قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3396|ئىنكاس: 26

‹‹شېڭ شىسەيمۇ .......››دېگەن ماقالىغا ئاپتور ئىلاۋىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

32

تېما

0

دوست

1971

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   97.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33336
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 84
تۆھپە : 652
توردىكى ۋاقتى: 144
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-26 12:09:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   burkutningkozi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-26 18:28  

‹‹شېڭ شىسەيمۇ .......››دېگەن ماقالىغا ئاپتور ئىلاۋىسى
                   ئابدۇۋەلى تۇرسۇن
         (بىڭتۇەن مىللىي پېداگوگىكا مەكتىپى
          ئاخشام سىرتتىن قايتىپ كېلىپ ‹‹ شېڭ شىسەيمۇ تەڭ كېلەلمىگەن مەشھۇر ئۇيغۇر ھەربى قوماندان›› دېگەن ماقالامغا چۈشكەن ئىنكاسلارنى دىققەت بىلەن كۆرۈپ چىقتىم.ئالدى بىلەن ماقالىنىڭ چېكىلىش قېتىم سانى خېلى كۆپ بولۇپ ، مېنى خوش قىلغان بولسا ، ئىنكاس يازغان يولداشلارنىڭ سەمىمى پىكىرلىرى ۋە تەنقىدلىرى  مېنى تېخىمۇ خوش قىلدى.ئەسلىدە ئىنكاس شەكىلدە ئازراق بىر نىمە يېزىپلا ئىنكاستا چۈشكەن پىكىرلەرگە چۈشەنچە بېرەي دەپ ئويلىغان. كەينىدىن يەنە ئويلاپ،  مۇنبەردىكى دوستلار ماڭا كۆڭۈل بۆلگەن ئىكەن، مەنمۇ  ئۇلارغا سەل ئەستايىدىل پوزىتسىيە تۇتاي دەپ ئويلاپ ، رەسمى بىر يازما يېزىش ئويىغا كەلدىم.
          ئالدى بىلەن مەھمۇت مۇھىتى توغرىسىدا گەپ قىلسام بۇ شىنجاڭ تارىخىدا ئالاھىدە ئورنى بار ئادەم بولۇپ ، مېنىڭ ئۇنداق كىچىككىنە بىر تېمام بىلەن ئۇ ئادەمنى تولۇق چۇشەندۇرۈش ئەسلا مۈمكىن ئەمەس.مېنىڭ ماقالامدا يەتمەكچى بولغان نىشانمۇ ئۇ ئەمەس. مېنىڭ ماقالامنىڭ مەركىزى ئىدىيىسى مەھمۇت مۇھىتىدىكى دۈشمەن  شېڭ شىسەينىڭ ئالدام خالدىسىغا چۈشمەسلىكتىن  ئىبارەت ئەقىل پاراسەتنى مەدھىيىيىلەش بولۇپ ، ئۇنىڭ باشقا تەرەپلىرىگە تۇتىشىدىغان ئىشلىرىنى ھەم تولۇق بىلمەيمەن، ھەم ئۇ تەرەپلىرىنى تولۇق  يېزىپ ، ھايات كەچۈرمىشىنى ئەكس ئەتتۇرۈشنى  ئويلىمىدىم.بۇنداق قىلىش ھېچ بولمىغاندا مەندىن  خېلى كۆپ كۈچ سەرپ قلىشىمنى ، كۆپلەپ كىتاپ كۆرۈپ   تەتقىق قلىشىمىنى تەلەپ قىلىدۇ. مېنىڭچە بۇ زۆزۈر ئەمەس . چۈنكى بۇ توغرىسىدىكى  ماتېرىياللار بىر قەدەر كۆپ بولۇپ ، قىزىقىدىغان يولداشلار ئىزدەپ كۆرۈپ باقسا بولىدۇ . مېنىڭچە ھازىر بۇنىڭغا ئىمكانىيىتىمىز بار دەپ ئويلايمەن.مەن پەقەتلا ئۇنىڭ ئالدىن كۆرەر ، زېرەكلىكىنى ، پەم - پاراسەتتە شېڭ شىسەيمۇ ئۇنىڭغا ئامال قىلالمىغانلىقىنى پەخىرلىنىش ھېسسىياتى بىلەن ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغان ئىدىم .ئەگەر بۇ ئىدىيە ئۇدۇللا ئەكس ئەتمىگەن بولسا بۇ مېنىڭ ئىپادىلەش ئۇسۇلىمدىكى مەسىلىدۇر. شۇڭا پۈتكۇل ماقالىدا پەقەتلا  ئۇنىڭ كاللا ئىشلىتىشكە ماھىر بولۇشىدەك بىزنىڭ تارىخىمىزدا  تازا تولۇق بولمايۋاتقان بىر تەرەپنى  بىرقانچە مەشھۇر شەخسكە سېلىشتۇرۇپ كۆرسىتىپ بېرىپ ، ئاندىن يەكۈن چىقىىرىلغان. ئۇنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇشتا شېڭ شىسەي بىلەن ئۇرۇشقان ئىشى بارمۇ يوق بۇنى بىلمەيمەن . چۈنكى ئۇ شېڭ شىسەينىڭ قول ئاستىدىكى  بىر دىۋىزىيە قوماندانى ، مۇنداقچە ئېيتساق شڭ شىسەي ئۇنىڭ باشلىقى . شۇڭا  ئۇنىڭ بىلەن بىۋاستە ئۇرۇش قىلمىغان بولۇشى مۈمكىن. ئەمما ئۇ خوجا نىياز ھاجىدەك  شېڭ شىسەيگە ئىشىنىپ كەتمىگەن، ئۇنىڭدىن ھەر دائىم ھۇشيار تۇرغان . ‹‹بۆرە  بىلەن دوست بولساڭ ئاي پالتاڭ قوينۇڭدا بولسۇن ›› دېگەندەك قىلغان .ئۇنىڭ ھىلىقىدەك جۆيلۈپ  يۈرگەن شاپتۇل داموللىنى ئۆلتۈرۈۋېتىشىدەك ئىشلىرىنى مەنمۇ ئوقۇغان، ئەمما بۇ مەزمۇن ئۇنىڭ يۇقىرىدىكى تەرىپىنى يورۇتۇپ بېرىشكە بەك چوڭ ياردىمى يوق دەپ ئويلدىم. چۈنكى شاپتۇل داموللا مىللىتىمىز ئىچىدىكى ھەممە ئادەم نەپرەت ياغۇرۇدىغان بىر پوكانچى موللا . ئۇ ئەقىل -پاراسەت بابىدا مەھمۇت مۇھىتنىڭ سېلىشتۇرۇش ئوبىكتى بولالمايدۇ.يەنە كېلىپ مەھمۇت مۇھىتىنىڭ   ئۇرۇشلار ئىچىدىكى بۇنداق قەتئى ئىرادىلىك ئىشلىرى بەك كۆپ، مەن پەقەت يۇقىرىدا دېگەن يۆنۈلۈشتە قەلەم تەۋرەتكەن بولغاچقا باشقا ئىشلىرىنى تىلغا ئېلىشقا بەك كۈچەپ كەتمىدىم.
          بەزىلەر شېڭ شىسەي قانچىلىك بىرنىمە ئىدى ، ئۇنى بەك چوڭ چاغلاپ كېتىپسىز دەپ ئىنكاس يېزىپتۇ. بۇنىسى بەلكىم راستىنلا  شۇنداق بولۇشى مۈمكىن. ئۇ ‹‹پەۋقۇلاددە تارىخىي شارائىتتىكى پەۋقۇلاددە تارىخىي شەخس ››دەپمۇ يېزىلغان.شۇنىڭغا قارىغاندا ئاشۇ تارىخىي شارائىتتا جاھاننىڭ ئىشلرى ئۇنىڭغا ئوڭ كېلىپ ، شىنجاڭنى بىر مەزگىل زىل-زىلىگە سالغان ئادەم بولۇشى مۈمكىن. ئەمما نىمىلا دېگەن بىلەن ئۇ ئاز ئەسكەر بىلەن ( مېنىڭ بىلىشىمچە 20 مىڭ ) شىنجاڭنى 11 يىل بۇلجۇتماي سورىدى.125000 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى. ئۇنىڭ ئۆلتۈرگەن ئادەملىرى ساپلا ھەرقايسى مىللەتنىڭ ئىچىدىكى سەرخىل كىشىلەر. ئۇ ئالدىغان ئادەملەر ئىچىدە سىتالىن بار . مانا مۇشۇلارغا قاراپ، سەن شېڭ شىسەي  شۇنچە كۆپ  ئادەم ۋە پارتىيىنى  ئالدىغان بىلەن بىزنىڭ مەھمۇت مۇھىتىنى ئالدىيالماپتىكەنسەن ، بۇ جەھەتتە ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمەپتىكەنسەن ، شۇنىڭغا قارىغاندا بۇ ئادەممۇ قالتىس ئادەم ئىكەن  دەپ  خۇلاسە چىقاردىم. ئۇنىڭ تېخى ياپوندىن ياردەم  تەلەپ قىلغان ئىشنى بىلمەيدىكەنمەن. بۇمۇ ئۇنى قالتىس ئادەم ئىكەن دىيىشىمىزگە يەنە  بىر ئاساس بولىدۇ. چۈنكى مەيلى شۇ ئىنقىلاپ بولسۇن، ياكى كېيىنىكى ئىنقىلاپ بولسۇن چەتئەلدىن ياردەم ئېلىش مەسىلىسىدە  بىز  پەقەت ياۋۇز ئۇرۇسلارغىلا تايانغان، پەقەت شۇلارنىلا نىجات يۇلتۇزىمىز دەپ قاراپ قالغان،باشقا دوست ئىزدەپ باقمىغان ، باشقا ئەللەردىن ياردەم ئېلىش يولىدا پەقەت ئىزىدىنىپ باقمىغان.ئەمەلىيەتتە رۇسلار بىزگە ياردەم بەرگەن دېسەكمۇ بولىدۇ. بىزنى قاقتى-سوقتى قىلغان دېسەكمۇ بولىدۇ . شۇ ئىنقىلاپتا 80 قويغا بىر مىلتىق دېگەن ئىش بار . بۇنى نەدىمۇ ياردەم دېگىلى بولسۇن! بىر مىلتىق دېگەن كىچىك بىر تال ياغاچ بىلەن ئازراق پولاتتىن ياسىلىدۇ. ھەرقانچە قىلسىمۇ ئۇنىڭ تەننەرقى ، توشۇش ھەققىنى قوشقاندىكى باھاسى ئۇنداق يۇقىرى بولمايدۇ. مۇشۇنداق تەھلىل قىلساق ئۇلار بىزگە ياردەم بەرمەي بەلكى   بىزنى قاقتى -سوقتى قىلغان بولىدۇ. دۇنيادا بىر تەرەپ - يەنە بىر تەرەپكە شەرتسىز ياردەم قىلىدىغان ئىش يوق، ياردەم دېگەن ئۆز - ئارا بولىدۇ . ياردەمنىڭ ھەممىسى شەرتلىك بولىدۇ، ياكى مەلۇم مۇددىئانى كۆزلەپ بېرىلىدۇ.رۇسلار 1958 -يىلى جوڭگوغىمۇ يۈزسىزلىك قىلىپ ، ئالدى بىلەن مۇتەخەسىسلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىپ ،كەينىدىن يەنە قەرز تۆلەتكىلى سالغان.شۇ چاغدا ئېلىمىزنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئويلاپمۇ  قويمىغان.
         ئەمدى 12- قەۋەتتىكى ‹‹بۇ گەپلەر بەكلا مۇتلەقلەشتۈرۈلۈۋېتىپتۇ.دېموكراتىك دۆلەتلەردە خەلق ھەقىقىي خوجايىن! ئۇنىڭ ئۈستىگە مىسال قىلىنغان مىسىر قۇرۇلغاندىن باشلاپ ھەربىيلەر ھاكىمىيەت سوراپ كېلىۋاتقان مۇستەبىت،قانۇنسىز دۆلەت(قانۇن ئېغىر دەرەجىدە دەپسەندە قىلىنغان دېمەكچى››دېگەن ئىنكاسقا كەلسەم بۇ ناھايىتى توغرا پىكىر. دېگىنىڭىزگە تامامەن قوشۇلىمەن. ئەسلى دېموكىراتىك دۆلەتلەردە ھاكىمىيەت سايلامدىن چىقىدۇ. بۇنى ھەممىمىز بىلىمىز. ھەربى ھوقۇق تۇتقان ئادەم نىمە دىېسە شۇ بولىدىغان ئىشمۇ يوق.بۇ پەقەت بىر قىسىم دۆلەتلەردىكىلا ئەھۋالدۇر.ئۇنداق ئەمەس دۆلەتنىڭ  تىپىك مىسالى ئامېرىكا. ئامېرىكادا بىرىنچى قول باشلىق (گەرچە ئۇ ھەربى ھوقۇقنى تۇتقان ھالەتتىمۇ) قىلىمەن دەپلا ھەممە ئىشنى قىلىپ كېتەلمەيدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى ئۇ يەردە ھوقۇق تەقسىم قىلىنىپ كەتكەن. پارلامېنتنىڭ ماقۇللىغىدىن ئۆتۈشى كېرەك. پارلامېنتتا بولسا كۆپ ئادەم بار ، مەسلىلەر بېلەت تاشلاپ قارار قلىنىدۇ. بىزنىڭ ئەھۋلىمىز ئۇنىڭغا تۈپتىن ئوخشىمايدۇ . بىزدە  ھەر دەرىجىلىك ھاكىمىيەت ئورۇنلىرىدا بىرىنچى قول قىلىمەن دەپلا ئۆزى ئويلىغاننى قىلالايدۇ. باشقىلارنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۇرەلەيدۇ. ئىش قلىلشتا توسقۇنلۇق يوق. بىمالال قىلالايدۇ.مانا بۇ بىزنىڭ تۈزۈلىمىمىزنىڭ ھەم ئارتۇقچىلىقى ھەم كەمچىلىكىدۇر.ئارتۇقچىلىقى بولۇشىدا ئادەملەرنى كەڭ سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈپ ، چوڭ -چوڭ ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ.كەمچىىلىكى بولسا ھوقۇق بەك يىغىلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن ، بىر ئادەمنىڭ دېگەنى ھېساپ بولۇپ كەتكىنى ئۈچۈن ، خاتا بولۇپلا قالسا زىينى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ،  بۇ زىيان ئاساسەن  پۇقراغا بولىدۇ.بۇنداق نىمە قىلىمەن دەپلا قىلالايدىغان ھوقۇق كونتروللىقى  چىرىكلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئەمما ھازىر تەلىيىمىزگە بۇ ئىشلاردا ئۆزگۈرۈش بولۇشقا باشلىدى.شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى  پارتىيىمىز بۇنىڭدىكى مەسلىلەرنى بايقاپ ، بۇ خىل ئەھۋلنى ئۆزگەرتىشكە باشلىدى . بۇنى ھەممىمىز  بىۋاستە ھېس قىلىۋتىمىز. ماقالىدا مەن دېگەندەك  ئوتتۇرىغا قويماي ،  مۇنداق دۆلەتلەردە ھەربى ھوقۇق كىمنىڭ قولىدا بولسا ھەممە ئىش  شۇنىڭ دېگىنى بويىچە بولدىكەن دەپ  بەك ئايرىپ كەتسەم  ، بەزى يەرلەرگە كەلگەندە يەنە نىمە دىيىشنى بىلمەي قالىدىكەنمەن. شۇڭا ئاشۇنداق دەپ ئۆتۈۇپ كېتىشكە مەجبۇر بولدۇم .ئەمما سىز ئۆز ئويىڭىز بويىچە ئەتراپلىق ئويلاپ چۈشىنىپسىز، بۇنى بەكمۇ توغرا قىلدىڭىز دەپ ئويلىدىم. سىزگە قايىللىقىم قوزغالدى.
          ماۋزۇ بەك چوڭ بولۇپ كەتتىمۇ قانداق ؟ ماۋزۇ دېگەننى تاللاپ قويغۇلۇق دېگەن ئىنكاسمۇ توغرا. سەل چوڭ بولۇپ كەتكەندەك تۇرىدۇ. ئەمما مېنىڭ ئاساسلىق دېمەكچى بولغۇنۇم ئۇنىڭ ئوق ئېتىشىدىغان ئىسسىق ئۇرۇشتا شېڭ شىسەي ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمىگەن دىيىش بولماستىن بەلكى ئەقىل پاراسەت ئىشلىتىش ئۇرۇشىدا تەڭ كېلەلمىگەن دىيىش ئىدى. ئەگەر تېما ئوقۇرمەنلەرنى ئاشۇنداق توغرا  تونۇشقا كەلتۈرەلمىگەن بولسا ئۇ ھالدا بۇ مەندىكى مەسلە بولغان بولىدۇ.
           ۋاقىت ئېتىبارى بىلەن يەنە باشقا ئىنكاسلار ئۈستىدە جاۋاپ يېزىپ بولالمىدىم. توغرا چۈشىنىشڭلارنى سورايمەن.
       توردا ماقالا ياكى تېما يازغاندا  مېنىڭ مۇنداق بىر قانچە پىرىنسىپىم بار.  بۇلاردا بۇندىن كېيىن چىڭ تۇرىمەن .
.1،ئىلىم مەسلىلەردە  ساختىلىق قلىشقا بولمايدۇ.
. 2،تارىخىي مەسلىلەردە ھېسسىياتقا بېرىلپ گەپ قلىشقا بولمايدۇ.
.3، ئادەم ئۆزىنىڭ دېگەن سۆزىگە ئىگە بولمىسا بولمايدۇ.
          قىسقىسى مەن بىر ئادەتتىكى ئادەم. بىلىدىغىنىممۇ ئىنتايىن ئاز. ئەمما مۇشۇنداق مەسىلىلەردە ئويلاشنى،تەپەككۇر قىلىشنى ، تەجرىبە -ساۋاقنى قوبۇل قىلىپ، كېيىنىكى  قەدەمىنى پۇختىراق ئېلىشنى ياخشى كۆرىمەن.  مۇنبەر بىز  پىكىر ئالماشتۇرىدىغان ، سىردىشىدىغان ، كۆزقاراش ئالماشتۇرۇدىغان سەھنە. بۇندىن كېيىنمۇ مەن يازغان يازمىلارغا قارىتا دوستلارنىڭ كۆپرەك پىكىر بېرىپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.ئۆزەممۇ بۇندىن كېيىن يازغانلىرىمغا تېخىمۇ ياخشى ئىشلەپ، ئالدىراپ ئېلان قىلىشنى توختىىپ ، خاتالىقلاردىن ئامالنىڭ بارىچە ساقلىنىشقا  تىرىشىمەن . بولسا  ھەممىمىز بۇ سەھنىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، بىلگەنلىرىمىزنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇپ ، بىلمىگەننى ئۆزئارا  تولۇقلاپ، تۈزىتىشىپ، ئورتاق ئالغا باسايلى.
       ئىنكاس يېزىپ پىكىر بەرگەن يولداشلارنىڭ ھەممىسگە رەخمەت.
             2015-يىلى 1- ئاينىڭ 26- كۈنى سەھەر.   
         

5

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2547
يازما سانى: 736
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2588
تۆھپە : 2694
توردىكى ۋاقتى: 911
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-26 18:05:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  سەمىمىلىكىڭىزگە رەھمەت ، قارىغاندا بىز بىلەن تەڭ ئوخشايسىز ............
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

19

دوست

3974

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   65.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14768
يازما سانى: 435
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 34
تۆھپە : 1149
توردىكى ۋاقتى: 197
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-27 19:58:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما  يوللىسا  سىزدەك يوللىسا  دەيمەن    ،   ئانچە-مۇنچە  ئىنكاسلارنى  كۈرۈپ  قويغۇلۇق  .

0

تېما

1

دوست

3658

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   55.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31660
يازما سانى: 442
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1072
توردىكى ۋاقتى: 272
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-27 20:39:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   YOQSUL تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-27 20:42  

تېما ئېگىسى بولغان بۇ قېرىندىشىمىز ھەقىقەتەن مەسئولىيەتچان ئىلىم ئىگىسى ئىكەن.
مەشھۇرلىرىمىز ھەققىدە يەنىمۇ كۆپرەك ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!

2

تېما

4

دوست

7443

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   48.86%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3054
يازما سانى: 416
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1131
تۆھپە : 1525
توردىكى ۋاقتى: 448
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-27 21:07:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكۇم!

ماقالىدىن سەمىمىلىك چىقىپ تۇرۇپتۇ، تەسىرلەندىم.

يېزىشنى باشلىۋالغان ئوخشايسىز، خوشال بولدۇم.

0

تېما

2

دوست

4035

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   67.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14973
يازما سانى: 304
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 1218
توردىكى ۋاقتى: 169
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-27 22:08:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلامۇ ئەلەيكۇم  تارىخى تىمىلىرىڭىز ئۇزۇلۇپ قالمىسۇن

0

تېما

0

دوست

414

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33818
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 124
توردىكى ۋاقتى: 20
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-27 22:19:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
.ئم،.ئ،ئ،من،من،بمنۈب

0

تېما

0

دوست

414

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33818
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 124
توردىكى ۋاقتى: 20
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-27 22:21:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوۋ ..................... كەچۈرۈڭلار . قايسى كۈنى ئىنكاس يازسام ماڭمىغانتى .........
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )