بۇ يازمىنى ئاخىرىدا esilzad تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-29 13:15
«ئۇرۇش ئىلاھى» ئەمىر تۆمۈرنىڭ ئەپسۇنى ۋە ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى
ئەمىر تۆمۈرنىڭ ئەپسۇنى دۇنيادىكى داڭلىق قارغىشلارنىڭ بىرى. سەمەرقەند مەسجىدىكى ئەمىر تۆمۈرنىڭ قارامتۇل يېشىل رەڭلىك قاشتېشى قەبرە ياپقۇچى 1740-يىلى مىلتارىسىت نادىر شاھ تەرىپىدىن ئىرانغا ئېلىپ بېرىلىپ ئىككى پارچە قىلىۋېتىگەن، قەبرە ياپقۇچى بۇزۋېتىلگەندىن كىيىن بىرمۇنچە بەختسىزلىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ھەتتا ھاياتى –بىخەتەرلىكىگە خەۋپ ئېلىپ كەلگەن. دىنى ئالىملارنىڭ تەكلىپىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن قاشتېشى قەبرە ياپقۇچىنى ئەسلى جايىغا قويغاندىن كىيىن ئۇلار خەتەردىن قۇتۇلغان.
1941-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى، سىتالىن سانكىت-پېتىربۇرگ پەنلەر ئاكادېمىيىسىدىن كەلگەن بىر پارچە خەتنى تاپشۇرۋالىدۇ. خەتتە سىتالىندىن پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئەترىتىنىڭ سەمەرقەندكە بېرىپ ئەمىر تۆمۈرنىڭ گۆرىنى قېزىشنى تەستىقلاشنى تەلەپ قىلغان، بۇ خەت دەرھال سىتالىننىڭ يۈكسەك دەرجىدە قىزىقىشىنى قوزغىغان ھەم ئاكادىمىيە ئەترىتىنى سەمەرقەندكە ئەۋەتكەن.(روسىيەلىك داڭلىق تارىخشۇناس بورىس ئىلىزاروينىڭ قارىشىچە: سىتالىننىڭ ئەسلى ئىسمى يوسۈپ جۇگاشۋىلىي گارسىيا بولۇپ، «سىتالىن» ۋە «تۆمۈر»سۆزى ئايرىم-ئايرىم ھالدا روسچە ۋە موڭغۇلچە تۆمۈر دېگەن مەنىدە بولۇپ، سىتالىن ئۆزىنىڭ ئىسمىنى «تۆمۈر»گە ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئەمىرتۆمۈردەك قەھرىمانغا تېخىمۇ ئوخشاش بولۇش ئۈچۈن ئىدى).
بىراق قېزىش جەريانىدا غەلىتە ئىشلار دائىم يۈز بېرىپ تۇرغان، مەسلەن تەكشۈرۈش ئەسۋاپلىرىدىن چاتاق چىقىش، ئەترەتتىكىلەرنىڭ كوللىكتىپ بېشى ئاغرىش قاتارلىقلار. «سوۋېتلىقلار ئەمىر تۆمۈرنىڭ قەبرىسىنى ئاچقۇدەك! بۇ قارغىش ئېلىپ كېلىدۇ!» دېگەنسكز-چۆچەك بازارلارغا ۋە سەمەرقەندكە پۇر كەتتى.شۇنىڭ بىلەن بىرگە تەتقىقات ئەترىتى ئىشنىڭ سىرىنى بايقىدى، ھەم قېزىشنى توختاتماقچى بولغان بولسىمۇ ئەمما ئاللىبۇرۇن ئۈلگۈرەلمىدى، چۈنكى بۇ ئىش ئاللىبۇرۇن سىتالىننىڭ دىققىتىنى تارتقان ھەم نەتىجىسىنى كۈتمەكتە ئىدى. ئاخىرى 1941-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى كەچتە، سوۋىت ئىتتىپاقى ئىنسانشۇناس ئالىمى مېخائىل گىراسىموۋ ئالتە يۈز يىلدىن بۇيان توپا بېسىپ كەتكەن يەر ئاستى تاش ئىشىكنى ئاچتى ھەم ئەمىر تۆمۈرنىڭ نەۋرىسى ئۇلۇغبېكنىڭ كاللىسى ئېلىنىپ ئۆلگەنلىكىنى بايقىدى.
سۈرەتتە سوۋىت ئىتتىپاقى ئالىملىرى ئەمىر تۆمۈرنىڭ جەسىتى ئالدىدا، تەتقىقاتچىلار ئەمىر تۆمۈرنىڭ ئۇستخانلىرىنىڭ چوڭلۇقىغا ھەيران قالغان ھەم ئۇنىڭ ھايات ۋاقتىدا ئېگىزلىكى 1.90 مېتىر ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى قىياس قىلىشتى.
ئەمىر تۆمۈرنىڭ قەبرىسى تېشىدىكى ئەپسۇن «تاش ياپقۇنى ئاچقان ھەرقانداق ئادەم ئۇرۇش ئالۋاستىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىدۇ». ئەمىر تۆمۈرنىڭ گۆر ياپقۇ تېشى ئېچىلىپ ئىككىنجى كۈنى سەھەردە، 1941-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى گېتلىر شىددەتلىك بارباروسا پىلانىنى ئىجرا قىلىپ سوۋىت ئىتتىپاقىغا تاجاۋۇزقىلدى. سوۋىت ئىتتىپاقى ئارقا-ئارقىدىن مەغلۇپ بولۇپ، ئىنتايىن زور چىقىم تارتتى. مېخائىل گىراسىموۋ ئىشنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلىپ، ئۆزى گېنىرال ژۇكۇڧنى ئىزدەپ ئىشنىڭ ھەممە تەپسىلاتىنى بايان قىلدى، گېنىرال ژۇكۇڧ دەرھال بۇ ئەھۋالنى سىتالىنغا دوكلات قىلدى. گېتلىردىن قورقۇپ كەتكەن سىتالىن 1942-يىلى7-ئاينىڭ16- كۈنى (سىتالىنگىراد ئۇرۇشىنىڭ ئالدىنقى كۈنى) بۇيرۇق قىلىپ ئەمىر تۆمۈرنىڭ ئۇستىخانلىرىنى ئايروپىلانغا سېلىپ موسكوۋا ئاسمىنى ئۈچ قېتىم ئايلاندۇرۇپ( روسلار ھەمىشە ئۇرۇشتىن ئاۋال ئىلاھلىرىنىڭ رەسىمىنى موسكوۋادا ئۈچ قېتىم ئايلاندۇرۇپ ئۇرۇشنىڭ غەلبىسىنى تىلەيىتتى) ئاندىن ئەمىر تۆمۈرنى قايتىدىن دەپنە قىلىشتى. شۇنىڭدىن باشلاپ گېرمانىيىلىكلەر مەغلۇپ بولۇشقا باشلاپ ئەڭ ئاخىرىدا ئېچىنىشلىق تەسلىم بولدى.
موڭغۇللارنىڭ غەرپكە يۈرۈش قىلىشى ئوتتۇرا ئاسىياغا بالايى ئاپەت ئېلىپ كەلدى، كىيىنكى قايتا قۇرۇشتىن كىيىن ياخشىلىنىشقا باشلىدى. يۈەن ئىمپىرىيىسى 14-ئەسىرگە كىرگەندىن كىيىن ئىچكى نېزا سەۋەپلىك ئاجىزلاشقا باشلىدى ھەم ئۆزلۈكىدىن گۇمران بولۇپ پارچىلاندى. چاغاتاي خانلىقىمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس بولۇپ، بۆلۈنۈش ۋە ئاجىزلاش ۋەزىىيىتى ئالدىدا پەقەت يېڭى ھۆكۈمراننىڭ مەيدانغا كېلىپ تۈزىشىنى ساقلاشقا توغرا كەلگەن ئىدى. ئۇزاق ئۆتمەي خارەزىمنىڭ ئاقساقىلى ئەمىر تۆمۈر ھەرىكەتكە كەلدى، قەھرىمان جەڭگە ماھىرلىقى، ئۇنىڭ جاھانغا پاتماي قالدى، 1370-يىلى چاغاتاي خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ قايتىدىن تۆمۈرىيلەر ئىمپىرىيىسىنى قۇردى.
ئەمىر تۆمۈر بولسا چىڭگىزخاننىڭ يەتتىنجى ئەلاد نەۋرىسى، ئاتىسى موڭغۇل چاغاتاي خان جەمەتىنىڭ تۆت مىڭتۈتۈننىڭ بىرى تارغاي، ئانىسى بولسا چېڭگىزخاننىڭ بىۋاستە ئۇرۇق ئەۋلادى، خوتۇنى غەربى چاغاتاي خانى قازانخاننىڭ قىزى. ئەمىر تۆمۈر جەمەتى بولسا بارلاس قەبىلىسىدىن، نىلون موڭغۇل قەۋمىگە تەۋە ئىدى. ئۇ ئۆمرىدە قىرىق يىلدىن ئارتۇق ئۇرۇش قىلىپ مەغلۇپ بولۇپ باقمىدى. ھەتتا 500 يىلدىن كىيىنكى بۈگۈنكى كۈندىمۇ ھېچكىم ئۇنىڭغا ھۆرمەت بىلدۈرمەسلىككە پېتىنالمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ قەبرە تېشىغا «قايتا ھاياتى كۈچى ئەسلىگە كەلگەن چاغدا دۇنيانى قورقۇنچ باسىدۇ» دەپ ئۇيۇلغان.
باتۇر جەڭگە ماھىر ئەمىر تۆمۈرنىڭ قۇدرەتلىك قوشۇنى جاھاننى زىل-زىلىگە سالدى. ئۇ ئالدى بىلەن قوشنىسى ئىلىخانىيلار دۆلىتىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئىران ئاڧغانىستاننى ئىشغال قىلدى. يەنە خارەزىمدىن ئەسكەر چىقىرىپ ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ بىرمۇنچە زىمىنىنى ئىگەللىدى. كاۋكازغا ئىچكىرىلەپ كىردى. ھىندىستانغا ھۇجۇم قىلدى، كۈنسىرى كېڭىيىۋاتقان ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، تاجاۋۇزچىلىق قەدىمى ئېگىي دېڭىزىغا يېتىپ باردى. چىڭگىزخاندىن كىيىن سەمەرقەندنى مەركەز قىلغان بىر ئىمپىرىيىنى قۇردى، ئوتتۇرا ئاسىيادىن تۆت ئەتراپقا كېڭىيىپ، زىمىنى پارس، شىمالىي ھىندىستان ۋە روسىيەدىن ھالقىدى، ھەم سەمەرقەندكىچە بولغان يولنى تۇتاشتۇرۇلۇپ، كىيىنچە ئالتۇن يولى دەپ تەرىپلەندى. بىر ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتا تۆمۈرىيلەر ئىمپىرىيىسىنىڭ سودىسى ۋە ئوردا مەدەنىيىتى يۈكسەك دەرىجىدە گۈللەپ ياشنىدى. مىڭ سۇلالىسى تۆمۈرىيلەر ئىمپىرىيىسىدىن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشنى ئۈمىد قىلىپ، تۆمۈرىيلەر ئىمپىرىيىسى بىلەن شىمالى يۈەن سۇلالسىنىڭ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى بۇزۇشقا ئۇرۇندى. ئەمىر تۆمۈر ئەكىسچە مىڭ سۇلالىسى ئەلچىلىرىنى ئىككى قېتىم تۇتۇپ قالدى ھەم مىڭ سۇلالىسى ئەلچىلەر ئۆمىكىنى خورلىدى.(1395-يىلى مىڭ سۇلالىسى پادىشاھى خوڭۋۇ خان ڧۇئەن، گوجى باشچىلىقىدا 1500 كىشىلىك ناھايىتى چوڭ كۆلەمدىكى ئەلچىلەر ئۆمىكى تۆمۈرىيلەر ئىمپىرىيىسىنى زىيارەت قىلغاندا تۇتۇپ قېلىنغان. 1397-يىلى مىڭ سۇلالىسى ئەلچىسى چېن دېۋىن تۇتۇپ قېلىنغان). ئىمپىراتور ئەمىر تۆمۈر جۇڭگۇنى بويسۇندۇرۇپ، موڭغول ئىمپىرىيىسىنىڭ زىمىنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئويلىدى. 1405-يىلى ئىمپىراتور ئەمىر تۆمۈر جۇڭگۇنى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن قوشۇن تارتىش سەپىرىدە شاراپنى كۆپ ئىچىش سەۋەبىدىن تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىپ سەمەرقەندكە دەپنە قىلىندى. تۆۋەندىكى سۈرەت بولسا سوۋىت ئالىملىرى ئەمىر تۆمۈرنىڭ باش سۆڭىكىگە ئاساسەن ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ئەمىر تۆمۈرنىڭ يۈز قىسىمى.
http://bbs.tiexue.net/post_6651649_1.html
|