- تىزىملاتقان
- 2013-5-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4928
- نادىر
- 0
- يازما
- 475
ئۆسۈش
97.6%
|
شۇنداق، مەرھۇم پالۋان ئابدۇراھمان ئابلىكىم بىلەن ۋىدالىشىپ ھەقنىڭ دەرگاھىغا ئۇزۇتۇپ قويدۇق. بۇ رېئاللىىق ئاچچىق بولسىمۇ قوبۇل قىلماي باشقا ئامالىمىز يوق.
بۇ توغرۇلۇق يىزىلغان تېمىلا ۋە يانداش يىزىلغان يازمىلارنى كۆرۈپ ئىچىم ئاچچىق بولدى. توۋا... ھازىرقى دەۋىردىمۇ مىللەتتىن قاقشايدىغان قەلەم ئىگىلىرى ھازىرغىچە باركەن دىسە!ئۇ يازمىلارنى بىر تەنقىدى پىكىر دەپ چۈشەنگەن تەغدىردىمۇ بۇنى ئومومىي مىللەت دەرجىسىدە كۆتۈرۈپ مەرھۇمنىڭ "قاتىلى"نى ئۇيغۇر جەمىيتىگە ئارتىپ قويۇش ئىنتايىن بىمەنىلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە ئاۋام خەلىق ھىچقاچان تەنقىتكە، ئەيىپلىنىشكە مۇھتاج ئەمەس، رىغبەتكە، يول كۆرسىتىشكە مۇھتاجدۇر. ئەلۋەتتە، تېما ئىگىسى كۆكتىكىن ئەپەندىنىڭ ئاچچىق رېئاللىقتا ئىچىشىۋاتقان يۈرىكىنى ، شۇ چاغدىكى ھىسياتىنى توغرا چۈشىنىشكە بولۇدۇ، بىراق مىللەتنى ئەيىپلەش خاراكتىردىكى تېمىسىنى بولۇپمۇ تېما مەزمۇنىدىكى روھىي چۈشكۈنلۈككە ئىلىپ باردىغان، كىشىلەرنى باشقىلاردىن قاقشايدىغان پىسخولوگىيلىك ھالەت شەكىللەندۇردىغان مەزمۇنلارنى توغرا چۈشنىشكە ئەلۋەتتە بولمايدۇ. مەن بىر ئاددىي پۇقرا بولۇش سۈپتىم بىلەن دەل مۇشۇ سەۋەپلىك تېمىدىكى بەزى پىكىرلەرگە چۈشەنچە بەرمەكچىمەن.
1.نىمە ئۈچۈن؟
نىمە ئۈچۈن ئۇيغۇر جەمىيتىنى ئەيىپكار تۇتقىدەكمىز؟ بۇنداق قىلىشقا نىمە ھەققىمىز بار؟
<دۇنيادىكى ئەڭ تۆۋەن ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي شارائىت قاتارىدا تۇرۇپ ئەڭ مۇستەھكەم ئىتقاد ۋە ئەنئەنىسىنى ساقلاپ كىلىۋاتقان بۇ مىللەتكە ھىسداشلىق قىلىپ كۆڭۈل بۆلمەي ئاغرىنغانلار بەئەينى بىر ئىنەكتۇر - ئەسقەر كۆكبۆرە>
مەرھۇم ھايات ۋاقتىدا شۇنچە قىيىنچىلىقتا قالغىنىنى بىلىپ تۇرۇپ چارىسىنى ئىزدەنمەي ئەمدى كۆز ئالدىمىزدىن كەتكەندە ئاچچىقنى باشقا ئوبىكتىدىن چىقىرىش يەر شارى ئىلمىي مەنتىقىسىگە ئۇيغۇن ئەمەسقۇ دەيمەن؟ تىخىمۇ ھەيران قالارلىق ئىش شۇ بولدىكى شەخسەن مەن يىقىندىن تونۇيدىغان مەرھۇم ئابدۇراھمان ،ھايات ۋاقتىدا تۇرمۇشتا شۇنچە قىينىلىپ قەرىز ئىچىدە قالغىنىنى بىلمەيدىكەنمەن. مەن جىنىمدا بىلمەيدىكەنمەنۇ ئاۋام ئۇيغۇر جەمىيتى قانداقمۇ بىلسۇن؟ بىزدە نەدىمۇ <تەنھەركەتچىلەر بىرلەشمىسى> ياكى <تەنھەركەتچىلەر ئۇيۇشمىسى> دىگەندەك فوند تۈسىنى ئالغان ئىجتىمائىي ئورگان بار؟ بولسا كى شۇنداق ئىجتىمائىي ئورۇن، تەنھەركەتچىلەر ئۆز ئارا ئەزا بولۇپ ئۇچىرشىدىغان، ئاۋام خەلىقتىن كۆڭلى خالىغانلار ئىقتىسات بىلەن تەمىنلەيدىغان ، تەنھەركەتچىلەر ئۆز ئارا مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرۇپ ، كىرگەن كىرىمنى شۇ ئورۇنغا سەرمايە قىلىدىغان، كىرەكلىك تەمىناتىنى شۇ ئورۇندىن ئالىدىغان ئىجتىمايى فوندىي جەمىيتى بارمۇ؟
يوقسۇل كىشىلەر ئارىسىدا بىرەرسى دوختۇرخانىدا جىددىي قۇتقۇزۇشقا چۈشۈپ قالس دەرھال ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خەۋەر قىلىپ ياردەم تەلەپ قىلىدۇ.ساخاۋەتچىلەر جەمىيتى دەرھال سەپەرۋەرلىككە كىلىپ قۇتقۇزۇشقا تىرىشىدۇ.ئەجەبا مەرھۇمنىڭ قىيىنچىلىقتا قالغىنىنى ھەرقايسى شەخسىي تاراتقۇ ئىگىلىرى نىمە ئۈچۈن خەۋەر قىلمىدى؟ مۇنداقلا خەۋەر قىلسا مەرھۇمنىڭ غورورىغا تىگىدۇ دەپ قارالغاندىمۇ باشقىچە ئۇسۇل ياكى شەكىل بىلەن ئاۋام خەلىققە قول ئۇزاتسا بىزدە ئىلغار پىكىرلىك كىشىلەر ،ساخاۋەتچى بايلار، ئۇيغۇر كاپىتالىستلار ئازمىدى ؟ ئۇيغۇر خەلقى ئەزەلدىن قەھرىمان باتۇرلارنى، ئالىم ئولۇمالارنى بىشىغا ئىلىپ كۆتۈرۈپ كىلىگلىك. بىراق بۇرۇنلاردا ئۇيغۇر جەمىيتى مەھەللىۋى جامائەتچىلىك تۈسى ئالغان كىچىك جەمىيەت ئىدى.بىرەر يىڭىلىق بولسا ئىغىزدىن ئىغىزغا تارىلىپ يىيىلاتتى. ھازىر بولسا يەرشارىلاشقان ،يۇقۇرى پەن تىخنىكىلىق چوڭ سوتسىيال جەمىيەتكە ئايلىنىۋاتىدۇ. شەھرىمىز ئۈرۈمچى بولسا خەلقارا دەرجىلىك چوڭ شەھەرگە ئايلىنىۋاتىدۇ.بۇنداق موھىتتا ھەممە كىشى ئۆز ھەلەكچىلىكىدە جىددىچىلىك تۇرمۇش قاينىمى ئىچىدە ياشايدۇ.تاراتقۇلاردا دائىملىق ئىلان خەۋەرلەر بولۇپ تۇرمىغىچە كىشىلەر ئەتراپىدا نىمىلەر بولۋاتقىنىدىن بىخەۋەر قالىدۇ.ئاغزاكى خەۋەرلەرنىڭ ئىشەنچىلىك دەرجىسى تەبىئىي تۆۋەنلەيدۇ.مەھسۇلات ئىگىلىرى ئۆز مەھسۇلاتىنىڭ ئىېلانى ئۈچۈن يۈزمىڭلاپ پۇل خەجلىشىنىڭ سەۋەبىمۇ شۇ.كوچىدىكى ساختا كەمبىغەل ، تىلەمچىگە پۇل بىرىشىمىزنىڭ سەۋەبى، ئۇنى داۋاملىق كۆرۈپ تۇرغانلىقىمىزدادۇر.تىلەمچىنىڭ داۋاملىق كۆرنۈش قىلىپ ۋاسياپ تۇرىشى ،ماھىيەتتە ئۇ ئۆزىنى تېرىك تاراتقۇدا ئېلان قىلىپ تۇرغانلىقىدۇر.سەنئەت كىچىلىكىگە شۇنچە پۇل خەشلىشىمىزنىڭ سەۋەبى سەنئەتكارنىڭ داۋاملىق ئىجتىمائىي تاراتقۇدا پەيدا بولۇپ كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئۆز كىملىكىنى ئەسكەرتىپ تۇرغانلىقىدادۇر.جەمىيەت تەرەققىي قىلىشقا ئەگىشىپ ئۇيغۇر جەمىيتى تىخنىكىلىق تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ.ئۇيغۇر روھى كۈندىن كۈنگە كۈچلىنىۋاتىدۇ.ئاپتۇر تېمىدا دانكونىڭ مىسالىنى ئىلىپ زادى نىمە دىمەكچى ئىكەنلىكىنى چۈشىنەلمىدىم.ئاپتۇر بۇنى نەقىل كەلتۇرۇپ <دانكومۇ دەسسەپ چەيلىنىپ كەتكەن، پەلۋان، ئالىم، بىلىملىك كىشىلەر سىلەرمۇ چىقماڭلار ، چەيلىنىپ كىتىسلەر>دىگەن سىگنالنى بەرمەكچىمۇ؟ئوقۇرمەنگە شۇنداق پىسخىكىىنى سىڭدۈرۈپ قويماقچىمۇ؟ شۇنى ئىيتىپ قويايكى: جەمىيەتتە كۆزگە كۆرۈنگەن كىشىلەرنى ھايات ۋاقىتتا قەدىرلەپ بىشىدا كۆتەرمەي، دۇنيادىن كەتكەندىن كىيىن جىنازىسىنى كۆتۈردىغان ئىش، جەمىيەتتە نادان، ئوقۇمۇشسىز ئادەملەرنىڭ كۆپلىگىدىن دىرەك بىرىدۇ.نادانلىقنىڭ يوقىلىشىغا ئەگىشىپ بۇنداق ئىللەتمۇ تەبىئىي يوقايدۇ.مىللەتكە توغرا دىئاگنوز قويالمايدىغان كىشى ۋە جەمىيەتشۇناسلىقتىن خەۋىرى يوق كىشىلەر مىللەت توغرۇلۇق ياكى جەمىيەت توغرۇلۇق قارغۇلارچە يەكۈن چىقارمىغاي!
2.قارشى پىكىردىكى ئوبىكتىلاردىنمۇ قاقشىمىغۇلۇق.
كۆكتىكىن ئەپەندى تېمىسىدا، "جەمىيەتتىكى بىرقىسىم كىشىلەر مەرھۇمنى ئانداق مۇنداق دەپ بىشىغا كۆزگە كۆرۈنمەس تاج كەيگۈزۈپ يىڭىلىشقا سەۋەپ بولدى"دىگەن مەزمۇندا سۆز قىپتۇ.بۇ مەزمۇندىن شۇنى كۆرۋىلىشقا بولدۇكى ئاپتورنىڭ پىسخولوگىيسىدە <زادى بۇ خەق مۇشۇنداق كەينىدىن كولايدۇ>دىگەندەك زارلىنىش ھالىتى ھۆكۈمىران. بۇ مەزمۇنغا ئىشىنىپ قالغانلاردىمۇ شۇنداق پىسخىك ھالەت پەيدا بولۇپ قالمايدۇ دىگىلى بولمايدۇ.ئەمىليەتتە "كەينىدىن كولاش"ۋە"ئەكسى پىكىردىكى كىشى"لەرنىڭ بولىشى ناھايىتى نورمال ئەھۋال.بىر مىللەتكە تەۋە بىر جەمىيەت بولغان ئىكەن ، ئۇنىڭدا ھەرخىل تەبىقىدىكى ، ھەرخىل پىكىردىكى كىشىلەر چوقۇم بولۇدۇ. بولۇپمۇ ھەرقانداق ئەلنىڭ جەمىيتىدە كۆزگە كۆرۈنگەن بىر كىشى چىقسا ئۇنىڭدىن پەخىرلىندىغانلار، دوسلىشىشنى خالايدىغانلار، ھىسداشلىق قىلىدىغانلار، داھىدەك كۆردىغانلار بولغىنىدەك ياقتۇرمايدىغانلار ياكى ئەكسى پىكىردىكى كىشىلەر چوقۇم بولۇدۇ.بۇنى پالانچىنى پالانچى غاجىدى دەپ زارلىنىش بىلەن، يۈزەكى تەنقىدى پىكىر بىلەن يوقاتقىلى بولمايدۇ.ياكى <بىز خەق زادى مۇشۇنداق > دىگەن قاتمال ئىدىيە بىلەن تىخىمۇ بولمايدۇ. پەقەت پىكىرگە قارشى پىكىر ئىشلەپ چىقىرىش بىلەن تاقابىل تۇرغىلى بولۇدۇ.چۇنكى بىز جەننەتتە ياشىماۋاتىمىز، يەر شارىدىن ئىبارەت قارمۇ قارشىلىققا تولغان پلانىتىدا كەسكىن رىقابەت ئىچىدە سوغۇققا ئىسسىق بىلەن ، قاراڭغۇغا چىراق بىلەن تاقابىل تۇرۇپ ياشاۋاتىمىز.بۇ يەرشارى قانۇنىيتىدۇر. يەر شارى قانۇنىيتىنى قوبۇل قىلمىغان كىشى، قوبۇل قىلىدىغان كىشىگە بويسۇنۇشقا مەجبۇر بولۇدۇ.زارلىنىش ياكى قاقشاش ئاخرقى نەتىجىدە ئۆز ئىشىدا مەغلۇبىيەتكە ئىلىپ باردۇ خالاس.
3. تەۋسىيە قىلىمەن:
بۇ مۇسىبەت بىر ئەسكەرتىش ئوبىكتى بولماغلىق.
ئەسلىدە بىزنىڭكىدەك تەرەققىي قىلىۋاتقان جەمىيەتتە ھەرخىل كەسىپ ئىگىلىرى ئۆز ئارا بىرلىككە كەلگەن گورۇپپىلاشقان ئۇيۇشما ياكى كۇلۇپ بولۇشقا تىگىشلىك ئىدى.مەسىلەن سەنئەتچىلەر كۇلۇبى، كەشپىياتچىلار ئۇيۇشمىسى دىگەندەك ئۆز ئارا بىرلىككە كەلگەن ئىجتىمائىي ئورۇن بولىشى كىرەك ئىدى، بىراق بىزدە پەقەتلا "شىركەت" دەپ ئاتىلىدىغان سودا تىجارەت بىلەن شۇغۇللىندىغان ئورۇنلار كۆپرەك. شىركەتتە ماددى ئەشيانى ئىقتىسادى مۈلككە ئايلاندۇردۇ. ئەمىليەتتە بولسا ھەرخىل كەسىپ ئورۇنلىرىدىكى مەنىۋىي بايلىقنى ئىقتىسادىي بايلىققا ئايلاندۇرغىلىمۇ بولۇدۇ. جەمىيتىمىدە ماركا ئىڭى ۋە شىركەتچىلىك ئىڭى ئەۋج ئىلىشىغا ئەگىشىپ "تەنھەركەتچىلەر ئۇيۇشمىسى"دىگەندەك ئىجتىمائىي ئورۇن تەسىس قىلىنغاندا ھەر تۈردىكى تەنھەركەتچىلەرنىڭ مەنىۋى ئىقتىدارىنى ئىقتىسادىي بايلىققا ئايلاندۇردىغان ۋاستە بەرپا بولۇدۇ دىگەن گەپ.<تەنھەركەتچىلەر ئۇيۇشمىسى>دا ،ياكى <تۆھپىكارلار فوندى>دا تەنھەركەتچىلەرنى ئۆز ئارا مۇسابىقىگە سىلىپ كۆرۈرمەندىن كەلگەن كىرىم بىلەن ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. بۇنىڭلىق بىلەن تەنەركەتچىلەر 1.ھەم ئۆز كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇردۇ،2. مەشھۇر بولۇشقا مەيدان ھازىرلايدۇ،3.خەلقنىڭ كۆز ئالدىدا دائىم نامايان بولۇپ تۇردۇ،4. ئۆز چىقىمىنى زەنجىرسىمان ھالەتتە ئۆزى تاپالايدۇ5. تەنھەركەتچىلەرنىڭ تۇرمۇشى كاپالەتكە ئىگە بولۇدۇ. بۇ نىمە دىگەن مۇۋاپىق سىستىما ھە؟ مۇقىم نامى،مۇقىم ئورنى مۇقىم ئادىرسى، تور بىكىتى تاراتقۇ ۋاستىسى مۇقىم تىلىفۇنى بار بولغان قانۇنلۇق ئىجتىمائىي ئورۇن.
مەرھۇم مەڭگۈ ھايات.
خەلقىمىزنىڭ مەشھۇرلىقى ، باتۇر قەھرىمانلارنىڭ، ئالىم ئولىمالارنىڭ كۆپلەپ چىقىدىغانلىقىدادۇر.مەرھۇم ئابدۇراھمان ئۆلمىدى، پەقەتلا شۇڭقار بولدى.بۇ مۇسىبەت بەزىلەرنىڭ يۈركىنى ئىچىشتۇردى، بەزىلەرنىڭ ھۇشيارلىقىنى قوزغىدى، بەزىلەر ئىسسىق كۆز ياشلىرى بىلەن دۇئا قىلدى،بەزىلەر قەتئىي نىيەتكە كىلىپ باتۇر ئوغلاننىڭ ئىزىنى بىسىىپ ئورنىنى تولدۇرۇشقا نىيەت قىلدى.مەرھۇم قەلبىمىزدە مەڭگۈ ھايات، ئۇ بىزگە روھى كۈچ بىرىپ يىڭى ھايات ئاتا قىلىپ تۇردۇ.ئەمدىكى ھەربىر كىشىنىڭ ۋەزىپىسى ئاز بولسۇن كۆپ بولسۇن تاما تاما كۆل قىلىپ مەرھۇم ھايات ۋاقتىدا ئەھۋالدىن خەۋەر تاپالماي نادامەتتە قالغانلار مەرھۇمنىڭ ئائىلە تاۋاباتىغا ساخاۋەت قولىنى سۇنىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.شەخسەن مەن بىر قىتىملىق ئىسىل تاماق بىلەن بىزەلگەن داستىخاننىڭ مەرىدىن ۋاز كەچتىم.بىر تال نان يىسىمۇ ئوخشاشكەن بۇ كۈن. ۋىجدان ئازابىدىن قۇتۇلۇشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى ، كىيىن بولسىمۇ ئورنىنى توشقۇزۇش ئىكەن.
ئۇشبۇ يازمىدا مەن ھىچكىمدىن قاقشىمىدىم،ھىچكىمنى ئەيىپلىمىدىم، پەقەت چۈشەنچە بەردىم ۋە يول كۆرسەتتىم.ئەلۋەتتە قايغۇرۇش ۋە قاقشاشتىن كۆرە بىرەر يول تىپىشنى ئەۋزەل كۆرىمەن.دادىللىق بىلەن پىكىر قىلالايدىغان، پىكىر ئالماشتۇرالايدىغان،ئۆز ئارا كەسكىن مۇنازىرلىشەلەيدىغان،يەنە ئۆز ئارا بىرلىككە كىلەلەيدىغان ئەركىن جەمىيتىمىزنىڭ بار ئىكەنلىكىدىن خۇرسەنمەن.تورداشلارنىڭ ھەرتۈرلۈكسەمىمى پىكىرلىرىنى قوبۇل قىلىمەن.
ھۆرمەت بىلەن : تەڭرىقۇت |
|