قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 179|ئىنكاس: 1

动车 نى زادى نېمە دەيمىز؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

9

تېما

4

دوست

3385

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   46.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5922
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 512
تۆھپە : 710
توردىكى ۋاقتى: 132
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 17:09:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   koktash تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-24 01:12  

动车 دىيارىمىزغا كىرىشنىڭ ئالدى كەينىدە،  ھەر قايسى مەتبۇئاتلار ۋە ئورگانلار بۇنى ھەرخىل تەرجىمە قىلىپ ئاتاپ كەلدى. مەسىلەن: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئوسى «چاقماق پويىز»،خەلق تورى «ئېلېكتروۋۇز»، شىنجاڭ گېزىتى «چاتما دىۋىگاتىللىق پويىز»، شىنجاڭ تېلېۋىزىيىسى «دىۋىگاتىللىق پويىز»، تىل- يېزىق كومىتېتى ئاتالغۇ ئىشخانىسى «تېزپويىز» ۋە «دىنامىك پويىز» دەپ ئاتىدى.
شۇنىڭدىن كېيىنلا، 动车نى نېمە دەپ ئاتاش توغرىلىق نۇرغۇن بەس- مۇنازىرىلەر بولۇپ، ئاخىرى تىلشۇناسلارنىڭ بېكىتىشى ئارقىلىق، «تېز پويىز» دەپ ئاتاشقا كېلىپ توختاي دەپ قالدى.ئەلۋەتتە،بۇنداق بىرلىككە كېلىش بىر ياخشى ئىش، لېكىن بۇ «تېز پويىز» كەلىمىسى خەنزۇتىلىدىكى 快车بىلەن ئورۇن تالىشىپ قېلىپ، بەزى ئۇقۇشماسلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. مەسىلەن: «ئۇ بۈگۈن تېزپويىزغا ئولتۇرۇپ كېلىدۇ» دېسە،动车غا ئولتۇرۇپ كەلدى دەپ چۈشەنسەك بولامدۇ، ياكى 快车غىمۇ؟
ھازىر ئۇيغۇرتىلىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىش ئېھتىياجىمۇ بارغانسېرى ئاشماقتا. ئۇنداقتا جۈملەئارىسىدىكى «تېز پويىز » دېگەن ئىبارىنى 快车 دەپ تەرجىمە قىلىش كېرەكمۇ ياكى 动车دېيىشمۇ؟
بىرلىككە كەلتۈردۇق دېگەن بىلەن، «تېز پويىز»ئىبارىسىنىڭ ئۇقۇم خاتالىقى كېلىپ چىقش ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى.
ئەگەر تەرجىمان ئەمەلىي ئەھۋالنى بىلمەي، 快车 نى 动车 دەپ خاتا تەرجىمە قىلىپ قويسا، بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگەئېلىپ، جەرىمانە تۆلەش ئېھتىماللىقى كۆرىلىدۇ. لېكىن «تېز پويىز» دەپ بېكىتكەن تىلشۇناسلار ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ. مەن ئۆزەم بىر تەرجىمان بولغانىقىم ئۈچۈن، بۇ نۇقتىنى ئېنىق چۈشىنىمەن. شۇڭا مەزكۇر تېمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.
شۇڭا، بۇنداق مەنە تالشىپ قالىدىغان «تېز پويىز»سۆزىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش تىلشۇناسقا ئاسان، تەرجىمانغا خەتەرلىك، ئاۋام خەلقكەمۇجىمەل بولۇپ قالىدۇ.
بەلكىم بەزى تىلشۇناسلار "كونتېكىستكە قاراپتەرجىمە قىلىش"نى تەكىتلىشى مۇمكىن، لېكىن بەزىدە كونتېكىستكە قاراش مۇمكىنبولمىغان جۈملىلەر تەرجىماننىڭ قولىغا كېلىپ قالىدۇ. مەسىلەن: «تېز پويىزغابۇياقتىن چىقىڭ» دېگەن بىر جۈملە سۆزنى خەنزۇچىغا قانداق تەرجىمە قىلىش كېرەك؟
从这里乘坐快车
ياكى
从这里乘坐动车
ھازىر ئېنتېرنېت دەۋرى بولغاچقا، كۆپىنچەتەرجىمانلار ئاپتور ياكى خەت ئىگىسى بىلەن يۈز كۆرۈشمىگە ئەھۋال ئاستىدا، ئارىدىكىۋاكالەتچى بىلەن ئالاقە قىلىش ئارقىلىق تەرجىمە ئىشلىرىنى ئېلىپ بارىۋاتىدۇ.بۇنداق ئەھۋالدا، «تېز پويىز»نىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسى خاتا بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقىئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ.
شۇڭا، تەكلىۋىم شۇكى، بۇنىڭغا چوقۇم باشقىچە ئىسىم قويۇش كېرەك.
خەنزۇچە ۋە ئېنگلىز تىللىرىدا، ئۇزۇن ئاتالغۇلارنى قىسقارتىپ سۆز ياسايدىغان ئەھۋال مەۋجۇت. خەنزۇ تىلىنى دېمەيلا تۇرايلى(چۈنكى بۇ ھەممەيلەنگە ئايان)، ئېنگلىز تىلىدىكى kidult سۆزى kid+adult (بالا+قۇرامىغا يەتكەنلەر) نىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ياسالغان، بۇلارچوڭ بولۇپ قېلىپمۇ، ياش بالىلاردەك ياسىنىپ يۈرۈيدىغان ياشانغانلارغا قارىتىلىدۇ.يەنە motel سۆزى motor+hotel (مېھمانخانا+ئاپتوموبىل)نىڭ بىرىكىشىدىن تۈزۈلگەن، بۇلار ئاساسەنئاپتوموبىل توختالغۇسى بار مېھمانخانىلارنى كۆرسىتىدۇ.
ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ تىلىمىزدىمۇ مۇشۇنداققىسقارتىلغان سۆزلەر بار. مەسىلەن: كومپارتىيە (كوممۇنىستىك پارتىيە)، پارتىكوم(پارتىيە ياچىيكا كومىتېتى) دېگەندەكلەر. بۇ يەردىكى ئىككى «كوم» نىڭ كېلىشمەنبەسى ۋە مەنىسى ئوخشىمايدۇ. بىرسى «كوممىنىست» سۆزىدىن،  يەنە بىرسى «كومىتېت» سۆزىدىن قسىقارغان.
بۇنىڭدىن نەچچە يىل ئاۋۋال، يەنە «تىلكوم» (تىل-يېزىق كومىتېتى)، يۇمتال (يۇمشاق دېتال) دېگەندەك قىسقارتىلغان سۆزلەر ياسىلىپقالدى. لېكىن بۇ سۆزلەرنى رەسمىي ھۆكۈمەت يېزىقىدا ئىشلەتمىگەن، ھەتتا تىلشۇناسلارئېتراپ قىلمىغان بولسىمۇ، مەلۇم دەرىجىدە ئاممىباپلىققا ئىگە بولۇپ قالدى.ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، تىلىمىزدىكى ئاتالغۇلارنى بۇنداق قىسقارتىشنىڭ قانۇنىيىتىئېنىق ئەمەس، شۇڭا تىلشۇناسلارمۇ ئالدىراپ بىر نەرسە دېمەيۋاتىدۇ. قانۇنىيەتچىقىرىش ئۈچۈن، چوقۇم يېتەرلىك سۆز مىسالى بولۇشى كېرەك. ئاران  4 تال سۆزگە ئاساسلىنىپ بىرەر قانۇنىيەتچىقىرىش ھەقىقەتەن تەس.
ئەمدى 动车نىڭ گېپىگەقايتىپ كەلسەك، بۇ سۆزنىمۇ يۇقارقىدەك قىسقارتىپ ئېيتىش مۇمكىن.
بەزىلەر بۇنى توك پويىزدەپ باقتى، «تېز پويىز» سۆزىنىڭ بېشىدىمۇ «ت» ھەرىپى بار، شۇڭا «ت» ھەرىپىنى باشقىلىپ، «تويىز» ياكى «ت- پويىز» دېگەن سۆزنى چىقىرىش مۇمكىن. بۇ يەردىكى «ت» توكۋە تېز دېگەن سۆزلەرنى ئىپادىلەيدۇ. يەنە كېلىپ تۆمۈريولنى تۆت توختاپتاماملايدىغان توكلۇق تېز پويىز دېسەكمۇ بولىدۇ. بۇلار ھەممىسى «ت» ھەرىپىدىنباشلانغان سۆزلەردۇر (بۇ پەقەت سۆز ئويۇنى خالاس). بۇ پويىز دىيارىمىز تەۋەسىدەقۇمۇل- پىچان- تۇرپان- ئۈرۈمچىدىن ئىبارەت 4 بېكەتتە توختايدۇ. ئەلۋەتتە، كېيىنچەباشقا يەرلەرگىمۇ كېڭىيىشى مۇمكىن.
لېكىن بىزنىڭ بۇ يەردىكىمەقسىتىمىز- مەيلى قانداق سۆز بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، «تېز پويىز» ئاتالغۇسىدىنباشقا، ئىخچام بىر ئاتالغۇنى بارلىققا كەلتۈرۈش.  بىر ئائىلىدە بىر بوۋاق تۇغۇلسا، دادىسى «ئەمەت»دەپ ئىسىم قويسا بۇندىن كېيىن بوۋاقنىڭ ئىسمى «ئەمەت» بولىدۇ، «مەممەت» دەپ قويسا بۇندىنكېيىن «مەممەت» بولىدۇ. ئىش شۇنچىلىك ئاددى. گەپ ئىخچام بىر ئىسىم قويۇشتىنئىبارەت. 20- 30 يىل ئاۋۋال، 动车 دېسە مۇتلەق كۆپ خەنزۇ ئاممىسى تەسەۋۇر قىلالماسلىقى، ھەتتا خاتائويلاپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى. ئاشۇ پويىزنى ھۆكۈمەت ياساپ، بېشىغا 动车 دېگەن قالپاقنى كەيدۈرىۋىدى، مانا ھازىر پۈتۈن جۇڭگو بىلىدىغانبولۇپ كەتتى.
ئۇنىڭدىن باشقا، بۇپويىزنىڭ سىرتقى شەكلى تاپانچا ئوقىغا ئوخشاپ كەتكەچكە، «ئوق پويىز» دېسىمۇ بولىدۇ.ئۇنىڭئۈستىگە، بۇ پويىز ئوقتەك تېز ماڭىدۇ. (ئەلۋەتتە، ئوقنىڭ سۈرئىتىگە يېتەلمەيدۇ)
高铁نى تۆمۈريولغا ماس ھالدا تۆمۈرئىز= تۆمۈرىز دەپ ئاتاشمۇمكىن. چۈنكى «يول»  بىلەن «ئىز» ھەمئوخشىشىدۇ ھەم پەرقلىنىدۇ. ئىز يولغا قارىغاندا تۈزىرەك بولىدۇ. بۇ 高铁 نىڭ تۆمۈريولغا قارىغاندا تۈزلىكىگە ماس كېلىدۇ. ئەگەر «تۆمۈرىز»نىبولمايدۇ دېسەك، «ت- تۆمۈريول» دېسىمۇ بولىدۇ. بۇ ت- پويىزغا ماس كېلىدۇ. يەنەكېلىپ،高铁مۇتۆمۈريولنىڭ بىر خىلى ھېساپلىنىدۇ، پەقەت ئۈستىدە ماڭىدىغان پويىزنىڭ سۈرئىتى ۋەئىقتىدارى ئوخشىمايدۇ.
بۇ高铁 نى دېمەي تۇرايلى، ئالدى بىلەن动车نى نېمە دەپئاتاش ھەققىدە بۇ يەردە ئۈچ نامزات سۆز بار، تۆتىنچى نامزات سىزنىڭ باشقىچە پىكىرىڭىز، 4-سىنى تاللىسىڭىز، چوقۇم ئىنكاس شەكلىدە ئۆز پىكىرىڭىزنىيېزىپ قويۇڭ، ياخشى پىكىرلەر پىنھان قالمىسۇن (لېكىن سۆز ئىخچام بولسۇن):
1.       تويىز
2.       ت- پويىز
3.       ئوق پويىز
4.       باشقىچەپىكىرىم بار


(تاق تاللاش)سايلام , قاتناشقانلار
50.00% (1)
0.00% (0)
0.00% (0)
50.00% (1)
سىز تەۋە ئەزا گۇرۇپپىسى بېلەت تاشلىيالمايدۇ

9

تېما

4

دوست

3385

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   46.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5922
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 512
تۆھپە : 710
توردىكى ۋاقتى: 132
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-24 17:29:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بېلەت تاشلاش ستونى سەل ئالمىشىپ قالدىمۇ قانداق؟!
باشقىچە پىكىرىم بار دېگەن تاللاش 4-ستوندا بولۇشى كېرەك ئىدى. بەلكىم توربەتتىكى چاتاق بولۇشى مۇمكىن.
مەيلى كېرەك يوق،
1. ت- پويىز
2. ئوق پويىز
3. باشقىچە پىكىرىم بار
4. تويىز
مۇشۇ بويىچە بولىۋەرسۇن!
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )