قەدىمقى خەنزۇ تىلىدىكى بىر قانچە ھونچە كەلىمىلەر ئابدۇۋەلى تۇرسۇن ئەر تۇرا
ھونلارنىڭ يىلتىزى ھەققىدە شەرىق غەرىپتە ھەرخىل تالاش تارتىشلار بولسىمۇ ، لېكىن ئۇلارنىڭ تىلىنىڭ ئالتاي تىلى سېستىمىسىغا تەۋە ئىكەنلىكى ، ھەممە ئىلىم ساھەسى ئېتىراپ قىلغان بىر ھەقىقەتتۇر . ھون دەۋرىدىن بىزگە ئۇلار ئىشلەتكەن بىرەر بىر تارىخى يازما ماتىريال يېتىپ كەلمىگەن بولسىمۇ ، لېكىن قەدىمىقى دۆۋلىتىمىز سالنامىللىرىدا ئۇچرايدىغان ھونلارغا مەنسۇپ ئادەم ئىسىملىرى ، يەر ناملىرى ...ھون تىلىنىڭ روشەن ئۇيغۇر ـ تۈرۈك تىلىغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتەدۇر . بۇ ھەقتە تارىخچى ، تىلشۇناسلىرىمىز مۇناسىپ ئىزلىنىشلەرنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ ، لېكىن يەنىلا بۇ ساھە باشقىلارنىڭ تەتقىق قىلىشىنى ئىزلىنىشىنى كۈتۈپ تۇرماقتا . ئۆز دەۋرىدە ھونلار ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىلەن ئېلىپ بارغان ئىجتىمايى ئالاقە ۋە سودا ئىشلىرىدا ھەر خىل تامغىلارنىمۇ ئىشلەتكەن بولۇپ ، بۇ تامغىلاردىمۇ ھونچە سۆزلەر ئۇچۇرايدۇ . گەرچە بۇنىڭ ئىچىدىكى ئاز قىسىم سۆزلەر ‹‹ مانجۇ ، توڭغۇس ، موڭغۇل ›› چە سۆزلەرگە شەكىل ۋە مەنە جەھەتتىن قىسمەن ئوخشاپ قالسىمۇ ، بۇ ھەقتە يېتەرلىك تەتقىقات ئېلىپ بارغان روسىيەلىك ۋ. ۋ . بارتولدى ، بېرنىشتام ... قاتارلىقلارنىڭ بۇ ھەقتىكى تەتقىقات نەتىجىسى ، باشقا نۇرغۇنلىغان غەرىپ تۈركىلوگلىرىنىڭ قارىشىغا ماس ھالدا ، ھون تىلىنىڭ ئۇيغۇر ـ تۈرۈك تىلىغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەرمەكتە . ئۇلار يەنە ھونلارنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرى ، تۈتىملاشقان ئىتىقادلىرى ، جۈملىدىن ئۇلار قالدۇرۇپ كەتكەن ماددىي ۋە مەنىۋىي مەدەنىيەتلەر ، تۈرۈكلەر بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى دەلىللەپ بەردى ... تۆۋەندە بىز خەنزۇ تىلىدىكى سالنامىلاردا ئۇچرايدىغان ، قىسمەن ھونچە سۆزلەر ئۈستىدە قىسقىچە توختۇلۇپ ئۆتمەكچىمىز : 1 . 单于 : قەدىمدە ‹‹ سەن يۇ ›› دەپ تەلەپپۇز قىلىنغان ، بۇ سۆز ھونچە ئادەم ئىسمى بولۇپ ، بۇنىڭ مەناسى ‹‹ ئۇلۇغ ، قۇدىرەتلىك ›› دىگەنلىك بولۇپ ، ھون تەڭرىقۇتلىرى ، بۇ نام بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئۇلۇغلىقىنى ، شۆھرىتىنىڭ تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەشكەن ئىدى . يەنى بۇ ھونلارنىڭ مىلادىدىن ئاۋالقى 2 ـ ئەسىرلەردە ، باش كۆتەرگەن ۋاقىتتىكى باشچىسى ‹‹ باتۇر تەڭرىقۇت›› نىڭ ئىسمى ئىدى . بۇ ھەقتە مۇناسىپ تەتقىقات ئېلىپ بارغان تۈركىيەلىك تۈركىلوگ تەلەت تېكىن ‹‹ ھون تىلى ›› دىگەن كىتاۋىنىڭ 13ـ بېتىدە ‹‹ بۇ ئاتالغۇنىڭ ئەسلىدىكى تۈرۈكچىدە بار بولغان ‹ dabgu ›( دابگۇ )،‹ cabgu›( جابگۇ)،‹ yabgu ›( يابگۇ ) سۆزلىرىنىڭ ئەينى ئىپادىلىشى ›› ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن . 2 . 撑犁 ( chengli ) بۇ ھونچە ئىسىم بولۇپ ، بۇ سۆز قەدىمىقى ھونلاردا كۆك ئىتىقادى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى . يەنى ھونچە ‹‹ئاسمان ›› ، ‹‹ كۆك ››، ‹‹ماۋى ›› سۆزلىرىنىڭ خەنزۇچە يېزىلىشى ۋە تەلەپپۇز قىلىنىشىدۇر ، يەنى بۇ سۆز خەنزۇچە ‹‹ 天›› سۆزى بىلەن ئوخشاش مەنىگە ئىگە . تۈرۈكچىدە ‹‹ تاڭرى ›› ، ئۇيغۇرچىدا ‹‹ تەڭرى ›› ئۇقۇمىنى بېرىدۇ . بۇ ئۇقۇم ھونلارنىڭ ئاسماننى ، كۆكنى ئۇلۇغلاشتەك قاراشلىرىدىن كەلگەنلىكى ئېنىق . بۇ خىل ئىپتىدايى ئىتىقاد گەنسۇدىكى ‹‹ يۇغۇر›› لاردا ھازىرمۇ مەۋجۇتتۇر . 3. 孤居 ، بۇ ھونچە ئادەم ئىسمىنىڭ خەنزۇچە يېزىلىشى بولۇپ ، تۈرۈكچە ‹‹ tangri kutluk ›› ( تەڭرىنىڭ بەختى ، ياكى بەخىتلىك تەڭرى ) دىگەن مەنانى بېرىدۇ . 4 . 孤涂 : بۇ سۆزنىڭ مەنىسى ‹‹كۇتۇ ، گۇتۇ ياكى خۇتۇ ›› بولۇپ ، بۇ سۆز ‹‹ھونلارنىڭ تارىخىغا ئاىت ماقالىلاردىن تاللانما ›› دىگەن كىتاپنىڭ 157 ـ بېتىدە ‹‹ 天之子 ›› (تەڭرىنىڭ ئوغلى ) دەپ ئېلىنغان . تەلئەت تېكىن ‹‹ kutu , Etkut ››سۆزلىرى بىلەن باغلايدۇ . ‹‹ بۇنىڭ مەناسى ‹ ھەزىرەتلىرى ، ھەزىرەت دىگەنلىك بولۇپ › بۇنىڭ يەنە بىر نامى ‹ kutuya › دۇر ، ياپون ئالىمى شىراتورى بۇنى توڭغۇسچە ‹ ئوغۇل › دىگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش دەپ قارايدۇ ، ئۇ دەسلەپكى ۋە كېيىنكى يازمىللىرىدا ھونلارنى تۈرۈك ئەمەس موڭغۇل ـ توڭغۇس نەسىللىك خەلىق دەپ قارىغان ئىدى . بۇنىڭ ئەكسىچە ف. . م . ك . موللېر بولسا يۇقارىقى ‹ كۇتۇ › سۆزىنى جۇڭگۇ مەنبەلىرى بىلەن باغلاپلا قالماي ، ئۇيغۇرچە ‹ قۇت › سۆزى بىلەن باغلاپ ، بۇ سۆزنىڭ دەسلەپكى تۈرۈكلەردە ‹Iduk kut ›( ئىدۇق قۇت يەنى ئىدقۇت ) سۆزىنىڭ ‹ بەخىتلىك ، قۇتلۇق ، ھەزىرەتلىرى ، ھەزىرەتلەر › كەبىي مەنىلەرنى بېرىدىغانلىقىنى ، ھۆكۈمدارلار ئۈچۈن قوللۇنىلىدىغان سۆز ... › ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىققان . مۇشۇنىڭغا ئاساسلانغاندا ‹ تەڭرى قۇت سۆزى › ‹ ساماۋى ، ئىلاھى قۇدىرەت › دىگەن مەنىدىكى سۆز بولۇپ ، تىلشۇناس موللېرنىڭ بۇ قاراشلىرى ، داڭلىق تىلشۇناس كالائۇسون تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى ، شۇڭا ئۇ بۇ ھەقتە مەخسۇس ئەسەرمۇ يازدى ۋە ئەسەر ئىسمىنى ئىنگىلىزچىگە : ‹ ئىلاھىي قۇدىرەتلىك يابغۇ ـ پادىشا › دەپ تەرجىمە قىلدى ، ئۇنىڭ بۇ قاراشلىرى بىزنى قايىل قىلماي قالمايدۇ ›› {‹‹ ھون تىلى ›› تەلەت تېكىن ، 12ـ ، 13ـ بەتلەر }. بۇ يەردە ئېيتىلغان ‹‹ يابغۇ ›› سۆزى ‹‹ قەدىمىقى ئۇيغۇر تىلى لۇغىتى ››(ئۇيغۇرچە ، 1989ـ يىل ياش ـ ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى نەشىر قىلغان ) دىگەن كىتاپنىڭ 496 ـ بېتىدە : ‹‹ ئەمەل نامى بولۇپ ، خاقاندىن ئىككى دەرىجە تۆۋەن تۇرىدىغان ، خەلىق ئىچىدىن چىقىدىغان مەنسەپدارلارغا بېرىلىدىغان نام ›› دەپ ئىزاھلانغان . 5 . 逗落 : بۇ قەدىمىقى خەنزۇ تىلىدىكى ھونچە سۆز بولۇپ ، تۈرۈكچە ‹‹ Votary ›› (ۋوتاري) دىيىلىدۇ ، يەنى مەناسى‹‹ دولۇگ ، دولاگ ، تۇراق يەنى مازار ـ قەۋرە ›› { ‹‹ قەھرىمان مۇقان ئوغلى سالقىنبايېۋ ئىلمىي ماقالىللىرى ›› (قازاقچە ) 54 ـ،55 ـ بەتلەر ››}مۇ دىيىلىدۇ . بۇ سۆز ‹‹ ھونلار تارىخىغا ئائىت ماقالىلاردىن تاللانما ›› نىڭ 165ـ بېتىدە ‹‹ئۇيغۇرچە تېرىماق ، تېرىش ، فىن ـ ئۇگۇرلاردا ، تېرىش ›› دىگەن مەناسىنىڭ بارلىقىمۇ قەيىت قىلىنغان . 6 . 径路 : قەدىمىقى ھونچە ئوقۇلۇشى ‹‹ كىئاڭ ـ لا ›› ، تۈرۈكچە ‹‹ Uyngyrak ››( ئۇيۇڭراق ) { ھونلار تارىخىغا ئائىت ماقالىلاردىن تاللانمىلار ›› 176ـ بەت } ، ياكى ‹‹قىڭراق ›› بۇنىڭ ئۇيغۇرچە مەنىسى ‹‹ پىچاق ، قىڭراق ›› . 7. 居次 : بۇنىڭ ھونچە مەنىسى ‹‹قىز ›› ، تۈرۈكچە ‹‹ kyz› › (كيز)، { ‹‹ يۇقارقى كىتاپ ›› 176ـ بەت } ئۇيغۇرچە مەنىسى : ‹‹ قىز بالا ›› . 8 . 祁连 : بۇ ئاسمان ، تېلەن ، چىلىيەن ، قەدىمىقى گەنسۇدا ياشىغان تۈرۈكلەرنىڭ بىر شېخى ‹‹ تېلى ›› لارنىڭ نامىدىن كەلگەن بولۇپ . ‹‹ ئاسمان ›› دىگەن مەنانى بېرىدۇ ، چۈنكى بۇ قەۋىملەر قەدىمدە كۆك ئاسمانغا چوقۇناتتى . يەنە بۇنى قەھرىمان مۇقان ئوغلى سالقىنبايېۋ ‹‹ كېلىن تاۋ ›› ( كېلىن تاغ ) دەپ ئىزاھلايدۇ . 9 . 阏氏 : بۇ سۆزنىڭ ھونچە ئاتىلىشى ‹‹ خاتسى ›› بولۇپ ، تۈرۈكچە ‹‹ ‹ Hatun› ( خاتۇن )، ‹ Kadun› ، ‹ كادۇن › مەنىسىدە كېلىدۇ ، بۇ سۆز ‹ 拓跋部› ( توبا يەنى تابغاچ ـ تامغاچ ) تۈرۈكلىرىدە ‹ Ka-son››( كاسون ) ، ‹ K a-su›(كاسۇ ) شەكلىدە كېلىدىغان بولۇپ ، مەنىسى ‹ ھۆكۈمدارنىڭ خوتۇنى ـ خانىشى ›دىگەنلىك ، ‹ چىن ـ جۇڭگۇ مەنبەلىرىدە خان ياكى ھۆكۈمدارنىڭ خانىمى ـ خانىشى ‹ zevcesi –esi › ( زېۋجېسى –ئېسى ـ خانىمى › يەنى ‹ ئىشى ، زەۋچە ، كادىن ـ قاتىن › دىگەندەك مەنىلەرنى بېرىپ كەلگەن بۇ ھونچە سۆزنى ، ياپون تۈركىلوگى ‹ SHiratori › ( شىراتورى ) ئۇيغۇرچە ‹ ئاۋچى › ۋە تاتارچە ‹ Epqi › ( ئېپچى ) بىلەن بىر سۆز دەپ قارايدۇ . ئەمەلىيەتتە ‹ ئاۋچى ›سۆزى قەدىمىقى ئۇيغۇرچىدا ‹ قاتىن ـ خوتۇن › مەناسىنى بېرىدىغانلىقى مەلۇم . ئۇندىن باشقا ئۇيغۇرچە سۆزلەردىكى ‹ ئاپچى › سۆزىنىڭمۇ ‹ قاتىن ـ خاتۇن ـ خوتۇن › قاتارلىق مەنىسى بارلىقى بىلىنمەكتەدۇر .ئۇيغۇرچىدە : ‹ بۇ ئىكاگۇ ...ئەر ئەپچى بولمىشلار › (بۇ ئىككى ئەر خوتۇنلۇق بولۇپتۇ ) ، بۇ جۈملىدىكى ‹ ئەپچى › سۆزى ھازىرقى زامان تۈرۈك تىلىدا بار بولۇپ : ‹ كىرگە ئەپچە › ( خاتۇن )، ‹ ئەپچە چاك ›( كەپە ، ئاياللار تۇرىدىغان جاي ـ ھەرەمخانا ) دىگەندەك شەكىلدىمۇ كېلىدۇ . ›› { ‹‹ ھون تىلى ›› تەلەت تېكىن ، 1993ـ يىل ئەنقەرە ، 15 ـ بەت }. 10. 服 匿 بۇ ھونچە سۆزنى قەھرمان مۇقان ئوغلى سالقىنبايېۋ : ‹‹ بۇگىنك ـ بۇنەك ›› (ئايران ، سۈت ، ئېچىتقۇ ) دەپ ئىزاھلايدۇ . بىز يۇقىرىدا قەدىمىقى ھون تىلىغا ئائىت بەزى سۆزلەرنىڭ خەنزۇچە ئاتىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ مەناسى بىلەن تونۇشۇپ چىقتۇق ، ئەمەلىيەتتە ، قەدىمىقى جۇڭگۇ مەنبەلىرىدە ، ھونلارنىڭ تىلىنىڭ ئۇيغۇر ـ تۈرۈك تىللىرىغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىلەر كۆپلەپ ئۇچۇرايدۇ مەسىلەن : ‹‹ 狄›› (دې ، دېلار ، تىيەگ ، تىيەك ) ،‹ 戎› (نيۇم ، نۇم ) ، ‹‹ 匈奴›› ( خيۇڭنو ، خيۇڭناغ ، خيۇناغ ، خۋناغ ، خيۋنا ، خۇنا )، ‹‹索国 ›› (ساك ـ ساق ) ، ‹‹呼揭 ››(خاگات ) ، ‹‹屈射›› ( قۇتچاق ) ، ‹‹乌恒›› (ئاغۋان ) ،‹‹ 猃狁›› (خامىيۇن ، خامرون ) ، ‹‹ 荤粥›› (غۇنۈك ـ خۇنۈك ) ، ‹‹粥 獯›› ( ھۇنۈك ) ، ‹‹ 混夷›› ( ھۇنرەي ، غۇن ، خۇن ) ، ‹‹ 荤 庚›› ( ھۇنيۈ ـ خۇنىگىر )، ‹‹方ـ 鬼›› ( گۋىر ـ گىۋىرلەر ) ... قاتارلىق ھونلارغا مەنسۇپ قەبىلە ئىسىملىرىمۇ بۇ قارىشىمىزنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ . ئۇندىن باشقا ھونلارغا ئائىت كىشى ئىسىملىرىدىن : ‹‹ 头曼›› (تۈمەن ) ، ‹‹ 曼顿›› ( باغتۇغ )( بودۇن ) ، ‹‹ 郅支›› (جەتشە ـ جەتشەگ ـ قۇتئۇش )... ‹‹ 姑衍山›› ( خاقان تاغ ) ، ‹‹ 姑且山›› (غاز سۈيى ) ، ‹‹釜山 ›› (بۇغىتاغ ) ، ‹‹屋兰››(ئوغلان تاغ ) ... { ‹‹قەھرىمان مۇقان ئوغلى سالقىنبايېۋنىڭ ئىلمىي ماقالىلار توپلىمى ›› 10ـ ، 13، ـ 14 ـ ، 34ـ ، بەتلەر }. يۇقارقىلارنى خۇلاسىلىغان چېغىمىزدا ، مەيلى قايسى نۇقتىدىن تەتقىق قىلمايلى ھون تىلىنىڭ ئۇيغۇر ـ تۈرۈك تىللىرىغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى بىلمەي قالمايمىز ، شۇنداقتىمۇ بۇ يەنىلا تارىخچى ، مەدەنىيەتشۇناس ، تىلشۇناسلىرىمىزنىڭ چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىشىنى كۈتۈپ تۇر 1.‹‹ ھون تىلى ››( تۈرۈكچە ) ، 1993ـ يىل ئەنقەرە نەشرى . ئاپتورى تەلەت تېكىن . 2. ‹‹ھونلارنىڭ تارىخىغا ئائىت ماقالىلاردىن تاللانمىلار ››( خەنزۇچە )، لىن گەن ئەپەندى تۈزگەن ، 1977ـ يىلى ئىچكى موڭغۇل ، كۆك خوت نەشرى . 3 .‹‹ قەھرىمان مۇقان ئوغلى سالقىنبايېۋ ئىلمىي ماقالىللىرى ›› ( قازاقچە ) ، مىللەتلەر نەشىرياتى 2003ـ يىل نەشرى . 4. ‹‹ قەدىمىقى ئۇيغۇر تىلى لۇغىتى ››(ئۇيغۇرچە )، ئابلىمىت ئەھەد ، دىلدار مەمتىمىنلەر تۈزگەن ، 1989 ـ يىل ياش ـ ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى نەشىر قىلغان . مەنبە : ‹‹ تىل ۋە تەرجىمە ›› نىڭ 2013ـ يىللىق 1ـ سانى . |