بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bilimhumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-27 15:03
يېقىندا بىر كومېتاغا قونغان تەكشۈرۈش ماشىنىسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى
بىلىمخۇمار
2015-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى
ناسا مەركىزى ج پ ل (Jet Propulsion Laboraty) دە، يەنى مەن ئىشلەيدىغان ئىدارىدە، 2015-يىلى 26-يانۋار كۈنى (يەنى بۈگۈن) نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا بىر كومېتانىڭ قېشىغا بېرىپ، ئاشۇ كومېتانى ئوربىتلاشنى باشلىغان ئالەم ئۇچقۇرى ۋە ئاشۇ كومېتاغا قونغان بىر تەكشۈرۈش ماشىنىسىنىڭ ئەھۋاللىرى ئۈستىدە بىر ئىلمىي دوكلات بېرىلدى. دوكلات بەرگەن كىشى بىزنىڭ ئىدارىنىڭ خادىمى دوكتۇر «پول ۋېيىسمەن» (Paul Weissman) بولۇپ، ئۇنىڭ ج پ ل دە ئىشلەۋاتقىنىغا ھازىر 40 يىلدىن ئېشىپتۇ. ئۇ ھازىر مەزكۇر پروجېكت تۈرىنىڭ بىر «كۆپ خىل پەننىي ساھە مۇتەخەسسىسى» (Interdisciplinary Scientist) ئىكەن.
مەزكۇر قۇرۇلۇش «روسېتتا قۇرۇلۇشى» (Rosetta Mission) دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئالەم ئۇچقۇرىنىڭ ئىسمى «روسېتتا»، كومېتانى تەكشۈرۈش ماشىنىسىنىڭ ئىسمى «پھىلى» (Philae) دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ماشىنىلارنى ياۋروپا ئالەم تېخنىكىسى مەركىزى ياساپ چىققان بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇشقا ناسا مۇ قاتناشتى. روسېتتا ئىنگلىزچە « Comet 67P/Churyumov-Gerasimenko» ياكى قىسقارتىلىپ «Comet 67P» دەپ ئاتىلىدىغان كومېتاغا 2014-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى يېتىپ بارغان بولۇپ، ئۇ كۆتۈرۈپ ئاپارغان «فىلى» ئىسىملىك ماشىنا مەزكۇر كومېتاغا 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى قوندى. بىر ماشىنىنىڭ بىر كومېتاغا قونۇشى تارىختا مۇشۇ قېتىم تۇنجى قېتىملىق ئىش بولۇپ، فىلىنى كومېتاغا قوندۇرۇش ئىشىغا ناسا غا ۋاكالىتەن ياردەملەشكەنلەرنىڭ ئىچىدە بىزنىڭ ئىدارىدىكى بىر قارا-تەنلىك ئايال مۇتەخەسسىسمۇ بار.
1-رەسىم: كومېتاغا قونغان «فىلى» ئىسىملىك تەكشۈرۈش ماشىنىسى [1].
روسېتتا 2004-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ كومېتا 67پ غا يېتىپ بېرىپ، ئۇنىڭ ئوربىتىسىغا كىرىشى ئۈچۈن 10 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت كەتتى. ھازىر ئۇ 510 مىليون كىلومېتىر يىراقلىقتىكى يەر شارى يۈزىدىن كونترول قىلىنىۋاتىدۇ [2]. يەر شارىدىن ماڭدۇرغان سىگنال روسېتتاغا 28 مىنۇتتا يېتىپ بارىدۇ.
كومېتا 67پ ئەڭ تېز ماڭغاندا ھەر سېكۇنتىغا 38 كىلومېتىر ئارىلىققا ماڭىدۇ.
فىلى كومېتا 67پ غا قونغاندا كومېتانىڭ بىر كۈن چۈشمەيدىغان قاراڭغۇ ئويمانلىقىغا قونۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ قۇياش نۇرىدىن توك چىقىرىدىغان قۇرۇلمىسى ئىشلىمەي قالدى. ئۇ دەسلەپتە يەر يۈزىگە بىر قىسىم ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈپ بەرگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن سىگنال ئىۋەرتىشتىن توختاپ قالدى. ياۋروپا ئالەم تېخنىكىسى مەركىزى ھازىر روسېتتادىن پايدىلىنىپ، فىلىنى داۋاملىق ئىزدەۋاتىدۇ [1].
2-رەسىم: كومېتا 67پ ئۈستىدىكى فىلى قونغان قاراڭغۇ رايون.
3-رەسىم: روسېتتا تارتقان كومېتا 67پ نىڭ بىر كۆرىنىشى.
4-رەسىم: قۇياش سىستېمىسىدىكى 8 پلېنەتا
قۇياش سىستېمىسىدىكى قۇياشقا ئەڭ يىراق پلانېتا نەپتۇننىڭ نېرىسىدا «كۇيىپېر بەلۋىغى» (Kuiper belt) دەپ ئاتىلىدىغان بىر بەلۋاغ بار بولۇپ، ئۇ بەلۋاقتا كۆپلىگەن كومېتاغا ئوخشاش تاش ۋە مۇزدىن تۈزۈلگەن كائىنات جىسىملىرى بار. ئۆز-ئارا سوقۇشۇش ۋە قۇياشنىڭ تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش سەۋەبلىرى بىلەن، ئاشۇ كائىنات جىسىملىرىنىڭ بەزىلىرى قۇياشقا يېقىن بولغان يېڭى ئوربىتلارغا كۆچىدىغان بولۇپ، كومېتا 67پ مۇ ئاشۇ بەلۋاغدىن كەلگەن، دەپ قارىلىدۇ. ھازىر كومېتا 67پ مارس بىلەن يۇپىتېرنىڭ ئارىلىقىدىكى بىر ئوربىتىدا ئايلىنىدۇ.
قۇياش سىستېمىسىدىكى كۈنگە يېقىن 4 پلانېتا قاتتىق تاشتىن تۈزۈلگەن تاش-پلانېتىلار بولۇپ، قالغان 4 پلانېتا «يوغان گاز پلانېتىلار» دەپ ئاتىلىدۇ. يەنى ئۇلار ئاساسەن گازدىن تۈزۈلگەن. كومېتا 67پ نىڭ قۇياش بىلەن بولغان ئارىلىقى قۇياش بىلەن يەر شارى ئارىلىقىنىڭ تەخمىنەن 3.5 ھەسسىسىگە تەڭ بولغاچقا، بۇ كومېتا يەر شارىنىڭ بۇنىڭدىن 4.54 مىليارد يىل بۇرۇن قانداق شەكىللەنگەنلىكىنى تەتقىق قىلىشتا زور قىممەتكە ئىگە، دەپ قارالماقتا. يەنى، بۇ كومېتا تاش بىلەن مۇزدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇمۇ يەر شارى بىلەن ئوخشاش ۋاقىتلاردا شەكىللەنگەن. ئەمما بۇ كومېتا كۈندىن ناھايىتىمۇ يىراق بولغاچقا، ئۇنىڭ تۈزۈلىشى ئەسلىدىكى قىياپىتىنى شۇ پەتى ساقلاپ قالغان. ئالىملارنىڭ مەزكۇر تەكشۈرۈش تۈرى ئۈچۈن كومېتا 67پ نى تاللىشىدىكى سەۋەب ئەنە شۇ. يەنى ئۇلار كومېتا 67پ نى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، يەر شارى ۋە بىزنىڭ قۇياش سىستېمىمىز يېڭىدىن شەكىللەنگەن ۋاقىتتىكى بىر قىسىم قىممەتلىك ئۇچۇرلارغا ئېرىشمەكچى.
گەرچە فىلى يەر يۈزىگە ئۇچۇر ماڭدۇرۇپ بېرەلمەيۋاتقان بولسىمۇ، ئۇ كومېتا 67پ نىڭ ئۈستىدە ئاشۇ كومېتا بىلەن قۇياشنىڭ ئېتىراپىدا ئايلىنىۋاتىدۇ. ھەمدە روسېتتامۇ فىلىنى توختىماستىن ئىزدەۋاتىدۇ.
5-رەسىم: كومېتا 67پ نىڭ پۈتۈن كۆرىنىشى.
ئەسكەرتىش: ئۈرۈمچىنىڭ ۋاقتى بىزنىڭ ۋاقتىمىزدىن 14 سائەت بالدۇر بولۇپ، ھازىر بىزدە دۈشەنبە كۈنى كەچ سائەت 10 بولدى. ئۈرۈمچىدە بولسا سەيشەنبە ئۈرۈمچى ۋاقتى چۈش سائەت 12 بولدى.
پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:
[1] It's been two months and scientists still haven't found Rosetta's Philae lander
<http://www.blastr.com/2015-1-6/i ... s-philae-lander>
[2] Touchdown! Rosetta’s Philae probe lands on comet
<http://www.esa.int/Our_Activitie ... _lands_on_comet>
[2] Kuiper belt
<http://en.wikipedia.org/wiki/Kuiper_belt>
|