قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1432|ئىنكاس: 6

ئەلكۈن: قارا قاغا ۋە ئاق قاغا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

15

تېما

18

دوست

4464

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   82.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14288
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 15
مۇنبەر پۇلى: 150
تۆھپە : 1788
توردىكى ۋاقتى: 225
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-27 08:07:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ezimi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-27 08:08  


قارا قاغا ۋە ئاق قاغا

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن


(بىر شائىرەنىڭ شىېئرىسىنى ئوقۇغاندىن كېيىن)

قارا قاغا-
ئاق قاغا ۋە نامەلۇم قاغا...
ياشىغان ماكانىمغا كەل!
يېنىشىڭدا ئېلىپ كەت  -
يۇلغۇنلۇققا كۆمۈۋەت
سەن تۆنۈگۈن ئوغرىلىغان –
تۇخۇم ئەمەس -
ئىسمى ئۇنىڭ ھەسىرەت!

نازۇك بىر دىل-                    
چولپان بىلەن تەڭ ئۆلىدۇ
كۈن پېتىشتا كۈلىدۇ.
كېچىسى تىنجىماس
كونا خاماندا شامالجان
داپ ئۇسۇلىغا
سۆيگىنىنى كۈتىدۇ!

قارا قاغا -
يىراققا ئۇچۇپ كەت ئەبەت.
'بارسا كەلمەس’ يولنى تاللاپ
ئۇنتۇما ئېلىۋېلىشنى  -
قانىتىڭغا
تۈنۈگۈننىڭ ھەسرىتىنى باغلاپ.
ئەجەپ ئەمەس
مۇڭدا قېتىپ قالغان جاڭگالدىن
بىر مەھەل يوقالسا مۇسىبەت!

مەيلىم مېنىڭ ھەم ئەمەس
كېلەمدۇ شۇنداق بىر كۇن
قاغىلار ئاۋازى ئاڭلانمايدىغان
قۇزغۇنلار ئاسمىنىڭدا پەرۋاز قىلمايدىغان
تال چىۋىقنى ئات ئېتىپ -
قوۋزاقتىن يىپ ئېتىپ
نەۋرەم بىلەن
گاھىدا مومىيىم بىلەن
مەن “مۆكۇ - مۆكۈلەڭ ” ئوينايدىغان!

كېلىدۇ ئۇزاق ئەمەس -
تال چىۋىق ئۈستۈرگەن قېرى سۈگەت -        
شاخلىرى مازارغا بولىدۇ شادا.
قەبرە بېشىنى -
قاغا - قۇزغۇنلار ماكان قىلىدۇ.
چۆل كۈيىگە نەغمە چالىدۇ
ئۈچ باخشىنىڭ كۆلەڭگۇسى....
ياڭرايدۇ قايتىدىن ناۋا
روھتىن كېلىدۇ سادا!

كونا مازاردا قىسمەت -
ئۇنتۇلمىغان ھەقىقەت.
كۆيۈۋاتىدۇ مىڭ يىللىق توغراق كۆتىگى
بىز سۆيگەن - سۆيۇلگەن
زېمىننى باغاچلاپ ئەبەت.

شۇڭا خورلانغان روھ شاتلىنىدۇ …
چول گۈلى يانتاق بولۇپ
ھەر يىلى باھار كەلسىە
چېچەكلەرگە پۈركىنىدۇ!

ئاق قاغا ۋە نامەلۇم قاغا
دىل سىرىم ساڭا بولدى بايان -  
چولپان يورۇغاندا
بىر چۈش كۆرۈپتىمەن …
ئىزتىراپقا پېتىپتىمەن
كۆك تەڭرىم قۇياش بىلەن دىدارلاشقىدەك -
ئارمىنىم كۆتەردى شۇئان غەلىيان …
ئېھ يار
تېخى بىز ئۇنتۇلۇشماپتۇق -
سېنى كۆرمەككە يول ئاپتىمەن!

ئاق قاغا ۋە نامەلۇم قاغا
بۈگۈن كۈن پېتىشتىن  -
توخۇلار قونداققا چىقىشتىن
بۇرۇن كەل.
قاقىلداشلىرىڭنى ...
ئاڭلايدۇ -
دىلىڭنى - تىلىڭنى چۈشىنىدىغان
سەن بىلەن بىر جاڭگالدا
ھۇقۇش بىلەن خۇشى قالمىغان
قۇملۇقتىكى بۇ ئەل!

2015- يىلى، 25- يانۋار، لوندون.








0

تېما

6

دوست

819

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   63.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31459
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 250
توردىكى ۋاقتى: 52
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-27 16:57:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شىئىر ئەمەس شۇنداقمۇ
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

8

تېما

0

دوست

1737

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   73.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8879
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 262
تۆھپە : 363
توردىكى ۋاقتى: 70
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-27 17:32:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېئىر بولمىسا نىمە؟

12

تېما

0

دوست

1060

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11234
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 29
تۆھپە : 306
توردىكى ۋاقتى: 37
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-27 17:36:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزدە قانچە تۇتۇق بولسا شۇنچە شېئىر بولىدۇ دەيدىغان قاراش سەل مەۋجۇت .بۇ شېئىر ئىككەن مەناسى كەڭ

0

تېما

0

دوست

180

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   60%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24568
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 42
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-11
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-28 15:29:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

0

تېما

1

دوست

2603

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   20.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15155
يازما سانى: 248
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 27
تۆھپە : 776
توردىكى ۋاقتى: 179
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-28 22:22:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزەمچە بىر خىياللادا بوپ كەتتىمغۇ چۈشۈنۇپ چۈشەنمەي ئاپتورغا رەخمەت

0

تېما

0

دوست

425

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   62.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30837
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 122
توردىكى ۋاقتى: 21
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-30 01:09:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپىرىن !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )