موڭغۇل -ئۇيغۇر ۋە باشقا قېرىنداش تىللار ئارسىدىكى يىلتىزداشلىق
ئابدۇۋەلى تۇرسۇن ئەر تۇرا
موڭغۇل ۋە ئۇيغۇر تىلى ، شۇنىڭدەك باشقا قېرىنداش تىللار بىر ئائىلىگە مەنسۇپ بولۇش بىلەن بىرگە ئۇلار ئارسىدا گىرئاماتىكىلىق ، لېكسىكىلىق ۋە فونىمىلىق تۈزىلىش جەھەتتە روشەن ماسلىق ، ئوخشاشلىقلارمۇ باردۇر . بۇلارنى نەزەرگە ئالغاندا ئۇلارنىڭ قەدىمدىن بىر مەنبەگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ . شۇنداقتىمۇ بۇ تىللار ئارسىدا سۆز مەنىللىرى جەھەتتىن ئايرىم ۋە نىسپىي پەرىقلەر مەۋجۇت بۇلۇپ ، بۇ ھال بۇلارنىڭ ئۆز ئارا بىردەكلىكى بىلەن خېلىلا روشەن سېلىشتۇرما بۇلالايدۇ .
موڭغۇللار بىلەن ئۇيغۇرلار جۈملىدىن باشقا قېرىنداش مىللەتلەر ، قەدىمدىن بۇيان قويۇق ئىجتىمايى ئالاقىلەردە بۇلۇپ كەلگەن ، شۇڭا بۇ ھال ئۇلارنىڭ تىل ئالاھىدىلىكلىرىدىمۇ ئەكىس ئەتكەن ئىدى . موڭغۇللا 12- - ەسىرلەردە ئۇيغۇر يېزىقىنى قۇللانغاندىن بۇيان بۇ مىللەتلەر ئارسىدىكى سوبۇكتىپ ۋە ئوبۇكتىپ جەھەتتىكى ئالاقىلەر تېخىمۇ قويۇقلاشقان . شۇڭلاشقىمۇ قەدىمىقى ئۇيغۇر يېزىقىنى خېمىر تۇرۇچ قىلغان موڭغۇل مانجۇ ، سولۇن ... يېزىقلىرى ھازىرغىچە ئىشلىتىلىپ كېلىمەكتە .
بىز تۆۋەندە بۇ تىللاردىكى سۆزلەرنىڭ مەنە ۋە شەكلى ۋە شۇنىڭغا ئالاقىدار بەزى مۇھىم ئۇخشاشلىقلار ھەققىدە مۇناسىپ سېلىشتۇرمىلارنى ئېلىپ بارماقچىمىز : ئۇيغۇر تىلىدىكى ‹‹ قۇلاق ›› سۆزى موڭغۇلچىدە ‹‹ كۇلاگۇ ›› شەكلىدە ; تۈرۈكچە ‹‹ ئومۇز ›› ( مۈرە ) سۆزى موڭغۇل تىلىدا ‹‹ ئومۇر - ئۇگۇن ››( كۆكرەكنىڭ ئۈستى ، مۈرە دىگەنلىك ) ھالەتتە كېلىدىغانلىقى مەلۇم . تۈرۈكچە ‹‹ ساچ ›› ئۇيغۇرچە ‹‹ چاچ ›› سۆزى بولسا موڭغۇلچە ‹‹ ساچۇغ ›› يەنى ‹‹ ساچ + ئۇغ = ساچۇغ ›› شەكلىدە كېلىدۇ ؛ بۇنىڭ كونكىرىتنى مەنىسى ‹‹ پىشانىنىڭ ئۈستىدىكى چاچ ، ياكى كۇكۇلا›› دىگەنلىك بولۇدۇ . ئۇندىن باشقا تۈرۈكچە ‹‹ توپۇك ›› سۆزى موڭغۇلچىدا ‹‹ تويىك ›› ( توي+ ىك= تويىك ) شەكلىدە كېلىدۇ . تۈرۈكچە ۋە ئۇيغۇرچىدا بار بولغان ‹‹ ئىنېك ، ئۆكۈز ، بۇزاغى (موزاي ) ، كۇزۇ ( قوزا ) ، تېكې ( تېكە ) ، كويۇن ( قوي ) ، كوچ ( قوچقار ) ›› قاتارلىق ھايۋان ئىسىملىرىمۇ موڭغۇل تىلىدا ھەم ئۇخشاش شەكىل ۋە ئۇخشاش مەنىدە كېلىدۇ . تۈرىك تىلىدىكى ‹‹ گۈچلۈ ( كۈچلۈك ) ، گۈچ ( كۈچ ) ، كاتى ( قاتتىق ) ، يىل ( يىل ) ، چاغ ( ۋاقىت ) ، ياپماك – ئېتمېك( ئەتمەك ، قىلماق ) ...›› قاتارلىق سۆزلەرمۇ موڭغۇل تىلىدا بەزى ھەرىپلەرنىڭ تەللەپپۇزىدىكى پەرىقلەرنى ھىساپقا ئالمىغاندا ئۇخشاشتۇر . ئۇندىن باشقا ‹‹ يېشىل ، سېرىق ، قارا ، كۆك ›› قاتارلىق رەڭلەرنىڭ ئاتىلىشىمۇ موڭغۇلچە ۋە تۈرۈكىي تىللار بىلەن ماس تۈزىلىش ۋە ماس مەنىگە ئىگەدۇر ..
يۇقارىقى ئەمەلىي پاكىتلار ، جۈملىدىن سۆزلەر ئارسىدىكى مەنىداشلىق گىراماتىكىلىق تۈزلىشنىڭ ئۇخشاشلىقى ، بۇ تىللار ئارسىدىكى يىلتىزداشلىقنىڭ خېلىلا قۇيۇقلىقىنى دەلىللەيدۇ . شۇنداقتىمۇ قىسمەن مىكرو پەرىقلەر مەۋجۇت ئەمما چوڭ ئەمەس مەسىلەن : موڭغۇلچىدىكى ‹‹ ئى ›› تاۋۇشى بەزىدە تۈرىكچىدىكى ‹‹E ›› غا ئۆزگەرسە بەزىدە سوزۇق تاۋۇش ‹‹ ئۇ ›› غا ئالمىشىدۇ . ھازىرمۇ ئۇيغۇر ۋە باشقا قېرىنداش تىللاردا قۇللىنىلىپ كېلىۋاتقان رەڭ ئۇقۇمىنى بىلدۈرىدىغان ‹‹ سېرىق ›› ( سېر+ ئىق = سېرىق ) دىگەن سۈپەت سۆزىنىڭ ، قەدىمىقى ئۇيغۇر - تۈرۈكچىدىمۇ شۇنداق ئاتالغانلىقى يەنى ‹‹سئرا ›› ( سئرا + ئا = سئرا ) << ( مەنىسى سېرىق رەڭ دىگەنلىك ) شەكلىدە كەلگەنلىكى مەلۇم . .
ئۇيغۇر تىلىدىكى پارتىلىغۇچى تاۋۇش ‹‹ گ ›› موڭغۇل تىلىدىمۇ مەۋجۇت بۇلۇپ ، بۇ تاۋۇش سۆز ئارسىدا ئىشلىتىلگەندە ، تۈرۈكچە سۆزلەردە ‹‹ بۇزاگۇ ››، موڭغۇلچىدا ‹‹ بۇرفگۇ ›› شەكلىدە كېلىدۇ . قەدىمىقى ئۇيغۇر - تۈرىك تىلىدىكى ‹‹ ئارغ›› (پاكىز ) سۆزى موڭغۇل تىلىدا ‹‹ ئارغىن ›› نامىدا كەلگەن بۇلۇپ ، بۇ سۆزلەردە كەلگەن ‹‹ غ ›› سېرىلاڭغۇ تاۋۇشمۇ ئوخشاشلا ھەر ئىككى تىلغا ئورتاقتۇر . موڭغۇل تىلىدىمۇ سۆزلەر جاراڭلىق ۋە جاراڭسىز تاۋۇشلارغا بۆلىنىدۇ .
بۇلاردىن باشقا موڭغۇل تىلىدىكى ئالماشلارنىڭ ، ئىسىملارنىڭ جۈملىدىكى ئۇرنى جەھەتتە ئىگە بولۇپ كېلىش ئالاھىدىلىكى جەھەتتە ، ئۇيغۇر ۋە باشقا قېرىنداش تىللار بىلەن ئورتاقلىققا ئىگەدۇر . يەنى بۇھال تۈركى تىللاردىن تۇۋا ، ياقۇت ( شەرىقى سىبىريەدە ) ، ئالتايلار ( جەنۇبىي سىبىريەدە ) ، قازاق ، تاتار ، ئۇيغۇر ، تۈرۈك ، ئۆزبېك ، تۈرىكمەن ، قىرغىز، گاگاوز ، چۇۋاش ، قارا قالپاق ، ... تىللىرى بىلەن تامامەن ئۇخشاشتۇر .
بىز تۆۋەندە بۇ تىللاردىكى سۆزلەرنىڭ مەنىداشلىق ۋە شەكىلداشلىق ، فونىمىلىق تۈزىلىشى ھەققىدە تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ، سېلىشتۇرۇش ئېلىپ بارىمىز : يەنى قەدىمىقى موڭغۇل تىلىدا ئۇيغۇرچىدىكى ‹‹ بەخىت - قۇت ›› دىگەن سۆز ‹‹ خۇتۇ ›› دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ . بۇ سۆز قەدىمىقى ئۇيغۇر مەڭگۇ تاشلىرىدا ‹‹ قۇتۇق ›› ( قۇت+ ئۇق = قۇتۇق ) شەكلىدە كېلىدىغان بۇلۇپ ، مەنىسى ‹‹ قۇت _ بەخىت ›› دىگەنلىك بولىدۇ؛ ئۇيغۇرلارنىڭ داڭلىق كىلاسسىك سىياسىيۇنى، شائىرى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ شاھانە ئەسىرى ‹‹ قۇت ئادغۇ بىلىك ›› (مەنىسى : قۇت ـ-بەخىت كەلتۈرگۈچى ئىلىم ) دىكى ‹‹ قۇت ›› كەلىمىسىمۇ قەدىمىقى ئۇيغۇرچە ئاتالما بولۇپ ، يۇقارىقى مۇڭغۇلچىدىكى سۆز‹‹ خۇتۇ›› بىلەن بىردەكلىككە ئىگەدۇر . ‹‹ ئورخۇن - ئەنساي مەڭگۈ تاشلىرى›› دا بۇ سۆز ‹‹ قۇتلۇغ (قۇت + لۇغ = قۇتلۇغ ) ›› ( مەنىسى : بەخىت ) شەكلىدە كەلگەن .
>> خارا ›› ياكى ‹‹ خار ›› ( بۇ سۆزنىڭ موڭغۇلچە مەنىسى ‹‹ قارا رەڭ ›› دىگەنلىك ، بىز بۇنىڭغا ئالاقىدار بولغان موڭغۇلچە سۆز ‹‹ خارانى ›› ( خارا + نى = خارانى ) ››( مەنىسى : قارا رەڭنى ) دىگەنلىك بولىدۇ ; بۇ يەردىكى موڭغۇلچە سۆز ياسىغۇچى قۇشۇمچە ‹‹ نى ›› ئۇيغۇر تىلىدىكى چۈشىم كېلىش قۇشۇمچىسى ‹‹ نى ›› بىلەن تامامەن ئوخشاش رولغا ئىگە . موڭغۇل تىلىدىكى يۇقارىقى رەڭ چۈشەنچىسى ‹‹ خار ›› (قارا رەڭ ) ئۇيغۇر ۋە باشقا قېرىنداش تىللاردىمۇ ئۇرتاق مەۋجۇت بولۇپ ، ئۇيغۇرچىدا بۇ سۆز ئىسىملارغا ئۇلىنىپ كېلىپ ‹‹ قارا خان ››( قارا خان ) سۆزىنى بارلىققا كەلتۈرگەن ، بۇ قەدىمىقى ئۇيغۇرلاردا تۇتىملىق رەڭ ئۇقۇمى بىرلەشكەن ئادەم ئىسمىنى بىلدۈرىدۇ . بۇ سۆزدىكى ‹‹ قارا ›› ، ‹‹ خان ›› چۈشەنچىللىرىنىڭ بەرى موڭغۇلچىدا ئۇخشاش مەنە ۋە شەكىلدە كېلىدۇ . ; بۇ ھەقتە موڭغۇلچىدا ‹‹ خارا ئۇتاي ›› ( قارا كۆز ) سۆزى بار ، بۇ ئورخۇن ئابىدىللىرىدە مۇنداق كەلگەن ‹‹ قارا كۆلتې سۇڭۇشتۇمىز...›› ( مەنىسى : ئۇلار بىلەن قارا كۆلدە سوقۇشتۇق ... ) بۇ مىسالدىكى ‹‹ قارا ››بىلەن موڭغۇلچىدىكى‹‹ خارا ئۇتاي ›› (قارا كۆز ) دىكى ‹‹ خارا ›› مەنىداشلىققا ئىگە بولۇپ ، بۇ خىل رەڭ ئۇقۇمىنىڭ باشقا قېرىنداش تىللاردىكى ئاتىلىشى مۇنداق : يەنى قەدىمىقى تۈرىكچىدە ‹‹ قارا›› ، ھازىرقى تۈرىكچىدە ‹‹ كارا ›› ، تۈرىكمەنچىدە ‹‹ گارا ›› ، تاتارچىدا‹‹ قارا ›› ، قازاقچىدا ‹‹ قارا ›› ، ئۆزبېكچىدە ‹‹ قارا ›› ، ئۇيغۇرچىدا ‹‹ قارا ›› ، ياقۇتچىدا ‹‹ خارا ›› چۇۋاشچىدا ‹‹خۇرا <<
موڭغۇللاردىمۇ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا قېرىنداش مىللەتلەرگە ئۇخشاش رەڭلەرنى ئۇلۇغلاش ئادەتلىرى بولغان ، شۇڭا ئۇلار ئادەم ئىسىملىرىنىمۇ رەڭلەر بۇيىچە ئاتاشقان ‹‹ چاغان خان ›› بۇ موڭغۇلچە ئادەم ئىسمى بولۇپ ، ‹‹ چاغان ›› ( مەنىسى : ئاق رەڭ ( دىگەنلىك . ئۇندىن باشقا ئۇنىڭ ‹‹ ھەيۋەتلىك ، ئۇلۇغ ›› دىگەن مەنىسىمۇ مەۋجۇت . بۇ سۆزدىكى ‹‹ خان ›› سۆزى ‹‹ خان – پادىشا›› دىگەنلىك بولىدۇ . بۇ ئۇيغۇرچىدىكى ‹‹ خان - پادىشا ›› بىلەن ئۇخشاش مەنىگە ۋە شەكىلگە ئىگە . ئۇندىن باشقا موڭغۇللاردا ئۇلارنىڭ ھەر بىر قەبىلىسىنىڭ سىمۇۋۇلى بۇلغان بايراقلارمۇ ئۇلار ئۇلۇغلىغان رەڭلەر بۇيىچە ئاتالغان ‹‹ كۈۋې شار ›› (سېرىق بايراقلىق -قەبىلە ) ، ‹‹ كۆك تال ›› ( كۆك بايراق ) ، ‹‹ چاخان كۇخ›› ( ئاق بايراق ) ، ئۇندىن باشقا ‹‹ خارا بۇخ ›› ( قارا بۇقا ) موڭغۇلچىدىكى بۇ رەڭ چۈشەنچىللىرىگە ئائىت سۆزلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئۇيغۇر ۋە قېرىنداش تىللاردا مەۋجۇت .
‹‹ تورپېن ›› موڭغۇلچە ساننى بىلدۈردىغان سۆز بۇلۇپ مەنىسى ‹‹ تۆت ›› دىگەنلىك ، بۇ سۆز قەدىمىقى تۈرىكچىدە ‹‹ تۆرىت ›› ، ھازىرقى تۈرىكچىدە ‹‹ دۆرىت ›› ، تاتارچىدا ‹‹ دۆرت ›› ، تۈرۈكمەنچىدە ‹‹ دۆرت ›› ، قازاقچىدا ‹‹ تۆرىت ›› ، ئۆزبېكچىدە ‹‹ تورت ›› ، ئۇيغۇرچىدا ‹‹ تۆت ›› ياقۇتچىدا ‹‹ تۈۆرت ›› ، چۇۋاشچىدا‹‹ تاۋاتتا›› شەكلىدە كېلىدۇ؛ بۇ سان ئۇقۇمى قەدىمىقى ئۇيغۇر مەڭگۈتاشلىرىدا ‹‹ تورت ›، شەكلىدە كەلگەن .
‹‹ كۆكې›› ياكى ‹‹گۆك ››( موڭغۇلچە مەنىسى كۆك ئاسمان ) بۇ تۈرىك تىلىدا ‹‹ ماۋى - گۆك ›› دىيىلىدۇ . موڭغۇلچىدا كۆك ئاسماننى يەنە‹‹ تېڭكېرى ›› دەپمۇ ئاتايدۇ . بۇ سۆز ‹‹ تەڭرى ›› دىگەنلىك بولۇپ ، بۇ تۇتىملىق ئاتالمىنىڭ قەدىمدە تۇرۈكلەردىن موڭغۇللارغا قوبۇل قىلىنغانلىقى مەلۇم . ئىچكى موڭغۇليەنىڭ شىمالىدا ھازىرمۇ ‹‹ تېڭكېرى قۇملۇقى›› دىگەن يەر بار ، مەنىسى ( تەڭرى قۇملۇقى ) دىگەنلىك . بىزگە مەلۇم ‹‹ تەڭرى ›› ئۇقۇمى قەدىمىقى ئۇيغۇر - تۈركچىدە ‹‹ ئىلاھىي - كۆك ئاسمان››نى كۆرسىتىدىغان ئۇقۇم ئىدى ، ‹‹تەڭرى تېغىنىڭ نامى شۇ نامدىن كەلگەن ›› لىكى ھەمىمىزگە مەلۇم .
شۇڭلاشقىمۇ موڭغۇللارنى بىرلىككە كەلتۈرگەن چىڭگىزخان ھەرقانداق ۋاقىتتا ، ئۆزىنى ‹‹ كۆك تەڭرىنىڭ ئوغلى- تەڭرىنىڭ يەردىكى ۋەكىلى... ›› دىگەن ئىدى ; چۈشۈرگەن يارلىقلىرىنى بولسا ‹‹ ئۇلۇغ كۆك تەڭرىنىڭ نامى بىلەن باشلىدىم... ›› دەپ يازغان ؛ چىڭگىزخان ‹‹ كۆك بابا ›› ئىلاھىغا تىۋىناتتى . داڭلىق تىلشۇناس ، فولوكلۇرشۇناس بېزېىرتىنوۋ يازغان: ‹‹ تەڭرى ئانىنىزىمى : تۈرۈك ۋە موڭغۇللارنىڭ دىنى ›› ناملىق كىتاپتا ، تۈرۈكلەردە 17 ، موڭغۇللاردا 99 كۆك - ئاسمان ئىلاھىنىڭ بارلىقىنى ، ئۇنىڭ ئىچىدە 77سى ‹‹ سۇ ئىلاھى ۋە يەر تەڭرىسى ›› دەپ يازغان . كۆك تەڭرى ئۇقۇمى ئۇيغۇر ۋە موڭغۇل شۇنىڭدەك باشقا تۈركىي تىللىق مىللەتلەرگە ئورتاقتۇر . بۇ سۆز قەدىمىقى تۈرىكچىدە ‹‹ كۆك ›› ، ھازىرقى تۈرۈكچىدە ‹‹ گۆك ›› ، تۈرىكمەن تىلىدا ‹‹ گۆك ›› ، ئۆزبېكچىدە ‹‹ كۆك ›› ، تاتارچىدا ‹‹ كۆك ›› ، ئۇيغۇرچىدا ‹‹ كۆك ›› ، ياقۇتچىدا ‹‹ كۈئۆك › ، چۇۋاشچىدا ‹‹ كاۋاك ›› شەكلىدە كېلىدۇ . ئۇندىن باشقا موڭغۇللاردىمۇ بار بولغان ‹‹ تېنكېرى ›› ( مەنىسى : تەڭرى ) سۆزىنىڭ باشقا تۈركى تىللاردىكى مەنىداش ۋە شەكىلداشلىقى مۇنداق : قەدىمىقى تۈرۈكچىدە ‹‹ تېنرى ›› ، ھازىرقى تۈرۈكچىدە ‹‹ تانرې ›› ، تۈرۈكمەنچىدە ‹‹ تانرۇ ›› ، تاتارچىدا ‹‹ تانرې ›› ، ئۇيغۇرچىدا ‹‹ تەڭرى ›› ، ياقۇتچىدا ‹‹ تانارا›› ، چۇۋاشچىدا ‹‹ تۇرا ›› بولۇپ كېلىدۇ . بۇ سۆز ئۇرخۇن ئابىدىللىرىدە ‹‹ تېڭرى ،- گۆك ›› بولۇپ كېلىدۇ .
‹‹ مۇران ›› بۇ سۆزنىڭ موڭغۇلچە مەنىسى ‹‹ دەريا ئېقىن ›› دىگەنلىك؛ مەسىلەن؛ ‹‹ مۇرېن ئۇسۇ ››( مەنىسى دەريا سۈيى ) دىگەنلىك ؛ ‹‹ ئونان مورېننت ››( مەنىسى ئۇنان دەرياسى دىگەنلىك ) ، بۇ سۆز تۈرۈكچىدە ‹‹ مۇران ››( دەريا ئېقىن ) دىيىلىدۇ ؛ بۇ ئورخۇن مەڭگۈ تاش تېكىسلىرىدە مۇنداق كەلگەن ‹‹ كۆپ مۇرېنلېر - ئۆگۈزلېر بار ئېرتى... ›› ( مەنىسى كۆپ دەريا -ـ ئېقىنلار بار ئىدى ) ، ‹‹ ئۇسۇ ››بۇنىڭ موڭغۇلچە مەنىسى‹‹ سۇ ›› بولۇپ، بۇ سۆز قەدىمىقى تۈرۈكچىدە ‹‹ سۇۋ ›› ، ھازىرقى تۈرۈكچىدە ‹‹ سۇ ›› ، ئۇيغۇرچىدا ‹‹ سۇ ›› ، تۈرۈكمېنچىدە ‹‹ سۇۋ ›› ، تاتارچىدا ‹‹ سىيۇۋ ›› ، قازاقچىدا ‹‹ سۇۋ ›› ، ئۆزبېكچىدە ‹‹ سۇۋ ›› ياقۇتچىدا ‹‹ ئۇل ›› چۇۋاشچىدا « سيۋ »شەكلىدە كېلىدۇ.
‹‹ ئېرې ››( ئېر + ى = ئېرى ) ، موڭغۇلچە مەنىسى ‹‹ ئەر›› بۇ سۆز ھازىرقى تۈرۈكچىدە‹‹ ئادەم ، كوجا -، ئېركېك ›› ، قەدىمىقى تۈرىكچىدە ‹‹ ئېر-كېك ›› ، تۈرۈكمەنچىدە ‹‹ ئېركېك ›› ، تاتارچىدا ‹‹ ئىر ›› ، قازاقچقدا ‹‹ يېركېك ›› ، ئۆزبېكچىدە ‹‹ ئىركېك ›› ، ئۇيغۇرچىدا ‹‹ ئەر ›› ، ياقۇتچىدا ‹‹ ئېر ›› ، چۇۋاشچىدا ‹‹ ئار ›› شەكلىدە كەلسە ، ئورخۇن ئابىدىللىرىدە ‹‹ ئېرىغ ›› شەكلىدە كېلىدۇ .
يۇقارقىلار بىزگە موڭغۇل ۋە ئۇيغۇر شۇنىڭدەك باشقى قېرىنداش تىللىق مىللەتلەرنىڭ ئالاقىللىرىنىڭ قەدىمدىن ئىنتايىن قۇيۇقلىقىنى دەلىلىسە ، تۆۋەندىكى تىل سېلىشتۇرمىللىرى بۇ ئىجتىمايى ئالاقىلەرنىڭ يېقىنغىچە داۋام ئەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرىپ بېرىدۇ .
بۇ خەلىق قۇشىقىدىكى ‹‹ قىياق ›› سۆزى تاغدا ئۆسىدىغان بىر خىل چۆپنىڭ ئىسمى بۇلۇپ ، موڭغۇلچىدە ‹‹ خىياق›› دەپ ئاتلىدۇ ۋە ئىككى تىلدا ئۇخشاش مەنىگە ئىگە . بۇ قۇشاقتىكى ‹‹ سۇ ›› ئۇقۇمىمۇ موڭغۇلچىدا ‹‹ ئۇسۇ ›› دىيىلىدىغانلىقىنى يۇقىرىدا ئەسكەرتىپ ئۆتتۇق ، قوشاقتىكى ‹‹ بۇلاق ›› موڭغۇلچىدا ‹‹ بۇلاگ ›› شەكلىدە كېلىدۇ . بۇنىڭدىن باشقا ‹‹ ئېتىمنى قامچىلاپ ئۆتتۈم ، بۇلۇڭكەي غۇلى بىلەن...›› دىگەن قۇشاقتىكى ‹‹ ئات ›› سۆزى موڭغۇلچىدە ‹‹ ئاتۇ ››، شەكلىدە ، ‹‹ غول ›› سۆزى ‹‹ گول ›› شەكلىدە كېلىدىغان بۇلۇپ ، ھەر ئىككىسىنىڭ مەنىسى ‹‹ ئېقىن ، دەريا ، سۇ ›› دىگەنلىك بولىدۇ .
خۇلاسىلىگەن چېغىمىزدا بىز يۇقارقىلاردىن موڭغۇل - ئۇيغۇر ۋە باشقا قېرىنداش مىللەتلەر ئارسىدىكى ئىجتىمايى ئالاقىلەرنىڭ ، يىلتىزداشلىقنىڭ ، تىل مۇناسىۋەتلىرنىڭ يېقىنغىچە داۋام قىلىپ كەلگەنلىكىنى ، بۇ تىللار ئارسىدىكى يىلتىزداشلىقنىڭ ئۆزلىكسىز داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى, كەلگۈسىدىمۇ داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلەلەيمىز ...
...
مەنبە :
‹‹ ئىلى كەچلىك گېزىتى ›› نىڭ 2011-ـ يىل 6 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنىدىكى سانى .
موڭغۇل تىلىدىكى ‹‹ خوتۇن كۈن ›› كەلىمىسى ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزە
تارىختىن بۇيان ھەرقايسى مىللەتلەر ئۆزلىرى ياشىغان رايون ، مۇھىت ، ئىجتىمايى تۇرمۇش ئالاھىدىلىكى بويىچە ، خوشنا قەۋىملەر تەرىپىدىن ھەر خىل ناملار بىلەن ئاتىلىپ كېلىنگەن . بۇ ناملار ئەشۇ مىللەتلەرنىڭ ناھايىتى ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان يېتىلدۈرگەن مىللىي ئالاھىدىلىكى ۋە باشقا خاسلىقلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ، بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى مەزكۈر مىللەتلەرنىڭ ئۆزگىچە ئەنئەنىۋىي خاسلىقلىرىنى ئۆزىگە مەنبە قىلغاندۇر . شۇڭلاشقىمۇ بۇ مىللەت ناملىرى ھەرقايسى ئەسىرلەردىن بۇيان يوقالماي قوللىنىلىپ كېلىنىۋاتىدۇ . شۇنىسى ئېنىقكى ، بۇ ناملار قانداقتۇر بەزىلەر دىگەندەك ‹‹ باشقا مىللەتلەرنى كەمسىتىش ›› نى مەقسەت قىلغان بولماستىن ، شۇ مىللەتلەرنىڭ مىللىي ئۆرۈپ - --ئادەتلىرىنى چىقىش قىلغاندۇر .
قەدىمىقى ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى يايلاق مىللەتلىرى مەركىزى ئاسىيانىڭ جەنۇبىدىكى يىپەك يولى ئۈستىدىكى سودا - - سېتىق قىلىدىغان قەدىمىقى مىللەتلەرنىڭ بىرى ، ھازىرقى ئىران ۋە تاجىكلارنىڭ ...ئەجدادى بولغان سوغدىلارنى ‹‹ سارىتلار ›› دىگەن ناملار بىلەن ئاتاشقان ئىدى . كېيىن بۇ نام يايلاق مۇھىتىدىن ئەڭ ئاۋال شەھەر مۇھىتىغا كۆچكەن ئۇيغۇر ، ئۆزبېك قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرگە مىراس قالدى .
بۇ سۆز قانداقتۇر شۇ مىللەتنى كەمسىتىش مەنىسىدە بېرىلگەن بولماستىن ، شۇ مىللەتنىڭ مۇھىم مىللىي ئادەتلىرىنى چىقىش قىلغاندۇر . مۇنداقچە ئېيىتقاندا ، ‹‹ سارئىت ›› سۆزى قەدىمىقى SATEK-YULUK ›› ›› ( سودا – سېتىق )، ‹‹‹‹SATEKCHE ( سودىگەر ) { ‹‹ئىدۇقۇت مەھكىمە سۆزلىكى ›› ئۇيغۇرچە -- - خەنزۇچە سېلىشتۇرما نۇسخىسى ، 83- -بەت ، خۇ جېنخۇئا ، خۇئاڭ رۇنخۇئالار تۈزگەن ، 1984 - يىل مىللەتلەر نەشىرياتى نەشىرى } سۆزىدىن كەلگەن بولۇپ ، كېيىن ‹‹ سودا – سېتىق›› مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان بۇ سۆز ، ‹‹ سارىت ›› قا ئۆزگۈرۈپ قالغان . بۇ سۆزنىڭ ھەقىقىي ئىلمىي مەنىسى ‹‹ سودا - سېتىق قىلىدىغان مىللەت ›› دىگەنلىكتۇر .
ئوتتۇرا ئاسىيادا چاغاتاي دەۋرىدىن كېيىن تۈركىي مىللەتلەر ، جۈملىدىن ئۇيغۇر ، ئۆزبېك ، قازاق ، قىرغىز ... قاتارلىق مىللەتلەر مۇسۇلمان بولمىغان موڭغۇللارنى ‹‹ قالماق ›› ( قېلىپ قالغانلار ، مۇسۇلمان بولمىغانلار دىگەن مەنىدە )نامى بىلەن ئاتاشقان ئىدى . ئۇنىڭدىن باشقا ، غەرىبىي يۇرۇت سالنامىللىرىدە ئۇچۇرايدىغان ‹‹ خىتاي ›› سۆزىنىڭ ئەسلى شەرىقتىن غەرىپكە سۈرۈلگەن مانجۇلارنىڭ ئەجدادى بولغان ‹‹ قىتان ›› لارنىڭ ئېتنىك نامىدىن كەلگەنلىكى مەلۇم . بەزىلەر بۇ نامنى موڭغۇللارنىڭ بىر شېخى بولغان ‹‹ خەلمىك ›› لەرگە باغلايدۇ .
تۈرۈكلەرمۇ قەدىمدە پارىسلارنى ‹‹ ئىرانلار ›› دېسە ، ئىرانلار تۈرۈكلەرنى ‹‹ تۇرانلار ›› دەپ ئاتاشقانىدى . ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مەركىزى ئاسىيادا ياشىغۇچى تۈركىي مىللەتلەردە ئىرانلىقلارنى ‹‹ ئەجەملەر ›› دەيدىغان ئادەتمۇ بار . قەدىمدە ئەجداتلىرىمىز جۈملىدىن شەرىقلىقلەر قۇدىرەتلىك رىم ئىمپىرىيەسىنى ‹‹رۇم ›› نامى بىلەن ئاتاشقانىدى . ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار قارا تەنلىك نېگىرلارنى ‹‹ھەبەش ›› نامى بىلەن ئاتاشقان . يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسى بۇ مىللەتلەرنى كەمسىتىش مەنىسىدە ئەمەس ، بەلكى شۇ مىللەتلەرنىڭ مىللىي ئاللاھىدىلىكى ۋە ئىجتىمايى تۇرمۇش ئادەتلىرىنى چىقىش قىلىپ بېرىلگەن ناملار ئىدى .
شۇنىڭغا ئوخشاش ، موڭغۇللارمۇ ئۆزلىرى بىلەن خوشنا بولۇپ ياشاپ تۇرغان ئۇيغۇرلارنى ‹‹ خوتۇن كۈن ›› نامى بىلەن ئاتىغاندى . بۇ سۆزنى موڭغۇل تىلىدىن ھەقىقىي خەۋىرى يوق ، ياكى چۈشەنچىسى يۈزە بەزى ئادەملەر موڭغۇلچە ‹‹ خوتۇن ›› سۆزىنى ئۇيغۇر تىلىدىكى ‹‹ ئايال ›› دىگەن مەنانى بېرىدىغان ‹‹ خوتۇن ›› دىگەن سۆزگە باغلاپ چۈشەندى . بۇ ئەلۋەتتە خاتا قاراشلاردۇر . ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈرۈك تىلىدىكى ‹‹ كادىن ›› ( خوتۇن ، ئايال كىشى دىگەن مەنىدە ) ، قازاقچىدىكى ‹‹ قاتىن ›› ( ئايال دىگەن مەنىدە ) دىگەن سۆزلىرى بىلەن موڭغۇلچىدىكى ‹‹ خوتۇن كۈن ›› دىگەن سۆزدىكى ‹‹ خوتۇن ›› ئاھاڭداش سۆزلەر بولۇپ ، بۇلاردا ھېچقانداق مەنە باشلىنىشى يوق ، يەنى بۇلار مەنىداش سۆزلەر تۈركىمىگە كىرمەيدۇ . ئىككىسى ئىككى خىل ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ . موڭغۇلچە ‹‹ خوتۇن ›› دىكى ‹‹ خوت ›› سۆزى سۆز تومۇرى بولۇپ ، ‹‹ شەھەر ›› دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ .
بەزىلەر قەدىمىقى موڭغۇللار ئۇيغۇرلارنىڭ توي - -تۆكۈن ، ئۆلۈم- - يېتىم ، نەزىر- - چىراق – ۋە مەسچىت- - جامەلەردە توپ – توپ بولۇپ يۈرگىنىگە قاراپ ، ئۇيغۇرلارغا ئۇيۇشۇش ، ئىتىپاقلىق مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان ‹‹ خوتۇن كۈن ›› دىگەن نامنى بەرگەن دىيىشسە ، يەنە بەزىلەر ‹‹ خوتۇن كۈن ›› ئاتالغۇسى ئۇيغۇرلارغا ئەمەس ، بەلكى تارىختا ئۆتكەن ‹‹ خۇي – خۇي›› لارغا بېرىلگەن نام دىيىشىدۇ .
قانداقلا بولمىسۇن ، بىز يۇقارىقى قاراشلارنىڭ ئىلمىي ئاساسى يۇقلۇقىنى تىلشۇناسلىق نۇقتىسىدىن تولۇق دەلىللىيەلەيمىز . بۇنىڭ ئۈچۈن موڭغۇل تىلىدىكى سۆزلەرنىڭ تۈزۈلىشى ، گىراماتىكىلىق ، لېكسىكىلىق ، مورفولوگىيەلىك ، ئالاھىدىلىكى ئانالىز قىلساقلا بۇ ئىشنى ئايدىڭلاشتۇرالايمىز .
شۇنى قەيىت قىلىپ ئۆتۈش كېرەككى ، ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىسىملار ئاساسلىقى سىنتاكىسلىق ۋە مورفولۇگىيەلىكتىن ئىبارەت ئىككى خىل يول بىلەن ياسىلىدۇ . يەنى تۈپ سۆزلەرنى بىر – بىربىرىگە قوشۇپ ئىسىم ياساش ئۇسۇلى ، سىنتاكىسلىق يول بىلەن ئىسىم ياساش ، دىيىلىدۇ . مەسىلەن ، توققۇز +تارا = توققۇز تارا ، بەل + باغ = بەلباغ ، ئارال +تۆپە = ئارالتۆپە ...دىگەندەك .
ئۇنىڭدىن باشقا ، تۈپ سۆزلەرنىڭ ئاخىرىغا ھەرخىل قوشۇمچىلارنى قوشۇش ئارقىلىق يېڭى مەنىلىك ئىسىملارنى ياساش ، مورفولۇگىيەلىك يول بىلەن ئىسىم ياساش ھىساپلىنىدۇ . مەسىلەن ، ئىش+ چى = ئىشچى ، ساۋاق+ داش = ساۋاقداش ...دىگەندەك .
بۇ ئىككى خىل گىراماتىكىلىق يول ، يەنى مورفولۇگىيەلىك ۋە سىنتاكىسلىق ئۇسۇل بىلەن سۆز ياساش ئۇسۇلى ، موڭغۇلچىدىمۇ ئوخشاشلا مەۋجۇت بولۇپ ، يۇقىرىدا ئېيتىلغان ‹‹ خوتۇن كۈن ›› دىكى ‹‹ خوتۇن ›› سۆزىمۇ مورفولۇگىيەلىك ئۇسۇل بىلەن ، يەنى ‹‹ خوت ›› قا ‹‹ ئۇن ›› دىگەن قوشۇمچىنى قوشۇش ئارقىلىق ياسالغان .
موڭغۇلچە ‹‹ خوتۇن كۈن ›› دىكى ‹‹ خوتۇن ›› سۆز تومۇرى بولۇش بىلەن بىرگە ‹‹ شەھەر ›› دىگەن مەنانى بىلدۈرۈدۇ . ‹‹ كۈن ›› سۆزى بولسا ‹‹ ئادەم ، ئادەملەر ›› دىگەن مەنىنى بىلدۈرۈدۇ . يەنى موڭغۇللارنىڭ شەھەرلىرىدىن ‹‹ كۆك خوت ›› ( كۆك شەھەر ) ، ‹‹ ئۇلان خوت ›› ( قىزىل شەھەر ) قاتارلىقلار بار . ئۇلارنىڭ سۆزىدە يەنە ‹‹ خۇيۇر كۈن ›› ( ئىككى ئادەم ) ، ‹‹ تاۋان كۈن ›› ( بەش ئادەم ) دىگەندەك سۆزلەر بولۇپ ، بىز ‹‹ خوتۇن كۈن ›› سۆزىنى ‹‹خوت ›› (شەھەر ) ، ئۇنىڭ سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىسى ‹‹ ئۇن ›› نىڭ ئۇيغۇرچىدىكى ‹‹ لۇق ، لىك ›› شەكلىدە كەلگەنلىكىنى ، بۇنىڭغا ‹‹ كۈن ›› ( ئادەم ) ئاتالغۇسىنى قۇشقاندا ‹‹ خوتۇن كۈن ›› نىڭ ھەقىقىي مەنىسى ‹‹ شەھەرلىك ئادەم ›› بولىدىغانلىقىنى بىلىمىز .
بۇنىڭدىن مەلۇمكى ، موڭغۇللار يايلاق مۇھىتىدا تۇرۇپ ، ئۇيغۇرلارنى كۈزۈتكەن ، ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ سودا ، بوستانلىق مەدىنىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ، شەھەر مۇھىتىنى مەركەز قىلىپ ياشىغان ئىجتىمايى مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى ئاساس قىلىپ ، مۇشۇ نامنى بەرگەنلىكى ئېنىق . شۇڭا ‹‹ خوتۇن كۈن ›› دىگەن ئاتالغۇ قانداقتۇر كەمسىتىش ، ھاقارەتلەش مەنىسىنى بەرمەيدۇ .
مەنبە : ‹‹ تىل ۋە تەرجىمە ››نىڭ 2013ـ يىللىق 3 سان .
|