قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3498|ئىنكاس: 8

راست سۆزلىتىش دورىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

4

دوست

776

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   55.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33131
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 260
توردىكى ۋاقتى: 32
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 20:12:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقىنىڭ ئىقرار دورىسىنى
بەس مۇنازىرىسىنى قايتا قوزغىشى

  مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى، فېدراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى ۋېليام ۋېبستېرنىڭ پەيشەنبە كۈنى مۇنداق دەيدۇ: ئامېرىكا كۇبانىڭ گۇئانتانامو ۋە باشقا جايلارغا قامالغان بازا تەشكىلاتى ۋە تالىبان ئەسىرلىرىدىن تېرورلۇق ھەرىكەت توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇلارغا «راست سۆزلىتىش دورىسى» ئىشلىتىشنى ئويلىشىشى كېرەك.
  ۋېبستېر مۇنداق دەيدۇ: ناتري تىئوباربىتۇرات قاتارلىق دورا ياكى باشقا زوراۋانلىق ئىشلەتمەيدىغان «تاجاۋۇز» ۋاستىسىدىن پايدىلىنىش كىرمەيدىغان تۆشۈكى يوق بازا تەشكىلاتى يەر شارى تورىغا تاقابىل تۇرۇشتا تېخىمۇ ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى. «بىز ئادەتتىن تاشقىرى  يېڭى ئۇسۇللارنى سىناپ بېقىشىمىز كېرەك.»
        __— «بۈگۈنكى ئامېرىكا»، 2002-يىل 4-ئاينىڭ 26-كۈنى
1
   سۇسان ۋول ھۇشىغا كەلگەندىن كېيىن كۆز ئالدىدىكى بۇ كۆرۈنۈشتىن ھەيران قالدى: دادام نېمىشقا كارۋاتنىڭ بېشىدا ئولتۇرىدۇ؟ بۇ چاغنىڭ ئۆزىدە ئۇ ئەنگىلىيەدىكى ئۆيدە بولۇشى كېرەكتىغۇ. بەدىنىمنىڭ سول يېرىمى ھېچنېمىنى سەزمەيدىغۇ؟ ئۇ شۇلارنى ئويلاپلا يەنە ھۇشىدىن كەتتى.
سۇسان قايتا ھۇشىغا كەلگەندە ياتاقتا ئىككى نەپەر ئىسپاىيە ساقچىسى پەيدا بولغانىدى. ئۇلار سۇساندىن ئاشۇ ھادىسىنىنىڭ ئېسىدە بار، يوقلىقىنى سورىدى، سۇسان ھېچنېمىنى چۈشەنمەيۋاتاتتى. ساقچىلار بىر نەچچە قۇر ئەسكى كىيىم ۋە سېرىق رەڭلىك بىر جۈپ ئاياغنى چىقاردى، بۇ نەرسىلەر سۇسانغا تونۇشتەك بىلىندى. بۇ مېنىڭ ئايىغىم ئوخشىمامدۇ، دەپ ئويلىدى ئۇ. ئەمما ئۇ ئاياغ كلايرنىڭ بولۇشىمۇ مۇمكىن ئىدى، شۇغىنىسى سۇسان ئېسىگە ئالالمىدى.
كلاير! كلاير قەيەردە؟
   سۇسان پەقەت 6-ئايدا نوتتىڭ خىلل ئولتۇراق بىناسىدا كلاير بىلەن ئۆتكۈزگەن يىغىلىشىتىكى ۋاقتىنىلا ئەسلىيەلەيتتى. ئۇلار ئىككىنچى كۈنى مالوركا ئارىلىغا دەم ئېلىشقا بارماقچى بولغان، بۇ يىغىلىش شۇ يەرگە ئۇزىتىش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.
  يىغىلىش بەك پەيزى بولدى. ئۇ 1965-يىلى ياز بولۇپ، بېتلېس مۇزىكا ئەتىرىتى تازا دەۋر سۈرگەن ۋاقتى ئىدى. سۇسان، كلاير دوستلىرى بىلەن بولۇشىغا ئۇسسۇل ئويناشتى، ئۆينىڭ ئىچى قايناپ كەتكەنىدى. سۇسان تۇڭلۇكنى ئېچىۋېدى ھەممەيلەن ئۆگزىگە چىقىشتى. كلاير قاھقاھلاپ كۈلگىنىچە قوشنىلارنىڭ ئۆگزىسىدە چېپىپ يۈردى. بۇ ئاخشام تولىمۇ پەيزى ئۆتكەنىدى.
  شۇغىنىسى بۇ سۇسان ئەسلىيەلەيدىغان بىردىن بىر خاتىرىسى ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئالتە ھەپتە بۇرۇنقى ئىش ئىدى.
  سۇسان دادىسىغا كلايرغا خەت يازماقچى ئىكەنلكىنى ئېيتتى. نېمىلا دېگەن بىلەن كلاير ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى دوستىدە، ئۇنىڭ چوقۇم سۇساننىڭ ساق-سالامەت ئىكەنلىكى بىلگۈسى بار.
— بۇ ياخشى گەپ بولدى، خەتنى پوچتىدىن مەن سېلىۋېتەي،— دېدى سۇساننىڭ دادىسى.
  كلايردىن خەت كەلمىدى. سۇسان يەنە بىر پارچە يازدى، يەنىلا جاۋاب كەلمىدى. بۇ بىراز غەلىتە تۇيۇلدى، بىراق ئۇ چاغدىكى ھەر بىر ئىش قارىماققا ناھايىتى غەلىتە تۇيۇلاتتى. دوختۇرخانا، سېستىرا يەنە ئاۋۇ ساقچىلار، ھەممەيلەن سۇسانغا ئەنسىرىمەڭ، بىر مەزگىلدىن كېيىن چوقۇم ئۆيگە قايتىسىز، دەيتتى.
  ئىككى ھەپتىدىن كېيىن سۇسان ئەنگىلىيەگە قايتتى. ئۇ ئانىسىغا بالنىستتا ياتقان چېغىمدا كلاير بىر پارچىمۇ خەت يازمىدى، بۇ تەرىپى ئۇنىڭغا پەقەتلا ئوخشىماي قالدى،دەپ دادلاپ بەردى.
— كېلىڭ قىزىم، چاي ئىچىڭە، بىز بىراز پاراڭلىشايلى، — دېدى ئانىسى.
ئىككەيلەن مېھمانخانىدا ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىشقا باشلىدى، ئانىسى كلايرنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. كلاير مالوركادا قاتناش ھادىسىسىدە قازا قىلغانىدى.
  كلايرنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىك خەۋىرى سۇساننىڭ كېسىلىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى. بەدىنىنىڭ سول تەرىپىنى يەنىلا باشقۇرالمايتتى، خاتىرىسىمۇ ئەسلىگە كەلمىدى. ئۇ قېتىمقى دەم ئېلىشتا سۇساننىڭ ئېسىدە قالغىنى پەقەت كلاير بىلەن قزىرىشىپ قالغىنى ئىدى. سۇساننىڭ روھى چۈشكۈن بولۇپ، كلارنىڭ ئۆلۈمىدە مەسئۇلىيىتىم بار دەپ قارايتتى. دوختۇر سۇساندا چوڭ چاتاق دېگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭدا پەقەت ياخشىلىنىش ئالامىتى كۆرۈنمەيتتى.ئۇنتۇغاقلىق ئۇنى قىينىماقتا، ئۇ پەقەت ئۆزىنىڭ ئىسمىنى، قەيەردەتۇرىدىغنالىقىنى، نەدە ئوقۇغانلىقىنىلا ئەسلىيەلەيتتى. ھەممە ئىش ئۇنىڭغا باغلىشى يوق، ساختا تۇيۇلۇپ ئۇنى گاڭگىرىتىپ قويغانىدى. ئۇ گويا خاتىرە ۋاكۇئۇمىدا ئېزىپ قالغاندەك ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى تېلېۋىزوردىن كۆرەتتى.
   1965-يىلىنىڭ ئاخىرى سۇسان خامۇشلۇق كېسىلى بىلەن بېلمونت دوختۇرخانىسىدا بالنىستا ياتتى. دورىلار ئۇنىڭ كېىسلىگە كار قىلمىغاچقا يېڭىچە داۋالاش ۋاستىسىغا مۇھتاج بولۇۋاتاتتى. دەل شۇ چاغدا سۇسان ۋېليام سارگانتنى ئۇچراتتى.
  سۇسان ئىلگىرى سارگانتنى روھىي كېسەللىكلەر ساھەسىدىكى باشلامچى شەخس ئىكەنلىكىنى، مېڭىنى  يۇيۇش توغرىسىدىكى ئەسىرىنىڭ ئۇنىڭ داڭقىنى چىقارغانلىقىنى ئاڭلىغانىدى. بىمار بىلەن تېببىي خادىملارنىڭ ئۇنىڭ ئالدىدىكى ئىپادىسى ئۇنىڭ چوڭ ئەرباب ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ نامايەن قىلىپ تۇراتتى. ئۇ كېسەلخانىغا كىرىشى بىلەن ھەممە كىشى ئىختىيارسىز ھالدا: «ئۇلۇغ ئەرباب ۋېليام سارگانت!» دېيىشىپ چوڭ نەپەس ئېلىشاتتى. زور بولغىنى يالغۇز ئۇنىڭ داڭقىلا بولماستىن، ئۇنىڭ تەن قۇرۇلۇشىمۇ ناھايىتى گەۋدىلىك، تەمبەل ئادەم ئىدى، ئۇ ئىلگىرى كامبىرىج ئۇنىۋېرىستېتنىڭ زەيتۇن توپ كوماندىسىىغا قاتناشقانىدى. ئۇ كۈچلۈك ھەم سۈرلۈك بولۇپ، كىشىلەرگە ۋارقىراپ سۆزلەيتتى، ئەمما ئۇنىڭ ھەر بىر سۆز-ھەرىكىتى باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىنى قوزغايتتى. ئۇ ئەزەلدىن ئۆتۈنمەيەتتى، پەقەت بۇيرۇق چۈشۈرۈشكىلا كۆنگەنىدى. «ئۇ كىرگەندە ئاجايىپ بىر تەسىر پەيدا قىلىپ، ئادەمنى ئەيمەندۈرەتتى.» دەيدۇ سۇسان ئەسلەپ. سارگانتنىڭ ئۆزىنىڭ كېسىلىگە قىزىقىپ قېلىشىنى ئۇ ناھايىتى شەرەپ ھېس قىلدى.
سارگنات سۇسانغا ئۇنىڭ پالەچ ھالغا چۈشۈپ قېلىشى ۋە خاتىرىسىنى يوقىتىشىنىڭ فىزىكىلىق يارىلىنىش ئەمەس بەلكى پىسخىك جاراھەتتىن ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. مەسىلىنىڭ تۈگۈنى پۈتكۈل ۋەقەنىڭ ئىنتايىن قورقۇنچلۇق بولغانلىقىدا، شۇنىڭ ئۈچۈن تەپەككۇر پۈتۈنلەي تورمۇزلىنىپ ئۇنى تۇيغۇ گىرۋىكى(Limbo) گە كەلتۈرۈپ قويغان. خاتىرە ۋە ساغلاملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ بىردىن بىر ئۇسۇل شۇ چاغدىكى كەچۈرمىشنى ئەسلەش، ئۇنى قوبۇل قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش. سارگانت ئۇ كەچمىشنى بىر خىل دورا بىلەن قايتىلىغىنى بولىدۇ، دەيدۇ.
    بىر ھەپتىدىن كېيىن، سۇسان بىر ئۆيگە ئېلىپ كىرىلدى ئۇ بۇيرۇق بويىچەكارىۋاتتا ياتتى. ياش بىر دوختۇر ۋە بىر نەچچە سسېستىرا كارۋاتنىڭ يېنىدا سارگانتنىڭ كىرىشىنى كۈتۈپ تۇرۇشتى. بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن سارگانت كىردى، تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلىدى، ئەمما گەپ قىلمىدى. ئۇ يەڭگىلتاق، خالىغانچە ئىش كۆرىدىغان ئادەم ئەمەس ئىدى. ئۇ سۇسانغا بىر ئوكۇل ئۇردى، ئۆيدىكىلەرنىڭ ھەممىسى جىم-جىت ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇشتى. ئوكۇلنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلۈشكە باشلىدى، ئۇ بوشقىنا سۇسان بىلەن پاراڭلىشىپ ئۇنىڭ ئەسلەشكە يېتەكلىدى.
بىر دەمدىن كېيىن سۇسان گەپ قىلىشقا باشلىدى. ئۇ قوغۇنگۈلنى، قىزىل رەڭلىك قوغۇنگۈلنى ئېسىگە ئالدى.  يىغىلىش. بىر مۇسابىقە ماشىنىسى.
سارگانت سۇسانغا بۇ ھېكايىنى ھازىرقى زامان پېئىلى شەكلىدە ئېيتىشقا بۇيرىدى.
— مۇھىمى بۇ ۋەقەنى ئەسلەش ئەمەس بەلكى ئۇنى قايتا باشتىن كەچۈرۈش، — دېدى سارگانت سۇسانغا.
سۇسان مالوركادا دەم ئىلۋاتاتتى. ئۇ نېمىنى كۆردى؟
   سۇسان ئىنكاس قايتۇرمايلا دەم ئېلىشنىڭ ئاخىرقى كېچىسىگە قايتتى. ئۇ كلاير بىلەن قزىرىشىپ قالدى. ئىككىنچى كۈنى ئۆيگە قايتىش كېرەكىدى، شۇڭا قزىرىشىپ قېلىشقان بولسىمۇ، شۇ جايدىكى يىگىتلەر بىلەن بىرگە قاۋاققا بېرىشقا كېلىشتى. ئۇلار رۇم ھارىقى ۋە كولا ئىچىشتى، شۇڭا كۆڭلىدىكى غەشلىكنى ئاللى بۇرۇن ئۇنتۇشۇپ پۇخادىن چىققۇچە ئويناشتى. سەھەر سائەت ئۈچ،تۆتلەردە قاۋاقنى تاقىدى. يىگىتلەر ئىككى قىزنى ئاپىرىپ قويۇشماقچى بولۇشتى. ئوتتۇرا يولدا ئارىدىكى بىريگىتنىڭ ئۆيىگە باردى. يىگىتنىڭ قىزىل رەڭلىك ئۈستى ئوچۇق مۇسابىقە ماشىنىسى يول بويىدا توختىتىپ قويۇلغانىدى.
— بالىلار، بۇ ماشىنىنى ھەيدەيلى، — دەپ تەكلىپ بەردى سۇسان. تۆتەيلەن ماشىنىغا چىقىشتى، ئوغۇللار ئالدىدا ئولتۇردى، سۇسان بىلەن كلاير ئارقا ئورۇندۇقتا ئولتۇردى.
دورىنىڭ ئۈنۈمى تولۇق نامايەن بولۇۋاتاتتى. سۇسان تەقەززالىق بىلەن ھېكايىسىنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئۇنىڭ ئەسلىمىسى گويا كىنو لېنتىسىدەك تېز ئۆتمەكتە. ۋەقە سادىر بولغان پەيتكە يېقىنلاشقانسېرى سۇسان شۇنچە تەشۋىشلىنىپ كارىۋاتتا ئازابلىق تولغاندى.
— تېنچلىنىڭ، مىدىرلىماڭ! — دەپ بۇيرۇق قىلدى سارگانت، بۇنىڭ بىلەن سۇسان ئۆزىنى كىچىك قىزچاقتەك سەزدى. سارگانت كۈچەپ ئۇنى مالوركادىكى ئاشۇ كېچىگە ئىتتىرەتتى.
ئىسپانىيەلىك يىگىت ماشىنغا چىقتى، كلاير ئارقا ئورۇندۇقتا ئولتۇردى. سۇسان بۇنداق جىمغىنە ئولتۇرۇشنى خالىمايتتى.
— بۇياققا كېلىڭ، — سۇسان شۇنداق دېگەچ ئارقا ساندۇقنىڭ ئۈستىگە چىقىپ، ئورۇندۇققا دەسسەپ ئولتۇردى، ئۇنىڭ ئولرۇغان ئورنى شوپۇرنىڭ ئورنىدىن خېلىلا ئېگىز ئىدى. ئۇ كلايرغا يېنىغا كېلىپ ئولتۇرۇشقا ئىشارەت قىلدى، بۇنداق  بولغاندا ئىككەيلەن شامالنىڭ چاچلىرىنىڭ ئارىسىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەندىكى تۇيغۇدىن ھۇزۇر ئالاتتى. كلاير كۈلۈپ تۇرۇپ ئۈستىگە يامىشىپ ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇردى، ماشىنا يول بويدىن قوزغىلىپ يولغا چىقتى.
ئاندىن ئۇنىڭ كۆرگىنى قوغۇنگۈللەر بولدى.
   سۇسان يەردە ياتاتتى، ئۇنىڭ يېنىدا بىر تەشتەك قوغۇنگۈل تۇراتتى. يول يۈزى ناھايىتى تېيىلغاق بولۇپ بىرسىنىڭ سۇ چېچىپ يۇغانلىقى ئېنىق ئىدى. ماشىنا ئۇچقاندەك مېڭىپ سۇ يىغىلغان يەردە تېيىلىپ كەتتى. ئارقا ساندۇقنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغان ئىككى قىز ئۇچۇپ چىقىپ كەتتى. كلاير ماشىنا بىلەن بىر تۈپ دەرەخنىڭ ئوتتۇرسىغا قىسىلىپ قالدى. سۇسان باشقا بىر تەرەپكە ئۇچۇرۇۋېتىلدى، ئۇ يىقىلغان يەردە تەشتەكلىك قوغۇنگۈل تۇراتتى.
بىر مەھەل ھۇشسىز ياتقاندىن كېيىن سۇسان قوغۇنگۈل تىزىلغان ئۆيدە ھۇشىغا كەلدى. بىرەيلەن ئۇنىڭغا كلايرنىڭ ئاۋۋال تاكسى بىلەن ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى، قۇتقۇزۇش ماشىنىسىنىڭ يولدا كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئۇزۇنغىچە ھۇشسىز ياتتى، ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلار بولسا دوختۇرىانىدا دادىسى ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان ئەھۋال شۇ.
2
   ۋېليام سارگانت سۇساننىڭ خاتىرسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلەتكەن ۋاستىدا ھېچقانداق يېڭىلىق يوق ئىدى. ئەمەلىيەتتە، بۇ ۋاستىنى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن سۈرۈشتە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەينى چاغدا سىگمۇند فرېئۇد پىسخىك ئامىلنىڭ فىزىىئولوگىيەلىك كېسەلنى كەلتۈرۈپ چىقىقرىش مۇمكىنلىكىنى بايقىغان. فرېئۇدنىڭ قارىشىچە بۇرۇنقى ئازابلىق كەچۈرمىشنى ئەسلەش ھېسسىيات جەھەتتىكى ئازابنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئادەم ئازابتىن ھوزۇر ئېلىشنى خالىمايدىغان بولغاچقا، ھۇسشىز ھالەتتە جاراھەتلىك خاتىرىنى «ئۇنتۇش» ئارقىلىق كۆمۈپ تاشلاشنى خالايدۇ. ئەمما بەختكە قارشى يېرى شۇكى، ئازابلىق ئەسلىمە غايىپ بولغان قىسمەتتە تۇرۇۋەرمەيدۇ. بەزىدە ئازابنى تىزگىنلەشتىن پەيدا بولغان بېسىم خاتىرىنى قارىماققا ھېچقانداق باغلىنىشلىقى بولمىغان فىزىئولوگىيەلىك ئالامەت بىلەن قايتا ئاشكارا بولىدۇ. فرېئۇد مۇنداق دەيدۇ: بۇ فىزىئولوگىيەلىك پەقەت تىزگىنلەنگەن خاتىرە پۈتۈنلەي ئېچىۋېتىلسە ھەمدە مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنغاندىلا ئاندىن تۈگەيدۇ. بۇ نۇقتىنى ئورۇندايدىغان ئامال چارە دېگەن نۇرغۇن. پىسىىك داۋالاشنى كۈچەيتىش بۇنىڭ بىر خىلى، گىپنوز قىلىشمۇ بىر خىلى ھېسابلىنىدۇ. فرېئۇدنىڭ خىزمەتدىشى برېۋېر بۇ خىل كەيپىياتنى يېتەكلەشنى «روھىي قۇتۇلۇش( Abreaction)» دەپ ئاتىغان، فرېئۇد شۇنىڭغا ئەگىشىپ پەيدا بولغان روھىي بېسىمنىڭ تۇيۇقسىز ئاجىزلىشىشىنى «روھىي دەردىنى چىقىرىۋېتىش( Catharsis)» دەپ ئاتىغان.
    «روھىي قۇتۇلۇش» بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئەنگىلىيەدە ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشكەن، ھەمدە ئۇرۇش ۋەھىمىسى كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئەسكەرلەرنىڭ روھىي جاراھىتىنى داۋالاشقا ئىشلىتىلگەن. ئۇرۇشتىن كېيىن بۇ خىل داۋالاش ۋاستىسى كۆپ قىسمى ئۇنتۇپ كېتىلگەن. ئويلىمىغان يەردىن 10 يىلدىن كېيىن يەنە قايتا ئىشلىتلىشكە باشلىغان. 1931-يىلى لوندون دوختۇرخانىسىنىڭ ئىچكى كېسەللىكلەر دوختۇرى ستېفېن خورسلېي ناترىي پېنتوباربىتول بىلەن ناركوز قىلىنغان ھامىلدار ئايالنىڭ ئۆزىنى  كونترول قىلىش كۈچىنى يوقىتىدىغانلىنى، دائىم دوختۇرغا ئۆزىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئېيتىپ بېرىدىغانلىقىنى بايقىغان. بىمارنىڭ ئادەتتە بۇنداق بوش،ئازادە ھالەتكە نەچچە ئايلىق روھىي ئانالىزدا ئاندىن كېلىدىغانلىقى خورسلېيغا ئايان ئىدى، بىراق بۇ خىل دورىنى ئىشلەتكەندە بىر نەچچە سېكۇنتتىلا بىمارنى پۈتۈنلەي مۇداپىئەسىز، بىخۇت ھالغا كېلىدىكەن. ناترىي پېنتوباربىتول روھىي كېسەللەرنى داۋالاشتا ئۈنۈمى بوپ قالار بەلكىم. خورسلېي شۇلارنى ئويلاپ ئويلىغاچ ناترىي ئامىتال، ناتىرىي تىئوپېنتال قاتارلىق باربىتال تۇز كىسلاتالىرى بىلەن تەجرىبە قىلىشقا باشلاپ، بۇ دورىلارمۇ كىشىلەرنىڭ كونترول قىلىش كۈچىنى يوقىتامدۇ، قانداق دىققەت قىلغان.
   خورسلېي بىمارنى ھەم ئېھتىيات قىلمايلا ئۆز مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلايدىغان، ھەم داۋاملىق سۆزلىشىگە تەسىر يەتكۈزمەيدىغان يېرىم سەگەك، يېرىم خامۇش ھالەتكە يەتكۈزۈش ئۈچۈن باربىتۇراتنى ۋېنادىن ئوكۇل قىلغان(ئۇزۇن ئۆتمەي دۇناينىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئاخبارات ئورگانلىرىمۇ بۇ ئۇسۇلنى كەڭ كۆلەمدە سىناشقا باشلىغان). بۇنىڭدىكى سىر شۇكى شىپرىسنى تارتىۋەتمەي ئۇدا ئوكۇل قىلىدۇ: مۇبادا بىمار گەپ قىلىشتىن توختىسا ياكى ھەمكارلاشمىسا شىپرېسنى ئاستا ئىتتىرىپ ئۇنى تەسىلىم قىلىنىدۇ؛ مۇبادا بىمار خۇدىنى يوقاتسا ئۇنى ئويغىتىپ، پۈتكۈل جەرياننى قايتا تەكرارلايدۇ.
   خورسلېي بىمارغا باربىتۇراتىنى ئوكۇل قىلغاندىن كېيىن، ئوكۇل قىلىنغانلارنىڭ ھەممىسى بوشاشقان، ھەمدە ھەرقانداق سىرىنى دوختۇرغا ئيتىپ بەرگەن. بالىلىقتىكى خاتىرىلىرى بىمارنىڭ خىيال دېڭىزىنى قايتا چىرمىۋالغان. خورسلېينىڭ قارىشىچە، باربىاتل تۇز كىسلاتاسى بىلەن داۋالاش ئاڭسىز ھالدا مۇناسىۋەت باغلاشنىڭ يېڭى يولىكەن. ئۇ بۇ ئۇسۇلنى «ناركوزلاپ ئانالىز قىلىش» دەپ ئاتىغان.
  ناركوز دورىسىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۇچۇرغا ئېرىشىشنىڭ ئۈنۈملۈكلىكىنى سىناش ئۈچۈن، خورسلېي 20 نەپەر سىستېراغا سىناق ئېلىپ بارغان. ھەر بىر سىستېراغا 20 مىللىلېتىر ناترىي تىئوپېنتالنى ئوكۇل قىلىپ، سىستېرالارنىڭ شەخسىيىتىنى ئاشكارىلامدۇ-يوق كۈزەتكەن. تەجرىبىدىن بۇرۇن سېستىرالار كۈلۈشۈپ: دورىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىساقمۇ، شەخسىيىتىمىزنى ھەرگىز ئاشكارىلىمايمىز، دېيىشكەن. ئوكۇل ئۇرۇلغاندىن كېيىن بولسا، ھەممىسى سۆزلىگەن، ئۇنىڭ 18 كىشى ئۆزلىرىنىڭ خورسلېينىڭ سوئالىغا جاۋاب قايتۇرماي ئامالسىز قالغانلىقىنى ئىپادە قىلغان.
   بۇ خورسلېينىڭ راست سۆزلىتىش دورىسىنى بايقىغانلىقىنى بىلدۈرەمدۇ؟ خورسلېيمۇ بۇ مەسىلىنى ئەلۋەتتە ئويلاپ يەتكەن. ئۇ موسكۋا سوت ئويۇنىدىكى ھەلىتە ئىقرارنىڭ كەينىدە ناركوز ئوكۇلى ئۇرۇشتەك سۇيقەستنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى پەرەز قىلغان. 1936-يىلىغا كەلگەندە، كەڭ تاراتقۇلار بۇ ۋاستىنىڭ مېدىتسىنا، پىسخىكىلىق داۋالاش ۋە ئەدلىيەلىك تەكشۈرۈشتە ئىشلىتىشنىڭ مۇمكىنچىلىكى توغرسىدا كەڭ مۇنازىرىنى باشلىۋەتتى.
3
    خورسلېينىڭ تېخنىكىسى كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلمەيلا قالماستىن بەلكى بىر مەزگىل ئىز-دېرەكسىز يوقاپمۇ كەتتى. تاكى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پاتلىغاندىن كېيىن، چەكسىز نىيەتلەرنى كۆڭلىگە پۈككەن ياش نېرۋا كېسەللىكلەر دوختۇرى ۋېليام سارگانت ناھايىتى تاسادىپىي ھالدى ئۇنى قايتا بايقىدى.
   1940-يىلى 6-ئايدا بېلمۇنت دوختۇرخانىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان سارگانت دۇنكىركتىن چېكىنىپ قايتقان بىر تۈركۈم ئۇرۇش ۋەھىمىسىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنى بىر تەرەپ قىلىۋاتاتتى. بارلىق بىمار چوقۇم دەرھال داۋالىنىشى كېرەك ئىدى، بۇلارنىڭ ئىچىدە بىرىسى بەك بىچارە ئىدى: گەپ قىلالمايتتى، پۈتۈن بەدىنى غال-غال تترەيتتى، ناھايىتى قورقۇپ تۇراتتى، قارىماققا ئىنتايىن زور بېسىمغا ئۇچرىغان ئىدى. ئۇنىڭ نېمىگە يولۇققانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيتتى، ئۇ ناھايىتى ئېغىر روھىي جاراھەتكە ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن سىيەلمىگىنى ئۈچ كۈن بولغان، دوۋسىقى ئېسىلىپ «كاۋا»دەك يوغىناپ كەتكەن بولۇپ، ئۇ بەك قىينىلىۋاتاتتى. سارگانت نېمە قىلىشىنى بىلمەيۋاتاتتى، ئەمما بىمارنىڭ بۇنداق ئازابلىنىشىغا قاراپ تۇرالمايتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا بىر شىپرىس ناترىي ئامىتال ئوكۇل قىلدى.
   ئوكۇلنىڭ ئۈنۈمى شۇ ھامان كۆرۈلدى. بىمار ئۆزىنىڭ كەچمىشىنى سۆزلەشكە باشلىدى، ھەتتا كارۋاتتا ياتقىنىچە سىيىۋەتتى. دورىنىڭ ئۈنۈمى ئاجىزلاشقا باشلىغاندا ئۇ تىترىمىدى، گەپ سۆزلىرىمۇ تەرتىپلىك چىقتى.
  بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، سارگانت يەنە بىر ئۇنتۇغاقلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ھەربىنى ئۇچراتتى. ئو قورققىنىدىن توختىماي تىرەيتتى، ئوڭ قولىنىمۇ باشقۇرالمايتتى. سارگانت ئۇنىڭغىمۇ ناترىي ئامىتال ئوكۇل قىلدى. ئوكۇل ئۆز رولىنى  كۆرسەتتى، بىمار شۇ ھامان تىترەشتىن توختىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ قانداق قىلىپ يولۋاس ئاغزىدىن قۇتۇلۇپ چىققانلىقىنى، ئەمما جەڭگاھتا جېنى تۇمشۇقىغا كېلىپ قالغان ئىنسىنى بايقىغانلىقىنى، ئىنىسىنىڭ ئۆتۈنۈشى بىلەن ئۇنى مىلتىق بىلەن ئېتىپ ئاغرىق ئازابىدىن قۇتۇلدۇرغانلىقىنى ناھايىتى تەسىرلىك قىلىپ سۆزلەپ بەردى. « ئۇنىڭ مىلتىق تەپكىسىنى باسقان ئوڭ قولى تۇيۇقسىز پالەچ بوپ قالغان» دېدى سارگانت.
    ئېلىپ كېلىنگەن يارىدار ئەسكەرلەر بارغانسېرى كۆپەيدى، سارگانتمۇ ناترىي ئامىتال ئوكۇلىنى كەينى-كەينىدىن ئۇرۇۋەردى. بىمار مۈگدەشكە باشلىغاندا سارگانت ئۇلارنىڭ جەڭگاھتا تۇرۇۋاتقانلىقىنى، تانكىلار كەلسىلا جېنىدىن ئايرىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىمارلارنىڭ يۈزلىرى قىزىرىپ، نەپىسى جىددىيلەشتى، يوشۇرۇنغان خاتىرىلى دەل مۇشۇ پەيتتە ئېتىلىپ چىقىشقا باشلىدى. ئەسكەرلەر بۇ ئىشنى ئېسىگە ئېلىشنىڭ مۇنچە ئاددىيلىقىنىلا بىلىپلا قالماي بەلكى يەنە بۇ ئىشنى قايتا بېشىدىن  ئۆتكۈزۈشتى. بىر توپ ئەسكەرلەر سارگانتنىڭ ئىشخانىسىدا چىرقىرىشىپ، چېپىشىپ، قاباھەتلىك چۈشلىرىنى تولۇق نامايەن قىلىپ بېرىشتى. بەزىدە روھىي دەردىنى چىقىرىش بەك كەسكىن بولۇپ كېتىپ، سارگانت تەدبىر قوللىنىپ ئۇلارنى كونترول قىلىشقا مەجبۇر بولاتتى. كېيىنچە ئۇ چاقچاق قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئېسىمدە قېلىشىچە تۆتتىن ئۈچ ئۈلۈش بىمار مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇشۇپ ئۆي ئىچىدە مېنى سۈرۈپ يۈرۈشكەنىدى.»
    ناھايىتى تېزلا باشقا دورىلار بىلەن قىزىقتۇرۇپ ئىقرار قىلدۇرىدىغان يوشۇرۇن ئىقتىدارلارمۇ بىربىرلەپ ئۆزىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى. كۆپلىگەن باربىتۇراتلار تۈردىكى دورىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۈنۈمى ئوخشاپ كېتىدىكەن. سارگانتنىڭ ئامېرىكىلىق بىر كەسپدىشى ئىفىر كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كەيپىياتنى ئاشكارىلاش تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ، شۇڭا ئۇنى ئىشلىتىڭ دېگەن تەكلىپىنى بەردى. تېنچلاندۇرۇش دورىسىدىن باشقا ئامفېتامىننىڭ ئۈنۈمىمۇ خېلى ياخشى. ئۇرۇش ۋەھىمىسى كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلارغا بۇ دورىلار ئوكۇل قىلىنسا ئېنىرگىيە جۇش ئۇرۇپ ئېتىلىۋاتقاندەك، ئىچ قارنىنى تۆكۈش ئىستىكىنى توسۇش مۇمكىن ئەمەستەك ھېسسىيات پەيدا قىلىدۇ. ھېسسىياتنىڭ تۇيۇقسىز ئاشكارا بولۇشى ۋە خاتىرىنىڭ پەيت ئىچىدە قايتا كۆرۈلۈشى بۇنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، بۇ چاغدا پىسخىك دوختۇر ئۇنى ئوڭۇشلۇق يېتەكلەپ كېتەلەيدۇ. سارگانت دورىدىن پايدىلىنىپ فرېئۇد ۋە      برېئۇئېرنىڭ 19-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا ۋۇجئۇتقا چىقارغان پىسخىكىلىق دەردىنى چىقىرىش ۋاستىسىنى قايتىدىن بايقىدى.
    ئويلىمغان ئىش يۈز بەردى. 1940-يىل 7-ئاينىڭ 12-كۈنى سارگانتنىڭ بايقىشى«ئوپېراتسىيە پىچىقى» دېگەن ژۇرنالدا ئېلان قىلىنىپ ئالتە كۈندىن كېيىنلا تاۋىستوك ئامبۇلاتورىيەسىنىڭ مۇدىرى گېنىرال بىرگادا رىسنىڭ خېتىنى تاپشۇرۇۋالدى، رىس كېيىن ئارمىيە روھىي كېسەللىكلەر ئىلمى مەسلىھەت كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولدى. رىس خېتىدە سارگانتنى تەبرىكلەپ ئۇنىڭ «بىرىنچى دەرىجىلىك تەتقىقاتنىڭ باشلانمىسىنى ئىجات قىلغانلىقىنى، بۇ بۇ تەتقىقاتنىڭ تېخىمۇ زور نەتىجىگە ئېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغنالىقى يېزىلغانىدى. ۋېليام سارگانت ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى بىلەن 30 يىلغا سوزۇلغان قويۇق مۇناسىۋىتى مۇشۇ خەت بىلەن باشلاندى، شۇنداقلا ئۇنى ئەنگىلىيە بىخەتەرلىك ئاخبارات ئورگىنىنىڭ يادروسى بولغان ھەربى ئاخبارات 5-باشقارمىسىغا باشلاپ كىردى.
   گەرچە سارگانتنىڭ شەخسىي ئارخىپى تولۇق بولمىسىمۇ، ئەمما يېتەرلىك ئىدى. رىستىن «جىددىي تېلېفون» كەلگەندە ئۇ ناترىي پېنتوباربىتولغا مۇناسىۋەتلىك بىر ماقالىنى يېزىۋاتقانىدى. رىس «بۇ نەتىجىنىڭ دۈشمەننىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىشىنى خالىمايمەن،» دېدى، ھەمدە بۇماقالىنى ئاشكارا ئېلان قىلماسلىق توغرىسىدا يوليورۇق بەردى. سارگانت 2-ئاينىڭ 1-كۈنى(قايسى يىلى ئىكەنلىكى يېزىلمىغان) قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋازارىتىغا يازغان خېتىدە ئېنىق قىلىپ تەتقىقاتنىڭ مەخپىي دەيدۇ. ھەمدە «بۈگۈن ئەتىگەندە پولكوۋنىك خارگرېۋەس(گېنىرال بىرگادا رىسنىڭ شېرىكى) بىلەن تېلېفونلاشتىم، ئۇلار بۇ ماقالىنى ئاشكارا ئېلان قىلماسلىقنى ئۈمىد قىلدىكەن.» دەپ يازىدۇ، سارگانت.
    ھەربى تەرەپنىڭ سارگانتتىن مەخپىيەتلىكنى ساقلاشنى تەلەپ قىلىشىنى چۈشىنش قىيىن ئەمەس. جەڭگاھ بېسىمىنى داۋالاشتىكى يېڭى تىپتىكى ۋاستىغا مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي ماقالىلار دۈشمەنگە پايدىلىق بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، شۇڭلاشقا بۇنداق ئۇچۇرلارنىڭ تارقىلىشىغا چەك قويۇلىدۇ. ئەمما سارگانتنىڭ تەتقىقاتىنى مەخپپىي تۇتۇشتا يەنە باشقىچە سەۋەب بار: ئۇنىڭ ئىلمىي ماقالىسى مەقسەتسىزلا ئەنگىلىيە ھەرببى تەرەپ ۋە ئاخبارات ئورگىنىنىڭ مۇتلەق مەخپىي بولغان راست سۆزلىتىش دورىسى مۇمكىنچىلىك تەتقىقاتىغا ئىلھام بولغان.
   شۇنىڭ بىلەن بىرگە گېرمانىيەمۇ مۇشۇ تۈردىكى دورىغا ئېرىشمەكچى بولۇۋاتىدۇ. ئاخبارات تارىخى مۇتەخەسىسى فوتنىڭ كۆز قارىشى بويىچە ئېيتقاندا، گېرمانىيەنىڭ مەخپىي مەلۇمات بەرگۈچىلەرگە دورا ئىشلىتىپ قىيناپ ئىقرار قىلدۇرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى پاراڭلار ئەگىلىيە ئاخبارات خادىملىرىنىڭ بوش ۋاقىتلىرىدا قىلىشىدىغان پاراڭلىرىنىڭ ئاساسلىق تېمىسىكەن. ئالاھىدە ھەرىكەت باشقارمىسى①نىڭ 1943-يىلىدىكى بىر پارچە تەربىيەلەش قوللانمىسىدا ئەسكەرلەرنىڭ ئېفىر ئوكۇلى ئۇرۇلغان ئەھۋالدا سوراققا قانداق تاقابىل تۇرۇشقا كونكېرت تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
1942-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى، گرمانىيەنىڭ راست سۆزلىتىش دورىسىنى تەتقىق قىلىپ ياسىغانلىقى ھەققىدىكى ئىشەنچلىك دەلىل-ئسپاتى ئاشكارىلاندى. شۇ كۈنى بۇككىڭخامشىرىدىكى بلېتچلېي باغچىسىدىكى ھۆكۈمەت مەخپىي شىپىر مەكتىپى بىر پارچە ئېنگىما مەخپىي تېلېگراممىسىنى قولغا چۈشۈرىدۇ. تېلېگراممىنى ئوكرائىنانىڭ دنيې پروپېتروۋېسكيدا تۇرۇشلۇق ناتسىست س س چىلار قىسمىنىڭ قوماندانى يوللىغان بولۇپ، بېرلىندىكى ناتسىستلار داۋالاش باش شىتابىدىن تەپەككۇرنى ئۆزگەرتىدىغان(mind-altering)دورا تەلەپ قىلىنغان.

----كىتابخۇمار----

9

تېما

76

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1360
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1035
تۆھپە : 3812
توردىكى ۋاقتى: 735
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-24 19:30:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ گىرمانىيە كىيىنچە دۇنيادا ئامرىكىنىڭ ئ‍ورنىنى ئ‍ىلىپ قالارمۇ ؟
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

19

دوست

3974

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   65.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14768
يازما سانى: 435
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 34
تۆھپە : 1149
توردىكى ۋاقتى: 197
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-24 20:16:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يەردىمۇ بار دەپ  ئاڭلىغانتىم  .

2

تېما

5

دوست

3419

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   47.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9152
يازما سانى: 163
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 529
تۆھپە : 687
توردىكى ۋاقتى: 196
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-24 20:52:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mart تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-24 22:28  

سىياسىي شۇنچىلىك رەزىل نەرسىكى ،ئاشۇ يوغان تۆرەملەر ئۆز مەنپەتى ئۈچۈن ھەرقانداق ئىشنى قىلىدۇ . تۈرمىدىكى ‹‹جىنايەتچىلەر››نىڭ بەگ - تۆرەملەرنىڭ ‹‹ئادەم ئىچكى ئەزاسى كۆچۈرۈش›› ئوپراتسىيەسىنىڭ ‹ئەزا مەنبەسى› ئىكەنلىكى نۇرغۇن ئادەم بىلىدىغان مەخپىيەتلىك . بۇنىڭ ئالدىدا بۇنداق دورا ئانچە ۋەھشى ھىساپلانمايدۇ . يامىنى كەلسە نىرۋىسى بۇزۇلۇپ ساراڭ بولۇپ قىلىشى مومكىن ، لىكىن سالامەتلىك تەكشۈرۈش باھانىسىدە ئەزالىرى يۆتكۈلۈپ ، ئىزدىرەكسىز يوقاپ كىتىدىغان ياكى ‹‹كىسەل بولۇپ ›› ئۆلۈپ كىتىدىغانلاردىن مىڭ ياخشى .

----كىتابخۇمار----

9

تېما

76

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1360
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1035
تۆھپە : 3812
توردىكى ۋاقتى: 735
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-25 01:43:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ تەرەپتە بەلكىم ئۇنىڭدىن ئ‍ىلغارلىرى باردۇ  ؟

0

تېما

3

دوست

1506

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   50.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25230
يازما سانى: 75
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 462
توردىكى ۋاقتى: 112
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-25 16:45:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا مۇنداقمۇ ئىشلا باكەن ھە؟

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما

3

تېما

4

دوست

2452

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   15.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26291
يازما سانى: 139
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 754
توردىكى ۋاقتى: 251
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-25 22:31:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئىنسانغا خاس ئىش ئەمەس،ئىنسان ئىنساننى بۇنداق خارلىسا بولمايدۇ.

0

تېما

6

دوست

819

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   63.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31459
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 250
توردىكى ۋاقتى: 52
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-26 18:41:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمە دىگەن قورقۇنۇشلۇق
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )