قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2246|ئىنكاس: 3

ئەۋلىيا گۆشىنىڭ تەمى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

4

دوست

776

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   55.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33131
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 260
توردىكى ۋاقتى: 32
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-25 22:30:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                              ئەۋلىيا گۆشىنىڭ تەمى

ئاللېن قاتتىق توڭلاپ كېتىپ ئەدىيالغا مەھكەن يۆگىنىۋالدى. بىرنەچچە مۇنتتىن كېيىن قېشىمغا قىستىلىپ كېلىپ: «گوردون، مەن بەزى نەرسىلەرنى كۆرۈۋاتىمەن!» دەپ پىچىرلىدى. مەن ئۇنىڭغا ھېچقىسى يوق، مەنمۇ كۆردۈم دېدىم. خىيالىي تۇيغۇ شۇندىن باشلاندى.
-- «خىيالىي تۇيغۇ پەيدا قىلدىغان يەر مەرىزى(موگۇ) »، «تۇرمۇش»، 1957-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى
قەلبكە دىققەت قىلىپ، جەمئىيەتكە كۆڭۈل بۆلەيلى، دەھرىيلىكتىن قول ئۈزەيلى!
                    -- تىموسي لېئارىي
1
   مارىيە سابىنا ناتونۇش ئادەمنىڭ كېلىدىغانلىقىنى بالدۇرلا بىلگەنىدى: ناتونۇش كىشىلەرنىڭ كەنتكە كەلگەنلىكىنى ئۇ چۈشىدە كۆردى. ئۇ گاڭگىراش ئىچىدە كەنت باشلىقىنىڭ ئايالى گۇئادالۇپې گارسىيەنىنىڭ يېنىغا بېرىپ دېدى: «بىرمۇنچە ناتونۇش كىشىلەرنى كۆردۈم، بىرەر ئىش يۈز بېرىدىغاندەكلا تۇرىدۇ.» ئۇ چۈشىدە بىرمۇنچە ئادەمنىڭ خۇئائۇتلا①نىڭ جەنۇبىدىكى تاغلاردىن كېسىپ ئۆتكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ تەقى تۇرقىنىڭ غۇۋا كۆرۈنگەنلىكى، سۇس تېرىسى ۋە چاچلىرىنى ناھايىتى ئېنىق ئېيتتى.
   ئەخمەق كىشىلەر بەلكىم ئۇلارنى جىن شاياتۇنلار قاتارىغا چىقىرىۋېتەر. ئەمما چۈشىدىكى بۇ ئادەملەرنىڭ ئالۋاستى ئەمەس، بەلكى چەتئەللىكلەر ئىكەنلىكى مارىيەگە ئايدىڭ ئىدى.
1955   -يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئىككى ئاق تەنلىك كىشى بۇ كەنتكە كەلگەندە، مارىيە ئكزىنىڭ پەرىزىنىڭ توغرىلىقىنى بىلگەنىدى. ئۇلارنىڭ بىرى كۈلرەڭ چاچ، ئوتتۇرا ياش مۆتىۋەر، يەنە بىرى بولسا ياش فوتوگراف ئىدى. ئىككەيلەننىڭ كەينىدىكى چوڭ-كىچىك تاغارلار ئارتىلغان خېچىرلاردىن ئۇلارنىڭ يىراقتىن كەلگەنلىكى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇراتتى.  ئۇلار ئىسپان تىلىدا راۋان سۆزلىيەلەيتتى، ئەمما ماسساتېك تىلىنى بىر ئېغىزمۇ بىلمىگەچكە، كەنتتىكى ئۇششاق بالىلار يەرلىك تىلدا مازاق قىلسىمۇ قىلچە بىلمەيتتى.
   ئۇلار ئورۇنلىشىۋالغاندىن كېيىن، ئوتتۇرا ياش مۆتۈۋەر كەنت باشلىقى كايېتانو گارسىيە بىلەن كۆرۈشمەكچى بولدى، ئىككەيلەن كەنت زالىدىكى ئۈستەلدە قارمۇ-قارشى ئولتۇرۇشتى. ئاق تەنلىك مۆتىۋەر كەنت باشلىقىغا سۆھبىتىنى سىر تۇتۇشنى سورىدى، كەنت باشلىقى دەۋېرىشنى ئېيتتى. مۆتۋەر گەۋدىسىنى كەنت باشلىقىنىڭ يېنىغا سۈرۈپ ئۇنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلىدى، ئۇنىڭ سۆزى گارسىيەنى قورقۇتۇپ رەڭگى ئۆڭۈپ كەتتى. گارسىيە:
- ئىزدىمەكچى بولغان نەرسىڭىزنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسىز؟ - دەپ سورىدى. مۆتىۋەر بېشىنى لىڭشىتتى.
بىرنەچچە سائەتتىن كېيىن گارسىيە مارىيەنى تېپىپ ئۇنىڭغا:
- ئىككى ئاق تەنلىك كەپتۇ، بەك يىراقتىن كەلگەندەك قىلىدۇ، دانىشمەن ئايالنى ئىزدەيدىكەن.
   مارىيە بېشىنى لىڭشىتتى، خۇئائۇتلا يۇرت مەھەلىلەردىن يىراق جاي بولۇپ، ئەزەلدىن چەتئەللىكلەر كېلىپ دانىشمەن ئايالنى ئىزدەپ باققان ئەمەس ئىدى. قارىغاندا ئۇلارنىڭ مەقسىتى بۇلا ئەمەس ئىدى. «ئاۋۇ سۈرلۈك ئاق تەنلىك قۇلقىمغا پىچىرلاپ تۇرۇپ باھار قۇتۇپى ئوتىنى ئىزدەيدىغانلىقىنى ئېيتتى،»گارسىيە بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى: «ئۇ چاغدا قۇلىقىمغا ئىشەنمەيلا قالدىم، ئۇزۇنغىچە گۇمانسىراپ قالدىم، ئەمما ئۇ نۇرغۇن نەرسىنى بىلىدىغاندەك قىلىدۇ.»
    بۇ ئاق تەنلىك ھەقىقەتەن كۆپ نەرسىنى بىلەتتى، ئەمما مارىيەدەك كۆپ بىلمەيدۇ-دە. ھېچكىمنىڭ بىلىدىغىنى مارىيەدەك كۆپ ئەمەس. تەخمىنەن 50 يىل بۇرۇن ئۇ تېخى كىچىك قىز چېغىدىلا كەنتتىكى دانىشمەن قىزغا ئايلانغانىدى. شۇ چاغدىن تارتىپ باھار قۇتۇپ ئوتى ئۇنىڭ خىسلەتلىك دورىلىرىنىڭ بىرىنچىسى ئىدى. شۇنچە يىللاردىن بېرى كەنتتە قانداقلا ئىش يۈز بەرسە مارىيە خىسلەتلىك دورىسىغا تاينىپ ھەل قىلاتتى.
مارىيە باھار قۇتۇپ ئوتىنى يەپلا ئۆزىنى ئىلاھلارنىڭ قۇچىقىدا كۆرەتتى. ئىلاھ ئۇنىڭغا بالايى ئاپەتتىن ئامان قېلىشنىڭ يولىنى ئېيتىپ بېرەتتى، بەزىدە ئىلاھلار ئۇنى ئېگىز تاغ چوققىلىرىغا ئېلىپ بېرىپ بىللە سەيلە قىلاتتى، بەزىدە يۆگەكتىكى ئەيسانى كۆرەتتى، كۆرەلەيتتىيۇ، تۇتالمايتتى. « مەن باشقا بىر دۇنياغا قەدەم باستىم، بىزنىڭ قۇياش نۇرىلىق بۇ دۇنيادىن باشقىچىلا بىر دۇنيا » دەيتتى مارىيە ئويغانغاندا. ئۇ نەچچە ئون يىل ئۆزىلا ھوزۇرلانغان دۇنيانى ئىككى چەتئەللىك بىلەن ئورتاق ھوزۇرلىنىشقا ماقۇل بولارمۇ؟
گارسىيە ئۇنىڭدىن ئىككى چەتئەللىك بىلەن كۆرۈشۈپ باقامسىز، دېگەندە ئۇ ئىككىلىنىپ قالدى.
- يېشى چوڭراق ئاق تەنلىك خېلى سەمىمىي كۆرۈنىدۇ، مەن ئۇلارغا ماقۇل بولدۇم،-گارسىيە مارىيەنى دەۋەت قىلىپ شۇنداق دېدى.
- سىز ماقۇل بولغان تۇرسىڭىز، - دېدى مارىيە – مەن نېمىمۇ دېيەلەيتتىم، سىز دېگەن كەنت باشلىقى تۇرسىڭىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىز دېگەن مېنىڭ دوستۇم
گ   ارسىيە مارىيەنىڭ ماقۇل بولغانلىق خەۋىرىنى گۇگۇم ۋاقتى بىلەن ئىككى چەتئەللىككە ئېيتتى، ئىككەيلەن خۇشاللىقىدىن سەكرىشىپ كەتتى. گوردون ۋولسون ۋە ئۇنىڭ فوتوگرافى ئاللېىن رىچاردسېن ئالتە يىلدىن بېرى تۇنجى قېتىم ئۆزلىرى ئىزدەۋاتقان نىشانغا ئەڭ يېقىنلاشقانىدى.
① خۇئاۇتلا(Huautla de Jiminez) مېكسىكىدىكى بىر جاينىڭ ئىسمى بولۇپ، بۇ ئازتېك تىلىدىن كەلگەن. بۇ جاي ماسساتېكلارنىڭ تۇرۇشلۇق يېرى بولۇپ، ھازىر شارقىراتما، ئۆڭكۈر ۋە خىيالىي تۇيغۇ پەيدا قىلدىغان موگۇ بىلەن داڭلىق.
2
1949     —يىلى 1-ئايدا، ئايالى ۋالېنتېنانىڭ ئەنگىلىيە جەڭگاھ شائىرى، درامماتروگ روبېرت گراۋېسقا يازغان خېتى ۋاسسوننىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىنى سەھىپىسىنى ئاچقانىدى. گراۋېسنىڭ جاۋاب خېتى ۋە شۇنىڭغا ئەگىشىپ يۈز بەرگەن ۋەقەلەر شۇندىن كېيىنكى يېرىم ئەسىردىكى كەڭ تارقالغان مەدەنىيەتكە ھەيران قالارلىق تەسىر كۆرسەتكەنىدى. گراۋېس بىلەن ۋولسېن ئىككىسىنڭى ئالاقىسى تۈپەيلىدىن ئىككى قىرغاق ئاخبارات خىزمىتىنى ئۆزگەرتىۋەتكەنلىكىنى تېخى بىلمەيتتى.
ئەينى چاغدا ئىشتىن سىرتقى مىكولوگىست ۋاسسون ئايالى(ۋاسسون مورگان گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇدىرى، ئايالى ۋالېنتىنا بالىلار كېسەللىكلىرى دوختۇرى ئىدى) بىلەن موگۇ توغرىسىدا دەرسلىك كىتاب يېزىۋاتاتتى. ئۇلار گراۋېسنىڭ «مەن، كلاۋدىئۇس»دېگەن دراممىسىنى يېقىندىلا كۆرگەنىدى. دراممىدا قىنىغا پاتماي قالغان باتۇر كلاۋدىئۇسنى ئايالى ئاگرىپىنا زەھەرلەيدۇ. گراۋېس ئەجەللىك زەھەرنىڭ بىر خىل موگۇدىن ئاجرىتىۋېلىنغانلىقىنى ئېيتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ۋالېنتىنا شائىرىدن ئاگرىپىنانىڭ قانداق زەھەرلىك موگۇ ئىشلەتكەنلىكىنى سورايدۇ.
روبېرت گراۋېس بۇنى بىلەتتى. ئۇ كىچىكىدە زەھەرلىك موگۇنىڭ قالپىقىنى ئۇقماي يالىغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئاغزى كۆيۈپ،تىلىمۇ ئىششىپ كەتكەن. ئۇ ۋاسسون ئەر-خوتۇنغا كلاۋدىئۇسنى ئۆلتۈرگەن زەھەرنىڭ زەھەرلىك ئېشەك مەدىكى① ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىدۇ.
گراۋۇس ۋاسسون ئەر-خوتۇننىڭ ئالاھىدە دورىلىق رولى بار زەمبۇرۇغلارغا قىزىقىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، 1952-يىلى 9-ئايدا ئۇلارغا مېكسىكىلىقلارنىڭ قەدىمىي دىنىي مۇراسىملاردا يەيدىغان بىر نەچچە خىل موگۇنى ئەۋەتىپ بېرىدۇ. بۇ خىل موگۇلارغا ئائىت خاتىرىلەرنىڭ ئەڭ يېقىنقىسى ئىسپانىيە ئىستىلاچىلىرىنىڭ يىلانمىسىدە ئۇچرايدۇ. شۇندىن كېيىنكى 500 يىلغا يېقىن ۋاقىتتا ئۆسۈملۈكشۇناسلار بىلەن ئېكسپېدىتسىيىچىلەر ئۇنىڭ دېرىكىنى ئالالمىغان. شۇڭا، بۇ موگۇلار كۆپ ھاللاردا ئەپسانىۋى ھاسىلات دەپ قارىلىپ كەلگەن. ئەمما ئىلىم ساھەسىدە ئۇنىڭ ھەقىقي مەۋجۇت ئىكەنلىكىگە دەلىل ئىسپات مەۋجۇت. ئۇنداق دىنىي مۇراسىملار ھېلىمۇ ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىن، ئەمما ئۇ خىل موگۇ سىرغا ئايلانىپ قالغان ئىدى. گراۋېسنىڭ ئىسپانىيەنىڭ يىلنامە يازغۇچىسىنىڭ ئۇ موگۇلارنى «ئەۋلىيا گۆشى(The Flesh of God)» دېگەنلىكى توغرىسىدىكى يازمىسى كىشىلەرگە ئايان بولغان بىردىن بىر نۇقتا ھېسابلىنىدۇ.
ۋاسسون بىلەن ۋالېنتىنا تەكشۈرۈشكە بەل باغلايدۇ. ئۇ ئىككىسى مۇبادا بۇ موگۇ راستلا مەۋجۇت بولسا ئۇ مېكسىكا شەھەرىدىن 150 ئېنگىلىز مىلى كېلىدىغان ۋاخاكا تاغلىق رايونىدا بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلەتتى. 1953-يىلى ۋە 1954-يىلى يازدا، ئۇلار بۇ رايوندا ئىزدەشنى باشلايدۇ، ھەمدە گراۋېسنىڭ مالوكادىكى تۇرالغۇسىغا بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن پىكىرلىشىپ مەسلىسەت ئالىدۇ. 1955-يىلى ئۇلار ئاخىرى يىپ ئۇچىغا ئېرىشىدۇ.
ئەمدى گەپنى خۇئائۇتلادىن باشلايمىز. كايېتانو گارسىيە ۋە ئۇنىڭ ئىككى قېرىندىشى ۋاسسونلارنى باشلاپ بىر تار جىلغىغا كىردى. ئۇلار جىلغىدا شېكەر قۇمۇشىنىڭ بىر دۆۋە چىرىگەن يوپۇرماقلىرىنى ئۇچراتتى، يوپۇرماق ئۈستىدە بىر توپ موگۇ ئىنتايىن بولۇق ئۆسكەنىدى. گارسىيە مەينەتلىشىپ كەتكەن قولى بىلەن ئۇلارنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ:
- مانا، باھار قۇتۇپ ئوتى دېگەن مۇشۇ شۇ، - دېدى. «ئەۋلىيا گۆشى» تېپىلدى.
رىچاردسون بۇ كۆرۈنۈشنى رەسىمگە ئېلىۋالدى. ۋاسسون موگۇدىن بىراز ئۈزۈۋالدىدە، ئۇلارنى ئالاھىدە ياسالغان قەغەز يېشىككە ئاۋايلاپ سالدى.
كەچقۇرۇن سائەت سەككىز بولغاندا ئۇلار گارسىيەنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كەلدى، مارىيە سابىنا ئۇلارنى ساقلاۋاتاتتى. ۋاسسون موگۇنى چىقاردى، دانىشمەن ئايال ئۇلارنى بىرىدىن ئېلىپ سىلىدى، ماسساتېك تىلىدا موگۇلارغا پىچىرلىدى.
ھايال ئۆتمەي مۇراسىم باشلاندى. سابىنا گۈلگە ئورالغان، خىرستوسنىڭ ھەيكىلى قويۇلغان مۇقەددەس مۇنبەرنىڭ ئالدىدا چازا قۇرۇپ ئولتۇردى. ئىسسىق شاكالاتلار كەلتۈرۈلدى. ئۇ پەس ئاۋازدا قىرائەت قىلغاچ موگۇلاردىكى توپىنى سۈرتتى، دېۋىرقاي پۇرىقىغا تولغان تۈتۈن ئارىسىدا كېزىپ يۈرۈپ، ھەر بىر كىشىگە بىر تالدىن موگۇ بەردى.
ۋاسسون ئۆزىنىڭ بۇنداق مۇراسىمغا قاتناشقان تۇنجى ئاق تەنلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ مۇراسىم سىرلىقلىقىدىن كۆپ ساندىكى مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئىنكار قىلىشىغا ئۇچرىشى مۇمكىن ئىدى. ئۇ خئۇشاللىقىدىن خئۇدىنى يوقىتىپ قويۇۋاتاتتى، رىچاردسون بولسا ئۇنچىۋالا ھاياجانلانمىغان: ئۇ مېكسىكىغا كېلىشتىن بۇرۇن ئايالىغا ئەخمىقانە ئىش قىلماسلىققا، مەسىلەن دىنىي مۇراسىمدا زەھەرلىك موگۇ يېمەسلىككە ماقۇل بولغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يەرگە ئەڭ يېقىن دوختۇرخانىمۇ 150 ئېنگىلىز مىلى يىراقلىقتا تۇرسا. «ئاھ تەڭرىم،» رىچاردسون شۇنداق دەپ غۇدۇرىغىنىچە بىرىنچى جۈپ موگۇنى ئالدى. «مارىي بىلىپ قالسا، نېمە دەپ قالار؟» شۇنداق دېگەچ موگۇنى ئاغزىغا سالدى.
«ئەۋلىيا گۆشى» ھەم قىرتاق، ھەم ئاچچىقكەن، يەنە ئازراق سېسىغان تەمىمۇ باركەن. ھەممەيلەن موگۇنى جىممىدە يېۋەتتى، گارسىيەنىڭ ئاتىسىلا شالاپشىتىپ ئاۋاز چىقىرىپ بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ يەيتتى. ۋاسسون بىلەن رىچاردسون ھەر بىرى 12 تالدىن موگۇنى يېگەندىن كېيىن، بىر بۇلۇڭدا جىممىدە ئولتۇرۇشتى. سابىا ۋە ئۇنىڭ قىزى ھەر بىرى 26 تالدىن يېدى. ھەممەيلەن كۈتۈۋاتاتتى.
يېرىم كېچە بولغاندا سابىنا ئەڭ ئاخىرقى بىر تال شامنى ئۆچۈرىۋەتتى، ئۆي ئىچى قاراڭغۇلۇققا تىقىلدى، پەقەت سابىنانىڭ قىرائەت ئاۋازى ۋە تالادىكى چېكەتكىنىڭ چىرىلداشلىرىلا قۇلاققا كىرەتتى.
يېرىم سائەتتىن كېيىن ۋاسسون بىلەن رىچاردسون قاتتىق بىئارام بولۇشقا باشلىدى. شۇندىن كېيىنكى بىرنەچچە سائەت ئىچىدە رىچاردسون ئۈچ قېتىم قۇسۇپ كىردى، ۋاسسون ئىككى قېتىم قۇستى. قاراڭغۇدا كۆپىچىلىكنىڭ پات-پات قۇسقان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن سابىنا قەرەللىك ھالدا ۋاسسوننى سىپاپ تېپىپ ئۇنىڭ قولىنى تۇتاتتى. ئالاھەزەل سائەت 12 يېرىم بولغاندا، رىچاردسون قاتتىق تىترەشكە باشلىدى. ئۇ ئەدىيالغا يۆگىنىۋالدى، بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن ۋاسسونغا يۆلىنىۋالدى.
-  گوردون، - دەيتتى ئۇ پەس ئاۋازدا، - مەن بىر نەرسىلەرنى كۆرۈۋاتىمەن.
-  ئەنسىرىمە،
خىيالىي تۇيغۇ كۆرۈلۈشكە باشلىدى.
دورا ئۈنۈمىنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسىنى بىلىۋېلىش ئۈچۈن، ئۇ ئىككىسى موگۇنى يېيىشتىن ئاۋۋال كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان ھەرقانداق ئالامەتلەرگە تاقابىل تۇرۇشقا نىيەت قىلىشتى. ئەمما دورىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلۈشكە باشلىغاندا بولسا ھېچنېمە قىلالمىدى.
ئۇلار مەيلى كۆزىنى چىڭ يۇمۇۋالسۇن، ياكى ئېچىپ تۇرسۇن، خىيالىي تۇيغۇ ئۇلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنىڭ مەركىزىدە پەيدا بولاتتى. كۆرۈنۈش بەزىدە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغاندەك كېلەتتى، بەزىدە ئاستا-ئاستا پايدا بولاتتى، بۇنىڭغا ئۇلار ھېچقانداق ئامال قىلالمايتتى. تۇيغۇ رەڭدار گېئومېتىرىك شەكىلدىن باشلىنىپ ناھايىتى تېزلا جانلىق بولغان ئۈچ ئۆلچەملىك كۆرۈنۈشكە ئۆزگىرەتتى: ۋاسسون ئايلانما كارىدور ۋە گۈللۈككە ئورالغان، تاملىرىغا ھېقىققا ئوخشاش قىممەتلىك ياقۇتلار پاتۇرۇلغان ھەشەمەتلىك ساراينى كۆردى. ئۇ مۇقەددەس مۇنبەردىكى گئۈل دەستىسىگە نەزەر سېلىۋېدى، رىۋايەتتىكى غەلىتە مەخلۇق پادىشاھنىڭ جەڭ ھارۋىسىنى سۆرىگنىچە ئۆزىگە ئۇدۇل كېلىۋاتاتتى.
خىيالىي تۇيغۇ پەقەت ئەمدىلا باشلانغانىدى. ھايال ئۆتمەي ۋاسسون بىلەن رىچاردسون بىر نەرسىلەرنى كۆز بىلەن كۆرۈپلا قالماي يەنە ئۇلارنى تۇتالىدى. ئۇلار يېڭى بىر بالداق ئۆرلىگەنىدى، ئۇلار رەڭنى ئاڭلىيالىدى، ئاۋازنى كۆرەلىدى. سابىنانىڭ قىرائەت ئاۋازىنىڭ شەكلىنى كۆردى، ئاۋاز ئۆيدە پەرۋاز قىلاتتى. ۋاسسون بىلەن رىچاردسون ئۇ ئاۋازنى قولىدا تۇتالايدىغاندەك ھېس قىلىشتى. كۆرۈنۈشنىڭ رەڭدارلىقى ئۇلار بۇرۇن كۆرگەن ھەرقانداق مەنزىرىنىڭ رەڭگىنى بېسىپ چۈشەتتى. ئۇلار ھىخىيالغاغا پېتىشتى، پات-پات قوللىرىنى ئۇزىتىپ تۇتۇۋېدى كۆز ئالدىدىكى بارلىق نەرسە قاراڭغۇلۇقتا غايىپ بولدى. ئۇلار قولىنى تارتىشى بىلەنلا خىايلىيتۇيغۇ يەنە قايتا نامايەن بولدى.
ۋاسسون ئۆينىڭ تۇيۇقسىز ئۆرۈلۈۋاتقانلىقىنى كۆردى. كىشىلەرنىڭ روھى بەدىنىدىن ھالقىپ چىقىپ، جەنۇبىي مېكسىكا ئورمانلىقىدىن ئۆتۈپ، ئېگىز تاغلارغا ياماشتى، قات-قات ئۆرلەپ ئەرشكە يەتتى.
ۋاسسون شۇنچە گەپدان تۇرۇپمۇ ئۆيگە بارغاندا بۇ كەچمىشلىرىنى سۆزلەپ بېرەلمىدى. «پۈتۈنلەي باشقىچە روھىي ھالەتكە كەلدۇق، تىلىمىز گويا كۆرگەن نەرسىنى تۇغما ئەما قىزغا تەسۋىرلەپ بېرەلمىگەندەك شۇ قەدەر ئاجىز ۋە زەئىپلىشىپ كەتكەنىدى.» بۇ بىر خىل «روھىيەتنى ۋەيران قىلىدىغان» كەچمىش بولىدى دەپ يازىدۇ ۋاسسون.
ۋاسسون بىلەن رىچاردسوننىڭ كەچۈرمىشى ھېچكىم باشتىن كەچۈرمىگەن كەچمىش ئەمەس. بۇندىن بۇرۇن ئاق تەنلىكلەر خىيالىي تۇيغۇ پەيدا قىلىش دورىسىنىڭ قۇدرىتىنى بېشىدىن كەچۈرگەنىدى. 12 يىل بۇرۇن ئالىم ئالبېرت خوفمان شۋېتسارىيەدە ئۇقۇشماسلىقتىن باشاق مۈڭگۈزىنى يەپ سېلىپ باسېل شەھرىنىڭ سىرتىدا ئاجايىپ ۋېلىسىپىتلىك ساياھىتىنى باشتىن كەچۈرگەن، ھەمدە بۇ دورىنىڭ تۇغۇندى ماددىلىرىنىڭ دورىلىق رولىنى بايقىغان. خوفمان كېيىچە خاتىرىسىگە مۇنداق يازىدۇ: «بەك قورقۇپ كەتتىم، ئېلىشىپ قالدىممىكىن دەپ ئويلىدىم. باشقىچە بىر دۇنيا، باشقا بىر ماكانغا ئاپىرىپ قويۇلغاندەك بولدۇم. بەدىنىم سېزىمىنى يوقاتتى، گويا تىرىك مۇردىغا ئوخشاپ قالغانىدىم، ئەجىبا ئەجەل يەتكەنمىدۇ؟» ئۇ لىزېرگىك ئاتسىد دىئېتىل ئامىدنى LSD دەپ ئاتىغان.
غەلىتە يېرى شۇكى، بۇ بايقاش ھېچيەرگە تارىمىغان. ئەينى چاغدا خوفمان باسېلدىكى ساندوز دوراگەرلىك شىركىتىدە ئىشلەيتتى، بۇ چاغدا ئۇ تۇغۇتتا روھلاندۇرۇشقا ئىلىتىلىدىغان دورا توغرىسىدا ئىزدىنىۋاتاتتى. ئۇنى ھەيران قالدۇرغان چەككە يەتكەن سەپەردىن كېيىن خوفمان  LSDنى مۇۋاپىق كەلمەيدىكەن دەپ قاراپ ئۇنى ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ. تاكى 1948-يىلىغا كەلگەندە ئۇ بۇ دورىنى قايتا تەكشۈرىدۇ.
شۋېتسارىيەلىك بۇ دورىگەر ناھايىتى تېزلا يېڭى دورىنىڭ كۈچلۈك ئۈنۈمگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ. مېسكالىن مەلۇم بولغان ئوخشاش تەركىبتىكى بىردىنبىر دورا بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئۈنۈمى LSD نىڭ مىڭدىن بىرىگىمۇ يەتمەيتتى. ئازراقلا مىقدار بىلەن غايەت زور ئۈنۈم پەيدا قىلالايدىغان دورىلا ئېچىش قىممىتىگە ئىگە بولالايتتى، شۇڭا ساندوز شىركىتى LSD نى تەتقىق قىلىشقا باشلىدى.
20-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىنىڭ ئاخىرى ۋە 50-يىللارنىڭ باشلىرى كۆپىلىگەن تەتقىقاتچىلارنىڭ LSDغا بولغان قىزىقىشى ئۇنىڭ خىيالىي تۇيغۇ پەيدا قىلىدىغان ئالاھىدىلىكىگە مەركەزلەشكەن ئىدى. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قارىشىچە، LSD بىردەملىك روھىي بىنورماللىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرالىسىلا، سوزۇلما خاراكتىرلىق ئېلىشىپ قالغان بىماردا خاتا تۇيغۇ پەيدا قىلىدىكەن. مۇبادا بۇ ھۆكۈم توغرا بولۇپ قالسا، LSD تەتقىقاتچىلارنىڭ روھىي كېسەللىكلەر تەتقىقاتى ئۈچۈن تېپىلماس پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ. مەسىلەن ئېلىپ ئيتقاندا، ئېلىشىپ قالغانلار ئېرسىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى تۈپەيلىدىن ئەجدادتتىن ئەۋلاتقىچە بەدنىدە ناھايىتى ئاز مىقداردا LSD مەۋجۇت بولىشى سەۋەبلىك خىيالىي تۇيغۇ ياكى باشقا ئالامەتلەر كۆرۈلۈشى بىلەن روھىي كېسەللىكلەر ددوختۇرخانىسىغا سولانغان بولىشى مۇمكىن. دورىگەر LSDنىڭ ئۈنۈمىنى نېيتراللاشتۇرىدىغان ۋە كېسىدىغان دورا تەييارلاپ چىقسا، ئېلىشىپ قېلىش كېسەللىكىمۇ تارىخ سەھنىسىدىن چېكىنگەن بولاتتى. گەرچە بۇ تولىمۇ ئارتۇقچە ئارزۇ بولسىمۇ، بىراق روھىي كېسەللىكلەر تارىخىدا بۇ كېسەللىكنى داۋالاپ ساقايتىشقا ئەڭ يېقىن كەلتۈرىدۇ.
LSD گە يالغۇز روھىي كېسەللىكلەر مۇتەخەسىسلىرىلا تەلپۈنىۋاتقىنى يوق، يوشۇرۇن تەتقىقاتچىلارمۇ بۇنىڭغا يېقىندىن دىققەت قىلماقتا ئىدى.
3
مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى «كۆك قۇش» ۋە  «چاۋشەن تىكىنى» پىلانىدىن پايدىلىنىپ، ئىجادىي ھالدا تۇراقسىز روھىي ھالەتنى پەيدا قىلىشنى سوراق ۋاستىسىغا كىرگۈزدى. شۇڭا ئادەمنى ئېلىشتۇرۇپ قويىدىغان سېھىرلىك دورانىڭ بايقالغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇر ئامېرىكىغا تارقىلىپ كىرىشى بىلەنلا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىتىشى ئىنتايىن نورمال ئىش ئىدى. مېسكالىن، ناتىرىي ئامىتال، ناتىرىي تىئوپېنتاللارنى  LSD گە سېلىشتۇرغاندا ھېچنەرسىگە ئەرزىمەيتتى.
20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ كۆپ ساندىكى روھىي كونترول تەجرىبىلىرىنىڭپەردە ئارقىسىدىكى ئىشتىراكچىسى تېخنىك بۆلۈمىنىڭ باشلىقى سىدنېي گوتتليېب ئىدى. 33 ياشلىق خىمىيە پەنلىرى دوكتۇرى گوتتليېب تالانتلىق كىشى ئىدى. بۇنداق غەلىتە شەخس جاسۇسلۇق رومانلىرىدا كۆرۈلمەيتتى. گوتتليېب ۋاشىڭتوننىڭ شەھەر ئەتراپىدىكى دېھقانچىلىق مەيدانىدا تۇراتتى، مال-چارۋا بېقىپ، پىشلاق ياسايتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە قوي سۈتىنىلا ئىچەتتى؛ ئۇ كېكەچلىك دەردىنى تازا تارتقان، بىر پۇتى تۇغما غەيرى ئىدى. ئۇ مىللىيچە ئۇسسۇل مەستانىسى بولۇپ، مەركزىي ئاھىخبارات ئىدارىسى مەبلەغ ياردەم قىلغان چەتئەلدىكى ۋەزىپىلەردە، زور ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئۆزىگە يېڭى نومۇرلارنى توپلايتتى. بۇ ئەيىپ ۋە ھەۋەسلىرى ھەم نېمىسچە فامىلىسى ئۇنى كېيىنكى مېڭىنى يۇيۇش سۇيقەستىدە كەنم بولسا بولمايدىغان نۇقتىلىق شەخسكە ئايلاندۇردى.
يۇقىرىقى قاراشنىڭ ئاساسى بار. گوتتليېبنىڭ شانلىق نەتىجىسى مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىلىپ بارغان قەتلە قىلىش ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن تەتقىق قىلىپ ياسالغان ئەجەللىك كېسەل قوزغاتقۇچى دورىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر خىلى 1960-يىلى كونگونىڭ داھىسى پاترىك لۇمۇبانىڭ جېنىنى ئېلىش ئۈچۈن مەخسۇس ياسالغان(گوتتليېب بۇنىڭغا بىر خىل ئەجەللىك ئافرىقا زەھەرىنى تاللىغان، ھەمدە ئۆزى كونگوغا ئېلىپ بارغان، بىراق كېيىن قەتلە قىلىش ھەرىكىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان). ئۇ يەنە ئىراق ئارمىيەسى ئىچىدىكى رۇسىيە جاسۇسى دەپ گۇمانلانغانلارغا پالەچ قىلىۋېتىدىغان زەھەرلىك دورىغا چىلانغان قولياغلىق ئەۋەتىپ بەرگەن. 1973-يىلى مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ مېڭىنى يۇيۇش تەجرىبىسى ئاشكارىلىنىپ قېلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەندە،  گوتتليېب بارلىق تەجرىبە مۇندەرىجىسىنى ماھىرلىق بىلەن يوقىتىۋەتكەن. 1975-يىلى فىرانك چۇرچنىڭ ئاخبارات كومىتېتىدا 25 يىلدىن بۇيانقى تەتقىقاتنىڭ بىرىنىمۇ ئېسىمگە ئالالمىدىم دېگەنمۇ دەل گوتتليېب ئىدى. شۇنداق دېيىشكىمۇ بولىدۇكى، مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ نەزەرىنى LSD غا ئاغدۇرۇشىمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس.
LSD توغرىسىدىكى خەۋەر 1951-يىلى 11-ئايدا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىغا يەتتى. بىر مەسلىھەتچى مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىغا ئۆزىنىڭ LSD ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ«دۆلەت ئامانلىلىقىغا زور تەسىرى»بارلىقىنى ئېيتىدۇ. بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويما دېگەندەك، مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى شۇ ھامان «چاۋشەن تىكىنى»نىڭ شۋېتسارىيەدىكى ئالاقىچىسىنىڭ مەخپىي ھېسباتتىكى مەبلەغ ئارقىلىق بىر كىچىك بوتۇلكا LSD ۋە بۇ توغرىسىدىكى ئەسلەتمىدىن بىر نۇسخا سېتىۋالدى. ئەسلەتمىدە دورىنىڭ پۇراقسىز «ھەرخىل ئىسسىق-سوغۇق ئىچىملىكككە ئوڭايلا ئارىلاشتۇرۇۋەتكىلى بولىدۇ»؛ «مىقرادىنى كۆپەيتىشكە توغرا كەلسە»پەقەت يىڭنە مىخ بىلەن ئازراق قوشۇۋەتسىلا كۇپايا، دېگەندەك ئاشۇرۇما سۆزلەر بىلەن سېتىۋالغۇچىغا ئەسكەرتىش بېرىلگەن.
ئالدى بىلەن قىلىشقا تېگىشلىك ئىش دورىنىڭ خئۇسۇسىيىتى(تەسىرى)نى سىناش كېرەك ئىدى. مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى «خەير-ساخاۋەت» نامىدا بىر تۈركۈم ئالدىنقى سەپ ئورگانلىرىنى تەسىس قىلىپ، بۇلار ئارقىلىق تەتقىقاتنى ئالىي مەكتەپلەر ۋە ھىخەلق ئىچىدىكى دوختۇرخانىلارغا كۆتۈرە بەردى. ئىنسانىيەت ئېكولوگىيە تەتقىقات ئىلمىي جەمئىيىتى، گېسچىكتېر مېدىتسىنا تەتقىقات جەمئىيىتى ۋە كىچىك جوسىياھ مەسي فوند جەمئىيىتى ھەر قايسى ساھەدىكى تەتقىقاتچىلار ۋە ئورگانلار ئۈچۈن مەبلەغ تەمىن ئەتتى ۋە باشقا ياردەمدە بولدى، بۇ ئورگانلار تەتقىقات نەتىجىسىنى جاۋاب سۈپىتىدە مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىغا يوللاپ بەردى.
1954-يىلى 4-ئايدا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئاللېن دۇللېس مېڭە يۇيۇشتىكى يېڭى(ھەم رەسۋا نامى چىققان) تۈر «قەلبنى كونترول قىلىش پىلانى»*نى تەستىقلىدى. ئالدىنقى سەپ ئورگانلىرى مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ئۈچۈن يېڭى روھىي كونترول ۋاستىسىغا ئىشەنچلىكلىك ۋە بىخىەتەرلىك ئاتا قىلدى. مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارى داۋىد رودېز يۇقىرىدىكى بىر جەمئىيەتكە مەسئۇل بولغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئەزەلدىن قوللىنىپ كېلىۋاتقان مېتودىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: « مەسىلەن سەھەردە 〈ھەپتىلىك خەۋەرلەر〉نى ۋاراقلىغىنىمدا مەلۇم كىشى بىرەر ساھەدە يېڭى بايقىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى كۆرگەن بولسام، شۇ ھامان تېلېىفون قىلىپ ئۇنىڭغا: مەن ئىنسانىيەت ئېكولوگىيە تەتقىقات جەمئىيىتىدىن بولىمەن، سىزنىڭ تەتقىقاتىڭىزغا قىزىقىپ قېلىۋاتىمەن، چۈشلۈك تاماقنى بىرگە يېسەك قانداق؟ دەيمەن، بۇ ئەلۋەتتە مەن مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىدىن بولىمەن، دېگەندىن كۆپى ياخشى ئەلۋەتتە.»
گەرچە ئايرىم تەتقىقاتچىلار مەبلەغنىڭ كېلىش مەنبىيىنى بىلسىمۇ، كۆپ ساندىكى كىشىلەر خىراجەتنى مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ چىقىرىۋاتقانلىقىنى بىلمەيتتى، ھەمدە ئۆزىنىڭ تەتقىقاتىنىڭ ئۇلۇغۋار نىشاننى زېممىسىگە يۈكلىگەنلىكىنىمۇ چۈشەنمەيتتى. بۇۇرنقى بىر ئەسلەتمىدە مۇنداق خاتىرىلەنگەن: «نۇغۇن تۈرلەرنى پەقەت مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ مەنپەئەتىدىن قىلچە خەۋىرى يوق كىشىلەنىڭلا ئىجرا قىلىشىغا تاپشۇرۇلىدۇ.» ھېچ ئىشتىن خەۋىرى يوق تەتقىقاتچىلارغا مەبلەغ ياردىمى قىلىش زىخمۇ كۆيمەيدىغان، كاۋابمۇ كۆيمەيدىغان ياخشى چارە بولۇپ، بىر تەرەپتىن مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ مەپەئىتىنى قوغداپ قالغىلى، ھەم تەتقىقاتچىلارنى قوغداپ قالغىلى بولىدۇ: مۇبادا ئۇلار بىلىشنى خالىمىسا، ئۇلارغا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ئۈچۈن ئىشلەۋاتقانلىقىنى ئريتىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ؟
مېڭىنى يۇيۇش تۈرى ئاخىرلاشقاندا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ھەر خىل ئورگانتىن 80 نى بىلەن مۇناسىۋەت قىلغانىدى، بۇنىڭ ئىچىدە تۆت ئالىي مەكتەپ، سەككىز تەتقىقات ئورگىنى ۋە شەخسىي شىركەت، 12 دوختۇرخانا ۋە ئامبۇلاتورىيە، يەنە ئۈچ جىنايى ئىشلار ئورگىنى بار ئىدى.  LSD تەتقىقاتى ساھەسىدە كېنتاكىي شىتاتىنىڭ لېكسىڭتوندىكى خۇمارلىق تەتقىقات ئورنى ئەڭ داڭلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ چوڭ تىپتىكى زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنى ناركوز بۇيۇملىرى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى خارري ئانىسلىنگېر تەرىپىدىن «قۇتقۇزۇش پونكىتى» دەپ ئاتالغان. بۇ يەردىكى بىمارلار زەھەر چېكىشنى مەجبۇرىي تاشلاتقاندىن كېيىنلا جەمئىيەتكە قەيتالايتتى. ئەمما مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ مەبلەغ ياردىمىگە ئېرىشىۋاتقان خاررىي ئەنسلىنگېر دوختۇرنىڭ يېنىدا بولسا ئۇنداق ئەمەس ئىدى.
سودا ناھاىيىتىمۇ ئاددىي ئىدى، يەنى مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىغا ئادەمنى خۇمار قىلىپ قويۇش ئېھتىمالى بولغان دورىلارنى سىنايدىغان كېرەك، ئىسبېل دوختۇرنىڭ قولىدا بولسا بىرمۇنچە «بىكار تەلەت» چېكەرمەنلەر بار ئىدى. 50-يىللارنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىن باشلاپ مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى كېنتاكى شىتاتىغا ئۈزۈلدۈرمەي ئادەم بەدىنىدە سىناق قىلىدىغان LSD ۋە خەتەرلىك ناركوز دورىلىرىنى يۆتكىدى. بىمارلارنى دورا سىنىقىغا «ئۆز ئىخيارلىقى»بىلەن قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئىسبېل ئۇلارغا كېرەكلىك زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى بەرگەن، دېمەك بۇ يەرگە قامالغان زەھەر تاشلىغۇچىلار تېخىمۇ كۆپ زەھەرگە ئېرىشكەن.
مەخپىيەتكىدىن قالغان «قەلبنى كونترول قىلىش پىلانى» ئارخىپىدا ئىسبېلنىڭ تۈرلۈك ئارىلاشما دورا سىنىقى چوڭ كىچىك دېمەي تەپسىلىي خاتىرىلەنگەن. مەيلى قانداق دورا بولسۇن، ھەممىسىنى بىمارنىڭ بەدىنىدە سىناپ باقاتتى. ئۇ 1963-يىلى 2-ئايدا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىغا يازغان داڭلىق ئەسلەتمىسىدە مۇنداق دەپ يازغان:«بىماردا سىنايدىغان پۇرسەتنى تاپساملا سىزگە خەت يازىمەن.»
* «قىلمىشنى كونترول قىلىش(ۋە)قىلمىشنى بىنورماللاشتۇرۇش» نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش دورىسىنى ئىزدىنىش جەريانىدا «قەلبنى كونترول قىلىش» تۈرى 149 دانە تارماق تۈرگە ياردەم قىلىپ، خىيالىي تۇيغۇ پەيدا قىلىدغان دورا، سەزگۈ ئەزاسىنى بىكار قىلىش(4-بابقا قاراڭ)، گىپنوز(5-بابقا قاراڭ)، يوشۇرۇن ئاڭ(بىئىختىيار، 6-بابقا قاراڭ) تەتقىقاتى ئېلىپ بارغان. ئۇندىن باشقا بۇ پىلان يەنە پوچۇركا ئانالىزى، يېقىن كۆرۈنۈشتىكى سېھرىگەرلىك(بۇ ئارقىلىق چەتئەللىك جاسۇسلارنىڭ ئىچىملىكىگە دورا سېلىش)، كالپۇك تىلى سەنئىتى، بېسىم پەيدا قىلىدىغان خىمىيەلىك دورا، سىمسىز رادىئو بىلەن مايمۇن مېڭىسىنى غىدىقلاش، مېڭە سىلكىنىشى (جەسەت مېڭىسىنىڭ بەلگىلەنگەن دائىرىسىدە سىلكىنىش تەجرىبىسى ئېلىپ بېرىش، 7-بابقا قاراڭ) ۋە نۇرۇغۇنلىغان «قارا داۋالاش ئۇسۇلى»غا ياردەم قىلغان.
روشەنكى ئىسبېل LSD گە ئالاھىدە قىزىقىپ قالغانىدى. ئۇ بىمارلارغا ئوخشاش بولمىغان مىقداردىكى LSD يېگۈزەتتى، بەزى تەجرىبىلەردە يەنە زەھەرنى ېكسىش ئۈنۈمى بولىشى مۇمكىن بولغان بزەى دورىلار بىلەن بىرگە يېگۈزەتتى.1954-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى دوكلاتتا ئىسبېل سېسىق نامىنى تاراتقان سىناقلارنىڭ بىرى بولغان ئادەم بەدىنىنىڭ قانچىلىك مىقداردىكى LSD غا بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلىقىنى كۈزىتىش تەجرىبىسى خاتىرىلەنگەن.
گەرچە نەتىجە مېنى سەل ھەيران قالدۇرغان بىلەن، LSD-25كە بەرداشلىق بېرىش مىقدارىغا بولغان تەجرىبىنىڭ ئىلگىرىلىشى ئوڭۇشلۇق بولغان. مەن ئەزەلدىن بۇنچە كۆپ مىقدارغا بەرداشلىق بەرگەننى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن. ھازىرغا قەدەر LSD نى ئۇدا 42 كۈن يەتتە نەپەر بىمارغا يېگۈزدۈم، يەتتىلىسىنىڭ دورىدىن كېيىنكى فىزىئولوگىيە ۋە جىسمانىي ئىنكاس ئىنكاسى ۋە ماسلىشىشى ناھايىتى ياخشى بولدى.
بىز بۇ مىقدردىن ئاشۇرۇپ، ئىككى ھەسسە، ئۈچ ھەسسە، تۆت ھەسسە بېرىش سىنىقى ئېلىپ باردۇق.
نەتىجىدە يەتتە بىمار LSD نى ئۇدا كۈن يېگۈزدۇق، بۇ بەلكىم شۇ چاغدىكى ئەڭ قورقۇنچلۇق، ئەڭ غەلىتە دورا سىنىقى بولسا كېرەك. ئەمما بۇ «رېكورت» 1962-يىلى مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن تەرىپىدىن تارتىۋېلىندى. ئۇ مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا دورا بىلەن ئەركەك پىل بەدىنىدە ھەر يىلى جۈپلىشىش مەزگىلىدە قوزغىلىدىغان «كۈيلەش مەزگىلى تېرىككەكلىك كېسىلى» يېتىشتۈرۈپ چىقتى، ۋېست ئوكلاھوما شىتاتى ھايۋاناتلار باغچىسىدا يەتتە توننا ئېغىرلىقتىكى ئەركەك پىل «تۇسك»گە 30 مىللىلېتىر LSD ئوكۇل قىلىدۇ. ئۇنىڭ خاتىرىسىگە قارىغاندا بەش مىنۇتتىن كېيىن تۇسكې «داد پەرياد كۆتۈرۈپ ئوڭ يېنىغا گۈپپىدە يىقىلدى، چوڭ تەرىتىنى تۇتالمىدى، توختىماي تۇتۇپ كەتتى.»ۋېست دەرھال قۇتقۇزغان بولسىمۇ پايدىسى بولماي، «تۇسك»بىر يېرىم سائەتتىن ئۆلۈپ كەتتى.
مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى پىلنى تەجرىبە قىلىشتىنن باشقا 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا ھەر تەرەپكە مەبلەغ سېلقپ دورا تەتقىقات ئېلىپ بېرىشىنىڭ نەتىجىسىدە LSD قاتارلىق دورا  تەجرىبىسى پۈتكۈل ئامېرىكىغا يامراپ كەتتى. مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى دۇنياۋى سەۋىيىدىكى فورماكولوگلارنىڭ ھەممىسى بىلەن ئالاقە ئورناتقان، ئۇلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى ئۈزلۈكسىز ھالدا مەركىزىي ئىدارىسىنىڭ ۋاشىڭتوندىكى ھەر قايسى ئىشخانىسىغا يوللىنىپ تۇردى. 1949-يىلى مەركىزىي ئاخبارات ئىدارسىنىڭ باش شىتابى ھازىرقى ۋېرگىنىيە شىتاتىنىڭ رانلىغا كۆچۈپ باردى، ئۇلارنىڭ بۇ خىزمەت بىناسى خىيالىي تۇيغۇ تەتقىقات مەركىزىگە ئايلاندى.
«قەلبنى كونترول قىلىش پىلانى»نىڭ خادىملىرى LSD نىڭ ئادەمنى ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدىغانلىقىنى ئويلاپ يېتىپ ئۆز بەدىنىدە سىناق قىلىشنى قارار قىلىشتى. بەزىدە دورانى باھالايدىغان دوختۇرخانىلاردا پىدائىيلار تېپىلمىغاندا ئۆز ئادەملىرى ئۈستىدە تەجرىبە ئېلىپ بارماي ئامال يوق ئىدى. بىراق كۆپ چاغلاردا ئازراق سىرلىقلىقنى ساقلاشمۇ ياخشى ئىش ئىدى. نەتىجىدە مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئالاھىدە خادىملىرى LSD تەرىپىدىن يەتكۈچە قىينىلىپ، بۇ دورا ھەرخىل قوراللار قاتارىدىن ئورۇن ئالسا بولغۇدەك دەپ قاراشتى.
كېيىنكى قەدەمدىكىسى ئالدىن خەۋەرسىز ھالەتتە سىناق ئېلىپ بېرىش ئىدى. جون ماكىس مۇنداق دەيدۇ؛ بەزى خادىملار ئالدىن خەۋەرلەندۈرمىگەن ئەھۋالدا بىربىرىنىڭ ئىچىملىكىگە LSD نى ئارىلاشتۇرۇۋېتىشكە ماقۇل بولدى، ئەمما تەجرىبە كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتەلمىدى. بەزىلەر ئىچىملىكىگە دورا ئارىلاشتۇرۇلغانلىقىنى بايقاپ قېلىپ ھەممىنى تۆكۈۋەتتى، بەزىلەر بىلمەيلا ئىچىۋەتتى. بىر قېتىم بىر ئالاھىدە خادىمدا خىيالىي تۇيغۇ پەيدا بولۇپ، ھودۇققىنىدىن كوچىدىكى ماشىنا ئېقىمىغا كىرىپ كەتتى. «قەلبنى كونترول قىلىش پىلانى» خادىملىرى تىت-تىت بولۇپ ئۇنى شەھەرنىڭ ھەممە يېرىدىن ئىزدەپ ئاخىرى پوتوماك دەرياسىنىڭ قارشى قىرغىقىدىكى بىر فونتاننىڭ ئاستىدىن تاپتى. يولدىكى ماشىنىلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا قورقۇنچلۇق مەخلۇق كۆرۈنۈپ كۆزلىرىنى ئالايتىپ ئۇنىڭغا ئېتىلىپ كەلگەندەك بىلىنگەن. خىزمەتداشلىرى ئۇنىڭغا بىر ھازا تەسەللى بېرىپ ئۇنى ئاران دېگەندە چىقىرىۋالدى. بىر خادىم شۇ چاغنى ئەسلەپ مۇمداق دەيدۇ: «ئۆزىمىزنى ئۇنىڭغا دوست دەپو ئىشەندۈرۈش ئىنتايىن قىيىنغا چۈشتى، ئۇ ھەقىقەتەن ئەسەبىيلەشكەنىدى.»
ھەر خىل تاساددىپىيلىقنىڭ يۈز بېرىپ تۇرۇشى مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ LSD غا بولغان قىزغىنلىقىنى قىلچە بوشاشتۇرمىدى. باشقا جايلاردا تەجرىبە ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلدى. بىر ئالاھىدە 1954-يىلى 7-ئايدا بىر نەچچە «مەخپىيەتلىك» بىلىپ قېلىپ ئۇنىڭغا LSD ئىشلىتىلگەن، ئۇ ناھايىتى تېزلا «ھەممىنى ئېيتىپ بەرگەن.» مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ قارىشىچە، «سوراق مەزگىلىدە LSD ئىشلىتىلسە ھەقىقىي دەل ئۇچۇرغا ئېرىشكىلى بولىدىكەن.» 1954-يىلى 12-ئايدىكى بىر  ئەسلەتمىدە مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى «روژدوستۋا بايرىمىدا ئىشخانىدىكى روژدوستۋادىكى پەنچ ھارىقى رۇمكىسى بىلەن سىناق قىلماسلىق»نى ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرغان. مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى روژدوستۋا بايرىمى مەزگىلىدە بىمەنە چاقچاق قىلىمغان بىلەن، باشقا چاغلادا ئورگاننىڭ ئىچى-سىرتىدا ئەھۋالدىن خەۋەرسىز كىشىلەرگە LSD سىنىقىنى قىلىۋەرگەن، بەزى تەجرىبىلەر ئاپەت خاراكتىرلىق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا ئامېرىكا مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا ئەنگىلىيەلىكلەرنىڭ LSD غا بولغان قىزىقىشىنى قوزغىغان.
4
1952-يىلىنىڭ بېشىدا ئەنگىلىيە ئاخبارات ساھەسىدىكىلەر LSD نىڭ مەۋجۇتلىقىنى تۇنجى بولۇپ خارۋارد ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ ناركوز ئىمى پروففېسسورى ھېنري بېچېرنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىدى. بېچېر ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىن باشلاپ ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىگە تېببىي مەسلىھەتچى بولغان، ناتسىستلارنىڭ داخائۇ جازا لاگىرىدا راست سۆزلىتىش دورىسى تەجرىبىسى ئېلىپ بارغانلىقىنى ستراتېگىيەلىك ئاخبارات ئىدارىسىغا ئەڭ بۇرۇن ئېيتقان كىشى ئىدى. ئۇنىڭ شەخسىي ئارخىپىدىن ئېكىستاسىي(ئاتسىد) تەجرىبىسى توغرىسىدىكى تەپسىلىي خاتىرە بايقالغان.
1952-يىلى ئەتىيازادا بېچېر ياۋروپاغا كامندروپكىغا چىقىدۇ. ئۇ بېرلىندىن ئۆتكىچە ئۇ مەسلىھەتچىلىك سالھىيىتى بىلەن ئامېرىكا ئارمىيەسى ئۈچۈن «دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى» توغرىسىدا مەسلىھەت بېرىدۇ. ئاندىن شۋېتسارىيەدىكى باسېل LSD ۋە ساندوز دورىگەرلىك شىركىتىنىڭ باش شىتابىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىدۇ. ئۇ يەنە لوندونغا بارىدۇ، لوندوندا «ئىلىم-پەنگە تۆھپە قوشقان»لىقى ئۈچۈن خانلىق مېدىتسىنا ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ پەخىرىي ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىنىدۇ. لوندوندا ئۇ يەنە ئەنگىلىيە بىرلەشمە ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ۋەكىلى بىلەن ئورتاقلىق ھاسىل قىلىدۇ، ھەمدە LSD نىڭ خەۋىرىنى ئۇلارغا ئېيتىدۇ.
ئەنگىلىيە ئاخبارات تارماقلىرى LSDنى قانداق ئىشلىتىش مەسىلىسىدە بىر قارارغا كېلەلمەي، بېرمىڭھام ئۇنىۋېرىستېتى تەجرىبە روھىي كېسەللىك فاكۇلتتۇتىنىڭ مۇدىرى پروفېسسور جوئېل ئېلكېسنى تېپىپ ئۇنىڭدىن ياردەم سورايدۇ. ئېلكېس لىتىۋالىق مۇساپىر بولۇپ، ئۇ 1951-يىلى بېرمىڭھام ئۇنىۋېرىستېتىدا تەجرىبە روھىي كېسەللىك فاكۇلتتۇتىنى تەسىس قىلىپ، تۈرلۈك دورىلارنىڭ چوڭ مېڭىگە بولغان تەسىرى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1954-يىلى ئۇ تۇنجى تېنچلاندۇرۇش دورىسى بولغان خلىروپرومازىننى مۇددىئاسىز تەجرىبە قىلغان، شۇ سەۋەبتىن تارىخقا يېزىلغان. بۈگۈنگە كەلگەندە ئۇ روھىي پسخوفارماكولوگىيە ئىلمىنىڭ ئاساسچىلىرىنىڭ بىر دەپ ئېتىراپ قىلىندى.
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئېلكېس ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى ئىنسانىيەت نېرۋا ئۆتكۈزۈشىنى تەتقىق قىلىشقا باشلىغان. بۇ تەتقىقات ئۇلارنى مۇسكۇل يىغىلغاندىن كېيىن ئۇنى بوشاشتۇرىدىغان فېرمېنت - خولىنېستېرازانى ئىزدىنىش يولىغا باشلىغان. ناتسىستلارنىڭ يېڭى تىپتىكى نېرۋا دورىسىنىڭ بايقىلىشى بىلەن ئېلكېسنىڭ خىزمىتى يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان، شۇنىڭ بىلەن ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا تېلېفون قىلغان.
يېشى 90 دىن ئاشقان ئېلكېس ھازىر فىلورىدادا تۇرىدىكەن، ئۇ ماڭا تەتقىقاتىنىڭ ئۇلۇغ ئەھمىيىتىنى سۆزلەپ بەردى. «ھەربى تەرەپنىڭ ئاخباراتچىلىرى بىزگە نېمىسلارنىڭ مەخپىي خىمىيەۋى ئۇرۇشىنى تونۇشتۇردى، ھەمدە بىزدىن خولىنېستېرازاغا تاقابىل تۇرىدىغان دېفلورناتېدفوسىفات، تېپ (تېترائېتىل پىروفوسفات)① قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىشىمىزنى تەلەپ قىلدى. » ۋىلتشىرنىڭ پورتون كەنتىدىكى بىرىتانىيە خىمىيەۋى قوراللاردىن مۇداپىئەلىنىش تەجرىبە مەركىزى ئېلكېسقا ھەرخىل دورىلارنى ئەۋەتىپ بەرگەن، ئېلكېس بۇ دورىلارنىڭ چوڭ مېوىدىكى ھەرىكىتىنى تەكشۈرگەن، ھەمدە قايتۇرما ئىنكاس يوللىغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: خىزمەت «بەك زېرىكىشلىك»، ئەمما تەجرىبە مەركىزى ماڭا ھەربىي لاۋازىمەت باشقارمىسىدىن «ئاز-تولا مىەبلەغ» بەردى.
1952-يىلى قىشتا، ئېلكېس تارقىلىشچان زۇكامغا گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ، ئۇ يېتىپ ئارام ئېلىۋاتقان مەزگىلدە تېببىي ھۆججەتلەرنى ئوقۇپ، ئەڭ بۇرۇنقى LSD تەتقىقاتى توغرىسىدىكى ئىلمىي ماقالىدىن بىرىگە كۆزى چۈشىدۇ. ماقالىنىڭ مەزمۇنى ئۇنىڭغا چۇڭقۇر تەسىر قىلىدۇ: «ئوقۇپ دورا مىقدار سەۋىيىسىگە كەلگەندە قاتتىق چۆچۈپ كەتتىم!» ماقالىدا دېيىلىشىچە LSD نى ئىشلەتكەندە كېرەكلىك مىقدارى سترىخىنىن② ۋە سىئانىدلارنىڭ مىقدارىدىنمۇ ئاز كېتىدۇ، ئۈنۈمى ئۇلاردىنمۇ كۈچلۈك دېيىلگەن. ئېلكېس بۇنى كۆرۈپلا خاتا بېسىلىپ قالغان ئوخشايدۇ دەپ قالغان، چۈنكى ھازىرغىچە مەلۇم بولغان دورىلار مۇنچە ئاز مىقداردا ئىشلىتىلسە شۇنچە كۈچلۈك ئۈنۈم بەرمەيتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ماقالىنى تەكشۈرگۈچىگە دورا مىقدارى خاتا بېسىلىپ قاپتۇ دەپ تېلېفون بەرگەن. ماقالە تەكشۈرگۈچى كەسكىن ھالدا LSD نىڭ ئۈنۈمى مۇشۇنداق كۈچلۈك دەيدۇ. « سىزنىڭچە بۇ دورا پەقەت بىر مىكروگراملا ئىشلىتىلسە ئەقلى فۇنقىتسىيەگە شۇنچە كۈچلۈك تەسىر قىلامدۇ، دەپ سورىسام، ئۇ شۇنداق بولىدۇ، دېدى.شۇنىڭ بىلەن مەن بۇ دورىغا ھەۋەس قىلىپ قالدىم.» شۇنىڭ بىلەن ئېلكېس ساندوز شىركىتىدىن LSD سېتىۋالغان.
ئېلكېس ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرىنىڭ بۇ دورىنىڭ كۈچىنى بىر كۆرەيلى دەپ تەققەززالىقتا تۇرغاندا LSD ئاخىرقى ھېسابتا بېرمىڭھامغا ئېلىپ كېلىندى. روژدوستۋا كېچىسى ئېلكېس ئۆزى تەجرىبە ئوبيېكتى بولۇپھەر بىر كلوگرام بەدەن ئېغىرلىققىغا يېرىم مىللى گرام مىقدار بويىچە تۇنجى قېتىم سىناق قىلدى، دورىنىڭ كۈچى تېزلا ئۆزىنى كۆرسەتتى.«باشقىچە بىر دۇنياغا كىرگەندەك، گويا ئەينەك قارىغاندەك كۆرۈنسىمۇ، كۆرۈنۈش تىترىمەكتە، ئەمما رەڭگى ناھايىتى ئوچۇق... ھەممە ئىنتايىن باشقىچە... قارىغاندا بۇ دورا بىلەن دىنىي مۇراسىمنى .ەقىلغا سىغىدىغان ئىشتەك قىلىدۇ.» دەيدۇ ئېلكېس.
ئېلكېس مەسئۇل تارماقتىكى 15 نەپەر خىزمەتدىشى ھەرخخل ئەھۋالدا LSD نى ئىتىمال قىلدى. ئۇلار ناھايىتى تېزلا پالىلداپ تۇرغان چىراق نۇرى ئاستىدا بۇ دورىنى ئىستىمال قىلسا ئۈنۈمىنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدىغانلىقىنى بايقىدى. ئېلكېسنىڭ قارىشىچە LSD نىڭ ئۈنۈمى «سېزىمنى كەڭ كۆلەمدە كونترول قىلىۋېلىش» كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىنكاسقا ئوخشىمايدىكەن، بۇ قاراش ئۇزۇن ئۆتمەي قىزىقارلىق ئىنكاسقا ئۇچرىغان.
تەجرىبە قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ھەربى ئاخبارات 6-باشقارمىسى ئېلكېس بىلەن ئالاقىلىشىپ پورتون كەنتىدە خىمىيەۋى قوراللاردىن مۇداپىئە كۆرۈش مەركىزىگە ياردەملىشىپ، LSD تەجرىبىسى ئېلىپ بېرىشنى،بولۇپمۇ LSDنى سوراق قىلىشتىكى قوشۇمچە ۋاستە قىلىشنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى سىناشنى تەلەپ قىلغان. 19 ياشلىق ھاۋا ئارمىيە مىلادشي سېژانتى دون ۋېب سىناق قىلىنغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ، 1953-يىلى ئەتىيازدا ئۇ پورتوندا تەجرىبىگە قاتناشقان بىر خىزمەتدىشىنى ئۇچراتقان، تەجرىبىدە خىزمەتدىشىنىڭ سېزىمى يوقاپ بىر ھەپتە ياتقان. شۇنىڭ بىلەن بىر ھەپتىلىك مائاشنى ئارتۇق ئېلىپ ئۆيىگە قايتقان، خىزمەتدىشى ۋېبقا بارلىق جەرياندا پەقەت ئەزمىلىك بىلەن ۋاقىتنى ئۆتكۈزسەكلا بولىدىكەن، شۇڭا سەنمۇ پىدائى بولغىن دېگەن.
① تېترائېتىل پىروفوسفات(TEPP) كىرىستالسىمان ئاق رەڭلىك كىرىستال ئىشقارى بولۇپ، خولىنېستېرازانىڭ ھەرىكىتىنى تورمۇزلايدۇ، ئۇ ھاشارات ئۆلتۈرگۈچى دورىسى ۋە پاراسىمپاتىك نېرۋىنى قوزغاتقۇچى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
② سترىخىنىن(Strychnine) بىر خىل ئۆتكۈر زەھەرلىك ئاق رەڭلىك كىرىستال ئىشقار بولۇپ، كۇچۇلا ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۆسۈملۈكتىن ئېلىنغان. مېدىتسىنادا مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنى قوزغىتىش دورىسى سۈپىتىدە ئىشلىتلىدۇ.
ۋېب ماقۇل بولغاندىن كېيىن جەنۇبىي ھامپتوندىن سالىسبۇريغا بارىدىغان بىر دانە پويىز بېلىتىگە ئېرىشىدۇ. ئۇ سلاسبۇريدا ئۆزىدىن باشقا 11 نەپەر پىدائى بىلەن ئۇچرىشىدۇ، ئۇ كۈنى يەكشەنبە بولۇپ، كەيپىيات ئازادە «ئارام ئېلىش لاگىرىدىكىدەك ئىنتايىن خئۇشال»ئۆتكەن. پورتون كەنتىگە كېلىپلا ئەترەت تارقىتىۋېتىلدى، 10 كىشى ھەر خىل ھەربىي فورما سىناش بۇيرۇقىنى ئالدى، ۋېب بىلەن لوگان مارل ئالاھىدە بۇيرۇقنى تاپشۇرۇۋالدى.
دۈشەنبە كۈنى باشقا 10 كىشى سىنايدىغان فورمىلارنى كىيىشتى، ۋېب بىلەن لوگان مارل ناھايىتى سىپايە بىر پىسخولوگنىڭ يېنىغا ئېلىپ بېرىلدى. پىسخولوگ ئىككەيلەننىڭ بوشلۇق تۇيغۇسى، تىل ۋە رەقەملىك ئۇلاسە چىقىرىش ئىقتىدارىنى سىنىدى. ئۇلارنىڭ نىشانى ۋە قارا نىيىتىنى ئاشكارىلاش ئۈچۈن يەنە شەخسىي مەسىلىلەر سورالدى. ۋېبنىڭ ئېيتىشىچە ئۇنىڭدىن ئاخىرىدا سورالغان سوئال مۇنداقكەن: «ئۆزىڭىزنىڭ جىنسىي ئىقتىدارىدىن گۇمانلىنىپ باققانمۇ؟»
ۋېب بىلەن مارنىڭ كىيىمى سالدۇرۇلدى، تېخى سۈرەتكە تارتىشتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە فوتوگراف ئايال ئىدى، ئۇ ئىككىسى ئايلانما تەخسە ئۈستىدە تۇردى، بۇنىڭدا ئۇلارنى ھەرتەرەپتىن سۈرەتكە تارتقىلى بولاتتى. شۇ كۈنى كەچتە ۋېب بىلەن مار ئاشپۇزۇلغا باردى، «ئكزىنى قاچۇرغىلى بولمايدىغان ئىش ئاخىرى يۈز بەردى»: قاۋاقخانىغا كىرگەن قىزلار ۋە مۇلازىم قىزلار ئىككىسىنىڭ «شانلىق ئوبرازى» نى كۆردى. كەچلىك تاماقتىن كېيىن ئىككىسى سىرتنى بىر ئايلىنىپ كېلىشتى، ئۇلارغا ئۇچرىغان ھەممە كىشى ئۇالرنىڭ سۈرىتىنى كۆرگەنىدى. بۇ ئىش چوڭ بىر مەسخىرىگە ئايلاندى، «كۆپىچىلىك ئۆزلىرىنى ئۇنتۇغان ھالدا كۈشەتتى، كەيپىيات تولىمۇ جانلىق ئىدى.»
سەيشەنبە كۈنى ۋېب بىلەن مار گاز چىراق ئورنىتىلغان خىزمەت سۇپىسى بار تەھىجرىبىخانىغا ئېلىپ كىرىلدى. بىرى چاسنىي كىيىنگەن، بىرى ئاق خالات كىيگەن ئىككى كىشى قولىدا بىردىن ئىستاكاندا سۇ تۇتۇپ ئۇلارنى كۈتۈپ تۇراتتى. «ئۇلار، سۇغا ئازراق نەرسە ئارىلاشتۇرۇلدى، سىلەر بۇنى ئىچكەندىن كېيىنكى ئىناكسىڭلارنى كۆرمەكچىمىز دېيىشتى.» دەيدۇ ۋېب ئۇ ئىشنى ئەسلەپ. ئىككىسى ئىستاكاننى ئېلىپ گۈپلا قىلىپ ھەممىنى ئىچىۋېتىشتى.
سۇنى ئىچىپ بولغاندىن كېيىن ئاق خالاتلىق خادىم سوئال سوراشقا باشلىدى
- قانداق، بىر نەرسىنى سەزدىڭلارمۇ؟
ۋېب ھېچقانداق ئىش دەپلا قاھقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى، كۈلكدىدىن پەقەت توختىيالمىدى، ئۇ نېمىگە كۈلۈۋاتقانلىقىنىمۇ بىلمەيتتى. خادىملار ئىككىسىنى باشقا بىر ئۆيگە ئەكىرىدى، يەنە سوئال سورىۋېدى، ئۇلار تېخىمۇ قاتتىق كۈلگىنى تۇردى، تەجرىبە خادىملىرى ئامالسىز ئۇلارنى ياتاقلىرىغا ئاپىرىپ قويۇشتى.
ئۇ كۈنى كەچتە ۋېب بىلەن مار بىرىبىرىنىڭ كۆزلىرىنىڭ قىزىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈشتى. ئۇلار ئەسەبىيلەرچە بۇ بەك قالتىس قىزىقارلىق ئىشكەن دەپ قېلىشتى. ئۇلار بىلەن بىرگە كەلگەن 10 كىشى بىر كۈن كەچكىچە يۈھىگۈرۈش ئۈسكۈنىسىدە توختىماي يۈگۈرىشەتتى، ئۇلار ۋېب بىلەن ماردىن قانداقراق تۇرۇۋاتسىلەر دەپ سورىۋېدى، ئىككىسى قاھقاھلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى، بۇ ئۇلارنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويدى، شۇنىڭ بىلەن ھەممىسى بۇرۇلۇپلا ئاشخانىغا چىقىپ كېتىشتى، بۇنى كۆرۈپ ئۇ ئىككىسى تېخىمۇ قاتتىق كۈلۈشتى.
بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ۋېب بىلەن مار LSD نى ئىستىمال قىلغاندىن كېيىن ئۇلاردا ھېچقانداق خىيالىي تۇيغۇ پەيدا بولمىغان. قارىغاندا خادىملار كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈنلا دورىنى ناھايىتى ئاز مىقداردا ئىشلەتكەن چېغى. ئۈچىنچى كۈنى ۋېب يالغۇز ئېلىپ كېتىلىپ بىر ئىستاكان سۇ ئىچكۈزۈلدى، نەتىجىدە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئىشلار يۈز بەردى.
- تامدا، يەردە غەلىتە نەرسە بار، - دەيتتى ۋېب – ھەممە نەرسە گويا  ئالتە ئېنگىلىز سۇڭى قېلىنلىقىتىكى سۇزۇك سۇيۇققا ئورالغاندەك، كىشىلەرنىڭ يۈزلىرى يېرىلىپ كەتكەن. ئاجايىپ غەلىتە!گۆشى بىلەن ترىسى شىلىۋېتىلگەن، پەقەت ئۇستىخانلا تىكىلىپ تۇرىدۇ. گەپ قىلغان ئاۋازنى ئاڭلىدىم، ئەمما ئۇلارنى تۇتالمىدىم، ئىنتايىن قورقۇنچلۇق.
تەكشۈرگۈچى دوختۇر ۋېبقا كىتاب ئوقۇتتى، ۋېب كىتابنى قولغا ئېلىپ قارىۋېدى، كىتابتىكى خەتلەرنىڭ ھەممىسى بېلىق قاسرىقى بىلەن بېلىقنىڭ كۆزىگە ئۆزگىرىپ كەتتى، ۋېب شۇنچە غەيرەت قىلىپ ئېسىنى يىغماقچى بولغان بولسىمۇ تېنچلىنالمىدى. «شۇنچە قىلغان بولساممۇ، يەنىلا ئوقۇيالمىدىم.»
ۋېبنىڭ ئەسەبىي ھالىتى دوختۇرنىڭ ئالاھىدە قىزىقىشىنى قوزغىدى، ئۇ ۋېبقا تەسەللى بېرىپ تۇرۇپ:
- ھەممە ئىش جايىدا،- دېدى، ھەمدە تەجرىبىگە قاتنىشىپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. ھەر قېتىم ۋېب تېنچلانغاندا دوختۇر ئۇنىڭغا  پىسخىك سىناق (روسچاك سىياھ ئىزى سىنقى )ئېلىپ باراتتى:
- بىر نەرسىنى پەرق ئېتەلىدىڭىزمۇ؟ رەسىمدە نېمە ئىش يۈز بېرىپتۇ؟
ۋېب خېئاس روبىنسونچە ماشىنا (ئورگان)تا ئىنكاس سىنىقى قىلىنىۋاتاتتى.
شۇندىن كېيىنكى ئۈچ كۈندە ۋېب يالغۇز ئارام ئالدى، ئاپتاپقا قاھلاندى. پورتوندىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن ئۇ قوڭۇررەڭ بىر كانۋېررت تاپشۇرۇۋالدى، ھەمدە پورتوندىكى كەچۈرمىشىنى ھېچكىمگە ئېيتماسلىق تەلەپ قىلىندى. ئۇ جەنۇبىي ھامپىتونغا بېرىپ كونۋېرتنى ئېچىۋېدى، ئىچىدىن ئىكى ھەپتىلىك مائاشى چىقتى.
ھەربىي ئاخبارات 6-باشقارمىسىنىڭ LSD سىنىقى 1953-يىلىدىن 1954-يىلىغىچە داۋاملاشتى، تەجرىبە شەكلى ۋېبنىڭ كەچۈرمىشىگە ئوخشاش بولۇپ، نەتىجىسىمۇ كۆپى پەرق قىلمىدى. 1953-يىلى خانلىق دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ 23 ياشلىق ئەسكىرى دېرېك چاننون LSD ئارىلاشتۇرۇلغان كەمپىتتىن بىر تال يېگەندىن كېيىن رەڭلىك چىراغ ئورنىتىلغان تامدىن يولۋاس سەكرەپ چۈشۈپ ھاپلا قىلىپ يۈتۈۋېتىدۇ دەپ قورقۇم تامغىلا قاراپ ئولتۇرغان. دوختۇر مىڭ تەسلىكتە ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىپ قان ئەۋرىشكىسى ئېلىشقا كۆندۈرىدۇ.
تەجرىبىگە قاتناشقان بىل لادېل 1965-يىلى پورتوندىكى قوللىنىشچان بىئولوگىيە كومىتېتىغا يوللىغان دوكلاتىدا  بۇ تەجرىبە «دەسلەپكى سىناق، كۆڭۈلدىكىدەك كونترول قىلىنمىدى، دېيىلگەن. بەلكىم ئۇلارنىڭ خىزمىتىدە بىپەرۋالىق مەۋجۇت بولىشى مۇمكىن، بىرىنچى تۈركۈمدىكىسى تۈگەپ بولىشىغىلا ئىككىنچى قېتىملىقىنى باشلىۋەتكەن، ئەمما بۇ قېتىم بۇيرۇق چۈشۈرگىنى ھەربىي ئاخبارات 6-باشقارمىسى بولماستىن بەلكى بىر لەشمە ئاخبارات كومىتېتى(JIC) ئىدى.
1955-يىلى 7-ئاينڭ 7-كۈنى بىرلەشمە ئاخبارات كومىتېتىنىڭ روھىي كېسەللىكلەر ئىلمى مەسىلھەت ئۆمىكى يىغىن چاقىرىپ LSD نى يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەتقىق قىلىشنىڭ قىممىتى بار دەپ قارىغان. تۆت ئايدىن كېيىن مەسلىھەت ئۆمىكى قايتا يىغىن ئاچىدۇ، ھەربىي ئاخبارات 6-باشقارمىسى پورتون كەنتىدىكى تەجرىبىسىنىڭ مەسئۇلى دوختۇر ھاررىي كۇللۇنبېين ۋە بىرمىڭخام ئۇنىۋېرىستېتىدىكى پروفېسسور ئېلكېسمۇ يىغىنغا قاتنىشىدۇ. يىغىن خاترىسىدىن ئايان بولىشىچە، مەسلىھەتچىلەر ئۆمىكىمڭ مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىغا ئوخشاشلد LSD غا قىزىققان، دەلىل ئىسپالاردىن مەلۇم بولىشىچە مۇناسۋەتلىك تەجرىبىلەر قانات يايدۇرۇلغان. كۇللۇنبېين مەسلىھەت ئۆمىكىدىكىلەرگە مۇنداق دەيدۇ:
تەربىيە كۆرگەن سوراقچى ئەھۋالدىن خەۋەرسىز سىناق قىلىنغۇچىغا LSD ئىشلەتكەندىن كېيىن، سوراق قىلىنغۇچىنىڭ ئىنكاسى ئۆزىنىڭ كونتورللىقىنى يوقىتىدۇ.
ئېلكېس «ئەھۋالدىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز» سىناق قىلىنغۇچىغا سىناق قىلىش ئىشىغا ئۆزىنىڭ پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بىراق 2004-يىلى شۇ چاغدا بەرگەب باھاسى توغرىسىدا سورالغاندا ئۇ قەتئىيلىك بىلەن: «ھە، ياق! ئەسلا بۇنداق ئەمەس! سىناق قىلىنغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئەھۋالدىن خەۋەردار ئىدى! ئۇلارنىڭ ھەممىسى پىدائىيلار!» دەيدۇ. مۇبادا ئېلكېسنىڭ سىناق قىلىنغۇچىلىرىنىڭ ھەممىسى پىدائىي بولسا كۇللېنبېين ئېيتقان «ئەھۋالدىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز» سىناق قىلىنغۇچى دېگەننى نېمە دەپ چۈشەندۈرۈش مۇمكىن؟ بۇ قېتىنقى يىغىندا « LSD-25 ۋە مۇشۇ خىلدىكى دورىغا بولغان تەتقىقاتنى يەنىمۇ ئىچكىرلەپ ئېلىپ بېرىش كېرەك» دەپ بېكىىتلگەن، ھەمدە « LSD-25 نى سوراقتا ئۈنۈملۈك دورا قىلىپ ئىشلىتىشىنى تەتقىق قىلىش كېرەك» دېيىلگەن.
بۇ قېتىمقى «يەنىمۇ ئچىكىرىلەپ تەتقىق قىلىش» دېيىش بىلەن ھەربىي ئاخبارات 6-باشقارمىسى ئەينى چاغدا ئېلىپ بارغان LSD سىنىقىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئاسمان زېمىن پەرق بار ئىدى.  ھاۋا ئارمىيە ئەسكىرى رونالد مادىسون پورتون كەنتىدىكى تەجرىبىدە سارىن نېرۋىنى زەھەرلىگۈچى دورىلار بىلەن ئۇچراشقانلىقى سەۋەبلىك 2005-يىلى تەسسادىپىي ھالدا ئۆلۈپ كەتكەن. يېرىم ئەسىر يوشۇرۇپ كېلىنگەن «يەنىمۇ ئىچكىرلەپ تەتقىق قىلىش»نىڭ سىرى ئاخىر ئاشكارىلاندى. خانلىق توپچى قىسمىنىڭ سابىق سىتارشى لېيتنانتى رونالد ۋىلكېرسوننىڭ سوتقا تاپشۇرغان يازما بايانىدا دېيىلىشىچە، ئۇ ئىلگىرى «راست سۆزلىتىش دورىسى» توغرىسىدىكى بىر سىناققا قاتناشقان. ئەينى چاغدا ئۇ پورتوندىكى ئەسكەرلەرنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولغان بولۇپ، تەجرىبە مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوختۇر سىلۋانىڭ ئىلتىماسى بىلەن 1953-يىلى 5-ئايدىن 1955-يىلى 8-ئايغىچە مەلۇم مەزگىل تەجرىبىگە پىدائى بولغان.
ئىككىنچى كۈنى ۋىلكېرسون، سىلۋا دوختۇر ۋە بىر تەجرىبە خاىدىمى بىر تەجرىبە ئۆيىگە كىرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئۈچ ئىستاكان سۇ قويۇلغان. سىلۋانىڭ دېيىشىچە، ئۈچ ئىستاكاننىڭ بىرىگە راست سۆزلىتىش دورىسى ئارىلاشتۇرۇلغان. ئۇ راست سۆزلىتىش دورىسى توغرىسىدا چۈشەنچە بەرمىگەن ھەمدە ئۇنى ئىچكەندىن كېيىن قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدىغانلىقىنىمۇ دېمەي ئىككەيلەنگە خالىغان ئىستاكاندىكى سۇنى ئىچكۈزگەن. ۋىلكېرسون ئەنسىرىگەن بولسىمۇ، يەنىلا ئىچىۋەتكەن. سىلۋا بىلەن يەنە بىر تەجرىبە خادىمىمۇ ۋىلكېرسوننىڭ كەينىدىن بىر ئىستاكاندىن ئىچىۋەتكەن.
بىر يېرىم سائەتتىن كېيىن، ۋىلكېرسون بىر ئۆيگە ئېلىپ كىرىلگەن، پۇقراچە كىيىنگەن ئىككى كىشى ئۇنىڭغا سوراق قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان. شۇنىڭدىن كيىنكى بىر سائەتتىن ئارتۇقراق ۋاقىت ئىچىدە ئىككى سوراقچى ھەيۋە بىلەن ئۇنىڭدىن پورتون كەنتىدىكى ۋەزىپىسىنى ئېيتىشقا قىستايدۇ. «مېنىڭچە، » دەيدۇ ۋىلكېرسون«سوراقنىڭ شەكلىلا يۇقىرى سىجىللىقتىكى سوراق بولدى.» ئۇ بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ، ئۇلارغا باش ئەگمىگەن، شۇنىڭ بىلەن سوراق خادىملىرى ئۇنىڭغا باشقىچە مۇامىلىدە بولۇپ سوراقنى ئاخىرلاشتۇرغان. شۇنداقتىمۇ ئەڭ ئاخىردا ئۇنى تەڭلىكتە قويغان: ئۇلارنىڭ بىرى ئۇنىڭغا «توغرا، سەن بۇ يەردە زادى نېمە ئىش قىلىسەن؟» دەپ سورىغان.
ۋىلكېرسون سوراق خادىملىرىنىڭ نەيرەڭ ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى بىلىپ، بۇ سوئالغا جاۋاب بەرمەيدۇ. سوراق خادىملىرى ئاخىرى بولدى قىلىدۇ، ئەكسىچە ئۆزلىكىدىن ئۆزلىرىنىڭ «ھەربىي ئاخبارات 6-باشقارمىسى»دىن ئىكەنلىكىنى دەپ بېرىدۇ.
گەرچە ۋىلكېرسون LSD ئارىلاشتۇرۇلغان سۇنى ئىچمىگەن بولسىمۇ، يەنىلا شۇ جايدىكى ھەربىي دوختۇرخانىغا تەكشۈرتىلگەن. ئۇ دوختۇرخانىدا سىلۋا دوختۇرنى ئۇچراتقان، سىلۋامۇ قارىماققا نورمالدەك كۆرۈنەتتى. ئەمما ئۈچىنچى كىشى كۆرۈنمىگەن*.
1956-يىلى يازدا تەجرىبىنىڭ كۆلىمى كېڭەيتىلگەن. شۇ يىلى 3-ئايدا دۆلەت مۇداپىئە سىياسەت تەتقىقات كومىتېتى بىرلەشمە ئاخبارات كومىتېتىنىڭ تەلەپ قىلىشى بىلەن روھىي دورىلارنى«ھەربىي مەقسەت»كە ئىشلىتىش كېرەكمۇ، يوق دېگەن نۇقتىدىن باھلاش ئېلىپ بارغان، نەتىجىدە «پورتون كەنتىدىكى خىمىيەلىك قورالدىن مۇداپىئە كۆرۈش تەجرىبە مەركىزى بۇ تۈرنى بەلگىلىك زېھىن سەرپ ئېتىپ تەتقىق قىلىشى كېرەك، باش ئالىم، ھەربىي لاۋازىمەت ۋازارىتى ۋە خىمىيەلىك قوراللاردىن مۇداپىئە كۆرۈش تەتقىقات مەركىزى ئەھۋالغا قاراپ ئويلىشىپ كۆرسۇن*»دەپ قارىغان.
ھەربىي لاۋازىمەت ۋازارىتىنىڭ مېڭە يۇيۇش ۋە سوراق قىلىش مۇتەخەسىسى سيرىل كاننىڭھام ئىلگىرى بۇ خىزمەتكە قاتناشقان. ئەلۋەتتە بۇ چاغدا ئۇ ھاۋا ئارمىيە ئاخبارات 9-باشقارمىسى ئۈچۈن سوۋېتلىكلەرنىڭ چاۋشەندىكى يۈرۈش-تۇرۇشلىرىنى تەكشۈرۈۋاتقان ئىدى. ئامېرىكىنىڭ LSD تەتقىقاتىدا قولغا كەلتۈرگەن تەرەققىياتى كاننىڭھامغا بەش قولدەك ئايان ئىدى. ئۇ ئامېرىكىنىڭ ئەينى چاغدا ئەگىلىيەنىڭ LSD تەتقىقاتىدا تېخىمۇ ئىچكىرىلىگەن تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىشىنى بەك ئارزۇ قىلغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار بۇنىڭغا بەك قىزىقاتتى، مەن ئۇلارغا دائى، ئامېرىكا يەنە بىر قانداق دورىلارنى ياساپ چىقىپتۇ، مەن بىر قاتار تىزىملىك بار، ئەمما بىز بۇ دورىلارنى نېمىگە ئىشلىتىدىغانلىقىمىزنى سىلەرگە ھەرگىز ئېيتىپ بەرمەيمەن.»
مەن ئۇنىڭدىن بۇ نېمە دېگنىڭىز دەپ سورىسام، ئۇ تازا خالاپ كەتمىگەندەك قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ خىزمىتىم ئۇنداق قىلىشقا يول قويمايدۇ، مەن ئۆزۈمگە (ھۆكۈمەت ئىشىدا مەخپىيەتلىك ساقلاش نىزامى سەۋەبلىك)ئىش تېرىۋېلىشتىن قورقىمەن. شۇنداق بولسىمۇ ئۇ يەنىلا پورتون كەنتىگە كۆپ قېتىم بارغانلىقى، LSDنى قولغا چۈشۈرش پۇرسىتىنىڭمۇ بولغانلىقى(ئۇ رەت قىلغان)نى ئېيتىپ بەردى. ئۇ يەنە 1953-يىلى باسىل كلاركنىڭ دېرېك چاننونغا دورا بېرىشكە مەسئۇل بولغانلىقىنى بىلىدىكەن بۇنى ھەربىي ئاخبارات 6-باشقارمىسىمۇ ئېتىراپ قىلغان.
كاننىڭھامغا ھەربىي ئاخبارات 6-باشقارمىسىنىڭ پورتون كەنتىدە يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەجرىبە قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمدى ئەسكەر ئەمەس ئوفىتسېرلار ئۈستىدە سىناۋاتقانلىقىنى، ئۇلارغا دورىنى يېگۈزۈپلا سوراق قىلىنىغىدىغانلىقىنى ئېيتتىم. يېشى 80گە يېقىنلىشىپ قالغان كاننىڭھامنىڭ پوزىتسىيەسى سەل يۇمشىدى:
- مەن ئاۋارىچىلىقتىن قورقىمەن، - قايتا-قايتا تەكرارلىدى، – (ئەمما) بۇ ئىشلار ھامان ئاشكارىلىنىدۇ.
* بۇ سىناق قىلىنغۇچى بەلكىم كېيىن قۇرۇقلۇق ئارمىيە مارشالى بولغان گېئوففرېي باكېر بولىشى مۇمكىن. ئۇ 1964-يىلى توپىلاڭغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى توغرىسىدىكى مەخپىي ئەسلەتمىدە: «نۇرغۇن يىل بۇرۇن 〈راست سۆزلىتىش دورىسى〉سىنىقىغا قاتناشقانىدىم؛ ھازىر بۇ دورا تەرەققىياتى قايسى باسقۇچقا يەتكەنلىكىنى بىلگۈم بار،» دەپ يازغان. يېنىغا قەلەم بىلەن: «ھېچقانچە قىممىتى يوق تۈر. مۇناسىۋەتلىك سان-سىپىرلار ھەربىي ئاخبارات 5-باشقارمىسىمقو كونتىروللۇقىدا.» دەپ يېزىلغان.
*پورتون كەنتىدىكى سىناق قىلىنغۇچىلارنىڭ ۋاكالەتچى ئادۋۇكاتى ئالان كارېنىڭ تەلەپ قىلىشى ئارقىسىدا بىر قىسىم تەجرىبىنىڭ تەپسىلاتى «ئۇچۇر ئاشكارىلاش قانۇنى»غا ئاساسەن مەخپىيەتلىكى يېشىلگەن. ئەمما مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر يەنىلا سوت مەھكىمىسىگە تەئەللۇق بولغان. مەن يازما ئىلتىماس سۇنغان بولساممۇ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يەنىلا مېنى بۇ ھۆججەتلەرنى كۆرمەسلىكى كېرەك دەپ قارىدى. روھىي كېسەللىكلەر ئىلمى مۇتەخەسىسلەر مەسلەھەت بېرىش، باھالاش ئۆمىكىنىڭ باشقا ماتېرىياللىرى بولسا كۆيدۈرۈۋېتىلگەن.
5
ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئېرىشكەن ئۇچۇرلىرى ئەنگىلىيەلىكلەرنى پەرىشان قىلغانلىقتىن LSD تەجرىبىسىنى تاقەتسىزلىك بىلەن ئېلىپ بارغان. مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ LSD غا ئېرىشكەنلىكى توغرىسىدىكى ئاخباراتقا 1951-يىلى ۋە 1953-يىلى ئىككى قېتىم ئېرىشكەن. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ LSD غا قىزىقىشى تەبىئىي ئەھۋال، بىراق ئۇلار بۇنىڭغا بەك تېز ئېرىشتىمۇ قانداق، گەرچە مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى بىلەن ھەربىي ئاخبارات 6-باشقارمىسى LSD نىڭ مەۋجۇتلىقىنى كۈچىنىڭ بارىچە يوشۇرغان بولسىمۇ، بۇ خىل دورىنى پەقەت شىۋېتسارىيەنىڭ
ساندوز دورىگەرلىك شىركىتىدىلا ئىشلىگەن بولسىمۇ، مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى كوممۇنىستلارنىڭ 50 مىليون كىشىگە يەتكۈدەك دورىغا ئىگە بولغانلىقى توغرىسىدىكى مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغان.
سيرىل كاننىڭھام ئەنگىلىيەنىڭ بۇ توغرىدىكى ئىنكاسىنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: «شىۋېتسارىيەلىكلەر دورىنى ياساپ رۇسىيەلىكلەرگە سېتىپ بېرىشتىن بۇرۇن، دورا(LSD)نىڭ %90 ىنىڭ رۇسىيەگە يۆتكەلگەنلىكىگە ھېچكىم دىققەت قىلمىغان ئىدى، بۇ بىزگە ئاگاھ سىگنالى بەردى، ئاخبارات تارماقلىرى بۇنىڭ قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىشى  كېرەك.
قارىغاندا ھەربىي ئاخبارات 6-باشقارمىسىنىڭ LSD نىڭ رۇسىيەگە ئېقىپ كېتىشىنى توسۇشتىكى تۈرلۈك تىرىشچانلىقلىرى (مۇبادا ئۇلار ھەقىقەتن تىرىشتى دېيىلسە)نىڭ سىرى يېشىلىدىغان كۈنلەر بولمايدىغان ئوخشايدۇ، ئەمما مەركىزىي ئاخبارات ئىدارسىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ھەرىكەتلىرىنىڭ دەلىل ئىسپاتلىرى بار. 1953-يىلى مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ساندوز شىركىتىگە ۋاكالىتەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ LSD غا ئىگە بولغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنىڭ راست-يالغانلىقىنى تەكشۈرگەن. بىر ئالاھىدە خادىم تەكشۈرۈشتىن كېيىن ساندوز شىركىتىنىڭ 10 كلوگرام LSD تەييارلىغانلىقىنى، بۇنىڭ نيۇ يوركنىڭ بارلىق ئاھالىسىنىڭ ئۈچ يېرىم كۈنلۈك بىھۇش بولىشىغا يېتىپ ئاشىدىغانلىقىنى مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىغا دوكلات قىلىدۇ. بۇ كىشى كېيىن ھەيرانلىقتا مۇنداق دەيدۇ: «بۇ مىقدار ئادەمنى چۆچىتىدۇ!» مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئاللېن ساندوز شىركىتىنىڭ LSD نى سوۋېت ئىىتىپاقىغا سېتىپ بېرىشىنى توسۇش ئۈچۈن 10-ئاينىڭ 22-كۈنى 240 مىڭ دوللار قىممىتىدىكى LSD قالدۇقىنى پۈتۈنلەي سېتىۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئىككى نەپەر ئالاھىدە خادىمى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى شىۋېتسارىيەگە بارلىق LSDنى سېتىۋېلىشقا بارىدۇ.
بىراق ئۇلار باسېلغا بارغاندىن كېيىن بۇرۇن مېتىرلىق ئۆلچەمنى بىلمەيدىغان ئالاھىدە خادىملار مىكرو گرام بىلەن كلوگرامنى ئارىلاشتۇرۇپ قويۇلغانلىقىنى بايقىغان. ئەمەلىيەتتە ساندوز شىركىتى ئەسلا 10 كىلوگرام LSD ئىشلەپ چىقارمىغان، ئىشلەپچىقارغان LSD پەقەت 40 گرامغىمۇ يەتمەيدىكەن. بۇنىڭ 10 گرامى ئامباردا 10 گرامى ئامېرىكىغا سېتىپ بېرىلگەن.
مۇشۇنداق ئۇقۇشماسلىقنىڭ قايتا پەيدا بولشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىككى نەپەر ئالھىدە خادىم سابدوس شىركىتى بىلەن سودىلاشتى. ساندوز شىركىتى سوۋېت ئىتتىپاقىغا LSD سېتىپ بەرمەسلىككە ماقۇل بولدى. غەلىتە يېرى ۇكى ئۇلار باشقا دورىگەرلىك شىركەتلىرىنىڭ LSD نى سېتىپ باي بولۇش مۇددىئاسىنى يوققا چىقىرىش ئۈچۈن ئۇنى ھەقسىز بېرىشكە ماقۇل بولدى. ساندوز شىركىتى بۇ سودىنى پايدىسىز دەپ قارىمىغان، چۈنكى LSD ئەزەلدىن پايدا يارىتىپ باقمايلا قالماستىن، بەلكى شىركەتكە بىرمۇنچە باش ئاغرىقى تېپىپ بەرگەن. شۇنداق قىلىپ ئىككى ئالاھىدە خادىم پۇللىرىنى ئېلىشىپ دەرھال ئامېرىكىغا يول ئالغان.
ئامېرىكىدا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى بولسا ساندوز شىركىتىنى LSD ساھەسىدىن سىقىپ چىقرىۋېتىشكە چارە ئىزدەۋاتاتتى. سوۋېت ئىتىپاقى بولسا بۇلغارىيە، چېىسىلوۋاكىيە، شەرقىي گرمانىيە، پولشا قاتارلىق دۆلەتلەردە باشاق مۈڭگۈزىنى كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىۋاتقانلىىق خەۋىرى ئۈزۈلمەەي كېلىپ تۇردى. شەكشۈبھىسىزكى مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ مېڭىنى يۇيۇش پىلانى ئۈچۈن LSD نى ئىگەللىۋېلىش ئېھتىياجى تېخىمۇ زۆرۈر بوپ قالدى. ئالاھىدە خادىملار ئىندىئانناپولىسقا
LSD نى شۇ جاينىڭ ئۆزىدىلا ئىشلەشنىڭ مۇمكىنچىلىكى توغرىسىدا ئەيلىس لىلي دورا زاۋۇتى بىلەن سۆزلىشىشكە ئەۋەتىلدى. 1954-يىلى 10-ئايدا دورا زاۋۇتى «ھازىر بار بولغان خام ئەشيالاردىن تولۇق پايدىلىنىپ»«بىر نەچچە ئاي ئىچىدىلا LSD نى توننىلاپ ئىشلەپ چىقىرىدىغان» ئۇسۇلنى ئاخىرى تېپىپ چىقتى.
LSD مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان بىردىن بىر خىيالىي تۇيغۇ پەيدا قىلىدىغان دورا ئەمەس ئىدى. 1952-يىلىلا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ئۆسۈملۈك ئىلمىگە ئائىت بارلىق بارلىق قەرەللىك ژۇرناللارنى كۆرۈپ چىقىپ، پايدىلىنىشقا بولىدىغان تەبىئىي دورىلارنى ئىزدەنگەن. مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئەڭ دەسلەپ بۇ نەرسىلەرگە بولغان قىزىقىشى 1952-يىلى «چاۋشەن تىكىنى»نىڭ بىر قېتىملىق يىغىنىدا پەيدا بولغانىدى. موس ئاللېن بۇ يىغىندا بىر ئالىمدىن ئىندىئانلارنىڭ مېكسىكىنىڭ بىر خىل ئۆسۈملۈكىنى «چىن سۆز قان زەردابى»ئورنىدا ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدى. ئاللېننىڭ قارىشىچە بۇنداق سىرلىق ئۆسۈملۈكنى «ئەلۋەتتە تەل تۆكۈس تەتقىق قىلىش كېرەك» ئىكەن.
بىر ئايدىن كېيىن مۇنداق خۇسلاسە چىقىرىلدى: «بۇ ئۆسۈملۈكلەرنىڭ دورىلىق خاراكتىرى ناھايىتى كۈچلۈك، ئىنتايىن يۇقىرى قىممەتكە ئىگە.» بىر ئالاھىدە خادىم مېكسىكىغا ئۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى باشقا خىيالىي تۇيغۇ پەيدا قىلىدىغان ئۆسۈملۈكلەرنى يىغىشقا ئەۋەتىلدى. شۇ جاينىڭ ئەھۋالىنى، ئىسپان تىلىنى پىششىق بىلىدىغان بۇ خادىم ھەقىقىي مۇدىئاسى ۋە سالاھىيىتىنى يوشۇرۇپ مېكسىكىغا كەلدى. مۇبادا ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىنى باشقىلار سۈرۈشتۈرۈپ قالسا داۋالاش مەقسىتىدە ناركوز ئۈنۈمى بار تەبىئىي ئۆسۈملۈك تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىۋاتىمەن، دەيدىغان بولدى.
1953-يىلى بۇ ئالاھىدە خادىم ئىككى ئاي ئىچىدىلا 10 كلوگرام ئۆسۈملۈك ئۇرۇقىنى ئېلىپ ھاپىلا-شاپىلا ئامېرىكىغا قايتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىمۇ خىيالىي تۇيغۇ پەيدا قىلىش مۇمكىنچىلىكى بولغان باشقا ئۆسۈملۈكلەر بىلەن سېلىشتۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتاتتى. مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ئۇچۇرۇپ مۇنداق دېدى: 1956-يىلىغىچە پوتورىكا، توباگو، يامايكا، ھايتى ۋە مېكسىكا قاتارلىق 12 دۆلەتكە ئۆسۈملۈكشۇناسلارنى ئەۋەتىپ، «ئۆسۈملۈك بايلىقى ئىچىدە كۆمۈلۈپ قالغان خەزىنە»نى قېزىپ چىقاردۇق. ئۇلار تاپقان ھايۋانات-ئۆسۈملۈك بايلىقى ئېرىتىرىنا چاتقىلى چېچىكى، گۋاتېمالا رەۋىنى(تۆگەقۇلاق)، ھەشقىپىچەك ئۇرۇقى،پىسپىلا دەرىخى قوۋزىقى، يېڭى مېكسىكا «ئۇخلىتىش ئوتى»، زەھەرلىك چارپاقىنىڭ دۈمبىسىدىن ئېلىنغان بوفۇتېنىن، پېرۇنىڭ ھالاكەت پىلەك سۈيى(ئاياخۇاسكا) دىن ئېلىنغان ئادراسمان ئىشقارى ۋە ئىبوگا دەرىخىدىن ئېلىنغان ئىبوگا ئىشقارى قاتارلىقلار بار. تۇيۇقسىز پەيدا بولغان مۇنچە كۆپ خام ئەشيالار 1958-يىلى مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنى تەمتىرىپ قويدى، ئۇلار دېمىنى ئېلىۋېلىشى كېرەك ئىدى، ھازىرقى ماتېرىيالسۇناشلار بۇلارنى ئانالىز قىلىپ ئۈلگۈرەلمەيتتى.
شۇندىن كېيىنكى 10 يىلدا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى دەبدەبىلىك ھالدا ئۆسۈملۈك دورا زەھەرلىك دورا قامۇسىنى تۈزۈپ چىقتى. 1962-يىلى مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ يات ئەللەرنىڭ دورىسىنى ئىزدەش قىزغىنلىقى كۈلكىلىك ھەم غەلىتە ھالدا ئاخىرقى چەككە يەتتى. شۇ چاغدا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى تانگانيىكا كۆلىدىكى تىمساھنىڭ ئۆتىدىن ئېلىنغان بىر خىل زەھەرلىك دورىنى تەتقىق قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بار دەپ قارىغانىدى. مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى قانداق قىلىپ بۇ خىل ماددىغا ئېرىشىش توغرىسىدا ئۇزۇنغىچە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: «تانگانىكا كۆلى تىسھىنىڭ ئۆتىنى ئېلىشتا ئادەملىرىمىزنى ئەۋەتىپ تانگانيىكا كۆلىدىن تىمساھتىن بىرنى تۇتۇپ شۇ يەردىلا ئۇنىڭ ئۆتىنى ئېلىش ۋە ئادەملىرىمىزنى ئەۋەتىپ تانگانيىكا كۆلىدىن تىمساھتىن بىرنى تۇتۇپ، تىمساھنى تىرىپ پېتى ئامېرىكىغا يۆتكەپ كېلىشنى ئويالشتۇق.»
ئاخىرقى ھېابتا ئىككىنچى خىل ئۇسۇل ئېتىراپ قىلىنغان، چۈنكى «مەلۇم دوختۇر(بۇ يەردە ئىسمى ئۆچۈرىۋېتىلدى)نىڭ قارىشىچە، پەقەت مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللانغاندىلا تىمساھنىڭ ئۆتىنى زەخمەتسىز ھالدا ئامېرىكىغان ساق يەتكۈزگىلى بولىدىكەن.» مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى «بەدەن قۇرۇلۇشى ئوتتۇراھال» بولغان بىر تىمساھنى تۇتۇش ۋە ئۇنى يۆتكەشكە 200 دوللار چىقىم كېتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن. بۇ ئالاھىدە تۈر ۋە شور پىشانە تىمساھ توغرىسىدا ھېچقانداق ماتېرىيال قالدۇرۇلمىغان.
مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنى قىزىققان بارلىق ھايۋاتنات-ئۆسۈملۈك ئىچىدە خىيالىي تۇيغۇ پەيدا قىلىش دورىسىغا ئەڭ مۇناسىۋەتلىك بولغىنى موگۇ ئىدى. مورسې ئاللېن «چاۋشەن تىكىنى»نىڭ 1953-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى ئېچىلغان يىغىنىدا مۇنداق دېگەن: بەزى موگۇلار ئىنسانلارنىڭ تەپەككۇرىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن راست سۆزلىتىش دورىسىنىڭ بىرىنچى زاپاس نامزاتى بولىشى كېرەك، بۇ موگۇلار ئىچىدە ئەڭ ئىشتىقباللىقلىرىنىڭ ھەممىسى مېكسىكىدىن چىقىدۇ. بىر ھەپتىدىن كېيىن موگئۇغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ماتېرىياللارنى كۆرۈپ چىقىپ، مېكسىكىدىكى داخانلار جەمئىيىتىنىڭ ئالاھىدە مۇراسىملاردا مۇشۇ موگئۇنى ئىشلىتىپ يىتكەن نەرسىنى تاپىدىغانلىقىنى ياكى كەلگۈسىنى پەرەز قىلىدىغانلىقىنى پەملىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىدىكىلەرگەن مۇشۇ موگۇ ئۈچۈن ھازىرلا مېكسىكىغا بېرىشنىڭ «ناھايىتى زۆرۈر»لىكىنى تەكىتلەيدۇ.
مانا ئەمدى بىز مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ يات ئەلنىڭ ئۆسۈملىكىگە بولغان قىزىقىشىنىڭ روبېرت گراۋېس، گوردون ۋاسسون ۋە خۇئائۇتلادىكى دانىشمەن ئايال سابىنالارنىڭ موگۇغا بولغان قىزىقىشى ئۇلارنى تار يولدا ئۇچراشتۇردى.
1955-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى ۋاسسون بىلەن رىچاردسۇن موگۇ مۇراسىمىنى بېشىدىن كەچۈرگەندىن كېيىن مۇندىن كېيىن باھار قۇتۇپ ئوتىنى ھەرگىزمۇ يېمەسلىككە قەسەم قىلىشتى. بىراق ئەمدىلا ئۈچ كۈن ئۆتۈپ ۋاسسون قىزىقتۇرۇشقا بەرداشلىق بېرەلمەي ئىككىنچى قېتىم يەنە قاتتىق ھاياجانلىنىشنىڭ تەمىنى تېتىدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خىيال شۇنداق سۈزۈك، ئۆتكۈر ئىدىكى ئۆز كۆزۈم بىلەن رېئاللىقتىنمۇ چىن بىلىندى. مەن ھازىر بىر نەرسىلەرنى شۇنداق ئېنىق كۆرەلەيمەن، ئەمما خىياللىرمدىكى ئاددىي رەسىملەر شۇنچە گۈزەل كۆرىنىدۇ؛ مەن ئەڭ گۈزەل ئەسلى قىياپەت، ئەڭ غايىۋى ئۈلگىنى كۆردۈم، شۇنىڭدىن ئېتىچارەن تۇرمۇشۇمدىكى كۆرۈنۈشلەر مۇكەممەل كۆرۈنمەيدىغان بولۇپ قالدى.»
ۋاسسون نيۇ يوركقا قايتىپ كېلىپلا «ئەۋلىيا گۆشى» توغرىسىدىكى ئىشلارنى ئۇچرىغانلىكى ئادەمگە ئېيتىپ بېرىدۇ، ئۇنى مۇشۇ قېتىمقى سەپەرگە ئورۇنلاشتۇرغان روبېرت گراۋېسقىمۇ دەيدۇ. گراۋېس 1956-يىلى دوستىغا يازغان خېتىدە مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ بەك كۆرەڭلەپ كېتىپتۇ، ئۇنى مېكسىكىغا بېرىپ موگئۇ تېپىپ كېلىش بۇيرۇقىنى بەرگەنىدىم، ئۇ ھەقىقەتەن تېپىپ كەپتۇ، تېخى مۇقەددەس موگۇنى تېتىپمۇ كۆرۈپتۇ، بىز ئەمدى سېھىرلىك دورىنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى كۈتەيلى.»
ۋاسسون بۇ ئىشنى يەنە گراۋېسنىڭ دوستى- ۋېليام سارگانتقا ئېيتىپ بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن قارىماققا ئەسلا چىقىشقىلى بولمايدىغان جەڭگاھ شائىرى ئويلىمىغان يەردىن روھىي كېسەللىكلەر مۇتەخەسىسى بىلەن دوست بولىدۇ، ھەمدە ھەمكارلىشىپ مېڭىنى يۇيۇش توغرىسىدا بىر پارچە كىتاب يازماقچى بولىشىدۇ. ئىككى يىلدىن كېيىن «تەپەككۇر جېڭى» بازارلىق كىتابقا ئايلاندى، ھەمدە سارگانتنىڭ ئىناۋىتىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى. سارگانت بۇ كىتابتىكى كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان، گراۋېس بولسا پۈتۈن كىتابنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە ئورۇنلاشتۇرىشىغا مەسئۇل بولغان، ئۆزىنىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا «ۋەقەلىكنى راۋانلاشتۇرغان».
ۋاسسون بايقىغانلىرىنى سارگانتقا ئېيتىپ بەرگەندە، سارگانت موگۇ بىلەن LSDنى سېلىشتۇرۇپ ئىككىسىنىڭ خىمىيەلىك ماددىسى ناھايىتى ئوخشاش بولىشى مۇمكىن دەپ قارىغان. بىر مەزگىللەرگىچە ئۇ ۋاسسوننىڭ تەتقىقاتىغا بولغان قىزىقىشىنى يوقاتمىغان، پات-پات خەت يېزىپ يېڭى بايقاشلار توغرىسىدا ئەھۋال سوراپ تۇرغان. بۇ روھىي كېسەللىكلەر مۇتەخەسىسى خېلى ئوچۇق-يورۇق ئادەم بولسىمۇ ئەنگىلىيەنىڭ خىيالىي تۇيغۇ پەيدا قىلىش دورىسى تەتقىقاتى توغرىسىدا مەخپىيەتلىكنى ساقلاپلا كەلگەن، ئۇنىڭ جىمغۇرلىقى بەلكىم ئۇنىڭ ھەربىي ئاخبارات 5-باشقارمىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە باغلىق بولىشى مۇمكىن*(يەتتىنچى بابقا قاراڭ).
ۋاسسون ئۆزىنىڭ سېھىرلىك موگۇنى بايقىغانلىقىنى ھەممە يەردە داۋراڭ قىلىپ يۈرۈپ، بۇ خەۋەر ناھايىتى تېزلا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىدىكىلەرنىڭ قۇلىقىغا يېتىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىمۇ «ئەۋلىيا گۆشى»نى ئىزدەسكە باشلايدۇ. 1955-يىلى 12-ئايدا يەنى ۋاسسون مېكسىكا سەپىرىدىن بەش ئاي كېيىن مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ مېكسىكا شەھەرىدىكى خادىملىرى «چاۋشەن تىكىنى» گۇرۇپپىسىىدكىلەرگە، بىر نەپەر «ئىشتىن سىرت مىكولوگىيە ئالىمى»نىڭ مېكسىكىغا ئۈچ قېتىم ئېكىسپىدىتسىيەگە بارغانلىقىنى، بۇ مەزگىلدە ئۇنىڭ مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ئىزدىمەكچى بولغان موگۇنى تاپقانلىقى ۋە يەپ باققانلىقىنىمۇ مەلۇم قىلىدۇ. ئايغاقچىلار «بۇ كىشى 1956-يىلى يازدا بۇ موگۇنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن يەنە مېكسىكىغا كەلدى» دەپ خەۋەر بېرىدۇ.
مورسې ئاللېنغا باشقا تاللاش يولى قالمىدى. مۇبادا ۋاسسون بۇ يازدا مېكىسىكىغا يەنە بارماقچى بولسا ئۇنى يالغۇز بارغۇزماسلىق كېرەك بولۇپ، بۇ قېتىم مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىمۇ نەخ مەيداندا بولىشى كېرەك دەپ ئويلىدى مورسې ئاللېن. ۋاسسوننىڭ گۇرۇپپىسىغا سۇقۇنۇپ كىرىش «قەلبنى كونترول قىلىش پىلانى» ئاستىدىكى 58ىنچى تارماق تۈر قىلىندى. بۇ ۋەزىپىنى ئىجرا قىلىشقا دېلاۋار ئۇنىۋېرىستىتىنىڭ 29 ياشلىق خىمىيە ئالىمى تاللاندى. 1953-يىلى دوكتۇر جامېس مورې مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىغا قوبۇل قىلىنىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلرىدىن كەلتۈرۈلگەن ئۆسۈملۈكلەرنى تەھلىل قىلىشقا مەسئۇل قىلىنغان ئىدى. ۋاسسوننىڭ مېكسىكىغا قايتا بارىدىغانلىق خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى مورېنى ۋاسسوننى تېپىپ ئالاقە ئورنىتىشقا ئەۋەتىدۇ.
ۋاسسوننى تېپىش ئۇنچە قىيىن ئىشمۇ ئەمەس ئىدى. چۈنكى ئۇ مورگان گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇدىرىدە. مورې «تۇيۇقسىز» ۋاسسونغا تېلېفون بېرىپ، ئۆزى ۋەكىللىك قىلغان «خەير ساخاۋەت ئورگىنى»گېسچىكتېر مېدىتسىنا تەتقىقات جەمئىيىتى فوند جەمئىيىتىنىڭ بۇ قېتىمقى سەپەرگە ماددىي جەھەتتىن قىلىدىغان ياردىمىنى قوبۇل قىلىش، قىلماسلىقىنى، بۇنىڭ بىردىن بىر شەرتىنىڭ ئۆزىنىڭ گۇرۇپپىغا قوشۇلۇپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ . كېيىن ئۇنىڭغا 2000 دوللار ئەۋتىلىدۇ. مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئارخىۋىدا ۋاسسون گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ يېڭى دوستلىرىنىڭ مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى ئىكەنلىكىنى قىلچە بىلمەيدىغانلىقى، ۋاسسوننىڭ « ئۆزىنىڭ تەتقىقات تۈرىگە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قىزىققانلىقىدىن قىلچە خەۋەرسىز» ئىكەنلىكى ئېنىق كۆرسىتىلگەن.
بۇ قېتىمقى سۇقۇنۇپ كىرىش ئەسلى بىر قېتىملىق كىلاسسىك ھەرىكەت بولالايتتى،بىراق ئۇنداق بولماي قالدى. 1956-يىلى 6-ئايدا ئەترەتتىكىلەر مېكسىكىغا يېتىپ كېلىدۇ، مورې بۇ جايغا ئىنتايىن ئۆچ بولۇپ كەتتى. ئۇ مۇتەئەسسىپ بولغاچقا، تەۋەككۈلچىلىكنى ياقتۇرمايتتى. يولغا چىققان كۈنى ئۇنى خئۇئائۇتلاغا يەتكۈزۈپ قويىدىغان يالغۇز كىشىلىك ئايرۇپىلان يەردىن كۆتۈرۈلگەندە چۈشۈپ كەتكىلى تاس قالدى، مورې بۇنىڭدىن قورقۇپ يۈرىكى ئاغزىغا قاپلىشىپ قالغانىدى. ىۇئائۇتلاغا بارغاندىن كېيىن پەقەت كەپىدە يەرگىلا تۆشەك سېلىپ ياتىدىغانلىقىنى كۆرۈپ قاتتىق قايغۇردى. ئۇ يەنە يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىپ ھۇشىدىن كەتتى. ۋاسسون ۋە ئۇنىڭ بۇرادەرلىرى ئەسلى تەبىئەتكە قايتىشتەك سەرگۈزەشتىگە قاتتىق ھەۋەس قىلىشاتتى، مورې بولسا ماددىي ھۇزۇرلىنىشقا ئادەتلىنىپ قالغان. ئۇ شۇ قېتىمقى سەپەرنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن قاتتىق زۇكامغا گىرىپتار بولدۇم، ئاچلىقتىن ئۆلگىلى تاسلا قالدۇق، پۈتۈن بەدىنىم قىچىشىپ ئارام بەرمىدى.»
مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ مەخپىي خادىمى بۇ ئەترەتتە ۋايساپلا يۈردى، شۇڭا ئەترەتتە چەتكە قېقىلدى. ھەتتا موگئۇ يېيش مۇراسىمىدىمۇ ئۇنىڭ بىلەن قېرىشقاندەك ئىش بولدى. مارىيا سابىنا ئۇنىڭغا بەك ئاز بەردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: « گەرچە بېشىم قېيىپ كۆڭلۈم ئېلىشقان بولسىمۇ، موگۇ پەيدا قىلغان خىيالىي تۇيغۇنى ھەقىقەتەن ھېس قىلدىم.» پۈتكۈل سەپەر ئۇنى پەرىشان قىلغانىدى، شۇنداق بولسىمۇ ئۇ مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىغا بىر خالتا موگۇ ئېلىپ قايتتى.
ئماېرىكىغا قايتقاندىن كېيىن تېخىمۇ چوڭ ئۈمىدسىزلىك ئۇنى قىستاپ كەلدى. مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى سپراقتا ئىشلىتتىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا «ئەۋلىيا گۆشى»نىڭ ئاكتىپ تەركىبىنى ئايرىپ چىقىشقا بۇيرىدى. ئەپسۇس بۇ ئىش ئۇنىڭ ئويلىغىنىدىنمۇ مۇرەككەپ بولۇپ چىقتى. تەجرىبىخانىدا ئۇ موگئۇنى مۈشۈك، ئىت ۋە مايمۇنغا يېگۈزدى. «زەھەرسىز» كۆرۈنگەندىن باشقا ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى.
تېخىمۇ چاتاق بولغىنى ئۇ بۇ مەخپىي تەجرىبە ئۈچۈن بېشى قېتىپ يۈرگەن چاغدا، ۋاسسوننىڭ مىكلوگىيە تەتقىاتى قىلىدىغان بىر دوستى پارىژدا «ئەۋلىيا گۆشى»نى مۇۋەپپىقىيەتلىك يېتىشتۈرۈپ چىقىپ، ئۇنى ئۈزۈۋېلىپ قۇرۇتۇپ 100 گرام تەييارلىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ موگۇنى تاقىتى تاق بولغان ھالدا سادوز شىركىتىدىكى ئالبېرت خوفمانغا ئەۋەتىپ بەردى.
خوفمان موگۇ ئەۋرىشكىسىنى ئىت بىلەن چاشقانغا يېگۈزىدۇ، بىراق ئۇنىڭ تەسىرى بولغان بولمىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرەلمەيدۇ. ئامالسىز ئۇ ئەڭ ئەنئەنىۋىي ئۇسۇل بويىچە ئۆزى ئىستىمال قىلدى.
نەتىجىدە LSDنى بايقىغان بۇ ئالىم ھەيران قالدى. ئۇ 32 تال موگۇنى يۈتۈۋەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭدا خىيالىي تۇيغۇ پەيدا بولۇشقا باشلىدى، ھەممە نەرسە مېكسىكىچە كۆرۈندى، ئۇ كۆزىنى يۇمۇپ ماسساتېكلارنىڭ رەسىملىرىنى كۆردى. ئۇنىڭ قان بېسىمىنى ئۆلچىگەن خىزمەتدىشىمۇ ئازتېك كاھىن بولۇپ كۆرۈندى، خوفمان ئاخىرقى ھېسابتا ئۆركەشلەپ ئۆزگىرىپ تۇرۇۋاتقان  رەسىملەرگە بەرداشلىق بېرەلمىدى. كېيىن ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئۆزۈمىڭ رەسىمدىكى قاينام ئىچىگە سۈمۈرۈلۈپ كىرىپ كېتىپ، قىيما چىيما بولۇپ كېتشىمدىن قورقتۇم.»
خوفمانغا نىسبەتەن ئېيتقاندا بۇ موگۇ ئىچكىرىلەپ تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ تېزلا تۇتۇش قىلدى، ھەمدە 1958-يىلى تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى. ئۇ موگۇدىن ئىككى خىل يېڭى تەركىبنى بايقىدى، بىرىنى پىسلوتسىن، يەنە بىرىنى پىسلوتسىبىن دەپ ئاتىدى. مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ مېڭىنى يۇيۇشتىكى بىرنچى دورىسى بولغان LSD نى كونترول قىلىۋاتقان ساندوز شىركىتى شۇندىن ئېتىۋارەن يېڭى بىر ئىشلەپچىقىرىش لېنىيەسىنى قۇرۇپ چىقتى، ئۇلار ئىككىنچى نومۇرلۇق مەخپىي رېتسىپلىق دورىسى – پىسلوتسىبىننى «ئانوپلوتسېفالېد ئوتى ئىشقارى »دېگەن مەيدانغا چىقاردى.
ساندوز شىركىتىنىڭ چاققان چىقىپ قېلىشى مورېنى تېخىمۇ چۇڭقۇر قايغۇغا پاتۇردى، ئەمما ئۇنىڭ ساندوز شىركىتىدىن بۇ دورىنى سېتىۋالماي باشقا چارىسى قالمىدى. بۇ ئۇچۇر ئەلۋەتتە مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭمۇ يۈزىنى سورۈن قىلدى، شۇنداق بولسىمۇ دورىنىڭ ھەقىقىي كېلىش مەنبىيىنى سىر تۇتۇش ئۆزىگە ئازراق بولسىمۇ تەسەللى بولدى. بىراق بۇ سىرمۇ ناھايىتى تېزلا ئاشكارىلىنىپ كەتتى.
1957-يىلى 7-ئايدا «تۇرمۇش» ژۇرنىلى ۋاسسوننىڭ 17 بەتلىك بىر ماقالىسىنى ئېلان قىلدى، ماقالىغا رېچاردسۇن تارتقان سۈرەت بېسىلغان.  ماقالىدا ئۇنىڭ 1955-يىلى ئاينىڭ 29-كۈنى كەچتە مېكىسكىدا سېھىرلىك موگۇنى قانداق يېگەنلىكى تەپسىلى يېزىلغان. ماقالىدا يەنە «بۇ موگۇلارنىڭ خخيالىي تۇيغۇ پەيدا قىلىش ئۈنۈمى باركەن، ئۇنى يېگەن كىشى خىيالىي تۇيغۇنى كۆرەلەيدۇ» دەپ يېزىلغان.
مەخپىيەتلىك پۈتۈنلەي ئاشكارىلىنىپ، ئاۋارىچىلىق بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى يېتىپ كېلىشكە باشلىدى.
*گراۋېسمۇ بىر قېتىملىق تەۋسىيەدە پەيدا بولغان، يەنى: 1964-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى ئۇ سارگانتقا سيرىل كانىڭھامنىڭ دوستى، ئەنگىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋازارىتىنىڭ پىسخىك مۇتەخەسىسى ماري ئاللېننى تەۋسىيە قىلغان. «قەدىرلىك روبېرت،» دەپ يازىدۇ سارگانت: «ماري ئاللېن بىلەن كۆرۈشۈشنى ئەلۋەتتە خالايمەن.» شۇ كۈنى ئۇ يەنە ئاللېنغا خەت يېزىپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئۇ رېبېرتقا مۇنداق دەپ يازغان: «سىز ئېيتقان سۆزنى ئاشكارا مۇزاكىرە قىلىمىز.» بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىش ئەنگىلىيە ئارمىيىسىنىڭ سوراقتا مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلىتش دورىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىشى مۇمكىن. ئىككى كۈندىن كېيىن گېئوففېري باكېر دۆلەت مۇداپىئە ۋازارىتى بىلەن رەسمىي مۇنزىرىنى باشلىغان. گەرچە سارگنات ئۆزىنىڭ مەخپىيەتلىكنى ساقلاش قانۇنىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمسىمۇ، ئۇنىڭ شەخسي خەت-چەك ۋە ماتېرىياللىرىدىن دۆلەت مۇداپىئە ۋازارىتى بىلەن پاراڭلاشقان ھېچقانداق خاتىرە تېپىلمىدى.
7
شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا، مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ LSD تەجرىبىسى ققىيىنچىلىققا ئۇچرىدى. 1952-يىلىغا قەدەر مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى كۆپىلىگەن دوختۇرخانا ۋە ئالىي مەكتەپلەردە خىيالىي تۇيغۇ پەيدا قىلىش دورىسى سىنىقى ئېلىپ باردى، بۇنىڭدىن كۆپىلىگەن ئىلمىي ماقالىلار يېزىلدى. بۇ ناھايىتىقىزقارلىق بولدى، ئەمما قىلچە ئەمەلىي ئۈنۈمى بولمىدى، بىمارلارغا ياكى پىدائىيلارغا LSD نى ئىشلەتكەن بولسىمۇ مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ئەمەلىي جەڭدە بۇ دورىنى قانداق ئىشلىتىشنى يەنىلا بىلەلمىدى. گوتتليېبقا كېرىكى ئەمەلىي تۇرمۇشتا ئەھۋالدىن خەۋىرى يوقلارغا ھەقىقىي تەجرىبە قىلىش ئىدى.
LSD  تەتقىقاتى مەخپىي ھەرىكەت بولغانلقى ئۈچۈن مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ LSD نىڭ ئىشىنى ھېچكىمگە ئېتيقىسى يوق ئىدى. مۇبادا سوۋېتلىكلەر بىلىپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟ چەتئەللەردە تەجرىبە قىلىشنىڭ خەتىرى بارغانبسېرى يۇقىرى بولۇۋاتاتتى. مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ 1963-يىلدىكى بىر پارچە ئەسلەتمىسىدە مۇنداق دېيىلگەن: تاللىماستىنلا چەتئەللىكلەرگە دورا سىنىقى ئېلىپ بېرىشىمىز «بەك جىق كىشىلەرنى بۇ سەزگۈر ئىشتا قانداق رول ئېلىۋاتقانلىقىمىزنى ئاشكارىلاپ قويدى.» دۆلەت بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ گوتتليېب دۆلەت ئىچىدە ئۆز پۇقرالىرى ئۈستىدە ھەقىقىي تەجرىبە ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلدى.
گوتتليېب مەىپىيەتلىكنى ئاشكارىلىيالمايدىغان، ھېچ بومىغاندا مەخپىيەتلىكنى ئشكارىلىشى مۇمكىن بولمايدىغان بىر تۈركۈم سىنىاق قىلىنغۇچىلارغا ئېھتىيىاقلىق ئىدى، بۇ تەلەپكە يېتەلمىسىمۇ، ھېچ بولمىغاندا ئۇلارغا ھېچكىم ئىشەنمەيدىغان بولىشى كېرەك ئىدى. ئۇنىڭچە بولغاندا بۇنىڭغا جىنايەتچىلرلا ئەڭ مۇۋاپىق كېلەتتى، چۈنكى ئۇلار ھەرگىزمۇ ساقچىلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ ماڭا قانۇنسىزلىق بىلەن دورا ئىچكۈزدى دېيەلمەيتتى.
قارا جەمئىيەتتىكىلەرگە سىناق قىلماقچى بولسا بىر كىشى ئەڭ مۇھىم ھېسابلىنىدۇ. مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ بىر پارچە خاتىرىسىدىن «نيۇيوركتىكى تۈرلۈك جىنايەتچىلەرنى ئاسانلا تاپقىلى بولىدۇ». بۇ ئەسلەتمە خاتىرىسىدە بىر كونا بۇرادەر «گېئورگې ۋايت»نىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنغان. 1952-يىلى 6-ئايدا گوتتليېب ستراتېگىيەلىك ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ بۇ ئەمەلدارى ياردەم سورىغان.
مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىدىكى نۇرغۇن كىشى ۋايتنى قوبۇل قىلىش خاتا دەپ قارايتتى، تەربىيە كۆرمىگەن بۇ «ئىپىتىدائى» ئادەم ئالاھىدە خادىملار سېپىگە قوشۇلغاندىن كېيىن زىتلىشىش كەيپىياتى پەيدا قىلدى. مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىدىكى دۈشمەنلىك ۋايتنىڭ كۆڭلىگە ئايان ئىدى. ۋياتنىڭ قارشىچە مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىدىكى «قىسقا قىرقىما چاچ قويۇۋالدىغىان، غاڭزىلىق تاما چېكىدىغان يارىماس»لار ئۇنىغا بېسىم قىلىۋاتاتتى.
مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىدىكى «يارىماسلار»نىڭ ۋايتتىن پەخەس بولىشى ئاقىلانىلىق ئىدى. ۋايت ئىش بېجىرىشتە مىس-مىس بولۇپلا ىالماي، مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاش ئىقتىدارى كىشىنى ھەيران قالدۇراتتى. گوتتليېب ئۇنىڭغا تېلېفون قىلغاندا ۋايت بىخەتەرلىك بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانىدى. ئۇ خاتىرىسىگە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «گوتتيېلب مېنى مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ مەسلىھەتچىلىكىگە تەكلىپ قىلدى، مەن ماقۇل بولدۇم.»
ۋايت «قەلبنى كونترول قىلىش پىلانى»نىنىڭ 3-، 14-، 16-، 42- ۋە 149-نومۇرلۇق تارماق تۈرىگە قاتناشتۇرۇلغاندىن كېيىن، «ئەھۋالدىن خەۋەرسىز سىناق قىلىنغۇچىنىڭ پىسخكىسىنى ئۆزگەرتىش» سىنىقى ئىلىپ بېرىش ئۇنىڭ ۋەزىپىسى ئىدى. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ھەر خىل دورىلار بىلەن ئۆزىنىڭ 1943-يىلى نيۇيورك قارا گۇرۇھ ئەربابى ئاۋگۇست دېل گراسىئوغا قىلغان سىناقنى تەكرارلاش ئىدى.
ئۇنىڭ يالغان ئىسمى مورگان مورې بولۇپ، ئۇ ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بىخەتەر ئۆي تەييارلىغان، ئۇ ئەھۋالدىن خەۋەرسىز قىمارۋازلارنى بۇ يەرگە ئالداپ كېلىپ، مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ھەر خىل دورىسىنى ئىچىملىككە ئارىلاشتۇرۇپ ئۇلارغا ئىچۈرۈپ ئۇلارنىڭ ئىنكاسىنى كۈزىتەتتى. مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ بۇنداق ھەرىكەتكە قاتناشقان بىر ئالاھىدە خادىمى مۇنداق دەيدۇ؛ سىناق ئوبيېكىتلىرى پۈتۈنلەي «رەزگى ئىپلاس»لار بولۇپ، «دورا سالغىنىمىزنى بىلىپ قالسىمۇ، بۇ پاھىشە، چېكەرمەن ۋە جەمئىيەتنىڭ تكۋەن قاتلىمدىكى داشقاللار بولغاچقا ھېچقانداق ئۆچ ئالالمايتتى.»
ئۇ بىرىنچى تۇرالغۇنى 1953-يىلى 6-ئايدا ئىجارە ئالغان بولۇپ، نيۇيوركنىڭ گرېنۋىچ كەنتىنىڭ بېدفورد كوچا 8-نومۇرلۇق بىنادىكى ئىككى ئېغىز قوشنا ئۆي ئىدى. بىرىگە سىناق ققىلىنغۇچى ئەكىرىلەتتى، يەنە بىرىدە بولسا ئالاھىدە خادىملارنىڭ نازارەت قىلىشىغا تەييارلانغانىدى. ۋايت ئالاھىدە خادىملارنىڭ يان ئۆيدىكى ئەھۋالنى كۈزىتىپ تۇرۇشىغا قولاي بولىشى ئۈچۈن ھۇجرىغا بىر تەرەپتىنلا كۆرگىلى بولىدىغان «دېرىزە» ئورناتتى. ئۇ نەچچە مىڭ دوللار چىقىم قىلىپ ئۆينى چاكىنىراق بېزەتتى، ھەمدە ھەەممە ئەھۋالنى خاتىرىلەش ئۈچۈن شۇ چاغدىكى ئەڭ ئىلغار بولغان كۈزىتىش ئاپپارات كۆزى ئورناتتى. ئۆينى بېزەش ئىشى تۈگىشى بىلەنلا ئۇ ناشايىن قىلىمىشلىق كونا تونۇشلارنى باشلاپ كېلىپ ئۇلارنىڭ ئىچىملىكىگە دورا سېلىۋەتتى.
1955-يىلى ناركوز بۇيۇملىرى باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋايتنى لوس ئانژىلىسقا يۆتكىدى، ئۇ گولدېن گەيت كۆۋرۈكىنى تولۇق كۆرگىلى بولىدىغان چېستنۇت كوچىسى 225-نومۇرلۇق بىنادا مەخپىي ئۆي تەييارلىدى. ۋايت بىر توپ پاھىشىلەرنى ياللىۋېلىپ، مېھمانلارنى بىناغا باشلاپ كېلىشكە كۈشكۈرتتى. ئۆيگە كىرىپلا ئۇلار ئىشلىرىنى باشلىۋېتەتتى، بەزىدە خېرىدارلىرىغا ئىچىملىكمۇ قۇيۇپ بېرەتتى، ئىچىملىككە مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ سىناق دورىسى سېلىۋېتىلەتتى. پاھىشىلەر بىر بولسا ھەر قېتىملىقىغا 50 دوللاردىن ھەق ئالاتتى(ئەڭ يۇقىرى بولغاندا بىر قېتىمدا 300دوللار)، ياكى بولمىسا تۈرمىدىن قويۇپ بېرىش باغاچقچىسىغا ئېرىشەتتى. بۇ باغاقچىلار كېيىن قولغا ئېلىنىپ قالسا ئەس قاتاتتى. مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ۋايتنىڭ قولىدىكى ئارخىپىدا پاھىشىلەرگە بېرىلگەن ھەق ھېساباتقا «نەق پۇل، مەخپىي ھەرىكەت خادىملىرىغا بېرىلدى» دەپ يېزىلغان. گوتتليېبمۇ بۇنداق تەجرىبە خاتىرىسىنى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن يازاتتى. ئۇ پاھىشىلەرنى «ئەنئەنىدىن ھالقىغان قىلمىش»لارغا پاتقان «بەزىلەر» دەپ يازغان.
سىناق جەريانىنى تەكشۈرىدىغان ئادەم بولىشى كېرەك ئەلۋەتتە. كۆپ ھاللاردا ئۇ ھۇجرىدىكى بىر تەرەپنىلا ككرىدىغان ئەينەكتىن قاراپ ئولتۇراتتى.
تەرەت تۇڭى ۋايتنىڭ رومانتىك ھاياتىدىكى مۇھىم قورال بولۇپ، ئەينى چاغدا ئۇنىڭ يېنىغا بارغان ئايغاقچىلار ئۇنىڭ خىزمەت قىلغان كەچلىرى تەرەت تۇڭىدا ئولتۇرۇۋېلىپ، مارتېل ھارقىنى ئوتلىغاچ ئەينەك پەردىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى ئىشلارغا زەن سېلىپ ئولتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.
8
ۋايتنىڭ مەخپىي ئۆيىنىڭ ئىقتىدارى كۆپ. ك گ ب نىڭ پاھىشە ئاياللار بىلەن غەربلىكلەرنى ئازدۇرۇپ، ئوغرىلىقچە رەسىمگە تارتىۋېلىپ، بۇ رەسىم ئارقىلىق ئۇلاردىن ئۇچۇر قاقتى-سوقتى قىلىدىغانلىقى ھەممىگە ئايان. ئۇلارمۇ شۇ ئارقىلىق غەربلىلەرگە دورا بېرىپ ئۇلارنىڭ كارىۋاتتىكى يالىڭچ  ھەمرىيى يېنىدا ھۇشىغا كەلتۈرىدۇ.
مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىدىكىلەرمۇشۇنداق ھىيلە نەيرەڭلەر بىلەن كۆڭلى ئارام تاپىدۇ. بىراق بۇنداق ۋاستىلارنى ئىشقا سېلىش ئۈچۈن «شېرىن توزاق»نى قۇراشنىڭ چارىسىنى ياخشى ئويلىنىش كېرەك ئەلۋەتتە. ۋايتنىڭ مەخپىي تۇرالغۇلىرى بۇ خىل سىناق ئۈچۈن كۆڭۈلدىكىدەك سورۇن بولالايدۇ، شۇنداقلا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ نازارەت ئۈسكۈنىلىرى رولىنى جارىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ.
جنسىيەت ئارقىلىق ئاخباراتقا ئېرىشىشمۇ مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ قىزىقىشىنىڭ بىرى. مەخپىي ئۆيدە بىر مەزگىل كۈزەتكەندىن كېيىن، مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىدىكى پىسخولوگلار جنسىي مۇناسىۋەتتىن كېيىن ئەرلەرنىڭ ئكزىنى قويۇۋېتىپ، پاراڭخۇمار بولۇپ قالدىىغانلىقىنى بايقايدۇ. پاھىشە ئايال گەپنى باشلاپلا قويسا ئەرلەر نېمە دېيىشىنى بىلمەي قالىدۇ. «ئۇ نېمىمۇ ديەلەيتتى؟» دەپ چۈشەنچە بەردى ئالاھىدە خادىم:«ئەلۋەتتە جىنسىيەت توغرىسدا پاراڭلاشمايدۇ، شۇڭا ئۆزىىنىڭ تىجارىتى ھەققىدە سۆزلەيدۇ، بۇنداق چاغدا  ئايال ئۇستىلىق بىلەن ئۇلارنى سۆزلىتىپ گەپ ئالىدۇ.. ئالدىنقى شەرت شۇكى بۇ ئاياللار چوقۇم تەربىيەلەنگەن بولىشى كېرەك.
ۋايتنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى نۆۋەتتە ھۆكۈم سۈرگەن دورىلارنىڭ خئۇسۇىيىتىنى تېپىپ چىقىش ئىدى. بىراق، ئەينەك دېرىزىنىڭ كەيىنىگە يوشۇرنىۋېلىپ، تەرەت تۇڭىدا ئولتۇرىدىغان زەھەر چەكلەش خادىمى باھالاش خىزمىتىنىڭ ھۆدىدىسىدىن چىقالمايۋاتاتتى، ئۇ پەقەت سىناق قىلىنغۇچىنىڭ جىسمانىي ئىنكاسىنىلا بىلەلەيتتى. مەلۇم مىقداردىكى LSD نى ئىستىمال قىلغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ سكز ھەرىكىتىدە چوقۇم غەيرىلىك كۆرۈلەتتى، بۇ چوقۇم پەرەز قىلىغىلى بولىشى كېرەك. تېخىمۇ كۆپ دورىلار كالىفورنىيە شىتاتىغا تەجرىبە قىلىشقا يۆتكىلىدۇ. «كۆك قۇش»نىڭ مەسئۇلى شېففىئېلد ئېدۋاردس خېلى بۇرۇنلا خىيالىي تۇيغۇ پەيدا قىلىدىغان دورىلارنىڭ «ئىنتايىن خەتەرلىك» ئىكەنلىكىنى، «ھەرقانداق ئەھۋالدا مەرلىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ خادىملىرىدا سىناق قىلماسلىق كېرەك» دېگەن. شۇڭا «مۇبادا بىز مەلۇم تۈردىكى دورىغا نىسبەتەن ئارىسالدى بولساق، ئۆز ئادەم؛ىرىمىزگە سىناق قىلىشقا پېتىنالمايمىز، ئۇ چاغدا بۇ دورىنى سانفرانسىسكوغا ماڭدۇرىۋېتىمىز.» دەيدۇ ئالاھىدە خادىم جون ماركس.
مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى1957-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئەمەلىي ئىشلىتىشكە بولىدىغان يېڭىچە خىمىيەۋى ماددىدىن ئالتە خىلنى بايقىغانلىقى توغرىسىدا گەپ ساتتى. ئۇنىڭ ئىچىدىكى P1، C1 ۋە C9لار LSDدىن ئۆزگەرگەن تۈرەر بولۇپ، ئىستىمال قىلغانلارنى ۋەھىمىدىن قورقۇپ تەمتىرەپ قالدىغان، ئەل-جامائەت ئالدىدىلا كۈلكىگە قالىدىغان ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدىكەن(ئارخىپتىن مەلۇم بولىشىچە، بۇ ئۈچ خىل خىمىيەلىك بۇيۇم ئالتە تۈرلۈك چەتئەلدىكى ھەرىكەتتە 33 كىشىگە ئىشلىتىلگەن). قالغان ئۈچ خىلى بىھۇش دورىسى K2، ئىسپىرت ئۈنۈمى كۈچەيتىلگەن K3 ۋە بىر خىل فېنامىن تۈرىدىكى دورا بولۇپ، «فېنامىندەك ئەكس تەسىرى يوق» روھلاندۇرغۇچى دورا A2 ئىدى.
مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى بۇ نەتىجىلەرگە ئېرىشكەندىن كېيىن، مارىن ناھىيەسىم كالىفورنىيە ۋە نيۇيوركتا بخىەتەرلىك ئورنى قۇردى. سېسىق گاز بومبىسى، قىچىشتۇرۇش تالقىنى قاتارلىق دورىلار مارىن ناھىيەسىدە تەجرىبە قىلىندى، دورىنى ئىچىملىككە ئارىلاشتۇرۇۋېتىشنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق ۋاستىسىمۇ سىناقتىن ئۆتتى. 1959-يىلىدىكى بىر تەجرىبىدە ئۆيدىكىلەرنىڭ بېشىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە دورا پۈركۈش ئارقىلىق ئۆيدىكى ھەممە ئادەمنى بىھۇش قىلىش ئۇسۇلى ئېلىپ بېرىش پىلانلانغانىدى. «چەلبنى كونترول قىلىش پىلانى»نىڭ پەردە ئارقسقدىكى ئەمەلدارىنىڭ بىر بولغان داۋىد رودېز كېيىنچە كېڭەش پالاتاسىنىڭ بىر كومىتېتىدا بۇ تەجرىبە ئۈزۈل-كېسىل مەغلۇب بولدى، دەپ ئېتىراپ قىلدى. ئۇ خىزمەتداشلىرى بىلەن بىر توپ ناتونۇش كىشىلەرنى مەخپىي ئۆيگە يىغىلىشقا تەكلىپ قىلىپ، دور اپۈركىمەكچى بولىدۇ. كۈتۈلمىگەن يەردىن ئۇ كۈنى ھاۋا ئىسسىق بولغاچقا ئىشىك دېرىزىلەر ئېچىۋېتىلگەنىدى. روھى چۈشكەن ئالاھىدە خادىم پۈركۈش قۇتىسىنى ھاجەتخانىغا ئەكىرىپ ئۆزىنىڭ بېشىغا پۈركۈپ تۈگەتكەن، ھېچقانداق ئىش يۈز بەرمىگەندىن كېيىن، يىغىلىشمۇ تەقرىبىمۇ شۇ يەردە ئاخىرلاشقان.
گەرچە مەخپى ئۆيدە تەجرىبە قىلىش ناھايىتى ئۈنۈملۈك بولسىمۇ، ئۆزلىرىنىڭ ئەدەپ-ئەخلاقنىڭ ئاخىرقى چېكىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى ئۆزلىرىگە ئايان ئىدى. 1957-يىلىدىكى «ئىنسانلارنىڭ قىلمىشىغا تەسىر كۆرسىتىش»نىڭ ئەسلەتمىسىدە ئېنىق قىلىپ مۇنداق يېزىلغان: «بەزى ھەرىكەتلەردە كەسپىي ئەخلاققا مۇخالىپ ئىش قىلدۇق، بەزىلىرىدە بولسا قانۇنغا خىلاپ ئىش كۆردۇق.» ھەرىكەتكە قاتناشقان خادىملار ئۆزلىرىنىڭ چەكتىن ئاشۇرۇۋەتكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن. «ھەممىمىز مۇشۇنداق ھەرىكەتكە قاتناشقانلىقىمىزدىن ئۆكۈنىمىز، بىز چەكتىن ئېشىپ كەتكەنلىكىمىزنى بىلىمەن، گويا ھەر بىر بالا ئۆزىنىڭ نەرسە ئوغرىلىماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلگەندەكلا بىلىپ تۇرغان بولساقمۇ، يەنە پات-پات شۇنداق قىلدۇق. ئۆزىمىزگە ئايانكى قىلمىشلىرىمىزنى ھېچكىمنىڭ بىلىپ قېلىشىنى خالىمايتتۇق.
شۇنداق بولسىمۇ مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باش تەپتىش ئەمەلدارى جون ئەرمان تاكى ئالتە يىلدىن كېيىن يەنى 1963-يىلى «جەلبنى كونترول قىلىش پىلانى» ھەرىكىتىنى مۇپەتتىش قىلغاندىلا ئاندىن مەخپى ئۆي ھەرىكىتىنى ئاندىن بايقايدۇ، بۇ تەجرىبىلەردىكى ئەدەب-ئەخلاق مەسىلىسىگە شۇندىن باشلاپ ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىغان. ئەرمان 24 بەتلىك دوكلاتىدا «قەلبنى كونترول قىلىش پىلانى» تەجرىبە مېخانىزمىنىڭ «كەسپىي ئەخلاق»زىت ئىكەنلىكىنى ھەر تەرەپتىن بايان قىلىنغان ھەمدە «قانۇنغا ئۇيغۇنلۇق مەسىلىسى»ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئۇ تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ، بارلىق تۈرلەر ئىچىدە مەخپى ئۆيدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىش «ئەڭ سەزگۈر»، چۈنكى بۇنىڭدىكى تەجرىبىدە «ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتى خەتەرلىك ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇلغان».
ئەخلاق مەسىلىسىگە قارىغاندا تەجرىبە يۈز كېلىۋاتقان تۈرلۈك خېيىم-خەتەر ئەرماننىڭ تېخىمۇ ئارامىدا قويمىدى. ئۇ : مۇبادا گېئورگې ۋايت تەجرىبىنىڭ ئىشىنى ئاشكارىلىۋەتسە ياكى بىرەرسى تاراتقۇغا خەۋەر قىلىپ قويسا قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقار؟ دەپ سوئال قويۇپ، مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ: بەزى سىناق قىلىنغۇچىلار دورىنى يېگەندىن كېيىن ئارامسىزلانغان، كەم دېگەندىمۇ بىرسى بالنىستا يېتىپ داۋالانمىسا بولمايتتى. «سىناق قىلىنغۇچى كېسەللىك سەۋەبىنى تېپىۋېلىشى مۇمكىن، مۇستەقىل داۋالاش ياردىمى ئىزدەپ، كىملەرنىڭ ئۆزلىرىگە دورا بېرىپ ئاغرىتىپ قويغانلىقىنى تېپىپ چىقىشىمۇ مۇمكىن.» باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا ئاخىرى مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى قىلغانلىقى ئاشكارىلىنىشى مۇمكىن ئىدى.
ئەرمان مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئەھۋالىغا ھېسداشلىق قىلاتتى. ئۇ دورا سىنىقىنىڭ مەقسىتىنى ئاڭلاپلا تەجرىبە قىلىشقا قوشۇلۇشنىڭ زۆرۈرلىكىنى چۈشەندى، بىراق كېيىنچە يەنە بۇنداق تەجرىبە ئامېرىكا تۇپرىقىدىن يىراقتا «چەتئەللىكلەردە» ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك دەپ قاراپ، ئامېرىكا پۇقرالىرى ئۈستىدە تەجرىبە قىلىشنى توختىتىش تەكلىپىنى بەردى.
ئىش ئويلىغان يەردىن چىقمىدى. ئەھۋالدىن خەۋەرسىز كىشىلەرگە LSD ۋە باشقا دورا بىلەن تەجرىبە قىلىش سان فرانسىسكودا 1965-يىلغىچە، نيۇيوركتا بولسا 1966-يىلغىچە داۋاملاشتى.
مەخپىي ئۆينى ئىشلىتىش جەريانىدا زادى قانچىلىك ئادەمگە دورا ئىچكۈزۈلدى؟ مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى دەۋاغا چېتىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ ھەرقانداق پۇقراغا LSD ئىشلەتكەنلىكىنى باشتىن ئاخىر ئېتىراپ قىلمىدى. ھازىر بۇ ئىشقا ئاساسلىق قاتناشقۇچىلار ئاللا بۇرۇن ئالەمدىن ئۆتتى، شۇڭا دورا سىنىقىنىڭ ھەقىقىي كۆلىمى مەڭگۈ سىر بولۇپ قالدى.
ۋايت دەۋا-دەستۇر قىلچە قورقۇپ قالمايتتى، ئۇ ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسىنى بىر چاقچاق دەپ قارايتتى. ئۇ كېيىنچە گوتتليېبقا خەت يېزىپ مۇنداق دەيدۇ: « ئۈزۈمزارلىقتا پۈتۈن زېھنىم بىلەن ئىشلىشىم بۇ ئىشنىڭ قىزىقارلىق، كۈلكىلىك بولغانلىقىدىن»، ئۇ مۇنداق سوئال قويىغان: «روھى ئۇرغۇپ تۇرغان ئامېرىكىلىق يىگىت ئالىي ھوقۇقنىڭ ئىجازىتى بىلەن  خالىغانچە يالغان سۆزلەپ، ئالدامچىلىق، خالىغانچە ئەسكىلىك قىلدۇرسا بولامدۇ؟»
9
بەلكىم ھەقىقىي سوراقتا LSDنى ئىشلەتكەنگە قارىغاندا ئەھۋالدىن خەۋەرسىز پۇقراغا سىناق ئېلىپ بېرىش تېخىمۇ قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەن بولىشى مۇمكىن، چۈنكى ھەقىقىي سوراقتا دورا ئىشلىتىش مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئارخىپىدا كەمدىن-كەم خاتىرىلەنگەن. بىراق، 1961-يىلدىكى بىر دېلودا خاتىرە قالدۇرۇلغان، ھەرىكەتنى ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئاخبارات مەركىزى ئىجرا قىلغان. سوراق قىلىنغان 11 كىشى ئىچىدە 10ى جۇڭگولۇق، پەقەت بىرىلا ئامېرىكىلىق.
ئامېرىكىلىق بۇ كىشى نېگىر ئەسكەر جامىس سورنۋېل بولۇپ مەھپىي ھۆججەتنى ئۇغرىلىغان دەپ گۇمان قىلىنغان. سىناق قىلىشتىن بۇرۇن سورنۋېل دەۋرىيلىك ھالدا ئالتە ھەپتە سوراق قىلىنغان. ئۇنى ئۇخلاتمىغان، تاماقسىز، سۇسىز قويغان، ئۇنى تومۇز ئىسسىق ياكى قەھرىتان سوغۇق بىلەن قىينىغان، تىل ئاھانەت بىلەن «غۇرىرىغا تەگكەن»، ئۇنىڭغا يۈك ئارتىپ تۇرغۇزۇپ قويغان. ئۇلار ئۇنىڭغا ناترىي تىئوپېنتال ئوكۇلى ئۇرماقچى بولغان، چۈنكى بۇندىن «بۇرۇن نېگىرلارغا بۇنداق سىناق قىلىپ باقمىغان». ئۇلار دورىنىڭ كۈچىنى ئېيتىپ قويمىايلا ئۇنىڭغا « EA1729»نى ئوكۇل قىلغان، بۇ قۇرۇقلۇق ئارمىيەنىڭ LSDغا بەرگەن نامى ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشى LSD نىڭ ئالاھىدە رولىنى كۆرۈپ بېقىش بولماستىن، بەلكى سورنۋېلنى راسا بىر قورقۇتۇپ قويۇش ئۈچۈن ئىكەن. بۇنىڭدىن قارىغان سىناق زور نەتىجە قازانغان، سورنۋېل قورقۇپ جان-پېنىچىقىپ كەتكەن، بولۇپمۇ سوراق خادىمى ئۇنىڭغا بۇ دورا سېنى ساراڭ قىلىۋېتىدۇ، بۇ خىل ئەھۋال «مۇددەتسىز داۋاملىشىدۇ» دېگەن چاغدا رۋخىمۇ قورقۇپ كەتكەن. قارىماققا سورنۋېل ھەممە ئىشنى دەپ بەرگۈسى باردەك قىلسىمۇ ئەمما ھېچقانداق يېڭى ئۇچۇرنى ئېيتمىغان. ئاخىرقى ھېسابتا ئۇ قويۇپ بېرىلگەن.
سورنۋېلغا نىسبەتەن كېلىشمەسلىك بۇنىڭ بىلەنلا توختاپ قالمىدى. ئۇنىڭ تېببىي داۋالاش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، سوراق قىلىنشتىن بىر ئاي ئىلگىرى ئۇنىڭ سالامەتلىكى ياخشى ئىكەن. ئىككى ئايدىن كېيىن بىر ھەربى دوختۇر ئۇنىڭغا دىئاگنوز قويۇپ ئۇنىڭغا «ئېغىر ھالدىكى سوزۇلما بۆلۈنمە خاراكتىرلىق ئىنسانىي ئاڭ ئاجىزلىشىش كېسىلى»بار دەپ دىئاگنوز قويغان، سورنۋېل «ھەربى خىزمەت ئۆتەشكە مۇۋاپىق ئەمەس» سەۋەبلىك ھەربىلىكتىن قايتۇرۇلدى. سورنۋېلنىڭ ئاقلىغۇچى ئادۋۇكاتى سورنۋېلنى سوراق قىلغۇچىلارنىڭ سوتقا چىقىشىنى ، ئۇلارنىڭ سورنۋېلغا ئېلىپ بارغان قىلمىشىنى سۆزلەشنى تەلەپ قىلغان، شۇبىلەن سوت ۋاقتىنچە توختىتىپ قويۇلغان. كېيىن سورنۋېل غەمكىن ھالدا قىسىمدىن ئايرىلغان، تاكى ھازىرغىچە ئۇنىڭ مەخپىي ھۆججەتنى ئوغرىلىغانلىقىنىڭ دەلىل ئىسپاتى يوق.
LSDنىڭ ھەقىقىي راست سۆزلىتىش دورىسى ئەمەسلىكىنى تونۇشتا ھەربى تەرەپ مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئارقىدا قالدى. بۇ خىل ماددا دەسلەپتە ئىستىمال قىلغۇچىغا راستىنى سۆزلىتىدۇ دېگەچكىلا قىزىقتۇرغان، كېيىن LSD يەنە ئۇنتۇغاقلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئىستىمال قىلغۇچىلارنى ئۆزىدە پەيدا بولغان خىيالىي تۇيغۇلارنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ دېگەن سۆز چۆچەكلەر ئۇلار ئويلاپمۇ باقمىغان خۇش خەۋەر ئىدى، چۈنكى مۇنداق بولغاندا سوراق قىلىنغۇچى ئكزىنىڭ نېمىلەرنى ئىقرار قىلغىنىنىمۇ بىلمەيتتى. ئەمەلىيەتتە بولسا سوراق قىلغۇچىلار ھەم زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئاغزىدىن ھەر قانداق كېرەكلىك ئۇچۇرلارغا ئېرىشىشكە خۇشتار، ھەم ھەم، ئۇلارنىڭ جۆيلۈزلىرىنىمۇ ئاڭلاپ قويۇشاتتى. LSD نىڭ ئۈنۈمىنى مۆلچەرلەپ بولغىلى بولمايتتى: بەزىلەر ھۇزۇرلانسا، بەزىلەر قورقىدۇ. مەيلى قانداق ئىنكاس كېلىپ چىقىشىدىن قەتئىينەزەر بۇ مەزگىلدىكى كەچمىش ئۇلارنىڭ ئېسىدە مەھكەم قالدى.
ئەنگىلىيەدىكى ئەھۋالمۇ ئامېرىكىدىكىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. سيرىل كاننىڭھام بوۋاي ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ:«ئۇ بىر نېمە ئادەمنى ئەسەبىيلەشتۈرۈپ قويىدۇ، پەقەت تەڭرىلا ئۇنى توسىيالايدۇ.»
50-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرى مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ LSD بولغان تونۇشىدا زور ئۆزگىرىش بولدى. ئۇلار مۇنداق قاراشقا كەلگەن: LSD نى راست سكزلىتىش دورىسى دېگەندىن كۆرە، «راست سكزلەشنى توسۇش دورىسى» دېگەن تۈزۈك. ئۇنى ئىستىمال قىلغاندا كىشىنىڭ تەپەككۇرى قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ، گەپلىرى تاقا-تۇقا بولۇپ كونتىروللىقىنى يوقىتىدۇ. ئالاھىدە ىادىملارغا ئازراقتىن LSD سەپلەپ بېرىلسە، ئۇلار قولغا ئېلىنىپ كەتسىمۇ سوراققا تاقابىل تۇرالايدۇ ئەمەسمۇ، بۇ نېمە دېگەن ياىشى چارە؟ سوۋېتلىكلەر چوقۇم ھەيران قالىدۇ! سوراق قىلىنغۇچى كەچكىچە تاقا-تۇقا سكزلەپ يۈرسە سوۋېتلىكلەر چوقۇم بولدى قىلىشىدۇ.
60-يىللارنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە LSD زادى راست سۆزلىتىش دورىسىمۇ ئەمەسمۇ دېيىشتىن مۇھىمراق ئىش چىقتى. جامائەت مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ مېڭىنى يۇيۇش دورىسى توغرىسىدىكى غەلىتە ئىشنى بايقىدى، ئامېرىكىنىڭ ئاتسىد(خىيالىي تۇيغۇ پويدا قىلىش دورىسى)قا بولغان پوزىتسىيەسى ئۆزگىرىشكە باشلىغانىدى.
10
1952-يىلى روبېت گراۋېس گوردون ۋاسسونغا «ئەۋلىيا گۆشى»نى يېگەندىن كېيىن يۈز بەرگەن زەنجىرسىمان رېئاكسىيەنىڭ تېخىچە مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، 1957-يىلى  «تۇرمۇش» ژۇرنىلىدا «خىيالىي تۇيغۇ پەيدا قىلىدىغان موگۇنى بايقاش» دېگەن ماقالىنى ئېلان قىلغاندا بۇ رېئاكسىيەنىڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەنلىكىنى ئېيتىپ  بېرىدۇ. شۇ يىلى گراۋېس نيۇيوركقا ۋاسسون بىلەن كۆرۈشۈشكە بارىدۇ. ئىككەيلەن سابىنانىڭ موگۇ مۇراسىمىدىكى لېنتىغا ئېلىنغان ئاۋازنى بىر كېچە ئاڭلايدۇ. ئۇ بۇ ۋەقە توغرىسىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ: بۇ ئامېرىكا سەپىرىمدىكى «قەلبىمنى ئەڭ ھاياجانلاندۇرىدىغان بىر ئىش بولدى.»
1960-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى ۋاسسون بىلەن گراۋېس ھېلىقى ئۇن ئالغۇ لېنتىسىنى يەنە بىر قېتىم ئاڭلايدۇ، ئاڭلاشتىن بۇرۇن ئىككەيلەن خىيالىي تۇيغۇ پەيدا قىلىدىغان موگۇ يېۋالغان ئىدى.گراۋېس بۇنى ئىلھامغا تولغان كەچۈرمىش دەپ ھېسابلىغان. بىر ھەپتىدىن كېيىن ئۇ ۋاسسونغا خەت يېزىپ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئادەتتىكى كۈنلەر ئەمەس، شانلىق بىر كۈن بولدى.
گراۋېس مۇنداق دەيدۇ:  موگۇ تۇيغۇمدىكى توسالغۇنى بۇزۇپ تاشلىدى، «كاللامدىكى تەسەۋۋۇرنى تېخىمۇ سۈزۈك كۆرسەتتى». گراۋېسنىڭ قارىشىچە، مۇقەددەس موگۇ ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدا كەڭ تارقىتىلىشى كېرەككەن. «بۇ موگۇلار نېمە ئۈچۈن روھىي كېسەللەرگە بېرىلىدۇ؟ ئۇلارنى ئەسلى ئەقلى ئىقتىدارى نورمال بولغان كىشىلەرگە، بولۇپمۇ شائىر ۋە سەنئەتكارلاغا بېرىش كېرەك.» دەپ يازىدۇ ئۇ.
تۆت ئايدىن كېيىن گراۋېس يەنە بىر قېتىم ئكزىنى قويۇۋېتىدۇ.بۇ قېتىم ئۇ ئالبېرت خوفمان ساندوز شىركىتىدە تەييارلىغان ئانوپلوتسېفالېد ئوتى ئىشقارىنى يېۋالغان. 1960-يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۇ دوستى سارگانتقا ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلانغان دورا ئەسلى موگۇغا ئەسلا يەتمەيدىكەن دەيدۇ. ئۇ سارگانتقا: «ئالدىنىپ قالماڭ، ئارىلاشما دورا  سىزنى ھەرەمباغقا ئەمەس بەلكى كونېي① ئارىلىغلا ئېلىپ بارالايدۇ، خالاس.» دەيدۇ.
① كونېي ئارىلى(Coney Island) – ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھەرىنىڭ برۇكلىن رايونىدىكى ساياھەت ئورنى.
گراۋېس پەقەت تېتىپلا باققان، ۋاسسون بولسا ئۇنىڭغا كۆنۈپ كەتكەن. گراۋېس ئانوپلوتسېفالېد ئوتى ئىشقارىنى يەپ ئىككى ئايدىن كېيىن ئايالى ۋە ئالبېرت خوفماننى ئېلىو مېكىسىغكىغا ئاتلانغان. ئۇلار سابىنا بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن يەنە موگۇ مۇراسىمىغا قاتناشقان. خوفمان سابىناغا ئازراق ئانوپلوتسېفالېد ئوتى ئىشقارى بەرگەن، سابىنا بۇنى خىيالىي تۇيغۇ پەيدا قىلىدىغان موگئۇ بىلەن تەڭداش بولالايدىكەن دېگەن.
ۋاسسون ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى ئانوپلوتسېفالېد ئوتى ئىشقارىنى تەتقىق قىلىۋاتقاندا، مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئىسبېلنى كېنتۇككى شىتاتىنىڭ لېكسىڭتون خۇمار تەتقىقات مەركىزىدە بۇ خىل دورىنى تەتقىق قىلىۋاتقانلىقىنى تېخى بىلمەيتتى. 1958-يىلى 11-ئايدا ئىسبېل بىرىنچى تۈركۈمدىكى 500 مىللىگرام ئانوپلوتسېفالېد ئوتى ئىشقارىنى تاپشۇرۇۋالىدۇ. ئۇ شۇ ھامان 28 نەپەر «نېگىر ئەر»ئۈچۈن ئالاھىدە كېسەلخانا تەسىس قىلىپ دورىنى مالىنا شەربىتىگە ئارىلاشتۇرۇپۋېتىپ ئۇلارغا ئىچۈرىدۇ. ناھايىتى تېزلا ھەممەيلەن ئارامسىزلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتىدۇ، يېرىم سائەتتىن كېيىن «پات ئارىدا بېشىغا بالا كېلىدۇ»غانلىقىنى ھېس قىلغان. بەزىلەر ساراڭ بولدۇم دەپ توۋلىغان، بەزىلەر ئۆلدۈم دېگەن، يەنە بەزىلەردە بۇ ئىككى خىل ھېسسياتنىڭ ھەممىسى كۆرۈلگەن. ئاندىن ئۇلاردا خىيالىي تۇيغۇ پەيدا بولغان، ئۇلارغا رەڭگارەڭ كالېيدىسكوپ كۆرۈنگەن، كۆرۈنۈش ناھايىتى تېزلا گۈزەل رەسىمگە ئۆزگەرگەن. «قىسمەن بىمار ئۆزىدە زور ئۆزگىرىش يۈز بەرگەنلىكىنى سەزگەن، ياكى كىچىك بالىدەك كىچىكلەپ كەتكەن. پۇ-قوللىرى گويا ئكزىنىڭ ئەمەستەك، خۇددى ھايۋاناتنىڭ پۇت-قولىدەك كۆرۈنگەن.» نباشقا بىمارلار ئۆزلىرىنىڭ خىياللىرىنى يەنى ئاي شارىغا ئۇچۇپ چىقتىم ۋاھاكازا دېگەندەك تەپسىلىي بايان قىلغان.
مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئانوپلوتسېفالېد ئوتى ئىشقارى ۋە LSD نى مەخپىي تۇتۇش مەقسىتى مەغلۇب بولدى. ئىسبېلنىڭ چېكەرمەنلەر ئۈستىدە ئېلىپ بارغان سىنىقى ۋە ۋاسسوننىڭ دوستلىرىغا ئۆزىنىڭ بايقاشلىرىنى كوز-كوز قىلىشى سەۋەبىدىن بۇ سېھىرلىك دورا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتتى. ئۇلارنىڭ ئىشىكنى بۆسۈپ كىرىپلا دورىنى سىناپ باققۇسى كېلەتتى.
1959-يىلى يازدا خارۋاردنىڭ بىر ياش پىسخولوگىيە پروفېسسورى ۋاسسوننىڭ «تۇرمۇش»ژۇرنىلىدىكى ماقالىسىنى ئوقۇپ تەكشۈرۈش نىيىتىگە كېلىدۇ. ئىككىنچى يىلى ئۇ مېكسىكىغا بېرىپ كۇئايناۋاكانىڭ شەھەر ئەتراپىدىكى سۇ ئۈزۈش كۆلى بار بىر داچىنى ئىجارىگە ئالىدۇ. 8-ئايدا بىر زىيارەتچىنى قوبۇل قىلىدۇ، گېخارد برائۇن ئىسىملىك بۇ زىيارەتچى مېكسىكىنىڭ ئىنسانشۇناسلىق ئالىمى بولۇپ، بۇ كىشىمۇ ۋاسسوننىڭ ماقالىسىنى ئوقۇغان. ئۇلار سۇ ئۈزۈش كۆلىنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇشتى، برائۇن ئامېرىكىلىققا «ئەۋلىيا گۆشى»دە ھەقىقەتەن سىر بارلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئەمدىلا تولۇكا كەنتىگە بارغانلىقى، جۇائننا ئىسىملىك ئايالنى تاپقانلىقى ۋە ئۇنىڭدىن بىر خالتا «سېھىرلىك موگۇنى سېتىۋالغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. ھەمدە ئۇنىڭدىن تېتىپ باقامسىز؟ دەپ سورىۋېدى، پىروفېسسور ماقۇل بولدى، 8-ئاينىڭ 7-كۈنى ئۇ يەتتە تال موگۇ يېدى، گەرچە موگئۇنىڭ تەمى سەل قىرتاق بولسىمۇ، دورىلىق ئۈنۈمى كۈچلۈككەن. ئۇ دوستى ئارتۇر كوئېستلېرغا يازغان خېتىدە مۇنداق دەيدۇ: «مەن بۇ ئالتە سائەتتە ئىلگىرى 17 يىلداىكىدىنمۇ كۆپىرەك نەرسىنى ئۆگىنىۋالدىم!»
خارۋاردنىڭ باشقا پروفېسسورلىرىغا نىسبەتەن پەقەت بوش ۋاقىتلىرىدىكى كىچىككىنە بىر ئىش خالاس. بىراق تىموسي لېئارىيغا نىسبەتەن ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس ئىدى.
لېئارىي دوك؛اتىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ: «ئۇ ناھايىتى قا؛تىس كۆرۈنمە ساياھەت بولۇپ، مېنى باشقىچە ئادەم قىلىپ قويدى. چاقماقتەك ئۆتۈپ كەتكەن بۇ پەيتتە باشقا بىر ئادەمگە ئايلىنىسىز، سىرلىق چۈمپەردە ئېچىلىدۇ-دە، سىزمۇ ئكزگىرىپ كېتىسىز.»
ئامېرىكىغا قايتقاندىن كېيىن، لېئارىي ساندوز شىركىتىدىن 100 تال ئانوپلوتسېفالېد ئوتى ئىشقارى سېتىۋالىدۇ. دورىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈنى ئۇ چوڭ كۆلەمدىكى يىغىلىش ئۆتكۈزگەنىدى، دورىنىڭ ھەممىسىنى ئېزىلىپ كېتىدۇ. ئىككىنچى كۈنى دورىنىڭ يوقالغانلىقىنى كۆرۈپ يەنە زاكاز قىلىدۇ. بۇ قېتىم دورىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن خارۋارد ئانوپلوتسېفالېد ئوتى ئىشقارى تەتقىقات تۈرىنى يولغا قويىدۇ. لېئارىي مەھبۇسلارنى ئكزگەرتىش ئۈچۈن ماسساچۇسېتتېس شىتاتىدىكى 34 نەپەر مەھبۇسقا بۇ دورىنى يېگۈزىدۇ. ئۇ ئاسپىرانتلىرىغا مۇنداق دەيدۇ: «ئەمدى بىز مەھبۇسلارنى شەپقەتچىلرگە ئايلاندۇرالامدۇق، قاراب باقايلى.»
لېئارىي دورىلارنى دوستلىرى ۋە خىزمەتداشلىرىغا تارقىتىپ بېرىدۇ، ئۇلار يەنە باشقىلارغا تارقىتىپ بېرىدۇ. ئۇ دورىنى يەنە يازغۇچى جېك كېروياك ۋە روبېرت لوۋېل ھەمدە شائىر ئېللېن گىنسبېرگ ۋە داۋىد ئورلوۋسكىغا بېرىدۇ(گىنسبېرگ دورىنى يەپ يېرىم سائەتتىنكېيىن تۇيۇقسىز قىپ يالىڭاچ بولۇپ ئۆيگە بېسىپ كىرىپ مۇنداق توۋلايدۇ: «مەن قۇتقازغۇچىدۇرمەن! پانىي ئالەمگە مۇھەببەت يەتكۈزگىلى كەلدىم!» ئۇ يەنە تېخى پىرىزدېنت كېننىدى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبىرى خۇرشېۋگە تېلېفون بېرىپ «بۇ مەسىلىنى مەڭگۈلۈك ھەل قىلىۋېتىش»نى ئېيتىدۇ). گىنسبېرگ دورىنى يەنە پىئانىست زېلونىيۇس مونك ۋە سۇنايچى دىزىي گىللېسپېگە بېرىدۇ. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، گىللېسپې بۇ دورىنى يېگەندىنكېيىنكى ھېسسىياتنى ياقتۇرۇپ قېلىپ ئوركېستىردىكىلەرمۇ يەپ باقسۇن دەپ بىرمۇنچە دورىنى ئېلىپ كەتكەن.
لېئارىي بىلەن ۋاسسون كىشىلەرنىڭ ئانوپلوتسېفالېد ئوتى ئىشقارىغا بولغان قىزىقىشىنى ئاشۇرغان، بۇ خىل قىزىقىشقا ئەسلى ئالدوۋس خۇشلې ئوت ياققانىدى. 1953-يىلى ئەتىيازدا ئۇ ئەنگىلىيەلىك دوختۇر خئۇمپىرېي ئوسموندتىن خىيالىي تۇيغۇ پەيدا قىلدىغان مېسكالىن دورىسىدن ئازراق ئالغان، ئەينى چاغدا ئوسمود خۇشلېنى باشلاپ پۈتۈن شەھەرنى ئايلانغان، خۇشلېگە ئەڭ تەسىر قىلغىنى ئولتۇرغان چاغدىكى ئىشتىنىڭ پۈرلەشلىرى بولۇپ ئۇ مۇنداق دېگەن: مان بۇ ئەسھلى كىشلەر كۆرۈشكە تېگىشلىك تەرەپ، دۇنيانىڭ ئەسلى قىياپىتى.»
1954-يىلى خۇشلې ئۆزىنىڭ دورا يېگەنلىك كەچۈرمىشى بايان قىلىنغان «سەزگۈ دەرۋازىسى»نى ئېلان قىلىدۇ، بۇ ماقالىسىدا ئۇ ۋىليام بىلاكنىڭ شېئىرىىي مىسراسىنى ماۋزۇ قىلغان بولۇپ، ناھايىتى تېزلا ئاساسىي ئېقىمغا قارشى مەدەنىيەت دولقۇنىنىڭ نامايەندىسىگە ئايلانغان.
«تۇرمۇش» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «خىيالىي تۇيغۇ پەيدا قىلدىغان موگۇ»نى ئوقۇغاندىن كېيىن خۇشلې بىلەن ئوسموند ۋاسسوننى زىيارەت قىلىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي خۇشلې تىموسىي لېئارىي بىلەن «سىرداش دوست»لاردىن بولۇپ قالىدۇ، ئىككەيلەن تېخى  بىرگە ئېكىستاسىي(ئاتسىد) يېگەن.
ۋاسسوننىڭ سېھىرلىك موگۇنى يېگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەر ئەنگىلىيەدىمۇ تارقالدى. 1961-يىلى روبېرت گراۋېس ئوكسفورد ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ فىلىلوگىيە ئىنىستىتۇتىدا موگۇنى يېيىش جەريانىنى سۆزلەپ بېرىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: موگۇنى يەپلا گويا چۇڭقۇر دېڭىزنىڭ ئاستىدىكى يېشىل ئۇۋىلاردىن ئۈزۈپ ئۆتـۈۋاتقاندەك، چەكسىز نۇرلۇق ياقۇتلۇق يولنى بېسىپ ئۆتۈپ جەننەتكە كىرگەندەك بولدۇم. ئۇنىڭ ئاڭلىغۇچىلارنىڭ قىزغىنلىقى قانچىلىك تەسىر بەرگەنلىكىنى شۇ قېتىمقى لېكسىيە خاتىرلەنگەن «كائىناتتىكى جەننەت»دېگەن كىتابتىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ: «تاغ چوققىسىدىكى ئېرەمباغدا، دانىشمەننىڭ ناخشا ساداسى شۇنداق يېقىملىق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، مىلودىيە ئاستا-ئاستا سىرغىپ ئېقىپ، يوپۇرماققا، گۈل-غۇنچىلارغا ۋە ئالتۇن زەنجىرلەرگە ئايلىنىدۇ، تامامەن جىم-جىت ۋە يوشۇرۇن ئىدراك مېنى ئورىۋالدى.» گراۋېسنىڭ تەرجىمىھالىنىڭ مۇئەللىپى مىراندا سېيمور مۇنداق دەيدۇ: لېكسىيەنى ئاڭلاۋاتقان نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن بۇ ئۇلارنىڭ « نوپۇزلۇق ئەربابنىڭ دورا توغرىسىدا تۇنجى قېتىم ئېيتقان كەچۈرمىشى» ئىدى.
ئەنگىلىيە ئارمىيە تەرەپمۇ بۇ دورىلاردىن خەۋەردار: پورتون كەنتىنىڭ 1959-يق؛ق 12-ئايدىكى ئارخىپىدىن مەلۇم بولىشىچە، ئۇلار مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقان ئۆسۈملۈكتىن ئېلىنغان دورىنى تەتقىق قىلغان، ۋاسسوننىڭ تۆت يىل بۇرۇن بايقىغان موگۇ تەركىبىدىكى خىمىيەلىك ماددىنىمۇ تەكشۈرگەن، بۇ دەل ئانوپلوتسېفالېد ئوتى ئىشقارى ئىدى.
ئەلئارىسىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ خىيالىي تۇيغۇ پەيدا قىلىدىغان دورىغا بولغان قىزىقىشىمۇ قوزغالدى. 1951-يىلى روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرى رونالد ساندىسون ساندوز شىركىتىگە بېرىپ 100گرام LSDنى ھەقسىز ئېلىپ كەتكەن. ساندىسون ۋۇستېر شىردىكى دوختۇرىانىدا LSDنىڭ ھېسسىي قۇتۇلدۇرۇش ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭ روھىي كېسەللىكنى داۋالاشتىكى ئۈنۈمى توغرىسىدا ماقالە ئېلان قىلغان. ساندىسون مۇنداق دەيدۇ: «ماقالە ئېلان قىلىنىشى بىلەنلا 〈ئاخبارات پائالىيىتى〉نىڭ ئادىمى ئىزدەپ كەلدى، ئۇلار نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى بىلمەكچى بوپتۇ، دېمەك مېنىڭ ماقالەم داغدۇغا قوزغىغان چېغى، بۇنداق بولىشىنى قىلچە ئويلاپ باقماپتىمەن.» ساندىسون ئەنگىلىيەدىكى خىيالىي تۇيغۇ پەيدا قىلىدىغان دورا تەتقىقاتىدىكى مۇھىم شەخسكە ئايلاندى. خوفماننىڭ تەكلىپى بىلەن ئۇ يەنە ئانوپلوتسېفالېد ئوتى ئىشقارى توغرىسىدىكى تەتقىقاتنى باشلايدۇ.
ساندىسوننىڭ تەتقىقاتى دوستى قوشۇلغىچە تار دائىرىدىلا چەكلىنىپ قالىدۇ. بۇ كىشى بىرمىڭھام ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ تەجرىبە روھىي كېسەللىكلىرى ئىلمىنىڭ مۇدىرى پروفېسسور جوئېل ئېلكېس ئىدى. ئېلكېس ئەينى چاغدا پورتون كەنتىگە(ھەربى ئاخبارات 6-باشقارمىسىغا) سوراق قىلغاندا LSD نى ئىشلىتىش، ساندىسوننىڭ تەتقىقاتىغا ياردەم بېرىش تەكلىپىنى بېرىدۇ ھەمدە شۇ جايدىكى دوختۇرخانىلاردىن ئۇنىڭ ئۈچۈن 50مىڭ پوندسىتېرلىنگ غەملەم، مەخسۇس LSD تەتقىقات تارمىقى قۇرۇشقا كاپالەت بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ خىل داۋالاش ئۇسۇلى پۈتۈن ئەنگىلىيەگە تارقىلىدۇ.
كېيىن ئېلكېس ساندىسوننى ئەنگىلىيە تېببىي ئىلىم ساھەسىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى چاقىرغان LSD تەتقىقات يىغىنىغا قاتنىشىشقا ئەۋەتىدۇ.  ساندىسون يىغىنغا بېرىپلا خۇشلې ۋە ئامېرىكا LSD تەتقىقاتىنىڭ باشلامچىسى خارولد ئابرامسون بىلەن يېقىن دوست بوپ كېتىدۇ. ئېلكېس، خۇشلې ۋە ئابرومسون ئۈچىلىسىنىڭ مەرلىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ئۈچۈن ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلمەيتتى، ئۇلار قاتناشقان يىغىنلارنىڭ ھەممىسىگە مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئالدىنقى سەپ تەشكىلاتچىسى بولغان كىچىك جوسىياھ مەسىي فوند جەمئىيىتى مەبلەغ ياردىمى بىلەن تەمىنلەيتتى. ئېلكېس بىلەن ساندىسوننىڭ تەتقىقات نەتىجىسى مۇشۇ يول ئارقىلىق «قەلبنى كونترول قىلىش پىلانى»غا بىۋاستە يەتكۈزىلەتتى.
ئېلكېس بىلەن ساندىسوننىڭ ئېكىستاسىي تارىخدىكى رولىنى يەنە بىر مۇھىم تەرەپتىن تەپسىلىي كۈزىتىشكە توغرا كېلىدۇ. ساندىسون1951-يىلى ئامېرىكىلىق مىليونېر بۇرۇن ستارتېگىيەلىك ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارى بولغان ئالفېرد خۇببارد بىلەن دوست بولغان. خۇببارد LSDغا مەستانە بولغان ئىدى، ئۇ بىر نەچچە قېتىم يەپ بېقىپ خىيالىي تەسەۋۋۇردىن ئىلھاملانغان. «ئۇ مەن كۆرگەن نەرسىلەر ئىچىدە ماڭا ئەڭ چۇڭقۇر تەسىر قىلغان نەرسە،» دەيدۇ ئۇ كېيىنچە ئۇ ئىشنى ئەسلەپ: «گويا چۇڭقۇر پاتقاققا پاتقان چاشقانغا ئوخشاپ قالغانىدىم، توساتتىن پاراسەت ئۇچقۇنى چاقنىدى. ئاتا-ئانامنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزىۋاتقانلىقى كۆردۈم، كۆرگىنىمنىڭ ھەممىسى شۇنچە يارقىن، سۈزۈك ئىدى.» بۇ خۇشاللىقتا خۇببارد 200مىڭ دوللارغا ساندوز شىركىتىدىن 43 يېشىك LSD سېتىۋالغان.
خۇببارد قول ئىلكىدە بار ئادەم ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە قولىدا كۆپ مىقداردىكى LSD بولغاچقا خۇشلې بۇ كىشى بىلەن ناھايىتى تېزلا ئىتتىپاقداش بولۇپ كەتكەن. ئۇلارنىڭ مەقسىتى خىيالىي تۇيغۇ پەيدا قىلىدىغان دورىنىڭ كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان تەرپىنى ئامېرىكا زىيالىلىرىغا ئەڭ تېز سۈئەتتە بىلدۈرۈش ئىدى. خۇببارد ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئايلىنىپ يۈرۈپ دورىغا قىزىقىدىغان دورا شىركەت ۋە تەجرىبىخانىلارغا LSDنى ھەقسىز تەمىنلەپ، ئۈزلۈكسىز كېڭىيىۋاتقان خىيالىي تۇيغۇ پەيدا قىلدىغان دورا ھەۋەشكارلار توپىنى يېتىشتۈردى.
لوسئانژىلىسلىق روھىي كېسەللىكلەر مۇتەخەسىسى ئوسكار جانىگېر خۇبباردنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن LSD خاىدملىرى بىلەن تونۇشقان. ئۇ خۇبباردنىڭ كېلىشىنى كۈتكەن ۋاقتىنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: «خۇددى يايلاقتا تۇرۇشلۇق موماي تاۋار مۇندەرىجىسىگە تەشنا بولغاندەك ساقلىدىم.»ئۇ دوستلىرى بىلەن ئاشكارا سورۇنلاردا LSD ۋە ئانوپلوتسېفالېد ئوتى ئىشقارىنى يېگەن، ھەم دورىلارنى كېسەللىرىگە تارقىتىپ بەرگەن. جانىگېر LSD نى ئانايس نىن، ئاندرې پرېۋىن، جېك نىكولسون، جامىس كوبۇرن ۋە كارىي گىرانت قاتارلىق يازغۇچى، ئارتىست ۋە مۇزىكانتلارغا بەرگەن. گرانت LSD بولغان ئامراقلىقىنى 1959-يىلى بىر قېتىملىق زىيارەتتە ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويغان. داڭلىق شەخسلەر ھەدەپ تېتىپ بېقىشقا باشلىدى، LSD نىڭ مودا بولۇشىنى ھېچكىم توسالمايتتى.
1960-يىلىستانفورد ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ ئىجادىي يېزىقچىلىق ئاسپىرانتى كېن كېرسېي مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ياردەم قىلغان مېنلوپارك دوختۇرخانىسىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر يۈرۈش LSD تەجرىبىسىگە قاتناشقان. ئۇ LSD نىڭ تەسىردىن مەكتەپتىن قېلىپ روھىي كېسەللىكلەر سېستىراسى بولغان ھەمدە «كېسەلخانا ۋە دورا» سەرلەۋھىلىك رومان يېزىشقا كىرىشكەن. بۇ دەل «روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىدىن ھالقىش» دېگەن شۇ. «روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىدىن ھالقىش» زور مۇۋەپپىقىيەتكە ئېرىشىدۇ، كېرسېي دەرھال مەسلەكداش دوستلىرىنى يىغىپ «سېھىرلىك ئاپتۇۋۇز» دېگەن خەت بېسىلغان ئاپتۇۋۇز بىلەن پۈتۈن ئامېرىكىنى ئايلىنىدۇ. ئۇلار ھەرقايسى قايلاردا يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ ماڭىدۇ، يىغىلىشقا قاتناشقان نۇرغۇن كىشىلەرگە LSD تارقىتىپ بېرىدۇ.
كېرسېي غەربىي دېڭىز قىرغىقىغا ئاتلىنىدۇ، لېئارىي شەرقىي دېڭىز قىرغىقىدا تەشۋىقات ئېلىپ بارىدۇ، سېھىرلىك دورىنىڭ تارقىلىشى بارا-بارا كونتروللىقىنى يوقىتىشقا باشلايدۇ. لېئارىي « LSD پېشىۋاسى»لىق ئورنىنى تەلەپ قىلماقچى بولۇپ، ئەڭ داڭلىق شوئارنى ئوتتۇرىغا قويدى: «قەلبنى كۈزىتىپ، جەمئىيەتكە غەمخورلۇق قىلايلى، دەچرىيلىكتىن قول ئۈزەيلى!» شۇندىن كېيىنكى 10 يىلدا بۇ سۆز ئامېرىكىدا ياڭراپ تۇردى، لېئارىيغا ئەڭ ئۇزۇن داۋاملاشقان «ئامېرىكىدىكى ئەڭ خەتەرلىك ئادەم»(رىچارد نىكسون قويغان) دېگەن لەقەمنى ئېلىپ كەلدى.
LSD بىلەن ئانوپلوتسېفالېد ئوتى ئىشقارى مانا شۇنىڭ بىلەن تەسادىپىي ھالدا ئاۋامنىڭ نەزەرىگە كىرىپ كەلدى، بۇ مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنى تەمتىرىتىپ قويدى. ئالاھىدە خادىملار بەزىلەرنىڭ قزىقچىلىق ئۈچۈن مېڭىنى يۇيۇش دورىسىنى يەيدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقىمىغانىدى. 1963-يىلى مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ۋەزىيەتنىڭ كونتروللىقىنى يوقاتقانلىقنى سەزدى: «ئاخباراتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىدىن باشقا بەزى تەشكىلاتلار بىر خىل دىنىي تەجرىبىدە بۇ دورىلارنى ئىشلەتكەن. بۇ خىل ئەھۋال غەبرىي قىرغاقتا تېخىمۇ گەۋدىلىك بولغان بولۇپ، تەجرىبە ياكى شەخسىي مۇددىئا بىلەن بۇ دورىلارنى ئىشلىتىش قىلمىشى بايقالغان ھامان يۇقىرىغا يوللىنىشى كېرەك.»
مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئەسلەتمىسىدە مۇنداق دېيىلگەن: لېئارىينىڭ LSD تەتقىقات گۇرۇپپىسى مېكسىكا شەھىرى، كامبىرىج، ماسساچۇسېتتېس، لوسئانژىلىس ۋە نيۇيوركتا «تايانچ پونكىت» قۇرغان. ئۇلار مېسكالىن، ئانوپلوتسېفالېد ئوتى ئىشقارى، LSD ۋە «بەزى روھىي ھالەتكە تەسىر كۆرسىتىدىغان موگۇ»لارنى ئىشلەتكەن بولۇپ، بۇ دورىلارنىڭ ھەممىسى «ئىنتايىن خەتەرلىك»، بۇلار دەل مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى 10 يىلدىن بېرى مېزىنى يوشۇرشا تېزى ئاشكارىلىنىپ تۇرغان ئەپسىز تەجرىبىلىرىدىكى دورىلار ئىدى.
مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ئۆزلىرىنىڭ دىققەتسىزلىكتىن قوزغىغان ھەرىكىتىنىڭ بۇنچىۋالا ئاقىۋەتنى پەيدا قىلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان بولىشى مۇمكىن. خىيالىي تۇيغۇ پەيدا قىلىدىغان دورىنىڭ بايقىلىشى بىلەن پەيدا بولغانئېچىنىشلىق دەرد-ئەلەملەرنى ھېچكىممۇ مېكسىكا شەھەرىنىڭ شەرقىي جەنۇبى ئەتراپىدىكى كەنت ئاھالىلىرىدەك تارتمىغان بولىشى كېرەك.
11
خئۇئائۇتلالىق دانىشمەن ئايال مارىيا سابىنا دەسلەپتىلا بۇنىڭ غەلىتىلىكىگە دىققەت قىلىشى كېرەكىدى. ئادەتتە ئۇ باھار قۇتۇپ ئوتىنى يېگەندىن كېيىن ئوخاكا ئەتراپىدىكى تاغقا ئېلىپ كېتىلەتتى. بىراق 1955-يىلى موگۇنى ۋاسسون بىلەن رىچاردسونغا بەرگەندە بۇ قائىدە بۇزۇپ تاشلاندى.ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئادەتتىكىگە ئوخشىمايدىغان نەرسىلەرنى كۆردۈم. بۇرۇن مەۋجۇتلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان جايلار كۆرۈندى. چەتئەللىكلەرنىڭ زېمىنىغا بېرىپ قاپتىمەن. شەھەرلەرنى، ناھايىتى چوڭ شەھەرلەرنى كۆردۈم. نۇرغۇن ئۆيلەر، ناھايىتى چوڭ ئۆيلەر.»
دەسلەپتە ۋاسسون، لېئارىي ۋە خوفمانلارنىڭ دىققەت تۈگۈنىگە ئايلانغاندا مارىيا ئۆز ئارزۇسىغا يەتكەندەك بولغان، ئۇلار مارىيانىڭ ماقالىسى توغرىسىدا سۆزلىگەندە تېخىمۇ شۇنداق بولغانىدى. گەرچە ئۇ خەت تونۇمىسىمۇ، رەسىملەرنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇش بولغان، شۇڭا ۋاسسون بىلەن شۇ چاغدىلا يېقىن دوستلاردىن بولغان. ۋاسسون بىر قېتىم ئۇنىڭغا بىر فاتىفون پىلاستىنكىسى بەرگەن، ئۇنىڭدا مارىيانىڭ قىرائىتىنىڭ ئاۋازى ئىدى، ۋاسسون پىلاستىنكىنى قويۇپ ئاڭلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا يەنە بىر پاتېفوندىن بىرنى بەرگەن. ئۇنى ئەڭ ھياجانلاندۇرغىنى ئۆلكە باشلىقى ئۇنىڭ ئوخاكانى تەشۋىق قىلىشتا رولى چوڭ بولدى دەپ ئۆزى كېلىپ مارىيانى يوقىلىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا ئىككى ماتراس سوۋغا قىلغانلىقى ئىدى، بۇندىن بۇرۇن ئۇ كارۋاتتا يېتىپ باقمىغانىدى.
مارىيا سابىنانى قوغداش ئۈچۈن ۋاسسون پۈتۈن كۈچىنى ئايىمىدى. «خىيالىي تۇيغۇ پەيدا قىلدىغان موگۇنى بايقاش»دېگەن ئەسىرىدە مارىيانى مەخپىي ئىسىم بىلەن ئاتىغان، ۋەقەلىكنىڭ ئورنىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن، ھەتتا سابىنانىڭ تىلىنىمۇ باشقا تى دەپ ئالغان. بىراق ئۇزۇن ئۆتمەيلا مارىيانىڭ ھەقىقىي سالاھىيىتى ئاشكارىلىنىپ قالدى، غەربلىك چوقۇنغۇچىلار ئايىغى ئۈزۈلمەي كېلىشكە باشلىدى. باھار قۇتۇپ ئوتىنى تېتىماقچى بولغانلار كۈندىن كۈنگە كۆپىىيىپ باردى، سابىنا كۆڭلىدە ئاغرىنىشقا باشلىدى: «ۋاسسون كېلىشتىن بۇرۇن موگۇ كېسەل داۋالاشقا ئىشلىتىلەتتى، بۇلار كېلىپ كەتكەندىن كېيىن كېلىدىغان چەتئەللىكلەر بارغانسېرى كۆپەيدى، تېخى ئۇلار ئۈچۈن تۈنىمىسەن تېخى. ئۇلاردىن ئاغرىپ قالدىڭلارمۇ دەپ سورىسام، ياق، پەقەت تەڭرىنى تونۇۋېلىش ئۈچۈنلا كەلدۇق دېيىشىدۇ.»
خىيالىي تۇيغۇ پەيدا قىلىدىغان موگۇ ئەسلى بىر سىر ئىدى. كېيىنچە سابىنا بىر مۇخبىرغا مۇنداق دەيدۇ: «ۋاسسون كېلىشتىن بۇرۇن ھەقىقەتەن ھېچكىممۇ بۇ توغرىلىق  ئاشكارا پاراڭلاشمايتتى. بىز ماساتېكلار تۈنىسەك ئۇنداق داغدۇغا قىلمايتتۇق.» ئامېرىكىلىقلار ئۇندا ئەمەس ئىدى، ساقال قويۇۋالغان، ئالا-تاغىل كىيىنىۋالغان ياشلار ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بۇ مۇراسىمنى قىلچىمۇ ھۆرمىتىنى قىلىشمىدى. «ئۇلارغا تۈنەش تەڭرىنى تېپىش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى بىمارنى ئاغرىق ئازابىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈندۇر، دەپ ئۇلارغا چۈشەندۈردۈم.»
ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بۇ كەنتكە كېلىدىغان چەتئەللىكلەر بارغانسېرى ياشلىشىپ، بىر-بىرىدىن ئۆتە قوپال، شاللاقلىشىپ كەتتى. مۇبادا مارىيا ئۇلار ئۈچۈن مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى رەت قىلسا، ئۇلار باشقىلارنى تېپىپ موگئۇنى سېتىۋالاتتىدە خۇمارىدىن چىقىشاتتى. ئۇلارنىڭ قىلمىشى ناتوغرا، يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئادەم بولمىغاچقا كۆپ ھاللاردا موگئۇنى كۆپ يېۋىلىپ ئاغرىپ قېلىشاتتى ياكى ھەر تەرەپتە ئىش تېرىيتتى. بەزىلىرى موگۇنى يېيىشىپ لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشۈپ «شىردەك ھۆركىرىشەتتى». بەزىلىرى يېرىم كېچىلەردە پىتراپ تۇرغان كۈركە توخۇلارنى چىشلىۋېلىپ كەنتتە ھەر تەرەپكە قاتراپ يۈرۈشەتتى. «بۇ ئالتۇن چاچلىق، قوڭۇر تېرىلىك ياشلار ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزگە ھۆرمەت قىلمايتتى. بىز ئەزلدىن ئىلاھىي ئوغۇلغا بۇنداق ھۆرمەتسىزلىك قىلغاننى كۆرمەپتىكەنمىز.» دەيدۇ سابىنا.
موگۇ ئىزدەپ كېلىدىغان ياشلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى، ھايال ئۆتمەي مېكسىكا دائىرىلىرىنىڭ دىققىتىنى خۇئائۇتلاغا باشلاپ كېىلىشتى. ساقلانغىلى بولمايدىغان ئىش ئاخىرى يۈز بەردى: سابىنا قولغا ئېلىندى. گەرچە ناھايىتى تېزلا قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، نېمىلا بولمىسۇن ئۇ بىر خاپىلىق كەچمىشى ئىدى. ئۇنىڭ ئۆيى دائىرىلەر تەرىپىدىن بۇلاپ تالانغان، پۇلغا يارايدىغان نەرسىلىرىنىڭ ھەممىسى ئېلىپكېتىلگەن ئىدى.، ھەتتا ۋاسسون ئۇنىڭغا سوۋغا قىلغان پاتېفوننىمۇ ئېلىپ كېتىشكەنىدى. 1967-يىلى بىر بۆلۈك مېكسىكا ئارمىيىسى بۇ يەرگە كەلگەن سەيياھلارنى قوغلاش ئۈچۈن بۇ يۇرتتا مەڭگۈلۈك ماكانلاشتى.
ساقچىنىڭ ئارىلاشقىنىغا قارىغاندا قەۋمىدىكىلەرنىڭ ئۇنىڭغا بولغان مۇئامىلىسى ئۇنىڭ كۆڭلىنى تېخىمۇ يېرىم قىلدى. ھىپپى مەزھىپىنىڭ بۆسۈپ كىرىشى سابىنانى قەۋملىرىنىڭ نەزەرىدىكى دانىشمەن ئايالدىن سىرلىق، رومانتىك، سېھىر بىلەن پۇل تاپىدىغان پاھىشەگە ئايلاندۇرۇپ قويدى. بىر كۈنى كېچىدە بىر نەچچە يەرلىك كىشى ئۇنىڭ ئۆيىگە ئوت قويۇۋەتتى، ئۇنىڭ بارلىق مال-مۈلكى كۆيۈپ كەتتى. ئۇ ئۆيىدىكىلىرى بىلەن ئامالسىز تاغ ئارىسىغا يوشۇرۇنۇشقا مەجبۇر بولۇپ، ھيۋان كەبى ھەر تەرەپتە يېمەكلىك ئىزدەپ يۈرىدىغان كۈنگە قالدى.
ئەڭ يامىنى ئۇ باھار قۇتۇپ ئوتىدىن مەھرۇم بلدى. «ۋاسسون كەلمەستە، ئىلاھىي ئوغۇلنىڭ مېنى يۈكسەلدۈرگەنلىكى تۇياتتىم. چەتئەللىكلەر ئۈزۈلمەي كېلىۋېدى، مەندە ئۇنداق ھېسسىيات پەيدا بولمايدىغان بولدى، ئىلاھىي ئوغۇل ئۇنچە پاك بىلىنمەيدىغان بولدى، ئۇ سېھرىي كۈچىنى يوقاتقانىدى. ھەممە ئكز ئەسلىگە كەلمەيتتى، بۇ ئورنىنى تولۇقلىغىلى بولمايدىغان ئىش ئىش ئىدى.» دەيدۇ سابىنا.
سابىنا ئۆمىرىنىڭ ئاخىرىدا فرانسىيە ژۇرنىلىغا ئېيتىپ بېرىشىچە، 1955-يىلى 6-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى كايېتانو گارسىيە ئۇنى ئىزدەپ كېلىپ ئۇنىڭدىن گوردون ۋاسسون ۋە ئاللېن رىچاردسون بىلەن كھىۆرۈشۈشنى خالايدىغان-خالىمايدىغانلىقىنى سورىغاندا «قوشۇلمىسام بوپتىكەن» دېگەن.
ۋاسسونمۇ پاجىئەلىك تەقدىردىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان. «بۇ سھىۆزلەر مېنى قورقىتىدۇ،» دەيدۇ ۋاسسون 1976-يىلى يازغان جاتىرىسىدە: «مەن گوردون ۋاسسون، ئوتتۇرا ئامېرىكىدا مىڭ يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان دىنىي مۇراسىمنىڭ توختاپ قېلىشىدا مەسئۇلىيىتىم بار، سابىنانىڭ دېگەنلىرىنىڭ راستلىقىدىن قورقىمەن. مىڭ يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان مەخپىي مۇراسىم ھەممە كىشىنىڭ ئالدىدا ئاشكارىلىنىپ كەتتى، بۇ ئاشكارىلىنىش ئۇنىڭ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇردى.»
خۇئائۇتلالىق ئايال دانىشمەن مارىيا سابىنا 1985-يىلى 91 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. ھازىر ۋاخالانىڭ بېكەتلىرىدە سابىانغا مۇناسىۋەتلىك ئېلان ۋە ئاتكىرتكىلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ، ھەمدە ئۇنىڭ نامىنى چىقارغان موەۇنىمۇ سېتىۋالغىلى بولىدۇ.
بىراق، باھار قۇتۇپ ئوتى مۇراسىمى شۇندىن ئېتىۋارەن غايىپ بولدى.

0

تېما

19

دوست

3974

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   65.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14768
يازما سانى: 435
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 34
تۆھپە : 1149
توردىكى ۋاقتى: 197
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-26 14:48:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنى  ئۇقۇپ چۈشنىش  ئۈچۈن  خىلى ۋاقىت كىتىكەن  ، ساقلاپ قۇيۇپ كەچتە  ئۇقاي .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

15

تېما

1

دوست

4572

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   85.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  813
يازما سانى: 267
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 68
تۆھپە : 1384
توردىكى ۋاقتى: 334
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-27 18:52:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
pishikam: بۇ ئەسەرنىڭ خەنچە نامىنى نىمە دەيدۇ؟
مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويسىڭىز؟

6

تېما

4

دوست

776

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   55.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33131
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 260
توردىكى ۋاقتى: 32
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-27 19:24:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
洗脑术 ديمىز توردىن ئىزدىسىڭىز خەنزۇچە كىتاپلارنى تاپالايسىز بۇ تۇغۇرسىدىكى .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )