بۆرىدىكى كەمچىللىك ۋە ئىتلاردىكى يەمچىللىك
ئابدۇرەھمان ئەفغانىي
دۇنيا كېتىۋاتقان خارابىلىق: بىر بۆرە، ساناقسىز ئىت!
___ گەپلىرىم
ئېگىزگە چىققان كىشى ئۆزىنى بىر بۈيۈكلۈك تەختىگە قونغاندەك ھېس قىلىدۇ. تاغ - چوققىلاردا تىنىمسىز ھۇۋلاش بىلەن بىپايان تەبىئەتنىڭ تىلسىملىرىنى ئىزدەيدىغان ۋە ئۇنىڭدىن ئۆزگىچە ھۇزۇر ئىستەيدىغان بۆرىلەرمۇ ئۆزىنى جىمى مەۋجۇداتنىڭ خانى چاغلايدۇ. جەزمەن روشەنلەشتۈرۈۋېلىش كېرەككى، بۇ ھەرگىز كىبىر ئەمەس، بۇ پەقەت بۆرىلەردىكى ئۆزىگە بولغان ئېتىمادىنىڭ ئەڭ يۈكسەك نامايەندىسىدۇر.
ئەگەر ئىستىلىستىكا بۆرىنى ئادەملەشتۈرسە، ئۇنى غۇرۇرلۇق ئىنسانلارغا مىسال قىلىشى مۇمكىن. ئەمما بەزىلەر بۆرىنى «قارىغۇ قاراملىق» خۇلقىغا گىرىپتار بولغان، دەپ ئەيىبلىشىدۇ. بۇ خۇي بۆرىنى ئەجەل پىلتىسى بىلەن تۇتاشتۇرۇپ قويىدىغان بولغاچقا، ئۇلار بۆرىگە مەسخىرىلىك ئىچ كۆيدۈرۈشتى. ئەسلىدە بۇ ئۇلسىز قاراشنىڭ ئۆزى قارىغۇ بولسىمۇ، مەيلى خەير، كەڭ قورساق بۆرە ئاۋام چىنەپ بەرگەن بۇ تېرىقچىلىك كەمچىللىكىنى ئېتىراپ قىلغاچ تۇرسۇن!
ئەمدى سىز ئىتقا ئىنچىكە قاراپ بېقىڭ:
خىزمىتى سوكۇلداش بولغاچقا، ئۇ بەكلا ئالدىراش. كىچىككىنە بوش چاغ تاپسىلا ئۇدۇل يۇندى - گەندىلىكلەرنى چۆرگىلەپ، تېگىشلىك نېسىۋىسىنى مالتىلايدۇ. ئۇغۇ سۆڭەك بەندىسى. بىراق ئۇ نېمىشقا بۇنچە خار؟ چۈنكى ئۇ ئەينى چاغدا خان ئوردىسىكى سۆڭەككە باشقىچە، يوقسۇز چەللىسىدىكى سۆڭەككە باشقىچە ئەلپازدا قاراپ سالغان. ئۇ ھەم يالقاۋ، ھەم بۆرىدەك ئۆز قۇدرىتىگە ئىشەنمەيدۇ. بۇ نۇقتىدا، مەن ئۇنى بىر پارازىت بۈرگە، دەيمەن.
ئۈستۈنكى بوياق كەلىمىلىرى ئىتنىڭ سىيماسىنى ئېۋفېمىزملەپ، تېخى خېلى نەفىس قىلىپ سىزدى. ئۇ باشقا ھايۋانلارنىڭ ئالدىدا خۇشامەتگۇيلۇق بىلەن تاپان يالىغان بىلەن، ياۋايىلىقى تۇتقاندا بۆلەك ئىتلارغا پوپوزا قىلىپ، كۆڭلىگە مۇدھىشلىك تىۋىشى سالالايدۇ. بۇمۇ قوشنىسىدىن تاياق يەپ كىرىپ، ئاچچىقىنى ئۇكىسىدىن چىقارغاندەكلا بىر چىركىن قىلىق.
ئادەمنى ئەڭ ئېچىندۇرىدىغىنى شۇكى، ئىتلارنىڭمۇ ئۆزلۈكىنى يوقىتىشىدۇر. بۇ ھالغا بۆرىلەرمۇ جىمغىنا ئىچ ئاغرىتىشىدۇ. كۆپچىلىك ئىتلار ئۆزىگە بىردىن ئىگە تېپىۋېلىقلىق. ئۇلاردا بۆرىچىلىك ئىززەت - غۇرۇر بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بويۇنلىرىغا باغلاپ قويۇلغان جەينەك توملۇقىدىكى زەنجىر - كۇلالار ئۇلارنىڭ غۇرۇر ئىشىكىنى جاڭ - جاڭ قاقالمىدى، ھۆر قەلبىنىڭ تارىلىرىنى چېكەلمىدى. بۇ سەۋەب، ئۇلار ئۆز تەبىئىتىدىن ياتلىشىپ، تەبىئەتتە مۈشۈك - ئاسلانلارچىلىك ئەركىن ھەرىكەت قىلالماس ھالغا چۈشۈپ قالدى. ئادەملەرمۇ ناچار كىشىلەرنى تىللىماقچى بولسا ئۇلارنىڭ نامىنى ئېلىپ تۇرۇپ ھاقارەتلەيدۇ. ئۆزلۈككە مۇخالىپ يوسۇندا ياشىلىۋاتقان بۇ ساختا ھايات ئىتلارنى بىر - بىرلەپ ئۇجۇقتۇرۇشقا باشلىدى. ئۇلار ئىز - دېرەكسىز يوقىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، يەنە بىرمۇنچىلىغان ئىتلار باشقا سىياق، باشقا ئىسكەتتە تۇغۇلدى. ئۇلار ئاۋۋالقىلارنىڭ «ئىگىمىزنى رازى قىلىشىمىز شەرت!» شوئارىنى ئۆپكىسى بەرداشلىق بېرەلىگەن قۇدرەت بىلەن توۋلىماقتا، تۇغىنى بېشىدىن ئۈستۈن كۆتۈرمەكتە، ماڭغان يولىدا ھەدەپ يۈگۈرمەكتە!
بىراق «قارىغۇ قاراملىق كېسىلى» گە مۇپتىلا بولغان بۆرىلەر ھېچبولمىغاندا بۇ پاجىئەدىن مۇستەسنا. ئىتلار غۇژمەكلىشىپ چاكارلىق قىلىۋاتقاندا، ئۇ تىك - قىيالاردا يالغۇزانە ھۇۋلاپ، ئەركلىكتىن جاكار بېرىدۇ. شۇڭىمۇ، تەبىئەت ئۇنىڭغا «تەنھا» شەرىپىنى ئىنئام قىلغان.
ئەكسىچە، بۈگۈن دۇنيا ماتانەتلىك بۆرە بولغانلارنى زاڭلىق قىلدى. ھەممە ئىنسان چاپىدۇ: ئىتتەك چاپارمەن بولۇش ئۈچۈن. جاھدارنىڭ كۆڭلىكىنى، پۇقرانىڭ گەپلىرىنى توشۇپ ھارمايدۇ. ئۇلار ئەجەبا ئىتلارچە ئۆتۈشكە ھەۋەس قىلامدۇ؟ بۇنى بىلمەك تەس. ئىشقىلىپ ئۇلار بىر ۋاخ سۆڭەك غاجىۋېلىشنى دەپ، غۇرۇرىنى مۆھلەتسىز غاجىلىنىشقا بەردى.
قىسقىسى، بۆرىدە كەمچىللىك بار، ئىتلاردا يەمچىللىك. قايسىسىنىڭ ۋەزنى ئېغىر؟ بۇنى ئەڭ ياخشىسى ئۇلار ئۆزلىرى تارازىلاپ بېقىپ، ئاندىن بىرنېمە دېسۇن!
2015 - يىلى يانۋارنىڭ 28 - كۈنى، يۇرۇڭقاش
|