قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2478|ئىنكاس: 6

[دولان] جۇڭگو دوللار ئاسارىتىدىن قۇتۇلالامدۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

قادىر رۇزى دولان

107

تېما

10

دوست

5920

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11813
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 22
مۇنبەر پۇلى: 1020
تۆھپە : 1212
توردىكى ۋاقتى: 552
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 13:12:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kadirdolan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-23 13:33  

جۇڭگو دوللار ئاسارىتىدىن قۇتۇلالامدۇ؟
فاڭ سۇنجىەن
دولان تەرجىمىسى
  بۇلتۇر < بۆرە كەلدى >دەپ توۋلىغان، بۇيىل راستىنلا < بۆرە كەلدى >، دوللارنىڭ كۈچۈيىشى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردە بىرمەيدان كۈچلۈك يەرتەۋرەش پەيدا قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرھايات-ماماتلىق سىناققا دۇچ كەلدى. خۇيفېڭ ( 汇丰 ) نىڭ خەلقئارا باش ئىقتىسادشۇناسى ستېپخېن كىڭ 2015-يىللىق 10 چوڭ تاشقى خەۋپ-خەتەرنى كۆرسىتىپ، “ دوللار قىممىتىنىڭ جىددىي ئۆرلىشى ” چوڭ تەھدىت دەپ تەكىتلىدى.
  نېفىت باھاسىنىڭ 117 دوللاردىن 57 دوللارغا چۈشۈشى، ئەمەلىيەتتە نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈشى بولماستىن بەلكى دوللار قىممىتىنىڭ بىرھەسسە ئاشقانلىقى؛ ئالايلۇق: ئىلگېرى 100دوللار = 1000 رۇبلى= 1 باك نېفىت دېسەك، ھازىر 50 دوللار=1000 رۇبلى= 1 باك نېفىت دېگەنلىك، دوللارنىڭ قىممىتى بىرھەسسە ئېشىپ، رۇبلىنىڭ قىممىتى بىرھەسسە چۈشتى دېگەنلىك؛ چۈنكى سىز ئىلگېرى 100 دوللارغا 1باك نېفىت سېتىۋالغان بولسىڭىز، ھازىر100 دوللارغا 2 باك نېفىت سېتىۋالىسىز، ناۋادا پېرېۋۇت قىممىتى مۇقۇم بولساقولىڭىزدىكى 1000 رۇبلىغا ئىلگېرى 1باك نېفىت سېتىۋالغان بولسىڭىز، ھازىرمۇ يەنىلا1باك نېفىت سېتىۋالايسىز، 2باك نېفىت ئۈچۈن 2000 رۈبلى خەجلەيسىز، رۈبلىنىڭ قىممىتى بىرھەسسە چۈشتى دېگەنلىك.
  تاراتقۇئوبزۇرچىسى لوڭ كەيفېڭنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ دوللار قىممىتىنىڭ ئېشىپ، نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈشى، رۇبلى قىممىتىنىڭ تۆۋەنلىشىدىكى سىر ئىكەن؛ شۇڭا دوللار قىممىتى ئاشسا، دۇنيادىكى خەلقئارا سودىغا قاتناشقان بارلىق تۇۋارنىڭ، مەيلى بايلىق تىپىدىكى تۇۋار ياكى ئىشلەپچىقارغان تۇۋار بولسۇن، ھەممىسىنىڭ باھاسى چۈشۈدېكەن؛دوللارنىڭ قىممىتى بىرھەسسە ئاشسا، تۇۋارنىڭ باھاسى بىرھەسسە چۈشۈدېكەن، مانىبۇ دوللارنىڭ قورقۇنچلىق تەرىپى.
  بەزىلەر،نېمىگە ئاساسەن دوللارنىڭ قىممىتى ئاشىدۇ ۋە چۈشۈدۇ؟ دەپ سورىشى مۈمكىن، 2-دۇنيائورۇشىدىن كېيىن، ئامېرىكا دۇنيا سودا سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ، بۇ سىستېما دۇنياسودا تەشكىلاتى ( WTO)، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ( IMF ) ۋە دۇنيا بانكىسى ( TWB ) نى ئۆزئىچىگە ئېلىپ قالماي يەنە ب د ت ( UN )ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
  خەلقئاراسودىغا قاتنىشىش ئۈچۈن، چۇقۇم WTO قاتنىشىشى ۋە دوللارنىڭ خەلىقئارا سودىدىكى راسچوت قىلىدىغان بىردىنبىر پۇل ئىكەنلىكىدەك بەلگۈلىمە ۋە تەلەپنى قوبۇل قىلىشى، شۇنداقلا IMF ۋە TWB نىڭ شۇ دۆلەت پۇلىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى ۋە زاپاس مىقدارىنى نازارەت قىلىشىنى قوبۇلقىلىشى كېرەك، ئۇنداق بولمايدىكەن WTO نىڭ سىرتىدا يېتم قالىدۇ، مانابۇ ئامېرىكا لاھىيىلىگەن ئويۇن قائىدىسى.
  2014-يىلى3-ئايدىن باشلاپ، رۇبلىنىڭ دوللار ۋە ياۋرۇغا بولغان پېرېۋۇت نىسبىتى تۆۋەنلەپ، دوللاردىن تۇنجى زەربە يېگەن پۇلغا ئايلىنىپ قالدى. ئىستاستىكىغا ئاساسلانغاندا، ھازىرغىچەرۇبلىنىڭ دوللارغا بولغان پېرېۋۇت نىسبىتى %39.31،ياۋرۇغا بولغان پېرېۋۇت نىسبىتى %32 تۆۋەنلىگەن، رۇبلىنىڭ 16 يىل بورۇن كەڭكۆلەملىك قىممىتى تۆۋەنلىگەن ئىدى.
  خەلقئارا راسچوت بانكىسى پۇل ۋە ئىقتىساد بۆلۈمنىڭ مەسئۇلى كلادو بورو ( Claudio borio ) پەسىللىك دوكلاتىدائاگاھلاندۇرۇپ « دوللار قىممىتىنىڭ كۈچۈيىشى يەرشارى ئىقتىسادىغا چوڭقۇر تەسىركۆرسىتىشى مۈمكىن، ناۋادا دوللارنىڭ داۋاملىق قىممىتى ئاشسا، قەرز قىممىتىنى ئاشۇرۇپ، پۇل بىلەن ئەمەلىي كاپىتال ماس كەلمەي، ئامېرىكىنىڭ ئۆسۈم سىياسىتى نۇرماللاشقاندىن كېيىن، مالىيە جىددىيىلىكى داۋاملىق ئېغىرلىشىشى مۈمكىن ».
  يېقىندا ئېلان قىلغان ئامېرىكىنىڭ ئىشقائورۇنلىشىش دوكلاتىدا، ئامېرىكا زاپاس پۇل كومتېتى 2015-يىلنىڭ ئوتتۇرىدىن بورۇن ئۆسۈمنى ئاشۇرۇشنى مۆلچەرلىگەن، 12-ئاينىڭ 12-كۈنى دوللارنىڭ قىممىتى زور ھەجىمدەئاشتى، دۇشەنبە ( 12-ئاينىڭ 8-كۈنى ) دوللارنىڭ قىممىتى داۋاملىق ئېشىپ2006-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يوقۇرى سەۋىيە ياراتتى.
  ئامېرىكا لاھىيىلىگەن ئويۇن قائىدىسىدەخەلقئارا سودىغا قاتناشقان بارلىق توۋارلارنىڭ باھاسى دوللار بىلەن راسچوت قېلىنىدۇ، ئامېرىكا 1 باك نېفىتنى 100 دوللار دېسە 100 دوللار بولىدۇ، 50 دوللاردېسە 50 دوللار بولىدۇ؛ قانداقتۇر ئېھتىياج، تەمىنلەش، نەزىرىيە ئانالىزى دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئادەم ئەخماق قىلىشتۇر.
  دۇنيادىكى خەلقئارا سودىغا قاتناشقان بارلىق توۋارلارنىڭ باھاسىنى ئامېرىكىنىڭ دېگىنى ھىساپ، بۇنى G7قوللايدۇ؛ G7 دۇنيادا سانائەت تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر، بۇلارخەلقئارا سودىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئىگەللەيدۇ، بۇلار دوللارنى قوللىغاچقا، ئامېرىكىنىڭ زومىگەرلىك ئورنى تېخىمۇ كۆچەيگەن.
  G7باي دۆلەتلەر كولۇبى بولۇپ، بۇ ئامېرىكا،كانادا، ياپونىيە، گېرمانىيە،فرانسىيە، ئەنگلىيە، ئىتالىيەنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ، روسىيە 1991-يىلدىن باشلاپ G7 نىڭ قىسمەن يېغىنىغا قاتنىشىدۇ، 1997-يىلى ئەزا بولۇپ، G8 رەسمى قورۇلىدۇ.
  بىراق 3-ئاينىڭ 18-كۈنى قېرىم مۇستەقىللىق جاكارلاپ روسىيىگە قۇشۇلغاندىن كېيىن، 3-ئاينىڭ 25-كۈنى G7گورۇھى سۇچىدا ئېچىلىدىغان G8 ئۇچرۇشۇش يېغىننى بايقۇت قىلىپ،روسيەنى بۇ گورۇھتىن چىقارغانلىقىنى رەسمىي جاكارلايدۇ ۋە 6-ئايدا بىلگېيەدە G7 يىغىنى ئېچىشقا قوشۇلىدۇ.
  G7يىغىنى دۇنيا پېرېۋۇت نىسبىتىنى بېكىتىپ، G7سىرتىدىكى دۆلەتلەرگە زەربە بېرىدۇ، گەرچە روسىيە G7كولۇبىنىڭ ئەزاسى بولسىمۇ، بىراق ئەزەلدىن ئىچكى ئىقتىسادىي كېڭەشكە قاتناشمىغان، مۆلچەرگەئاساسلانغاندا G7 نىڭ ئىچكى ئىقتىساد يىغىنى، پېرېۋۇت تەقسىمات مەنپەئەت مېخانىزىمىنى ماسلاشتۇرۇپ، شۇيىللىق پېرېۋۇت نىسبېتىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ G7 نىڭ مەنپەئەتىنى ئەڭچوڭ دەرىجىدە زورايتىدىكەن.
  دوللارنىڭ قىممىتى بىرھەسسە ئاشقانلىقى، دۇنيادىكى بارلىق دولەتلەرنىڭ پۇل قىممىتى بىرھەسسە چۈشكەنگە، خەلقئارا سودىغا قاتناشقان بارلىق توۋارنىڭ باھاسى بىرھەسسە چۈشكەنگە باراۋەر، بۇ دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئېكىسپورت كېرىمىنى تۆۋەنلىتىپ، ئېكىسپورتنى زەربىگە ئۇچرىتىدۇ، سىزنىڭ ئېكىسپورت توۋارىڭىزنىڭ بىرھەسسە قىممىتى چۈشسە، توۋارنىڭ تەننەرقىنىمۇ قايتۇرالمايسىز.
  دوللارنىڭ قىممىتى ئاشسا چەتئەلدىكى دوللارقايتىپ كېلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن دۇنيادىكى باشقا ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئېغىر تەسىركۆرسىتىدۇ، بولۇپمۇ دوللارنى قەرز قىلغان دۆلەت ۋە شىركەتلەر ئېغىر تەسىرگەئۇچرايدۇ، يېڭى گۈللەنگەن بازار چوڭ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرايدۇ ۋە دوللارنىڭ قىممىتى ئاشقاندا قەرز قايتۇرۇشتەك قوش بېسىمغا دۇچار بولىدۇ.
ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئاخىرى دوللارنىڭ قىممىتى  6-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ بىراقلا %12 ئېشىپ، 89.36 نوقتىغاچىقىپ، 30 يىلدىن بۇيانقى تۆۋەنلەش نوقتىسىدىن بۆسۈپ ئۆتۈدۇ، بۇنىڭ بىلەن رۇبلىنىڭ قىممىتى %55، برازىلىيە رېئاللىنىڭ قىممىتى %18 تۆۋەنلەيدۇ.
  ئۇندىن باشقا دۆلەت ھالقىغان بانكىلارنىڭ يېڭى ئىقتىسادى گەۋدىلەرگە تارقانتقان قەرزى 3 تىرلىيون 100 مىيلياردقا  يەتكەن بولۇپ، مۇتلەق كۆپقىسمى دوللار بىلەن ھىسابات قىلىنىدۇ. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىشىچە، 2012-يىلدىن بۇيان جۇڭگو بانكىسى بىلەن كارخانىلارنىڭ قولىدىكى دوللار قەرزى بىرھەسسە ئېشىپ، 1تىرلىيون 100 مىليارددوللارغا يەتكەن، خەلقئارا بازاردا دوللارنىڭ ئۆزگۈرۈشى زەجىرسىمان تەسىر پەيداقىلىدۇ.
  بۇ كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ئېكىسپورت كارخانىسىغاتەسىر كۆرسىتىپ، تاقىلىپ قېلىشتەك تەقدىرگە دۇچ كېلىدۇ؛ ئىمپورت كارخانىسى پايدىغائېرىشىدۇ.
  دوللار قىممىتىنىڭ ئېشىشى قولىڭىزدىكى دوللارنىڭ سېتىۋېلىش كۈچى بىرھەسسە ئاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ؛ ئىلگېرى 100دوللارغا 1باك نېفىت سېتىۋالغان بولسىڭىز، ھازىر 100 دوللارغا 2باك نېفىتسېتىۋالىسىز، مۇشۇنداق ئاددىي قائىدە. قولىدا دوللار يوق دۆلەتلەر قوش زىيان تارتىدۇ، پېرېۋۇت نىسبىتى ئۆزگەرمىگەن ئەھۋالدا پۇلىڭىزنىڭ بىرھەسسە قىممىتى چۈشۈدۇ، قولىڭىزدىكى قىممىتى چۈشكەن پۇل بىلەن بىرھەسسە قىممىتى ئاشقان دوللارسېتىۋالىپ، خەلقئارا بازاردىن ئىھتىياجلىق توۋارنى بىرھەسسە قىممەت سېتىۋېلىپ، قوشزەربىگە ئۇچرايسىز، بۇنىڭ بىلەن بۇدۆلەتنىڭ ئىقتىسادى مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ.
  جۇڭگوغا نېسبەتەن ئېيىتقاندا، جۇڭگو كۆپ مىقداردىكى دوللارغا ئىگە، بۇبىر ياخشى ئىش، چۈنكى جۇڭگو قولىدىكى قىممىتى ئاشقان دوللارئارقىلىق، ئىھتىياجلىق ئىمپورت توۋارلىرىنى سېتىۋالالايدۇ، بىراق ئېكىسپورت توۋارلىرىنىڭ قىممىتى بىرھەسسە چۈشۈپ، ئېكىسپورت ئېغىر زەربىگە ئۇچرايدۇ.
  ناۋادا پېرېۋۇت نىسبېتى ئۆزگەرمىگەن ئەھۋالدا،خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى بىرھەسسە چۈشكەچكە، خەلق پۇلىنىڭ خەلقئارالىشىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. كلادو بورو ( Claudio borio ) مۇنداق تەكىتلەيدۇ « جڭگونىڭ ھەرقانداق بىر ئاجىزلىقى چەتئەلگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىشى مۈمكىن »
  كۆپلىگەن كىشىلەر، جۇڭگونىڭ تاشقى پېرىۋۇت زاپىسىنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈش تىرىشچانلىقى دوللارغا تايىنىشنى ئازايتىپ، دوللارغا ئېكىستەسىر پەيدا قىلىشى مۈمكىن دەپ قارايدۇ؛ بىراق بېيجىڭ ئونىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى مىچېل پېتتىس (Pettis  Michael) ئوخشىمىغان قاراشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
  ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە « دائىملىق ھىساپ قالدۇقى بىلەن كاپىتال ھىساباتى قىزىل رەقىمى ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا تەڭپۇڭلۇق مۇناسىۋېتى مەۋجۇت، ناۋادا جۇڭگو مەركىزىي بانكىسى دوللار سېتىۋېلىشنى ئازايتسا، جۇڭگودىكى پۇقرالار ياكى باشقا دۆلەت كاپىتالى بۇبوشلۇقنى تولدۇرىدۇ، ئەگەر پۇقرالار ياكى باشقا دۆلەت سېتىۋېلىشنى ئاشۇرمىغان تەقدىردىمۇ، يەنىلا ئامېرىكا ئىقتىسادىغاپايدىلىق بولىدۇ».
  كارنېگ تۈرىنىڭ بېيجىڭدا تورۇشلۇق يوقۇرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى، بېيجىڭ ئونىۋېرسىتېتى گۇاڭخۇا باشقۇرۇش ئىنىستېتۇتىنىڭ پۇل-مۇئامىلە پروفېسسورى مىچېل پېتتىس ( Pettis  Michael) نىڭ كۆرسىتىشىچە، «جۇڭگوسېتىۋالغان ئامېرىكا زايۇمىنىڭ مىقدارى زور بولغاچقا، كىشىلەردە جۇڭگو مەركىزى بانكىسى تۇساتتىن سېتىۋېلىشنى توختاتسا، ئامېرىكا ئامالسىز ئۆسۈم نىسبىتىنى ئاشۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ دەيدىغان قاراش مەۋجۇت، بىراق بۇخىل قاراش خەلقئاراكىرىم-چىقىم تەڭپۇڭلۇقىنىڭ ئايلىنىش قائىدىسىنى چۈشەنمىگەنلىك »
  پېتتىس تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ، خەلق پۇلى خەلقئارالىق زاپاس پۇل نىشانىغا يېتىش جەريانىدا ئامېرىكا زايۇمىنى سېتىۋېلىشنى ئازايتىشنىڭ زۈرۈرىيىتى يوق؛ ئەكسىچە ئېيىتقاندا، خەلق پۇلى زاپاس پۇلغا ئايلىنىپ دۇنيادىكى بانكىلار قۇبۇل قىلىشقا باشلىغاندا، جۇڭگوغا ئېقىپ كېرىدىغان كاپىتالنى ئاشۇرىدۇ، ناۋادا جۇڭگو بۇكاپىتالنى بېسىۋېلىپ، خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى ئېشىپ «دۇنياۋى سەۋېيە » يارىتىشنى، جۇڭگو كۆرۈشنى ئۈمۈد قىلمايدىغان ئىشتۇر. شۇڭا بۇخىل ئەھۋالدا، جۇڭگونىڭ مەركىزىي بانكىسى تېخىمۇ كۆپ چەتئەل زايۇمى سېتىۋېلىشقا مەجبۇربۇلىدۇ ياكى پېرېۋۇت نىسبىتىگە ئارلىشىدۇ، قانداقلا قىلمىسۇن جۇڭگودىكى كاپىتالنىڭ ئېقىشى ياكى ھىسابات قالدۇقى ئازلاشتەك كومبۇناتسىيىلىك ئاقىۋەتنى پەيدا قىلىدۇ.
دىققەتكە ئەرزىيدېغىنى شۇكى، خەلق پۇلىنى قۇبۇل قىلىش قانچە ئاشسا، سىرىتنىڭ ئامېرىكا زايۇمىغا بولغان ئېھتىياجى تۆۋەنلەيدۇ، بۇھەرگىزمۇ جۇڭگونىڭ ئامېرىكا زايۇمىغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ تۆۋەنلىشدىن دېرەك بەرمەيدۇ؛ يەنى جۇڭگو ئامېرىكا زايۇمىنى سېتىۋېلىشنى ئازايتسا، ئامېرىكائىقتىسادىغا ياكى زايۇم بازىرىغا ھېچقانچە چوڭ تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
  پېتتىسنىڭ كۆرسىتىشىچە، جۇڭگو ۋە باشقاھەرقانداقبىر دۆلەت ئامېرىكا مالىيە قزىل رەقىمى بولمىسا مەبلەغ يۈرۈشتۈرەلمەيدۇ، ئۇلارئامېرىكىنىڭ ھىسابات قىزىل رەقىمى ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرىدۇ، جۇڭگونىڭ باشقاتاللىشى يوق، چۈنكى جۇڭگونىڭ دائىملىق ھېسابات قالدۇق ئېھتىاجى جۇڭگونىڭ كاپىتال ھېساباتىدىكى قىزىل رەقەمگە باراۋەر.
  ئامېرىكىغا بارغاندا ئادەتتە كاپىتال ھېسابات قالدۇقى نۇرمالنى ھېسابات قىزىل رەقىمىگە ئۆزگۈرىدۇ؛ ھېچكىشى چەتئەلنىڭ ئامېرىكاكاپىتالىنى سېتىۋېلىشنى ۋە نۇرمالنى ھېسابات قىزىل رەقىمىنى ئايرىۋېتەلمەيدۇ،ئىككىسى ئۆزئارا باراۋەر، ئالدىنقىسى ئاشسا كېيىنكىسى كېڭىيىدۇ.
  پېتتىسنىڭ قارىشىچە، جۇڭگو مەركىزى بانكىسى قانداق تەدبىر قوللانسۇن ھېچقانچە چوڭ مۇناسىۋېتى يوق ئىكەن، ئاچقۇچ ئامېرىكا نۇرمالنى ھىساباتنىڭ چۈشۈش-چۈشمەسلىكى ئىكەن. بىر دۆلەت كاپىتال چىقىرىشقا تايىنىپ ئىشسىزلىق نىسبېتىنى ئەڭ تۆۋەن چەكتە ساقلايدۇ، ناۋادا خەلق پۇلى خەلقئارالىق زاپاس پۇلغا ئايلانسا، جۇڭگو تۆزۈلمە جەھەتتە تاللاشقا دۇچ كېلىدۇ، ياكى ئامېرىكىدىن ئۈگۈنۈپ، چەتئەل كاپىتالى بىلەن زايۇمنى ئەركىن ئېلىپ-سېتىشقا يول قۇيۇشى ۋەياكى كورىيەدىن ئۈگۈنۈپ چەتئەل كاپىتالىنى سېتىۋېلىشنى چەكلىشى كېرەك ئىكەن.
  ناۋادا جۇڭگو كېيىنكى يولنى تاللىسا، خەلق پۇلى ئاساسلىق زاپاس پۇل بۇلالمايدۇ، ئالدىنقى يولنى تاللىسا، خەلق پۇلىنىڭ ئاساسلىق زاپاس پۇلغا ئايلىنىش يوشۇرۇن كۈچى ئاشىدۇ، بۇنداق بولسا باشقا دۆلەتلەر تۇساتتىن خەلق پۇلى زاپىسىنى ئاشۇرۇشنى ئويلىسا، جۇڭگو يوقۇرى قەرز ۋە يوقۇرى ئىشسىزلىق ئارىسىدا تاللاشقا مەجبۇر بولىدۇ؛ خەلق پۇلىنى ئۆلچەم قىلغان زاپاس مۈلۈكنىڭ مۇناسىپ ئېشىپ، دوللارنى ئۆلچەم قىلغان زاپاس مۈلۈكنىڭ مۇناسىپ چۈشۈشى ئامېرىكىنىڭ نىشانى، ھەرگىز جۇڭگونىڭ ئارزۇسى ئەمەس.
  جۇڭگو خەلقئارا سودىدا دوللار بىلەن راسچوت قىلىدۇ،جۇڭگونىڭ ئېكىسپورت كارخانىسى مال ئېكىسپورت قىلىپ دوللارغا ئېرىشىدۇ، بىراق ئۇلارئېرىشكەن دوللارنى چوقۇم جۇڭگو بانكىسىغا سېتىپ خەلق پۇلىغا ئالماشتۇرۇشى كېرەك،چۈنكى جۇڭگونىڭ پېرېۋۇت باشقۇرۇش تۈزۈمى شۇنداق، شۇڭا جۇڭگو مەركىزى بانكىسى توختاۋسىز دوللار سېتىۋېلىپ، جۇڭگونى زور مىقداردىكى تاشقى پېرېۋۇت زاپىسىغا ئىگەقىلىدۇ.
   ناۋادا جۇڭگو خەلقئارا سودىدا خەلق پۇلى بىلەن راسچوت قىلسا قانداق ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ؟ پېتتىسنىڭ قارىشىچە، ئىتالىيەنىڭ بىركارخانىسى جۇڭگودىن مال سېتېۋالدى دەپ پەرەز قىلساق، ئۇ دوللار ئەمەس خەلق پۇلى تۆلەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئىتالىيە كارخانىسى خەلق پۇلىغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ، بۇنىڭبىلەن جۇڭگو كارخانىسىنىڭ دوللارنى بانكىغا ئەرزان سېتىپ بېرىشى مەۋجۇت بولمايدۇ؛ئەكسىچە ئىتالىيە بانكىسى دوللارنى خەلق پۇلىغا ئالماشتۇرۇپ بۇ كارخاننىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن جۇڭگو مەركىزىي بانكىسى دوللارغا ئېرىشىدۇ،ناۋادا مەركىزىي بانكا تاشقى پېرېۋۇت باشقۇرۇشتا ئوخشاش ئۇسۇل قوللانسا، مەركىزىي بانكا يەنە نۇرغۇن دوللار سېتىۋالىدۇ ۋە جۇڭگونىڭ تاشقى پېرېۋۇت زاپىسى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ.
  شۇڭا جۇڭگو دوللار ئاسارىتىدىن قۇتۇلالمايلا قالماستىن بەلكى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرمۇ دوللار ئاسارىتىدىن قۇتۇلالمايدۇ.






1

تېما

2

دوست

4757

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   91.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12157
يازما سانى: 256
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 236
تۆھپە : 1354
توردىكى ۋاقتى: 272
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 19:51:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمىلا بولمىسۇن دۆلىتىمىزنىڭ ھاياتى كۈچى بار دەپ قارايمەن.

مەيلى g7 تەشكىلاتى بولسۇن،ياكى ئامېرىكا سېستىمىسېدىكى ب د ت تەشكىلاتى بولسۇن،بەرىبىر ئۇلارنىڭلا دىگىنى دىگەن بولۇپ كەتمەيدۇ،ئەلۋەتتە بازار ئۇلارنىڭ قولىدا بولسىمۇ شۇلار قۇرغان بازاردا تېجارەت قىلىدىغان ئەزالار بولمىسا بولمىغانغا ئوخشاش.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

19

دوست

3974

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   65.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14768
يازما سانى: 435
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 34
تۆھپە : 1149
توردىكى ۋاقتى: 197
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 22:44:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامرىكا  دۇنيانىڭ غوجىسى بولدى   ،      جۇڭگۇ  ساختا مەھسۇلات ياسايدىغان چىمپىيۇن ،     ئىستىمال قىلىش باشلامچىسى بولدى .

تۈمەن ئۆركىشى

14

تېما

59

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   21.29%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4025
يازما سانى: 1598
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1636
تۆھپە : 4474
توردىكى ۋاقتى: 814
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-24 00:24:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي ‹‹قورقۇنۇچلۇق ئامېركا ››ئاخىرى يەنە بىر ئىشلارنى تېرىيدىغان بولدىدە...

0

تېما

1

دوست

3658

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   55.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31660
يازما سانى: 442
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1072
توردىكى ۋاقتى: 272
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-24 20:59:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامېرىكىنىڭ بۇقىتىمقىي پىلىتكىسى مۇرەككەپ ۋە قەدىمى سەل ئۇزۇندەك قىپ تۇرىدۇ.

1

تېما

1

دوست

1913

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   91.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28636
يازما سانى: 156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 570
توردىكى ۋاقتى: 84
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-24 23:26:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز جۇڭگۇ كومىنىستىك پارتىيىسىدىن ئىبارەت ئۇزۇن يىللىق جاھانگىرلارغا قارشى تۇرۇش تەجرىبىسىگە ۋە كۈچلۈك ئىقتىسادى ئاساسقا ئىگە بىر دۆلەتنىڭ پۇقرالىرى .شۇڭا دوللار ئاسارىتى رۇبىلى ئاسارىتى دىگەنلەر بىز ئۈچۈن بەرىبىر.شۇڭا مەن بۇنداق قۇرۇق گەپلەردىن ۋەھىمىگە چۈشمەي ئالما ئۇسۇلۇمنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئويناپ كۈندە بايرام خۇشاللىقىدىن بەھرىمەن بولىمەن .

----كىتابخۇمار----

9

تېما

76

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.55%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1363
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1035
تۆھپە : 3830
توردىكى ۋاقتى: 743
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-25 01:55:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇتۇلۇش مومكىنمۇ ھازىر ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )