- تىزىملاتقان
- 2011-3-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 31885
- نادىر
- 18
- يازما
- 1028
ئۆسۈش
54.71%
|
ئابدۇللاخان مەخسۇم ۋە <<مىڭ بىر كېچە>>
بوزقىر
«مىڭ بىر كېچە»ئەرەبلەرنىڭ دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە كاتتا ئەسىرى.بۇ ئەسەر تارىخىنىڭ ئۇزۇنلۇقى،تىلىنىڭ رەڭدارلىقى،ۋەقەلىكىنىڭ قىزىقارلىقى ۋە مەزمۇنىنىڭ موللىقى بىلەنلا ئەمەس،يەنە تارقىلىش دائىرسىنىڭ كەڭلىكى بىلەنمۇ مەشھۇردۇر.
<<مىڭ بىر كېچە>>دۇنياغا كەلگەندىن كېيىن نۇرغۇن تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ، دۇنيادىكى ھەر قايسى مىللەتلەر قىزىقىپ ئوقۇيدىغان ئەسەر بۇلۇپ كەلدى. جۈملىدىن بۇ ئەسەر ئۇيغۇرلارغا ئەڭ دەسلەپ 18-ئەسىردىلا تەرجىمە قىلىپ تۇنۇشتۇرۇلدى.بۇ ئەسەرنى تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغۇچى ئاقسۇ دىيارىدىن يىتىشىپ چىققان يىتۈك ئەدەبىي تەرجىمان ئابدۇللاخان مەخسۇمدۇر.
ئەپسۇسلىنارلىقى ئابدۇللاخان مەخسۇمنىڭ ئاقسۇنىڭ قايسى يېرىدە قاچان تۇغۇلۇپ،قاچان ۋاپات بولغانلىقى ۋە باشقا ھايات پائالىيەتلىرى ھەققىدە بىزدە ھازىرغىچە ئىنىق مەلۇمات يوق.بىراق《مىڭ بىر كېچە》نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭ بېشىغا بىرىلگەن 《مۇھەممەد بىننى ئابدۇللاخان مەخسۇم ئاقسۇرى تەرجىمىسى》⑴دىگەن سۆزلەردىن مۇشۇ ئەسەرنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغۇچىنىڭ تۇلۇق ئىسمىنىڭ مۇھەممەد بىننى ئابدۇللاخان مەخسۇم ئىكەنلىكىنى،ئاقسۇدا ياشاپ ئۆتكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرەلەيمىز.تەرجىمە ئەسەرنىڭ تىل ئۇسلۇبىغا ئاساسەن تەرجىماننىڭ زامان جەھەتتىن 18-ئەسىرگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ھۆكۈم قىلىش مۇمكىن⑵.
ئوقۇرمەنلەرگە ئىنىقكى،《مىڭ بىر كېچە》ئەرەب خەلىقىنىڭ قەدىمقى ئەقىل- پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى.ئۇ يىراق قەدىمكى دەۋرلەردە يۈز بەرگەن تۈرلۈك ئىشلار يۈكسەك بەدىئىي ماھارەت بىلەن يېزىپ چىقىلغان سەرخىل خەلىق ئەدەبىيات غەزىنىسىدۇر.بۇ ئەسەر ھەرخىل رىۋايەت ۋە چۆچەكلەر ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيا ئوقۇرمەنلىرىگە ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئەرەبلەرنىڭ ئىجدىمائىي تۇرمۇشى ۋە ئەرەب دۇنياسىنى نامايەن قىلىپ بەرگەن،دۇنيا ئەدەبىياتى تارىخىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان مەشھۇر كىلاسسىك ئەسەر.
ئەنە شۇنداق دۇنياغا مەشھۇر،زور ھەجىمدىكى مۇرەككەپ ئەسەرنى ئەرەب تىلىدىن بىۋاستە ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ چىقىشنىڭ ئۆزىمۇ ناھايتى مۈشكۈل ئىش سانىلاتتى.ئۇ،تەرجىماندىن ئەرەب تىلىغا ناھايتى پىششىق بۇلۇش بىلەنلا قالماي،يەنە ئەرەبلەرنىڭ تارىخى،مەدىنيىتى،ئۆرۈپ-ئادەتلىرى بىلەن پىششىق تۇنۇشۇشنى،ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنى پۇختا ئىگەللىگەندىن سىرت، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ پىروزا ۋە پوئېزىيە شەكلىدە پىشقان قەلەم ساھىبى بۇلۇشنى تەلەپ قىلاتتى.
ئابدۇللاخان مەخسۇم يۇقىرىقىدەك ئىقتىدارلارنى ئۆزىدە تۇللۇق ھازىرلىغانلىقى ئۈچۈن،ئۇ تەرجىمە قىلغان《مىڭ بىر كېچە》ناھايتى مۇۋاپىقىيەتلىك چىقىپ، ئۇيغۇر كىتابخانىلار ئارىسىدا ناھايتى ياخشى تەسىر قوزغىغان ھەم ئۇلار سۈيۈپ ئوقۇيدىغان ئەسەر بۇلۇپ قالغان.
ئابدۇللاخان مەخسۇم بۇ ئەسەرنىڭ تەرجىمىسىگە ناھايتى ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلغان بۇلۇپ،تەرجىمە جەريانىدا ئوبرازلىق،جانلىق،نەپىس،راۋان تىللارنى تاللاپ ئىشلەتكەن ھەم زۈرۈر تېپىلغاندا شەرھى-ئىزاھلارنىمۇ بىرىپ ئۆتكەن. قىسقىسى،ئۇ تەرجىمە قىلغان《مىڭ بىر كېچە》ئەسلى تېكىستكە سادىق بۇلۇش،تىلى راۋان بۇلۇش ۋە شەرھى-ئىزاھاتلىرى تۇلۇق بۇلۇشتەك ئۈچ ئالاھىدىلككە ئىگە.ئۇ تەرجىمە جەريانىدا ئىشلەتكەن زور مىقداردىكى سۆز- جۈملىلەر چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنى تەتقىق قىلىشتا زور ماتىرىيال قىممىتىگە ئىگە.
-18 ئەسىردە ئابدۇللاخان مەخسۇم تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان بۇ ئەسەر 20- ئەسرنىڭ كىيىنكى يېرىمىدا رەسمىي تۈردە ئۇيغۇرچە نەشىر قىلىنىشقا پۇختا ئاساس سالدى،يەنى 80-يىللاردا شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى تەرپىدىن نەشىر قىلىنغان《مىڭ بىر كېچە》دەل ئابدۇللاخان مەخسۇم 18-ئەسىردە تەرجىمە قىلغان نۇسخا ئاساسىدا قايتىدىن رەتلىنىپ نەشىرگە تەييارلانغان.
كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى،مۇھەممەد بىن ئابدۇللاخان مەخسۇم ئۆز زامانىسىدىكى ئەرەب تىلىنى پىششىق بىلىدىغان،بىلىم دائىرسى كەڭ،ئەرەبلەرنىڭ تۇرمۇشى ۋە ئۆرۈپ-ئادەتلىرىنى پىششىق ئىگىللىگەن تالانىتلىق ئەدەبىي تەرجىمان،ئۇ ھەقىقەتەنمۇ ئۇيغۇر ئەدەبىي تەرجىمە تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتۇشقا تىگىشلىك نامايەندىدۇر.
ئابدۇللاخان مەخسۇمنىڭ ھاياتى ۋە ئەدەبىي تەرجىمە ئىجادىيىتى ھەققىدە يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىش ناھايتى ئەھمىيەتلىك ئىش سانىلىدۇ،ئەلۋەتتە.
ئىزاھات:
>> ⑴⑵ غەربىي يۇرت تەرجىمە تارىخى>> :شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى نەشىرىياتى 1997-يىل خەنزۇچە نەشىرى.
مەنبە : <<كىتاب مۇنبىرى>> ژورنىلىنىڭ 1999-يىلى 1-2-سانى.
|
|