قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1593|ئىنكاس: 10
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

نۇري تېيىپ: كەپتەرلەر -(15)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

90

تېما

34

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   5.59%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8451
يازما سانى: 145
نادىر تېمىسى: 57
مۇنبەر پۇلى: 905
تۆھپە : 4327
توردىكى ۋاقتى: 246
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-15

ئاكتىپ يېڭى ئەزا ھەركەتچان ئەزا قىزغىن ئەزا تېما ماھىرى نادىر يازما چولپىنى پىداكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-31 08:38:53 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
نۇري تېيىپ
كەپتەرلەر -(15)

   ئاكىمىز قىزىپ كېتىپتۇ. خېلىلا كۆپ ئىچكەندەكمۇ قىلىدۇ. يۈزلىرى قىزىرىپ، ياپونچىسىمۇ خېلىلاراۋانلىشىپ قالغاندەك. سورۇندا قېپ قالغان قىز-يىگىتلەر، بىزنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىمىزنى كۆرۈپ، يەنە قايتا چىر - چار قىلىشتى. ساق - سالامەت قايتىپ كەلگەنلىكىمىزنى تەبرىكلەۋاتامدۇ ۋە ياكى بۇلارنىڭ قائىدىسىمۇ، ھەممە تەڭلا "ھويھوي ھوي" دەپ ۋارقىراشتى. قارىسام ئاكىمىزمۇ شۇلار بىلەن "ھوي ھوي"غا كىرىپ كېتىپتۇ.
ئاغىنىلەر بۈگۈن ئولتۇرۇشىمىز كۆڭۈللۈك داۋام قىلىۋاتىدۇ. ئېسىمنىڭ بارىدا دەۋالاي، ئەتە موتسىكلىت قوشۇنى، ماشىنا گۇرۇپپىسى تەڭ پائالىيەت ئېلىپ بارىمىز. بىرئاز ئۇزۇنراق يول بېسىپ قېلىشىمىزمۇ مۇمكىن. ئىدىيىدە تەييارلىق قىپ قويارسىلەر. قېنى ئەمسە ئويۇنىمىزنىڭ كۆڭۈللۈك بولۇشى ئۈچۈن كۆتۈرەيلى ...
  يىگىت ئەتىكى ئورۇنلاشتۇرۇشلار ھەققىدە بىر قۇر توختىلىۋېتىپ، مېنىڭ قېشىمغا كېلىپ، زوڭزىيىپلائولتۇرۇپ:
  ھە، قانداق ئاداش؟كەيپىياتىڭ قانداقراق؟ ھەرقانداق ئىشىڭ، تەلىپىڭ بولسا "ھايت" دە مانامەن تەييار، دەپ مەندىن ئەھۋال سوراپ  خېرىدارچىلىقىمنىقىپ  تۇرۇۋاتىدۇ.
  قارا قارا ئاۋۇتاكاھاشىغا قارا ... ئاجايىپ بالا - دە ... مىنۇت جىم تۇرمايدۇ. قارا ئاۋۇنىڭ ئويناپ كەتكىنىنى ...
   تاكاھاشى پىۋىدىن بىرنى كۆتۈرۈۋېلىپ، مۇزىكىغا تەڭكەش قىلىپ بەللىرىنى تولغاپ، مايكا- پايكىلىرىنى سېلىپ تاشلاپ قىزىقچىلىق قىلىۋېتىپتۇ. ئۇمۇ بەدىنىنىڭ ئۇ يەر بۇ يېرىگە، ئاندا - ساندابىر نېمىلەرنى چېكىۋاپتۇ. نېمىلىكىنى يىراقتىن تازا ئېنىق كۆرەلمىدىم. ئۇ ئارىلاپ -ئارىلاپ "يەي" دەپ ۋاقىراپمۇ قويىۋاتىدۇ.تاكاھاشى مېنىڭ بالائاغىنەم بولىدۇ. ئۆزى ئالامەت شوخ، لېكىن كۆڭلى ياخشى. كاساپەتنىڭ قورقىدىغان نەرسىسى يوق جۇمۇ ... ئىشلىگەندە راۋۇرۇس ئىشلەيدۇ. ئەمما ئوينىغاندا ھە ... ئۇنىڭدەك ئوينايدىغىنى يوق جۇمۇ ...يىگىت تاكاھاشىغازوقى بىلەن قاراپ ئۇنى ماڭا تونۇشتۇرماقتا.
   ئۇ ئۆزى توكچى، مۇشۇيېڭى بىنالارنىڭ توكىنى تارتىدۇ. تاپاۋىتىمۇ جايىدا، تاپقان پۇلىنى ئاۋۇ بايىقى پورسچىسىغىلا ئىشلىتىدۇ. ئەمما ئانىسىغىمۇ ئوبدان قارايدۇ جۇمۇ ... خېلى كۆيىمىمۇبار بەڭۋاش بۇ. بۇدا سىلەر تەرەپكە بېرىپ قالساق، جۈرە دەپ ئۇنىمۇ ئېلىۋالاي. ئۇجۈرە دېسەم، "ياق" دەيدىغىنىمۇ ئەمەس جۇمۇ ...
ئاڭغىچە تاكاھاشىمۇيېنىمىزغا چالا - پۇلا دېسكوسىنى ئوينىغاچ كەپمۇ بولدى. ئۇ بەدەنلىرىنى ئوينۇتۇپ تۇرۇپ:
– ھەئاداش بىزنىڭ پورسچە قانداقكەن؟ يارىدىمۇ؟ ئەتە يەنە مېنىڭكىگە چىقارسەن؟ بۈگۈن ھېچقانچە ماڭمىدۇق، ئەتە كۆرىسەن تېخى.
ئۇ ئوڭ قولىنى مۈرەمگە قويۇپ، سول قولىدىكى پىۋىسىنى مېنىڭكىگە سوقۇش سالدۇرغاچ:
– يەنەبىرەر ئايدىن كېيىن قولۇمدىكى ئىشمۇ تۈگەپ قالىدۇ. توكيو تەرەپكە بېرىپ بىر پەيزىقىپ كېلەيمىكىن دەيمەن ... قانداق ئاداش قارشى ئالارسەن؟ مىجەزىمىزمۇ تازاكېلىشىدىكەن ... ياقتۇرۇپمۇ قالدىم. ياكى بولمىسا قارا ئاداش، بىزنىڭ بۇ يىل،قوشۇن تارتىپ، دېڭىز قىرى بويلاپ پۈتۈن ياپونىيەنى ئايلىنىش پىلانىمىز بار. شۇنىڭغىلاتەكلىپ قىلىۋېتەي مانا .... قانداق؟ئۇ سۆزلىگەچ بىرلىرىگە شەرەت قىلىپمۇ ئۈلگۈرىۋاتىدۇ.
   ئۇنىڭ ئومماققىنەقىز دوستى ئۇنىڭ يېنىدا پەيدا بولدى. ئۇ قولىنى مېنىڭ مۈرەمدىن ئېلىپ، قىزنىڭ مۈرىسىگە قويۇپ، قىزنى ئۆزىگە تارتىپ:
ھانا كو، مېنىڭ ھاناكورۇم. بىز بۇ يىل توي قىلىۋېتىدىغان بولدۇق مانا. بۇ مېنى باشقا قىزلاردىن قىزغىنىپ، بوينۇمغا زەنجىر سالىمەن دەيدۇ ھا ھا ھا ...
قىز ئوماق كۈلۈپ،كەلگۈسى يولدىشىغا تويمىغاندەك قاراپ، جۈپتىنىڭ گەپلىرىنى زوقى بىلەن ئاڭلاپ،قولىدىكى پىۋىسىگە، ئۆزىگە تولىمۇ ياراشقان كىچىككىنە زىناقلىرىنى چىقىرىپ، كالپۇكىنىلاتەگكۈزۈپ قويۇۋاتاتتى. ...
   ئولتۇرۇش ئۇزۇنغىچەداۋام ئەتتى. كۆپ ئىچمىگەنلىرى ماشىنىلىرىنى ھەيدىشىپ، "ئەتە كونا جايداكۆرۈشەيلى" دەپ مېڭىشتى.تاكاھاشى، ئاكىمىز،بەش-ئالتە يىگىت ئۇزۇنغىچە مۇڭدىشىپ، ئالدىن تەييارلاپ قويغان، ئايرىم - ئايرىم ھۇجرىلاردا، بىر كۈنلۈك ئويۇنلارنى قايتا ئەسلىگەچ ئۇيقۇغا كەتتۇق.
ئادىتىم بويىچەھەممىدىن سەھەر تۇرۇپتىمەن. ھويلىنى تاماكا چەككەچ بىر - ئىككى قېتىم ئايلىنىپ چىقتىم. ئاجايىپ - غارايىپ ماشىنىلارنى بىر قۇر كۆزدىن كەچۈرۈۋېتىپ، كۆل بويىدائېرەنسىز ئۈزۈپ يۈرگەن "كوي" بېلىقلىرىدىن ھۇزۇر ئالدىم.خىيالغا كەتتىم. بالىلىق ۋاقلىرىمغا كەتتىم. غۇلجا شەھەر ئەتراپىدىكى "سېسىق كۆل"، "بايكۆل"،ئاق ئۆستەڭ ... ئىلى دەريالىرىدىكى.... سۇ ۋە بېلىق بىلەن، چېتىشلىقى بار، تاتلىق خىياللارنىڭ ھەممىسىنى بىر يولدىلا قىلىۋەتتىم .... بەزى خىياللار مېنى كۈلدۈردى ...بەزىلىرى "ئۇف" تارتقۇزدى ... بەزىلىرى كۆزۈمگە ئىسسىق ياشلارنى كەلتۈرۈپمۇ سالدى ....مەن ھازىر نەدە؟نېمە ئىش قىلىۋاتىمەن؟ كىملەر بىلەن ئارىلىشىۋاتىمەن؟ مەن كىم؟
   ئاتا - ئانام مېنى،ئوغلۇم ھازىر ياپون ئەدەبىياتىنى ئۆگەنگەچ، ياپون تارىخى بىلەن قوشۇپ ئىلمىي ماقالە يېزىۋاتىدۇ، مېنىڭ بالام ... تاماقلىرىنى قانداق قىلىۋاتىدۇكى؟ ۋاقتى - ۋاقتىدا،ئىسسىقىدا يەۋاتامدىكى؟ چارچىغان كۆزلىرىنى ئۇۋۇلىۋېتىپ، يۈزلىرىنى سوغۇق سۇلاربىلەن يۇيۇۋېتىپ، سەگىگەندىن كېيىن يەنە ئۆگىنىش قىلىۋاتىدۇ چوقۇم ... قوساقلىرى ئېچىپ كەتكەنمىدۇ؟ جېنىم بالامنىڭ ... دەپ، سالامەت بولۇشۇمنى، تىرىشىپ - تىرمىشىپ ئۆگىنىشىمنى، ئاخىرىدا ياراملىق ئادەم بولۇشۇمنى، ھەر نامىزىدا ئاللاھدىن تىلەپ،كەچتە ياستۇققا بېشىنى قويۇپلا، يەنىلا بۇ كۆك كۆز بەڭۋاش بالىسىغا ئۇتۇقلارتىلەۋاتسا كېرەك ....
   لېكىن مەن ھازىر،ياپونىيىنىڭ ئاسمانغا پىچاق ئاتىدىغان، قولىدىن ھەممە ئىش قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان،باشلىرىنى ھەر خىل سىرلاردا بويىۋالغان، خۇددى بېلى يوق ئادەملەردەك ئىشتانلىرى چۈشۈپ، يامپىشىنى بېسىپ ئۆتۈپ، ھېلى سېلىنىپ كېتەي دەپ قالغان ئىشتانلىرىنى،ئۈستىگە تارتقۇسى كەلمەيۋاتقان ياش يىگىتلەر بىلەن، ئەمدىلا كۆتۈرۈلگەن كۆكسىلىرىنى يىگىتلەرگە تېزرەك كۆرسىتىشكە ئالدىراپ كېتىپ بارغان قىزلار بىلەن،يىگىتلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىش يولىدا، ئۆزىنىڭ ئارزۇلۇق يەرلىرىنى يېپىشنىمۇ،قەستەن ئۇنتۇيمەن دەپلا تۇرۇۋاتقان قىزلار بىلەن ئولتۇراشتا، ئويۇندا، گىرەلىشىپ كۈلۈشتە ... دۇنيادىن بىغەم ... پەقەت شۇ يەر، شۇ ۋاقىتتا قاقاقلاپ كۈلىشىۋاتقانلارنىڭ بەختىنى قايتا - قايتا تىلەپلا ئاۋارە .... يىگىت - قىزلارنىڭ كاللىسىدا بولسا، ماشىنا، سۈرەت، ساقچى، پىۋا ... ئويۇندىن باشقا ھىچنېمە يوق.ئىسقىرتقان ئاۋازدىن، مېنىڭ خىيالىم ئۈزۈلدى.
   تاكاھاشى ھاۋاغامۇشت ئېتىپ، يەردىكى غازاڭ ۋە ئاخشامقى ئولتۇرۇشتىن يىغۇشتۇرۇشتىن ئۇنتۇلۇپ قالغان، قەغەز ئىستاكانلارنى تېپە - تەپ قىلغىنىچە يېنىمغا كېلىۋاتىدۇ.
ئۇ يىراقتىنلا:
ئوھۇي ... ئۆزۈمنى سەھەرچىمىكىن دېسەم، سەن مەندىنمۇ ئۆتە سەھەرچىكەنسەن. ئەقىللىق ئادەم سەھەرتۇرىدۇ دەيدىكەن. ئىككىمىزدىن باشقىسى بىكار جۇمۇ .... ھا ھا ھاياپونىيىلىكلەردەبىزگە ئوخشاش، ئەسسالام ئەلەيكۇم دەپ، قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش ئادىتى سەل كەمرەك. بېشىنىلىڭ شىتىپلا "ئەتىگەنلىكىڭىز خەيرلىك بولسۇن" نىمۇ قىسقارتىپلا "ئوسس"دەپلا قويىشىدىكەن. ئەلۋەتتە ھازىر مەن ئارىلىشىۋاتقان بۇ تارلا جەمئىيەتتە ... لېكىن مەن ئۆرۈپ - ئادىتىمىز بويىچە، قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتۈم.جۈرە ئاداش، بىزنىڭ پورسچە بىلەن ئاۋۇ يەردىلا ئالامەت قەھۋەخانىدىن بىرى بار، ئايلانغاچ بېرىپ كېلىمىز. خاتىرجەم بول  ماۋۇ گۇيلار بىزئويغاتمىقۇچە ئۇخلىغىنى ئۇخلىغان ...
   ئۇ مېنىڭ بىلىكىمدىن تۇتۇپلا ماشىنا تەرەپكە تارتتى. ماشىنىنىڭ ئاچقۇچنى بۇرىۋىدى، غوڭ .... قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭلا جالداق - جۇلدۇق مۇزىكا باشلاندى. بىر - بىرىمىزنىڭ گېپىنى ئاڭلاش خېلىلا قىيىن.ماشىنا خۇددى قورچاق فىلىملىرىدىكى ئويۇنچۇق ماشىنىلاردەك، كەينىگە "غىرتلا" بىر يېنىپ،بېشىنى تۈزلىدى - دە، تار يېزا يولىغا چۈشۈپ، ئۇچقاندەك مېڭىشقا باشلىدى.
قەھۋەدىن بىردىن ئېلىپ، ئاۋۇ گۇيلار ئويغانغۇچە مەن سېنى ئايلاندۇرۇپ كېلەي. تاكاھاشى ئىسسىق قەھۋەدىن ئىچكەچ تاماكىدىن بىرنى تۇتاشتۇردى - دە:– ھەئاداش ياپونىيە بولامدىكەن، يارىدىمۇ؟ مەن تاپقان پۇلۇمنى مۇشۇ ماشىنامغا چاپلاپ بىرەر دۆلەتكە چىقىپ باقماپتىكەنمەن. يېقىندا توينى قىلىۋېلىپ، خوتۇن بىلەن بىرئويناپ كېلەيلىمۇ دەۋاتىمەن. ھە دېگەندە ياۋروپاغا بارغۇم بار. مۇشۇ ماشىنامنىڭ يۇرتىغا، ھا ھا ھا ...
   تېز سۈرئەتلىك يولنىڭ كىرىش ئىشىكىدىن ئۆتكىنىمنى بىلىمەن. بىر ۋاقىتتا قارىسام، ئالدىمدا بىرتال ئىنچىكە سىزىقلا كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ. قولۇمدىكى ئىسسىق قەھۋە قاپنى تۇتقىنىمچەكۆزۈمنىمۇ چىمچىقلاتماي ئولتۇرۇپ كەتتىم. كۆزلىرىم بەلكىم ئورنىدىن چىقىپ كەتكۈدەكمۇ بوپ كەتتى بولغاي ......
ئادەم دېگەن، نېمەئۈچۈن خەق قىلما دېگەننى قىلغۇسى كېلىدىغاندۇ؟ نېمە ئۈچۈن ھۆكۈمەت چەكلىگەن ۋەياكى بىزچە ئېيتقاندا "يامان بولىدۇ" دېگەن ئىشلارغا قىزىقىدىغاندۇ؟نېمە ئۈچۈن مانا مۇشۇنداق خەتەرلىك ئىشلاردىن ھۇزۇر ئالماقچى بولىدىغاندۇ؟
  بىر ھازا يۈرۈپ ئارقىمىزغا ياندۇق. بۇ توكيو تەرەپكە بارىدىغان يول بولغاچ، ماشىنا ئېقىمى، بىزبايا ماڭغان تەرەپكە قارىغاندا كۆپ ئىكەن.
تاكاھاشى:
– ماشىنىنىڭ پەيزىنى، ئەتراپىڭدا ماشىنا ئاز بولسا سۈرەلمەيسەن. مانا قارا، ئەمدى ھۈنىرىمنى كۆرسىتىمەن. تاماكىدىن بىرنى چىشلەيمىز. قەھۋەدىن بىرنى ئوتلايمىز ... مۇشۇ تاماكاچېكىلىپ تۈگىگىچە، ئۆيگە بېرىپ بولىمىز، ھا ھا ھا ... قانداق؟ بەسلىشىپ كۆرەمدۇق؟گەپنىڭ ئاخىرى چىقماي تۇرۇپ ماشىنىنىڭ ئارقا كۆپ - كۆك ئىسقا تولدى. ماشىناقوزغىلىشقا ئۇنىمايۋاتامدۇ ياكى ئۇ قەستەن تورمۇزنى بېسىۋالدىمۇ بۇ تەرىپى ماڭانامەلۇم. ئىش قىلىپ ماشىنىنىڭ ئارقا تەرىپى كەتمەن قۇيرۇق قويلارنىڭ قۇيرۇقىدەك لىغىلداپلا تۇرىدۇ ... تۇيۇقسىز ئارقامغا ئىتتىرىلگەندەك بولدۇم. ماشىنا كۆك ئىسلارنى تۈگىتىپ ئۇچقاندەك يۈرۈپ كەتتى.
   نورمال سۈرئەتتەكېتىپ بارغان ماشىنىلارنىڭ ماركىسىنى ۋە ئىچىدىكى شوپۇرىنى كۆرگۈچە، تاكاھاشىنىڭ ماشىنىسى ئۇ ماشىنىلارنى قاتلاپ - قالاپ تاشلىماقتا. ئېلان باغرى مېڭىۋاتقان پورسچە، باشقىلارنىڭ كۆزىنىمۇ ئالا-چەكمەن قىلىۋەتكەن بولسا كېرەك. مەن مۇنداق كۆرۈنۈشلەرنى پەقەت كىنولاردىلا كۆرگەن ئىدىم. مانا ھازىر ئاشۇ كىنودىكى ماشىنىدائولتۇرۇپتىمەن. دەرھال ئېسىمغا كەلگىنى، ئاۋۇ ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا ئاندا - ساندائۇچرايدىغان ھېلىقى "شالى" ماركىلىق قىزىل قوڭغۇزغا ئوخشايدىغان تاكسى ماشىنىلىرى بولدى. ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقتىمىزدا تەتىللەردە بىز چۈشۈپ يۇرتقاقايتىدىغان، ئۈرۈمچىدىن غۇلجىغا يەتتە يۈز كىلومېتىر يولنى ئىككى قونۇپ، ئۈچىنچىكۈنى ئاران ئاپىرىدىغان  "ئازات" ماركىلىق ئاپتوبۇسلار بولدى.
   يا رەببىم  … بۇماشىنىلارنى قانداق ئادەملەر ياسىغاندۇ؟ بىزنىڭ ۋەتىنىمىزگىمۇ كىرەرمۇ ھوي … بۇماشىنىلار؟ ئەگەر يول ياخشى بولسا ئۈرۈمچىدىن غۇلجىغا ئۈچ يېرىم، تۆت سائەتتىلايولدا تاماقمۇ يېمەي، ياق ياق .... ھاجەتكىمۇ توختىماي كىرىپ كېتىمىزكەن جۇمۇ .....مەن پالىلداپ تۇرغان كۆزلىرىمنى چىمچىقلاتماي تۇرۇپ، مۇشۇ خىياللارنىمۇ قىلىپ ئۈلگۈردۈم.تاكاھاشى غۇيۇلداپكېتىپ بارغان ماشىنىلار ئارىلىرىدىن، ئەپچىللىك بىلەن ئۆتۈپ، راست دېگەندەك تۇتاشتۇرغان تاماكىسى تۈگىگىچە، يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنىڭ چىقىش ئىشىگىگە يېتىپ كەلدى.
ئۇ يول ھەققىنى تۆلىگەچ:
–  كامىساما (ئۇلارنىڭ خۇداسى) مېنى مۇشۇ ماشىنامدىن ئايرىمىسۇن جۇمۇ ... ئىشەنسەڭ مەن كەچتە ئىشتىن چۈشۈپ قايتىپ كېلىپ، مۇشۇ ماشىنامنى چوقۇم بىر يوقلىۋېتىپ، ئۇ يەر بۇ يېرىنى سىلىۋېتىپ، ئاندىن ئۇيقامنى ئۇخلايمەن. ھا ھا ھا...تار يېزا يولىنى ئەپچىللىك بىلەن ئەگىپ، يىگىتنىڭ قورۇسىغا يېتىپ كەلدۇق.
   يىگىتمۇ ئويغۇنۇپلائۆزىنىڭ ئارزۇلۇق ماشىنىسىنىڭ كابوتىنى ئېچىپ، ماشىنىنىڭ ئاپتوللىرىنى تەكشۈرۈۋېتىپتۇ. ئۇ قولىدىكى مايلاشقان ئاق لۆڭگىگە، ماي قوللىرىنى سۈرتكەچ،ئالدىمىزغا ئاستا قەدەملەر بىلەن كەلدى.ھە ماشىنىنى قىزىتقاچ ئايلىنىپ كەپسىلەردە. قانداق، تاكاھاشى چاتاق چىقارمىغاندۇ؟ ھەي، بىردەممۇ جىم تۇرالماپسەن-دە ... ئاخشام خېلى ئىچكەندەك قىلىۋىدىڭ باشلىرىڭ جايىدىمىكەن؟
   ئۇ ياقتىن بۇياقتىن پاراڭلىشىپ تۇرۇشىمىزغا، غاڭ - غۇڭ ... تات-تات ... غۇڭ - غۇڭ ... غىڭ... ئاۋازلارچىقىرىپ يېزا تار يولىدا، موتسىكلىت قوشۇنى كۆرۈندى. مۇنداقلا قارىماقا سانى ئەللىكتىن ئاشقان قوشۇننىڭ ئالدىدا، گۈزەل بىر قىز، ياپون بايرىقىنى ئوڭ قولىداتۇتۇپ، موتسىكلىت ھەيدىگەن يىگىتنىڭ مۈرىسىنى سول قولى بىلەن تۇتۇپ، تىك تۇرۇپتۇ. قوشۇن ئاستا ماڭغىنى بىلەن تار يېزا يولىدا، ئېلان باغرى سالماقلىق تولغۇنۇپ ئىلگىرىلىمەكتە.قوشۇن ئوتتۇرىسىدا بىر، ئەڭ ئاخىرىدا بىر ياپون بايرىقى كۆتۈرۈۋالغانلار دەس تۇرۇشۇپ، تولىمۇ ھەيۋەت بىر كۆرۈنۈشنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپتۇ. بەزىلىرى پېشانىسىگە ياپون بايرىقىنى چىگىپلاۋاپتۇ. بەزىلىرى "غەلىبە بىزنىڭ"، ياكى "چوقۇم يېڭىمىز" دېگەندەك خەتلەر يېزىلغان ئاق رەڭلىك رەختلەرنى باغلىۋاپتۇ. ئۇلارقورۇغا كىرىپ بولىشى بىلەن ئارقا - ئارقىدىن ئاجايىپ ئاۋازلار چىقىرىپ، ھەر خىل ماشىنىلارمۇ يېتىپ كېلىشتى.
تاكاھاشى:
– بىزنىڭ قوشۇن نەق ۋاقتىدا كېلەلمەي، كېچىككەنلەرگە ئېغىر جازا بېرىپ سالىدۇ. ئىقتىسادى جەھەتتىكى جازا ھېچ قانچە ئەمەس، ئەمما بىر ئاي ماشىنىسىدىن ياكى موتسىكلىتىدىن ئايرىلىدۇ. ماۋۇسىنى يامان دەيمەن. شۇڭا مەن ھەر قانداق ئىشىمنى تاشلاپ،ئۇخلىغاندا سائەتتىن ئۈچنى ئېھتىيات ئۈچۈن تۇغۇرلاپ قويۇپ ياتىمەن ئەمەسمۇ . ... دېدىمغۇبىر كۈنمۇ ئايرىلغۇم يوق بۇ ماشىنامدىن دەپ ھە ....
  ئۈنلۈك ئاۋازداۋارقىراپ، بىر يىگىت قوشۇننىڭ قۇيرۇقىدىن بېشىغىچە يۈگۈرۈپ، كەلگۈچىلەرنى يوقلىماقىلدى بولغاي، ئىسىملارنى ئاتاپ بىر قەغەزگە بەلگە قويغاچ يۈگۈرۈپ كېلىپ، يىگىتنىڭقولىغا تاپشۇردى.
يىگىت:
– ئىشلارپېچەت، يەنىلا بۇرۇنقى پاسون بويىچە، يۇقىرى سۈرئەتلىك يولغا بىرنەچچە كىرىش ئىشىكىدىن، ئىككىدىن، ئۈچتىن بولۇپ كىرىمىز. موتسىكلىت قوشۇنى، ئېسىڭلاردا بولسۇن،سىلەر ماشىنا قوشۇنىدىن يىراقراق تۇرۇپ، ماشىنىلار كىرىپ بولغاندىن كېيىن، سىلەرمۇبۆلۈنۈپ كىرىڭلار .... بولمىسا، بۈگۈنكى پائالىيەت ئادەتتىكىدىن كۆلىمى چوڭ،ساقچىلار بىر قىسمىمىزنى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولغا كىرگۈزمەي چاتاق قىلىدۇ.، دەپ ئۇزۇندىن - ئۇزۇنغا سۆز قىلدى.
قارا ئاداش،ئارىمىزدا ئاۋۇ موتسىكلىتقا ئوخشاش، قائىدە - ئۆلچەملەردىن ھالقىغان، قانۇنسىزئۆزگەرتىلگەن ماشىنا، موتسىكلىتلار كۆپ. بۇلارنى كۆپ ۋاقىتلاردا، تەز سۈرئەتلىك يولغا كىرىش ئىشىكىدە توسۇۋېلىپ چاتاق قىلىدۇ. شۇڭا بىز بۆلۈنۈپ كىرمىسەك بولمايدۇ.بىز بىرنەچچە ماشىنا ماۋۇ يەردىنلا كىرىپ كېتىمىز. ھەممىمىزنىڭ يىغىلىدىغان يېرىمىز مۇشۇ يەردىن يۈز كىلومېتىرچە كېلىدىغان يەردە ...
  يىگىت ئەھۋالنى چۈشەندۈرگەچ، مېنى ماشىنىسىغا چىقىشقا شەرەت قىلدى.
   – ھوي،ھوي ... ئۇنداق گەپ يوق. مېنىڭ ماشىنامغا چىقىدۇ. پورسچە دېگەن پورسچە دەيمەن ... نىسسانىڭدائۆزۈڭلا ئولتا ۋاي ئاداش...تاكاھاشى ماشىنىنىڭ يېنىدىنلا پەيدا بولۇپ، مېنى ئۆز ماشىنىسىغا تەكلىپ قىلىپ تۇرۇۋالدى.مەنمۇ تەڭلىكتەقالدىم. ئەمما بۇ قېتىم يىگىتنىڭ تاكاھاشىغا سەل ئاچچىقى كەلگەندەكمۇ بولدىيۇ ... ئەمماچاندۇرماسلىققا تىرىشتى.مەن جۈرە - جۈرەبىلەن تاكاھاشىنىڭ ماشىنىسىغا چىقتىم.
– ھە،مانا ئىشلار ماندا بولمامدۇ ... مېنىڭ ساڭا كۆرسەتمىگەن ھۈنەرلىرىم كۆپ تېخى. بۈگۈن كۆرىسەن ... قاراپتۇر جۇمۇ، يىغىلىدىغان يېرىمىزگە بېرىپ بىرە پەدە ئۇخلاپ تۇرساق،ئاندىن بۇ گۇيلار يېتىپ كېلىشىدۇ. راست دەپتىكەن دەپ قالىسەن ...تاكاھاشى ماشىنىسىنىڭ ئاچقۇچىنى بۇرىدى. قۇلاق - مېڭىنى يەيدىغان، گۇمباڭ - گۇمباڭ مۇزىكاباشلاندى.
   بۇ يىگىت راستتىنلاجىم تۇرالمايدىغان يىگىتكەن. تار يېزا يولىدىن چىققاچ، ماشىنا دېرىزىسىدىن قولىنى چىقىرىپ بىرلىرىگە ئىشارەت قىلسا، ئۆتۈپ كېتىپ بارغاچ يېقىنراق ماشىنىدىكىلەرنىڭ،دېرىزىدىن چىقىپ تۇرغان، جەينەكلىرىگە ئۇرۇپمۇ ئۈلگۈرىۋاتىدۇ. ئۇ بەزىدە ئورنىدىن يېرىم قوپۇپ، دېرىزىدىن بېشىنى چىقىرىپ، بىرلىرىگە ۋارقىراۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئوماق جۈپتى بولسا، تاكاھاشىنىڭ بۇ قىلىقلىرىغا كۆنۈپ قالغانمۇ، ماشىنىدىن سىرتقاقاراپمۇ قويماي، خىيالىدا يوق، ياپونىيىلىكلەرنىڭ "مان گا بون" دەيدىغان،ھەجۋىي سىزما رەسىملەر ھېكايە كىتابىدىن بېشىنى كۆتۈرمەي ئولتۇرىدۇ.
   كۆزۈمنىڭ قىرىدا، ئۇگۈزەل قىزغىمۇ سەپ سېلىپ قاراپ چىقتىم. ھەقىقەتەن گۈزەل قىزكەن. مەن بۇ قىزنىڭ ھۆسنى – جامالىدىن، ھەي ... ماۋۇ يېرى مۇنداقراق بولۇپ كەتسىچۇ … دېگەن يەرنىتاپالمىدىم. مېنىڭمۇ تازا قىزلارغا قاراپ، خىيال سۈرۈپ قويىدىغان ۋاقىتلىرىم ئەمەسمۇ .... ئۆز ئۆتمۈشۈم ۋە قىزىقىشىم ئاساسىدا، بۇ قىزغا يۈز نومۇرنى،تاكاھاشىدىن سورىمايلا بېرىپلاۋەتتىم. گۈزەل قىز، ياشلىقى ئۇرغۇپ تۇرغان شەيتان يىگىت، مەڭگۈ بەخت سىلەرگە يار بولسۇن ....
   بىز كىرمەكچى بولغان يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنىڭ كىرىش ئېغىزىدىن توسالغۇسىزلا، ئوننەچچە ماشىنا كىرىپ كەتتۇق. ئانچە - مۇنچە ئۆزگەرتىلگەن ماشىنىلار، يەنە بىر ئېغىزدىن كىرمەكچى بولۇشۇپ، ھەر خىل ئاۋازلار بىلەن يولنى بىر ئېلىپ، موتسىكلىتلار قوشۇنى بىلەن بىرگە، تۆۋەن تەرەپكە كېتىپ قالدى. (ياپونىيىدە ئادەتتە كىشىلەر توكيو ئەتراپىدىكى يوللارنى، توكيونى مەركەز قىلغان ھالدا توكيو تەرەپنى يۇقىرى، قارشىسىنى تۆۋەن دەپ ئاتىشىپ قويىشىدۇ. ۋە ياكى توكيو تەرەپكە مېڭىشنى چىقىش، قارشىسىغا مېڭىشنى چۈشۈشدەپمۇ قويىدۇ زاغرا تىلدا.)
تاكاھاشى ئۆزھۈنىرىنى تۇيۇقسىز كۆرسىتىش ئۈچۈنمۇ، ئېغىر - بېسىقلىق بىلەن قوشۇننىڭ ئەڭ ئاخىرى بولۇپ ئۇزۇنغىچە ماڭدى. ئۇ ئاساسەن ئۆز ھاياتىنى سۆزلىگەچ، كەلگۈسى ئارزۇ - ئارمانلىرى،قىلماقچى بولغان، بارماقچى بولغان جايلىرىنى توختىماي سۆزلىدى. ئۇ تېخى ھامىلىداربولمىغان، كەلگۈسى ئايالىدىن تۇغۇلماقچى بولغان بالىسىغا، مانا مۇشۇ ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان پورسچەدىن بىرنى ئېلىپ بېرىدىغانلىقىنىمۇ، ھاياجان ئىچىدە سۆزلىۋەتتى.
– ھەئاداش، بىزنىڭ ماشىنىمۇ قىزىپ قالدى مانا ... مېڭىپ باقامدۇق ئەمسە ... دېدى-دەماشىنىنىڭ سۈرئىتىنى كۆتۈردى. ئۇ دەسلەپ ئازراق ئارىلىق تاشلاپ، كېتىپ بارغان سەپداشلىرىدىن ئېلان باغرى مېڭىپ، ھەممىسىگە قول ئىشارىتى قىلىپ، "خوش، خوش"دېگىنىچە ئېشىپ، ئالدىدا يەنە ئۈچ تۆت ماشىنا قالغاندا، يەنە بىر قېتىپ، سۈرئىتىنى قايتا كۆتۈردى-دە "ھايت-ھۇيت" دېگۈچە، ھەممىنى بىر يولدىلا ئارقىغاتاشلىدى.
ئۇچقاندەك كېتىپ بارغان ماشىنىدا، يول بويىدىكى مەنزىرىلەرنى كۆرۈش مۇمكىن ئەمەس. ھەم قارىسىڭىزمۇقورققىڭىز كېلىدۇ. ئامالنىڭ يوقىدىن، يا ماشىنىنىڭ ئىچىگىلا قاراپ ئولتۇرماق ۋەياكى بىراقلا، تولىمۇ يىراق جايلارغا "ھۇزۇرلىنىۋاتقان" دەك قاراپ تۇرماقتىن باشقا ئامال يوق. ئالقاندىن چىقىۋاتقان تەرلەرنى چاندۇرماي ئىشتانغاسۈرتمەي، تېخىمۇ ئامال يوق.
   گۈزەل قىزغا باقتىم.ئۇ قىزدا جىددىيلىشىش بۇ ياقتا تۇرسۇن، ئوقۇۋاتقان كىتابىنى قاتلاپ، ئىككى پۇتىنىڭ ئارىلىقىغا قىسىپ، بايا مەن ھەيران قالغان، كىشىلەرنى ئۆزىگە تارتىپ تۇرغان،بۇلاقتەك كۆزلىرىنى يېرىم يۇمۇپ، مۈگدەپ ئۇيقۇغا كېتىش ئالدىدىكەن.توۋا ... ماۋۇ قىزنى قارا. ئۆزى زىلۋا، ئەۋرىشىم بەللىك بۇ گۈزەلدە قورقۇش، ئەنسىرەش دېگەنلەر يوقمۇھوي ... قىزنىڭ بەخىرامان تۇرقى، مېنى سەل خىجىل قىپمۇ قويدى.
تاكاھاشىمۇ سەزگۈريىگىتكەن. ئۇ دەرھال ماڭا:
– بۈگۈن كۈنىمىز مۇشۇنداق چاپە - چاپ بىلەن ئۆتىدۇ. سېنىڭمۇ ئۇيقۇڭ كەلگەن بولسا،ئۇخلاۋەر، مېنى ئويلىما. مەن يالغۇز ھەيدەپمۇ كۆنۈپ كەتكەن. يەنە بىر سائەتچەماڭىمىز تېخى. مېنىڭ ھاناكورۇم يولنى بىلگەچكە، قارا ئۇيقۇغا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ… دەيدۇ.ئالە شەرىڭنى .... مەن يۈرەكلىرىم پولتۇڭلاپ ئاران ئولتۇرسام، مېنى بەخىرامان ئۇخلاۋەر دەيدىيا. نەدىكى كېلىدىغان ئۇيقۇ دەيسىز؟ كۆزۈمنى يۇمساممۇ، سېكۇنت ئۆتمەي، ئۆزىلا "پاللىدە"ئېچىلىپ كېتىپ بارىدۇ.
   مەن تالاغاقاراشتىن، راست گېپىمنى قىلغاندا، قورقتۇم ۋە تويدۇم. تالاغا قاراپ، چالابوغۇزلىنىپ قالغان مالدەك، پالىلداپ ئولتۇرغاندىن كۆرە، تاكاھاشى بىلەن مۇڭدىشاي. قىلىدىغان گەپلىرىم قولاشمىسا، ئۆز ۋەتىنىمنى، مىللىتىمنى سۆزلەپ بېرەي. ياپون جەمئىيىتىدە،ئاسمانغا پىچاق ئېتىپ يۈرگەن ياشلارمۇ، بىزنىڭ ۋەتىنىمىزنى، مىللىتىمىزنى بىلسۇن ....تاكاھاشى، راست دېگەندەك، دۇنيادا ئۇيغۇر دېگەن مىللەتنىڭ بارلىقىنىمۇ بىلمەيدىكەن. يىپەك يولىدېگەن گەپنى، چالا - پۇچۇق بىر يەرلەردىلا ئاڭلىغانمىش. تېخى نەدە ئاڭلىغىنىنىمۇئەسلىيەلمىدى تاكاھاشى.
چاينا دېسە ئۇ:
ۋۇ روڭ چا (خەنزونىڭ فۇجىئەن ئۆلكىسىدىن چىقىدىغان ۋۇروڭ چېيى) ياسايدىغانلار. چاينادا پەقەت چايلاچىقىدۇ. ئادەم مىغ - مىغ دۆلەت .... مايمۇننى تىرىك تۇرغۇزۇپ، مېڭىسىنى چوقۇپيەيدىغان مىللەتلا بار ...دەپلا چۈشىنىدىكەن.
مەن "مىلدسەۋەن" دېگەن تاماكا قېپىنى ئېچىپ، تۈزلەپ، ئۇنىڭغا ۋەتىنىمىزنىڭ ئورنى، ۋەمەن تۇغۇلۇپ ئۆسكەن جايلارنى، سىزىپ تۇرۇپ چۈشەندۈردۈم. ئۆز ۋەتىنىڭىز، مىللىتىڭىزئۈچۈن، يات بىر مىللەتكە سۆزلىگىنىڭىزدە، راستتىنلا ھەممىنى ئۇنتۇيدىكەنسىز. مەن ماشىنىنىڭ تېزلىكىنىمۇ ئۇنتۇپ، تاكاھاشىغا دەرس ئۆتۈش بىلەن بولۇپ كېتىپتىمەن. ئۇمۇماشىنىسىنىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ، ئەستايىدىل ئاڭلاپ، بەزى چۈشەنمىگەن يەرلىرىگىمۇ، كۆڭلۈمنى دەپ، ھە ... شۇنداقمۇ؟ دەپلاۋەتتى. ۋە توي قىلىپ بولۇپ، بىزتەرەپكە ئوينىغىلى مەن بىلەن بىللە بارىدىغانغا، ۋەدىمۇ بېرىۋەتتى.
   بىر سائەتنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنىمۇ سەزمەي قاپتۇق. يېتىدىغان يېرىمىزگىمۇ يەتتۇق. بىرەردىن چېكىشىپ تۇرۇشىمىزغىلا، غوڭ - غوڭ قىلىپ باشقىلارمۇ يېتىپ كېلىشتى. كۈلكە - چاقچاقلاربىلەن دەم ئېلىش ئورنى ئاۋاتلىشىپ كەتتى. ئادەتتىكى پۇقرا يولۇچىلارمۇ بۇلاردىن سەل تەپ تارتىدىكەن. بەزىلىرى دەم ئېلىش ئورنىغا كىرىپ قويۇپ، "ۋاي بولدىلا،كېلەركىسىگىچە غەيرەت قىلايچۇ ..." دەپ، ھاجەتخانىغىمۇ كىرمەي كېتىشىپ بارىدۇ.
يىگىت يېنىمغاكېلىپ، تاكاھاشى بىلەنمۇ مۇڭدىشىپ بولغانسەن، بۇندىن كېيىنكى يوللاردا سۈرئەت تېخىمۇ ئاشىدۇ. بۇلار بىر بىرى بىلەن چېپىشىپ، بەسلىشىدۇ. ئۆتكەندە مېنىڭ سۆيگۈنۈمنىسسان گتر نى ھەيدەپ بىرىنچى بولغان. بۈگۈن قارا، ئاۋۇ يىگىت شۇنىڭغا ئوخشاشى بىلەن كەپتۇ. ماۋۇ تاكاھاشى دېگەن، بۈگۈن ھۈنەر كۆرسىتىمەن دەپ، ئۇچۇشى مۇمكىن. ئەڭ ياخشىسى، مېنىڭ ماشىنامغا چىق. تاكاھاشىنىڭ قىزىمۇ مېنىڭكىگە چىقسۇن. بىزنىڭكى بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرسۇن. بىز ئىككىمىز ئاۋۇلارنىڭ ئارقىدىن ماڭغاچ مۇڭدىشايلى ئاداش ...دەپ مەندىن ئۆتۈنگەندەك تەلەپپۇزدا گەپ قىلىپ قالدى.
تاكاھاشىغا ئۆزۈملادەيمەن. "بۇ بۇيرۇق" لا دېسەم، ئۇ قارشىلىق قىلمايدۇ.
   يىگىت تاكاھاشىنى چەتكە تارتىپ، ئۇزۇنغىچە بىر نېمىلەرنى دەپ، بەزىدە ۋارقىراپ، قوللىرىنى شىلتىپ سۆزلەپ يۈرۈپ ئۇنى ئۈندەككە كەلتۈردى بولغاي ... تاكاھاشى ئۆز ماشىنىسى تەرەپكەكېتىپ قالدى. ۋە كەلگۈسى ھەمرىيى، گۈزەل قىز بىلەن، پورسچەغا يۆلىنىپ قۇچاقلىشىپ،قۇلاقلىرىغا پىچىرلىشىپ، سۆيۈشتى.ئۇلار بىر - بىرىنىڭ بويۇنلىرىغا گىرە سېلىشىپ، بىر - بىرىگە تويماي قارىشىپ تۇرۇشتى. قىز ھەر بىرقېتىم تاكاھاشىنى سۆيگىنىدە، ئوماق لەۋلىرىنى، بىمالال تاكاھاشىنىڭ لېۋىگەيەتكۈزەلمەي، ئىككى پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ تۇرۇپ مۇرادىغا يەتتى. قىز بىز تەرەپكەبىرنەچچە قەدەم ئالدى. توختاپ ئارقىغا ياندى. تاكاھاشى غۇلىچىنى كەڭ ئېچىپ، قىزنى قايتا باغرىغا باستى.
– ماۋۇگۇيغا نېمە بوپتۇ بۈگۈن، ھەجەپ ئايرىلالماي كەتتىيا ... دائىم "خوش كەتتۇقئەمسە" دەپلا ماڭىدىغان ئادەم … يىگىتمۇ مەسلىكى بىلەن ئۇلارغا قاراپ،كۈلۈمسىرىگىنىچە قەدىناس دوستىنىڭ مۇڭلىنىۋېلىشىغا، يېتەرلىك ۋاقىت ئاجرىتىپ بەردى.تاكاھاشى ئۆز سۆيگىنىنى قۇچاقلاپ سۆيۈپ، ماشىنىغا چىقىشتىن بۇرۇن، بىز تەرەپكەقاراپ ئىككى قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ بىز بىلەن خوشلاشتى. ئۇ ئۆرۈلۈپلا يامپىشىمنى بىزگە دامىلاتقاندەك، دوڭغىيىپ تۇرۇپ، يامپىشىنى ئىككى ئۈچ تولغىۋېتىپ،ماشىنىسىغا كىرىپ كەتتى.
ماشىنىلار ئوت ئالدۇرۇلۇپ، بىر يىگىت باشتىن ئاخىرىغىچە، بىرنېمىلەرنى دەپ ۋارقىراپ، يۈگۈرۈپ كېلىپ، يىگىتنىڭ قولىغا بىر پارچە قەغەزنى تۇتقۇزدى.
يىگىت قەغەزگە بىرقۇر قارىۋېتىپ:
– تاكاھاشى بۈگۈن نىسسان گتر نىڭ كەينىدە ، تۆتىنچى رەتتىكەن. ئاۋۇ نىسسان گتر نى ھەيدىۋالغان يىگىتمۇ ماشىنىنى ئالامەت ھەيدىۋېتىدىغىنى ... بۈگۈن تاماشا بارغۇ تېخى. بۇئىككىسى بىر يەرگە كەلسە، زادى چىقىشالمايدۇ.
– ھەراست، بەزى ئاشخانىلاردىن تاماق يېمەيمەن، دېگەندەك قىلغانتىڭ. بۈگۈن كەچكە،شۇنىڭدىن باشقا بىرنەچچە ئاشخانىلاردىن يېمەكلىكلەرنى بۇيرۇتۇپ قويدۇم. ئەگەرتاكاھاشى ئۇتۇپ قالسا، بۈگۈن راسا ئىچىمىز ھا ھا ھا .... لېكىن ئاۋۇ يىگىتمۇبولىدىغان بالا جۇمۇ ...
يىگىت بۈگۈن مۇشۇسەپەردىن كېيىنكى ئولتۇرۇش ھەققىدە سۆزلىگەچ يەنە:
مەھەلىمىز ياق ياق ...ماۋۇ شەھىرىمىزنىڭ بىرىنچى، ئىككىنچى، ئۈچىنچى گۈزەللىرىنىمۇ چاقىرىپ قويدۇم دېگىنە ... ئۇلار بىز چاقىرساق، "ياق"مۇ دەپ كەتمەيدۇ. يەنە ھى ھى ھى ... نوچىنىڭ نوچىسىدىن بىر نەچچەيلەن كېلىدۇ تېخى ....سەنغۇ چوقۇم چىقىشىپ كېتىسەن .... ھا ھا ھا ...
ماشىنىلار نورمال تېزلىكتە بىرىنىڭ ئارقىدىن بىرى بولۇپ، چوڭ يولغا كىردى. بەزىلىرىنىڭ ماشىنىسىنىڭ ئارقىدىن قېنىق كۆك رەڭلىك ئىس چىقسا، بەزىلىرىنىڭ چاقىدىن ئاق ئىس چىقىپ، ھەيۋەت بىر كۆرۈنۈشلەرنى، كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ تۇرۇپتۇ. مېنىڭ ئاددىي كاللامدا:
توۋا ... تېزلىكى ئاشمىغان ماشىنىنىڭ چاقى جايىدىلا پېقىرايدىكىنا ... قانداق قىلسا ئۇنداق ئىس چىقىدىغاندۇ. يا تورمۇزنى دەسسىۋالغانمىدۇ؟ تورمۇزنى دەسسىۋالسا، ئۇ ماشىنا كېتىپ بارسا ... قانداق بوپ كېتىپ بارىدۇ ھوي بۇ ئىشلار ..... دىن باشقا ھېچ نەرسە يوق. پەقەت ۋايجان.... ئاۋۇ ماشىنىنى قارا ... ماۋۇ تېخىمۇ غەيرىكەن ... ئالدى چاقى ئىنچىكە،كەينى چاقى تومكەن ... ماس كەلمەپتا ۋاي. بىرى چوڭ، بىرى كىچىك بولۇپ قاپتۇ …دېگەندىن باشقا، ھېچقانداق نەرسە ھۆكۈمران ئەمەس.
   خوش ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، بۇنىڭ ئارقىسىدىكى كېلىشمەسلىك، قورقۇنچلۇق كۆرۈنۈشلەرنى، گۈزەل قىزھاناكونىڭ پارچە - پارچە بولۇپ كەتكەن پورسچەنىڭ قالدۇق پارچىلىرى ئارىسىدىن، ئۆزسۆيگىنى، بايىلا گىرەلىشىپ، قانماي سۆيۈشكەن ھەمرىيى تاكاھاشىنى ئىزلەشلىرى،زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ، ھۆر - ھۆر يىغلاشلىرى، بۇلاقتەك كۆزلىرىدىن بۇلدۇقلاپ توختىماستىن ئېقىپ چىقىۋاتقان ياشلىرىنى، تۇرۇپ تۇرۇپ كۆككە قاراپ:
– تاكاھاشى..... مەن ئىشەنمەيمەن ... بۇ يالغان .... سەن مېنى ئالداۋاتىسەن … دەپ ۋاقىراشلىرىنى ... يېزىشقا قەلىمىم ئاجىزلىق قىلىپ تۇرۇپتۇ.
   ۋەقە يۈز بېرىپ ئون بەش يىلدىن ئوشۇق ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، شۇ ۋاقىتتىكى ئەھۋاللار، خۇددى كىنولېنتىسىدەك كۆز ئالدىمدىن ئۆتمەكتە ... مېنى قىينىماقتا ... شۇ ۋاقىتتىكى دوستلارنى ئەسلىگىنىمدە، شۇ رېئاللىققا تۈزىتىش بەرگىممۇ كېلىپ قالىدۇ بەزىدە .... ئۇنىڭ ياشلىقىمدىكى، بىر ئۆزگەرتىش مۇمكىن بولمىغان تارىخقا ئايلىنىپ بولغىنىنى بىلىپ تۇرساممۇ، يەنىلا بەزى ۋاقىتلاردا، ئۇنى شېرىن - شېكەر گەپلەر بىلەن، شېرىن خىياللار ئارىسىغا ئۆزگەرتىپ تىقىپ، پەردازلاپ كۆرىمەن. لېكىن يەنىلا ئازابلىنىمەن.خىيالىمدا تاكاھاشى بىلەن گۈزەل ھەمرىيىنى، مەن ئۇنىڭغا سۆزلەپ بەرگەن، مەنمۇھازىر كېچەيۇ - كۈندۈز خىيالىمدىن ئايرىلالمايدىغان، ئەزىز ۋەتىنىمگە بىللەئاپىرىپ كېلىمەن. ئۇنىڭ جىم تۇرماس تەرقى - تۇرقى، ئارىلاپ - ئارىلاپ ياشلىقىمنى ئەسلىگىنىمدە، كۆپ ۋاقىتلاردا خىيال مەزمۇنىغا ئۈسۈپ كىرىپ، مېنى بەزىدە كۈلدۈرسە،بەزىدە يەنىلا ئازابلايدۇ ....
   پورسچە ئوڭدا،نىسسان گتر سول تەرەپتە، تەڭ دېگۈدەك يۈرىۋاتاتتى. ئۇلار بەزىدە بىزنى خېلى ئۇزۇن ئارىلىق تاشلاپ غايىپ بولسا، بەزىدە بىزدىن ئەللىك ئاتمىش مېتىر يىراقلىقتايۈرىشەتتى.مەن يىگىتتىن، بۇئالدىمىزدا يۈرىۋاتقان ماشىنىلار ھەققىدە، ئۇنى بۇنى سوراپ ئولتۇراتتىم. ئىككى گۈزەل قىز بولسا، قانداقتۇر پىچىر - پىچىر قىلىشىپ، بىر تۈگىمەس غەيۋەتلەرگەچۈشۈشۈپ كېتىشكەن ئىدى.
نەق مېنىڭ پورسچەھەققىدە سوئال سورىغان ۋاقتىم:
– ئوھ چاتاق بولدى، دېدى يىگىت.
   پورسچىنىڭ ئارقا ئوڭچاقى تەرەپتىن ئازراق ئىس چىققان بولدى - دە، سېكۇنت ئۆتمەي چاققا ئوت تۇتاشتى. دەقىقەئۆتمەي ماشىنا سىيرىلىپ كېتىپ بارغاچ پىرقىرىدى. بىر پارچە ئوت كۆز ئالدىمىزدائاقماقتا. ماشىنا پېقىرىغىنىچە، يولنىڭ ئوڭ قاسنىقىدىكى تۆمۈر رېشاتكىغا سوقۇلدى. قاڭقىپ يول مەركىزىگە يانغان ماشىنا، بۇدا خۇددى تولۇقتەك دومىلاشقا باشلاپ، پارچە - پارچە،پاچاق - پاچاق بولۇپ چۇۋۇلۇشقا باشلىدى. يىگىت ئۇستىلىق بىلەن پورسچىنىڭ يولغاتاشلاپ كېتىپ بارغان پارچىلىرىدىن، ئۆز ماشىنىسىنى ئەپچىللىك بىلەن ئېلىپ قاچتى. نىسسانگتر مۇ سۈرئىتىنى ئاستىلاتماي، كۆيۈپ دومىلاۋاتقان پورسچىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتتى.
يالغان ...دېگەن گۈزەل قىزنىڭ ئاۋازىدىن، بىزنىڭ ماشىنىغىمۇ ئوت كەتتىمىكىن دەپ چۆچۈپ كەتتىم.
   ماشىنىمىزنى يول بويىغا توختىتىپ، پورسچىنىڭ پارچىلىرىدىن ئاتلاپ - ئاتلاپ ئۆتۈپ، يىگىت ئىككىمىزتاكاھاشىنى ئىزلىدۇق. لېكىن ... تاكاھاشىنىڭ بەدىنىمۇ، "گۈپپىدە" تۇتاشقان ئوتتىن، بۇ تېز سۈرئەتتە كېتىپ بارغان ماشىنىنىڭ نەچچە ئون قېتىملاپ دومىلاشلىرىدىن، خۇددى ئۇنىڭ ئارزۇلۇق پورسچىسىغا ئوخشاش، نەچچىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن ئىكەن. ئۇزۇن ئۆتمەي ساقچىلار يېتىپ كەلدى - دە، بىزنىمۇ ئۇ جايدا ئۇزۇن تۇرغۇزماي، ھەيدىدى.
كۆڭۈللۈك ساياھىتىمىز ماتەم بىلەن ئاخىرلاشتى. كۈلكە - چاقچاقنىڭ ئورنىنى يىغا ئىگىلىدى.
"ئوسوشىكى" دەپ ئاتىلىدىغان ياپونىيىلىكلەرنىڭ ئۆتۈم پەتىسىگەقاتناشتىم.
   ئەللىك ئاتمىشچە قىز– يىگىتلەر قاتارسىغا، يىگىتلەر كاستۇم، قارا گالستۇك، قىزلار قارا پۈتۈن كۆينەك كىيىشكەن ھالدا، رەت - رەت بولۇپ تاكاھاشىنىڭ ئۆيىگە كىردۇق. مەن يىگىت بىلەن تاكاھاشىنىڭ ئانىسىنىڭ يېنىدا تۇردۇم. ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىغا تاكاھاشىنىڭ رەسىمى بىلەن، ئۇنىڭ ئارزۇلۇق ماشىنىسى، پورسچىنىڭ رەسىمى قويۇلغان ئىكەن.
ئانىسى تاكاھاشى ھەققىدە ئۇزۇندىن - ئۇزۇنغا سۆز قىلدى. ئانىنىڭ گەپلىرى مېنىمۇ ھەجەپلا قىپ قويدى ...ئىچىم سىيرىلدى ... ئانىنىڭ گېپىنى ئاڭلىغانچە تاكاھاشىنىڭ تىنىم تاپماس قىياپىتى كۆزئالدىمغا كېلىۋېلىپ ، ئازابلاندىم ...ياپونىيىلىكلەرئۆلۈم - يىتىمدىمۇ ھاراق ئىچىشىدىكەن. يىگىت شۇ يەردىكى داڭلىق سۇشىخانىدىن نەچچەيۈز كىشىلىك تاماق زاكاز قىپتۇ. كەينى - كەينىدىن كېلىۋاتقان تاماقلارنى يۈگۈرۈپ يۈرۈپ توشۇشقا ياردەملەشتىم.
– مانا،ئوغلۇم مۇشۇ ماشىنىسىنى ھەيدەپ، پۇل تېپىپ بىزنى باقاتتى.
   تاكاھاشىنىڭ ئانىسى،قورۇدا توختاغلىق تۇرغان، ئاق رەڭلىك تويوتا ماركىلىق بولكىۋاي ماشىنىغا قاراپ،يەنە كۆز يېشى قىلىشقا باشلىدى .... ئانا ئېغىر قەدەملەر بىلەن بولكىۋاي ماشىنىنىڭ رول تەرىپىگە بېرىپ، ماشىنا ئىچىگە قارىدى. ماشىنا ئىچىدە، جىم ئولتۇرالماي بەدىنىنى مۇزىكىغا ماسلاشتۇرۇپ، ئويناپ ئولتۇرىدىغان ئوغلىنى ئىزلىدى بولغاي ... ئانائىككى قولى بىلەن ماشىنىنى سىلىغىنىچە يەردە زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ، بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى ....
داۋامى بار...

5

تېما

0

دوست

1427

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   42.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24773
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 434
توردىكى ۋاقتى: 101
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-31 12:27:19 |ئايرىم كۆرۈش
كۆڭلۈم ئەجەپ بىر قىسمىلا بوپ قالدا
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

1

دوست

3361

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   45.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9944
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 302
تۆھپە : 864
توردىكى ۋاقتى: 568
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-31 12:51:26 |ئايرىم كۆرۈش
ئۇفففففففففف، داۋامىنى ئوقۇمايمىكى ... نەچچە ۋاقتىن بىرى قاچان شەنبە كېلە، داۋامى چىقسا ... دەپ تەلمۈرگەن ئىدىم. مانا، داۋامىنى ئوقۇپ شۇندا چارچىدىمكى، ئاشۇ ماشىنىدا مەن باردىكىدەك. چارچىسامغۇ مەيلىتى، ئەمما، ئاخىرىدا يۈزلىرىمنىڭ ھۆل بولۇپ كېتىشى پەقەت ئەپلەشمەي قالدى، ما باللىرىمدىن بۇنى يوشۇرىمەن دەپ ھەجەپ قىينالدىم- ھەجەپ قىينالدىم.
داڭلىق كىنو كۆرسەممۇ  ئىچىگە كىرىپ كەتسەممۇ مااااندا بىكىپ كەتمەيتىم. رەخمەت دەي دېسەم بەك ئاددى بولاپ قالىدىكەن، باشقا ئىش قىلالمايدىكەنمەن، شۇڭا، ھىچنېمە دېمەي بولدى. ئىش قىلىپ بۇ «جاڭگال» دىن قايتىپ ئۆزەمنى تېپىشىمغا خېلى جەريان كېتىدۇ ماڭا.

0

تېما

3

دوست

1311

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   31.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10542
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 159
تۆھپە : 298
توردىكى ۋاقتى: 37
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-31 14:42:33 |ئايرىم كۆرۈش
  راس  ئىشلارلا   ئادەمنى  تەسىرلەندۈرەلەيدكەن   ،،،،  ئاخىرنى  ساقلايمىز،،،،

5

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   10.85%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2547
يازما سانى: 732
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2588
تۆھپە : 2658
توردىكى ۋاقتى: 904
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-15
5#
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-31 18:19:57 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ قىسمى سەل كۆڭۈل يېرىم قىلىدىكەن ، يازما ئىگىسىگىمۇ بەك تەسىر قىپتىكەن تاكاھاشى ..............

0

تېما

0

دوست

115

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   38.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33432
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 42
توردىكى ۋاقتى: 8
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-3
6#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-1 01:02:55 |ئايرىم كۆرۈش
ن

0

تېما

5

دوست

939

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   87.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13396
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 292
توردىكى ۋاقتى: 92
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
7#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-2 10:33:30 |ئايرىم كۆرۈش
شۇنداق قىلىپ يازما ئىگىسى ھازىر نەدە ؟

0

تېما

0

دوست

62

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   20.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33975
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 20
توردىكى ۋاقتى: 3
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-15
8#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-4 00:49:46 |ئايرىم كۆرۈش
ئاجايىپ يىزىلغان ئەسەردە بۇ،....مۇنتىزىم نەشىر بويۇملىردىنمۇ بۇنچىلىك تىتىملىق تەسۋىر بايانلارنى ...ئۇچراتقىلى بولمايدۇ.....يۈرەك تارىم چكىلىپ بىر خىل بوپ قالدىم دىسە.....داۋامىغا تەشنامەن!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )