قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3959|ئىنكاس: 222
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئادەمنىڭ تەقدىرى راستىنلا پىشانىسىگە پۈتۈلگەنمۇ؟

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

32

تېما

0

دوست

1851

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   85.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33336
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 84
تۆھپە : 612
توردىكى ۋاقتى: 131
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-27
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-1 01:13:21 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   burkutningkozi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-26 16:45  

ئادەمنىڭ تەقدىرى راستىنلا پىشانىسىگە پۈتۈلگەنمۇ؟
ئابدۇۋەلى تۇرسۇن

( بىڭتۇەن مىللىي پېداگوگىكا مەكتىپى )

       سەمىمى ئەسكەرتىش :
          2-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بۇ ماقالىنىڭ ئورىگىنالىنى پۈتتۈرۈپ بولۇپ ، ساقلاپ قويىمەن دەپ ، خاتا بېسىپ قويۇشۇم سەۋەپلىك بۇ ماقالە ئېلان قىلىنىشقا يوللىنىپ كېتىپ قاپتۇ . شۇنىڭ بىلەن دەرھال باغداش مۇنبىرىگە تېلىفون قىلىپ ، ماقالنىڭ  تۈزىتىش باسقۇچىدىن ئۆتمىگەنلىكى ، شۇڭا ئېلان قىلماي تۇرۇپ تۇرۇشىنى تاپىلىغان ئىدىم . ئەمما كىم بىلسۇن ، كەچتە سىرتتىن قايتىپ كىرسەم يەنىلا ئېلان قىلىغلىق ھالەتتە تۇرۇپتۇ . ئۇلارغا قايتا تېلىفون قىلىپ ئالالمىدىم . شۇڭا دەرھال تۈزىتىشكە كىرىشىپ ، ئامالنىڭ بارىچە تېز سۈرئەتتە تۈزىتىپ چىقتىم . لېكىن ئۇنىڭغىچە ئاللىقاچان 500 دىن ئوشۇق ئادەم كۆرۈپ ، 10 نچچە ئادەم ئىنكاسمۇ يېزىپ بوپتۇ .   ۋاقىت ئېتىبارى بىلەن قوشۇشقا تېگىشلىك مەزمۇنلاردىن نۇرغۇنلىرى يەنە قېلىپ قالدى . شۇنچىۋالا ئىملا خاتالىقى ۋە مەزمۇن كەمتۈكلىكىنى كۆرۈپ ، تورداشلارنى قانداق ئويلاپ قالغاندۇ دەپ خىجىلمۇ بولدۇم . ئەمما ئۇ ئەسلىدە ئورىگىنال ئىدى . چۈشنىشىڭلارنى ئەگەر قىزىقساڭلار تۈزىتىلگەن بۇ نۇسخىسىنى ئوقۇپ چىقىشىڭلارنى سورايمەن . ماقالىىدىكى ھۆكۈملەر تەجرىبە ئىشلەش ئارقىلىق چىقىرىلغان يەكۈن ئەمەس . پەقەتلا مېنىڭ تۇرمۇش ۋە ئەمەلىيەتكە باغلاپ تەپەككۈر قىلىپ  چىقارغان يەكۈنلىرىم . شۇڭا بۇلارنى چوقۇم شۇنداق بولىدۇ دەپ تۇرۇۋالمايمەن . مۈمكىن بولسا پىكىر ئالماشتۇرپ باقساق بولىدۇ . ئەمما بەزى نەرسىلەرنى دىن بويىچە يا ئۇنداق بولىدۇ ، يا بۇنداق بولىدۇ دە كېسىپلا گەپ قىلىپ چۈشەندۇرسەك بىزنىڭ بىر جۈملىمۇ گەپ قىلىشقا يولىمىز قالمايدۇ . ئىزدىنىشىمىزنىڭ قەتئى ھاجىتى يوق . سەۋەپنىڭ ئالىمى بولغان ئىكەن ئانچە - مۇنچە ئىزدىنىپ باقساق بولامدىكىن دەپ ئويلايمەن . چەتئەلدە تۇرۇۋاتقانلارمۇ ئۆزى ئويلىغاننى ، بىلگەننى يازىدۇ . ھېچكىم تەڭرى بىلەن كۆرۈشۈپ ، بىزگە بۇ بۇ ھەقىقەت  توغرىلىق جاۋاپ بېرىپ ئولتۇرىدىغان ئىش يوق . دىيارىمىزدا تۇرۇپ ، كۆپ ئۈگىنىپ ، كۆپ  ئويلاپ  بۇنداق سوئاللارغا جاۋاپ  ئىزدىسىڭىز سىزمۇ  ئوخشاشلا نوپۇزلۇق جاۋاپلارنى  بېرەلەيسىز . شۇڭا ئۆزىڭىزگە ئىشنىڭ ، قەتئى بەل قويۇۋەتمەي ، ئاخىرىغىچە تىرىشىڭ . تىرىشىش جاپا  چېكىش دېمەكتۇر . بۇ جاپانى چەكمەي تۇرۇپ  ، مۇۋەپپىقىيەت قازنىنىشنى خىيال قىلماڭ . بۇ دۇنيادىكى بارلىق مۇۋەپپەققىيەت قازانغۇچىلارنىڭ ئورتاق تەجرىبىسى . سىزنىڭ يېشىڭىزنىڭ كىچىك بولۇشى ، تەڭرى سىزگە ئاتا قىلغان ساغلاملىق ۋە ساق  ئەقىل ، سىزدىكى ئىشەنچ ، قىزغىنىلىق ، مۇستەھكەم ئىرادە ، جاپاغا چىدامچان روھ ، غەيرەت - شىجائەت سىزنىڭ قېزىشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرغان بايلىق . ئىنگىلىزلاردا  ‹‹پەرۋەردىگاھ ئۆزىنى يۆلىگەنلەرنى يۆلەيدۇ››(God helps those who help themselves) دېگەن سۆز بار . بىزدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان سۆزلەر بار . بەزىلەر لۈشۈننىڭ تالانتى بار دېگەندە ئۇ‹‹ نەدىمۇ تالانت بولسۇن ،  مەن باشقىلارنىڭ قەھۋە  ئىچىدىغان  ۋاقتىنى خىزمەتكە سەرپ قىلىمەن دېگەن ›› .دېمەك لۇشۇنمۇ لۇشۈن بولۇش ئۇچۈن باشقىلار ئوينىغان ۋاقىتتا جاپالىق ئىشلىگەن . ئەمدى بۇ توغرىدا بۇنىڭدىن ئوشۇق گەپ قىلىشىمنىڭ ھاجىتى يوق .
                            ئاپتوردىن
             2015- يىلى 2- ئاينىڭ 23- كۈنى كەچ.


        ئادەمنىڭ ھاياتى بىر تەرەپتىن توختىماي دۇنيانى ،  ھايات قانۇنىيەتلىرىنى چۈشىنىش جەريانىدۇر . ئادەمنىڭ  دۇنيانى بىلىشى مەڭگۈ توختاپ قالمايدۇ . ئادەم ئۆزىنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ، دۇنياغا بولغان تونۇشى پەيدىن -پەي چوڭقۇرلاپ ماڭىدۇ . تەجرىبىسىمۇ كۆپىيىپ ماڭىدۇ .  بۇ يەردىكى تەجرىبە دەل  كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائى ئەمەلىيەتتىن ئالغان بىلىمىدۇر . بىز ياكى پەننىي بىلىملەر ئارقىلىق دۇنيانى تونۇيمىز ، ياكى ئەمەلىي تۇرمۇش تەجرىمىز ئارقىلىق دۇنيانى تونۇيمىز . مېنىڭ دۇنيانى تونۇشۇممۇ مۇشۇنداق جەريانلارنى باشتىن كەچۈرگەن . تولۇقسىزغا چىقىپ ، ئازراق فىزىكا ۋە خىمىيە ئۈگەنگەندىن كېيىن دۇنيانىڭ تۈزۈلۈشى ۋە ھەركەت قانۇنىيىتىگە قارىتا سەكرەش خاراكتىرلىك بىلىش شەكىللەنگەن . كېيىن ئالى مەكتەپكە چىقىپ پەلسەپە ئوقۇش ، جەمىيەتكە چىقىپ خىزمەت قىلىش جەريانىدا ۋە تۇرمۇشلۇق بولغاندىن كېيىنكى جەريانلارنىڭ ھەممىسىدە جەمىيەتكە ۋە تەبىئەتكە بولغان تونۇشۇم يەنىمۇ چوڭقۇرلىشىپ ، تېخىمۇ مۇكەممەللىك دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى .  ھازىرمۇ بۇ خىل چۈشىنىشىم  ۋە تونۇشۇم  داۋاملىشىۋاتىدۇ ۋە كېڭىيىۋاتىدۇ دەپ  ئويلايمەن .
     مەن بىر ماتېماتىكىچى(ماتېماتىك ئەمەس) . ماتېماتىكا لوگىكىلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك ، ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىش ئۇسۇلى ئىنتايىن قەتئى بولغان پەن .
    مەن يېشىمنىڭ چوڭىيىشى ، دۇنيانى تونۇشۇمنىڭ چوڭقۇرلىشىىشغا ئەگىشىپ  ،  بەزىدە تۇرمۇشتىكى بەزى ئىشلارنى ماتېماتىكىدىكى ئۇقۇملارغا بىرلەشتۇرۇپ ئويلاپ ، بۇلاردا نۇرغۇن ئوخشاشلىقنىڭ ياكى بىردەكلىكنىڭ  بارلىقىنى ھېس قىلىمەن  . ماتېماتىكا  ناھايىتى ئابىستىراكىت بولسىمۇ ئەمما ئۇ يەنىلا تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىشتىن كېلىپ چىققان . ئۆز نۆۋىتىدە يەنە تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ .  شۇڭا ئۇنىڭدىكى نۇرغۇن ئۇقۇملار بەزىدە ماتېماتىكىدىكى ئۇقۇملار بىلەن ئوخشاشلىقى بولىدۇ .  تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىشتىكى  ئەمەلىيەتتىن ئېرىشكەن بەزى تونۇشلىرىمىزنى  نەزىرىيىۋى يۈكسەلللىككە كۆتۇرسەك ماتېماتىكىدىكى ئۇقۇملار بىلەن تامامەن ئوخشاش نەرسە بولۇپ قالىدۇ . پەلسەپەمۇ ھەم شۇنداق . تۆۋەندىكى بىرقانچە ھۆكۈملەر مەن دەل تۇرمۇش جەريانىدا ئىگە بولغان چۈشەنچەمنى ماتېماتىكىلىق ئۇقۇملارغا باغلاپ ھاسىل بولغان . بۇلارنى مەن مۇتلەق توغرا دەپ قاراپ كەتمەيمەن ،  بۇ پەقەت  ئۆزەمنىڭ ئەمىلىيەتكە باغلاپ چىقارغان يەكۈنى . بۇلار ھەققىدە باشقا يولداشلارنىڭمۇ مۇكەممەل ، تېخىمۇ توغرا بولغان قارىشى بولۇشى مۇمكىن . مېنىڭچە ھەممە ئادەمدە مۇشۇنداق خۇلاسە ۋە  تەجرىبە بار . سىز بىلەن مەندىكى پەرق مەن پەقەتلا ئازراق ۋاقىت سەرپ قىلىپ بۇنى يېزىپ  چىقىپ ،   سىزنىڭ كۆرۈپ بېقىشىڭىز ئۈچۈن سۇندۇم . ئەمما سىز ئۇنداق قىلمىدىڭىز . ئەگەر ۋاقتىڭىز  يەتسە سىزمۇ  ئوتتۇرىغا قويۇپ باقسىڭىز ، ئۆزئارا  ئالماشتۇرۇپ باقساق بولىدۇ.

      1، جەمىيەت توختىماي تەرەققى قىلىپ ، ئەڭ مۇكەممەل دىيىلگەن بىر ھالەتكە قاراپ  چەكسىز يېقىنلىشىدۇ، ئەمما مەڭگۈ بارالمايدۇ؛
     بىزگە شۇ نەرسە ئېنىقكى جەمىيەت داۋاملىق ئالغا باسىدۇ ، ئىلگىرىلەيدۇ .  ئىنسانلارنىڭ ئاڭ -سەۋىيەسى ، ساپاسىمۇ شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا مەڭگۈ ئۆسۈپ بارىدۇ . توختاپ قالمايدۇ . بىز ئۆزىمىزنىڭ كىچىك ۋاقتىنى ئويلاپ باقساق ، شۇ چاغدىكى كىشىلەرنىڭ بىلىدىغىنى بىلەن ساپاسىنىڭ ھازىرقىدىن كۆپ  تۆۋەنلىكىنى ھېس قىلىمىز  . بۇيەردە  ئادەملەرنىڭ ساپاسى ، ئىدىيىسى  مۇشۇنداق ئۆسۇپ ماڭسا ئۇنىڭ بىر چېكى بارمۇ -يوق ؟  ئاشۇنداق مېڭىپ بىر نۇقتىغا بارسا توختامدۇ - يوق؟دېگەن سوئال پەيدا بولىدۇ . مېنىڭ تەپەككۈرۈمچە ئىنسانىيەت جەمىيىتى مەۋجۇتلا بولىدىكەن ، بۇنداق ئۆسۈپ مېڭىشنىڭ  چېكى يوق . ئەگەر چېكى بولۇپلا قالىدىكەن ئۇ ھالدا جەمىيەت تەرەققى قىلىشتىن توختايدۇ .
    ئەگەر ئاشۇنداق مەڭگۈ ئىلگىرىلەپ ماڭسا قانداق نەتىجە بولىدۇ؟ كىشىلەرنىڭ ئاڭ سەۋىيەسى توختاۋسىز  ئۆسكەن ئىكەن ئۇلارنىڭ  مەنپەئەت قارىشى ، تەپەككۈر ئۇسۇلى ھازىرقىدىن كۆپ پەرقىلىق بولۇشى ئېنىق . يەنى جەمىيەت ناھايىتى پاراۋان ، ئىنسانلارنىڭ ساپاسى بەك يۇقىرى  ، بىر -بىرىنىڭ ھالىغا يېتىدىغان ، بىر -بىرىگە بەك  كۆيۈمچان ۋە ئەپۇچان ، بىر -بىرىنى بەك چۈشىنىدىغان ، قابىلىيىتىگە يارىشا قىممەت يارىتىدىغان ، ئەمما ھەممىنى مەن  ئالىمەن دەيدىغان نىيەت بولمىغان (ئېھتىياجىغا قاراپ ئالىدىغان ، يەنە بىر تۈرلۈك قىلىپ ئېيتساق ئۇلاردىكى ئاچكۆزلۈك تامامەن تۈگىگەن -بۇ گەپلەر كوممۇنىزىم تەلىماتىدىكى گەپلەر بىلەن خېلىلا ئوخشاش )ھالەتكە قاراپ چەكسىز يېقىنلىشىشى مۈمكىن ، ئەمما دەل شۇنداق بولغان جەمىيەتكە(نۇقسانسىز جەمىيەت) مەڭگۈ يېتىپ بارالمايدۇ . بۇنىڭ سەۋەبى كىشىلەردىكى فىزىلوگىيەلىك ئىقتىدار  ، ئەقلىي ئىقتىدار  ۋە پىسخىك خاراكتىر جەھەتتە پەرقنىڭ مەڭگۈ تۈگىمەيدىغانلىقىدۇر .مۇنداقچە ئېيتساق كىشىلەردە جىسمانى ، ئەقلىي ، ۋە پىسخىك خاراكتىر جەھەتتە پەرقلا بولىدىكەن (بەش قول تەڭ بولمايدىكەن ) ، بۇ پەرق تۈگىمىگىچە  جەمىيەتنىڭ يۇقىرىدىكى جەھەتلەرە نۇقسانسىز ھالەتكە كېلىشى مۈمكىن ئەمەس . بۇ خۇددى ماتېماتىكىدىكى لىمىت چۈشەنچىسىگە ئوخشايدۇ . مەسىلەن : lim┬(x→2)⁡〖5x=〗10دەيمىز . بۇنىڭدا ⅹ→2بولغانسېرى 5ⅹ نىڭ قىممىتى 10 غا چەكسىز يېقىنلىشىدۇ ، ئەمما  يقىنلاشقان بىلەن مەڭگۈ ئۇنىڭغا تەڭ بولالمايدۇ .يۇقىرىدىكى يەكۇنمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشۇتۇلۇپ چىقىرىلغان .  
      
    2، ‹‹ھەممە ئادەم ئوخشاش باي بولۇش ›› چۇشەنچىسى توغرا ئەمەس ؛
     بىز ھازىر ‹‹ئىككى يۈز يىللىق نىشان(2021- يىللىق نىشان ۋە 2049- يىللىق نىشان )››غا يېتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىمىز  .  يەنى بىزنىڭ سىياسىتىمىزدە خەلقنى باي ، دۆلەتنى قۇدرەتلىك قىلىش نىشانى بار . ئەڭ دەسلەپتە دېڭ شىياۋپىڭ ئەپەندى بىر قىسىم كىشىلەرنى ئاۋال بېيىتىش  ، ئاندىن ھەممەيلەننى ئورتاق باي قىلىش ئىدىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ  ، ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈشنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولغان ئىدى . ئەمما ھازىرقى ئەمەلىيەت شۇ بولدىكى بىر قىسىم كىشىلەر ئالدىن بېيىدى . لېكىن ئۇ ئويلىغاندەك كېيىن ھەممەيلەن ئورتاق(تەڭ) بېيىماي ، بايلار تېخىمۇ بېيىپ ، كەمبىغەللەر باي بولالماي ، باي - كەمبىغەللىك جەھەتتىكى پەرق بارغانسېرى چوڭىيىپ ،  ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈش بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ ، بۇ بىر ئىجتىمائى مەسىلە بولۇپ قالدى . شۇڭا ھازىر  دۆلىتىمىز كىرىم تەقسىماتى جەھەتتىكى پەرقنى ئازايتىش شوئارىنى توۋلاپ ، بۇ جەھەتتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ . ئەمما پەلسەپەۋىي چۈشەنچە بويىچە ھەممە ئادەمنى ئوخشاش باي قىلىش توغرا سۆز ئەمەس . چۈنكى پەلسەپە قائىدىسى بويىچە قارىمۇ - قارشى نەرسىلەر بىللە مەۋجۇت  بولىدۇ ، بىر -بىرىگە تايىنىدۇ ، بىر -بىرىگە بېقىنىدۇ . بىرى بولمىسا يەنە بىرىمۇ بولمايدۇ . ئاددىسى ئىگىز - پەسلىكنى ئالساق ئىگىزنى سېلىشتۇرىدىغان پاكار (پەس) بولمىسا ، ھەممىسى ئوخشاش بىر خىللا بولسا ئۇ ھالدا ئىگىز - پەس چۈشەنچىسىمۇ بولمايدۇ . شۇڭا باي ئۇقۇمى بولۇشى ئۈچۈن ئۇنى سېلىشتۇرۇش ئوبىكتى بولغان كەمبىغەل ئۇقۇمى بولۇشى كېرەك .  ئۇنداق بولماي ھەممىسى ئوخشاش بولسا ئۇھالدا باي ۋە كەمبىغەل ئۇقۇملىرى تەڭلا مەۋجۇت بولمايدۇ . شۇڭا ئادەملەردە فىزىلوگىيەلىكۋە ئەقلىي  ئىقتىدار جەھەتتە پەرق مەۋجۇت بولغان شارائىتتا ئۇلارنى ھەرقايسى جەھەتتە ئوخشاش قىلىش ھەم ئەقىلغا سىغمايدۇ . ھەم ئۇنداق قىلىشمۇ مۈمكىن ئەمەس . ئەمما بۇ دۆلەت ئىچىدىكى ئەھۋالغا قارىتىپ دىيىلگەن سۆز بولۇپ ، ئەگەر چەتئەل بىلەن جوڭگونى سېلىشتۇرۇپ ئېيتساق ئۇ ھالدا گەرچە ئۆزىمىزدە باي - كەمبىغەللىك پەرقى  بولسىمۇ ئەمما دۆلىتىمىز خەلقىنى  باشقا بەزى دۆلەت خەلقلىرىگە سېلىشتۇرۇپ ، ھەممىسىنى ماس ھالدا ئۇلاردىن  نىسبى باي قىلىش ئىدىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش توغرا . دۇنيادا ھەقىقەتەن بىر دۆلەت خەلقى يەنە بىر دۆلەت خەلقى ئوتتۇرىسىدا باي - كەمبىغەللىك پەرقى بار . شۇڭا بىزنىڭ خەلقىمىزنى  باشقا دۆلەت خەلقىدىن باي قىلىش  ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك .   
      3، ئادەم مېڭىسىنىڭ ئىقتىدارى پەيدىن - پەي ئاجىزلايدۇ .
       ئادەم مېڭىسىنىڭ ئىقتىدارى ياش چوڭايسىمۇ تۋەنلىمەي ئېشىپ ماڭىدۇ دىيىش توغرا ئەمەس . بۇرۇن مەن ئادەم مېڭىسى ياشنىڭ  چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ    ئىقتىدارى  تېخىمۇ كۈچىيىپ ماڭىدۇ دېگەن گەپلەرنى ئاڭلىغان ئىدىم . ئەمما مېنىڭچە ئادەمنىڭ  ھەرقانداق بىر ئەزاسىنىڭ  فىزىلوگىيىلىك ئىقتىدارى  ياشنىڭ چوڭىيشىغا ئەگىشىپ   پەيدىن- پەي ئاجىزلايدۇ . ئادەم مېڭىسى بىر ئەزا بولغان ئىكەن ئۇمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش . ئەمما  ئادەم مېڭىسىدىن ئىبارەت بۇ ئەزا فىزىلوگىيەلىك ئىقتىدار جەھەتتىن ئاجىزلىسىمۇ  ئۇنىڭ قوبۇل قىلغان ئۇچۇرلىرى مەڭگۈ كۆپىيىپ ماڭغاچقا ، ھۆكۈم قىلىشتىكى ئىقتىدارى يەنىلا كۈچىيىپ  ماڭىدۇ .   ئەمما مېڭە بىر ئەزا بولۇش سۈپىتى بىلەن فىزىلوگىيەلىك ئىقتىدارى ئاجىزلاپ ماڭغانلىقى ئۇچۈن ئۇنىڭ ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى يەنىلا ئاجىزلاپ ماڭىدۇ . ئادەم قېرىغاندىمۇ مېڭە ئىقتىدارىنىڭ نى - نى ئىشلارنى قىلالىشنىنىڭ سەۋەبى ئۇنىڭ ئەسلى ئىقتىدارىنىڭ ئىشلىتىش ئۈنۈمىنىڭ ناھايىتى تۆۋەن ئىكەنلىكى ، ئادەمنىڭ پۈتۈن ھاياتىدا  ئۇنىڭ ئىنتايىن ئاز بىرقىسمىنىڭلا ئېچىلىدىغانلىقى ،  قېرىغان چاغ بولسىمۇ بىز ئەگەر  ئۇنىڭ ئەسلى ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى سەل ئۆستۈرسەك (تېخىمۇ ئاچساق )ئۇ ھالدا يەنە خۇددى ياشىرىپ كېتىپ بارغاندەك ئاجايىپ ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك . ئەمما ئۇ  بىر ئەزا بولۇش سۈپىتى بىلەن ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ، فىزىلوگىيەلىك ئىقتىدارى  پەيدىن - پەي تۆۋەنلەيدۇكى ھەرگىزمۇ كۈچەيمەيدۇ .
    4، ئادەم ئاپىرىدە بولغاندىلا ئادەمنىڭ  قانداق بولۇشى بەلگىلىنىپ بولىدۇ(تەقدىر پىشانىگە پۈتۈلگەن بولىدۇ) .ماقالىنىڭ تېمىسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن مەزمۇن دەل مۇشۇ بۆلەكتۇر .
        مەن شۇنداق قارايمەنكى ئادەمنىڭ پىشانىسگە  پۈتۈلگەن دېگەن سۆز توغرا . بىز داۋاملىق ھالدا ‹‹ پىشانەمگە پۈتۈلگەننى كۆرەرمەن ، پىشانەڭدە بىر ئىش باردۇر ›› دېگەندەك سۆزلەرنى ئاڭلاپ تۇرىمىز . بۇرۇن بۇ سۆزلەردىن سەل گۇمانلىناتتىم . ھازىر راست شۇنداق بولىدىكەن دەپ ئويلايدىغان بولدۇم . بۇنى مۇنداق ئىككى تەرەپتىن ئىزاھلايمەن :
     فىزىلىوگىيەلىك تەرەپ : مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە ئادەم ئاپىرىدە بولۇپ(ئۇرۇق بىلەن تۇخۇم بىرلىشىپ ھامىلە شەكىللەنگەندە ) ، ئۇنىڭ فىزىلوگىيەلىك ئىقتىدارى (ئىچكى ئەزالىرىنىڭ قايسلىرى كۈچلۈك ، قايسىلىرى ئاجىز ،  قايسىلىرى نورمال ، قايسىلىرى نورمال ئەمەس )ئاساسەن  شۇ چاغدا شەكىللىنىپ مۇقىم بولۇپ بولىدۇ . بۇ خۇددى بىر ماشىنىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش جەريانىغا  ئوخشايدۇ . بىر ماشىنا ئىشلەپچقىرىلغاندا ئۇنىڭ ھەرقايسى سېستىمىلىرىنىڭ ئىچىدە قايسى بىر قۇرۇلمىسىنىڭ زاپچاسلىرى پۇختا ۋە  قۇراشتۇرۇلىشى چىڭ بولسا ،  ئۇنىڭ ئاشۇ قۇرۇلمىسىدىن ئاسان كاشال چىقماي ئۇزۇن ۋاقىت بۇزۇلماي ئىشلەيدۇ . بىر زاۋۇتتىن ئوخشاش چىقىتى دەپ قارالغان ئىككى ماشىنا  ئوخشاش يولدا ئوخشاش مۇساپە ماڭدى دېسەك ئۇلاردا كاشىلا كۆرۈلسە ئۇلارنىڭ  ئوخشاش  بىر سېستىمىسىكى كاشىلا بولۇشى ناتايىن . بىرىدە گېنىراتور  ئاسان بۇزۇلسا يەنە بىرىدە ماي يولىدىن بۇرۇن كاشال چىقىشى مۇمكىن . بۇ ئاشۇ ئىككى ماشنىنىڭ زاپچاسلىرى قۇراشتۇرۇلۇپ ماشىنا ھاسىل قىلىنغاندا ئۇلاردا(زاپچاسلىرىنىڭ  سۈپىتى ۋە قۇراشتۇرۇلىشىنىڭ پۇختىلىقىدا) پەرقنىڭ مەۋجۇتلىقىنى كۆرسىتىدۇ . ئادەمنىڭ ئاپرىدە بولۇپ ،  تۇغۇلۇپ چوڭ بولۇشىغىچە بولغان جەريانىنىمۇ  بىر ماشىنانىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش جەريانىغا ئوخشىتىشقا بولىدۇ .  مۇشۇنىڭغا ئوخشاش  ئادەم ئاپىرىدە بولغاندىلا (ئۇرۇق بىلەن تۇخۇم بىرلشىپ ، بىر ھاياتلىق يارىتىلغاندا )ئۇنىڭ بارلىق ئەزالىرى شەكىللىنپ بولىدۇ .  كېيىن پەقەتلا  تەرەققى قىلىپ چوڭىيىدۇ . شۇ چاغدىكى بىرىكىپ قۇراشتۇرۇلۇش جەريانىدا قايسى ئەزانىڭ سۇپىتى ياخشى(ئۇرۇق بىلەن تۇخۇمنىڭ ۋە ئۇنىڭدىكى ئەزا شەكىللەندۈرىدىغان ھۈجەرىلەرنى دېمەكچى )   ، قۇراشتۇرۇلىشى پۇختا بولسا(بىېىكىشى ياخشى بولسا دېمەكچى ) شۇ ئەزا ئاسان بۇزۇلماي ئەڭ ئاخىرىغىچە نورمال ئىشلەپ بېرىدۇ .  سۈپىتى ياخشى ئەمەس ۋە قۇراشتۇرۇلۇشىمۇ  بوشراق بولسا ئاشۇ ئەزا باشقا ئەزاغا قارىغاندا بالدۇرراق كېرەكتىن چىقىدۇ . مانا بۇ ئادەملەر نورمال ئەجەل بىلەن بۇ دۇنيادىن كەتسە ئۇلارنىڭ كېرەكتىن چىققان  ئەزالىرىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىنىڭ  سەۋەبى بولسا كېرەك . ھاياتلىق شەكىللىنىپ ، ھەرقايسى ئەزا ھاسىل بولغاندىن كېيىن   پەيدىن - پەي تەرەققى  قىلىپ چوڭىيىدۇ . بۇ جەريانمۇ مۇھىم . چۈنكى ئۇرۇق ۋە تۇخۇم ياخشى بولغان بىلەن تۇپراقتىن ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىشى ياخشى بولمىسا يېتىلىشى تازا ياخشى بولمىغاندەك ، كېيىنكى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىنىشى ياخشى بولمىسا ئۇنىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ . ئۇندىن باشقا يەنە كېيىنكى ئاسراشمۇ ئۇنىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ . ئەمما بۇلار ھەل قىلغۇچ ئامىل ئەمەس . ھەل قىلغۇچ ئامىل بولىدىغىنى  ئاشۇ ئۇرۇق بىلەن تۇخۇم بىرلىشىپ ئادەم ئاپىرىدە بولغاندا ئۇنىڭ قايسى ئەزالىرى كۈچلۈك ، قايسى ئەزالىرى ئاجىز بولىشىنىڭ  شۇ چاغدىلا بەلگىلىنىپ بولىشىدۇر .  بۇ ئادەمنىڭ ئۇنىڭ پۈتكۈل ھايات مۇساپىسىنىڭ  قانداق بولوشىنى بەلگىلەپ قويىدۇ . شۇڭا پۈتۈنلەي ئوخشاش مۇھىتتا ياشىغان ئىككى ئادەمنىڭ(مەسىلەن : بىر ئۇرۇقلۇق قوش كېزەكلەر) ئوخشاش كېسەل بىلەن ئۆلۈشى ئاساسەن كۆرۈلمەيدۇ . بىرىنىڭ ئۆپكىسىدىن مەسىلە چىقسا يەنە بىرىنىڭ بۆرىكىدىن  بالدۇر مەسىلە چىقىدۇ . مانا بۇ ئۇرۇق بىلەن تۇخۇم بىرلىشىپ ، ئەزالار ھاسىل بولغاندا بىرىنىڭ ئۆپكىسى نىسبەتەن ئاجىزراق ، يەنە بىرىنىڭ بۆرىكى نىسبەتەن ئاجىزراق بولۇپ بىرىككەنلىكىنىڭ نەتىجىسى . مانا بۇ فىزىلوگىيەلىك تەرەپتىن‹‹ پىشانىگە پۈتۈلۈش›› چۈشەنچىسى.

    پىسخولوگىيەلىك تەرەپ : بۇ ئاساسەن بىر ئادەمنىڭ مىجەزى ، خاراكتىرى ، ئىرادە ، ھېسسىياتى ، شەيئىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيەسى قاتارلىق ئادەم پىسخىكىسىدا مەۋجۇت بولغان ،  ئۇنىڭ ھايات نىشانىنىڭ يۆنۈلۈشىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنى بىلدۈرىدۇ .  ئەمدى ھايات قىسمەتلىرىنىڭ  پىشانىسىگە پۈتۈلۈش مەسىلىسىگە كەلسەك ئادەم پۈتۈن ھاياتىدا  مەيلى ئاددى بولسۇن ، ياكى مۇرەككەپ بولسۇن بىرەر نىشان بىلەن ياشايدۇ . بەزىلىرى چوڭ -چوڭ ئىشلار(مىللەت  ياكى دۆلەت ئۇچۈن ئىش قىلىش ) نى ئۆزىگە ئالى نىشان قىلغان بولىدۇ ، بەزىلىرى ئادەتتىكىچە ياشاپ كېتىشنى نىشان قىلغان بولىدۇ . مەيلى قانداق بولسۇن ئۆز نىشانىنى بويلاپ ياشايدۇ . چوڭ - چوڭ ئىشلارنى قىلىشنى ئويلىغانلار ئاشۇ ئىشنىڭ كويىدىلا يۈرۈيدۇ . ئۇلارنىڭ يۈرىكىدە داۋاملىق ئاشۇ بىر خىل ئوت يالقۇنجاپ تۇرىدۇ . ئۇلار ئادەتتىكى ئادەملەردەك ياشاي دەپمۇ  ياشاپ كېتەلەيدۇ .  ئۇلار ئاشۇ ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلمىسا  ، ئاشۇ مەقسەت ئۈچۈن كۈرەش قىلمىسا ئۇلارنىڭ يۈرىكىدىكى ئاشۇ ئوت ئۇلارنى جىم تۇرغۇزمايدۇ . ئۇلار  ئاشۇنداق قىلىش جەريانىدا  ئۆزىنىڭ   گەرچە بەزى خەۋپ - خەتەرگە ئۇچراش ئېھتىماللىقى ، مەنپەئەتىنىڭ چوڭ  زىيانغا ئۇچرىشى ئۆزىگە  بەش قولدەك ئايان بولسىمۇ ئەمما  بۇ ئوت ئۇلارغا ئاشۇ خەتەر كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سۆزلەرنى ۋە ئىشلارنى  قىلغۇزىدۇ . ئۇلار شۇنداق بولىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە نىمىشقا شۇنداق قىلىدۇ ؟ ئۇلار شۇنداق بولۇش ئىھتىماللىقىنى بىلپ تۇرۇپ يەنە نىمشقا نورمال تۇرمۇش يولىنى تاللىماي ،  ئۆز مەقسەتلىرىگە  يېتىش  ئۇچۈن  خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىش يولىنى تاللايدۇ ؟بۇ ئۇلارنىڭ قەلبىدە ئۇستۈنلۈكنى ئىگەللىگەن ئاشۇ   ئارزۇ  ياكى ئاشۇ ئوتنىڭ ئۇلارنى ئاشۇنداق قىلىشقا مەجبۇرلىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى . ئۇلار ئاشۇ ئىدىيىلىرى ، سۆزلىرى ۋە ئىش ھەركەتلىرىنى قىلىش بىلەن تۈرمىلەردە يېتىشنى راۋا كۆرۈدۇكى  سىرتتا بېشىنى  ئىچىگە تىقىپ يۇرۈشنى خالىمايدۇ  . ئۇنداق قىلسا ئىچى تىتىلداپ ، ئۆزىگە ئارام بەرمەيدۇ . شۇڭا بۇنداق ئادەملەر سىرتتىكى تۇرمۇشى ھەرقانچە ياخشى بولسىمۇ  بۇ ئۇلارغا قانائەت تۇيغۇسى ئاتا  قىلمايدۇ . بۇلار پەقەت ئاشۇ ئىدىيە ۋە ھەركەتلىرىنى خەلقى - ئالەم ئالدىدا ئىپادىلەپ ، شۇنىڭ ئۈچۈن  تۈرمىگە كىرىپ ياتسا ئاندىن كۆڭلى تىنىدۇ . بولمىسا ئۇلارنىڭ يۈرىكىدىكى ئوت ئۇلارنى مەڭگۈ جىم تۇرغۇزماي ئاشۇنداق قىلىشقا ئۇندەيدۇ . باشقا ئادەملەر بۇ خىل ئوت بولمىغاچقا ئۇلار ھەرگىز بۇنداق يولدا ماڭمايدۇ . ئەمما ئادەتتىكى ئادەملەر ئۆزىنىڭ باشقا ئارزۇلىرى يولىدا يەنە ئاشۇنداق قىلىدۇ .ئۇلاردا باشقا ئارزۇلارغا قارىتا ئاشۇنداق ئوت بار . يەنى ئۇلارنىڭمۇ قەلبىدە باشقا خىلدىكى ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇرلايدىغان ئاشۇنداق ئوت بار .ئۇلار شۇ يولدا تىرىشىدۇ . مانا بۇ ئادەم تەقدىرىنىڭ پىشانىگە پۈتۈلگەنلىكىنىڭ مېنىڭ تىلىمدىكى چۈشەندۇۈرۈلىشىدۇر . دۇنيا تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ھەممىسى شۇنداق . بىز بۇنى ئادەتتە ‹‹ ئۆزىدىن ھالقىپ كەتكەن›› دەيمىز . مېنىڭچە ئۇلار ئەسلىدىنلا شۇنداق . ئۇلار تۇغۇلۇشىدىنلا شۇنداق بولۇشى مۈمكىن  ، ياكى كېيىنچىرەك شۇنداق بولۇپ قېلىشىمۇ مۈمكىن(پىسخىك خاراكتىر كاتوگىرىيىسىگە تەۋە بۇ مەسىلىنىڭ پەيدا بولۇش ۋاقتىغا بىرنىمە دىيەلمەيمەن ) . مەسىلەن : ماندېلانى ئالساق ئۇنىڭ نەزىرىدە مىللىتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ ، تۈرمىدە يېتىشى كۈرەش  قىلىماي سىرتتا ئادەتتىكىچە خاتىرجەم  تۇرمۇش كەچۈرۈشكە قارىغاندا كۆپ  ئارام بەخش بولىدۇ . شۇڭا ئۇ ئاشۇ يولدا بىر ئۆمۈر كۈرەش قىلدى ھەم ئەڭ ئاخىرىدا نىشانىغا يەتتى . بۇنداق مەسىلىنى دىن بويىچە چۈشەندۇرسەك بىر ئېغىز گەپ  بىلەنلا تۈگەيدۇ . بۇ توغرىدا ئىزدىنىشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ . مېنىڭ بۇ چۈشەندۈرۈشۈم دىن تەرەپتىن ئەمەس بەلكى ئەمەلىي كۈزىتىشتىن چىقىرىلغان . بەزى دىندا كۈچلۈك يولداشلار مۇشۇنداق دىيىشنىڭ ھاجىتى بارمۇ دىيىشى مۈمكىن . مېنىڭچە ھاجىتى بار . چۈنكى مۇشۇنداق چۈشەنسىڭىز ئىتىقادتا تېخىمۇ چىڭ بولالايسىز . يەنە بىر تەرەپتىن مېڭە مۇشۇنداق پىكىر قىلىشقا يارىتىلغان . مۇشۇنداق پىكىر قىلىش ئارقىلىق دۇنيانى تونۇغاندا  ئاندىن ھەقىقەتنى تاپالايسىز .
  5، دۇنيادا تەڭلىكتىن تەڭسىزلىك جىق ، بەلكى مۇتلەق كۆپ . شۇڭا كىشىلەر ئارىسىدىمۇ تەڭلىككە قارىغاندا تەڭسىزلىك كۆپ . ھايات قانۇنىيەتلىرىدە ئادەملار باراۋەر ، باشقا ئىشلاردا بولسا  باراۋەر ئەمەس .
   ئادەملەر تۇغۇلىشىدىنلا باراۋەر ئەمەس ، ئالدى بىلەن فزىلوگىيەلىك ئىقتىدار ، ئەقلىي ئىقتىدار ۋە پىسخىك خاراكتېر جەھەتتە باراۋەر ئەمەس( پىسخىك خاراكتېرمۇ ياخشى - يامان دەپ  پەرقىلق بولىدۇ ، ياخشىلىرىنىڭ ماسلىشىشچانلىقى ۋە مۇۋەپپەققىيەت قازىنىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ) ،ئەمما ئىنسانلار بىر ئۆمۈر باراۋەرلىك ئۇچۇن كۈرەش قىلىدۇ ، ئەمما مەڭگۈ باراۋەر بولالمايدۇ .  ئاتالمىش باراۋەر دېگەنلەر ئەمەلىيەتتە ئىقتىسادىي ئورنى جەھەتتە  نىسبى  ھالدا بىر -بىرى بىلەن تەڭ بولۇۋاتقانلارنى كۆرسىتىدۇ . بۇ دەل ماتېماتىكىدىكى تەڭلىكتىن تەڭسىزلىك كۆپ بولغىنىدەك بىر ئىش . ماتېماتىكىدا مۇنداق بىر تەڭلىمىنى مىسال قىلاي . 3ⅹ+2=8, بۇ تەڭلىمىدە  پەقەت x=2 بولغاندىلا ئىككى تەرەپ تەڭ بولىدۇ . ئەگەر باشقا ھەرقانداق بىر سان قويۇلسا  بۇ تەڭلىك تەڭلىك بولماي تەڭسىزلىك بولۇپ كېتىدۇ . يەنە كېلىپ سان چەكسىز كۆپ بولغاچقا ئاشۇ چەكسىز كۆپ  ساننىڭ ئىچىدە پەقەت بىرىلا  بۇ  ئىپادىنى تەڭلىك قىلىدۇ ، باشقا سانلارنىڭ ھەممىسى بۇ ئىپادىنى تەڭسىزلىك قىلىپ قويىدۇ . دېمەك تەڭسىزلىك قىلىدىغان سان چەكسىز كۆپ ، تەڭلىك  قىلىدىغىنى پەقەت بىرلا . بۇ يەردىكى تەڭلىك كىشىلەرنىڭ ھايات قانۇنىيەتلىرىدىكى باراۋەرلىك بولۇشى مۇمكىن .يەنى كىشىلەر گەرچە رىيال دۇنيادا باراۋەر بولمىسۇ ئەمما تۇغۇلۇش ، ياشاش ، ئۆلۈشتىن ئىبارەت بۇ تەرەپتە ھەممە ئادەم باراۋەر .
      6، دۇنيا ئىككى ئەمەس بەلكى ئۇچ .
   كىىشىلەرىڭ نەزىرىدە دۇنيا پەقەت ئىككى يەنى بىز كۆپ تەكىتلەيدىغان پانى ئالەم ۋە  باقى ئالەم  يەنى  بۇ دۇنيا  ۋە ئۇ دۇنيا . بۇ دۇنيا بىز ھازىر ھەممىمىز  مەۋجۇتلىقىمىزنى ھېس قىلىپ تۇرۇۋاتقان دۇنيا  . ئۇ دۇنيا بولسا بىزدىكى ھاياتلىق ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بارىدىغان دۇنيا . ئەمما مەن شۇنداق قارايمەنكى دۇنيا ئۈچ . مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم ھاياتلىق ئاپىرىدە بولۇپ تاكى بوۋاق دۇنياغا كۆز ئاچقاندىكى مۇشۇ ئارىلىقتىكى دۇنيا  بىز يۇقىرىدا تىلغا ئالغان ئاشۇ ئىككى دۇنياغا ئوخشىمايدىغان يەنە بىر دۇنيادۇر . ئۇنى بۇ دۇنياغا ئوخشاش دەيلى دېسەك ئۇنىڭدىكى  ھاياتلىقنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش  ھالىتى بۇ دۇنياغا ئوخشىمايدۇ . بۇ دۇنيادا ئادەم ئوزۇقلۇقنى  بىىۋاستە يىمەكلىكتىن قوبۇل قىلىدۇ . نەپەسلىنىش بىۋاستە ھاۋادىن نەپەسلىنىش بولىدۇ . بىز ئويلاپ باقساق مۇددىتى  9 ئايلىق بولغان ئاشۇ دۇنيا  گەرچە ماددىنىڭ مەۋجۇتلۇق شكلى جەھەتتىن  رىيال دۇنياغا ئوخشىسىمۇ  ئەمما يەنىلا ئوخشىمايدىغان جايلىرى بار  . ئۇنىڭدا ھامىلە سۇدىن نەپەسلىنىدۇ ، ئوزۇقلۇقنى بىۋاستە قوبۇل قىلماي بەلكى ئانىنىڭ تېنى ئارقىلىق قوبۇل قىلىدۇ . تۇغۇلۇپلا بۇ ئىشلاردا تۈپتىن ئۆزگىرىش بولىدۇ . بۇ  ھەقىقەتەن ئاجايىپ بولغان بىر خىل ھاياتلىق ھادىسىسى .  ئۇ دۇنياغا ئوخشىتايلى دېسەك ئۇنىڭغا تېخىمۇ  ئوخشىمايدۇ .تۇغۇلۇشنى ئادەتتە  ئوبرازلىق قىلىپ ، ‹‹ يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچتى ›› دەپ قويىمىز .بۇمۇ  سىرتقى دۇنيا بىلەن ھامىلە تۇرۇۋاتقان دۇنيانىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ . شۇڭا دۇنيانى ئۈچ دىيىشكە بولىدۇ .
    7، بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ دېگەن سۆز پاسسىپ تەسەللى سۆزىدۇر .
             بۇ سۆز كىشىلەرنى سەۋرى تاقەتلىك ، شۇكۇر قانائەتچان بولۇشقا دالالەت قىلىدىغان ، سۈكۈت قىلىشنى  ، چىدامچان بولۇشنى بەكرەك تەكىتلەپ ، ناھەقچىلىككە  يولۇقۇش قاتارلىق جەھەتلەدە  كىشىنىڭ ئورنىدىن دەس  تۇرۇپ  ، قىيىنچىلىقتىن چقىىپ كېتىشكە  ئۇرۇنۇشىنى توسىدىغان  ، ئۆز - ئۆزىنى بەزلەيدىغان ،  بىر خىل پاسسىپ بولغان تەسەللى سۆزىدۇر . بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ دەپ چىداپ يۈرىۋەرگەن بىلەن بۇ كۈنلەر بىلەن تەڭ سىزنىڭ ئۆمرىڭىزمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ . ھايات ئۆتۈپ كەتسە قايتا كەلمەيدۇ . سىزنىڭ پۇرسىتىڭىزمۇ تەڭ يوقاپ ماڭىدۇ . شۇڭا بەزى ئىشلارغا ئۆتۈپ كېتىدۇ دەپ سەۋرى قىلىش توغرا . ئەممە يەنە بەزى ئىشلارغا ئۆتۈپ كېتىدۇ دەپ قاراپ تۇرىۋەرمەي ، ئورنىڭىزدىن دەس تۇرۇپ ، ئۇنى ئۆزگەرتىشنىڭ ئامالىنى قىلىپ ،  پۇرسەتنى قولغا كەلتۈرۈشىڭىز كېرەك . ئۇنداق  قىلمىسىڭىز  ئۇزاق داۋاملاشقان قىيىن كۈنلەر  بىلەن تەڭ ھاياتىڭىزمۇ ئۆتۈپ كېتىۋېرىدۇ . ھاياتىڭىزنىڭ ئاشۇنداق سۈكۈتتە  ئۆتۈۋېرىشىگە ئەگىشىپ ، ئاخىر بىر كۈنى داغدا قالسىز ياكى پۇشايمان قىلىسىز .

      8،  ئادەم ئامىلى يەنىلا بىرىنچى .
        بىزنىڭ دۆلىتىمىزدە بۇرۇن ئۇرۇش ۋە قۇرۇلۈش دەۋرىدە ئادەمنى نوقۇل ھالدا ئىشلەپچىقارغۇچى دەپ قاراپ ، قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياجشى دېگەن قاراش بويىچە نوپۇس سانىغا چەك قويۇلمىغان ئىدى . شۇ دەۋرىدە بۇ سۆز ھەقىقەتەن ئۆزىنىڭ توغرىلىقىنى نامايەن قىلىپ ، مەيلى ئۇرۇش بولسۇن ، مەيلى قۇرۇلۇش بولسۇن  ئۆز رولىنى جارى  قىلدۇرغان ئىدى . ھالا بۈگۈنكى كۈندىمۇ بۇ سۆز ئۆزىنىڭ توغرىلىقىنى ئىپادىلەپ تۇرماقتا . ئادەم ئامىلى ھازىر يەنىلا دۆلىتىمىزنىڭ خەلقارا تەسىرىنىڭ چوڭ بولۇشىدا ھەل قىلغۇچ  رول ئويناۋاتقان ئامىل بولۇپ  قېلىۋاتىدۇ . چۈنكى بۇرۇن ئىشلەپچىقارغۇچى  دەپ قارالغان بولسا ئەمدى چوڭ ئىستىمالچى بولۇپ بېرىپ  ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ كەڭ بازىرىغا ئايلاندى . ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇنداق چوڭ بازاردىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قاتتىق ئېھتىيات قىلىدۇ. چۈنكى ئايرىلىپلا قالسا ئۇلارنىڭ نۇرغۇن مەھسۇلاتلىرى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىچىلىۋاتقان بازاردىن ئايرىلىپ قالىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ شىركەتلىرى زىيان تارتىپ ، ئىشسىزلىق نىسبىتى  يۇقىرى كۆتىرىلىپ  ، ئاشۇ دۆلەتلەرنىڭ مۇقىملىقىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ . شۇڭا ئادەم ئامىلى يەنىلا بىزنىڭ چوك بىر كوزىرىمىز بولۇپ كېلىۋاتىدۇ . گەرچە نوپۇس سانى بىزگە ئوخشاش بۇنداق كۆپ بولۇپ كەتسە تەبئى بايلىقنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن سانى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ قالسىمۇ ئەمما بۇ سان دۆلىتىمىزنىڭ خەلقارادىكى ئورنىنى نامايەن قىلىشتا يەنىلا قالتىس رولىنى ئوينىماقتا .چۈنكى بىزنىڭ دۆلىتىمىز نوپۇس سانى جەھەتە 4.5 ئامېرىكىغا  ، 12 ياپونىيەگە ، 17 گېرمانىيەگە تەڭ كېلىدۇ .بىز ئۇيغۇرلار ئۇچۈنمۇ شۇنداق . ئەگەر بىز  نوپۇس سانى جەھەتتە بۇنداق كۆپ بولمىغان بولساق خەلق پۇلىدا بىزنىڭ يېزىقىمىز بولمايتتى .ئاپتونوم رايوننىڭ ئىسمى ‹‹ئۇيغۇر ›› بىلەن ئاتالمايتتى. مەركىزىي ھۆكۈمەتتە ۋەكىلىمىز بولمايتتى ۋاھاكازالار. .
     ھۆرمەتلىك تورداشلار ، بۇ مېنىڭ  تەتىلدىكى ئاخىرقى بىر ماقالەم  بولىدۇ . كاللامدا ئويلاپ قويغان تېمىلىرىم خېلى كۆپ ،  ئەمما بۇندىن بۇندىن كېيىن ئايدا بىرەر پارچە يازالاسام چوڭ گەپ . يازغانلىرىمنىڭ قانداق بولۇشىغا ھۆكۈم قىلىپ بېرىدىغانلار يەنىلا ئوقۇرمەنلەر. مەن بۇ تەتىلدە ئەسلى باشقا مەزمۇنلاردا بىر نەرسە يېزىشنى ئويلىغان . تېمىلارنىڭ ھەممىسىنى تاللاپ بولغان ، تەييار بار ئىدى .ئەمما بىر - ئىككى پارچە يېزىپلا يازمىنىڭ ئوقۇلۇش سانىغا دىققەت قىلىدىغان بولدۇم . چۈنكى خەق ئوقۇمىغان نەرسىنى يېزىپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوقلىقىنى ھېس قىلدىم . شۇڭا كېيىنكى ماقالىنىڭ ھەممىسىدە ئاساسەن كىشىلەرنىڭ قىزىقىش - قىزىقماسلىقى ئويلىنىلدى . چۈنكى توردا ئېلان قىلىنغان ماقالە ھەپتە - ئون كۇنلەردىن كېيىن ئاساسەن كۆرۈلۈشتىن توختاپ  ،  يېڭىلىرىغا ئورۇن بېرىكەن . ژورنالدا ئېلان قىلىش بىلەن بۇ جەھەتتە زادىلا ئوخشىمايدىكەن . بىر ھېساپتا بىكار جاپا چەككەندەك بىر ئىشكەن.
    بىر نەرسە يېزىش ئاساندەك تۇرغىنى بىلەن نورمال تۇرمۇشقا خېلىلا تەسىرى بولدىغان گەپ . بۇنى داۋاملىق يېزىپ باققانلار ياخشى بىلىدۇ . چۈنكى ماقالە يېزىش بىر - ئىككى جۈملە ئىنكاس يېزىشقا ئوخشىمايدۇ . ئۇنىڭدا مەزمۇننى قانداق ئىپادىلەش ۋە قانداق تەرتىپتە ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسى بار . ژورنالغا بېرىلگەن ماقالە بىلەن تىل جەھەتتىكى پىششىقلاپ ئىشلەشتىكى پەرقنى ھېساپقا ئالمىغاندا  ئاساسەن باشقا پەرقى يوق . بۇندىن كېيىن بەلكىم ئايدا بىرەر پارچە  بىر نەرسە يازالىسام شۇنىڭ ئۆزى كۇپايە  . توردا ماقالە يېزىش ئەمەلىيەتتە ھەقسىز بەخش ئېتىش بولىدىكەن (بۇرن قىلمىغان ئىش بولغاچقا ئۇقمايدىكەنمەن ).  ئەگەر ئۆزىمىزنىلا ئويلىساق بىزدەكلەر ئەسلى تىل جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقىمىز بىلەن ئىنگىلىزچە ، خەنزۇچە تورلاردىن ئۇچۇر قوبۇل قىلىپ يۇرىۋەرسەكمۇ بولىدىغان گەپ . ئەمما مەن بىلسەم بولدىغۇ دەپلا يۇرمەي خەلقىمىزگىمۇ ئازراق بىر نەرسە تەقدىم قىلىپ تۇرۇشىمىز كېرەككەن دەپ ئويلاپ قالدىم . توغرا ،  بىزدەك كۆپ تىل بىلىدىغانلار باشقا تىلدىكى تورلارغا چىقىش ئارقىلىق كاللىمىزنى زەرەتلەپ تۇرالايمىز . ئەمما بۇنداق قىلىپلا توختاپ قالساق مېنىڭچە بۇ مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلمىغانلىق بولۇپ قالىدۇ . چۈنكى خەلقىمىز تېخى باشقا مىللەت تىلىدىكى ئۇچۇرلاردىن بىۋاستە ئۆزلەشتۇۈرشتىن كۆپ يىراقتا . شۇڭا بىز پەقەت باشقا تىللاردىكى ماتېرىياللار بىلەن مېڭىمىزنى زەرەتلەپ تۇرۇش بىلەنلا بولدى قىلماي ، يەنە  ئۇنى خەلقىمىزگە تونۇشتۇرۇپ تۇرۇشنىمۇ ئويلىشىپ قويۇشىمىز ، ئۇنى بىر خالىس ۋەزىپە  دەپ قارىشىمىز كېرەك . شۇنداق قىلىغاندا ئاندىن ئۇيغۇرچە تور بېكەتلىرىنىڭ رەڭدارلىقىنى ،  جەلپكارلىقىنى ، ئۇچۇرچانلىقىنى ئاشۇرۇپ ، ئۇنى تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ . خەلقىمىز ئۇچۈن تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلدۇرغىلى بولىدۇ . ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىشلىتىلىشىگە بىر كەڭ سەھنە ھازىرلاپ بەرگىلى بولىدۇ . ‹‹يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس ، چېڭى چىقسىمۇ دېڭى چىقماس ›› دېگەن سۆز بار . بۇنداق قىلىش ئۇچۈن كۆپچىلىك ئورتاق كۈچ چىقىرىش كېرەك . مەن كەڭ زىيالىلار قوشۇنىمىزنىڭ شۇنداق قىلىشىنى سەمىمى ئارزۇ قىلىمەن . ۋاقىتلىق بولسىمۇ خەيرى- خوش !
                  2015-يىلى 2- ئاينىڭ 23-كۈنى پۇتتى .

0

تېما

0

دوست

1947

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   94.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1069
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 598
توردىكى ۋاقتى: 108
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-28
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
سىزگە ھېچنىمە دېيىشنىڭ ئورنى يوق. مۇشۇ ئەڭ ياخشى جاۋاپ. (ھە راست ،ماقالىڭىزنى باشتىن ئاخىر تولۇق ئوقۇپ چىقتىم)
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

996

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   99.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27636
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 310
توردىكى ۋاقتى: 27
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-28
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش

标题

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   korgu تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-23 21:31  

مېنىڭچە تەقدىر مەسلىسى يەڭگىلتەكلىك بىلەن قەلەم   تەۋرىتىدىغان مەسلە ئەمەس.بۇلۇپمۇ بىلىمى يۈزەكى كىشلەر،بولمىسا بىر ئەخلەت يازما بۇلۇدۇ.

0

تېما

0

دوست

344

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   22%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34401
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 100
توردىكى ۋاقتى: 14
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-27
يەر
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
تەقدىر مەسىلىسى، ئىدىئولوگىيىلىك مەسىلە ئەمەس، پەلسەپىۋى مەسىلەمۇ ئەمەس، پىسخىلوگىيەلىك مەسىلە تېخىمۇ ئەمەس. ئۇ بىر دىنى مەسىلىدۇر. ئۇنى باشقا مەسىلىلەرگە باغلاپ چۈشەندۈرۈش دائىم مۈجىمەل، ئايىقى چىقماس يولغا باشلايدۇ.
كائىناتنىڭ ئىگىسى ئاللاھ، ئاسمان ۋە زىمىننى يارىتىش بىلەن بىرگە ماكان ۋە زاماننىمۇ ياراتقاندۇر. شۇڭا ئۇ زات ماكان ۋە زاماندىن ئۈستۈندۇر. ئەۋۋەلنى، ھازىرنى، كەلگۈسىنى بىلىدۇ.
ئىنسان، جىن ۋە باشقا بارلىق جانلىقلارنى تەقدىرى بىلەن بىللە ياراتقاندۇر.

1

تېما

0

دوست

908

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   81.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30431
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 292
توردىكى ۋاقتى: 86
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-28
5#
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ئىسلام دىننى ھەقىقىى چۈشەنگەندە ئاندىن تەقدىرنى چۈشۈنەلەيسىز بۇنى ھەقىقى چۈشۈنۈپ بولغان بولىسىڭىزمۇبۇنىى باشقىلارغا چۈشەندۈرۈش ئۇنچە ئوڭاي ئەمەس

1

تېما

22

دوست

5321

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   6.42%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26871
يازما سانى: 432
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1614
توردىكى ۋاقتى: 195
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-27
6#
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
نىمە بۇ چاچما نەسىرما؟

0

تېما

0

دوست

1501

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   50.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24196
يازما سانى: 124
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 444
توردىكى ۋاقتى: 122
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-28
7#
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
Fedaiy يوللىغان ۋاقتى  2015-2-23 21:26
تەقدىر مەسىلىسى، ئىدىئولوگىيىلىك مەسىلە ئەمەس، پەلسە ...

ھەممىنى بىر دىنغا،بىر ئاللاغا باغلاپ خۇلاسە قىلىش.كاللا ئىشلەتمەسلىكنىڭ ئەڭ ياخشى باھانىسى.

3

تېما

8

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   0.31%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18896
يازما سانى: 550
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 3176
توردىكى ۋاقتى: 709
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-27
8#
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
مەلىم ،
سىزنىڭ بىرنەرسە يازغاندا ئۆتكۈزىدىغان ئەڭ چوڭ خاتالىقىڭىزنى ئېيتىپ بىرەيمۇ ؟
سىزنىڭ باشقا يازمىللىرىڭىزدىمۇ شۇنداق ،
بۇلۇپمۇ بۇ يازمىڭىزدا كۆپرەك ئۇچرايدىكەن .
- مىنىڭ ھىس قىلىشىمچە ، مىنىڭ پەرىزىمچە ، مىنىڭ خيالىمچە . . . . . . .
دىگەندەك گەپلەرنى كۆپرەك ئىشلتىدىكەنسىز .
ماۋۇنىڭدەك تەقدىرگە مۇناسىۋەتلىك زور مەزمۇندا بىرنەرسە يازغاندا ئۇنداق گەپلەرنى ئىشلىتىش قەتئى توغرا ئەمەس .
شۇڭا بۇ نوقتىغا دىققەت قىلىشىڭىزنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمەن .
باشقىچە چۈشەنمەڭ .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )