بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ezimi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-31 09:16
كېچەلمەيمەن سېنىڭدىن يار
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
سۆزلىيەلمەيمەن ئوقۇدۇڭمۇ يار تىلىمغا ئەپسۇن ئاخىرقى قېتىم بىز سۆزلەشكەن ئاخشام. يازالمايمەن قەلىمىم سىياسى قۇرۇپ كېتىپتۇ جۆيلۈپ مەن ئويغانغاندا قۇتىسى ئۇنىڭ چېقىلغان... ئۇيقۇمدىن ئويغۇنىپتىمەن - ۋاقىتسىز ئۈنى ئۆچۈپتۇ ساڭا ئاتاپ مەن غىڭشىيدىغان تۈنۈگۈنكى مۇھەببەت ناخشام!
سەن ئۈچۈن يۈركۇمدىن شىئېر يازاتتىم! قۇياشتىن ھەر كۈن ئىلھام ئالاتتىم بۈگۈن يەنە يازغۇم كېلىۋاتىدۇ - سەن سالغان ئاچچىق ھىجىراندىن… كۈتۈۋاتىمەن مېنى ئېلىپ ماڭىدىغان پويىزنى يىغلاڭغۇ يامغۇر تامچىۋاتىدۇ… بېشىمدىكى تۇمانلىق ئاسماندىن. ئىسسىق يېشىمغا - سوغۇق ياشلار قوشۇلۇپ ئېقىۋاتىدۇ ... تىلەيمەن ئەپۇ قىل ئۆز - ئۈزۈمدىن بولۇپ قالمىسۇن بۇ ئاخىرقى قېتىم ساڭا ئاتاپ يار يازىدىغان شىئېرىم.
يىراقتىكى سۆيگەن يار سەن سېغىنامسەن مېنى - سېغىنىمەن سېنى تاڭ ئاتقۇچە! بولايلى بىز ھەر يەردە بولساق ئامان! ئايرىمىسۇن كۈشەندە قىسمەت بىزنى تەكتى ماكاندا - ئىككىنچى قېتىم قۇم ياغقۇچە.
ئوقۇمايمەن يوللىما ئەمدى ماڭا ھىجران! يۈرىكىدە سەن بىرلا قېتىپ قالغان نامىڭ ئۆچمەس چولپان. كېچەلمەيمەن سېنىڭدىن يار ھەم كەچكۈزەلمەيسەن قاناتلىنىپ ئۈچۈپلا بارىمەن… بولسىمۇ ئارىمىزدا ئۇلۇغ ئوكيان.
پەرقى بولماس - ياشايسەن يۈرىكىمدە مەڭگۈ سۇيۇلۇپ بۇرۇنقىدەك كۈيۈلۇپ كۈتىمەن شۇنداق كۈننى سەبرەم بىلەن بىر جۇپ شەھلا كۆزۈڭدىن ۋىسال جىلۋىسى تۆكۇلگىچە كىرپىكلىرىڭ ئوقيا بولۇپ يۈرىكىمگە قادالغۇچە!
2015 - يىلى 31 - يانۋار، لوندون
|