قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2892|ئىنكاس: 50

پالۋان تىراگېدىيەسى ۋەبىزدىكى ئىقتىسادى قاراش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

4

دوست

134

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   44.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2375
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 28
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-8
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-29 19:00:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پالۋان تىراگېدىيەسى ۋە بىزدىكى ئىقتىسادى قاراش

ئابدىلىم ئابدۇرېھىم


     كىچىك ۋاقلىرىمىزدىن تارتىپ ھېكايىلىرىنى، شان-شەرەپلىرىنى گېزىتلەردىن ۋە تېلۋېزورلاردىن كۆرۈپ تۇرىدىغان پالۋىنىمىز ئابدۇرەھمان ئابلىكىمنىڭ ياش تۇرۇپلا قارا يەر قوينىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى ئويلىسام  ئىچىمدىن بىريىغا بىقسىپ چىقىدۇ. ئۈرۈمچىدە تۇرۇپمۇ نامىزىغا قاتنىشالمىغانلىقىمدىن ئىنتايىن ئەپسۇسلىنىمەن!  بۇ يوقىتىش مەنلا ئەمەس ھەممە قەلىبكە تەسىر قىلدى ئەلۋەتتە. پالۋاننىڭ ۋاپاتى توغرىسىدىكى يازمىلار ئىچىدە ئابدۇسەمەت ئىمىن كۆكتىكىن ئەپەندىمنىڭ «قەھرىماننى كىم ئۆلتۈردى» ناملىق يازمىسىنى ئوقۇپ كاللامنى نۇرغۇن سوئاللار چىرمىۋالىدى ۋە بىئارام بولدۇم. شۇ سەۋەب بەزىبىر ھېسلار ۋە بىلىدىغانلىرىمنىڭ ئازلىقىغا قارىماي بىزدىكى  ئىقتىسادى ئاڭ توغرىسىدا كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولدۇم.
   ئابدۇسەمەت ئىمىن كۆكتىكىن ئەپەندى «قەھرىماننى كىم ئۆلتۈردى» ناملىق يازمىسىدا مەرھۇم پالۋىنىمىزئابدۇرەھمان ئابلىكىمنىڭ ئىقتىسادى بىسىمدىن مۇستەسنا ئەمەسلىكىنى تىلغا ئالغانىدى.ھازىرقى دەۋرىمىزدە بۇ بەلكىم بارلىقىمىز ئۇچراۋاتقان ئورتاق مەسىلە بولۇشى مۇمكىن، پۇل كىمگە ئارتۇق؟
    مەرھۇم پالۋىنىمىزدىن باشقا ئەتراپىمىزدا يەنە شۇنىڭغا ئوخشاش ئېسىل ئادەملىرىمىز بار، بەلكىم ئۇلارمۇ ئىقتىسادى جەھەتتىن يېتىشسىزلىكلەرگە ئۇچراۋاتقان بولىشى مۇمكىن. لېكىن بۇنى باشقىلىرىمىز بىلمەسلىكىمىز مۇمكىن. ھەممىمىزنىڭ ئۆزىمىزگە تۇشلۇق دەردى بار، شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنە ئۆزىنى قۇيۇپ تۇرۇپ،چوڭ مەسئۇلىيەتلارنى يەلكىسىگە ئارتىۋالغان پىداكارلار ۋە تۆھپىكارلار ئاز ئەمەس ئەلۋەتتە.  شۇڭا ئۇلاردا بىزگە قارىغاندا ئىقتىسادى بىسىمنىڭ ئېغىرلىقى ئېنىق .
    نەچچە ئاينىڭ ئالدىداپۇتبول چولپىنىمىز، بارى بىلەن سۆھبەتتە بولۇپ قالدۇق.ئۇنىڭ دېيىشىچە نام چىقارغاندىن كېيىن نۇرغۇن كارخانىچىلار، ،ئاتالمىش ئاكىلار ئۇنى ئىزدەپ  ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىش نىيىتىنىڭ بارلىقىنى،قانداق قېيىنچىلىق بولسا ئېيىتسا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ. لېكىن نۇرغۇنلىرى قوللايمىز ،ئۇنداق قىلىمىز مۇنداق قىلىمىز  دەپ   كۆرۈشۈپ، غىزالىنىپ ،رەسىمگە چۈشۈپ نەق ئىشنىقىلىدىغان چاغدا يىلى چىقىپ كەتكەنلىكىنى دەپ بەرگەن ئىدى. بۇ يەردە بىر مەسلە مەلۇمكى، ئېغىزدا قوللاپ قويۇپ ئەمەلىيەتتە قوللىمايدىغان، شوئار توۋلاپ  مەنپەئىتىدىن ۋاز كىچەلمەي ھەمكارلىشالمايدىغان ئەھۋاللار ھازىر كۆپ كۆرۈلىۋاتىدۇ.
    مېنىڭچە مەلۇم ئىقتىسادى ئاساسىي بار بايلىرىمىزمانا مۇشۇ ئىجتىمائى مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك دەپ ئويلايمەن، چۈنكى ھاياتتا بىر نەرسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن چوقۇم بەزى نەرسىلەردىن ۋاز كەچمەي بولمايدۇ.يەنە بىرتەرەپتىن ئويلىساق ئەگەر بايلار ۋە كارخانچىلار  بۇنداق مەسىلىلەرنى ئۈستىگە ئالالمىسا ياكىئاجىزلىق قىلىۋاتقان بولسا ئۇنداقتا  قانداق قىلىش كېرەك؟
   مەن شىركەت ۋە ئىقتىسادساھەسىدە يېڭى ئىزدەنگۈچى بولۇش سالاھىيىتىم بىلەن مۇنداق بىر رېئاللىقنى سىلەربىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.  مەن ئىزدىنىش ،ئۆگىنىش جەريانىدا بىر تۈركۈم كارخانىچىلار، ئىقتىسادشۇناسلار بىلەن ئۇچراشتىم.پاراڭ جەريانلىرىدا كارخانىچىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى سورىغىنىمدا كۆپىنچىسى خىزمەتچىلەرنى باشقۇرۇش، شىركەت ھىساباتىنى تەرتىپكە سىلىشتىن باشقا ئەڭ مۇھىمى مەبلەغ كەمچىل ئىكەنلىكىنى ئىيتتى. ئۇلارنىڭ «يىتەرلىك مەبلەغ يوق، بولمىسا ئۇنداققىلاتتىم بۇنداق قىلاتتىم »دىگەندەك قاقشاشلىرىنى كۆپ ئاڭلىدىم. ئىقتىسادئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان مۇشۇ جەمىيەتتە نۇرغۇن سودىگەرلىرىمىز زامانغاماسلىشىپ بۇرۇنقى ئەنئەنىۋى سودا شەكلىدىن شىركەتلىشىش ۋە كارخانىلىشىش يولىغاقەدەم ئالدى. لىكىن بىلىم قۇرۇلمىسى ۋە مەدەنىيەت سەۋيىسىنىڭ تۆۋەنلىكىدىنكارخانىسىنى زامانغا لايىق باشقۇرۋاتقانلىرى يوق دىيەرلىك بولىۋاتىدۇ . شۇڭا دائىم پۇل يوقنىڭلا گىپىنى قىلىپ، قانداق قىلىپ پۇلنى تىپىش توغرىسىدا ئىزدىنىدىغانلابەك ئاز. ھەتتا چوڭ چوڭ كارخانىچى، باي سودىگەرلەرنىڭ ھىساباتىدىن ۋاقتى كەلگەندەجىددى خام ئەشيانى تەييارلاش ئۈچۈن بەزىدە 100مىڭ سوم پۇلمۇ چىقمايدۇ.     2014-يىلى بىيجىڭ «دوڭفاڭ خۇۋائىر» (东方华尔) مەكتىپىنىڭ مالىيە پىلانلاش كەسپىدە ئوقۇش جەريانىدا تىيەنجىياگۇاڭ قاتارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭياردىمىدە مەبلەغ توپلاش ۋە مەبلەش سىلىپ پۇل تىپىش ئوسۇللىرىنى ئۆگەنگەنىدىم (داۋاملىقئۆگىنىۋاتىمەن). ھەمدە  بۇ كەسىپنىڭ چوڭجەھەتتىن دۆلەت مالىيەسىنى پىلانلاشتىن كىچىكى شەخىسلەرنىڭ ئاز سوممىدىكى مەبلەغسىلىپ پايدىغا ئىرىشىشكىچە چىتىلىدىغانلىقى ۋە ئەمىلىي قوللىنىشچانلىقىنىڭ  ناھايىتى يۇقىرىلىقىنى ھېس قىلغانىدىم. قاراپباقساق ئەتراپىمىزدا مۇشۇ خىل ئۇسۇلدىن پايدىلانغانلارمۇ  ئاز ئەمەسكەن. دېمەك بىزمۇ توختىماستىن پۇلتىپىش ئۈستىدە ئىزدەنسەك، غۇرۇرىمىز كۆتىرىدىغان ۋە باشقىلارمۇ يۈزىڭىز چۈشۈپكىتىدۇ دىيەلمەيدىغان كىرىم  قىلىشيوللىرىنى بايقاشقا ئاتلانساق ئەلۋەتتە بولىدىكەن.
    بەلكىم نۇرغۇن كىشىلەرگەبۇ گەپ خۇشياقماسلىقى مۇمكىن. چۈنكى كۆپلىگەن كارخانىچىلار ئۆزىنىڭ كارخانسىنىتەرەققىي قىلدۇرالماي ئالدىراش، ئۇلار ئۈچۈن مەھسۇلاتى ياخشى سىتىلسا شۇنىڭدىنكۆپرەك كىرىمگە ئېرىشەلىسە، خادىملىرىنى ياخشى تەشكىللىسە بولغىنى......
  مەمۇرىي ۋەكەسپىي ئورۇنلاردا ئىشلەۋاتقانلار ئاساسەن مۇئاشىنى قانداق خەجلەشنىڭكويىدا،ئۇلاردا مالىيە پىلانلاش ئىڭىمۇ يىتىلمىگەن. بۇ خىلدىكى كىشىلەر گەرچەئىقتىسادىي جەھەتتىن ناھايىتى ئەركىن ياشاۋاتقاندەك كۆرۈنگىنى بىلەن مالىيەئاساسىي بىر قەدەر ئاجىز، تاساددىپى كۆپ پۇل كىتىدىغان ئەھۋالغا ئۇچراپ قالساقەرىزگە بوغۇلۇپ نامراتلار قاتارىغا كىرىپ قىلىشى مۇمكىن. ئەگەرتۇرمۇش قىستىمىسا قانداق قىلىپ يەنىمۇ كۆپرەك ئىقتىساد توغرىسىدا ئىزدىنىش خىيالى يوق دىيەرلىك.
   لىكىن بۇندا ق ئەھۋالدا قىلىش ئۇلارنىڭ خاتالىقى  ئەمەس،بەلكى بىزنىڭ ھازىرقى ئومۇمى تەربىيىمىزدىكى سەۋەنلىك بولۇشى مۇمكىن. بىر پاكىت
شۇكى كۆپىنچە چوڭ شىركەتلەرنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ مەدەنىيەت سەۋيىسى ئانچە  يۇقىرى ئەمەس.ئەمما  ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەر دەل شۇلار ئۈچۈنخىزمەت قىلىدۇ. كىچىكىمدىكى ئازرۇلۇرۇمنى ئويلىسام قارىماققا ئىقتىساد بىلەن كۆپباغلىنىشى يوقتەك. ھەممىسى بىرەر تەتقىقاتنى مەيدانغا كەلتۈرۈش، ياخشى بىر پارچەكىتاپ يېزىش دىگەندەك ئارزۇلار ئىدى. چۈنكى مەن تەربىيەلەنگەن مائارىپتائىدىسوننىڭ بىر كەشپىياتچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى چوڭكارخانىچى مىليونىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمىگەنىكەن. بىزنىڭ كۆپىنچە ئوتتۇرا مەكتەپئوقۇتقۇچىلىرىمىز قانداق قىلسا ئىمتىھاندا يۇقىرى نۇمۇر ئىلىشنى ئۆگىتىپ،ئىقتىسادىي ئاڭ جەھەتتىن تەربىيەلەشكە سەل قارغانىكەن ، مەنمۇ تاكى ئالىي مەكتەپكەچىقىپ «باي دادام نامرات دادام »دىگەن كىتابنى ئوقۇغىچە ماڭا بىرەر ئوقۇتقۇچۇمئىقتىسادى ئاڭ توغرىسىدا گەپ قىلمىغانىدى. بۇ بەلكىم  ئۇلارنىڭ چوڭ بولغاندا ئۆگىنىۋالسۇن دەپئويلىغان ياكى ئۆزلىرىدە بۇ خىل ئاڭ بولمىغانلىقىنىڭ سەۋەبىدىن بولسا كېرەك. ئىقتىسادىئاڭ توغرىسىدا«باي دادام نامرات دادام » ناملىق كىتاب مىنى تۈپتىن ئۆزگەرتتى. مىنىئىقتىساد ئۆگىنىشكە، كىيىن غايىۋى بىر كارخانىچى بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى. بۇنىڭبىلەن ئالىي مەكتەپ ھاياتىم ئاساسەن ئىقتىساد ئائىت بىلىم ۋە تەجىربە توپلاش بىلەنئۆتتى.
   مەلۇمكى ، بىر ئىقتىساس ئىگىسىنى تەربىيەلەشكەۋاقىت كىتىدۇ. ئەگەر شۇ ئىقتىساس ئىگىسىنى كىچىك ۋاقتىدىن تارتىپ ئۆگىنىش ئىڭىبىلەن بىرگە ئىقتىسادى ئاڭنى سىڭدۈرۋەتسەك ئۇ چاغدا بىزدىمۇ دىيارىمىز ۋە دۇنياغاتەسىر كۆرسىتەلىگىدەك كارخانىچىلار، بىلگەيتىستەك كاتتا بايلارنىڭ چىقىشىدىن ئۈمۈدبار. ياپۇنلاردا «يۈز پروفېسسوردىن بىر كارخانچى ئەلا» دەيدىغان گەپ بار، بىزدەھازىر ئىقتىساد كەمچىل، رايونىمىزنىڭ دىڭىزدىن يىراق بولىشى ۋە قاتناشنىڭ قولايسىزبولىشىتەك جۇغراپىيىلىك شارائىتى بىزنىڭ تەرەققىياتىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، لىكىنبۇ بىزنىڭ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرالماسلىقىمىزنىڭ  باھانىسى بولالمايدۇ. چۈنكى بىزنىڭ باشقاھىچقانداق جاي ئورنىنى باسالمايدىغان ئەۋزەللىكلىرىمىز يوق ئەمەس ئەلۋەتتە. شۇڭامەيلى قايسى ساھەدە تېرىشۋاتقان كىم بولسۇن، ئىقتىسادنىڭ بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىمئىكەنلىكىنى چۈشۈنۈپ يېتەلىسە ، ئاغرىنىشنىئاز قىلىپ تېرىشسا بىزنىڭ ئەھۋالىمىز باشقىچە بولۇشى، ئەۋلادلېرىمىز ئۈچۈن تېخىمۇ ئەۋزەل شارائىتلارنى يارىتالىشىمىز مۇمكىن
    ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك تەرەققىياتى بىر قانچە ئىقتىسانشۇناس ۋەكارخانىچىنىڭ تېرىشىشىدىن بولمايدۇ. بەلكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بۇمەسلىگەئورتاق  كۆڭۈل بۆلىشى ۋەئىزدىنىشىدىن ۋۇجۇدقا كىلىدۇ. شۇڭا ئۆزىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا كۆڭۈلبۆلۈش ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن تېرىشىش ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى، مەجبۇرىيىتى بولۇپ قالدى.ئەگەر مۇشۇ تەرەپلەرگە دىققەت قىلالىساق بىزنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىمىزدا ياخشىلىنىشبولۇپ قالماي،يەنە مەرھۇم پالۋىنىمىز ئابدەرھمان ئابلىكىمنىڭ ۋاپاتىغا ئوخشاش تىراگىدىيەلىك ئەھۋاللارمۇ ئازلىشى ھەتتايوق دېيەرلىق بولىشى مۇمكىن. بايلار، كارخانىچىلارنىڭ كۈچى ھەل قىلالمىغانئىشلارنى خەلق ئۆزى ئويلىشىپ، ئۆزگەرتىپ ياخشىلاش ئارقىلىق ئەلۋەتتە ھەل قىلىپكېتەلەيدۇ دەپ ئىشىنىمىز.

0

تېما

0

دوست

317

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   8.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33878
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 100
توردىكى ۋاقتى: 14
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-29 19:53:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۇيغۇر جەميىتىمىزدە سىز ۇيلىغاندەك ىشلار راستىنلا مەۋجۇت بۇ ىشقا چۇقۇم يۇرۇت چۇڭلىرى ىاممىنىڭ قۇللىشىغا ىرىشكەن كارخانچىلار ىاۋال باش بۇلۇشى مەسىۇل بۇلشى ىاندىن جەميەتنى سەپەرۋەر قىلىشى كىرەك ىەلۋەتتە
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

4

دوست

134

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   44.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2375
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 28
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-8
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-29 19:58:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Almaskuz يوللىغان ۋاقتى  2015-1-29 19:53
ۇيغۇر جەميىتىمىزدە سىز ۇيلىغاندەك ىشلار راستىنلا مەۋج ...

راسىت دەيسىز قېرىندىشىم، بىز سۆزلىسەك ئاندىن بۇنىڭغا ئېتىبار بېرىدىغان ئادەم چىقىدۇ.

0

تېما

0

دوست

1519

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   51.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27571
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 496
توردىكى ۋاقتى: 71
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-29 20:12:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گەپنىڭ سەتى ،بىز بەك دورامچوق .ئەلى ئۇستاز ئىككى ئىغىز سۆزلىۋىدى ،ئۇنىڭدىن ساۋاق ئالماقتا يوق ، تۇشمۇتۇشتىن «ئەلى مۇئەللىمىنىزىم» پەلەككە يەتتى .ئەمدى بىر پالۋان ئۆلۇپ كىتىۋىدى ،ئۆلگەندىن كىيىن ياسىن ئوقۇۋاتىمىز .
  مۇشۇ ئىئانە يىغىمىز دەپ يازما تارقاتقان سالون ئىگىلىرىنىڭ نىمە مەقسىتى بارلىقىنى بىلەلمىدى، مەرھۇمنىڭ غورۇرىنى ۋە ئىززىتىنى قىلچە ئويلاشماپتۇ .

2

تېما

0

دوست

1298

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   29.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29581
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 402
توردىكى ۋاقتى: 79
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-29 20:22:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزدە كارخانىچى زىيالىيلار قوشۇنى شەكىللەنمىسە  مىللەتنىڭ ئومومى گەۋدە ساپاسى ئۆسمەيدۇ.

1

تېما

4

دوست

2157

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   5.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7577
يازما سانى: 136
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 37
تۆھپە : 644
توردىكى ۋاقتى: 95
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-29 20:24:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىگەنلىرىڭىز بەرھەق،ئۇيغۇرجەمىيتىمىزنىڭ ئىقتىسادى ئاڭ بۇزۇلۇشى(ئومومەن)كىشىنى چۈچۈتمەي قالمايدۇ.كادىر ئىشچى-خىزمەتچىلەر بولسا ئاللا بۇرۇن بىر نەچچە مىڭ يۈەننىڭ قۇلى بۇلۇپ بولدۇق.ئىقتىسادى يول تۇتايلى دىسەكمۇ ئامال يوق،يول تار،ۋاقىت قىس.ئات تاپىدۇ ئىشەك يەيدۇلار ھەمدە توخۇدەك بۇزۇپ چېچىش قىلمىشلىرى بىزدە كىتاپ يازغۇدەكلا جېق.بۇ دەرتلەرنى زادى قانداق قىلغۇلۇق؟

0

تېما

0

دوست

260

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   86.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20597
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 68
توردىكى ۋاقتى: 14
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-29 20:30:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bambuk يوللىغان ۋاقتى  2015-1-29 20:12
گەپنىڭ سەتى ،بىز بەك دورامچوق .ئەلى ئۇستاز ئىككى ئىغىز  ...

سىزمۇ پۇلنىڭ گېپىنى ئاڭلاپلا بېشى قايغانلارنىڭ بىرىكەنسىزدە ؟.

0

تېما

0

دوست

934

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   86.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33827
يازما سانى: 106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 276
توردىكى ۋاقتى: 22
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-29 20:45:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مۇلاھىزىنىڭ بولىدىكەن...تەشەككۈر!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )