ئۈمىد غەنى ئەپەندىم.ئۈندىدارىمدىن «ئۈمىدپاراڭلىرى 1» نى كۆردۇم، يەنە توردىن ئىزدەپ يۈرۈپ، http://315308.com/index.php?m=co ... w&catid=156&id=2535 تورىدىن «ئۈمىدپاراڭلىرى 2» نى كۆردۈم، (مەزكۇر سىن فىلىمنى يۆتكەپ كەلسەم قانۇنسىزلىق بولمىسۇن دەپ ئادرېسىنىلا قالدۇردۇم)بۇ يېڭى پروگراممىنىڭ چىقىپ، مەنىۋىيىتىمىزنى بېيىتىشقاتېگىشلىك ھەسسە قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن ۋە سىزگە شۇنداقلا بۇ پروگراممىنى ئىشلەشكە كۈچ چىقارغان بارلىق ئورگان، شىركەت، شەخسلەرگە رەخمتىمنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە («ئۈمىد پاراڭلىرى» پروگراممىسىنى تارقاتقان يۇقارقى تور بېكىتىگە بېۋاسىتە تەكلىپ پىكىر بېرىش ئىمكانىيىتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئاتايىن بۇ تېمام ئارقىلىق) سىزدىن تۆۋەندىكى سوئاللارنى سورايمەن. سىز «ئۈمىد پاراڭلىرى2» دا «مەن 20 يىل بولدى ئۇيغۇرچە كىتاب ئوقۇمىدىم... ھازىر يىلىغا ئۇيغۇرچە 2000دىن ئارتۇق كىتاپ نەشر قىلىنىدۇ، بۇنىڭ تەخمىنەن 20~30 پارچىسى تەرجىمە كىتاب.... مېنىڭچە، ئۇيغۇرلار ئۇيغۇرچە كىتابلارنى ئوقۇماسلىق كېرەك...شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر يازغۇچىلارغا بېسىم قىلىپ سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇش كېرەك...» دېدىڭىز. سوئال1 : سىز 20يىلدىن بىرى ئۇيغۇرلار يازغان كىتابلارنى ئوقۇمىغان تۇرۇپ، «...ئۇيغۇرلار ئۇيغۇرچەكىتابلارنى ئوقۇماسلىق كېرەك...» دېيىشىڭىز بەكلا چوڭ ئىلمىي خاتالىق، چۈنكى، ئۇيغۇرچە(ئۇيغۇرلار يازغان) كىتاپلارنىڭ ئەخلەت ئىكەنلىكىنى تەكشۈرمىدىڭىز ياكى تەكشۈرگەنلەرنىڭ سىزنىڭ يۇقارقى ھۆكۈمىڭىزنى ياقلايدىغان دەلىلىنى ئوتتۇرىغاقويمىدىڭىز. سوئال2 : سىز دېگەن ئۇيغۇرچەكىتابلار رومانلارنىلا كۆرسىتەمدۇ ياكى ئۇيغۇرلار يازغان بارلىق ئۇيغۇرچەكىتابلارنى كۆرسىتەمدۇ؟ مەسىلەن: يىراقنى قويۇپ يىقىنقىىنى دېگەندە، مەرھۇم ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئېمىن، ئەسئەت سۇلايمان، ئابدۇقادىر جالالىدىن ... قاتارلىقلارنىڭ كىتابلىرى ئەدەبىي كىتاب بولمىسا كېرەك. سوئال3: سىزئېيتقاندەك، « ئەدەبىيات دېگىنىمىز ئوبيىكتىپ دۇنيانىڭ يازغۇچى مېڭىسىدىكى ئىنكاسى بولماستىن، يازغۇچىنىڭ ئۆزىنىڭ قەۋرە تېشىغا يازغان خېتى» ئىكەن، سىز بۇنى «ئەدەبىيات دېگىنىمىز ئوبيىكتىپ دۇنيانىڭ يازغۇچى مېڭىسىدىكى ئىنكاسى بولماستىن، ئوبيىكتىپ دۇنيانىڭ زوردۇن سابىرنىڭ، تۇردى سامساقنىڭ كاللىسىدىكى ئىنكاسى ئىكەن» دەپ چۈشەندۈردىڭىز، زوردۇن سابىر، تۇردى سامساقلار يازغۇچى تۇرسا، «ئەدەبىيات دېگىنىمىز ئوبيىكتىپ دۇنيانىڭ يازغۇچى مېڭىسىدىكى ئىنكاسى» دېگەن جۈملە بىلەن «ئەدەبىيات دېگىنىمىز ئوبيىكتىپ دۇنيانىڭ زوردۇن سابىر مېڭىسىدىكى ئىنكاسى» دېگەن جۈملىنىڭ ماھىيەتلىك قانداق پەرقى بار؟ ئومۇملاشتۇرۇلغان «يازغۇچى» دېگەن سۆزنى كونكىرىتلاشتۇرۇلغان «زوردۇن سابىر» غىلا ئۆزگەرتىپ، ئاندىن باشتىكىسى خاتا ئىكەن،كىيىنكىسى توغرا ئىكەن دېگەن مەنتىقىنى زادىلا چۈشەنمىدىم. سوئال4: ئۇيغۇرلار ئۇيغۇريازغۇچىلار يازغان كىتابلارنى ئوقۇماماسلىق تەكلىپىڭىزنى قوبۇل قىلدۇقمۇ دەيلى، زوردۇن سابىر قاتارلىقلار ئۆز ئىدىيىسىنى يېزىق ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويىدۇ، سىزنى ئۆزئىدىيىسىنى تىل، يەنى سۆز ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويغۇچى ناتىق دەيلى (مىللىتىڭىزئەلۋەتتە ئۇيغۇر) دېمەك، ئۇيغۇر يازغۇچى بىلەن ئۇيغۇر ناتىقنىڭ پەرقى مېنىڭچەئىپادىلەش ۋاستىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىدىلا بولۇپ، مەخسىدى بىرلا، يەنى ئۆز ئىدىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش. شۇنداق ئىكەن، ئۇيغۇر يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇماسلىق تەكلىبىنى بەرگىنىڭىز، ماھىيەتتە، سىزنىڭ يۇقارقى لېكسىيەلىرىڭىزنى ۋە بۇندىنكېيىنكى لېكسىيەلىرىڭىزنىمۇ ئاڭلىماسلىق تەكلىبىنى بەرگەنلىك بىلەن تەڭ كۈچلۈك بولامدۇياكى مەن گەپ ئويناتتىممۇ؟(سىزنىڭ سۆزلىگەنلىڭىزمۇ ئەلۋەتتە ئوبيىكتىپ دۇنيانىڭ ئۈمىد غەنى كاللىسىدىكى ئىنكاسىدىن ئىبارەت). ئۈمىد غەنى ئەپەندىم،مەن «كۆڭۈلدىكى سۆز» پروگراممىسىنى بەكلا ياقتۇرىمەن، ھەر سانلىرىنى تېلىۋېزوردىن كۆرەرمىسەم، توردىن ئىزدەپ كۆرىمەن. سىزنىڭ بىلىمىڭىز مول، ئىنكاسىڭىز تىز،يۇمۇرىستىكلىقىڭىز ئۆزگىچە... يۇقارقى «ئۈمىد پاراڭلىرى» مۇ مېنىڭچە قىسمەن جايلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ياخشى چىقىپتۇ. شەخسەن مەن كۆپ نەپكە ئېرىشتىم.بۇندىن كىيىنكى قىسىملىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشى چىقىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل. ئاتاگاچىلىق قىلىپ، تۆۋەندىكىشەخسى تەكلىپ پىكىرىمنى بېرىمەن: ئوقۇتقۇچى – بىلىم ۋەتەربىيە بەرگۈچى كەسپىي خادىمدۇر، ئاندىن قالساباشقىلاردۇر، (بۇنىڭ ئىچىدە سىزمۇ بار. چۈنكى سىزمۇ لېكسىيە ئارقىلىق بىلىم ياكىتەربىيە بەردىڭىز ۋە بەرمەكچى). شۇڭا، باشقا تەربىيە بەرگۈچىلەر كەسپىي تەربىيەبەرگۈچى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ۋە زۆرۈر بولغان كەسپىي ئۇسۇلىنى قوللانمايدىكەن،چوقۇم مەسىلە كېلىپ چىقىدۇ. ئوقۇتقۇچى ھەتتاباشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا بىر سائەت دەرس بېرىش ئۈچۈنمۇ كېمىدە بىر سائەت دەرس تەييارلىقى قىلىپ، سۆزلىمەكچى بولغان دەرس مەزمۇنلىرىنى، جەريانلىرىنى دەپتەرگە تەپسىلى يېزىپ، مۈمكىن بولسا باشقا كەسپداشلىرىنىڭ ئالدىدا بىر سۆززلىۋېتىپ،گورۇپپا باشلىقىنىڭ «مۇشۇ بويىچە ئۆتۈلسە بولىدۇ» دېگەن تەستىقىنى ئېلىۋېتىپ،ئاندىن 30~50 نەپەر ئوقۇغۇچىغا بۇ مەزمۇننى يەتكۈزىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭسوراش ئىھتىماللىقى بولغان ھەر خىل سوئاللىرىغا، ۋە يەتكۈزمەكچى بولغان مەزمۇنىنىڭ ئىلمىي بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. شۇڭا، بۇندىن كېيىنكى «ئۈمىد پاراڭلىرى » نىڭ داۋامىنى مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە ئېلىپ بېرىش تەكلىپىنى بېرىمەن. رەھمەت.
|