قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1162|ئىنكاس: 13

NASA: يۈتۈپ كەتكەن مارسنى تەكشۈرۈش ماشىنىسى تېپىلدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

148

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 599
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 1153
تۆھپە : 4107
توردىكى ۋاقتى: 1543
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 11:30:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۈتۈپ كەتكەن مارسنى تەكشۈرۈش ماشىنىسى تېپىلدى

بىلىمخۇمار
2015-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى


ياۋروپا ئالەم تېخنىكىسى ئىدارىسى 2003-يىلى «مارس تېز يەتكۈزۈش ماشىنىسى» (Mars Express) دېگەن پروگراممىسى (mission) نىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە مارسقا ئىنگلىزچە «Beagle 2» دەپ ئاتىلىدىغان بىر مارسنى تەكشۈرۈش ماشىنىسىنى ماڭدۇردى. بۇ ماشىنىنىڭ ۋەزىپىسى مارسنىڭ ئۈستىدىكى قەدىمقى ۋە ھازىرقى ھاياتلىقلارنىڭ ئالامەتلىرىنى ئىزدەش بولۇپ، ئەسلىدىكى پىلان بويىچە بۇ ماشىنا 2003-يىلى 25-دىكابىر كۈنى مارسنىڭ يۈزىگە قونۇپ، يەر يۈزىگە ئۇچۇر ماڭدۇرۇشنى باشلىشى كېرەك ئىدى.  ئەمما بۇ ماشىنا مارسنىڭ ئاتموسفېراسىنىڭ ئىچىگە كىرگەندىن كېيىن، ئۇ يەر يۈزىگە سىگنال ماڭدۇرۇشتىن توختاپ، يوقاپ كەتتى.  شۇنىڭ بىلەن 2004-يىلى 2-ئايدا ياۋروپا ئالەم تېخنىكىسى ئىدارىسى رەسمىي ھالدا بۇ ماشىنىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى جاكارلىدى [1] .   

شۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ بىر قانچە ئالەم ئۇچقۇرلىرى يۈتۈپ كەتكەن بۇ ماشىنىنى ئىزدىگەن بولسىمۇ، ئۇنى تاپالمىغان ئىدى.  ئەمما يېقىندا ناسا نىڭ «مارسنى تەكشۈرۈپ ئوربىتلىغۇچى» (Mars Reconnaissance Orbiter) دېگەن ئالەم ئۇچقۇرى ھېلىقى يوقاپ كەتكەن مارس ماشىنىسىنى تاپقان بولۇپ، بۇ ئىش 2015-يىلى 16-يانۋار كۈنى ئامېرىكىنىڭ كۆپلىگەن مېدىيە تاراتقۇلىرىدا خەۋەر قىلىندى.

f01_beagle2_position.jpg

1-رەسىم: «مارسنى تەكشۈرۈپ ئوربىتلىغۇچى» رەسىمگە تارتقان مارسنىڭ ئۈستىدىكى بىر كۆرىنىش.  بۇ رەسىمدە «Beagle 2» دېگەن ماشىنىنىڭ مارسنىڭ ئۈستىدىكى ئورنى «Beagle 2» دېگەن سۆز بىلەن كۆرسىتىلگەن.

f02_beagle2.jpg

2-رەسىم: بۇ بىر قىياس بىلەن سىزىلغان رەسىم بولۇپ، ئۇ «Beagle 2» نىڭ مارسنىڭ يۈزىدە تېپىلغاندىكى ئەھۋالىنى كۆرسىتىدۇ.

f03_mars_reconnaissance.jpg

3-رەسىم:  ناسا نىڭ «مارسنى تەكشۈرۈپ ئوربىتلىغۇچى» ناملىق ئالەم ئۇچقۇرى.  ئۇ 2006-يىلى 10-مارت كۈنى مارس ئوربىتىسىغا كىرگەن بولۇپ، ھازىرمۇ مارسنى ئايلىنىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.  بۇ ئالەم ئۇچقۇرىنىڭ ئوربىتىسىنىڭ مارس بىلەن بولغان ئەڭ يېقىن ئارىلىقى 426 كىلومېتىر بولۇپ، ئۇ ھەر 35.5 سائەتتە مارسنى بىر قېتىم ئايلىنىدۇ.  ئۇنى ناسا مەركىزى ج پ ل (JPL) باشقۇرىدۇ.  

ئىنگلىزچە «Beagle» دېگەن سۆز ئەسلىدە «HMS Beagle» دېگەن پاراخوتنىڭ ئىسمىدىن كەلگەن بولۇپ، «تەبىئىي تاللاش نەزەرىيىسى» نى ئىجات قىلغان چارلېس دارۋىن (Charles Darwin) ئىككى قېتىم ئاشۇ پاراخوتقا چىقىپ، ئىلمىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ئىكەن.  ھەمدە ئۇنىڭ يۇقىرىدىكى نەزەرىيىنى بايقىشىغا ئاشۇ 2 قېتىملىق تەكشۈرۈش سەپىرى سەۋەب بولغان ئىكەن [2].

ناسا 2004-يىلى مارسقا قوندۇرغان «ئىرادە» (Spirit) بىلەن «پۇرسەت» (Opportunity) ناملىق ئىككى مارسنى تەكشۈرۈش ماشىنىسىنىڭ ۋەزىپىسى «سۇ ئالامەتلىرىنى ئىزدەش» ئىدى.  ناسا 2012-يىلى مارسقا قوندۇرغان «ھەۋەسكار» (Curiosity) ناملىق مارسنى تەكشۈرۈش ماشىنىسىنىڭ ۋەزىپىسى بولسا «جانلىقلار ياشىيالايدىغان مۇھىتلارنىڭ يىپ ئۇچلىرىنى تېپىش» تىن ئىبارەت بولغان ئىدى.  بۇلارغا قارىغاندا «Beagle 2» ناملىق ماشىنا قەدىمقى ۋە ھازىرقى جانلىقلارنىڭ ئالامەتلىرىنى ئىزدەشتىن ئىبارەت بىر چوڭ ئىشنى نىشان قىلغان بولسىمۇ، ئۇ مارسقا مۇۋەپپەقىيەتلىك قونالمىدى.

ناسا نىڭ «ھەۋەسكار» ناملىق ماشىنىسىنىڭ ئېغىرلىقى بىر توننا ئەتىراپىدا بولۇپ، «Beagle 2» نىڭ ئېغىرلىقى بولسا ئاران 35 كىلوگرام ئەتىراپىدا ئىكەن.  ناسا مەركىزى ج پ ل دىكى بىر پروجېكت مەسئۇلى رىچارد زۇرېك (Richard Zurek) نىڭ دېيىشىچە [1]، «ھەۋەسكار» نىڭ ئۈستىدىكى رەسىم ئاپاراتىنىڭ پەرق ئېتىش ئىقتىدارى بۇرۇنقى ماشىنىلاردىكى كامېرالار بىلەن سېلىشتۇرغاندا 10 ھەسسە ياخشى بولۇپ، بۇ ماشىنا ھازىرغىچە مارسنىڭ ئۈستىدىكى باشقا نەرسىلەردىنمۇ بىر قانچىسىنى تېپىپ چىققان.  

«ھەۋەسكار» ھازىرمۇ مارسنىڭ ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، مېنىڭ پەرىزىمچە ئۇنىڭ «Beagle 2» بىلەن بولغان ئارىلىقى بەك يىراق بولغاچقا، ئۇ«Beagle 2» تېپىلغان يەرگە كېلىپ، نېمە ئىش بولغانلىقىنى تەكشۈرۈپ بېقىش ئىمكانىيىتى يوق.

f04_curiosity.jpg

4-رەسىم: «ھەۋەسكار» ناملىق مارسنى تەكشۈرۈش ماشىنىسى.  ئۇ ھازىر مارسنىڭ ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.  

f05_curiosity_erkin.jpg

5-رەسىم:  بىزنىڭ ئىدارە «ھەۋەسكار» نى ياسىغاندا، ئۇنىڭدىن ئىككىنى ياسىغان بولۇپ، ئۇنىڭ يەنە بىرسى ھازىر بىزنىڭ ئىدارىدە كۆرگەزمە قىلىنىۋاتىدۇ.  بۇ ماشىنىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى مارستىكىسى بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش.


پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:

[1] Mars orbiter rediscovers long-lost Beagle 2 lander
<http://www.latimes.com/science/s ... 0116-story.html>

[2] Beagle 2
http://en.wikipedia.org/wiki/Beagle_2

[3] Mars Reconnaissance Orbiter
<http://en.wikipedia.org/wiki/Mars_Reconnaissance_Orbiter>

[4] Mars Science Laboratory
http://mars.jpl.nasa.gov/msl/


0

تېما

19

دوست

3974

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   65.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14768
يازما سانى: 435
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 34
تۆھپە : 1149
توردىكى ۋاقتى: 197
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 22:37:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلۇپ قالمىسۇن  ،  ئاللاھدىن  ئىشلىرىڭىزغا ئاسانلىق تىلەيمەن  .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

2

دوست

180

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   60%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33747
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 58
توردىكى ۋاقتى: 10
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-24 13:09:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىمىلارنى تىخىمۇ كۆپ يوللىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن .ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى  ئوڭوشلۇق قىلسۇن

1

تېما

2

دوست

3085

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   36.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27382
يازما سانى: 349
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 912
توردىكى ۋاقتى: 99
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-24 17:59:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«يۈتۈپ كەتكەن » دىگەن سۆزنىڭ كەينىگە بىر پەش قويۇۋېتىپ ئاندىن ، مارسنى تەكشۈرۈش ماشنىسى تېپىلدى ، دەپ يازسا بولغۇدەك . بولمىسا دەرھال ئوقۇماققا مارس يۈتۈپ كەتتىمۇ ياكى مارسنى تەكشۈرۈش ماشىنىسى يۈتۈپ كەتتىمۇ ، ئاڭقىرغىلى بولماي قالىدىكەن .

0

تېما

0

دوست

449

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   74.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32727
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 138
توردىكى ۋاقتى: 22
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-24 21:57:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە بىلىمخۇمار ئاكا.

0

تېما

0

دوست

550

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   10%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32125
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 172
توردىكى ۋاقتى: 42
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-25 01:50:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل تىمىلىرىڭىز ئۇزۇلمىگەي.

ھايات دۇنيا ، مەۋھۇم روھ !

5

تېما

21

دوست

4200

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   73.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27965
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 1334
توردىكى ۋاقتى: 88
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-27 08:48:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alim0070 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-27 08:53  

مۇشۇ ئامىرىكىنىڭ پەن-تىخنىكىسىغا قول قويماي ئامال يوق ..ئامىرىكا ئىشلىگەن نەرسىلەر زادى جۇڭگونىڭكىدىن ياخشى جۇمۇ ..

بۈگۈن يەنە بىر خەۋەر بار , ئامىرىكا 2011-يىلى (Curiosity)  دەپ ئاتىلىدىغان بىر مارسنى تەكشۈرۈش ماشىنىسىدىن تاتىلغان بىر پارچە رەسىم پۈتۈن دۇنيادىكى ئالەم ھەۋەسكارلىرىنى قىزىقتۇردى . بۇرەسىمدە مارىس تەكشۈرۈش ماشىنىسىنى بىرسىنىڭ ئوڭشاۋاتقان قىياپىتى سايە ئارقىلىق كۆرۈنگەن ،بۇ رەسىم مارىستا ھەقىقەتەن جانلىقنىڭ بارلىقىغا يەنە بىر ئىسپات بولدى ... توۋااااا..............

2222.jpg

17

تېما

28

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.56%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 1535
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 4336
توردىكى ۋاقتى: 1724
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-27 09:18:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sawda571 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-24 17:59
«يۈتۈپ كەتكەن » دىگەن سۆزنىڭ كەينىگە بىر پەش قويۇۋېتىپ ...

يۈتۈپ كەتكەن، كونىراپ دەز كەتكەن كىملىكلەر قايتا بىجىرىپ بېرىلىدۇ.

  يۇقارقى جۈملىدە ‹‹يۈتۈپ كەتكەن، يۇقاپ كەتكەن›› دىن ئىبارەت ھادىسە ئىككى ياكى ئىكىدىن ئارتۇق بولغاندا ئايرىش ئۈچۈن پەش قۇيۇلىدۇ. ‹‹مۇئەللىمىڭىز ئۇيغۇر تىلى›› دەرىسلىگىدە تىنىش بەلگىلېرىنىڭ رولىنى سۆزلىگەندە بىلىپ قالارسىز...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )