بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bilimhumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-30 14:30
ناسا بىر يېڭى سۈنئىي-ھەمرانى قويۇپ بېرىدۇ
بىلىمخۇمار
2015-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
ناسا ئەتە، يەنى 2015-يىلى 30-يانۋار كۈنى، كالىفورنىيە ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 6 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە بىر سۈنئىي-ھەمرانى قويۇپ بېرىدۇ. بۇ ۋاقىت ئۇيغۇر دىيارىدا جۈمە كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 8 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەن ۋاقىتقا توغرا كېلىدۇ. ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋاقتى كالىفورنىيەنىڭ ۋاقتىدىن 14 سائەت بۇرۇن.
بۇ سۈنئىي-ھەمرانى ناسا مەركىزى ج پ ل (يەنى بىزنىڭ ئىدارە JPL) ياسىغان بولۇپ، ئۇ ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتىدىكى لوس ئانژېلىس شەھىرى بىلەن سان فرانشىسكو شەھىرىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان ۋاندېنبېرگ (Vandenberg) ھاۋا ئارمىيىسى بازىسىدىن «دېلتا 4» ناملىق راكېتا بىلەن ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىلىدۇ. ئالەم بوشلۇقىغا چىققاندىن كېيىن بۇ ئالەم ئۇچقۇرى يەر شارىنى 682 كىلومېتىر ئېگىزلىكتىكى ئوربىتتا ھەر 98.5 مىنۇتتا بىر قېتىم تولۇق ئايلىنىپ چىقىدۇ.
1-رەسىم: «سماپ» ناملىق سۈنئىي-ھەمرانىڭ ئالەم بوشلۇقىدىكى بىر كۆرۈنىشى (كومپيۇتېردا سىزىپ چىقىرىلغان رەسىم). بۇ سۇنئىي-ھەمرانىڭ ئانتېنناسىنى لاھىيىلەپ ياساپ چىقىش ج پ ل ئۈچۈن ئىنتايىن قىيىنغا توختىغان بولۇپ، ئۇنى ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىشتا سۇنئىي-ھەمرانىڭ بىر ئۇزۇنلۇقى 122 سانتىمېتىر، كەڭلىكى بىلەن قېلىنلىقى 31 سانتىمېتىر كېلىدىغان ساندۇقىنىڭ ئىچىگە قاچىلاپ ئېلىپ چىققان.
بۇ سۈنئىي-ھەمرانىڭ ئىنگلىزچە ئىسمى «Soil Moisture Active Passive satellite» بولۇپ قىسقارتىلىپ «سماپ» (SMAP) دەپ ئاتىلىدۇ. سماپنىڭ ۋەزىپىسى يەر شارى يۈزىدىكى تۇپراقنىڭ نەملىك مىقتارىنى ھازىرغىچە مۇمكىن بولمىغان توغرۇلۇق دەرىجىسىدە ئۆلچەشتىن ئىبارەت. مۇشۇ ئالەم ئۇچقۇرى بىلەن ئېرىشىلگەن ئۇچۇرلار ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش، كەلكۈنلەرنى كۆزۈتۈپ تۇرۇش، ھاۋا-كىلىماتىدىكى ئۆزگىرىشلەر ئۈستىدە ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىش، قۇرغاقچىلىقنى باشقۇرۇش، دۆلەت سىياسىتى چىقىرىدىغان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ سۇ مەنبەسى ھەققىدە توغرا قارار ئېلىشىغا ياردەملىشىش قاتارلىق ساھەلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ سۈنئىي-ھەمرا يەر شارىنى ھەر 98.5 مىنۇتتا بىر قېتىم تولۇق ئايلىنىپ چىقىدىغان بولغاچقا، ئۇ ھەر 2-3 كۈندە يەر شارى يۈزىنى بىر قېتىم تولۇق ئۆلچەپ بولالايدۇ. سماپنىڭ ئىشلەش مۇددىتى 3 يىل ئىكەن.
مەزكۇر قۇرۇلۇش (mission) ئۈچۈن ناسا جەمئى 916 مىليون دوللار سەرپ قىلىدىكەن.
ناسا بۇ سۈنئىي-ھەمرانى ئەسلىدە بۈگۈن (يەنى 2015-يىلى 29-يانۋار كۈنى) قويۇپ بېرىشنى پىلانلىغان بولسىمۇ، بۈگۈن كالىفورنىيەنىڭ يۇقىرى ئاتموسفېرا قاتلىمىدا ئىنتايىن قاتتىق بوران چىقىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، ناسا بۇ ئىشنى ئەتە ئەتىگەنگە كېچىكتۈردى. نۇرغۇنلىغان ئالەم بوشلۇقى چەكلىمىلىرى تۈپەيلىدىن، ناسا بۇ سۈنئىي-ھەمرانى ئالەم بوشلۇقىغا ئېلىپ چىقىدىغان راكېتانى ئەتىگەن سائەت 6 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىنكى 3 مىنۇت ئىچىدە ماڭدۇرۇپ بولمىسا بولمايدىكەن. مەن كۆرگەن ماتېرىياللاردا بۇ چەكلىمىلەرنىڭ نېمە ئىكەنلىكى بايان قىلىنماپتۇ.
2-رەسىم: بۇ رەسىمدىن بىز بىر ئادەمنىڭ بويى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، مەزكۇر سۈنئىي-ھەمرانىڭ ئىگىزلىكى قانچىلىك ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالالايمىز.
پايدىلىنىش ماتېرىيالى:
[1] Earth Orbiting Observatory Launch Rescheduled for Friday
http://www.nbclosangeles.com/news/local/NASA-JPL-Satellite-SMAP-Rocket-Launch-Soil-Moisture-Drought-Water-289621491.html
[2] NASA Calls Off Satellite Launch Minutes Before Liftoff Due to Winds
http://www.space.com/28405-nasa-delays-earth-satellite-launch.html
|