قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1556|ئىنكاس: 22

ئىككى ھۆكۈز ۋادىسىدىكى قەدىمىقى ‹‹پولات شەھەر ›› مەدىنىيىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

12

تېما

0

دوست

1060

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11234
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 29
تۆھپە : 306
توردىكى ۋاقتى: 37
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-31 12:25:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككى ھۆكۈز ۋادىسىدىكى قەدىمىقى ‹‹پولات شەھەر ›› مەدىنىيىتى
ئابدۇۋەلى تۇرسۇن ئەر تۇرا

    بورتالا شەھىرىنىڭ شەرىقىگە   27  كىلومتىر يىراقلىققا جايلاشقان  ،  دالدا  بازىرى  تەۋەسىدىكى ‹‹دالدا  قەدىمىقى شەھىرى  ›› ، قەدىمدىن شەرىق بىلەن  غەرىپنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرغان  مەدەنىيەت ، سودا جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان ،  خەلىق ئارالىق ئىجتىمايى  مۇناسىۋەتلەرنىڭ تۈگۈنى ئىدى . بۇ شەھەر يىپەك يولى ئېچىلىشتىن بۇرۇنقى  ، مىلادىدىن  ئاۋالقى  ئالتاي ـ ئەنساي ـ ئىلى  ـ  ئىمىل ـ باكتىرىيەلەرنى  تۇتاشتۇرغان  ، يايلاقتىكى  قەدىمىقى ‹‹ يايلاق  ئالتۇن يولى››نىڭ ئۈستىگە    جايلاشقان ئىدى ... بۇ يەردە  تاش قۇراللار دەۋرىدىن باشلاپلا ئىنسانلار   پائالىيەت ئېلىپ بارغان بولۇپ ، بۇ زىمىن  بۇندىن  2700 ـ 2600 ـ يىللار ئىلگىرىلا ساكلار ، مىلادىدىن ئاۋالقى 2 ـ 1 ئەسىردىن كېيىن ھونلار ، كېيىن كەلگەن ئاۋارلار ،  4 ـ ئەسىردىن 8 ـ  ئەسىرگىچە  كۆك تۈرۈكلەر  ، ئۇيغۇرلار ، 12 ئەسىردە موڭغۇللار ، 14 ئەسىردىن كېيىن  تۆمۈرلەڭ ئەۋلاتلىرىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان ئىدى . خەنزۇ تارىخچىسى  چاۋشۈې  كۈن يازغان  ‹‹ بورتالا شەھىرىدىكى  ئارخىلوگىيەلىك بۇيۇملار، قەدىمىقى ئىزلارغا ئائىت رەسىملەر توپلىمى ›› ( خەنزۇچە ){ 2011 ـ يىل 4 ـ ئاي ، شىنجاڭ فوتو سۈرەتلەر نەشىرياتى  نەشىرى قىلغان } ناملىق كىتاپنىڭ  2 بېتىگە بېرىلگەن  يېڭى تاش قۇراللار دەۋرىگە مەنسۇپ  ، سىپتا تاش قۇراللار ، بورتالا ـ ئىككى ھۆكۈز رايۇنىدا ئىپتىدايى ئىنسانلارنىڭ بۇرۇندىن پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقىنى بىزگە كۆرسىتىپ بېرىدۇ ، يەنى بۇ كىتاپتىكى  ‹‹يېڭى تاش قۇراللار دەۋرىگە مەنسۇپ بولغان ››  1ـ رەسىم تاش ئۈزەك ( بورتالا شەھىرىدىن تېپىلغان ) ، 3 ـ رەسىم جىڭ تېشى ( بورتالا شەھىرىدىن تېپىلغان ) ، 5 ـ رەسىم تاش  يارغۇنچاق ( شوجۇنپاڭ گوڭشا  ، خارمۇدۇندىن تېپىلغان ) ، 6 ـ رەسىم تاش لىگەن ( چىندىل گوڭشىدىن تېپىلغان ) قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى  يۇقارىقى قاراشلارنىڭ توغرىلىقىنى  دەلىللەپ بېرىدۇ .  بۇلاردىن سىرىت  مەزكۈر كىتاپنىڭ  7 ـ ، 8 ـ ، 9 ـ ، بەتلىرىگە كىرگۈزۈلگەن رەڭلىك   11 ـ، 12 ـ، 13 ـ رەسملەردىكى  ‹‹ يېڭى تۇچ قۇراللار دەۋرىگە مەنسۇپ   تاش يارغۇنچاق ››  ۋە 39 ـ بەت، 70 ـ رەسىمدىكى ‹‹ تۇچ قۇراللار دەۋرىگە مەنسۇپ بولغان   ،  مىس گۈرجەك ››... پولات شەھەر  رايۇنىدىكى ئەجداتلىرىمىزنىڭ  ئىپتىدائىي مەدەنىيەت ئىزلىرىدىن دېرەك بېرىدۇ .
     تاش قۇراللار دەۋرىنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى ،  يىمەك ـ ئىچمەك ئىشلەش  ھۇجۇتقا كەلگەن ، ھەر خىل تاش قۇراللار سۈركەپ ياسالغان ،   ئىنسانلار   ئىپتىدايى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان بولۇدۇ . بولۇپمۇ دالدا قەدىمىقى شەھىرى خارابىسىدىن تېپىلغان ،  يۇقارقى  بىرونزا ـ مىس قۇراللار دەۋرىگە  مەنسۇپ ‹‹ تاش يارغۇنچاق ›› ، ‹‹ يۇمىلاق شەكىللىك تاش يارغۇنچاق›› ، يەنى يۇقارقى كىتاپنىڭ  7 ـ بىتى   ۋە 8 ـ بېتىكى  ئىگەر شەكىللىك تاش يارغۇنچاقلار ، دالدا قەدىمىقى شەھىرىنىڭ ئىپتىدايى دەۋىردىكى ئولتۇراق تۇرمۇش، ئالاھىدىلىكىنى ،  جۈملىدىن مۇندىن 2300 ـ 2400 يىل ئاۋالقى   دەسلەپكى تېرىم ئىگىلىكىدىن  بىشارەت بېرىدۇ .
    ‹‹ دالدا قەدىمىقى شەھىرى ››نىڭ  ھازىرقى خارابە ئىزلىرىدىن ، شۇ دەۋىردىكى شەھەرنىڭ تۈزۈلۈشىنى   كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس  . خارابىنىڭ   شىمالىدا  بىر قۇرۇغان دەريا ئىزى   بولۇپ ، بۇ دەريا  قەدىمدە  شەھەرنى مۇداپىيە قىلىش رولىنى ئوينىغان  بولۇپ ، دەريا   شەھەرنى غەرىپتىن شەرىققە توغرىسىغا كېسىپ ئۆتكەنلىكى مەلۇم .  مەزكۈر شەھەر گۈللەنگەن دەۋىرلەردە  ، دەريا سۈيى مول بولۇپ ، ئەتىراپى بۈككىدە تاللار بىلەن پۈركەنگەن    ، ئۇنىڭ نېرىسى ياپ ـ يېشىل يايلاق  بولغاچقا  ئۇنىڭدا مىڭلىغان چارۋا ـ ماللار  بېقىلغان ئىدى ...
    دۆۋلىتىمىز سالنامىللىرىدىن  مەلۇم بولۇشىچە ، موڭغۇللار ھۆكۈمىرانلىقىدىكى  يۈئەن سۇلالىسى دەۋرىدە يەنى ،   1259ـ يىللىرى بۇ دەۋىردە  ياشاپ ئۆتكەن داڭلىق ئىككى  سەيياھ  جاڭدې  ۋە لىيۇ جۈ  قاتارلىقلار  ، موڭغۇلىيەنىڭ قارا قۇرۇم دىگەن يېرىدىن  يولغا چىقىپ  ، ئولۇنگۈر كۆلىنى بويلاپ  غەرىبىي جەنۇپقا ماڭغان  ، ئۇلار شۇ ماڭغىنىچە  ئىمىل ، ئىككى ھۆكۈز ۋادىسى  ـ بورتالا  ، ئىلى ۋادىسى  ، ئىران  ـ پىرسىيە  ، ھىندىستان ، باغدات  قاتارلىق جايلارغا بارغان  ... ئۇلار كۆرگەن ئاڭلىغانلىرى ئاساسىدا  ، ‹‹ غەرىپكە بېرىش خاتىرىسى  ›› دىگەن كىتاپنى يازغان   ...
     بۇ كىتاپتا  : ‹‹ ...غەرىپكە قاراپ ماڭغاندا  ، يېمەن چېڭ (  ئىمىل شەھرى) گە ، غەرىبىي جەنۇپقا ماڭغاندا  ‹پولات شەھىرىگە › بارغىلى بولۇدۇ ،  بۇ شەھەردە  بۇغداي ، شال كۆپ ئۆستۈرۈلىدۇ  ، تاغلىرىدا بولسا  يەرلىكلەر ‹ ئارچا › دەپ قويۇدىغان بىرخىل دەرەخ جىق ئۆسىدۇ . شەھەر چاسا شەكىللىك بولۇپ  ، ئۆيلىرى سوقما تامدىن ياسالغان  ، ئۆيلىرىنىڭ تاملىرى ئاينەكلىك ،  بۇ شەھەرنىڭ شىمالىدا بىر كۆل بولۇپ  ، كۆلنىڭ شىمالىدىكى ‹تۆمۈر تاغ › دىن داۋاملىق كۈچلۈك بوران چىقىپ تۇرۇدۇ ،  بوران كۈچلۈكلىكىدىن ئادەملەرنى ئۇچۇرۇپ كۆلگە ئاپىرىپ تاشلايدۇ ....›› دەپ يېزىلغان .   تارىخچىلارنىڭ   بىردەك   قارىشىچە ،  بۇ تارىخىي يازمىدىكى   ‹‹يې  مەن چىڭ ›› ( 业瞒城) ھازىرقى  چۆچەك شەھىرىگە قاراشلىق  ئىمىل ناھىيەسىنىڭ  ، شەرىقى جەنۇبىدىكى  قەدىمىقى  ‹‹ ئىمىل قەدىمىقى شەھىرى ›› ( 密里古城)  نى  ، بۇ يەردە دىيىلىۋاتقان  بوران چىقىپ تۇرغان  ‹‹تۆمۈر تاغ ›› بولسا  ھازىرقى ئالاتاۋ تېغى ئېغىزىنى ،  ‹‹كۈچلۈك  بوران  ئادەملەرنى ئۇچۇرۇپ تاشلايدىغان كۆل ›› بولسا ھازىرقى ئىپنۇر كۆلىنى كۆرسىتىدىكەن .بۇنىڭدىن باشقا مەزكۈر تارىخىي خاتىرىدىكى‹‹ 贝罗城›› ( پولات  شەھىرى )  بولسا  ئۆز دەۋرىدە يىراق يېقىنغا ، پولات تاۋلاشتا داڭقى كەتكەن  ھازىرقى دالدا قەدىمىقى شەھىرىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ  ، بۇ شەھەر كېيىنچە خارابىلىككە ئايلانغان  ...
    ئارخىلوگلارنىڭ بىردەك قارىشىچە ‹‹ بورتالا شەھىرى ›› نىڭ نامى  قەدىمىقى ‹‹پولات شەھەر›› نىڭ نامىدىن  ، يەنى ‹‹ بولات  شەھىرى ›› ، ‹‹ پولات شەھىرى ›› ... تارىخى نامى ‹‹ بېى لۇو چېڭ ›› (孛罗城) ...يەنى قەدىمدە پولات تاۋلاشتا  يىراق يېقىنغا داڭقى كەتكەن،   دۆۋلىتىمىز تارىخى كىتاپلىردا يېزىلغان ‹‹ بېى لۇو چېڭ ›› ( بولو شەھىرى  ـ پولات شەھىرى ›› دىن ئۆزگۈرۈپ كەلگەن ئىكەن ...
    شەھەر خارابىسىنىڭ  شەرىقى يېرىم بۆلىكىدە ،  شەھەر سېپىلىنىڭ ئىزى كۆرۈنمەيدۇ ،  پەقەت قۇرلۇش ئىزىلا بار ، بۇ يەردە كۆپ تېپىلغىنى يەر يۈزىدە چېچىلىپ تۇرغان قىزىل چاسا شەكىللىك كېسەكلەر ، خىش پارچىللىرى بولۇپ بۇلار  ئۆز  دەۋىردە خۇمدانچىلىق كەسپىنىڭ جۈش ئۇرۇپ راۋاجلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىپ تۇردۇ . توپا ـ سامان ئارلاشقان كاكىللارمۇ بار ... ئارخىلوگلارنىڭ تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولدىكى  ، پولات شەھىرى ئەسلىدە ئىچكى تاشقى شەھەردىن  تەركىپ تاپقان ، ئىچكىي شەھەر مۇكەممەل ساقلانغان  ، شەھەر قوۋۇقى شەرىققە قارايدۇ ، شەھەر ئىچىنىڭ شىمال تەرەپ توپا قاتلىمىنىڭ   توپا قاتلىمى  قېلىنراق ، جەنۇپ تەرىپى پەسرەك  ، شەھەرنىڭ مەركىزىدە توپا تاملىق ئۆيلەرنىڭ ئۇل ئىزى بار ، جەنۇپ تەرەپ پەسرەك  ... تاشقى شەھەر ياي شەكىللىك بولۇپ ، شەھەرنىڭ جەنۇپ  سېپىل تېمى مۇككەممەل  بولۇپ ، ئوتتۇرا قىسمىنىڭ كەڭلىكى  5 مېتىر ئەتىراپىدا  ...بۇ شەھەرنىڭ شىمال شەرىقى تەرىپى قۇرۇغان سۇ ئېقىنى بىلەن تۇتۇشۇپ كەتكەن بولۇپ ، بۇ شۇ ۋاقىتتىكى لەخمە ئىزىدۇر  . شەھەرنىڭ شىمالىدا بۇزۇلغان سېپىل تېمى بار . تاشقارقى شەھەرنىڭ شەرىقى ۋە شىمالى ئىككى تەرىپىدە  قۇرۇغان  دەريا ئىزى بار  .   دەريانىڭ غەرىبى  ۋە  غەرىبىي شىمال تەرىپى  دۆڭلۈك  ۋە تىك يانتۇلۇق ، ئۇنىڭ چوڭقۇرلىقى  10 مېتىر  ئەتىراپىدا  ، شەرىقى تەرەپتە سۇ بولغاچقا  ، ئۆز دەۋرىدە  تاشقى شەھەر  سېپىلىنى  ياساش ئىمكانى بولمىغان ، ئارخىلوگلار  بىردەك ‹‹ پولات شەھىرى ›› نىڭ بارلىققا كەلگەن دەۋرىنى غەرىبىي لىياۋ  ( 907 ـ 1125) دەۋرىدىن بۇرۇن دەپ قارىماقتا ...
    1983ـ يىلىدىن كېيىن بۇ يەردىكى دېھقانلار ، توپا ۋە ئوغۇت ئېلىش جەريانىدا نۇرغۇن قېزىلما  بۇيۇملارنى تاپقان   ، بۇنىڭ ئىچىدە زىخچە ئالتۇن ، كۈلرەڭ ساپال بۇيۇملار ، ، كۈلرەڭ ساپال چىراق ، مىس ئاينەك  ، مىس پۇل  ، ئالتۇن پۇل  ۋە باشقا ھەرخىل كۇلالچىلىق بۇيۇملىرىمۇ كۆپلەپ  تېپىلغان . بۇنىڭ ئىچىدە سوڭ دەۋرىگە مەنسۇپ مىس پۇللار  ، ئەرەپ يېزىقى چۈشۈرۈلگەن  ، ئوتتۇرىسى تۆشۈك بولمىغان  ئالتۇن پۇللار  ، ئالتۇن بىلەيزۈكلەر  ، ئالتۇن بىزەكلەر  ...مۇ بار .
   تارىخچى  چاۋ شۈې كۈن يازغان  ‹‹ بورتالا شەھىرىدىكى  ئارخىلوگىيەلىك بۇيۇملار، قەدىمىقى ئىزلارغا ئائىت رەسىملەر ›› ( خەنزۇچە ) ناملىق كىتاپنىڭ 13 ـ، 68 ـ بەتلىرىدىكى  ، دالدا قەدىمىقى شەھرىدىن تېپىلغان ،  شەھەرنىڭ يۇندا سۈيىنى چىقىرىدىغان ، كۇلالدا ياسىغان تۇربىنىڭ رەڭلىك  سۈرىتى  ، بۇ مەزكۈر شەھەرنىڭ  سۇ ئىنشائاتىدىن ، سۇ چىقىرىش ، تەمىنلەش ئىشلىرىنىڭ  يۈكسەلگەنلىكىدىن  دېرەك بېرىدۇ ؛ كىتاپنىڭ  31 ـ بېتتىدىكى ئاينەك بوتۇلكا ،  يۇقارىقى  ‹‹ غەرىپكە ساياھەت خاتىرىسى ››دە  دىيىلگەندەك :‹‹ پولات شەھىرىنىڭ ئۆي دەرىزىلىرى ئاينەكتىن ئىدى ›› دىگەن قاراشنىڭ توغرىلىقىنى ، ئەينەك ئىشلەپ چىقىرىشنىڭ بۇ يەردە  دائىمى ھالغا ئايلانغانلىقىنى  بىلدۈرىدۇ  ؛ كىتاپنىڭ  32 ـ بېتىدىكى  داۋجاۋ دىنىغا ئائىت تامغا  ، قىتانلار دەۋرىدىكى مىس ياماق  ، 51 ـ بەتتىكى يۇئەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى  ئالتۇن بۇيۇملار ... ياماقلاردىن   ئۆز دەۋرىدە  يىپەك يولىنىڭ  شىمالىدىكى ، يول ئۈستىگە جايلاشقان  بۇ شەھەردە شەرىق غەرىپ ئالاقىللىرىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى بىلگىلى بولۇدۇ . بۇنىڭدىن باشقا مەزكۈر كىتاپنىڭ 64 ـ بېتىدىكى ‹‹ پولات تاۋلاش ئورنىنىڭ رەڭلىك  رەسىمى  ›› ، 112 رەسىمدىكى تۆمۈر سوقا ، 68 ـ بەت 116ـ رەسىمدىكى سۇ قۇدۇقىنىڭ ئىزى ،  120 رەسىمدىكى  گەمىدىن قېزىۋېلىنغان تۆمۈر پارچىللىرى  ... بۇ شەھەرنىڭ ئۆز دەۋرىدە ھەقىقەتەن پولات تاۋلاشتا داڭقى كەتكەن  ، ‹‹ ئىسمى جىسمىغا لايىق پولات شەھىرى ›› ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ . ‹‹ قۇدۇق ، تۆمۈر سوقا ، تۇچ قۇراللار دەۋرىدىكى مىس گۈرجەك ۋە  تاش يارغۇنچاق ›› قاتارلىقلار ، ‹‹ پولات شەھىرى›› نىڭ  يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ،  قەدىمدە  ئەجداتلىرىمىز ياشىغان ، ئولتۇراق تۇرمۇش ئاساسىدىكى  دېھقانچىلىق مەركەزلىرىدىن بىرى بولغانلىقىنى دەلىللەيدۇ   .
بىزنىڭ دىققىتىمىزنى تېخىمۇ تارتىدىغىنى ، بۇ شەھەر خارابىسىدىن تېپىلغان ، ئوتتۇرىسى  تۆشۈك بولمىغان يۇمىلاق شەكىللىك  ئالتۇن ، كۆمۈش تەڭگىلەر  بولۇپ ، تەڭگىلەرنىڭ  شەكلى  قارىخانىلار سۇلالىسىنىڭكىگە   ئوخشاش بولۇپ ، ئىككى يۈزىگە   ئەرەپچە  ‹ ئاللادىن باشقا ئىلاھ يوق ، مۇھەممەت ئاللانىڭ ئەلچىسى ›› ۋە ‹‹پولات شەھىرىدە قۇيۇلغان كۆمۈش پۇل ›› دىگەن  خەتلەر يېزىلغان  . يۇقارقى  رەسىملىك  كىتاپنىڭ  44 ـ 45 ـ ، 47 ـ ، بەتلىرىگە دەل مۇشۇ تەڭگىلەرنىڭ سۈرىتى بېرىلگەن بولۇپ ، كۆمۈش پوللارنىڭ ئالدى تەرپىگە  ‹‹ پولات شەھىرىدە ياسالغان كۆمۈش پۇل ›› كەينى تەرپىگە ‹‹ پولات شەھىرى ›› دەپ يېزىلغان  ، ئالتۇن پۇل  مەركىزىگە ئەجداتلىرىمىزنىڭ قەدىمىقى تامغا ، ئەن بەلگىللىرى ئويۇلغان  . دىمەك ، بۇ شەھەرنىڭ ئۆز دەۋرىدە ئۆزگە خاس ئۇسۇلدا  ئالتۇن ـ كۆمۈش پۇل ـ تەڭگە ئىشلەپ چىقىرىش كۈچىگە ئىگە  ... ئىختىسادى ، مەدەنىي مەركەزلەردىن بىرى ئىكەنلىكى بۇنىڭدىن ئوچۇق كۆرۈنۈپ تۇردۇ  ...
    ‹‹پولات شەھىرى ›› تارىختا دەسلەپ  گۈللىنىپ ، ئاخىرى  ۋەيرانىگە ئايلانغان باشقا شەھەرلەرگە ئوخشاشلا كېيىنچە ، تىراگىدىيەلىك قىسمەتكە دۇچار بولغان ئىدى .   ئارخىلوگلار بىردەك ، مەزكۈر مەدەنىيەت مەركىزى  ۋەيران بولغان دەۋرىنى يۈئەن  سۇلالىسى( 1368ـ 1279) نىڭ  ئاخىرى  ۋە مىڭ سۇلالىسى( 1368ـ 1644) نىڭ باشلىرى دەپ قاراشماقتا ،قانداقلا بولمىسۇن پولات شەھىرى نىڭ ۋەيرانىگە ئايلىنىشى ھەققىدە ئىككى خىل قاراش مەۋجۇت ، بۇنىڭ بىرى :  پولات شەھىرى  سەمەرقەنىتنى مەركەز قىلىپ ھاكىمىيەت قۇرغان ، ئەمىر تۆمۈر كوراگاننىڭ   يەتتە سۇ ۋە ئىمىل ـ تارباغاتايدىكى ئۆزىگە بوي سۇنمىغان قىپچاقلارنى  جازالاش ئۈچۈن ئەۋەتكەن  قوشۇنى    تەرىپىدىن ۋەيران بولغان دىگەن قاراش ... يەنە بىرى : پولات شەرى  جۇڭغار ئۇيراتلىرى تەرىپىدىن ۋەيران بولغان دىگەن قاراش . بىزنىڭچە  ئىككىنچى قاراش تارىخى پاكىتقا خېلىلا ئۇيغۇن كېلىدۇ  .
بۇنىڭ ئۈچۈن بىز تۆۋەندىكى تارىخى دېرەكنى  كۆرسەكلا قارىشىمىزنىڭ توغرىلىقىنى بىلىپ يېتەلەيمىز :
   ‹‹ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شىمالىي قىسمىدىكى يايلاق رايۇنى ، بۇ مەزگىللەردە  ئۇيراتلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى  . ئىلگىرىكى ئۈۋەيىسخان ھايات ۋاقتىدىمۇ  ئۇيراتلار بىلەن  كۆپ قېتىم ئۇرۇشقان ئىدى . نەتىجىدە ئۈۋەيىسخان نائىلاج غەرىپكە  كۆچكەنىدى ...
   15 ـ ئەسىرنىڭ  50 ـ يىللىرىغا كەلگەندە  ، ئۇيراتلار غەرىپ تەرەپكە تاجاۋۇز قىلىپ  ، ھازىرقى قازاقىستاننىڭ شەرىقى قىسمىغىچە باردى .  1452 ـ يىلى ئۇيراتلار چۇ دەرياسىغا ھۇجۇم قىلدى  . ئۇ ۋاقىتتا موغۇلىستاننىڭ  خانى ئىسەن بۇقاخان  قەشقەر تەرەپتىكى ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولۇپ قېلىپ  ، ئۇلارغا قارشىلىق قىلمىغان ئىدى . 1457 ـ يىلى  ئۇيراتلار يەنە چۇ دەرياسى يېنىدا پەيدا بولدى . ئۇلارنىڭ سەردارى  ئۆز تۆمۈر تەيجى ئىكەن ... كوھىستانلىق مەسئۇد  بىن ئوسمان يازغان  ‹ئەبۇل خەيرىخان تارىخى ›دا ئۇيراتلارنىڭ سىر دەرياسى بويىدىكى  شەھەرلەرگە قىلغان  ھۇجۇملىرى  تىلغا ئېلىنغان  . ئۇ مۇنداق دەيدۇ : ‹ شۇ چاغدا  ئۇلار  چۇ دەرياسى بويىغا  بارغاندىن كېيىن  ، ئائىلە تاۋاباتلىرىنى ،  ئېغىر ـ يېنىكلىرىنى شۇ يەرگە تاشلاپ  قويۇپ ، داۋاملىق تۈردە ئالغا قاراپ ھۇجۇم قىلغان › 1457 ـ يىللىرى  ئۇلار سىغناق بويىدىكى  كۆك قاشاغا يېقىن جايدا  ، ئەبۇل خەيرىخاننىڭ قوشۇنىنى تارمار قىلغان  ، ھەم تۈركىستان ( ياش ) ، شەھرۇ قەيا  ، تاشكەنىت سايرام قاتارلىق جايلارنى  بۇلاپ ئاندىن قايتىپ كەتكەن . بۇ ئاپتور يەنە مۇنداق دەيدۇ  : ‹ ئەبۇل خەيرىخان بىلەن تېنىچلىق كېلىشىمى تۈزگەندىن كېيىن ، ئۆز تۆمۈر تەيجى  سايرام ئارقىلىق چۇ دەرياسىغا كەتتى  . ئۇ يەردە ئۇنىڭ ئائىلە ـ تاۋاباتلىرى ۋە يۈك ـ تاقلىرى قالغان ئىدى . شۇنىڭدىن كېيىن  ، ئۇيراتلار چۇ دەرياسىنىڭ بويىدىن  قەدىمقى جايى جۇڭغارىيەگە قايتىپ كەتتى . بۇنىڭدىن مەلۇمكى ئۇيراتلار سىردەرياسى  ۋادىسىنى ئۇزۇن ۋاقىت بېسىپ ياتمىغان  ، پەقەت ھۇجۇملا قىلغان ...
   گەرچە ئۇيراتلار ھۇجۇم قىلىپ تۇرسىمۇ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شىمالىي قىسمىدىكى  يايلاقلار ، يەنىلا ئەبۇل خەيرىخاننىڭ كۈچلۈك ھۆكۈمرانلىقىدا ئىدى ... ›› { ‹‹ ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى ››( ئۇيغۇرچە ) ،  2 - ، 467ـ ، 470 ـ بەتلەر .ئاپتورى ۋاڭ جىلەي  ، شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى  1999 ـ يىل 1 ـ ئاينىڭ 1 ـ نەشرى  }دىمەك ، بۇنىڭدىن مەلۇمكى  ، پولات شەھىرىنىڭ ۋەيران بولۇشىدا ئۇيراتلارنىڭ داۋاملىق بېسىپ كېلىشى ، ئۇرۇش مالىمانلىرى بىرىنچى سەلبىي رول ئوينىغان ، ئۇلار جۇڭغاريەنى مەركەزقىلىپ تۇرۇپ ، چىڭگىزخاننىڭ ئۇيغۇرلاشقان ئەۋلاتلىرى بولغان تۇغلۇق تۆمۈر ، ئۈۋەيىسخان ...لار بىلەن كەسكىن ئۇرۇشلارنى قىلغان ، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئايىقى چۇ دەريا ۋادىللىرىغىمۇ يەتكەن .
    مەزكۈر بايانلاردىن يەنە ، پولات شەھەر خەلىقىنىڭ بىر قىسمىنىڭ  ئۇيراتلار تەرىپىدىن  باشقا ياققا   ھەيدىۋېتىلگەن ، يەنە بىر قىسمىنىڭ  قىرغىن قىلىنغان... لىقىنىمۇ  بىلىۋالغىلى بولۇدۇ . مەزكۈر شەھەر خارابىسىدىن   تېپىلغان نۇرغۇنلىغان ئادەم ۋە ئات سۆڭەكلىرى بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ  .  
دىمەك ، پولات شەھىرى تارىخ سەھنىسىدىن يوقالدى ، بىراق ئەجداتلىرىمىز قالدۇرۇپ كەتكەن مەدەنىيەت مىراسلىرى ، ئۆز دەۋرىدىكى شەۋكەتلىك تارىخىي  گۈللىنىشنىڭ شاھىدى سۈپۈتىدە ، ھازىرغىچە مەۋجۇت بولۇپ ، ئەجداتلىرىمىزنىڭ  شانلىق تارىخىدىكى مەدەنىيەت ئۇتۇقلىرىنى  نامايەن قىلىپ تۇرۇپتۇ ...  
مەنبە :
1. ‹‹ بورتالانىڭ قەدىمقى ئاسارە ئەتىقە بۇيۇملىرى ، قەدىمقى ئىزلىرىنىڭ رەسىملىك توپلىمى ››( خەنزۇچە ) شىنجاڭ گۈزەل سەنەت فوتو سۈرەتلەر نەشىرياتى ، شىنجاڭ ئىلىكتىرون ئۈن ـ سىن نەشىرياتى 2001 ـ يىل 1ـ ئاي 1ـ نەشرى  ، ئاپتورى خەن شۈئۆ كۈن .
2. ‹‹ئارشاڭنىڭ قەدىمقى يايلاق مەدىنىيىتى ›› ( خەنزۇچە ) شىنجاڭ ئىلىكتىرون ئۈن ـ سىن نەشىرياتى 2008ـ يىل 8ـ ئاي 1- نەشرى ( ئارشاڭ ناھىيەلىك ھۆكۈمەت تۈزگەن ) .
3. ‹‹ بورتالاغا سەپەر ›› ( خەنزۇچە ) ئاپتورى  شى بېىي پىڭ يۈئەن ، شىنجاڭ گۈزەل سەنەت  فوتو  سۈرەت نەشىرياتى  2008 ـ يىل 12ـ ئاينىڭ 1ـ كۈنى ، 96ـ ، 99 ـ ، بەتلەر  
4. ‹‹ ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى ››( ئۇيغۇرچە ) ،  2 - ، 467ـ ، 470 ـ بەتلەر .ئاپتورى ۋاڭ جىلەي  ، شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى  1999 ـ يىل 1 ـ ئاينىڭ 1 ـ نەشرى  .


مەنبە : ‹‹ئىلى كەچلىك گېزىتى ››نىڭ، 2012 ـ يىلى 7ـ ئاي 10 ـ كۈنىدىكى سانى

0

تېما

0

دوست

934

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   86.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33827
يازما سانى: 106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 276
توردىكى ۋاقتى: 22
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-31 14:04:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۇ پولات شەھىرى يەنى كۆكتۈرۈك ئۇيغۇرلىرى 840-يىللىرى بىر قانچە تارامغا بۆلۈنۈپ كۆچكەندىكى ئاھالىنىڭ غەرىبى تارام  كۆچكەنلەر ئەينى يىللىرىدىكى ئانىساي ادىسىدىكى ئۆزلىرىنىڭ پولات تاۋلاش تېخنىكىسىنى دەل مۇشۇ دالدا شەھىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قەدىكمى بولات شەھىرىنى بەرپا قىلىپ ھازىرقى ‹‹بورتالا››نىڭ شەكىلىنىشىگە ئاساس سالغان... بورتالا شەھىرى ھازىر بىرقىسىم كىشلەر ئاتىۋالغاندەك؛ ئۇنداق ‹‹بۆرە تولا››،موڭغۇلچە ‹‹يېشىل يايلاق››،‹‹بوزدالا›› بولماستىن ئەينى دەۋرىدىكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ پولات تاۋلايدىغان شەھىرىدى بولغان تارىختىكى پولات شەھىرىنىڭ نامىدىن كەلگەن...!
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

4

دوست

2269

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   8.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21877
يازما سانى: 220
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 668
توردىكى ۋاقتى: 61
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-31 17:56:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قېتىم بۆرتالاغا بارغاندا مېنى ئەڭ ئۈمىدسىزلەندۈرگەن ئىش يول كۆرسىتىش تاختىسىدىكى خەتلەر مېنى ئەڭ ئۈمىدسىزلەندۈردى سىز موڭغۇلچە ياكى خەنزۇچە بىلمىسىڭىز يولدىن ئېنىقلا ئېزىپ قالسىز يەرلىك كىشىلەر تاماق يەپلا ئۆتكەن ئوخشايدۇ .

0

تېما

1

دوست

3658

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   55.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31660
يازما سانى: 442
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1072
توردىكى ۋاقتى: 272
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-31 18:43:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   YOQSUL تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-31 18:48  
TOR يوللىغان ۋاقتى  2015-1-31 14:04
بۇ پولات شەھىرى يەنى كۆكتۈرۈك ئۇيغۇرلىرى 840-يىللىرى ب ...

«بورتالا»نى«پولات »ئاتالمىسىدىن ئىزدەيلى، دېمەكچىمۇسىز؟ بىراق «پولات» پارسچە ئاتالغۇ تۇرسا!
مېنىڭچە،«بوزدالا»نىڭ  ئەڭ قەدىمكى شەكلى بولغان «بورتالا»دىن كەلگەنمىكىن دەيمەن.

0

تېما

0

دوست

1002

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   0.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33838
يازما سانى: 111
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 282
توردىكى ۋاقتى: 25
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-31 18:59:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەرلىك كىشىلەر تاماق يەپلا ئۆتكەن ئوخشايدۇ .  

0

تېما

0

دوست

934

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   86.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33827
يازما سانى: 106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 276
توردىكى ۋاقتى: 22
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-31 20:33:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

پولات- پارىسچە بولماستىن قەدىمى ئۇيغۇر تىلى .چۈنكى بىز پولات ئاتالمىسىنى ئىشلىتىشنى باشلىغان ۋاقىتلىرىمىزدا تېخى پارىسلار بىلەنمۇ ئۇچراشمىغان...

0

تېما

0

دوست

1049

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   4.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33141
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 312
توردىكى ۋاقتى: 32
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-31 21:50:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
951986172 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-31 17:56
بۇ قېتىم بۆرتالاغا بارغاندا مېنى ئەڭ ئۈمىدسىزلەندۈرگە ...

نىمە بورتالا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ ئوبلاستى تۇرسا نىمىشقا موڭغۇلچە خەت يىزىلكەن ئۇيغۇرچىمۇ يوقكەن تىخى خەنچىنى دىمەي تۇرۇلىك بۇنىڭداا چوقۇم ئۇيغۇرچە يىزىلىشى كىرەك بۇ بىر ئاپتۇنۇم ھوقوقىغا ئىگە مىللەت ئۈچۋۈن زور يوقۇتۇش .بەك ئىچىنۋاتىمەن

0

تېما

0

دوست

164

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   54.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19718
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 50
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-31 23:03:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇلات
پارىسچە
مەدەن ئىسمى (بۇ يەردە پولاتتەك چىڭ دېگەن مەنىدە كېلىدۇ)
- لۇغەتتىن
......................................
«بورتالا» سۆزىنى «پۇلات» دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان دېيىش توغرا ئەمەس.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )