بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kadirdolan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-30 19:27
ئامېرىكا نېمىگە ئاساسەن خەلقئارا قائىدە ئورنىتىدۇ؟ جاڭ دىئەنچېڭ دولان تەرجىمىسى ئامېرىكاۋاقتى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئامېرىكا زوڭتۇڭى ئوباما پارلامېنتدا ۋەزىپە ئۆتۈگەندىن بۇيانقى 6-قېتىملىق دۆلەت ئەھۋالى دوكلاتى ئېلان قىلدى، روسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ1-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى خەۋرىدە ئوبامانىڭ بۇ قېتىمقى دۆلەت ئەھۋالى دوكلاتىدا،خەلقئارا سودا قائىدىسىنى ئامېرىكىنىڭ ئۆزلىرى تۈزۈدىغانلىقىنى ئېنىق ئوتتۇرىغاقويۇپ، ئۆز شىركەتلىرىگە پايدىلىق شارائىت يارىتىدۇ دەپ قارىدى. ئوبامانىڭ كۆرسىتىشىچە، جۇڭگومۇ قائىدە تۈزۈشنى ئويلىسىمۇ، بىراق دۇنيادىكى ئىقتىسادىي ئېشىشى ئەڭتىز بۇرايۇن، ئامېرىكا سودىسىنى ۋە ئىشچىلارنىڭ ئورنىنى چىكىندۈرۋېتىدۇ. “ئامېرىكا بۇنىڭغا يول قويمايدۇ ” دەپ تەكىتلىدى؛ ئۇنداقتا ئامېرىكا نېمىگە ئاساسەن خەلقئارا قائىدە ئورنىتىدۇ؟ 20-ئەسىرنىڭ90-يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، ئامېرىكا دۇنيادىكى بىردىنبىردەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتكە ئايلىنىدۇ، 20 يىلدىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى يېتەكچىلىك ئورنى خىرس ۋە تەھدىتكە ئۇچرايدۇ؛ بۇمەزگىلدە ياۋرۇ-ئاسىيا چوڭقۇرۇقلىقىدىكى چوڭ دۆلەتلەر باش كۆتۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ زۇمۇگەرلىك ئورنىغا تەھدىت پەيدا قىلىدۇ، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا زىددىيىتى بىربىرلەپ ئاشكارىلىنىشقا باشلاپ، زىددىيەتنى ياخشى بىرتەرەپ قىلالىسا چوڭ دۆلەتلىك ئورنىنى داۋاملىق ساقلاپ قالالايدىغان، ياخشى بىرتەرەپ قىلالمىسا ئاستا-ئاستا زاۋاللىققايۈزلىنىشتەك ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىدۇ. 2010-يىلى ئوباما ھۆكۈمىتى ئاسىيا-تنچ ئوكيانغا قايتىشنى جاكارلاپ، ھەبىي ئىشلار ۋەئىقتىسادىي ئىستىراتېگىيەسىنى بۇ رايۇنغا سىلجىتىدۇ؛ ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا-تنچ ئوكيانغا ئەھمىيەت بېرىشىنى ئەيپلىگىلى بولمىسىمۇ، بىراق ئامېرىكا بۇرايۇنغاقايتىپ كەلگەن بىرنەچچى يىلدىن بۇيان، ئامېرىكىنىڭ < تەڭپۇڭلاشتۇرۇش >ئىستىراتېگىيەسىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايۇنىغا ھەرگىز تنچلىق ۋە مۇقۇملىق ئېلىپ كەلمىگەنلىكىنى بايقايمىز. 2013-يىلدىن بۇيان، ئامېرىكا ئىلگېرى چاۋشەنگە قاراتقان < ئۈزىنى تۇتۇۋېلىش > سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ، خەلقئارا جەمئىيەتتە < چاۋشەن تەھدىتى نەزىريىسى > نى بازارغا سېلىپ، تاراتقۇ ۋە كىنو-فىلىم ئارقىلىق، چاۋشەن رەھبەرلىرىنى < مۇستەبىت > ۋە < يادرو ئۇرۇشى قوزغۇغۇچى > قىلىپ سۈرەتلەيدۇ، ئامېرىكا يەنە بىرقاتار قاتتىق تەدبىرلەر ئارقىلىق ب د ت نىڭ چاۋشەنگەقاراتقان جازاسىنى كۆچەيتىپ، چاۋشەنگە يوقۇرى بېسىم پەيدا قىلىش بىلەن بىرگەياپونىيە ۋە كورىيەنىڭ چاۋشەنگە قاراتقان ھەربىي مانىۋرىنى ئۆزلۈكسىز كۆچەيتىپ،چاۋشەننىڭ ئۆز مەيداننى بۇشاشتۇرۇشقا مەجبۇرلايدۇ. ئامېرىكىنىڭ مەقسىدى ئارال ۋەزىيىتىدە جىددىيچىلىك پەيدا قىلىپ، بىرتەرەپتىن كورىيەدىكى ھەربىي مەۋجۇتلىقىنى ۋە ئامېرىكا، ياپونىيە، كورىيە ئىتتىپاقىنى كۆچەيتىپ، ياپونىيە ۋە كورىيەنىڭ مەركەزدىن چەتنىشىنى چەكلىسە؛ يەنەبىر تەرەپتىن چاۋشەن ئارىلىنىڭ جىددىي ۋەزىيىتى ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا-تنچ ئوكياندىكى مەۋجۇتلىقىنى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئامېرىكايەنە جۇڭگو-ياپونىيە، جۇڭگو-فىلىپپىن، جۇڭگو-ۋېتنام ئارال تالاشتارىشىغائارىلىشىدۇ؛ ھەممىگە شۇنەرسە ئايانكى، جۇڭگو-ياپونىيە داۋيۇ ئارىلى مەسىلىسىنىڭ شەكىللىنىشىدە ئامېرىكىنىڭ باشتارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار، ياپونىيە داۋيۇئارىلىنى ئاتالمىش < دۆلەت ئىختىيارىغا ئېلىش > نى باشلىغاندا، ئامېرىكائۇنى چەكلىمەستىن بەلكى ياپونىيەگە يەلبېرىپ، داۋيۇ مەسىلىسىدە ياپونىيەگە يان بېسىپ، داۋيۇ ئارىلى « ئامېرىكا-ياپونىيە قوغدىنىش كېلىشىمى » گە ئۇيغۇن دەپ جاكارلىغاچقا، ياپونىيەنىڭ ئىغۋاگەرچىلىك ھەركىتى كۆپۈيىدۇ؛ ئوخاشاشلا،جۇڭگو-فىلىپپىن، جۇڭگو-ۋېتنام جەنۇبىي دېڭىز تالاش-تارتىشىدا بىرتەرەپكە يان بېسىپ، جۇڭگونى < ئىغۋاگەرچىلىك قىلدى >، < جەنۇبىي دېڭىزنىڭ مۇقۇملىقىغابۇزغۇنچىلىق قىلدى > دەپ ئەيىپلىدى. ئامېرىكىنىڭ مەدەت بېرىشى بىلەن، ياپونىيە،فىلىپپىن ۋە ۋېتنامنىڭ يۈرۈكى يوغۇناپ، جۇڭگونىڭ زىمىنىنى ئىگەللىۋېلىش مەقسىدىگەيەتمەكچى بولدى. جۇڭگوئىقتىسادىنىڭ باش كۈتۈرىشىنىڭ ئامېرىكىغا قانداق تەسىر ئېلىپ كىلىشى ئوبامانىڭ كۆڭلىگە ئايان، ئامېرىكا زومۇگەرلىك ئورنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، بىرتەرەپتىن جۇڭگو بىلەن ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ زىمىن مەسىلىسىدىن پايدىلىنىپ، مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگونى ئىسكەنجىگە ئېلىشنى قوللىسا، يەنەبىر تەرەپتىن ھەربىي،سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە دېپلۇماتىيە ئەۋزەللىگىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگونى باسماقتا؛كىشىلەر ئامېرىكىنىڭ < تەڭپۇڭلاشتۇرۇش > ئىستىراتېگىيە مەقسىدىنىڭ ئەمەلىيەتتە جۇڭگونى قورشاش ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يەتمەكتە. ئۆتكەنكى نەچچى ئون يىلدا، ئامېرىكا ئىلغار پەن-تېخنىكىسى ۋە قۇدرەتلىك ھەربىي كۈچى ئارقىلىق، نېفىت سودىسىدا دوللارنى ئىشلەتمىگەن دۆلەتلەرنى يىنىك بولسا ھەربىي جەھەتتە ئەدەپلەپ، ئېغىر بولسا ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرىۋېتىپ، خەلقئارا نېفىت سودىسىدادوللار بىلەن راسچوت قىلىشنى قوغدىدى؛ يەنى قۇدرەتلىك ھەربىي كۈچ دوللارنىڭ خەلقئارادىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى قوغداشتىكى مۇھىم ئاساسى بولدى، ناۋادا ئامېرىكادوللارنىڭ خەلقئارادىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى مۇستەھكەم ساقلىيالىسا پۈتۈن دۇنياغاتەسىر كۆرسىتەلەيتى. ئوبۇكتىپ جەھەتتىن ئېيىتقاندا، ئامېرىكىنىڭ قۇدرەتلىك ئورنىنى ھېچقانداقبىر دۆلەت تەۋرىتەلمەيدۇ، بىراق تېرۇرلۇق ھۇجۇمى، چوڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزەڭگەسوقۇشتۇرۇش ۋە قارشىلىشىش قاتارلىقلار ئامېرىكىنىڭ نوپۇزىغا خىرس پەيدا قىلماقتا؛ ئامېرىكاكۆرۈشنى ئارزۇ قىلمايدىغان كونا ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ بۆلۈنىشى يۈزبەرمەكتە؛ نېفىت ئېكىسپورتىغا تايىنىدىغان روسىيەگە ئىستىراېگىيىلىك زەربە بېرىپ، ئوكرائىناكىرزىسىدىن پايدىلىنىپ روسىيەگە ئىمبارگو يۈرگۈزىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ قارشىلىشىشىنى يوقۇرىپەللىگە چىقاردى؛ ئۇندىن باشقا سۈرىيە كىرىزىسى، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ۋە ISISتېرۇرلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئۇزلۇكسىز كېڭىيىشى، ئوباما ھۆكۈمىتىنى پاسسىپ ئەھۋالغاچۈشۈرۈپ قۇيۇشى ۋە تاشقى دېپلۇماتىيەدىكى ئوڭۇشسىزلىقلار، كونا ئىتتىپاقداشلىرىنى< بىرچاقىرىق بىلەن ھەركەتلەندۇرشى > نىڭ تەس بولۇشى، ئامېرىكىنىڭ چوڭ دۆلەتلىك ئورنىنى ساقلاپ قېلىشتىكى بېسىمنى ئاشۇرۇۋەتتى. نەچچى ئونيىلدىن بۇيان، ئامېرىكا ھەربىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە دېپلۇماتىيەقاتارلىق جەھەتتە يېتەكچىلىك ئورۇننى ئىگەللەپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولۇدۇكى، ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا مەسىلىنى بىرتەرەپ قىلغاندا، ھەمىشە ئۆزمەنپەئەتىنى ئاساس قىلىپ، خەلقئارا ئىشلارنى قەستەن بۇزۇپ،باشقا دۆلەتنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ، ئۆزىگە نۇرغۇن دۇشمەن تېپىۋېلىپلا قالماي،بەلكى خەلقئارا ئىشلارنى بىرتەرەپ قىلغاندا قوش ئۆلچەم قوللانغاچقا خەلقئارادىكى ئىناۋىتى ۋە ئابرۇيى تۆۋەنلەپ كەتكەن ئىدى. يىغىپ ئيتقابدا، ئامېرىكا خەلقئارا قائىدە بىكىتكەندە < غۇجا ئاكىلق > قىلىشىنى ئېيىپلىگۈچىلىكى بولمىسىمۇ، بىراق خەلقئارا جەمئىيەت ھەققانىيەت ۋە سەمىمىيەتكە تېخىمۇ مۇھتاج؛خەلقئارا ۋەزىيەت ئۆزگۈرىۋاتقان ئەھۋالدا، بۇرۇنقىدەك زومىگەرلىك ۋە مۇداخىلىچىلىك قىلىشى ئەمەلگە ئاشمايلا قالماستىن، بەلكى خەلقئارا ئەخلاق ۋە ھەققانىيەتنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. كۆپلىگەن پاكىتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، باشقا دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا بۇزغۇنچىلىق ۋە تۇسالغا پەيدا قىلىش دەۋر بىلەن زادى چىقىشالمايدۇ؛ پەقەت ئۆزدۆلىتىنىڭ مەنپەئەتى ياخشى بىرتەرەپ قىلىش بىلەن بىرگە باشقا دۆلەتكەكۆيۈنگەندىلا، سىجىل تەرەققىياتقا ئېرىشەلەيدۇ؛ پەقەت ھەمكارلىقنى كۆچەيتكەندىلائورتاق مەنپەئەتكە ئىرىشەلەيدۇ؛ پەقەت ئۆزى ۋە ئۆزگىلەرگە پايدىلىق بولغان خەلقئارا قائىدە، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قوللۇشىغا ئېرىشەلەيدۇ.
|