قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 585|ئىنكاس: 7

ماكان سۆيگۈسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

12

تېما

0

دوست

1060

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11234
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 29
تۆھپە : 306
توردىكى ۋاقتى: 37
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-24 23:49:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماكان سۆيگۈسى
ئالىپ ئوغۇز


    ماكان سۆزى تىلغا ئېلىنسا كۆپ قىسىم كىشلەرۋەتىنىنى ۋە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئانا يۈرۇتىنى ئەسكە ئالىدۇ . ماكان ئۇقىمى تار جەھەتتىن مەلۇم زېمىن دائىرسىنى كۆرسەتسە ،كەڭ جەھەتتىن ئۇ بىزنىڭ بارلىق ماددىي ۋە مەنىۋىي ماكانىمىزنى كۆرسىتىدۇ  . بىزنىڭ بۇ يەردە بايان قىلماقچى بولغىنىمىز  ھەرقانداق ئىنساننىڭ مەۋجتلىقىدا  كەم بولسا بولمايدىغان  ماددىي ھەم مەنىۋىي ماكاندۇر . ھەرقانداق شەخىس مەلۇم ماكان دائىرسىدە پالىيەت ئېلىپ بارىدۇ . ماكانسىز ئىنساننىڭ مەۋجۇتلىقىنى تەسەۋۇر  قىلىش مۆمكۈن ئەمەس . ئىنسان تۇغۇلغان ھامان مەلۇم ماددىي ۋە مەنىۋىي ماكاننىڭ پەرۋىش قىلىشىغا ئۈچىرايدۇ.بۇنىڭ بىلەن شۇ ئىنساندا ئۆزىنىڭ ئاڭ قاتلىمىنى قۇرۇپ چىققان ھەم ھاياتلىقپالىيىتىگە  تەسىر قىلغان ماكانغا نىسپىتەنتوسىۋالغۇسىز ماكان مۇھەببىتى شەكىللىنىدۇ .بۇنى بىز ماكان ئېڭى ياكى بولمىساماكان سۆيگۈسى دەپ ئاتايمىز. ماكان ئېڭىنىڭ چوڭقۇرلۇق دەرجىسى بىر ئىنسان بىلەنباشقا بىر ئىنسان شۇنداقلا مەلۇم ئىجتىمائىي توپ بىلەن باشقا بىر ئىجتىمائىي توپ ئوتتۇرسىدا روشەن پەرققە ئىگە .                  ماكان ئېڭى كۈچلۈك توپ ئۆزىنىڭ ماددىي ۋەمەنىۋىي  ماكانىنى قوغداشقا ئالاھىدەئېتبار بېرىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقانداق قۇربان بېرشتىن يانمايدۇ .ئۇلار ئۆزىنىڭماددىي ۋە مەنىۋىي ماكانىنى باشقا يات توپقا تېڭشقا رازىكى ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭماددىي ۋە مەنىۋىي ماكانىدىن ۋاز كەچمەيدۇ. ئۇلارغا باشقا ماددىي ۋە مەنىۋىيماكانىنىڭ سىڭىپ كېرەلىشى تولىمۇ تەس .  بىز نۇرغۇنلىغان مىللەتلەرنىڭتىلىنىڭ دۇنياۋى تىل بولۇپ قالغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى  تەپسىلى كۈزەتكەن ۋاقتىمىزدا، بىز ئۇلارنىڭئۆزئانا تىلىنى باشقىلارغا تاڭغانلىقىنى ھەم نىمە ئىش بولۇشتىن قەتتىي نەزەر ياكىنەدە بولىشىدىن قەتتىي نەزەر ئۆزىنىڭ  ئاناتىلىنى قوللۇنۇشتىن ۋاز كەچمىگەنلىكىنى پەرەز قىلىپ يىتەلەيمىز . .بىز بۇ خىلھادىسىنى غەرپنىڭ قۇل سودىگەرلىرىنىڭ ھايتى تەسۋىرلەنگەن ‹‹دېڭىز سەرگەردانىروبىنزون كىروزى ››فىلىمدىن ئېنىق ھېس قىلىپ يىتىمىز .روبىنزن كىروزى سىرلىقئارالنىڭ پۇقراسى بولغان قارا تەنلىك ياشقا ئېنگىلىس تىلىنى تاڭىدۇ مەسىلەن ،ئۇنىڭئىسمىنى  ‹‹جۇمە ›› دىگەن ئېنگىلسەچە نامبىلەن ئاتايدۇ .قارا تەنلىك ياشقا ئۆزىنى ئېنگىلىسچە ‹‹خۇجايىن ››دەپ ئاتاشنىئۈگىتىدۇ  .ئۇ ئارلغا كەلگەندىن كېيىنيەرلىك كىشىلەرنىڭ تىلىنى بىلىشكە زادى قىززىقمايدۇ ... ئېنگىلىسلارنىڭ ماكان ئېڭى كۈچلۈك بولغاشقا نۇرغۇن  كىشىلەردە ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئەنئەنىسىنى دوراشنىياكى ئۇلارنىڭ ئىتراپ قىلىشىغا ئېرىشىشنى ئىلغارلىق ياكى مەدەنىيەتنىڭ بەلگىسى دەپ قاراش ئېڭى شەكىللەنگەن  . دىمىسىمۇ بىز دۇنيانىڭ نەرئىگە بارايلىچېلىقتۇردىغىنىمىز ھامان ئېنگىلىس مەدەنىيىتى بولۇپ چىقىدۇ . ئۇلار ئۆزىنىڭمەنىۋىي ماكانىنى  كېڭەيتىشكە ئېتىباربېرىپلا قالماستىن ھەم ماددىي ماكانىنىمۇ كېڭەيتىشكە سەل قارىمىغان . شۇڭلاشقائېنگىلىسلارنىڭ مەددىي ماكانىنىڭ بەلگىسى بولغان مەسىلەن، كاستوم بۇرلۇكا،گالاستۇك ،قەھۋە...قاتارلىقلار   دۇنيانىڭھەرقانداق قىتەسىدە بار ھەتتا ئۇلارنىڭ زېمنى ھەرقايسى قىتەلەرنىڭ خېرىتىسدىنتېپىلىدۇ .  . ئۇلار ئۆزلىرى ئىگەللىۋالغانھەرقانداق ماكانغا ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيىتىنى كۆچۈرۈپ كېلىپ  باشقا مەدەنىيەت ماكانلىرىنى قاتتىق چەكلىگەن.بۇنىڭ بىلەن ماكان ئېڭى سۇس بولغان توپلار ئاسانلا ئېنگىلىس ماددىي ۋە مەنىۋىيماكانىنىڭ چەمبىرىكىگە كىرىپ قېلىپ ،ئەسلى بار بولغان ئۆزىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىيماكانىنى يوقاتقان .
      مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ماكان ئېڭى كۈچلۈك توپنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى تېزبولىدۇ .ماكان ئېڭى سۇس توپنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى ئاستا بولىدۇ مەسلەن ،ئافرىقىدىكى كۆپ قىسىم دولەتلەردىكى خەلقلەرنىڭ  ماكان ئېڭى سۇس بولغاشقا،تارىختا ئۇلار ئۇزاق مەزگىل مۈستەمچىلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا چۈشۈپ قالغان . ئۇلارھازىر ئۆز ھوقوقىغا ئېرشكەن بولسىمۇ ،بىراق ماكان ئېڭى تۈۋەن بولۇشتەك روھىيئاجىزلىق سەۋەپلىك تىلى ۋە تۇرمۇش ئادىتى فىرانسوسلاشقان ياكى ئېنگىلىسلاشقاندولەت ۋە مىللەتلەرگە ئايلىنىپ كەتتى ھەتتا دىنمۇ خىرستىيان دىنى بولۇپ كەتتى .بۇخىل ھادىسە مەلۇم توپتا ئىپادىلەنسە مەلۇم توپتا زادى ئىپادىلەنمەسلىكى مۆمكۈن  مەسلەن، ئۆزىمىزنىڭ ئۆتمىشىگەنەزەر سالغان ۋاقتىمىزدا، بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىز تارىختا  پارىسلارنىڭ ، ياۋرۇپالىىقلارنىڭ (ئىسككەندەرنىڭئىستىلاسى )  ، مۇڭغۇللارنىڭ شۇنداقلا  باشقا نۇرغۇن ـ نۇرغۇن يات ماكاندىن كەلگەنتاجاۋۇزچىلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي ماكانىنى تېڭىشىغا ئۇزاق مەزگىل ئۈچىرىغان بولسىمۇ، بىراق ئۆزلىرىنىڭماددىي ۋە مەنىۋىي  ماكانىنى ساقلاپ  تارىخىنى بۈگۈنگە ئۇلىغان .                                    
   ئۇيغۇرلارنىڭ ماكان ئېڭى ئۇزاق تارىخىلىققا ئىگە.بىز ئۆزىمىزنىڭ تارىخىنى ۋاراقلايدىغان بولساق ئەجداتلىرىمىزنىڭ ماكان ئېڭىغاتۇلىمۇ ئېتىبار بېرىدىغانلىقىنى بايقايمىز .تارىختا ئۆتكەن ھونلارنىڭ ئاسىيا ۋەياۋرۇپاغا  سوزۇلغان چەكسىز زېمىننىئىگەللىيەلىشى ۋە تارىم ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرتۈزلەڭلىكە بۇددا دىنىنىتارقىتالىشى ئۇلارنىڭ ئۆز ماكانىنى ساقلاش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىيماكانىنى كېڭەيتىشكە تولىمۇ ئېتىبار بېرىدىغانلىقىنىڭ جانلىق ئىسپاتىدۇر .ئۇنىڭدىنباشقا بىزنىڭ تارىخىمىزدا ئۆتكەن ئۇلۇغ ئالىمىمىز مەخمۇت قەشقەرى شۇنداقلا  تەجەللى ،ئابدۇقادىر داموللام .....قاتارلىقتالاي كىشىللىرىمىزنىڭ يات ماكاندىكى زور ئىمتىيازدىن ۋاز كېچىپ ،ئۆزى تۇغۇلۇپئۆسكەن ماكانىنى مەڭگۈ ئېسىدە ساقلىشى ھەم خېيىم _ خەتەرگە قارىماي ئۆزىنىڭ ئاناماكانىغا قايتىپ كېلىپ ،خەلقى بىلەن جاپا ۋە ھالاۋەتنى تەڭ تارتىشقا رازى بولىشىئەجداتلىرىمىزنىڭ ئۆزىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي ماكانىغا بولغان مۇھەببىتى ۋەھۆرمىتىنىڭ چەكسىزلىكىنىڭ دەلىلىدۇر .                                               
    بىز ھازىرقى مەۋجۇتلىقىمىزغا قارايدىغان بولساق  ئەجداتلىرىمىزنىڭ روھىيغا ياتھالدا كۆپ قىسىم كىشىللىرىمىزنىڭ غەرپنىڭ ياكى شەرقنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي ماكانىغاباشچىلاپ كىرىپ كېتىپ ،ئۆزىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي ماكانىنى ساقلاشقا ۋە كېڭەيتىشكەسەل قاراۋاتقانلىقىنى بايقايمىز.  بۇنىڭنەتىجىسىدە ئەنئەنە جەھەتتىكى ئوخشاشلىقىمىز ۋە روھىي بىرلىكىمىز بارغانسىرىسۇسلاپ ،ئارىمىزدا بىر بىرگە زىت بولغان نۇرغۇن ماكانلار يېڭىدىن شەكىللەندى  مەسلەن ، غەرپ ماددىي مەدەنىيىتنىڭ ئەخلىتىبولغان ئىچىدىغان ۋە  چېكىدىغان  سورۇنلار ، ئەنئەنىمىزگە يات بولغان كىيىم ـكىچەكلەر ...  بىزنىڭ ماددىي ماكانىمىزغابېسىپ كىرسە ،غەرپنىڭ بىرقىسىم  چۈشكۈنقارشلىرى  مەسىلەن ، جىنىسى ئەركىنلىك...قاتارلىقلار بىزنىڭ مەنىۋىي ماكانىمىزغا تەسىر كۆرسۈتۈپ ئۆزنىڭ ماكانىغا  نۇرغۇنلىغان ئىردىسىز كىشلىرىمىزنى سۆرەپئەكىرىپ ئەخلاقى يىمىرلىشنى پەيدا قىلماقتا .ئۇنىڭدىن باشقا شەرقچە شەخس ۋە ھوقوققا تىۋىنىش  ئادەتلىرنىڭ بىزگە يامىراپ كىرىشى نۇرغۇنكىشىللىرىمىزنىڭ ھەقىقەتكە بولغان سۆيگۈسىنى تەۋرتىپ ئۇلاردا پۇل ۋە ھوقوق ئۈچۈنياشاش ئادىتىنى شەكىللەندۈرمەكتە .بۇ سەۋەپلىك بىزنىڭ نۇرغۇنلىغان قىممەتلىكماددىي ۋە مەنىۋىي مەدەنىيىتىمىز مەسىلەن، باغۋەنچىلىك مەدەنىيتىمىز،  كىيىم _ كىچەك مەدەنىيىتىمىز، گۈزەللىكقارىشىمىز ،ئەخلاقى قارىشىمىز ھەتتا تىلىمىز باشقا ماددىي ۋە مەنىۋىي ماكان سەۋەبىدىن ئۇنتۇلۈشقا يۈزلەندى .بولۇپمۇ  تىل ماكانىمىز تارىيىپ ئۇ تېخمۇئەبجەشلىككە قاراپ ماڭماڭتا... نۇرغۇن يالغان ماكانلار توقۇپ چىقىلىپ ئۇلۇغلانماقتا ياكى ئۆزىنىڭ بىردىن بىرئۇلۇغ ماكانلىقىغا  بىزنى ئىشەندۈرمەكتە.بۇنداق مىساللار تۇرمۇشىمىزدا تولىمۇ كۆپ .بۇ خىلدىكى ئۆزىدىن ياتلىشش ھادىسلىرىھەتتا مەنىۋىيىتىمىزنىڭ ئىسپاتى بولغان ئەدەبىيات _ سەنىتىمىزگىمۇ بۆسۈپ كىرپ ، ھەتتا  ئەدەبىيات _ سەنىتىمىزدە ئەخماقلارچەمەدىھلەنمەكتە .مەن يۇقاردىكى ھۆكۈمنى تېخىمۇ ئېنىق يۇرتۇپ بېرىش ئۈچۈن <<قۇرتلاپ كەتكەن كۆل >>(1) دىگەن فىلىمنى مىسال كەلتۈرۈش بىلەن چەكلىنىمەن . بۇ فىلىمدە ئوخشاش بولمىغان ئىككىمەدەنىيەت ماكانى ئوتتۇرسىدىكى سۈركۈلۈش ئاساسى مەزمۇن  قىلىنغان  . فىلمدىكى ۋەقەلىكتە باشقا يەردىكى بىر  ماكان تىپىك ئۇيغۇر يېزا _ قىشلاق ماكانىغا  سېڭىپ كېرىشكە ئۇرۇنماقچى بولىدۇ   . بۇ ئۇيغۇر يېزا ـ قىشلاق ماكانىغا سىڭىپكىرمەكچى بولغان  ماكاندا ئۆسۈپ چوڭبولغۇچىلارنىڭ ئېڭى :سانائەت بىرلەمچى ،ئۇ ھەممىگە قادىر ، دىگەن ئىتقات بىلەنقۇراللانغان ئىدى . ئۇلارغا نىسپەتەن ئۇلارنىڭ سىرىتىدىكى بارلىق ماكانمەدەنىيەتسىزلىك ۋە كونىلىقنىڭ پاتقىقىغا كىرىپ قالغان ئىدى .شۇڭا ئۇلار فىلىمدىكىۋەقەلىكتە ئۆزلىرىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي ماكانىنى سەھرانىڭ ساپ مۇھىتىغا تېڭىپ،ئەسلى بار بولغان ماكاننى ئۆزگەرتىشكە جان _ جەھلى بىلەن ئاتلىنىدۇ .بىراق ئۇلارماكان سەزگۈرلىكى كۈچلۈك بولغان شۇ يېزىدىكى كىشلەرنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۈچىرايدۇ. چۈنكى فىلىمدىكى  ئاتالمىش تەرەققىيات ۋەمەدەنىيەتنىڭ سىموۋۇلى بولغان كۈچ ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرمۇشىدا ئۇزاق تارىخىلىققا ئىگەبولغان تاغلاردىن ئېقىپ كېلىپ دەريا ۋە كۆللەرگە قۇيۇلغان پاك، ئەركەك سۇنى (ھازىر بۇ سۇلارنى سۇليوۋ پوتولكىلارغا قاچىلاپ سېتىۋاتىمىز. ) ئىشلىتىدىغانئەنئەنىسىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ .بۇ تاشقى كۈچ نوقۇل ھالدا بار بولغان بايلىقنىئېچىشنىلا مەخسەت قىلىۋالىدۇ،بىراق ناچارلىشىپ كېتىپ بارغان مۇھىيتنىمەسىلەن،  بۇ كۆلنىڭ نىمە ئۈچۈن بۇرنقىساپلىقىنى يوقۇتۇپ قۇرتلاپ كەتكەنلىكىنى قىلچە ئويلاپ قويمايدۇ. ھەم كۆلنى بۇرنقىسۈزۈك ھالىتىگە قايتۇرۇشنىمۇ خالىمايدۇ . پەقەت سانائەتنىڭ تۆمۇر سايمانلىرى بىلەنئۆزلىرىنىڭ ئىلغارلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى يېزدىكى ئۇيغۇرلارغا پەش قىلىدۇ .بۇفىلمدە رومال ئارتقانلار ،دوپپا كەيگەنلەر سەلبىلىك رولىنى ئېلىپ كۈلكىلىك ھالغاچۈشۈپ قالغان قىلىپ تەسۋىرلىنىدۇ . چۈنكى ئۇلارنى ئۆزگەرتىشنى ئويلاۋاتقان تاشقىيەردىن كەلگە ماكاندىكى كىشلەر نەزىرىدە بۇنداق نەرسىلەر قالاقلىقنىڭ ۋەھاماقەتلىكنىڭ مەنبەسى ئىدى . بۇ فىلىمدە ئەزەلدىن كۆرلۈپ باقمىغان كۈلكىلىك بىرۋەقە، يەنى ئەرلەرنىڭ ھامىلدار، ئاياللاردەك قورسىقىنىڭ تومپىيىپ كېتىشى يۈزبېرىدۇ . بۇ ھادىسە بۇ يەردە ياشۇغۇچى كىشلەر ئارسىدا ئەزەلدىن يۈز بېرىپ باقمىغانئىدى . ئۇلار بۇ كۆل سۈيىنىڭ پاكلىقىغا ئۆزىگە ئىشەنگەندەك ئىشىنەتتى شۇنداقلا بۇيەردە ياشۇغۇچى كىشلەر بۇ كۆل سۈيىنى ئىچىش ئارقىلىق ئۇزاق تارىخىنى بۈگۈنگەئۇلىغان ئىدى .ئۇلارغا نىسپەتەن كۆل سۈيى ئۇلارنىڭ ھاياتىنى ساقلاشنىڭ كاپالىتىئىدى .ئۇلارنىڭ روھى كۆل سۈيى بىلەن يۇغۇرلۇپ كەتكەن ئىدى . بىراق بۇ كۆل تۇساتتىنبۇلغۇنۇپ ،ئۇلارنىڭ ھاياتلىق ماكانىنىڭ تەڭپۇڭلىقى بۇزۇپ تاشلايدۇ   .بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ جىسمىدا ۋە روھىيداغەيرى ئالامەتلەر روي بېرىدۇ . فىلمدە كۆلنىڭ نىمە ئۈچۈن قۇرۇتلاپ كەتكەنلىكى يورتۇپ بېرىلمەستىن، بارلىق پاجەنىڭمەنبەسى كۆلگە ۋە شۇ يەردە ياشۇغۇچى كىشلەرگە ئارتىپ قۇيۇلغان . ئەمىلىيەتتەماكاننىڭ بۇلغۇنىشىنى بۇ يەردىكى كىشلەر ئەمەس بەلكى باشقا ماكاننىڭ ئۇلارماكانىغا سوقۇنۇپ كىرىپ ئەسلى ماكان تەڭپۇڭلىقىنى بۇزۇپ تاشلىغانلىقى ۋە بۇ يەرنىبۇلغىغانلىقى سەۋەپ بولغان ئىدى. چۈنكى بۇ يەردىكى كۆل سۈيىدە بۇرۇن ئەزەلدىنقۇرۇت تۇماق بىرەر پاخالمۇ يوق ئىدى .قۇرۇت ۋە كىشلەر جىسمىغا زىيانكەشلىك قىلىدىغانغەيرى ماددىلار باشقا ماكاندىن بۇ يەرگە ئېقىپ كىرگەن ئىدى .بۇ يەردىكى كىشلەر ئۆزئەنئەنىسىنى قوغداش يولىدا كۆرەش قىلغان بولسىمۇ ، لېكىن ئەسەردە ئەخماق ۋەنادانغا چىقىرىۋىتىلىدۇ .ئۇنىڭ ئەكسىچە مۇھىتنى ئىس _ تۈتەك ۋە چۈشىمىزدىمۇ كۆرۈپباقمىغان خەۋۈپلىك بۇلغۇنىشنى پەيدا قىلىش رولىنى ئېلىپ كېلىۋاتقان سانائەتنىڭسىموۋۇلى بولغان كۈچ ئىلغار ۋە قۇتقۇزغۇچى قىلىپ تەسۋىرلىنىدۇ . بۇ يەردە زادى كىمئىلغارلىققا ۋەكىللىك قىلىدۇ ؟     
     بىز ئامېركا بىلەن ياپۇنىيە بىرلىشىپ ئىشلىگەنشۇنداقلا دۇنيادا زور تەسىر قوزغىغان << ئاخىرقى جەڭچى >> (2) دىگەنفىلىمنى كۆرگەن ۋاقتىمىزدا << قۇرتلاپ كەتكەن كۆل >> فىلىمىدەئوتتۇرغا قويۇلغان ئىدىيەگە پۈتۈنلەي زىت بولغان مەنزىرنى چېلىقتۇرىمىز . بۇفىلىمدە غەرپنىڭ مەدەنىيەت ماكانىنى ئۆزلەشتۈرىشنى ئويلايدىغان ھەم ئۇنىڭغا قۇللارچەباش ئىگىدىغان ياپۇنىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ياپۇن مىللىي روھىينى بار كۈچى بىلەنقوغدايدىغان شۇنداقلا ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت ماكانىنى باشقا مەدەنىيەت ماكانىنىڭبۇلغىشىغا قاراپ تۇرمايدىغان كۈچ ئوتتۇرسىدىكى كەسكىن كۈرەش تەسۋىرلىنىدۇ . ياپۇنمىللىي روھىينى قوغدۇغۇچىلار ياپۇنلار ئەزەلدىن ئىشلىتىپ كىلىۋاتقان قىلىچ ۋەئوقيانى قولىغا ئېلىپ ، غەرپنىڭ زەمبىرەك ۋە مىلتىقلىرى بىلەن قۇراللانغان سان _ساناقسىز پادىشاھ ئارمىيەسىگە قارشى ئاخىرقى جەڭچىسى قالغىچە كۈرەش ئېلىپ بارىدۇ .بۇ فىلىمنىڭ بېشىدىكى بىر كارتىنىدا  ياپۇنئەنئەنىۋىي ماكانىنى قوغدۇغۇچى بىر ياش مەلۇم ئىش بىلەن شەھەرگە كىرگىنىدە ،ياپۇنىيەنىڭ ئۆزىنىڭ ئەنئەنۋىي مەدەنىيىتىنى پەس كۆرىدىغان ۋە ئۇنى يوقۇتۇشنى ئويلايدىغان پادىشاھ ئارمىيەسى تەرپىدىنھاقارەتكە ئۈچىراپ مەجبۇرى چېچى كېسىۋىتىلىدۇ . بۇ چاغدا ئۆزىنىڭ مىللىئەنئەنىسىنى  قەدىرلەش ۋە ئۇنى ساقلاشئىرادىسى بىلەن قۇراللانغان بۇ ياش ئامالسىز ، چېچىنىڭ كېسىۋىتىلگەنلىكىگە ماتەم بىلدۈرۈپ كوچىدا ئۇزاققىچە تىزلىنىپئولتۇرۇپ ئۈنسىز ياش تۆكىدۇ . بۇ فىلىم ئاخىرى ياپۇن مىللى روھىي ماكانىنىقوغدۇغۇچىلارنىڭ غەلبىسى ، غەرىپ ماكانىنى ئۆزلەشتۈرۈشنى ئويلاپ ئۆزىنىڭ ئەسلىماكانىنى چەكلەيدىغان كۈچنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ . كۆپ قىسىم غەرىپفىلىملىرىدە مەلۇم يات ماكاندىكى  كۈچىنىڭمەلۇم ئەنئەنىۋى ماكانىغا باستۇرۇپ كىرگەنلىكى ھەم بۇ كۈچكە ئەسلى ماكاندا ياشىغۇچىكىشلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي ماكانىنى قوغداش يولىدا باتۇرانە كۈرەش ئېلىپبارغانلىقى مەركىزى ئىدىيە  قىلىنىدۇ  ھەم ئەنئەنىۋى ماكان روھىي ئالقىشلىنىدۇ مەسلەن،<< قەيسەر يۈرەك >> ،‹باتۇر تايچاق›› ،‹‹زورو››، ..قاتارلىق فىلىملەربۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر . بۇ تۇردىكى فىلىملەردە ئەنئەنىۋى ماكاننى قوغدۇغىچىلارغەلبە قىلىدۇ . شۇڭلاشقا كۆپلىگەن غەرپ فىلىملىرى بىزنىڭ روھىيمىزا ئۇزاققىچەئۇنتۇلماس ئەكىسسادا پەيدا قىلىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا قىرغىزلارنىڭ داڭلىق   يازغۇچىسى چىڭگىس ئايتماتوف يازغان <<ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن >> رومانىنىڭ  دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە بولىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ شۇكى ،بۇ روماندا  ئاپتور نايمان ئانا رۋايىتى ، قىرغىزلارنىڭمىللى روھىينىڭ سىموۋۇلى بولغان ئەركەك تۆگىنىڭ پىچىلىپ كېتىشى ۋە قىرغىزلارنىڭئاتا _ بوۋىللىرى دەپىن قىلىنغان مازارنىڭ سانائەتنىڭ قورقۇنۇشلۇق كەشپىياتىبولغان ئاتوم سىناق مەيدانىغا ئايلىنىپ قېلىشى ... قاتارلىق بىر قاتار ۋەقەلەرئارقىلىق . قىرغىز خەلقىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي ماكانىنىڭ گۇمران بولۇش گىرداۋىغابېرىپ قالغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتنىڭ يات ماكاننىڭ تەسىرىدەچەكلىنىپ ھەم تاشلىنىپ قېلىۋاتقانلىقى  ھەتتاقىرغىز ياشلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ئەنئەنىسىنى قوغداش ئۇياقتا تۇرسۇن ئەكسىچە ئاتا_ بوۋۇللىرىنىڭ ئۈمىدىگە ئاسىلىق قىلىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت پۈتكۈل ئىنسانىيەتكەئورتاق بولغان نازۇك ئىدىيەنى ئوتتۇرغا قۇيالىغانلىقىدا . بىراق بىزنىڭ سانجەھەتتىن كۆپ ئەمما ئوتتۇرغا قويغان ئىديەسى يۈزەكى ۋە پەلسەپەۋلىكى بولمىغان ،قۇرۇق ۋەقەلىك بىلەن تولغان بىر قىسىم ئەدەبىي ئەسەرلىرىمىزدە شۇنداقلا ساۋاتسىزئارتىسلىرىمىز رول ئالغان فىلىملىرىمىزدە مەلۇم ئاتالمىش ئىلغارلىقنى ياقىلۇغۇچىكۈچ ھامان ئەنئەنىۋى ماددىي ۋە مەنىۋىىي ماكاننى قوغدۇغۇچى كۈچ ئۈستىدىن غەلبەقىلىدۇ . بۇ يەردە ئەنئەنىۋى روھنى ئىپادىلگۈچىلەر قالاق ۋە مەدەنىيەتسىز ياكىبولمىسا مۇتتەسىپ قىلىپ تەسۋىرلىنىدۇ . بۇ خىل ئىپادىلەشتىكى يۈزەكىلىك ۋەبىمەنىلىك فىلىملىرىمىزدە ۋە ئەدەبىي ئەسەرلىرىمىزدە ئادەمنى زېركتۈرۈپ تەكىرار _تەكىرار چېلىقىپ تۇرىدۇ .                     
     خۇلاسىلاپ ئېيتقاندا  ھەرقانداق كىشى ياكى توپ ئەگەر ئۆزىنىڭ ماددىيۋە مەنىۋىي ماكانىغا يۈزلەنمەيدىكەن ئۇچوقۇم باشقا  ماكان تەرپىدىن پۈتۈنلەي يۈتىۋىتىلىدۇ . ماكانئېڭى سۇس توپ ئاخىرى باشقا مەدەنىيەت ماكانى تەرپىدىن شاللىنىپ ئۆز مەۋجۇتلىقىنىيوقۇتىدۇ . مەسلەن لاتىن ئامېركىسىدىكى نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ تىلى ھازىر ئاساسىجەسەتتىن يوقۇلىشقا يۈزلەندى ، بۇ نىمە ئۈچۈن ؟ چۈنكى ئۇلار تىل ماكانىغا سەلقاراپ كەلگەن .بۇنداق مىساللار تارىختا بولسۇن ياكى ھازىرقى دۇنيا مۇھىتىدا بولسۇنساناپ تۈگەتكىسىزدۇر .پارتىيمىز ھازىر يولغا قويۋاتقان زامانىۋېلىق بىلەن ئەنەنىنى بىرلەشتۈرۈش چاقىرىقىغائاۋاز قوشمىز دەيدىكەنمىز بىز ئۆزىمىزنىڭ مىللى ئەنئەنىمىزنى ساقلاپ قالىمىز ۋە ئۇنىتەرققىي قىلدۇرىمىز دەيدىكەنمىز ھەم چوقۇم بىزدە ئۆزىمىزنىڭ ھەر خىل مەسىلەن تىلماكانىمىز ، مۇھىت ماكانىمىز ...قاتارلىق  ماكانىمىزنى قوغداش ۋە ئۇنى دۇنياغا تۇنۇتۇش ھەم ئۇنىڭغا ۋارسلىق قىلىش سەزگۈرلىكىشۇنداقلا ئۇنىڭغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببەت ئېڭى بولىشى كېرەك .
ئەسكەرتىش: ماقالىدا بىر تەرپلىمىلىك ساقلانغان بولسا تۈزتۈپ ئوقارسىز ،چۈنى مەزكۈرئەسەرنىڭ يېزلغىنىغا ئۇزاق بولغان.

5

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2547
يازما سانى: 736
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2588
تۆھپە : 2694
توردىكى ۋاقتى: 911
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-26 12:32:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ماكان چۈشەنچىڭىزنىڭ شەرھلىنىشى بەك ياخشى بوپتۇ ، نۇرغۇن مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە يۇغۇرۇپسىز ..............
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

934

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   86.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33827
يازما سانى: 106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 276
توردىكى ۋاقتى: 22
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-26 17:56:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

چوڭقۇر پەلىسەپىۋى مەنىگە ئېگە بۇ ماقالىنى ‹‹شىنجاڭ مەدەنىيىتى›› جورنىلىغا بېرىش كېرەككەن...ئالىپ ئوغۇز ئەپەندىنىڭ تۇچ قەلىمى يالتىراپ تۇرسۇن!

1

تېما

1

دوست

4872

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   95.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15719
يازما سانى: 664
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 46
تۆھپە : 1374
توردىكى ۋاقتى: 162
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-26 18:27:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالىڭىز بەك تېتىملىق يىزىلىپتۇ . پۈتۈن جەمئىيەت ئوقۇشقا لايىق يازما ئىكەن .....

0

تېما

0

دوست

934

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   86.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33827
يازما سانى: 106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 276
توردىكى ۋاقتى: 22
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-26 21:15:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

باشقۇرغۇچىلار بۇ ماقالىنى مالال كۆرمەي ‹‹يازغۇچىلار مۇنبىرى››گە يوللاپ بارسە بوپتىكەن...؟!

0

تېما

0

دوست

934

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   86.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33827
يازما سانى: 106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 276
توردىكى ۋاقتى: 22
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-28 19:47:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

0

تېما

0

دوست

934

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   86.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33827
يازما سانى: 106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 276
توردىكى ۋاقتى: 22
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-31 20:43:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بولمىسا كىشىدە ۋەتەن سۆيگۈسى،
نە قىلسۇن ئۇندا ئىنسان خىسلىتى.

0

تېما

1

دوست

2603

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   20.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15155
يازما سانى: 248
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 27
تۆھپە : 776
توردىكى ۋاقتى: 179
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-31 21:23:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىلىم دىدى سەن ئۆزەڭنىڭ-ئىگەڭنىڭ ئىپتىخارى
دىلىم دىدى سەن ئۆزەڭدە بارىنىڭ خارۇ-قەلەندەرى

قەلىمىڭلا تېخىمۇ بەركەت تاپقاي...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )