قەھرىماننى زادى كىم ئۆلتۈردى ئابدۇۋەلى ئايۇپ
ئابدۇراھمانغا بولغان مۇسىبەتلىك ھىسلىرىمغا جۆر بولۇپ «قەھرىماننى كىم ئۆلتۈردى» دېگەن يازمىنى ئوقۇپ چىقتىم. ياخشى نىيەت، قېرىنداشلىق ۋە دوستلۇق تۇيغۇلىرى بولدۇقلاپ تۇرغان بۇ يازما ھەممەيلەنگە ئوخشاش مېنىمۇ ياش تۆككۈزدى. ئويلىنىپ قالدىم بىر دەمدىن كېيىن. قەھرىمانىمىز ئابدۇراھماننى راستىنلا بىز- ئۇيغۇرلار ئۆلتۈردۇقمۇ؟ مەنمۇ بىر ئۇيغۇر بولغاچقا ئۆزۈمنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئويلىدىم. ئابدۇراھماننى مەنمۇ تونۇيتتىم، ئىككى قېتىم خېلى ئۇزاق مۇڭداشقان...دېمەك مەندىنمۇ قاتىللىق سادىر بولغاندىمۇ ئۆزۈم بىلمەي؟ ئەستەغفۇرۇللاھ(ئاللاھ كەچۈرگەي). «بىز ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان، بىز ھەق ئۈچۈن جان بېرىمىز، ئەمما ھىچكىمنىڭ بىر تېمىم قېنىغىمۇ ناھەق زامىن بولمايمىز» دەپ ئاڭلايتتىم بوۋىلاردىن. ئويلاپ باقسام بىز ئۇيغۇرلار ھەتتا سەبى بالىلىرىمىز بىلمەي بىر قۇشقاچنى قىيناپ سالسىمۇ «قىساسى تۇتىدۇ» دەپ قەتئىي يول قويمايدىكەنمىز. ئۇيغۇرلار ھەرقانداق جانلىقنىڭ ئاللاھنىڭ مۆجىزىسى ئىكەنلىكىگە، جانغا زامىنلىقنىڭ سورىغىنىڭ بەرھەقلىقىگە ئىشەنگىنىمىز ئۈچۈن زېمىنىمىز جانۇ جانۋارلارنىڭلا ئەمەس، جاھانغا پاتمىغان، قوغلانغان كۆچمەنلەرنىڭمۇ ئاسايىش ماكانىغا ئايلانغانىكەن. بىز بۇ دىياردا يات، كۆچمەن قەۋىملەردىن تارتىپ بارلىق جاندارلارغىچە ھەممىسى بىلەن ھەمدەمدە ياشاپ كەلدۇق. مۇسۇلمانلىق تارىخمىزدا بىر بىرىمىز بىلەن «تىنچلىقمۇ،» دەپ سالاملىشىپ بىرىمىزنىڭ ھۆرمىتىنى يۈزىمىزگە، كۆزىمىزگە سۈرۈپ، تەكلىماكاننىڭ قۇم كەلكۈنىدىن ئالەمنى؛ زۇلۇم، مۇھتاجلىق ۋە مۇستەملىكە تالاپىتىدىن مۇساپىرلارنى مۇداپىيە قىلىپ بۈگۈنگە ئۇلاشتۇق. خوش، قوينىڭ قوزىسىدەك بۇ ناتىۋان، چارەسىز، باغرى قان خەلق، قانداق قىلىپ قانخور بولۇپ قالدى؟ "قەھرىماننى كىم ئۆلتۈردى،" دېگەن يازمىنىڭ ئېگىسى يازغاندەك ئابدۇراھماننى ئۇيغۇرلار، ئۇيغۇر جەمئىيىتى، ئۇيغۇرچە ئاڭ ئۆلتۈردىمۇ؟
مەنچە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۇنداق ئادەمخور جەمئىيەت ئەمەس، تارىخ ۋە رىياللىق بۇنداق مەنتىقىسىز، پاكىتسىز، ھاجاندىن باشقا ئاساسى بولمىغان ھۆكۈمنى رەت قىلىدۇ. ئابدۇراھمان ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە كەتتى. ئۇيغۇر پالۋانغا بولغان سۆيگىسىنى مىيىت نامىزىغا رەت رەت بولۇپ تىزىلىپ، ئاللاھقا چىن كۆڭلىدىن دۇئا-ئىلتىجا قىلىپ، ساداسى چىققۇدەك پۇرسەتلا بولسا غۇلغۇلا قىلىپ ئىپادىلىدى. ئۇيغۇر بۇندىن باشقا نېمە قىلالايدۇ؟ مەسىلەن، مەن بىلسەم ئېدىم 2012 –يىلى سىنتەبىردە كۆرۈشكەندە يارىدەم قىلغان بولارىدىم، ھەممىمىز شۇنداق ھىسىياتتا. مەندەك بىلمىگەن ئۇيغۇر مىليۇنلارچە بار، بىزدە نېمە گۇنا. ئابدۇراھمان ئۇيغۇرغا شەرەپ كەلتۈرىۋېدى تۆرگە چىقتى، تون كىيدى، داستىخانلارنىڭ ئەزىز مھمىنىغا ئايلاندى. ئۇيغۇرنىڭ كۆڭلى شۇ داستىخىنى بىلەن، ھاياجانلىق قۇچاقلىرى ۋە يىغىسى بىلەن. قەھرىمانلىرىنى مۇشۇنداق سۆيىدىغان، ئىززەتلەيدىغان، ھىمايە قىلىدىغان مىللەت دۇنيادا قەھرىمان قەھەتچىلىكىدە قالغان ئۇيغۇردۇر ئەلۋەتتە. قىيىنچىلىق ھەر ئىنساندا بار، ھەر يەردە مەۋجۇد، بىزنىڭ مەرھۇمنىڭ قىيىنچىلىقىنى بىلمىگىنىمىز قىينچىلىقلاردىن بىخەۋەر ياشاۋاتقىنىمىزدىن ئەمەس. قىسىلىۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئاللاھتىن ئۆلۈمدىن باشقىنى تىلىمەي تىرەجەۋاتقانلارنىڭ سانىنى بىلمەيمىز. ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ياش نارەسىدىلىرىنى، باغىرى قان جانىجانلىرىنى، نائىلاج زەپىرانلىرنى يۆلىيەلمەيمىز، بەلكى پەقەت تونۇمايمىز. ئۇلارنىڭ ئىسمىنى ئەمەس سانىنىمۇ بىلمەيمىز. بىلمەيدىغانلىرىمىز، بىلمەس بولۇۋالغانلىرىمىز، قۇلاق يۇپۇرىۋاتقانلىرىمىز ئازمۇ؟ ئابدۇراھماننىڭ ئىدارىسى، ئابدۇشۈكۈردەك رەھبىرى، كۆكتېكىندەك يازارمەن دوستلىرى بار، ئىكەن. يوقلارنىڭكىنى كىم داۋراڭ قىلىدۇ، كىم غۇلغۇلا قىلالايدۇ، ئۇلارنى كىم يوقلىيالايدۇ؟ ئاللاھقا شۈكۈرلەر بولسۇنكى، مەرھۇمنىڭ مىيىتىگە ئىگە بولغۇدەك پۇرسىتىمىز بولدى، خەۋەر تاپقىدەك تەلىيىمىز بولدى، جىنازىسىنى كۆتۈرگىدەك جامائىتىمىز بولدى. ئۇيغۇر مانا مۇشۇنداق پۇرسەتلا بولسا، خەۋەرلا تاپسا ھەر زامان، ھەر جايدا قەھرىمانلىرىنى يۆلەيدۇ. ئۇلارنى تىرىكلىكىدە، كۆڭۈل تۆرىدە ئۆستۈرىدۇكى ئوڭۇشسىزلىقىدا، ۋاپاتىداچۆكتۈرمەيدۇ.
ئۇيغۇر بىر خەلقتۇركى يەككە ئادەم ئەمەس. ئۇنىڭ ئارىسىدىن چىققانلارنى بىلىپ تۇرىدىغان دىلى، ئاڭلاپ تۇرىدىغان قۇلىقى، كۆرۈپ تۇرىدىغان كۆزى بولمايدۇ. ئۇيغۇردەك ھالدىكى بىر خەلقتىن كوللىكتىپ ھەرىكەتنى كۈتۈش بىر بولسا نادانلىق، بىر بولسا خۇپسەنلىك ياكى بىر بولسا قارا نىيەتلىكتۇر.مەن نۇرغۇن ئادەم بىلەن ھەرخىل يەرلەردە بىللە بولدۇم ئۇلاردىن ئېرىشكەن دۇئا، مەدەت، يارىدەم مېنى بۇ مىللەتنىڭ سۆيۈمۈك يۈرىكىگە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇردى. ئۇلار بىر ئىنسان سۈپىتىدە شۇنچىلىك سۆيۈملۈك، غەمخان، مۇڭلۇق...يەنە بىر قارىساڭ شۇ قەدەر نائىلاج، ئاجىز، مەھكۇم، ھەسرەتلىك. بىز ئۇيغۇردىن ئاغرىنىشقا كۆندۇق، شۇ ئادىتىمىز بويىچە ئاغرىنغاندا ئاغزىمىزغا لىق تولدۇرۇپ قاقشايمىزۇ، كىمگە قاقشاپ بېرىۋاتقىنىمىزنى ئۇنتۇپ قالىدىكەنمىز. شۇ ۋايساشلىرىمىزنى ئاڭلاۋاتقان، "ھەق راست" دەپ باش لىڭىشتىۋاتقان، گەپلىرىمىزگە يۇۋاشلىق بىلەن قول قوشتۇرۇپ مەسۇملارچە قۇلاق سېلىۋاتقان جامائەتنىڭ بىز ئەيىپلەۋاتقان شۇ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالىدىكەنمىز. بىر مىللەتتىن بىر ئادەمدىن كۈتكەن ھەرىكەتنى، ۋىجدانى، سادانى ۋە پىداكارلىقنى ئۈمىد قىلىش شۇنداق كىشىلەرنى ۋايسىغۇچىلاردىن قىلىدۇكى، ئۇلارنى سوغۇققان پىكىرگە يېقىن يولاتمايدۇ.
ئىنساننى ئۆزى بولۇپ تۇغۇلۇپ مۇستەقىل ياشىغىلى، كېسەل ياكى باشقا سەۋەب بىلەن ئۆلگىلى قويايلى. ئىنسان يالغۇز، تۇغۇلۇپ ئالدى بىلەن دائىم ئۆزى بىلەن، ئۆزى ئۈچۈن ياشاپ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى بىلەن قەبزى روھ بولىدۇ. ئەمدى بىر ئادەمنىڭ پىشكەللىكى، چارسىزلىكى ۋە تۇيۇقسىز ۋاپاتىمۇ ئۇيغۇرغا يۈكلەنمىسۇن. قەھرىمانمۇ ئادەم، ئۇلار مىدال ئالغاندا، تۆھپە قوشقاندا، مەشىق قىلغاندا مىللەت، ئۇيغۇر دەپ ئولتۇرمايدۇ. سودىگەر پۇل تاپقامدا مىللەتنى دەپ تاپمايدۇ. كەشپىياتچى مىللەتنى دەپ كەشىپ قىلىپ، ئىجادىيەتچى مىللەت ئۈچۈن ئىجادىيەت قىلمايدۇ. ھەممە ئادەم ئۆزى كەسىپ قىلغان ئىشنى، ئۆزى سۆيگەن ساھەنى ۋە جېنىنى باققان خىزمەتنى تىرىشىپ قىلىدۇ. ھىچكىم مىللەت ئۈچۈن توغۇلۇپ، دىن ئۈچۈن پۇل تېپىپ، ئىنسانىيەت ئۈچۈن تاماق يىمەيدۇ. ھەممىگە دىنىمىزنى، مىلەتنى، مىللىي مەنپەئەتنى، مىللىي شەرەپنى سۈئىستىمال قىلىپ باھا بېرىش بىزنى ھادىسىلەرنىڭ ماھىيىتىدىن، ئىشلارنىڭ ھەقىقىتىدىن مەھرۇم قىلىپ، كۆزلىرىمىزنى خىرەلەشتۈرىدۇ. شەخس ھەر ساھەدە تىرمىشىدۇ، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئاۋامغا نەپ، شەرەپ يەتكۈزسە بۇنى ئىجتىمائى ئۈنۈم دەيمىز. بۇ ئىجتىمائى ئۈنۈمدىن كەلگەن شەرەپ شەخسنىڭ پىسخىك ئىھتىاجىنى قامداپ مۇۋەپپەقيىتىگە تۈرتكە بولىدۇ. بىز شەخس مەۋجۇدلىقىنىڭ پەقەت بىر شەخس ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى، ئىجتىمائىي ئۈنۈمنىڭ نەتىجە ئىتىبارى بىلەن ۋۇجۇدقا چىقىدىغان پەللە ئىكەنلىكىنى ئىتىراپ قىلساق ھەر قانداق سۆيۈملۈك كىشىلىرىمىزگە بېرىدىغان ۋە بەرگەن باھايىمىز نورماللىشىدۇ.
مەرھۇم دوستىمىز ئابدۇراھمانمۇ تىرىشىپ ماھارەت ئىگىلەپ، قابىلىيتى بىلەن مەستانىلىرىنى رازى قىلىپ كەسپىدە مۇۋەپپەقىيەت قازاندى ۋە خەلقمىزنىڭ قەبىنى لەرزىگە سالىدىغان ئىجتىمائى ئۈنۈم قازاندى. مەن مەرھۇمنىڭ ئاللاھقا يارىغان ئەمەللىرى سەۋەبلىك نۇرلار ئىچىدە يېتىشىنى، روھىنىڭ خاترىجەم بولۇشىنى تىلەيمەن.
|