارنىڭ يىراقنى كۆرەر دانالىقى ياكى سىياسىنىڭ مەھسۇلى ئەمەسبەلكى ‹‹ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت تارىخى ››دەپ قارايدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىمىز .ئۇ يەنە تارىخنىڭ ‹‹ ئىنسانىيەتنىڭ ماددى ۋەمەنىۋى ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى ۋە ئالماشتۇرۇش ››⑤ جەريانىداشەكىللىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ. بۇلاردىن باشقا ئۇ ‹‹ تارىخى ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەتتارىخى بولىدىكەن ، ئۇ مەڭگۈ ئىككى رېلىس ـ ئىككى قانال بۇيىچە پەيدا بولىدى ۋە راۋاجلىنىدۇ.ئۇ بولسىمۇ مىللىي (يەرلىك ) مەدەنىيەت بىلەن خەلقئارا مەدەنىيەتتىن ئىبارەت .››⑥ دەپ قاراشئارقىلىق خەلقئارا مەدەنىيەت بىلەن يەرلىك مەدەنىيەتنى پۈتۈنلەي ئايرىپ تاشلاشياكى مەلۈم مەدەنىيەتنى يىتىم ئارالغا ئايلاندۇرۇش قاراش ۋە خاھىشلىرىنىڭ ئەكسىچەئۇلار ئوتتۇرىسىدا قوشۇلۇش ،شاللاش ، تارقىتىش ھەم بىر بىرنى تولۇقلاشنىڭبولىدىغانلىقىنى ھەم بۇ ئاساستا يەرلىك مەدەنىيەت ۋە خەلقئارا مەدەنىيەتنىڭ پەيدابولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئالىمىمىزنىڭ يۇقىرىدىكى قاراشلىرى: مەدەنىيەتمەلۈم مىللەتنىڭ ئۆزىدە ھېچقانداق تاشقى ئامىلىسىز پەيدا بولغان ياكى دۇنيا مەدەنىيىتىئاتالمىش بىرنەچچىلا مەدەنىيەت بۇلاقلىرىدا مەسىلەن، مىسىر ، جۇڭگۇ ، ھىندىستان ...قاتارلىقلاردا ئاپىرىدە بولۇپ،ئاندىن كېيىن باشقا مىللەتلەرگە تارالغان دەپ قارايدىغان، تارىخى قاراشلاردىن زورئىلغارلىق ۋە ئىلمىيلىككە ئىگە. ئالىمىمىز تارىخىنىڭ ۋاقىتكاتېگورىيىسىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئىتارپقىلسىمۇ، ئەمما ئۇ :‹‹تارىخىنىڭ بىر قىسمى ۋەقەلىك، ھادىسىلىك شەكلى بىلەن ئۆتمۈشھالىتىدە چۆكمە ھاسىل قىلىدۇ ، تارىخىنىڭ يەنە بىر قىسمى تەجرىبە ، مەدەنىيەت ،ئاڭشەكلىدە پۈتۈنلەي ئۆز ۋەقە ـ ھادىسىلىرى بىلەن بىللە ئۆتمۈش ھالىتىدە چۆكمە ھاسىلقىلىپ قالماستىن ، بەلكى بۈگۈنكى ،ئەتىكى رېئاللىقنىڭ جېنى ،روھى ، خۇرۇجى ،ئۇلى ،تەركىبى قىسمى ،ئەنئەنىۋىي داۋامى سۈپىتىدە ياشايدۇ .›› ⑦دېيىشئارقىلىق تارىخىنىڭ بىر قىسىمنىڭ روھى تارىخقا ئايلىنىپ خۇددى روھتەك مەڭگۈ مەۋجۇتبولۇپ تۈرىدىغانلىقىنى ،يەنى ئۇنىڭ ‹‹تەجرىبە››،‹‹مەدەنىيەت›› ،‹‹ئاڭ شەكلىدە›› روھىمىزنىڭ تەكتىگە چۆكۈپ داۋاملىق مەۋجۇت بولۇشبىلەن تەڭ ،ھەم ئۇنىڭ بىزنىڭ قىممەت قاراشلىرىمىزنىڭ ئاساسىغا ئايلىنىدىغانلىقىنىھەتتا كەلگۈسىمزگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرا قويغان بولۇپ.ئۇنىڭ بۇ قاراشلىرى تارىخنى ئىنسان روھىدىن ئايرىپ قاراپ ، ئۇنى نوقۇل بارلىقتاشقى ئامىلغا باغلىۋالىدىغان قاراشلاردىن زور پەرققە ئىگە . ماركس ‹‹تارىخ ـ ئۆزمەقسىتى يولىدا ئىزدىنىپ كېلىۋاتقان ئىنساننىڭ پائالىيىتىدىن ئىبارەت. ››⑧دەپ ئېيتقاندا،تارىخىنىڭ ئىنساننىڭ ماددى ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى بولۇش بىلەن بىللە، ئۇنىڭ يەنە ئۆزلىكىنى ئىپادىلەش ھەم ئۆزنىبىلىش ، روھى جەھەتتىن مۈكەممەلىككە يېتىشيولىدىكى مەنىۋى كۈرەشلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئىشارە قىلىغان ئىدى..گەپنىخۇلاسىلىغاندا ئالىمىمىز يۇقىرىدىكى قاراشلىرى بىلەن كۆپۈنچىمىزنىڭ نەزىرىدىكى : تارىخ ئاللا بۇرۇن ئۆتمۈشكەئايلانغان ھېكايىلەر ياكى ئۇ مەلۇم سۇلالىلەرگە مۇناسىۋەتلىك زور ۋەقە ۋە جەڭلەر دەپقارايدىغان ساددا قاراشقا رەددىيە بېرىپ،تارىخىنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئۆتمۈشكە ئايلانسىمۇ بىر قىسمىنىڭ‹‹تەجرىبە››، ‹‹مەدەنىيەت››،‹‹ئاڭ شەكلىدە›› ھېلىغىچە داۋام قىلىنغانلىقىدىن ئىبارەت ئىدىيىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ ،ئۇنىڭ بۇ قاراشلىرى مەلۇم مەنىدىنئېيتقاندا تارىخ تەتقىقاتىدىكى بۆسۈشخاراكتېرلىك نەزىيە بولۇشقا مۇناسىپ . تارىخ تەتقىقات ئۇسۇلىدىكى يۈزەكىلىكۋە بىر تەرەپلىمىلىك ھەم ئىلمىيلىكتىن يىراق بولۇش ھادىسىسى ،پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ، مەلۇم رايون ياكى مىللەتنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىش ۋە چۈشىنىشكە نۇرغۇنلىغان قۇلايسىزلىقلارنى ئېلىپكەلمەكتە . بۇ سەۋەپلىك تارىختىكى مەدەنىيەت ئۇتۇقلىرىنى نومۇسسىزلارچە تالىشش ،يەنى ئۆزىگە مەنسۈپ قېلىۋېلىش ،ياكى بىر – بىرنى كەمسىتىش ،قەستەنگە تارىخىنىبۇرمىلاش ھادىسىلىرى پەيدا بولۇپ، تارىخ تەتقىقاتنى مەلۇم غەرەز ـ مەقسەتلەرنىئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قورالىغا ئايلاندۈرۈپ قويۇپ ،ھەقىقى تارىخنىڭ ئۇچۇرىنى تەتقىقاتنىڭ سىرتىدا قالدۇرماقتا .بىرقىسىم تارىخىچىلار ئۆتمۈشتىكى تارىخچىياكى سەيياھلارنىڭ بىر تەرەپلىمىلىككە ياكى يات مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى كەمسىتىدىغانقاراشلار ئاساسىدا ھەم ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئەتراپلىق تەتقىق قىلماي تۈرۈپ يېنىكلىك بىلەن چىقارغان ھۆكۈملەرگەئاساسلىنىپ مەلۇم رايون ياكى مىللەتنىڭ تارىخىنى ئۆز خاھىشى بۇيىچە چۈشەندۈرمەكتە.مەسىلەن، ‹‹تاڭ دەۋردىكى توققۇز غۇزلار ۋە تۈرۈك مەدەنىيىتى ›› ناملىقكىتابتا شيەنخېڭ يىللىرى (670ـ673) ئالتەسوغداق رايوندىكى ئەل قىلىنغان بىرقىسىم تۈركلەرنىڭ پاپاغان خاقاننىڭ ۋۇزېتيەندىن :‹‹ئۈچمىڭ دانە دېھقانچىلىقسايمىنى ، نەچچە تۈمەن جىڭ تۆمۈر ››⑨ تەلەپقىلغانلىقىدىن ئىبارەت قىسمەن ئەھۋالغا ئاساسلىنىپ ھەم ئەينى ۋاقىتتىكى رېئال تۈرمۇش،سىياسى مۇھىتنى تەپسىلى چۈشەنمەي تۈرۈپ .‹‹ بۇنىڭدىن تۆمۈر بىلەن تىرىكچىلىك قىلىدىغانتۈركلەرنى ماھىيەتتىن ئالغاندا ، يايلاقتىكى تۆمۈرچى دېيىشكە بولىدىغانلىقىنى ،ئۇلارنىڭھۈنەر ـ سەنئەت سەۋىيىسىنىڭ دېھقانچىلىقبىلەن چارۋىچىلىق ياكى تېرىقچىلىق بىلەن جەڭ قوراللىرىنى تەڭ ياساش تېخنىكىسىغائىگە ئەمەسلىكىنى ، يەنىلا روشەن چەكلىمىلىكى بارلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز .››(10)دېگەنخۇلاسىنى يېنىكلىك بىلەن ئېلىپ بارىدۇ . ھەتتاسىماچەنمۇ :‹‹ھونلار ئوت ـ چۆپكە ئەگىشىپ كۆچۈپ يۈرىدۇ ،شەھەرلىرى يوق ،دېھقانچىلىققىلمايدۇ .››(11) دەپ خاتىرە قالدۇرغان بولۇپ. ئەمەلىيەتتە :‹‹سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئارخېئولوگلىرىدىن گ. پ.سوسنوۋسكي بىلەن ئا .پ .ئوكلادىنكوۋ تەرىپىدىن سېلىنگا دەرياسىنىڭ سول تەرىپىدىنتېپىلغان كونا ھۈن شەھەر خارابىسى ئەينى زاماندا شەھەر سودىسىنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىنىكۆرسەتتى .بۇ شەھەردە راۋاقلار ياسالغان ،ئاشلىق ساقلاش ساڭلىرى بولغان ۋە قۇدۇقلاركولانغانلىقى. ››(12)بايقالغان بۇلاردىن باشقا ‹‹ئالتايدىكى نارۇم ئېقىنىنىڭباشلىنىش جايى ـ مايئەمىر بىلەن ئورسۇر ئېقىنىنىڭ يېندىكى تۈيختىدىن قەبرىلەر ئاساسىدىكى ‹‹مايئەمىر مەدەنىيىتى ›› تاكار مەدەنىيىتى بىلەن تۆمۈرقوراللار دەۋرىدىكى دىڭلىڭلار تۇرمۇشىنى ئەكىس ئەتتۈردى . مىلادىدىن ئىلگىركىV I ـ V ئەسىرلەرگە ئائىت بۇ مەدەنىيەت ئولتۇراقلاشقان دېھقانچىلىق،كاھىشچلىق ،مېتالچىلىق ، خەلقلەر قاتنىشى ئۇتۇقلىرىغا ئائىت قىممەتلىك ماتېرىياللاربىلەن بىزنى تەمىنلىدى .››(13) .يۇقۇرىدىكى پاكىت ۋە ئېلىمىزنىڭ داڭلىق تارىخچىسىماچاڭشۈ ئەپەندى‹‹شىمالى دىلار ۋە ھونلار ››دېگەن كىتابىدا :‹‹ يىڭ فاڭ ـ ئاقدىلار ، كۈيفاڭ ـ قىزىل دىلار بولۇپ شىمال ۋە غەرب تەرەپتىكى تۈركىي خەلقنىڭ چۈنچيۇزاماندىكى ئىپادە قىلىنىشى دەپ كۆرسىتىدۇ .›› (14)دەپ ئېيتقان تەتقىقات ھۆكۈمىگە ئاساسلانغان ۋاقتىمىزدا تۈركلەرنىڭ ئاتالمىش‹‹يايلاقتىكى تۆمۈرچى ››دەپ قارىلىشنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى بايقايمىز . ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن تارىخى تەتقىقاتىدايۇقىرىقىدەك خاتالىقلارنىڭ سادىر بولىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن :‹‹تىل ـ يېزىقبىر خىل ئۈچۈر بولۇپ ،پۈتكۈل ئۈچۈر تىل ـ يېزىق بىلەن چەكلەنمەيدۇ .تىل ـ يېزىقئارقىلىق قىلىنغان ئۈچۈر بىۋاستىلىك ،روشەنلىكسالاھىيىتىدىن باشقا ،ۋاسىتىلىك( ھەتتا كۆپ تەكرارلىنىدىغان ۋاسىتىلىك ) ،قىياسىياكى تەخمىنەنلىك ئالامەتلىرىگە ئىگە بولىدۇ .››(15) دەپ كۆرسىتىش ئارقىلىق .تارىخ ئۇچۇرنى بىلىشتە تىل ـ يېزىقنىڭ رولىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىللەن بىللە نوقۇلتىل ـ يېزىق ئۇچۇرغا تايىنىپلا مەلۇم تارىخنى مۇتلەقلەشتۈرىۋېتشكەبولمايدىغانلىقىنى ، ئۇنىڭدا نۇرغۇنلىغان سوبيېكتىپ ئامىلى ۋە نوقسانلارنىڭبارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. مەسىلەن ،تارىخى ماتېرىياللاردا مەلۇم تارىخى دەۋردىكىۋەقەلەرنى ھەرقايسى دەۋردىكى تارىخچىلارنىڭ تىل ـ يېزىق ئارقىلىق ھەر خىل ھەتتا زددىيەتلىك ئىزھالىغانلىقىنى كۆپ ئۇچرىتىمىز.شۇنىڭ ئۈچۈن تىل ـ يېزىق ئۇچۇرنى مۈتلەقلەشتۈرىۋىتىش نۇرغۇن خاتالىقلارنى پەيداقىلىدۇ ،ئۇنىڭغا تەنقىدى مۇئامىلە قىلىش ۋە ئۇنى تەپسىلى تەتقىق قىلىپ كۆرۈشنى ئادەتقىلىش كېرەك ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭتارىخ تەتقىقات ئۇسۇلى ھەققىدىكى قاراشلىرىغا قاراىساق ئۇنىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەتئىچ ـ -ئىچىدىن قوللاپ ـ قۇۋۋەتلەيدىغان ۋەئۇلار تەقەززا بولىۋاتقان ئىلمىي تەتقىقات ئۇسۇلىنى ئۆزىگە يېتەكچى قىلغانلىقىنى،ئۇنىڭ مەركىزى ئاسىيا تارىخىنى تەتقىق قىلىش توغرىسىدا ئېيتقان تۆۋەندىكىقاراشلاردىن ئەتراپلىق چۈشۈنۈپ ئالالايمىز .ئۇ بۇ ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ :‹‹مەركىزىئاسىيا تارىخىنى يورۇتۇش ئارخېئولوگىيىلىك ۋە يازما مۇنبەرلەردىن تاشقىرى ،يەنەئىنسانىيەت مەدەنىيەتشۇناسلىقى ،بولۇپمۇ مەدەنىيەت تىپى ۋە مەدەنىيەت ئېرسىيەتچىلىكىگەتايىنىشى لازىم .››(16).دېمەك يۇقىرىقى قاراشلاردىن بىز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىنىڭتارىخنى تەتقىق قىلىش ياكى ئىزھالاشتا ،كۆپ تەرەپلىمىلىك ئامىللارنى مەسىلەن تىل ـيېزىق ، ئارخېئولوگىيىلىك قېزىلمىلار ۋە مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى ... ئۆزـ ئارابىرلەشتۈرۈش ئاساسىدا ئېلىپ بېرىشمىز زۆرۈرلۈكىنى ،،يەنى بۇنى تېخىمۇ ئېنىق ئېيتقاندائۇنىڭ ‹‹تارىخنى ئۇنىڭ ئۆز ئۈچۈرى ئارقىلىق ئىزاھلاش ››(17)نى تارىخ تەتقىقاتىدىكى مۇھىم مېتود دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلەلەيمىز.يۇقىرىدىكى تارىخى تەتقىقات ئۇسۇلىنى ئۆزىگە ئاڭلىق ئاساستا قۇرال قىلمىغانتارىخچى، ئېنىقكى مەلۇم سىياسىينىڭ ئويۇنچۇقى ،ياللانما تارىخچى ،مىللىي بۆلگۈچى تارىخىچدىن ئىبارەت بولۇپ قالىدۇ ،خالاس.بۇ خىل تارىخىچىلاردىن بىز تارىخىنىڭ ھەققىيئۈچۈرىغا ئىگە بولالمايمىز چۈنكى : ‹‹تارىخ تەتقىقاتنىڭ ھەقىقى ۋەزىپىسى ۋە نۈرئانەمەسئۇلىيىتى كۆمۈلگەن تارىخنى تېخىمۇ كۆمۈپ تاشلاش ،ئېچىلىپ قالغان قىسمىنى بۇرمىلاشئەمەس ،بەلكى ئۇنى ئۆز ھەقىقىتى ، سالاھىيىتى بىلەن يورۇق دۇنياغا ئېلىپ چىقىشتۇر.››(18)ھەم ئۇنىغا تاشقى سوبيېكتىپ قارىشمىزدىن خالى ھۆكۈم قىلىش بولۇپ، بۇ دەل ‹‹ھەقىقەتنىئەمىلىيەتتىن ئىزدەش ››(ماۋزېدۇڭ ››تىن ئىبارەت ئىلمىيلىككە ھۆرمەت قىلىشتىن ئىبارەت
① ھۆرمەتجان ئابدۈرەھمانفىكرەت :‹‹تەسەۋۋۇپ پەلسەپىسى ››، 2001يىل،‹‹شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى ››،106بەت . ② ‹‹مىشىل فىكېلنى چۈشنۈش ››(خەنزۈچە ) ، 2002يىل،‹‹ئەدەبىيات ـسەنئەت نەشىرىياتى ››، 125بەت. ③ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن:‹‹ئۇيغۇرئىسلام مەدەنىىيتى ››، 386بەت. ④ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن:‹‹ئۇيغۇر ئىسلاممەدەنىىيتى ››، 386بەت. ⑤ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن:‹‹ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىىيتى ››،2002يىل،388بەت. ⑥ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن:‹‹ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىىيتى ››،2002يىل، 391 بەت. ⑦ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن:‹‹ئۇيغۇرئىسلام مەدەنىىيتى ››،343 بەت. ⑧ھۆرمەتجان ئابدۈرەھمانفىكرەت :‹‹تەسەۋۋۇپ پەلسەپىسى ››، 2001يىل ،‹‹شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرياتى ››،9بەت ⑨‹‹تاڭ دەۋردىكى توققۇزغۇزلار ۋە تۈرۈك مەدەنىيتى ››(ئۇيغۇرچە ) ، 2008ـ يىل ، ‹‹قەشقەر ئۇيغۇر نەشرياتى›› ، 9 32ـ بەت. ⑩‹‹تاڭ دەۋردىكى توققۇزغۇزلار ۋە تۈرۈك مەدەنىيتى ››(ئۇيغۇرچە ) ، 2008ـ يىل ، ‹‹قەشقەر ئۇيغۇر نەشرياتى›› ، 320بەت. (11) ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن:‹‹قەدىمكى مەركىزىئوتتۇرا ئاسىيا ›› ، 2002يىل ، 408بەت . (12)ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن:‹‹قەدىمكى مەركىزى ئوتتۇرا ئاسىيا ›› ، 2002يىل ،408بەت. (13).ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن:‹‹قەدىمكىمەركىزى ئوتتۇرا ئاسىيا ›› ، 2002يىل ،108بەت . (14).ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن:‹‹قەدىمكىمەركىزى ئوتتۇرا ئاسىيا ›› ، 2002يىل ،118بەت . (15)ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن: ‹‹ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىىيتى ››،2002يىل، 463بەت. (16)ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن:‹‹قەدىمكى مەركىزى ئوتتۇرا ئاسىيا ›› ، 2002يىل ،4بەت . (17)ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن: ‹‹ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىىيتى ››،2002يىل، 389بەت.
(18)ئابدۇشۈكۈر مۇھەمەتئىمىن:‹‹قەدىمكىمەركىزى ئوتتۇرا ئاسىيا ›› ، 2002يىل، 9بەت
|