قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 893|ئىنكاس: 0

ل.تولىستوي بىلەن كۆرۈشىمەن دەپ ئاخماق بولۇش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

12

تېما

0

دوست

1060

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11234
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 29
تۆھپە : 306
توردىكى ۋاقتى: 37
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-28 01:33:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ل.تولىستوي بىلەن كۆرۈشىمەن دەپ ئاخماق بولۇش
نارفو (مىكسىكا )

ئالىپ ئوغۇز تەرجىمىسى
   1890ـ يىلى پارىژدىكى ۋاقتىمدا يېقىن ئۆتىدىغان بىر دوستۇم بىلەن ئۇستاز لورت(1)ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى تۇرىۋاتقان ئىشخانىغا زىيارەتكە باردۇق .باھالىغۇچىلار كومىتىتى باھالىغۇچىلارنىڭ تىزىملىكىنى ئاللا بۇرۇن بېكىتىپ بولغان ئىدى .فرانسىيە خېلى تەسىرى بار بىر ھەيكەلتاراش ماڭا سەنئەت ئەسەرلىرىنى باھالىغۇچىلارنىڭ تىزىملىكىنى كۆرسەتتى . مەن بۇ تىزىملىككە كۆز يۈگۈرتۈۋېتىپ تۇساتتىن ‹‹ تولىستوي كىنەز ›› دېگەن ئىسىمنى بايقاپ قېلىپ قاتتىق ھاياجانلىنىپ كەتتىم .شۇنىڭ بىلەن يېنمدىكىلەردىن : ـ  تولىستوي بۇ يەردىمۇ ؟ـ دەپ سورىدىم .بىرى : ـ  شۇنداق،  ئۇ بۈگۈن پارىژغا كەلدى ،ـ دېدى . مەن يەنە :ـ ئۇ نەدە تۇرىدۇ ؟ـ دەپ سورىدىم .ئۇ :ـ  مەن ئۇنىڭ نەدە تۇرىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن ، لېكىن ئۇ ھەركۈنى سەھەردە سەنئەت سارىيىغا كېلىدۇ ،ـ دەپ جاۋاب بەردى .
ئېڭىمدا پەقەت ‹‹تولىستوي ،تولىستوي ...››دېگەن سادالا كېزەتتى . قەلبىم ھاياجاندا ئاجايىپ ئوي ـ خىياللارغا غەرىق بولۇپ ئۆز ـ ئۆزۈمگە :‹‹ مەن بۇ پۈرسەتنى قولدىن بېرىپ قويسام بولمايدۇ ،مەن چوقۇم تولىستوي بىلەن كۆرۈشىشىم كېرەك! مەن چوقۇم كۆرۈشىمەن ! مەن ئۇنىڭ بارلىقىنى  مېكسىكىلىق بۇرادەرلىرىمگە دېيىشتىن قىزغىنىمەن ، چۈنكى ئۇلار تولىستوي بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ھەممە پۇلىنى دوغا تىكىشتىن يانمايدۇ ،›› دەيتتىم .روھىمدا ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە ئىپادىلەنگەن قايناق ھېسياتقا  تولغان ئۇلۇغۋار مەنزىرىلەر  بىر بىرلەپ ئايان بۇلاتتى .
شۇ كېچىسى زادى ئۇخلىيالماي ئاخىر: ‹‹ سەن تولىستوي بىلەن كۆرۈشىش ئالدىدا تۇرغان ئىكەنسەن ،ئەلۋەتتە كۆزۈڭنى يۇمالمايسەن ـ دە ، بۇ مۇقەرەرلىك ،›› دەپ ئۆزۈمگە تەسەللى بەردىم . خىيالىمدا ‹‹ ئىبران مۇرتلىرى ››(2)ماڭا قاراپ :‹‹ پۇللىرىڭنى يوقسۇزلارغا بەرگىن  !››دىسە ، مەن ئۇلارغا :‹‹ ئۇستاز بىلەن كۆرىشىش مۇھىم . مەندە پۇل يوق ،››دەپ جاۋاب بېرەتتىم  .
تاڭ ئاتقاندا مەن تولىستوي بىلەن كۈرىشىشكە ماس كېلىدىغان كىيىملىرىمنى كىيىپ بولۇپ ناشتىغا ئولتۇراي دېگەن ۋاقتىمدا تۇساتتىن كاللامغا :‹‹ بەلكىم ،ئۇ ئەتتىگەنلىك ناشتىنى قىلماسلىقى مۆمكىن ،›› دېگەن خىيال كەلدى .شۇنىڭ بىلەن ئالدىراپ ـ تىنەپ سەنئەت سارىيىغا قاراپ ئاتلاندىم . مەن سەنئەت سارىيىغا كىرىپلا  مۇلازىمدىن تولىستوينى سۈرۈشتۈرۈشكە باشلىدىم :
ـ باھالىغۇچىلار كەلدىمۇ ؟
ـ ھە، كەلدى .
ـ تولىستوي ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بارمۇ ؟
مەن ئۇنى تونۇمايدىكەنمەن .
ـ ئۇ ئېگىز بويلۇق،  ساقىلى ئۇزۇن ھەم ئاقارغان ،قاش ـ كىرپىكلىرى قويۇق  كەلگەن ئادەم .
ـ نېمە ؟ تولىستوي بور مىللىتىدىنمۇ ؟ (3)
ـ ياق ئەپەندى ، ئۇ روسىيىلىك .
ـ نەلىك بولىشىدىن قەتئىي نەزەر مەن ئۇنى تونۇمايدىكەنمەن .
ـ تولىمۇ ئەپسۇس  .
دەل شۇچاغدا مەن تونۇيدىغان بىر رەسسام كېلىپ قالدى . مەن ئۇنىڭدىن سۈرۈشتۈرۈشكە باشلىدىم :
ـ باھالىغۇچىلارنى كۆردىڭىزمۇ ؟
ـ شۇنداق ئەپەندى .
ـ ئۇنداقتا تولىستوي ئۇلار بىلەن بىللىمۇ ؟
ـ بىللە ، بىراق ئۇلار ئەرتە يەنە كېلىدۇ ،ـ دېدى ئۇ .
مەن ئۇنىڭ جاۋابىنى ئاڭلاپ: ‹‹ ئاھ خۇدا ! يەنە بىر كۈن . نېمە بولغىنى بۇ ؟ مەن ئەمدى تولىستوينى كۆرەلمەسمەنمۇ ؟ بۇ نېمە دېگەن نەس باسقانلىق ،››دىدىم ئەلەم بىلەن ئىچىمدە .
ئەتىسى مەن سەھەردىلا سەنئەت سارىيىغا بېرىپ تولىستوينى سۈرۈشتە قىلدىم .ئالاقىدار خادىملار ماڭا ئۇنىڭ باھالىغۇچىلار بىلەن بىللە ئىككىنچى قەۋەتتىكى زالدا ئىكەنلىكىنى  ، ھازىر چىقسام تازا مۇۋاپىق  پەيتى ئىكەنلىكىنى يەتكۈزۈشتى .مەن ئالدىراپ ئىككىنچى قەۋەتتىكى زالغا چىققىنىمدا ،باھالانغۇچىلارنىڭ زالنىڭ بىر بۇلۇڭىدا پاراڭلىشىپ تۇرغانلىقىنى كۆردىم .ئۇلارنىڭ ئارىسىدا  قېرىپ كەتكەن ئورمان ئىلاھىدەك  ساقىلى ئۇزۇن  بىر ياشانغان كىشى تۇراتتى . تولىستوي بۇ تۇرقىدا ماڭا  بىرەر تال مېۋە قېقى يەۋالمىسا ھازىرلا ئايلىنىپ كېتىدىغاندەك بىلىندى .ماڭا بىردىن ـ بىر تەسىر قىلغىنى ئۇنىڭ تەقى ـ تۇرقى تولىمۇ سالماق ئىدى .مەن تۆۋەن ئاۋازدا ئۆزۈمگە :‹‹ ئۇ نېمدنداق پاكار .تۇرقى ئادەتتىكى ياشانغان بوۋايلارغا ئوخشايدىكەن ،››دىدىم .ھەقىقەتەن  ئۇ مېنى قىلچە تەسىرلەندۈرەلمىدى .مەن سالماقلىق بىلەن ئۇنىڭغا قاراپ :
ـ ئۇستاز ...!
ـ ئەپەندى .
ـ خالامدىكەنسىز ! ! سىزنىڭ كىتابىڭىزدىكى كىشىنى تاڭ قالدۇرىدىغان بارلىق كەچۈرمىشلەرنى بېرىلىپ ئوقۇپ چىققان مەندەك ئاددى بىر مېكسىكىلىق يازغۇچى بىلەن ...
ـ مېنىڭ كىتابىمدىمۇ ؟
شۇنداق ئەپەندى ، سىز تولىستوي ئەمەسمۇ ؟
ـ ئەپەندى ، مەن سىزگە تولىستويدەك تۇيغۇ بېرەلمىسەممۇ ،ئەمما بىر دۇرۇس ئادەم بولۇش قولۇمدىن كېلىدۇ .
ـ مەن سىزنى ئۇنىڭغا يەتمەيدۇ دېمەكچى ئەمەس ،لېكىن سىز ئۇنى تۇنارسىز ؟
ـ مەن ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقىغان .
ـ ئۇ بۇ يەردە يوقمۇ ؟
ـ يوق .
ـ بۇ يەردە چوقۇم بار .
ـ تولىستويمۇ؟
ـ شۇنداق،  تولىستوي .
ـ خاتالىشىپ قاپسىز ئەپەندى .
ـ لېكىن مەن باھالىغۇچىلار تىزىملىكىدىن ئۇنىڭ ئىسمىنى ئېنق كۆرگەن تۇرسام .
ـ ھە بىلدىم ،ئۇ باشقا بىر تولىستوي كىنەزنىڭ نەۋرە ئىنىسى .ئۇ قوشۇمچە ئويمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ .
مەن پۈتۈنلەي ئۈمىتسىزلەنگەن ھالدا ئۇنىڭغا :‹‹ رەھمەت ››دەپ سەنئەت سارىيىدىن يېنىپ چىقىپ ،بۇندىن كېيىن ھەرقانداق داڭلىق شەخىسلەر بىلەن كۆرىشىش ئويىدا بولماسلىق نىيىتىگە كەلدىم .مەلۈم  كۈنى چۈشتە بىرى مېنىڭ يىنىمغا كىرىپ :‹‹زولا كەپتۇ ،›› دېگەن  خەۋەرنى ماڭا يەتكۈزدى .مەن ئۇنىڭغا قىزىقمىغان تەلەپپۇزدا : ‹‹ ئۇ باشقا بىر زولا بولىشى مۆمكىن .ھەقىقى زولانىڭ ئىنسى بولغان تەقدىردىمۇ ئۇ يەنىلا يالغان ،›› دەپ جاۋاب بەردىم  .
(1)لورت ( 1917   ـ 1840  ) فىرانسىيەلىك ھەيكەلتاراش .
(2)  كونا ئەقىدىلەرنى  تەرغىب قىلغۇچى خىرستىيان مۇرتلىرى
(3)ئافرىقىنىڭ جەنۇبىدا ياشايدىغان شوتلاندىيەلىكلەرنىڭ ئەۋلاتلىرى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )