- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 71018
- نادىر
- 7
- يازما
- 3183
ئۆسۈش
0%
|
1. كىچىكىمدىن تارتىپ ئۇيغۇر مەدىنيىتىگە بولغان ئوتتەك ئىشتىياقىم ھازىرغا قەدەر ئازراقمۇ سۇسلاشقىنى يوق . بولۇپمۇ موشۇ بىر مودەك تېرغىلى بولدىغان ئۆي زىمىنلىك بولغاننىڭ ياقى ھويلا ئاراملىرىمغا ئۇزۇم ، قاپاق، چۆمۇچ ، كاۋا ئېسلىدۇرۇپ دىگەندەك قويۇق ئۇيغۇر ھويلسىى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئىستىكى مەندەك بىر شەھەردە چوڭ بولغان ئاق نانچىنىڭ تىندىكى دىھقان مىللەتكە خاس تىندۇرما گىنلىرىمىنى قوزغۇتىۋەتكەن ئىدى .
2.ئەپسۇس ئەمىليەت رىئاللىق ئوي خىيالدەك گۇزەل ھەم چىرايلىق يۇرۇشمەيدىكەن ،پىشانەمدىن تامچە تامچە تەرلىرىمنى تۆكۇپ قاپاق باراڭلىق ھويلا قىلىش خىيالىم ئۇرۇق ناچارمۇ ؟ ۋە ياكى مەن كەچ قالغان ئۆگەنچۇك دىخانمۇ ئشىقىلىپ ئالدىنقى ئىككى يىلدا ئويلىغان گۇزەل ئۇيغۇر ھويلىسى قىلىش پىلانىمنىڭ ئوندەن بىرىمۇ كۆڭۇلدىكىدەك بولمىدى . يا مەن بۇ ئۇيغۇر ھويلسى ئارزويۇمدىن ۋاز كەچمىدىم ، يا مېنىڭ تېرىغان كاۋا قاپاقلىرىم ، يوغانلىماي ، يىگىلەپ پىت بېسىپ دىگەندەك ئىشقىلىپ ئەھۋالاتلار تازا كۆڭۇلدىكىدەك ئەمەس .
3. ئەمما قاپاق نى ئوخشىتالمىغان بىلەن داچىدىكى بۇ نەچچە پۇڭ يەردە شوغۇلا بىلەن لازا بەك ئاينىپ كەتتى . بۇ ئوقەتنىڭ كۆچىتىنى ساتىدىكەن ، بازاردىن تەييارلا ئېلىپ كىلىمەن ،سانچىپ سانچىپ تىكىپ قويساملا ئۆزىنى بىلمەي تۇتۇپ قالىدۇ ،بۇ يىل ئىككىنىچى ئاي كىرىشى بىلەنلا شۇنى ئويلاپ قالدىم .موشۇ لازا ، شوغۇلا ، بۆلجۇرگەننىڭ كۆچىتى بولىدىكەن ، بولسا ئۇيغۇر باغۋەنلەر قاپاق ، چۆمۇچ ، قاتارلىقلارنىڭ كۆچىتىنى يېتىشتۇرۇپ كۆچەت بازىرغا ئېلىپ كىرسە مەنگە ئوخشاش قانداق قىلىشنى بىلمەي قالغان خىيالپەرەسلەرگە تازا خوش ياقىدىغان ئىش بولاتتىكەن .
4.ئۇيغۇر ھويلا ئارام مەدىنىيىتى نى مانا شۇنداق بىر كۆچەت بازىرىدا قاپاق ، چۆمۇچ ،ئاغچە يۇغۇش قاتارلىقلارنىڭ كۆچىتىنى تۇركۇملەپ تەمىنلەش ئارقىلىق ئەڭ قولاي ھالەتكە ئېلىپ كىلىنسە ئاندىن قايىسى بىر شائىر دىگەندەك باراڭ باراڭغا ئوخشىماي قالدى دىگەندەك سۆزلەرگە رەديە بەرگىلى بولامدىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم .
5.بولسا بۇ يىل قومۇل كۆچەت بازىرىدا قاپاق ، چۆمۇش ئاغچە يۇغۇش ، ۋە باشقا ئۇيغۇر ھويلا مەدىنيىتى چەمبىرىكىگە تەۋە گۇل ۋە باشقا ئوقەتلەرنى كۆرۇشنى خالايمەن .
6.ئەلۋەتتە سۇپەتكە قاتتىق ئەھمىيەت بەرگەن ئاساستا ئەڭ چىرايلىق ئەڭ سۇپەتلىك قاپاق ، قاپاق چۆمۇش ، ۋە ئاغچە يۇغۇش دىگەنلەرنىڭ كۆچەتلىرىنى يىتىشتۇرۇپ كۆچەت بازىرىغا سلېىشنى بىر ئويلىشىپ باقسا (باغۋەنلەر ،كۆچەتچىلەر )سىناپ باقسا ، چۇنكى ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن يېشىللىققا خۇمار ، قاپاق باراڭلىق ھويلىغا خۇمار .بۇ جەھەتتە ئېھتىياج بار دەپ ئويلايمەن ، قالغىنىنى ئاللاھ خالسىا بازارغا سېلىپ سىناپ باققاندىن كىيىن بىلىمىز .
|
|