بۇ يازمىنى ئاخىرىدا xahyary تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-29 17:12
نېمە ئۈچۈن ئەنگېلىيەنىڭ پويىزلىرىدا ئۈستەل يوق؟
ياڭ سى جو
ئاڭلىشىمچە،بېل.گەيتىس ئايرۇپىلانغا ئولتۇرسا ئەزەلدىن ئالىي دەرىجىلىك بۈلۈمدە ئولتۇرمايدىكەن.باشقىلار سەۋەبىنى سورىسا «ئالىي دەرىجىلىك بۈلۈم ئادەتتىكى بۈلۈمدىن تىز بارامدۇ؟»دەپ قايتۇرۇپ سورايدىكەن.
ئالىي دەرىجىلىك بۈلۈم ھەقىقەتەن ئادەتتىكى بۈلۈمدىن تىز بارمايدۇ. ئەمما بېلەت باھاسى ئادەتتىكى بۈلۈمدىن خېلىلا قىممەت. پويىزمۇ ئوخشاش، ئالاھىدە ۋاگوننىڭ بېلىتى ئادەتتىكى قاتتىق ئورۇندۇقتىن خېلىلا قىممەت.
قاتناش قۇراللىرى پەقەتلا بىر ۋاستە. مەنزىل ئوخشاش تۇرسا ، نېمىشقا بايلار يەنىلا تېخىمۇ كۆپ پۇل خەجلەپ ئالىي دەرىجىلىك بۈلۈمنىڭ بېلىتىنى سېتىۋالىدۇ؟
جاۋاب تېپىش ئانچە قىيىنمۇ ئەمەس .پەقەت شۇ شىركەت «ئەڭ ئۈنۈملۈك باھا پەرقى» نى بېكىتىپ، ئەڭ ياخشى مۇلازىمەت بىلەن ئەڭ ناچار مۇلازىمەت ئارىسىدىكى پەرىقنى ئەڭ يۇقىرى چەككە كۆتۈرگەنلىكى ئۈچۈن. ئەنگېلىيەدىكى پويىزلارنىڭ ئادەتتىكى ۋاگونلىرىغا ئۈستەل ئورنىتىلمايدىكەن . بۇ يېرى ئادەمنىڭ كاللىسىدىن پەقەتلا ئۆتمەيدۇ . بىراق ئەمەلىيەت شۇنداق. سەۋەپ پەقەت بىرلا :ئەگەر ئادەتتىكى ۋاگون بەك راھەت بۇلۇپ كەتسە، ئالاھىدە ۋاگوندىكى يولۇچىلار بۇنى كۆرۈپ قالسا ، بۇنىڭدىن كىيىن ھەرگىزمۇ كۆپ پۇل خەجلەپ قىممەت بېلەتنى سېتىۋالمايدۇ. شۇڭا ئادەتتىكى ۋاگوندىكى يولۇچىلار چوقۇم مۇشۇنداق جاپا تارتىشى كېرەك .
پۇلنى كۆپ خەجلىسىڭىز، كارۋاتتا ياتىسىز؛ پۇلنى ئاز خەجلىسىڭىز ،قاتتىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرىسىز؛ پۇلنى ئاز خەجلىسىڭىز، مۇشۇنداق جاپا تارتىسىز. فىرانسىيەدە ،بەزى شىركەتلەر ئۈچىنچى دەرىجىلىك ۋاگونلارغا يۈك-تاق قويىدىغان تۈمۈر جاھازىنىمۇ ئورناتمايدىكەن. بەزى شىركەتلەر ھەتتا ياغاچ ئورۇندۇققا قاپمۇ كىيگۈزۈپ قويمايدىكەن. سوۋەبى ھەرگىزمۇ نەچچە مىڭ فىرانىكنى ئارتۇق جەجلەشنى خالىمىغانلىقتا بولماستىن، بەلكى ئالىي دەرىجىلىك ۋاگوندا ئولتۇرۇشقا تىگىشلىك پۇلدارلارنىڭ ئۈچۈنچى دەرىجىلىك ۋاگوندا ئولتۇرىشىنى تۇسۇش ئۈچۈن ئىكەن.
«بۇنداق قىلسا نامراتلارغا زەربە بولمامدۇ؟»دىيىشىڭىز مۇمكىن.شىركەتنىڭمۇ ئۇنداق قىلغۇسى يوق، پەقەتلا شۇ بايلارنى قورقۇتماقچى خالاس. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوخشاش سەۋەپ تۈپەيلىدىن، ئادەتتىكى ۋاگوندىكى خېرىدارلارغا سوغۇق، ئالاھىدە ۋاگوندىكى خېرىدارلارغا ئىىللىق مۇئامىلە قىلىدىغان شىركەت، ئالىي دەرىجىلىك ۋاگوندىكى خېرىدارلارغا كەلگەندە ئادەتتىن تاشقىرىلا «مەرت»كېلىدىكەن.ئۇلار بىر تەرەپتىن ، نامراتلارغا ئەڭ ئەقەللىي ئادەتتىكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىلەشنى رەت قىلسا؛يەنە بىر تەرەپتىن، بايلارنى ئالاھىدە مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدىكەن.
يۈزەكى قارىساق « پۇلنى ئاز خەجلىسەك ئادەتتىكى مۇلازىمەت بىلەن، پۇلنى كۆپ خەجلىسەك ئالاھىدە مۇلازىمەت بىلەن تەمىلەيدۇ»غان دەك تۇيۇلىدۇ،ئەمەلىيەتتە ، شىركەت تەرەپ قەستەن مۇشۇنداق ئارلىقتا ئۇيۇن ئويناپ، بايلارنىڭ ئەرزان مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ئالىي دەرىجىلىك بۈلۈمنىڭ بېلىتىنى سېتىۋالساق ،ئۆچرەتتە ئازراق تۇرىمىز. كەڭ-كۇشادىرەك ئولتۇرىمىز . يەيدىغىنىمىز مولراق بولىدۇ .ياكى بولمىسا ،ئايرىدۇرومدا ئايروپىلان
ساقلىغاندا،راھەت كۈتۈش ئۆيىدە vip مۇلازىمىتىدىن بەھرىمان بولىمىز.ئايروپىلاندىن چۈشكەندە ئاۋال چۈشۈش ئىمتىيازىغا ئېرىشىمىز.بىراق ،ئەگەر شىركەت راستىنلا خېرىدارلارنى ئويلىسا، راھەت بۇلۇشنى كۆزلىسە ،مەخسۇس چۈشۈش يولى تەسىس قىلسا بولاتتىغۇ،يەنە نېمە ئۈچۈن ئالىي دەرىجىلىك بۈلۈمنىڭ ئۆزىدىكى چۈشۈش يولىنى ئىشلىتىدۇ؟ سەۋەبى يەنىلا شۇ ئادەتتىكى بۈلۈمدىكى خېرىدارلارنى كۆرسۇن دەپ. ئۇلار ئالىي دەرىجىلىك بۈلۈمنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە، ئۇلارغا تېخىمۇ كەڭ ،راھەت ئورۇنلارنى، تېخىمۇ چىرايلىق ھاۋاخان<ئايرو خانقىز>لارنى ،تېخىمۇ ئەلا مۇلازىمەتنى كۆرسىتىش ئۈچۈن. ئەمەلىيەتتە ،ئۇلارنىڭ vip مۇلازىمىتىگە ھەۋەسلىنىپ قارىشى، ئاۋىئاتسىيە شىركىتىدىكەرنى بەكلا خۇش قىلىۋىتىدۇ. چۈنكى vipئۇلارنىڭ مۇلازىمىتىنى ھەقسىز تەشۋىق قىلىدۇ ئەمەسمۇ.
خۇلاسە كالام. بازار ھەرگىزمۇ ئاددىيلا بىر ئۇيۇن ئەمەس ، سىز ئۇتسىڭىز مەن چۇقۇم ئۇتتۇرىدىغان؛ ئۇنچە قورقۇنۇچلۇقمۇ ئەمەس، سىزمۇ ئۇتتۇرىدىغان، مەنمۇ ئۇتتۇرىدىغان؛ بەلكى بىر كۆڭۈللۈك ئۇيۇن ، سىزمۇ ئۇتىدىغان مەنمۇ ئۇتىدىغان.
تەرمىلەر ژۇرنىلى 2014-يىللىق 14-سان |