ھەقىقى بەخىت روھىي بايلىقتۇر
نۇرمۇھەممەد تۇرسۇن ئالىپ ئوغۇز تەرجىمىسى
بىر ئادەمنىڭ دۇنيادىن ئېرشمەكچى بولغان نەرسىسى تولىمۇ چەكلىك . دۇنيا ھەسرەت ۋە نادامەتكە تولغان بولىدۇ .سەن ئۇلاردىن قۇتۇلۇشنى ئويلاپ ھەرخىل ئاماللارنى قىلساڭمۇ ، ھاياتلىقتىكى بۇ سىقىلىش ، قايغۇلار يەنىلا ھەممە يەردە سېنى ساقلاپ تۈرغىنى – تۈرغان.ئۇنىڭ ئۈستىگە دائىم رەزىللىك ئۈستۈنلىك قازىنىپ دۆتلىكنىڭ سۈرۈن ـ چوقانلىرىنىڭ ئەتىراپڭنى بىر ئالغانلىقىنى كۆرۈپ تۈرىسەن . تەقدىر رەھىمسىز ، ئىنسانىيەت بىچارە بولسىمۇ ،ئەمما روھىي باي كىشىلەر گويا ھارپا كېچىسىدىكى ئىللىق ۋە يورۇق شۇنداقلا شاتلىققا تولغان بىر ئۆيگە ئوخشايدۇ . بىراق سىرىتنى قار ـ مۇز ۋە زېمىستاننىڭ زۈلمىتى باسقان .ئەمىلىيەتتە ھەقىقى بەختلىك ھايات بولسا ئۆز خاسلىقنى ساقالاش ئارقىلىق تالانتى ھەم كىشنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرىدىغان ئەقىل ـ پارسىتىنى جارىي قىلىدۈرۈشتىن ئىبارەت . گەرچە دۇنيادا كۆزنى چاقنىتىدىغان پارلاقلىقىنى ئۈچۈرتۇش بەس مۈشكۈل بولسىمۇ ،لېكىن يۇقىرقىدەك ياشاش ھەقىقى بەخىتنىڭ ئۆزىدۈر .
كۆپ ئادەملەر ئۆمۈرلىك بەختىنى تاشقى دۇنيادا دەپ قارىغاچقا ، ئۆزىنىڭ بەخت ئاساسىنى بايلىق ،ئورۇن ـ مەرتىۋە ،دوستلۇق ، ئايال ، بالا ياكى بىرەر تەشكىلاتقا باغلىۋالىدۇ .ئەگەر ئۇلارنىڭ تېنىنىڭ سىرتىدىكى ئاشۇ نەرسىلەر تۇساتتىن غايىپ بولساياكى ئۇلارنى ئۈمىتسىزلەندۈرسە شۇ ھامان ئۇلارنىڭ بەخىت ئاساسى زاۋاللىققا يۈزلىنىشى مۆمكۈن . ئەمىلىيەتتە ئۇلارنىڭ نىشانى ئۆزىدە ئەمەس . ئۇلارنىڭ تار ئارزۇ ۋە خىياللىرىغا ماس ھالدا ئۇلارنىڭ نىشانىمۇ مەۋقەسىز ھالدا ئۆزگۈرۈپ بارىدۇ . ناۋادا ئۇلاردا پۇل بولسا بۈگۈنكى خوشاللىق ئۈچۈن داچىلاردا تۇرىشى ، ئەرمەك ئۈچۈن ئات سېتىۋىلىشى ،دوستلىرى بىلەن ئۇلپەتچىلىك قىلىشى ياكى بولمىسا سەيلە ـ ساياھەت قىلىشى... مۆمكۈن . يىغىپ ئېيتقاندا بۇ خىل كىشىلەر بىر ئۆمۈر ئۆتكۈنچى شان ـ شەرپ ئۈچۈن ھەم قانغۇچە يەپ ـ ئىچىشتىن بەھىر ئېلىش ئۈچۈن جاھىللىق بىلەن تاشقى دۇنيادىن خوشاللىق ئىزلەيدۇ .ئەمىلىيەتتە ئۇلار ساغلاملىقىنى يوقتۇپ قويۇپ دارا ۋە ئوزقلۇقلار ئارقلىق ساغلاملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان ، ئەمما جىسمى ۋە روھىدىكى ھاياتلىق كۈچىنى تەرققىي قىلدۈرۈش ۋە ئېچىشنى خالىمايدىغان كىشىلەرگە ئوخشايدۇ . تۇزلا ئېيتقاندۇ ئۇلار ساخلام بولماسلىقىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە قىلچە ئىزدەنمەيدىغان ھەم ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمايدىغان كىشىلەردۇر .
ئارستوتېل : ‹‹ ھەرقانداق ھوزۇردىن ئاۋال چوقۇم مەلۇم ھەركەت ئېلىپ بېرىلىدۇ ، يەنى مەلۇم ئىقتىدار ئىشقا سېلىنىدۇ . بۇنى ئورندىيالمىغان ھوزۇر ھامان مەۋجۇتلىقىنى يوقۇتىدۇ .›› دىگەن . ئۇ بىر ئادەمنىڭ خوشال ۋە بەختلىك بولىشىنى شۇ ئادەمنىڭ ئەقىل ـ پارسىتىنى ، يەنى مەلۇم ئىقتىدارىنى قانچىلىك دەرجىدە بىمالال ۋە تولۇق ئىشلىتىشىگە باغلىق دەپ قارىغان .تەڭرى ئاتا قىلغان ئاشۇ تەبىي ئىقتىدارنى ئويغۇتۇشتىكى مەخسەت ھايات قوينىدىكى ھەرخىل قىيىنچىلىقلار بىلەن كۆرەش قىلىش ئۈچۈندۈر .ناۋادا بىز بۇ ئىختىدارلارنى ئىشقا سېلىپ كۆرەش قىلىشنى باھاجەت دەپ قارىساق ، ئۇ ھالدا بۇ ئىشلىتىمىگەن ئىختىدار ۋە زېھنىمىز بىزنىڭ يۈكىمىزگە ئايلىنىپ قالىدۇ . بىرقىسىملىرىمىزنىڭ ھەمىشەم ئويۇن ياكى ئەھمىيەتسىز ئىشلارغا پۈتكۈل زېھنىنى سەرىپ قىلىشىدىكى مەقسىدى بولسا : زېركىشلىك تۇرمۇشنىڭ قويندىكى ئازاپتىن قېچىپ قۇتۇلۇش ئۈچۈندۈر .شۇڭا كۆپۈنچە ھالدا زېركىشنى ئەڭ كۆپ ھېس قىلىدىغان ۋە ئۇنىڭ زەھەرلىشىگە كۆپ ئۇچىرايدىغانلار يەنىلا ماددى دۇنياغا بارلىقىنى ئاتىغان ھەم كۈن بويى بۇزۈپ – چېچىش ، ئويۇن – تاماششە بىلەن ئۆتىدىغان پۇلدار كىشلىلەردۈر .
‹‹شوپېنخائۇرنىڭ ئەقىل ـ ئارسىتى ›› ،‹‹جۇڭگو كىنو نەشرياتى ››، 2006-يىل، 115ـ بەت.