ئوقۇتقۇچىلارغا مەكتەپ فورمىسى سېتىش ھەققىدە مەخسۇس بەلگىلىمە بارمۇ ؟
تورداشلارغا ئايان بولسا كېرەك ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جەميەت تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجى ، دۆلىتىمىز ئۇنۋېرسال كۈچىنىڭ ئېشىشى ، ئىقتىسادنىڭ تەرەققى قىلىشى بىلەن جەميەتتىكى تۈرلىك كەسىپ ئورۇنلىردا خىزمەت قىلىۋاتقان ،بولۇپمۇ فورما كىيىپ خىزمەت قىلىدىغان ئورۇنلاردىكى خادىملارنىڭ خىزمەت فورمىسى سۈپەت ، لاھيە -نۇسخىللىرى يىلدىن- يىلغا يېڭىلىنىپ ئۇلارنىڭ قەددى -قامىتىگە سالاپەت ،جەسۇرلۇق مۇجەسسەملىنىپ ، خىزمەتلىرگە ئاجايىپ قولايلىق بېغىشلىدى. خىزمەت فورمىسى كىيىپ خىزمەت قىلىدىغان ئورۇنلاردا چوقۇم فورما كىيىپ خىزمەت قىلمىسا نۇرغۇن ئاۋارچىلىقنىڭ كېلىپ چىقىشى ئېنىق ، قاتناش ساقچىسى فورمىسىز قاتناش باشقۇرالمايدۇ .شەھەر باشقۇرغۇچىلار فورما كىيىپ تەرتىپ ساقلىمىسا قانۇنسىز يايمىكەشلەر ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىمايدۇ .ساناپ كەلسەك جەميەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىردا خىزمەت فورمىسى كەيمەي شۇ خىل خىزمەتنى قىلغىلى بولمايدىغان ساھەلەر كۆپ ، بۇنى كۆپ ئادەم بىلىدۇ .ئەمدى بۇنىڭ ئەكسىچە خىزمەت فورمىسى كىيمەي خىزمەت قىلىدىغان ساھەلەرمۇ نۇرغۇن ، چۈنكى بۇ ساھە نورمال كىيىنسىلا كىشىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىغا تەسىر قىلمايدىغان بولغاچقا ئېھتىياج شۇنى بەلگىلىگەن .
ئەمدى گەپنىڭ نىگىزىگە كەلسەك مائارىپ ئۈچۈن فورما زۆرۇرمۇ يوق ؟ مۇشۇ تېمىدا تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىپ بېقىشنى ئويلاپ تۇنجى بۇ تېمىنى يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن .بۇ ئۆزەمنىڭ كۆرگەن ئاڭلىغانلىرغا ئاساسەن ئوتتۇرغا تاشلانغان تېما ، ئۆزەمنىڭ شەخسى قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ ئەلۋەتتە .جايلاردىكى بىر قىسىم ھەر دەرجىلىك مەكتەپلەر ،بۇرۇندىن مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ فورمىسى كىيىشنى تەشەببۇس قىلىپ ، ئوقۇغۇچىلارغا مەكتەپ تارقاتقاننى ئاڭلىغان ياكى كۆرگەن ، كىيگەن . بۇ ئەھۋال ھازىرغىچە ئومۇمىيۇزلىك ئەمەس بولۇپ ، بۇ سوقا -سۆھبەت تېمىسىغا خۇرۇج بولغىدەك چوڭ ئىشمۇ ئەمەس ئىدى . يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇشامال ئۈزلىكسىز كۈچىيىپ يېزا -كەنىت باشلانغۇچ مەكتەپلىرگىچە كېڭەيدى ! بىر خىل ، رەتلىك ، چىرايلىق كىينىپ سىنىپلاردا ئولتۇرغان پەرزەنتلەنى كۆرسە ھەرقانداق ئادەمنى ھاياجان بېسىپ ئپتىخارلىق تۇيغۇسىنىڭ ئويغىنىشى ئېنىق .نۇرغۇن مەكتەپلەر مىللىي خاسلىققا ئىگە مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار فورمىسى لاھيەلەپ بالىلارنىڭ ئۇچىسىغا چىقىرىپ ، بالىلارنىڭ شۇنداق روھلۇق ، جەڭگىۋار قىياپىتىنى ھەرقايسى تاراتقۇلاردا نامايەن قىلىپ ، كىشىلەرنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرىپمۇ ئۇلگىرگەن ئىدى .ياخشى تەرپىنى ئويلىغاندا بۇ بىر كاتتا ئىش ! بۇ ئىشنىڭ پايدىسىنى ئەقلى جايىدا ھەرقانداق ئادەم ھىس قىلالايدۇ . ئەلۋەتتە مەكتەپ فورمىسىنى تىكىپ مەكتەپكە ساتقان ئادەم ئۇنى پۇلغا ساتىدۇ- دە . مەسىلە مۇشۇ يەردە !
بىر قىسىم مەكتەپلەر بۇ مەسىلىنى مۇۋاپىق ھەل قىلدى . ئۇلار جەميەتنى ھەركەتلەندۇرۇپ ‹‹ ساخاۋەتچى›› لەرنى تەسىرلەندۈردى ، ئاتا ئانىلار بىر قىسمىنى ئۈستىگە ئالدى ، باشقا ئاماللارنى قىلدى . ھەرھالدا ئوقۇغۇچىلار رەتلىك كىينىپ مەكتەپكە كەلگەن بولدى ، پائالىيەتلەر جانلىق ، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ مېڭىپ -تۇرۇشلىرى بۇرۇنقىدىن چەندان باشقىچە . بۇ قىياپەت رەھبەرلىكنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرشىگە ئېرىشىپ ،مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ خىزمىتى مۇشۇ ئىش تۈپەيلى ئالاھىدە گەۋدىلەنگەن بولدى .شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ شارائىتى بىلەن ھىساپلاشماي بۇ ئىشقا قەدەم ئېلىپ ئوقۇتقۇچى، ئاتا -ئانا ۋە جەميەتكە ئىختىزادى بېسىم پەيدا قىلغانلارمۇ ئاز بولمىدى .بالا چوڭ بولىدۇ كىيىم كونىرايدۇ . بۇ ئىش ئىزچىللىقتىن قالغانمۇ بولدى . ئەمما ئوقۇغۇچىلاردىن كىيىمنىڭ پۇلىسىنى يىغىپ جايىغا كەلتۈرۈشمۇ ئاسان ئەمەس . ئەمدى نۆۋەت ئوقۇتقۇچىغا ، چۈنكى ئۇلارنىڭ مۇئاشى بار -دە . فورما شامىلى ھازىر ئوقۇتقۇچىلانى باسقىلى تۇردى . ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت فورمىسىنى بىرخىللاشتۇرۇش شامىلى ،دىيارىمىزدا ،ھەر دەرجىلىك مەكتەپلەرنى قاپلىدى .ھەر ئىشنىڭ نورمال بولغىنى تۈزۈك ئىدى ! بازاردا 30-40 يۇئەلىك كۆينەكلەر ئۇلارغا ھەسسىلەپ باھادا تېڭىلماقتا ، شۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم مەكتەپنىڭ رەھبەرلىگى كىيىم سودىگىرىگە ئايلاندى . مەن بۇ يەردە مۇشۇنچىلىك كاتالىزاتورلاپ قويسام، مۇشۇ كۇندە ياشاۋاتقان ئوقۇتقۇچى تورداشلار كۆرگەنلىرنى ، ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەنلىرنى چوقۇم ئىنكاسلىردا كەڭرى ئوتتۇردا قويدۇ ، مەن بۇنىڭغا ئىشىنىمە .
ئەمدى سوراپ باقسام ؛ 1- دۆلەتنىڭ ،ھەر دەرجىلىك مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ فورمىسىنى چوقۇم بىر خىللاشتۇرۇش ھەققىدە مەخسۇس بەلگىلىمىسى بارمۇ ؟ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەكىتلىنىۋاتقان شارائىتتا ‹‹ ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى›› دا بۇنىڭغا دائىر ماددا كىرگۈزۈلگەنمۇ ؟
2- بۇ ھەقتە بەلگىلىمە بار دېگەندىمۇ ئىختىسادنى كىم ئۇستىگە ئالىدۇ ؟ قانداق ئۈستىگە ئالىدۇ ؟ مەجبۇرلاش خاراكتىرنى ئالغانمۇ ؟
3- مەخسۇس لاھىيەلەنگەن بىر ئۆلچەم بارمۇ ياكى مەكتەپ رەھبەرلىگىنىڭ خائىشىنى ئاساس قىلامدۇ ؟
تورداشلارنىڭ مۇلاھيىزە قىلىپ بېقىشىنى سورايمەن . |