نىمە ئۈچۈن جۇڭگولۇقلارنىڭ ئاۋازى بەك يۇقىرى ؟ (شۈ شى لىياڭ)
ئامرىكا ، ياۋرۇپا، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە بىرىپ قايتقان جۇڭگولۇقلاردا ھەمىشە مۇنداق بىر ھىسيات پەيدا بولۇپ قالىدۇ: چەتئەللەردىكى ئاممىۋى سورۇنلاردا جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۆزئارا پاراڭلاشقاندىكى ئاۋازى تاھايىتى يۇقىرى ھەم قوپال بولۇپ ، بۇخىل ئەھۋال غەرپ ئەللىردىكى ناھايىتى تىنىچ ئاممىۋى سورۇنلىرىدا گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ.ئەمەلىيەتتەئۆزدۆلىتىدىكى ئاممىۋى سورۇنلارداناھايىتى يۇقىرى ئاۋازدا پاراڭلاشسىمۇ قۇلاققا ئىنتايىن سەت ئاڭلىنىدۇ، لىكىن خۇڭگولۇقلار كۆنۈپ قالغان بولغاچقا ،ئادەتتىكى ئىش قاتارىدا كۆرىدۇ. نىمە ئۈچۈن بىز جۇڭگولۇقلارنىڭ ئاممىۋى سورۇنلاردىكى ئاۋازى يۇقىرى ھەم قۇلاققا سەت ئاڭلىنىدۇ؟ ئەجىبا بىز جۇڭگولۇقلارنىڭ قۇلاق ئىقتىدارىمىز تولۇق ئەمەسمۇ ؟ ياكى ئاڭلاش ئىقتىدارىمىزدا مەسىلە بارمۇ ؟ ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس، بىراق نىمە سەۋەپتىندۇر كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلەشنى ياخشى كۆرىدۇ،بەلكىم بۇمۇ بىرخىل مىللى ئادەتتۇر، لىكىن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى بۇنداق ئادەتنىڭ كەينىدە چوقۇم بىر سەۋەبى بار، بۇ زادى قانداق سەۋەبتۇ؟ ئۇزۇندىن بىرى چۈشىنەلمەي تۇراتتىم، بىرقانچە كۈن ئىلگىرى ئامرېكىدىكى داڭلىق مائارىپشۇناس جون داۋىينىڭ"بىز قانداق تەپەككۇر قىلىمىز"(جاڭ ۋىن تەرجىمىسى، مائارىپ خەلق نەشىرياتى، 2005-يىلى، 1-ئاي،ئىككىنچى نەشىرى) ناملىق كىتاپنى ئوقۇغاندىن كىيىن ئاندىن چۈشۈنۈپ يەتتىم.
داۋى :"بىرمىللەتنىڭ ئەقلىي تەپەككۇرى كەمچىل بولغان چاغدا، تەجىربىۋىي تەپەككۇرىغا تايىنىپ ھۆكۈم قىلىدۇ". تەجىربىسىگە تايىنىپ تەپەككۇر قىلىدىغان مىللەتلەر مۇنداقچە ئىيتساق، ئەقلىي تەپەككۇر قىلمايدىغان مىللەتلەر ، "پەقەت قەدىمكى ئىنىقلىمىرى ياكى ئىنچىكە تەكشۈرۈشتىن ئۆتىمىگەن، ئۆزئارا ئارلىشىپ كەتكەن ئەبجەش ئەمەلىيەتلىرىنىلا نەقىل كەلتۈرىدۇ، ئىزدەنمەيدۇ ھەم گۇمانلانمايدۇ، تارىخى تەسىرىنى كۆپتۈرۋىتىدۇ."(162-بەت)، قەدىمگە مەستانە بولۇش كەيپىياتى ناھايىتى كۈچلۈك كىلىدۇ.
داۋىي يەنە :"ئادەتتىكى تەجىربىلەر چوڭ جەھەتتىن ھەرخل تاسادىپى يۈزبەرگەن ۋەقەلەرنىڭ بىۋاستە كۈچىگە ھەم كۈچلۈك كونتىروللىقىغا ئۇچرايدۇ. ئومومەن كۈچلۈك نۇر،ئۇشتۇمتۇت يۈزبەرگەن ۋەقەلەر، غايەت زور كۈچلۈك ئاۋازلارنىڭ ھەممىسى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ ، كۆرىنەرلىك باھالارغا ئىرىشىدۇ. ئومومەن غۇۋا، ئىنتايىن ئاجىز ھەم ئۈزلۈكسىز يۈز بىرىپ تۇرىدىغان ئىشلار كىشىلەر تەرىپىدىن ئەھمىيەتسىز دەپ قارىلىپ ئانچە ئىتىبار ئېرىشىپ كەتمەيدۇ."(166-بەت) لىكىن ئەقلىي تەپەككۇر قىلىدىغان مىللەتلەر ئۇنىڭ ئەكسى بولۇپ :”مۇشۇنداق بىۋاستە ھەم دەل ۋاقتىدىكى غىدىقلاشلىرى تەسىرىدىكى تەپەككۇر ئىھتىياجىنى تىخمۇ ئۇزۇن بولغان تەپەككۇر ئىېھتىياجلىرىغا بوي سۇندۇرىدۇ. ناھايىتى كىچىك، ئىنچىكە ئىشلار كۈچلۈك ھەم دائىرسى ناھايىتى كەڭرى بولغان ئىشلاردىن بەكراق مۇھىم ئورۇندا تۇرىشى تەبىئى."(166-بەت). جۇڭگولۇقلارنىڭ ئاۋازىنىڭ يۇقىرى بولىشى، بولۇپمۇ ئاممىۋى سورۇنلاردىكى ئاۋازىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى بولىشىدىكى سەۋەبلەرنى داۋىي نىڭ يۇقارقى بايانىدىن جاۋاب تىپىش مۇمكىن .
چۈنكى ئىلمى لوگىكىدىكى ئەقلىيلىكنى بىلمەيدىغان مىللەت ،ئەگەر باشقىلارنىڭ ئىتراپ قىلىشى ھەم ياخشى باھاسىغا ئىرىشمەكچى بولسا ، بولۇپمۇ باشقىلارنىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلماقچى بولسا يۇقىرى ئاۋازدا توۋلاپ گەپ قىلىش جەزمەن ساقلىنىشقا بولمايدىن بىرئىش. چۈنكى ئاڭلىغۇچى سىزنىڭ گىپىڭىزدىن ئىلمىيلىك ھەم ئەقلىيلىكنى ئىزدىمەيدۇ، بەلكى چىقارغان تاۋۇشلىرىڭىزنىڭ جاراڭلىقلىقىغا ھەم ئاغزى-ئاغزىڭىزغا تەگمەي سۆزلەپ كىتىشلىرىڭىزگە دىققەت قىلىدۇ، گىپىڭىزنىڭ دېڭىزنى دولقۇنلىتىپ، تاغىنى كۈكۈم تالقان قىلالايدىغان قىلالمايدىغانلىقىغا دىققەت قىلىدۇ. ئىتايىن ئازساندىكى كىشىلەرلا ئەستايىدىللىق بىلەن گىپىڭىزنىڭ ئاساسى بار يوقلىقى،راس-يالغانلىقىنى تەھلىل قىلىدۇ.بۇھال كىشىلەرنى پاراڭلاشقاندا ئاۋازىنى يۇقۇرلىتىپ، باشقىلارنىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلىشقا ئۈندەيدۇ. ئەكسىچە، ئەقلىيلىككە ئىگە مىللەتلەر،داۋاملىق ئاۋازىنى پەسەيتىپ ئىنچىكە سۆزلەيدۇ، پېرىزدىېنىتنىڭ خەلىققە قىلغان نۇتۇقلىرىدىمۇ شۇنداق . چۈنكى ئۇلار سۆزنىڭ كۈچى ئاۋازنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكىدە ئەمەس بەلكى ئىدىيەنىڭ ئىلغارلىقى پولاتتەك پاكىت ھەم كۈچلۈك لوگىيكا ئارقىلىق ئىپادىلىنىپ چىققان قايىل قىلىش كۈچىدە ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. بىراق بىز داۋاملىق پەيلىمىزنى يامان قىلىپ تاغنى كۈكۈم تالقان قىلىۋەتكىدەك ئەلپازىمىزدا سۆزلىگەن چىغىمىزدا ئاندىن باشقىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا،ئىتراپ قىلىشىغا ئىرىشىمىز. بۇنداق ئەھۋاللار يىزىلاردىكى بىشەم خوتۇنلارنىڭ ئۆزئارا تىللاشقان ماھارەتلىرنى كۆرسەكلا ھەممىنى بىلىمىز، ئۇلار ئەزەلدىن قائىدە-داۋلى سۆزلىمەيدۇ، كىمنىڭ ئاۋازى گۈلدۈرمامىدەك ئادەمنىڭ تىنىنى شۈركەندۈرگىدەك چىقىدۇ شۇنىڭغا قارايدۇ. ئۇلار مۇسابىقىلىشىدۇ، تىللاشقاندىكى ئاۋاز چاستوتىسى ھەم تىللىغاندىكى ئەڭ زەھەرلىك گەپلىرى ئۈستىدە مۇسابىقىلىشىىدۇ، كىمنىڭ ئاۋاز چاستوتىسى يۇقىرى، تىلى قانچىكى زەھەر بولسا شۇ ئاخىرقى غەلبىنى قولغا كەلتۈرگەن بولىدۇ، بۇ جۇڭگولۇقلارنىڭ غەلبەقىلىشىنىڭ ئەڭگۈشتىرىدۇر.
ئىگىلىنىشىچە،ئەينى يىللىرى ئاقسۆڭەكلەر مائارىپىنى قوبۇل قىلغان ئەنگىلىيەلىكلەر ئاقسۆڭەكلەرچە سالاپەتلىرى بىلەن مۇستەملىكە قىلغان جايلىرىغا بىرىپ تېخى مەدەنىيەتكە كىرمىگەن يەرلىك ئاھالىلەربىلەن ئالاقە قىلغاندا مەجبۇرى ھالدا ئاقسۆڭەكلەرچە سۆزلىشىش ئۇسۇلىنى، ياۋايى،قوپال ئۇسۇلغا ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولغان ئىكەن.چۈنكى بۇجايلاردا لوگىيكىلق، ئىلمى بولغان سىلىق-سىپايە سۆزلەر ئۆزرولىنى جارى قىلدۇرالمىغان ، ئەكسىچە ، ۋاقىراپ-جاقىراپ، قورقۇتۇش،ھەيۋە بىلەن قىلنغان سۆزلەر يەرلىك ئاھالىلەرنى ئۆزىگە بويسۇندۇرغان. ساربىنسون كىنەز 1924-يىلدىكى ئاۋازىنىڭ يۇقىرلىقى بىلەن سۆزلىگەن نۇتىقى بۇخىل ئۇسۇلنىڭ ئەڭ ئۈلگىلىك مىسالى بولالايدۇ。
جۇڭگو تارىخىدىكى ئۇلۇغ ئەربابلارغا قاراپ باقىدىغان بولساق ئاساسەن دىگۈدەك ھەممىسىنىڭ مانا مۇشۇخىل ئۇسۇل بىلەن خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە ھەم ئالقىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى بايقايمىز. ئۇلار دائىم گۈلدۈرمامىدەك ئاۋازلىرى بىلەن تىخىمۇ كۆپ ئاڭلىغۇچىلارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ. تېخى مەدەنىيلەشمىگەن، ياكى يىرىم مەدەنىيلەشكەن مىللەتكە لوگىيكىلق تەپەككۇر ، ئىلمى ئۇسۇللار ئارقىلىق قايىل قىلىشقا ئۇرۇنۇش، پەقەت موزاينىڭ قولىقىغا غىجەك چالماقلىق خالاس. بىرتۇياق كالىنىڭ شۇنچىلىك بەھەيۋەت بەدىنى، ئۆتكۈر مۈڭگۈزى بولسىمۇ، لىكىن بەش ئالتە ياشلىق بالىنىڭ ئالدىدا ھىچقانداق رولى بولمايدۇ. چۈنكى كىچىك بالا توختىماستىن كالىغا ۋاقىراپ،كۈچەپ ئۇرۇپ، ئاندىن ئۇنىڭغا بىرباغلام ئوت بەرسە، كالا بالىدىن پوتلىسى ئىقىپ كەتكۈدەك مىننەتدار بولۇپ ئۇنىڭغا رايىشلىق بۈلدۈرىدۇ.
بۇ ئىلمى تەپەككۇرى كەمچىل بولغان مىللەتنىڭ تىراگىدىيسىدۇر.داۋى بىزگە تەشەببۇس قىلغان ئىلمى تەپەككۇرنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ۋە ئەھمىيتى بەلكىم مۇشۇ تەرەپتە ئەكىس ئىتىشى مۇمكىن. ئىلمى تەپەككۇرى يىتىلمىگەن جەمىيەت دىمىكراتىيەدىن مەڭگۈ يىراقتا تۇرىدۇ.
|