قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1222|ئىنكاس: 4

پۇتبولچى ئەزىمىتىمىز بارى غەلبە قىلدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

0

دوست

1324

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   32.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  318
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 237
تۆھپە : 251
توردىكى ۋاقتى: 71
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-8 14:18:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
 

 
بارى!بارى!بارى!
بىزنىڭ ئەزىمىتىمىز تۈنۈگۈنكى مۇسابىقىدە ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىپ پۈتۈن مەيدان ئويناپ ئۆزىنىڭ كامالەتكە يەتكەن شەخسى تېخنىكىسى بىلەن رەقىبى يەر چىشلىتىپ،تېرنېرنى قايىل قىلىپ،ھەممىنىڭ كۆزىنى لال قىلىپ قارشى تەرەپ مەيدانىنى تىتىۋەتتى.
قايسى مۇسابىقە دېمەمسىز؟
شۇ تۈنۈگۈن ئىلىپ بېرىلغان دۆلىتىمىزنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە ئايلانما مۇسابىقىسىنىڭ 19-ئايلانمىسىدا بىزنىڭ ئەزىمىتىمىز توپ تېپىدىغان خاڭجۇ يېشىل شەھەر كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا لىياۋنىڭ كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى.
90مىنۇتلۇق قاتتىق جەڭ ئارقىلىق خاڭجۇ كوماندىسى يامغۇرلۇق بولغان بۇ جەڭدە بىر توپ ئۇرۇپ رەقىبىنى ئۇتتى.
يېقىندىن بۇيان ئىچكىرىنى قالايمىقان قىلىۋاتقان مېيخۇا ناملىق تەيفېڭ بورىنىنىڭ تەسىرىدە بۇ مۇسابىقە جەريانىدا يامغۇر قاتتىق ياغدى.
ئەزىمىتىمىز بارىنىڭ كوماندىسى ئىلگىرىكى مۇسابىقىلەردە 6مەيدان ئۇتۇپ،5مەيدان تەڭلىشىپ،6مەيدان ئۇتتۇرۇپ  23نومۇر بىلەن بىرلەشمىدە10-ئورۇندا تۇرۇۋاتقان بولۇپ رەقىبى لىياۋنىڭ كوماندىسى بولسا:
9مەيدان ئۇتۇپ،3مەيدان تەڭلىشىپ،5مەيدان ئۇتتۇرۇپ 30نومۇر بىلەن بىرلەشمە رەت تەرتىپىدە 4-ئورۇندا تۇرۇۋاتقان كوماندا.

بۇ ئىككى كوماندا دۆلىتىمىزدىكى ھەرخىل مۇسابىقىلەردە جەمئىي9قېتىم ئۇچراشقان بولۇپ،يېشىل شەھەر كوماندىسى 2مەيدان غەلىبە قىلىش،3مەيدان تەڭلىشىش،4مەيدان ئۇتتۇرۇشتەك نەتىجىسى بار،دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىدە بولسا:
ئىككى كوماندا 7مەيدان ئۇچراشقان بولۇپ،ئىككى تەرەپ ئوخشاشلا 2مەيدان ئۇتۇپ،3مەيدان تەڭلىشىپ2مەيدان ئۇتتۇرۇشتەك ئوخشاش نەتىجىسى بار.
مەيدان تەۋەسى تەرەپتىن كۆرگەندە:
خاڭجۇ كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا 3مەيدان لىياۋنىڭ كوماندىسىنى كۈتۈۋالغان بولۇپ1مەيدان ئۇتۇش،2مەيدان تەڭلىشىشتەك ئۈستۈنلۈكىنى بار.
ئەزىمىتىمىز بارىنىڭ كوماندىسى يېقىنقى 6مەيدان بىرلەشمىدىكى مۇسابىقىدە 3مەيدان تەڭلىشىپ،3مەيدان ئۇتتۇرغان بولۇپ،يېقىنقى مەزگىلدىكى 3مەيدان ئۆز مەيدانىدىكى مۇسابىقىدە 2مەيدان تەڭلىشىپ1مەيدان ئۇتتۇرۇشتەك نەتىجىسى بولۇپ ئۇتۇپ باقمىغان.
لىياۋنىڭ كوماندىسى تەرەپ بولسا يېقىنقى ئىككى مەيدان مۇسابىقىدە 1مەيدان تەڭلىشىپ،1مەيدان ئۇتتۇرۇپ قويغان،يېقىنقى 3مەيدان مېھمان مەيدان مۇسابىقىدە 1مەيدان ئۇتۇپ 2مەيدان تەڭلىشىپ قالغان.
ئىككى كوماندىنىڭ ئەزالىرىغا نىسبەتەن:
ئاساسەن بۇرۇنقى ئاساسلىق مەيدانغا چىقىدىغان ئەزالىرىدۇر.
مۇسابىقە باشلانغاندىن كىيىن ئۆزىنىڭ مەيدانلىقىدەك ئۈستۈنلۈكى بار خاڭجۇ كوماندىسى ھۇجۇمنى ياغدۇرۇۋەتتى،بولۇپمۇ بىزنىڭ ئەزىمىتىمىز بارىنىڭ قىلغان ھۇجۇملىرى رەقىبىنىڭ بېشىغا تاش بولۇپ ياغدى.
بولۇپمۇ بارىنىڭ 17مىنۇت بولغاندىكى لامىرېسقا بەرگەن پاسىنى ئۇ بۇرۇن بىلگەن بولسا  كىرىپ كەتكەن توپ ئىدى.
كىيىن بىزنىڭ ئەزىمىتىمىز بارى 39مىنۇت بولغاندا ئەزىمىتىمىز بارى بىر ئالدى مەيداندىكى جازا توپنى تېپىپ نومۇر ئىلىشقا قىل قالدى،ئەگەر قارشى تەرەپ ۋارتارىنىڭ دۇنيا دەرىجىلىك توپ تۇتۇش ماھارىتى كۆرۈلمىگەن بولسا بۇ توپ كىرىپ كېتەتتى.
54مىنۇت بولغاندا يېشىل شەھەر كوماندىسى ئوتتۇرىدىن ھۇجۇم قوزغاپ بىزنىڭ بارى پاسنى ئالدىغا شۇنداق چىرايلىق بەرگەندىن كىيىن  لامېرىس توپنى  ئىلىپ ئۇرۇشقا تەمشەلگەندە قارشى تەرەپنىڭ مۇداپىيەچىلىرى قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەت بىلەن لامىرېسنى يىقىتىۋەتتى،رېپىرى بۇ ھەرىكەتنى ھەددىدىن ئاشقان خىلاپ ھەرىكەت دەپ نۇقتا توپ قۇيۇپ بەردى،بۇ توپنى لامىرىس ئۆزى ئۇرۇپ نەتىجىنى 1:0قىلىپ ئۆزگەرتتى.
كىيىن يېشىل شەھەر كوماندىسى بارىنىڭ يېتەكچىلىكىدە سول ھەم ئوڭ تەرەپتىن توختىماي ھۇجۇم قىلىپ رەقىبىگە ھۇجۇم قىلىپ نومۇرنى تەڭلەشتۈرۋىلىش پۇرسىتىنى بەرمىدى ھەمدە ئاخىردا بىزنىڭ ئەزىمىتىمىز بارىنىڭ كوماندىسى غەلىبە قىلدى.
يېشىل شەھەر كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى:
سەپ شەكلى:4.4.2
ئەزالىرى:
بارى،چۈبو،پۇپېڭشىياڭ،دۇۋېي،فەنشاۋدۇڭ،ماۋجىيەنچىڭ،باسكېس،تاڭجىياشۇ،بېسلاروف،لامىرېس، لەندى


ئەزىمىتىمىز بارى


 



 


 


ئاخىردا ئەزىمىتىمىز بارىنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئىشلىرغا تىخىمۇ ئۇتۇق تىلەيمىز.

مەنبە:نۇر  تورى

39

تېما

4

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   12.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  159
يازما سانى: 620
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3350
تۆھپە : 2279
توردىكى ۋاقتى: 625
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-10 16:48:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىدىماسلار بارىنى ئۇلىنپېك كاماندىسغا تاللىماي چوڭ خاتالىق ئۇتكەزدى.....
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

0

دوست

941

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   88.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1313
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 225
تۆھپە : 134
توردىكى ۋاقتى: 235
سائەت
ئاخىرقى: 2012-12-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-10 17:31:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارىكاللا ،ئەزىمەت !خەلقىڭىز سىزدىن چەكسىز پەخىرلىنىدۇ!ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقى بۇ ئەزىمەتلەر ئارقىلىق دۇنياغا يۈزلەنمەكتە!!!

yahxilik kilalmisangmu yamanl

1

تېما

9

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   3.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2771
يازما سانى: 594
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2108
تۆھپە : 2073
توردىكى ۋاقتى: 823
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-10 22:55:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىشىنىڭ روھىنى كۆتۇرىدىغان ياخشى خەۋەركەن . مۇشۇنداق ئەزىمەتلىرىمىز تېخىمۇ كۆپلەپ چىقسا نېمىدېگەن ياخشى !قانچىلىق غەيرەت-شىجائەت ، چىدام ، تىرىشچانلىق ئارقىسىدا كەلگەن ئىلگىرلەش ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلالايمىز -ئەلۋەتتە .
5#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )