قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2675|ئىنكاس: 41

ھوقوق تۆردە، قانۇن پەگادا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

6

دوست

2617

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   20.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28166
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 810
توردىكى ۋاقتى: 144
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-31 10:05:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھوقوق تۆردە،  قانۇن پەگادا
                                                                    
-دۆلەتنى قانۇن بۇيىچە ئىدارە قىلىشتىن ئويلىغانلىرىم
   قانۇن بىلەن ھوقوقنىڭ مۇناسىۋېتى ئاستىن-ئۈستۈن بۇلۇپ كېتىۋاتقان، «قىلدەك ھوقوقنىڭ پىلدەك كۈچى» بۇلىۋاتقان بۈگۈنكى جەمئىيىتىمىزدە، «جوڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومېتىتىنىڭ دۆلەتنى قانۇن بۇيىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇمىيۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر بىرقانچە زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى» نىڭ ئېلان قىلىنغانلىقى خۇددى دەل ۋاقتىدا ياغقان يامغۇرغا ئوخشاش، ئادىللىققا، ھەققانىيلىققا تەشنا بولۇپ چاڭقىغان دىللارنى سۇغۇرۇپ، قانۇندىن تەپ تارتمايدىغان ھوقوق پەرەسلەرگە جاراڭلىق سىگنال بېرىپ، ئاۋام پۇقرانى چەكسىز سۆيۈندۈردى. ئاۋامنىڭ كۆڭلىگە ياقىدىغان بۇ قارار ئەمەلىيلىشىدىغانلا بولسا، تۆرگە چىقىۋالغان ھوقوقنىڭ پەگاغا چۈشۈشىدىن، پەگادا تۇرۇپ قالغان قانۇننىڭ تۆرگە چىقىشىدىن ئۈمىد زور.
    «قارار»دا مۇنداق دىيىلگەن: «خەلققە قانۇننىڭ ھەم ئۆز ھوقوق-مەنپەئېتىنى قوغداشتىكى كۈچلۈك قورال ئىكەنلىكىنى، ھەم چوقۇم رىئايە قىلىشقا تىگىشلىك ھەركەت مىزانى ئىكەنلىكىنى تونۇتۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ قانۇننى ئۆگىنىش، قانۇنغا ھۆرمەت قىلىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، قانۇننى ئىشلىتىش ئېڭىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، خەلقنى قانۇننى ئۆزلەشتۈرگەن، قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان، قانۇننى ئىشلىتىدىغان قىلىش كېرەك». بۇ ھەقىقەتەن ئېسىل گەپ بوپتۇ. ئەلۋەتتە قانۇنغا رىئايە قىلىش ئۈچۈن قانۇننى ئۆگىنىشكە، قانۇننى بىلىشكە توغرا كېلىدۇ. قانۇننى ئۆگەنگەندىلا، قانۇننى بىلگەندىلا، جەمئىيەتنىڭ تېنچ-ئامانلىقىغا، پۇقرالارنىڭ خاتىرجەملىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى، تۈرلۈك ئىشلىرىمىزنى ئوڭۇشلۇق ئالغا سلجىتقىلى بولىدۇ. بىزدە «يولدىن چىقما، خاندىن قورقما» دەيدىغان بىر ھىكمەتلىك سۆز بار.

    بۇنىڭدىكى «يول» ئۆزىمىز ياشاۋاتقان دۆلەتنىڭ تۈرلۈق قانۇن- تۈزۈملىرىنى كۆرسىتىدۇ. مانا مۇشۇ يول بىزنى ئېزىپ كېتىشتىن، ئاۋارىچىلىقتىن ساقلايدىغان، ھوقوق-مەنپەئېتىمىزنى قوغدايدىغان نۇرلۇق يول ئىدى. ئەمما، ئاز ساندىكى بىرقىسىم جەمئىيەت ئەزالىرى بىلىپ-بىلمەي بۇ يورۇق يولدىن چىقىپ كېتىپ، قاپ-قاراڭغۇ ئەگرى يولغا كىرىپ كەتتى. بۇ ئەگرى يول ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى پۈتكۈل دونيا ئەيىبلەۋاتقان زوراۋانلىق، تىررورلۇق، قاتىللىقتىن ئىبارەت ئىنسانىيەت قېلىپىدىن چىققان كەچۈرگۈسىز جىنايەت يولىغا باشلىدى؛ بەزىلىرىنى زەھەر ئەتكەسچىلىكى، ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق، باسقۇنچىلىق يولىغا سېلىپ، بىرقىسىم ياشلىرىمىزنىڭ ئىستىقبالىنى نابۇت قىلدى؛ بەزىلىرىنى «يولۋاس» بىلەن «چىۋېن» گە ئايلاندۇرۇپ، چىرىكلىك قىلمىشلىرىنى يامرىتىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئوبرازىغا ئېغىر ھالدا داغ چۈشۈردى؛ تۈرلۈك ئالدامچىلىق، ساختىلىق قىلمىشلىرىمۇ ئەگرى يولدا خۇدىنى بىلمەي كېتىۋاتقانلارنىڭ سېپىگە قوشۇلۇپ، ئاۋامنىڭ مەنپەئېتىگە زىيان سالدى؛ يەنە بىرقىسىم جەمئىيەت ئەزالىرى ئائىلە، كىشىلىك مۇناسىۋەت، ئىجتىمائىي ئەخلاق ۋە ئادىمىيلىكنىڭ توغرا يولىدىن چەتنەپ، ۋىجدان ۋە ئار-نۇمۇسنى بىلمەيدىغان نائەھلىلەر قاتارىغا ئۆتۈپ كەتتى. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى قانۇننى ئۆگەنمىگەنلىكنىڭ، قانۇننى بىلمىگەنلىكنىڭ، قانۇنغا ھۆرمەت قىلمىغانلىقنىڭ يامان ئاقىۋىتى. «يول»دىن چىققان مۇشۇنداق بىر ئوچۇم كىشىلەر گەرچە ئاز سانلىق بولغىنى بىلەن ئۇلارنىڭ جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقىغا، تېنچ-ئامانلىقىغا، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا كەلتۈرىدىغان زىيىنىنى ھەرگىز تۆۋەن مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ.
   قانداق كىشىلەر يولدىن چىقىدۇ؟ ئالدى بىلەن قانۇن قارغۇلىرى يولدىن چىقىدۇ،  زوراۋانلىق، تىررورلۇق، دىنىي ئەسەبىيلىك بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلار، ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق، ئالدامچىلىق، زەھەر سودىسى يولىغا كىرىپ كەتكەنلەر، بالىلارنى، قىزلارنى ئالداپ سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئادەم بىدىكلىرى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش تۈرلۈك جىنايى ئىشلار دىلولىرىنى سادىر قىلىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى دىگىدەك تۈزۈك ئوقۇمىغان، تەربىيە كۆرمىگەن قارا قورساق قانۇن قارغۇلىرىدىن ئىبارەت. ئۇلارنىڭ ئېڭىدا قانۇن-تۈزۈم دىگەن نەرسە ئەزەلدىن مەۋجۇت ئەمەس، ئۇلار نىمىنىڭ قانۇنغا ئۇيغۇن، نىمىنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىدىن ئەسلا خەۋەرسىز، نادانلىق ئۇلارغا ئاق-قارىنى، ھەق-ناھەقنى پەرق ئېتىش ئىقتىدارىنى بەرمىگەن، شۇڭا «شەيتان» نىمە دىسە ئۇلار شۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭىۋېرىدۇ. مانا بۇلارنى بىز ھەقىقى قانۇن قارغۇسى دەيمىز. قانۇن قارغۇلىقى ئاقىۋەتتە ئۇلارنى ھەممە ئادەم يىرگىنىدىغان جىنايەتچىگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ، خالاس.
    يولدىن چىققان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىلا قانۇن قارغۇسى ئەمەس، ئەلۋەتتە. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قانۇننى بىلىدىغانلار، ھەتتا قانۇن ئىجرا قىلىدىغانلارمۇ بار. شۇنداق تۇرۇقلۇق، يەنە نىمە دەپ يولدىن چىقىدۇ؟ بۇ يەردىكى تۈپ مەسىلە-قانۇنغا ھۆرمەت قىلمىغانلىق، قانۇننىڭ نۇپۇزىنى قوغدىمىغانلىقتىن ئىبارەت. چۈنكى، يولدىن چىققان ئەشۇ بىرقىسىم كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە دۆلەتنىڭ ئاساسى قانۇن ۋە قانۇنلىرى بىر پارچە كېرەكسىز قەغەز، ئۇلارغا پەقەت ھوقوق، ئىمتىياز بولسىلا بولدى. دۆلىتىمىز سىياسى-قانۇن سېپىنىڭ سابىق ئەڭ ئالى رەھبىرى بولغان جويوڭكاڭنىڭ دۆلەت قانۇنىنى ھۆرمەت قىلماسلىق، قانۇننى دەپسەندە قىلىش ئەمەلىيىتىدىن شۇنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىكى، بۇنداق كىشىلەر قانۇننى پەقەت قول ئاستىدىكىلەرگىلا، ئاۋام پۇقراغىلا تەدبىقلايدۇ، ئەزەلدىن ئۆزىگە تەدبىقلاپ باقمايدۇ؛ قانۇننى پەقەت قول ئاستىدىكىلەرگىلا، ئاۋام پۇقراغىلا يۈگۈزىدۇ، ئەزەلدىن ئۆزىگە يۈرگۈزۈپ باقمايدۇ؛ خۇددى نوغۇچنى پۈۋلىسە يەل ماڭمىغانغا ئوخشاش، قانۇن ئۇلارغا ئۆتمەيدۇ، ئۇلارنىڭ قولىدىكى ھوقوق ئەزەلدىن قانۇننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. قانۇننى ئۆزىگە تەدبىقلىماي ئاۋام پۇقراغىلا تەدبىقلايدىغان، ئۆزىگە ئىجرا قىلماي ئاۋام پۇقراغىلا ئىجرا قىلىدىغان بۇنداق ئەمەلدارلار ئاساسىي قاتلامدىمۇ كۆپ تېپىلىدۇ. ئۇلارنىڭ قانۇنغا ھۆرمەت قىلماسلىقىدىكى تۈپ سەۋەب پەقەت بىرلا، ئۇ بولسىمۇ «چىشنىڭ بارىدا گۆش يەۋېلىش» تىن ئىبارەت نەپسانىيەتچىلىك ۋە پۇلپەرەسلىك. ئۇلارنىڭ قولىدىكى ھوقوق پارتىيە، خەلق مەنپەئېتى ئۈچۈن ئىشلىتىلمەستىن، پەقەت ئۆزىگە بايلىق توپلاش ئۈچۈنلا ئىشلىتىلىدۇ. مەركەزدىكى جويوڭكاڭ، شۈسەيخۇ، لىڭ جىخۇا ۋە يېقىندىن بۇيان ئارقىمۇ-ئارقا تەختىدىن غۇلاپ چۈشۈۋاتقان ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك «يولۋاس» لارنىڭ ئەمەلىيىتى بۇ نۇقتىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بەردى. مەركىزىي كومېتىتنىڭ قارارىدا مۇشۇنداق مەسىلىلەرگە، مۇشۇنداق ئەمەلدارلارغا دەل قارىتىلغان ھالدا: «ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخس ئاساسى قانۇن ۋە قانۇنلارنىڭ نۇپۇزىغا ھۆرمەت قىلىشى، ئاساسى قانۇن ۋە قانۇنلارنىڭ دائىرىسى ئىچىدە ھەركەت قىلىشى، ئاساسى قانۇن ۋە قانۇنلارغا ئاساسەن ھاكىمىيەت، ھوقوق يۈرگۈزۈشى، مەسئۇلىيەت ياكى مەجبۇرىيەت ئادا قىلىشى،ئۇلارنىڭ ئاساسى قانۇن ۋە قانۇنلاردىن ھالقىغان ئىمتىيازغا ئىگە بۇلىۋېلىشىغا يول قويۇلماسلىقى كېرەك، ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخس دۆلەت قانۇن-تۈزۈمىنىڭ بىرلىكى، ئىززەت-ھۆرمىتى، نۇپۇزىنى قوغدىشى، ئاساسى قانۇن ۋە قانۇنلارنىڭ ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى، ھەرقانداق ئادەمنىڭ ھەرقانداق سەۋەب بىلەن ھەرقانداق ئۇسۇلدا سۆزىنى قانۇن ئورنىغا قويۇشىغا، ھوقوقىنى قانۇن ئۈستىگە قويۇشغا، نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ قانۇننى بۇزۇشىغا يول قويۇلماسلىقى لازىم» دەپ ئېنىق كۆرسىتىلدى.
    «ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخس ئاساسى قانۇن ۋە قانۇنلارنىڭ نۇپۇزىغا ھۆرمەت قىلىشىى، ئاساسى قانۇن ۋە قانۇنلارنىڭ دائىرىسى ئىچىدە ھەركەت قىلىشى» دىن ئىبارەت بۇ تۈپ قائىدە ئىلگىرىمۇ ناھايتى كۆپ تەكىتلەنگەن، پارتىيە نىزامنامىسى ۋە ئاساسى قانۇنغا كىرگۈزۈلگەن ئىدى. ئەمەلىيەتتە بولسا بۇ تۈپ قائىدە بىرقىسىم يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ نەزىرىدە قورۇق قەغەزگە ئايلىنىپ قالدى، قانۇندىن ھالقىپ كەتكەن يەرلىك سىياسەت دۆلەت قانۇنىنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالدى.ئىلگىرىكىنى قويۇپ تۇرۇپ، يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدە يۈز بەرگەن ۋە يۈز بېرىۋاتقان بەزى ئىشلارنى مىسالغا ئالساقمۇ، قانۇن بىلەن ھىسىيات، قانۇن بىلەن ھوقوق تامامەن ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى، ھوقوق تۆرگە چىقىۋېلىپ، قانۇن پەگاغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. مەلۇم بىر شەھەردە كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىش، چېقىش-كۆچۈرۈش داۋامىدىكى ئادالەتسىزلىككە ئۇچرىغان نۇرغۇن ئاممىنىڭ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا توپلىشىۋېلىپ ئادالەت تەلەپ قىلغانلىقىنى پات-پاتلا ئۇچرىتىپ قالاتتىم. ئەسلىدە گوۋۇيۇەننىڭ «دۆلەت يېرىدىكى ئۆيلەرنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا تولۇقلىما بېرىش نىزامى» بىلەن «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ ‹دۆلەت يېرىدىكى ئۆيلەرنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا تولۇقلىما بېرىش نىزامى› نى يولغا قويۇش چارىسى» دە : «ئۆي ئېلىش ۋە تولۇقلىما بېرىشتە قارار دىمۇكراتىك بولۇش، تەرتىپ توغرا بولۇش، نەتىجە ئاشكارە بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك» ، «ئۆي ئالغۇچى تارماق بىلەن ئۆيى ئېلىنغۇچى مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە بۇيىچە، تولۇقلىما بېرىش ئۇسۇلى، تولۇقلىما سوممىسى،ۋە ئۇنى بېرىش ۋاقتى، مۈلۈك ھوقوقى ئالماشتۇرۇلىدىغان ئۆينىڭ ئورنى ۋە كۇلىمى، كۆچۈش ھەققى، ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققى ياكى ئوبوروت ئۆي، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت توختاپ قېلىشتىن كېلىپ چىققان زىيان، كۆچۈش مۆھلىتى، ئۆتكۈنچى ئۇسۇل ۋە ئۆتكۈنچى مۆھلەت قاتارلىق ئىشلار ھەققىدە تولۇقلىما بېرىش كىلىشمى تۈزۈش كېرەك.» «ئۆي ئېلىشتا ئاۋال تولۇقلىما بېرىپ، ئاندىن كۆچۈرۈش كېرەك.» ، «ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسىنىڭ ئالدامچىلىق، زوراۋانلىق قىلىش، قورقۇتۇش ئارقىلىق ياكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سۇ، ئىسسىقلىق، گاز، توك بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىش ۋە يول قاتنىشىنى ئۈزۈۋېتىش قاتارلىق ئۇسۇللار، شۇنداقلا ۋەزىپىسىدىن توختىتىش، ئىش ئورنىدىن ئايرىش، دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش، ئىشتىن ھەيدەش قاتارلىق ۋاستىلار بىلەن ئۆيى ئېلىنغۇچىنى تۆلەم كىلىشمى ئىمزالاشقا زورلىشىغا ياكى كۆچۈشكە مەجبۇرلىشىغا بولمايدۇ» دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن ئىدى. ئەمەلىيەتتە قانداق بولدى؟
    مەن بۇ يەردە پەقەت بىرلا مىسال كەلتۈرەي: مەلۇم بىر كىشىنىڭ 330 كىۋادىراتمېتىرلىق تۇرالغۇسى چېقىش، كۆچۈرۈش دائىرىسىگە كىرىپ قالغانلىقتىن، شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئۆي ئېلىشقا مەسئۇل تارمىقى ئۆي ئىگىسىنى ھىچقانداق سانلىق مەلۇمات تولدۇرۇلمىغان ئاق كىلىشىمگە ئىمزا قويغۇزماقچى بولغان. ئۆي ئىگىسى ئادىل بولمىغان تۆلەمدىن نارازى بولۇپ ئىمزا قويۇشقا ئۇنىمىغاندا، ئۆي ئېلىش تارمىقىنىڭ بىر مەسئۇلى بۇ ئائىلىگە تىلىفۇن بېرىپ، ئەگەر بۇ ئاق كىلىشىمگە ئىمزا قويمايدىغان بولسا، ئۇلارنىڭ شەھەردىكى مەلۇم بىر ئورۇندا ئىشلەۋاتقان ئوغلىنى يېزىغا ھەيدىۋېتىدىغانلىقى توغرىسىدا تەھدىت سالغان ھەمدە «بۇ دىگەن شەھرىمىزنىڭ يەرلىك سىياسىتى، بىز مۇشۇ سىياسەت بۇيىچە ئىش كۆرىمىز» دىگەن. بۇ ئائىلىدىكى چوڭلار ياشىنىپ قالغان، كېسەلچان بولغاچقا، بالىلىرىنىڭ ئۆزىگە يېقىن تۇرالماسلىقىدىن ئەنسىرەپ، نائىلاج بۇ قانۇنسىز ئاق كىلىشىمگە ئىمزا قويۇشقا مەجبۇر بولغان. بۇ شەھەرنىڭ يەرلىك سىياسىتى بۇيىچە بولغاندا، ئۆيى ئېلىنماقچى بولغان ھەرقانداق ئادەم ئالدى بىلەن ھىچقانداق سانلىق مەلۇمات تولدۇرۇلمىغان ئاق كىلىشىمگە ئىمزا قويۇشى شەرت ئىكەن، ئىمزا قويۇلۇپ بولغاندىن كىيىن ئۆي چېقىلىدىكەن، كىلىشىمدىكى تۆلەم سوممىسى، مۈلۈك ھوقوقى ئالماشتۇرۇلىدىغان ئۆينىڭ باھاسى ۋە باشقا سانلىق مەلۇماتلارنى ئۆي ئېلىشقا مەسئۇل تارماقلار ئۆزى خالىغانچە تولدۇرۇۋالىدىكەن، ئوخشاش ئۆيلەرگە بېرىلىدىغان تۆلەم سوممىسىمۇ ئوخشاش بولمايدىكەن، شۇنداقلا كېمنىڭ ئۆيىگە قانچىلىك تۆلەم بېرىلىدىغانلىقى ئاممىغا ئاشكارىلانمايدىكەن. دۆلەت ۋە ئاپتونۇم رايوننىڭ قانۇن تۈسىنى ئالغان ئېنىق بەلگىلىمىسى تۇرسىمۇ، ئۇنى سامانلىققا تىقىپ قويۇپ، ئۆزلىرىنىڭ تەتۈرىسىچە ئىش كۆرۈلگەن قانۇنسىز يەرلىك سىياسىتىنى ئۇنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش قىلمىشىنى «قانۇنغا خىلاپ ھالدا ھوقوق يۈرگۈزۈش» دىمەي يەنە نىمە دەيمىز؟ بىزدە «شامال چىقمىسا دەرەخ لىڭشىماس» دىگەن گەپ بار. كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىش، چېقىش، كۆچۈرۈش داۋامىدا، دۆلەت ۋە ئاپتونۇم رايوننىڭ ئالاقىدار سىياسەت، بەلگىلىمىلىرى ئەينەن ئىجرا قىلىنغان، تولۇق ۋە ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن بولسا،ئاۋام پۇقرا ئەرزىيەت ئېيتىش ئۈچۈن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا توپلىشىۋالارمىدى؟ دەرىجە ئاتلاپ يوقۇرىغا ئەرز-شىكايەت قىلارمىدى؟! تېخىمۇ بىمەنىلىكى شۇكى، قانۇننى بىلىپ تۇرۇپ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىۋاتقان ئەشۇ بىرقىسىم ھوقوق ئىگىلىرىنىڭ «ئوغرىنىڭ يۈرىكى پوك-پوك» دىگەندەك، دۆلەت ۋە ئاپتونۇم رايوننىڭ كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىشكە دائىرئاشكارە تارقىتىلغان بۇ مۇھىم بەلگىلىمىسىنى ئاۋام پۇقرادىن خۇپىيانە تۇتۇشلىرى، ئاۋامنىڭ بىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ كېتىشلىرى تېخىمۇ قىزىق، بۇ خۇددى «ئىشتانغا چىقارغان كۆڭۈلگە تايىن» دىگەندەك بىر ئىش، خالاس. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارارىدا مۇشۇنداق مەسىلىلەرگە دەل قارىتىپ « قانۇن ئىجرا قىلىپ تۇرۇپ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ ھوقوق يۈرگۈزۈشكە ئوخشاش قىلمىشلارنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىش كېرەك» دەپ كۆرسىتىپ ئۆتۈلدى. دۆلەتنىڭ قانۇن-نىزاملىرىنى ئېلىۋەتكەن تىرنىقىغا تەڭ قىلمايدىغان كىشىلەر ئەندى بۇنىڭغا نىمە دەيدىكىن؟!
  
    بىز «قانۇن بۇيىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش» دىگەن سۆزنى دائىم ئاڭلاپ تۇرىمىز. «قانۇن بۇيىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش» دىگەنلىك ئەسلىدە مەمۇرى ئورگانلارنىڭ ھوقوق يۈرگۈزگەندە، تەدبىر بەلگىلىگەندە، قارا چىقارغاندا، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا ئاساسلىنىش كېرەكلىكىنى، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردىن ھالقىغان ھالدا ئىش كۆرۈشكە بولمايدىغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ مەمۇرى ھەركىتىنى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىش شەرت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرەتتى. پارتىيە مەركىزىي كومېتىتىنىڭ قارارىدىمۇ قانۇن بۇيىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ مۇھىملىقى ئالاھىدە تەكىتلىنىپ : «مەمۇرى ئورگانلار قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى جەزمەن ئادا قىلىش، قانۇندا ھوقوق بېرىلمىگەن ئىشلارنى قىلماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ دادىل بولۇپ، قىلىدىغاننى قىلماسلىق، قىلىدىغاننى قالايمىقان قىلىش ئەھۋالىنى قەتئىي تۈزىتىپ، خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمىغان ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلارنى قەتئىي جازالاپ بىرتەرەپ قىلىش كېرەك. مەمۇرى ئورگانلار قانۇندا بەلگىلەنمىگەن ھوقوقنى تەسىس قىلماسلىقى، قانۇن-نىزام ئاساسى بولمىغان ئەھۋالدا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي ھوقوق-مەنپەئېتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ياكى ئۇلارنىڭ مەجبۇرىيىتىنى كۆپەيتىۋېتىدىغان قارارلارنى چىقارماسلىقى كېرەك، ھۆكۈمەتنىڭ ھوقوق تىزىملىكى تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ھوقوق ئىجارىكەشلىك بوشلۇقىنى قەتئىي يوقىتىش كېرەك» دەپ كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن ئىدى. ئەمما، رىئاللققا نەزەر سالىدىغان بولساق، «قانۇن بۇيىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش» دىگەن سۆزنىڭ ئەمەلىيەتكە يۈزلىنەلمەي، پەقەت تىلىۋوزۇر ئېكرانىدىلا، گېزىت بەتلىرىدىلا ۋە رەھبەرلەرنىڭ ئېغىزىدىلا قېلىۋاتقانلىنى، تەشۋىقات بىلەن رىئاللىقنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ خېلىلا چوڭلۇقىنى كۆرۈۋالالايمىز. رىئال تۇرمۇشتا قانۇن ھۆكۈمەتنى ئىدارە قىلىۋاتامدۇ ياكى ھۆكۈمەت قانۇننى ئىدارە قىلىۋاتامدۇ، بۇ ھەقتىكى ئەمەلىي مىساللارنى ئىزدىسەك خېلى تېپىلىدۇ، بىراق يازمىنىڭ ئۇزۇراپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن مەن بۇ يەردە مىسال كەلتۈرمىدىم. ئەگەر تورداشلار خالىسا،ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا قانۇن بۇيىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان مەسىلىلەرنى ئىنكاس شەكلىدە ئوتتۇرىغا قويۇپ تولۇقلاپ كەتسە بۇلىدۇ.
   پارتىيە مەركىزىي كومېتىتىنىڭ قارارىدا «قانۇن بۇيىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇشنى تېزلىتىش» ئالاھىدە تەكىتلەنگەن بولۇپ، بۇنىڭدا «ھۆكۈمەت فونكىسىيەسىنى قانۇن بۇيىچە ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلىش» ، «قانۇن بۇيىچە تەدبىر بەلگىلەش مىخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش» ، «مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش» ، «قانۇننى قاتتىق، قېلىپلىق، ئادىل، مەدەنىي ئىجرا قىلىشتا چىڭ تۇرۇش» ، «مەمۇرى ھوقوققا چەك قويۇش ۋە ئۇنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش» قاتارلىق مەسىلىلەر كونكىرت شەرھىيلەنگەن ھەمدە «مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى چوڭ-چوڭ تەدبىرلەرنىڭ قانۇنلۇقلىقىنى تەكشۈرۈش مىخانىزمىنى ئورنىتىش لازىم، قانۇنلۇقلىقى تەكشۈرۈلمىگەن ياكى تەكشۈرۈشتە قانۇنغا ئۇيغۇن كەلمىگەنلىرىنى مۇزاكىرىگە سۇنۇشقا بولمايدۇ» دەپ ئېنىق كۆرسىتىلگەن. قانۇن بۇيىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش مەسىلىسى تىگى-تەكتىدىن ئالغاندا ھوقوق بىلەن قانۇننىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا ئورۇنغا قويۇپ، قانۇننى ھەقىقى ھالدا تۆرگە چىقىرىپ، ھوقوقنى پەگادا قول باغلاپ تۇرىدىغان قىلىشتىن دېرەك بېرىدۇ. بىراق، ھوقوق قاچان پەگاغا چۈشىدۇ، قانۇن قاچان تۆرگە چىقىدۇ، ئەمەلدارلار قاچان قانۇندىن تەپ تارتىدىغان بولىدۇ؟ بۇ يەنىلا پارتىيە مەركىزىي كومېتىتىنىڭ «دۆلەتنى قانۇن بۇيىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر بىرقانچە زور مەسلە توغرىسىدىكى قارارى» نىڭ گېزىت بەتلىرىدىلا توختاپ قالماي، ئەمەلىي تۇرمۇشتا ھەقىقىي، ئىزچىل، توغرا ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە باغلىق.

                                                             مەنبە :  ئۆز قەلىمىم

0

تېما

2

دوست

4035

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   67.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14973
يازما سانى: 304
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 1218
توردىكى ۋاقتى: 169
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-31 14:27:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دولىتىمزدە قانۇن تۇزۇپ شۇنچە مۇككەمەل  ئاممە قانۇن بۇزارلار شۇ مۇككەمەل قانۇندىنمۇ يۇچۇق ئاچىدىكەن.تېخى بىلىپ تۇرۇپ يۇرەكىلىك دارۋازمۇ ئېچىۋالدىكەن بىر نىمە دىسەك بۇ سىياسەت يەرلىك بەلگىلىمە دەيدىكەن
دولىتىمىزدە قانۇنىڭ كۇچى يۇقىرمۇ ياكى يەرلەك ئەمەلدارلارتۇزگەن سىياسەت بەلگىلىمە ،نىزام، چارە يۇقىرى ئۇرندا تۇامدۇ ؟
يا بۇ بەلگىلمە نىزاملىرى قانۇنىڭ يۇچىقلىرنى ئىتەمدۇ ياكى ئەمەلدارلارنىڭ قانۇن سىرتىدا  ھۇقۇق يۇرگىزىشتىكى ئاساس بىلەن تەمنىلەمدۇ ؟
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

17

تېما

28

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.56%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 1535
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 4336
توردىكى ۋاقتى: 1724
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-31 14:31:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-31 14:44  

ئىسپاتىڭىز بىلەن خەنزوچە تەرجىمە قىلىپ سىنا، ۋاڭيىلاردا يوللىسىڭىز ئاندىن ئۈنىمى بۇپ قالارمىكىن. ئاپتۇنۇمدىكىلەر بىلمەيدىغان ئىشلار ئەمەستۇ بۇلار...

ھىلى چىشى ئاق چاشقان تاڭسىڭنى ئېپ قىچىپ ئاۋارە قىلىۋدى سۇنۋۇكۇڭ بىر-مۇنچە دەككە يەپ مۇنارچى شاھنى چاقىرىپ قەپەزگە سۇلاتتى، ئاندىن تاڭسىڭ مۇنارچى شاھقا تازىم قىلىپ رەھمىتىنى بىلدۈردى.

0

تېما

4

دوست

2053

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   1.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33619
يازما سانى: 214
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 598
توردىكى ۋاقتى: 229
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-31 14:50:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Algol1991 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-31 14:52  
dolanogli يوللىغان ۋاقتى  2015-1-31 14:27
دولىتىمزدە قانۇن تۇزۇپ شۇنچە مۇككەمەل  ئاممە قانۇن بۇز ...


莫须有。 秦哥发明的,让法律永不完美的好主意。

0

تېما

0

دوست

392

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   46%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33606
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 112
توردىكى ۋاقتى: 20
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-31 14:58:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي تاڭەي ھوقوقنېڭ پەگاغا چۇشىشى بەك چۇشسە ئورۇندوققا چۇششىگىمۇ ئىشەنمەيمەن.

2

تېما

6

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   10.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12274
يازما سانى: 1118
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1585
تۆھپە : 3231
توردىكى ۋاقتى: 831
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-31 15:16:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىندىستان فىلىمى ‹‹ ھەيدەر ›› دىمۇ ساقچى باشلىقى ھەيدەرگە ھەممە ئىشلارنىڭ قانۇن بويىچە بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتىغۇ؟

17

تېما

28

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.56%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 1535
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 4336
توردىكى ۋاقتى: 1724
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-31 15:49:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بانكىر يوللىغان ۋاقتى  2015-1-31 15:16
ھىندىستان فىلىمى ‹‹ ھەيدەر ›› دىمۇ ساقچى باشلىقى ھەيدە ...

  نوم ھىندىستاندىن كەلگەن بىلەن قانون ھىندىستاندىن كەلمىگەندىكىن ئۇخشىمايدۇ، بۇ يەرلەر نىمىلا بولمىسا ھىندىستاندىن مىڭ ياخشى...

12

تېما

0

دوست

1060

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11234
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 29
تۆھپە : 306
توردىكى ۋاقتى: 37
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-31 17:06:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھوقۇقنى نازارەت قىلىدىغان ئاپىراتلىرى مۇكەمەل بولمىغان ھەرقانداق جەمىيەتتە قانۇن يەنىلا پەگەغا چۈشۈپ قالىدۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )