قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 19377|ئىنكاس: 64

ھونلار كەپتۇ، قىيامەت بولغىدەك!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

1

دوست

918

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   83.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33673
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 274
توردىكى ۋاقتى: 64
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 16:00:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھونلار كەپتۇ، قىيامەت بولغىدەك!

ئەك.شىمىس (گىرمانىيە)



مىلادىيە 375-يىلى پۈتكۈل ياۋرۇپا يەر تەۋرىگەندەك تىترەپ كەتتى. ئاسىيادىن يوپۇرۇلۇپ كەلگەن ياۋايى ئاتلىقلار ياۋرۇپانىڭ شەرقىي چېگرىسىنى بۆسۈپ تاشلىدى.
«ھۇنلار كەپتۇ، قىيامەت بولغۇدەك!» ئەجەبا، بۇ «ئىنجىل» دا بىشارەت بېرىلگەن زامانىي ئاخىرنىڭ ئۆزىمىدۇ؟
ھۇنلار بېسىپ كېلىشتىن ئىلگىرى، رىم ئىمپىرىيەسىنىڭ شىمالى چېگرىسى دائىم بەدەۋىي قەبىلىلەرنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراپ تۇرسىمۇ، ئەمما رىملىقلارنى ھەقىقىي باش ئەگدۈرگەنلەر يەنىلا ھۇنلار بولدى.
1500 يىل ئىلگىرى ھۇنلار ياۋرۇپاغا يۈرۈش قىلغاندىن باشلاپ، ئۇلار ئاسىيادىن كەلگەن ۋەھىمە دەپ قارالدى. شۇ چاغدىن ئېتىبارەن مەدەنىيەتلىك غەرب دۇنياسىدىكىلەر ئۆزلىرىنى ساراسىمىگە سالغان شەرقلىق غەيرى قەۋملەردىن ھەزەر ئەيلەيدىغان بولۇپ قالدى.
ھۇنلارنىڭ ياۋرۇپاغا بېسىپ كىرىشى غەرب جەمئىيىتىدىكى ئەڭ چوڭ سىرلارنىڭ بىرى.
ھۇنلار يەر شارىدىكى ئەڭ مەشھۇر مىللەتلەرنىڭ بىرى. ئۇلار ئەينى چاغدىكى دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ ئىمپىرىيە بولمىش – جۇڭگۇ، پىرسىيە ۋە رىمغا تەھدىت سالغان بىردىنبىر مىللەت.
ھۇنلار يېزىقى يوق مىللەت بولغاچقا، زامانىمىز تارىخشۇناسلىرى بۈگۈنكى روسىيەنىڭ جەنۇبىدا ئولتۇراقلاشقان سىكەنتلەر ئارقىلىق ھۇنلارنى چۈشىنىشكە مەجبۇر بولماقتا.
رىملىقلار بۇ مۇقىم تۇرالغۇسى، مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادىتى يوق دەپ قارالغان ھۇنلارغا قىلچە قىزىقمىغان. لېكىن، ھۇنلار كىشىلەرنىڭ ئادەتتىكى چۈشەنچىسىدىكىدەك ھۆكۈمەتسىز پىدائىيلار بولماستىن، ئەكسىچە، تەشكىلچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك، يۈكسەك تەرەققىي قىلغان، مۇستەقىل مەدەنىيەتكە ئىگە مىللەتتۇر.
375-يىلدىن 469-يىلغىچە ھۇنلار ياۋرۇپاغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان يۈز يىلدەك جەرياندا، پۈتكۈل ھۇنلار ھاكىمىيىتىنىڭ سىياسىتىنى بەلگىلەيدىغان تەڭرىقۇتلار بىرلا جەمەتتىن كېلىپ چىققان.
ھۇنلار چارۋىچى ۋە چەۋەندازلا بولۇپ قالماستىن، ئۇلارنىڭ قول سانائىتىمۇ يۈكسەك تەرەققىي قىلغان. ھۇنلارنىڭ «سىرلىق قورالى» ئوقيانى ياساش ناھايىتى يۇقۇرى ھۈنەر ۋە مۇناسىپ بىلىملەرنى تەلەپ قىلىدۇ.
يۇنانلىق پىرىسكائۇس «ھۇنلار ناھايىتى مىھماندوست» دەپ تەسۋىرلىگەن. يۇنانلىقلار بىلەن قانداش بولغان رىملىق تارىخشۇناش ئامىيانوستۇر شەرقتىن كەلگەن بۇ كۆچمەن چارۋىچى مىللەتنى «مەدەنىيەتسىز چارۋىچىلار، ئىپتىدائىي تاش قورال دەۋرىدە تۇرۇۋاتقان تەرتىپسىز ئالامانلار» دەپ تەسۋىرلىگەن.
قانداشلىق جەھەتتىن موڭغۇللار بىلەن ئەمەس، بەلكى تۈركلەر بىلەن تېخىمۇ يېقىن بۇ مىللەتنىڭ زادى قانداق تىلدا سۆزلەشكەنلىكى ئالىملار ئۈچۈن بۈگۈنگىچە بىر سىر بولۇپ تۇرماقتا.
ھۇنلار ئۆي سالمىغان، شەھەرمۇ قۇرمىغان، ئۆلگەندىن كىيىن تاش لەھەتكە سېلىپ دەپنە قىلىش ئادىتىمۇ بولمىغاچقا، ئۇلاردىن قالغان ئىزلار ئاساسەن يوق دىيەرلىك.
قاتتىق زىلزىلە پەيدا قىلغان بىر ئارخىئولوگىيەلىك بايقاش كىشىلەرنى ھۇنلارنىڭ ئانا يۇرتى ئاسىيانىڭ ئەڭ شەرقىدە، بۈگۈنكى جۇڭگۇ بىلەن چاۋشيەن تۇتاشقان جايدا بولسا كېرەك دىگەن خۇلاسىگە كەلتۈرمەكتە.
كىشىلەر بۈگۈنكى موڭغۇلىيە ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنى ئۇرۇشقاق كۆچمەن چارۋىچى قەبىلىلەرنىڭ ماكانى دەپ قارايدىغان بولغان.
ھازىر نۇرغۇن تارىخشۇناسلار ياۋرۇپالىقلار تىلغا ئالغان ھۇنلار بىلەن جۇڭگۇلۇقلار ئېيتقان ھۇنلارنىڭ بىر مىللەت ياكى ئەمەسلىكىدىن گۇمانلانماقتا. ياۋرۇپالىقلار ئېيتقان ھۇنلار ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن ئوخشاش بولمىغان كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەردىن تەركىپ تاپقان بىرلەشكەن گەۋدە بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىرق تەۋەلىكى ھازىرغىچە ئېنىقلىنىپ چىققىنى يوق.
ھۇنلاردىن ئىبارەت بۇ كۆچمەن چارۋىچى مىللەت موڭغۇلىيە ئىگىزلىكىدىن يولغا چىقىپ، جەنۇپ ۋە غەرپ تەرەپلەرگە قاراپ ئىلگىرىلەپ، ئاسىيانىڭ كۆپ قىسىم زىمىنىنى ئىگەللىگەن. ھەتتا قۇدرەتلىك جۇڭگۇمۇ مەلۇم تەدبىر قوللىنىش ئارقىلىق ئۇلاردىن مۇداپىئەلىنىش كىرەكلىكىنى مۇۋاپىق كۆرگەن. شۇنىڭ بىلەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 214-يىلى ئىنسانىيەت تارىخىدا ھازىرغىچە كەم ئۇچرايدىغان ئەڭ كاتتا قۇرۇلۇش  سەددىچىن ۋۇجۇدقا كەلگەن. ئەينى چاغدىكى جۇڭگۇلۇق بىر ئەمەلدار ھۇنلارنى مۇنداق تەسۋىرلىگەن: «ئۇلارنىڭ كۆكرىكىدە سوقۇۋاتقىنى ياۋايى ھايۋانلارنىڭ يۈرىكى. ئەلمىساقتىن ئۇلار ئىنسانىيەتنىڭ بىر ئەزاسى دەپ قارالغان ئەمەس».
ھۇنلار ئىگەللىۋالغان جۇڭگۇ زىمىنىدا ئۆز ئۆيىدەكلا ياشاپ، ئۆزلىرىنىڭ تۇنجى دۆلىتىنى قۇرغان. ئۇلار شەھەرلەرگە ھۆكۈمران بولۇپ، خەنزۇلار بىلەن قۇدىلىشىش ئارقىلىق جۇڭگۇ جەمئىيىتىگە سىڭىپ كىرگەن. 350-يىلىغا كەلگەندە، بىر مەيدان ۋەھشىلەرچە ئېلىپ بېرىلغان ئىرقىي زىيانكەشلىك نەچچە ئەۋلاتتىن بىرى جۇڭگۇدا ئولتۇراقلىشىپ كەلگەن ھۇنلارنىڭ ئۇرۇقىنى قۇرۇتىۋەتكەن. ماتىرىياللاردا خاتىرىلىنىشىچە، ھۇنلاردىن قېرى-ياش، ئەر-ئايال، پۇقرا ۋە ئاقسۆڭەكلەر بولۇپ جەمئىي ئىككى يۈزمىڭ كىشى ئۆلتۈرۈلگەن. بۇ بىر يۈگەنسىز ھەم ھۆكۈمران بولغان مىللەت ئۈچۈن ئېيتقاندا، شۇبھىسىزكى، كىشىنى قاتتىق چۆچىتىدىغان ۋەقە.
ھايات قالغان ھۇنلار ئاۋۋال شىمالغا قاراپ قاچقان. ئۇلارنىڭ كۆچىشى نەتىجىسىدە، ئەسلىدە شىمالدا تۇرۇۋاتقان ھۇن قەبىلىلىرى غەرپكە كۆچۈشكە باشلىغان بولۇشى مۈمكىن. ئۇلارنىڭ كۆچۈپ كېتىشىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى، ھاۋا كىلىماتىنىڭ ئۆزگىرىشى بولسا كىرەك. بۈگۈنكى كۈندىمۇ موڭغۇلىيە ئىگىزلىكىدە چارۋا مال باقماق ناھايىتى مۈشكۈل ئىش بولۇپ، قارا قىش دائىم ئاپەت خاراكتىرلىك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ تۇرىدۇ. 1992-يىلدىكى زىمىستان قىش سوغۇقىدا، مۇشۇنداق قاباھەتلىك ھاۋا كىلىماتىغا ئالاھىدە ماسلىشالايدىغان قوتازلارمۇ توڭلاپ ئۆلگەن.
373-يىلدىكى پەۋقۇلئاددە قاتتىق سوغۇق قىش ھۇنلارغا ئېغىر بالايىئاپەت ئېلىپ كەلگەن. ئاچارچىلىق ۋە ئارتۇقچە نوپۇس ھۇنلارنى كۆچۈشكە مەجبۇرلىغان.ھۇنلار بىپايان موڭغۇلىيە ئىگىزلىكىدىن يولغا چىقىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، ئالتاي تاغلىرى، ئارال دېڭىزى، كاسپى دېڭىزى ۋە قارادېڭىزنى بويلاپ مېڭىپ ياۋرۇپادىكى كارپات تاغلىرىغا قاراپ ئىلگىرىلىگەن. بۈگۈنكى كۈندە تارىخشۇناسلار ھۇنلار بۇ يوللاردا قالدۇرۇپ كەتكەن ئىزلارنى تەكشۈرۈپ، ھۇنلار ئىشلەتكەن مەشھۇر مىس قازانلارنى تاپتى. بۇ مىس قازانلارنىڭ ئەڭ ئېغىرى ئەللىك نەچچە كىلوگىرام كىلىدۇ. بۇ مىس قازانلاردا ئىپادىلەنگەن قۇيمىچىلىق تېخنىكىسى بىلەن سىرتقى يۈزى ۋە گىرۋىكىدىكى بىزەكلەردە جۇڭگۇ سەنئىتىنىڭ تەسىرى بولۇپلا قالماستىن، يەنە ھۇنلارنىڭ ئۆزگىچە ئۇسلۇبىمۇ گەۋدىلەنگەن. بۇ مىس قازانلار بەلكىم دىن بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كىرەك.
ياۋرۇپالىقلار تۇنجى قىتىم ھۇن چەۋەندازلىرىنى كۆرگەندە، ئۇلارنىڭ ئات بىلەن بولغان شۇ قەدەر ئىجىللىقىدىن قاتتىق ھەيران قالغان. رىملىق بىر تارىخشۇناس: «ھەتتا يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى ئادەم تەنلىك ئاتمۇ ھۇنلاردەك ئات بىلەن مەھكەم باغلانغان ئەمەس» دەپ يازغان.
ھۇنلار بىلەن زامانداش كىشىلەر ھۇنلارنىڭ ئاتلىرىنى ۋىجىك، كۆرۈمسىز، تۈكلىرى پاخپايغان ھالەتتە تەسۋىرلىگەن.
ھۇنلارنىڭ ئۆزگىچە ئات ئىگىرى رىملىقلارنى ھەيرەتتە قالدۇرغان. ھۇنلارنىڭ ئىگىرى رىملىقلارنىڭكىدەك ئاتنىڭ تۆشىگە تارتىلىدىغان كۆندىن ياسالغان بولماستىن، ئىككى بېشى ئېگىز ياغاچ كۆتۈرگۈچلۈك بولۇشى بىلەن باشقا ئىگەرلەردىن پەرقلىنىدۇ. بۇنداق ئىگەردە ئولتۇرغان چەۋەنداز ئات ھەرقانچە چاپسىمۇ مەھكەم ئولتۇرالايدۇ. رىملىقلارنىڭ ئات مىنىش جەھەتتىكى قوپاللىقى تۈپەيلىدىن نۇرغۇن چەۋەندازلار دائىم جەڭدە تەڭپۇڭلۇقىنى يوقۇتۇپ ئاتتىن چۈشۈپ كېتىدىكەن. ھۇنلارنىڭ ئاتلىرى قاۋۇل ھەم چىداملىق، بوغۇزلۇق كىلىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، ھەر بىر ھۇن ئەسكىرىدە يەتتىدىن زاپاس ئات بولىدىكەن.
ئىگەردىن باشقا ھۇنلار يەنە ئاسىيادىن ئەينى چاغدا ئىنقىلاب خاراكتىرلىك بىر خىل يېڭىلىق ئېلىپ كەلگەن. ئۇ بولسىمۇ ياۋرۇپالىقلار كۆرۈپمۇ باقمىغان ئۈزەڭگىدۇر. ياغاچ ياكى تۆمۈردىن ياسالغان ئۈزەڭگە بەشىنچى ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ھۇنلار دەۋرى ئاخىرلىشاي دىگەندە ئاندىن مەيدانغا كەلگەن. ياغاچ ئىگەر ۋە ئۈزەڭگە بولغاچقا، ھۇن چەۋەندازلار ئاتقا مىنىپ ھەر تەرەپكە ئوق ئاتالىغان.
مىلادىدىن ئىلگىرىكى ئىككىنچى ئەسىردە، تەڭرىقۇت موتۇن «ھۇن» قەبىلىلىرىنىڭ بىرلەشكەن گەۋدىسىنى «ئوقياچى مىللەت» دەپ ئاتىغان. ھۇنلارنىڭ ئاجايىپ قورالى ئۆزگىچە لايىھەلەنگەن يا بىلەن يېڭىچە ئوقتۇر. ھۇنلار ئوقنىمۇ ئاسىيادىن ئېلىپ كەلگەن. ھۇنلار ئىشلەتكەن ئوقنىڭ دەستىسىگە ئالاھىدە تۆشۈك ئېچىلغان بولۇپ، ئاتقان ئوقتىن ئوخشىمىغان ئاۋازلار چىققان. مۇشۇنداق ئۇسۇل بىلەن ھۇنلار جەڭلەردە دۈشمەن ئۇقمايدىغان بۇيرۇقلارنى يەتكۈزگەن. ئوق بېشى تۆمۈردىن ياسالغان بولۇپ، ئۈچ قىرلىق، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن ئاتمىش سانتىمىتىر كىلىدۇ. ئوقنىڭ تېشىپ ئۆتۈش كۈچى جان ئالغۇدەك دەرىجىدە بولۇپ، بۇنداق ئوقنى ياۋرۇپالىقلار شۇ چاغقىچە ئۇچرىتىپ باقمىغان. ھۇنلار ئوقياسى بىلەن ئاتمىش مىتىر يىراقلىقتىكى نىشانغا دەل جايىدا تەككۈزەلەيدىكەن.
ھەربى جەھەتتىكى بۇنداق ئەۋزەللىككە ئىگە ھۇنلارنىڭ توساتتىن ياۋرۇپا چىگرىسىدا پەيدا بولۇشى ياۋرۇپالىقلارنى بىردىنلا زامانىي ئاخىر يېتىپ كەلگەندەك ساراسىمىگە چۈشۈرىۋەتكەن. ياۋرۇپالىقلار بۇنداق ئۇرۇش قىلىش ئۇسۇلىغا ئامالسىز قالغان. قەدىمدىن قالغان يۈزمۇيۈز ئىلىشىپ كۈچلۈكلەر غەلىبە قىلىدىغان ئۇرۇش قىلىش ئۇسۇلى بولسا ھازىر ئاقمايدىغان بولۇپ قالدى.
ھۇنلارنىڭ ئۇرۇش ئىستىراتىگىيەسى ئۇلارنى ئىنتايىن مۇھىم غەلىبىلەرگە ئېلىپ بارغان. 5-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ياشىغان يۇنانلىق تارىخشۇناس سوشموس «يېڭى تارىخ» دىگەن كىتابىدا ھۇنلارنىڭ ئۆزگىچە جەڭ قىلىش تاكتىكىسى ھەققىدە خاتىرە قالدۇرغان.
ھۇنلار تاكتىكىغا ناھايىتى ئەھمىيەت بىرىدۇ. كىمكى ھۇنلارنىڭ ئوقىدىن ئامان قالغان بولسا، ئۇ ھۇن چەۋەندازلىرىنىڭ قوش بىسلىق ئۇزۇن قىلىچىدىن ئاگاھ بولۇشى كىرەك. ھۇنلارنىڭ ئوقياسىغا ئوخشاش، بۇنداق قوش بىسلىق قىلىچىمىۇ ياۋرۇپالىقلارنىڭ قىلىچىدىن ئېشىپ چۈشىدۇ. ئۇرۇش ھۇنلار ئۈچۈن ئېيتقاندا خىزمەتتۇر. ئات بولسا ئۇلارنىڭ ئىش بىجىرىش ئورنى. ھۇنلار ھەم ئۆزى ئۈچۈن، ھەم باشقىلار ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىدۇ.
بۇ غەلىتە ھۇنلارنىڭ باشقىلاردىن پەرقلىنىدىغان تەرىپى شۇكى، ئۇلار ئىگەللىۋالغان زىمىنىنى قوغداپ قىلىشنىڭ كويىدا بولمايدۇ. ھۇنلار ھەرگىزمۇ ئۆزى تېرىقچىلىق قىلىش ئۈچۈن دىھقانلارنى ئېتىزلىقىدىن قوغلاپ چىقارمايدۇ. شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئارامبەخش ئۆيىنى تارتىۋىلىش ئۈچۈن ئۇلارنى شەھەردىن قوغلىمايدۇ. ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئېرىشىش ئۈچۈنمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ھۆكۈمەتنى تارقىتىۋەتمەيدۇ. ئۇلار شەپقەتسىزلەرچە بۇلاپ-تالاپ، قىرغىنچىلىق قىلىدۇ. شۇڭا ئۇلار كىشىلەر بىلىدىغان ھەممە دۈشمەنلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ قورقۇنۇچلۇق. پىشىۋا پوپلار بۇنىڭدىن ساراسىمىگە چۈشۈپ، (زامانىي ئاخىرنىڭ بىشارىتىدە تەسۋىرلەنگەن چەۋەندازلار ئەمدى كەپتۇ، ھۇنلار جازالىغۇچىلاركەن، بۇ دىگەن «تەڭرىنىڭ جازاسى») دەپ ئويلاپ قىلىشقان. ھالاكەتلىك كۈنلەر يېقىنلاشقاندا، ئاۋگوستىنۇس: «دۇنيا ھالاكەت گىردابىغا بېرىپ قالدى، پات ئارىدا يوقالغۇسى» دەپ يازغان.

(مەنبە: ئۆمەرجان نۇرى تەرجىمە قىلغان، گىرمانىيەلىك ئەك.شىمىس يازغان «ئاتتىللا ھەققىدە رىۋايەت».
قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 2004-يىل 4-ئاي نەشرى
يۆتكەپ كىلىندى . يوللىغۇچى قاراخان

17

تېما

28

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.76%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 1543
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 4360
توردىكى ۋاقتى: 1730
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 18:45:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  سەددىچىن سىپىلىنىڭ ھۇنلاردىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن قۇرۇلغانلىقى بىز كىچىك ۋاقىتتا تارىخ دەرسىدە بار ئىدى...
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

2

دوست

4737

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   91.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12157
يازما سانى: 254
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 236
تۆھپە : 1348
توردىكى ۋاقتى: 272
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 19:53:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھونلار كەپتۇ قىيامەت كەپتۇدەك...دىيىشەركەن تارىختىكى  ئۆتكەن كىشىلەر.ئەمدى يەجۈجى مەجۈجلەر كىلەرمىش قىيامەت قايىم بولارمىش دەيمىش خاتىرلەردە...ھونلار  ئاسىيالىق ئىكەنلىكى،كىيىن ياۋرۇپانى باسقىن قىلغانلىقى رىئاللىقكەن.يەجۈبجى مەجۈجىلەر مۇ ئاسىيادىن كىلەرمۇ ،،،تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ دەپ باقتىم.

0

تېما

4

دوست

2105

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   3.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33619
يازما سانى: 218
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 614
توردىكى ۋاقتى: 231
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 22:06:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    سەددىچىن سېپىلىنىڭ قۇرۇلۇشقا باشلىغان ۋاقتىنى كېيىن دەپ قويۇپسىز ، جۇڭگونىڭ يېغلىق دەۋرىدىن باشلاپلا سېلىنىشقا باشلىغان ، يەنى بەگلىكلەر ئارا سېپىل . شۇڭا ھازىر ھەتتا خۇبېيدىمۇ سەددىچىن سېپىلى ئىزناسى بار ، لېكىن بەگلىكلەر ئارا سېپىللار ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىر دۆلەتكە ئايلانغاندىن كېيىن قايتا مۇكەممەللەشتۈرۈلمىگەن . ھونلار قورقۇتۇپ باشلاپ بەرگىنى يوق ، كۆچمەن بولمىغان دۆلەتنىڭ كۆچمەن چارۋىچى دۆلەتكە بولغان تەدبىرى . شۇڭا ئامالسىز بارا-بارا مۇكەممەللەشكەن سېپىل ئۇ .

0

تېما

19

دوست

3974

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   65.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14768
يازما سانى: 435
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 34
تۆھپە : 1149
توردىكى ۋاقتى: 197
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 22:16:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ كىتاپنى  تاپقىلى بۇلامدۇ  ،  ئىلىپ مەن ساقلاپ قۇياي دىگەن  .

0

تېما

3

دوست

1465

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   46.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17973
يازما سانى: 106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 438
توردىكى ۋاقتى: 78
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 23:24:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
izqel يوللىغان ۋاقتى  2015-1-23 19:53
ھونلار كەپتۇ قىيامەت كەپتۇدەك...دىيىشەركەن تارىختىكى   ...

سەددى ئىسكەندەرنى ئوقۇسىڭىز بولىدۇ قېرىندىشىم،جاۋابى شۇنىڭدا.....

0

تېما

0

دوست

409

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   54.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32921
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 128
توردىكى ۋاقتى: 17
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 23:54:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر يىللىرى لۇشۈننىڭ كىتاۋىنى ئوقىۋىتىپ سەددىچىن سېپىلى جوڭگۇلۇقلار ئۈچۈن نومۇس دىگەن يىرىنى ئوقۇغاندەك قىلغانتىم.

0

تېما

0

دوست

1076

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   7.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33767
يازما سانى: 98
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 326
توردىكى ۋاقتى: 57
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-24 01:56:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئاتىللا دىگەن كىنونى كورگەن ئۇنىڭدا رىملىقلار ئاتىللا باشچىلىقىدىكى ھونلاردىن قورقىدىغانلىقى سوزلەنگەن ئۇ كىنو راسلا تارىخقا ئۇيغۇنمۇ بىلىدىغانلا بولسا ئاۋايلىماي جاۋاب بەرسەڭلا
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )