قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1343|ئىنكاس: 32

سەنئەت تەبىئىي ۋە زۆرۈر روھىي پائالىيەت(1)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

11

تېما

0

دوست

789

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   57.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33071
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 27
تۆھپە : 268
توردىكى ۋاقتى: 25
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-1 13:12:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەنئەت تەبىئىي ۋە زۆرۈر روھىي پائالىيەت(1)

يۈسۈپجان ياسىن




  يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە سەنئەت ھەققىدە ھەر خىل پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتا، يەنى سەنئەتنى خاتا تەرىپلەيدىغان، سەنئەتكە سەل قارايدىغان، سەنئەتكە قارشى تۇرىدىغان، ھەتتا سەنئەتنىڭ مىللىي ۋە ئىجتىمائىي ھاياتتىكى رولىنى ئىنكار قىلىدىغان پىكىرلەر باش كۆتۈرمەكتە. بولۇپمۇ بۇ خىل پىكىرلەر ناخشا – ئۇسسۇل ۋە ھەيكەلتىراشلىق سەنئىتىگە بولغان قاراش مەسىلىسىدە بەكرەك ئىپادىلەنمەكتە. بۇنداق پىكىرلەر بىر قارىماققا ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ياكى ئېتىقادىنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ ئېيتىلغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ سەنئەت بىلەن ھاياتنىڭ، سەنئەت بىلەن پەننىڭ، سەنئەت بىلەن ئېتىقادنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئايدىڭلاشتۇرالمىغان، جەمئىيەتتىكى مەۋجۇت مەسىلىلەرنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنىش ۋە ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ ئىلمىي ۋە مەنىۋىي ئاساسىنى تىكلىيەلمىگەن، سەنئەتنىڭ مىللىي ئىستىقبالدىكى قۇدرىتىنى چۈشەنمىگەن بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ سەنئەتكە تۇتقان مەۋقەسىدۇر. بۇ ھالەت ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ تەپەككۇر ساھەسىدە كەسكىن پىكىر كۆرىشى پەيدا قىلغۇدەك بىر ئېقىمغا ئايلانمىغان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ئېڭىنى زىدىلەش، ئورتاق بىر مىللىي ۋە ئىجتىمائىي غايە تىكلىشىگە مەلۇم دەرىجىدە توسقۇنلۇق قىلىش رولىنى ئوينىماقتا. شۇنى ئېيتىش كېرەككى، بىر جەمئىيەت مۇپتىلا بولغان ئەڭ ئېغىر كېسەللىك ھەر نەرسىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ئورتاق بىر مەقسەتنىڭ بولماسلىقىدۇر. بىر مىللەتنىڭ مەنىۋىي قىياپىتى ئالدى بىلەن شۇ مىللەتنىڭ ئومۇمىي پىكىر سەۋىيەسىگە ۋە جەمئىيەتتىكى مەۋجۇت مودا ئېقىم چۈشەنچىسىگە باغلىق بولىدۇ. جەمئىيىتىمىزدە سەنئەت ھەققىدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان ھەر خىل قاراشلارمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى ئومۇمىي پىكىر سەۋىيەسىنىڭ بىر خىل ئىنكاسىدۇر. ئەلۋەتتە، بۇ خىل پىكىرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدا بەزى سەۋەبلەرمۇ بار. ئۇيغۇرلارنىڭ سەنئەت ساھەسىدە سەنئەت نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتى ھەققىدىكى ئىزدىنىشنىڭ ئاجىز ھالەتتە قېلىشى، سەنئەت تەتقىقاتى ۋە سەنئەت تەنقىتىنىڭ يوق دېيەرلىك بولۇشى، سەنئەت ئىجادىيىتىدە خاسلىقنىڭ ئاجىز تەقلىتچىلىكنىڭ كۈچلۈك بولۇشى، نۇرغۇن سەنئەتكارلارنىڭ سەنئەت چۈشەنچىسىنىڭ مىللىي زوق بىلەن بىرىكمىگەنلىكى، زىيالىيلارنىڭ بولۇپمۇ ھەر خىل پەن ساھەسىدىكىلەرنىڭ سەنئەتكە بولغان تەلىپىنىڭ كۈچلۈك بولماسلىقى، جەمئىيەتنىڭ سەنئەت ئۈستىدىن نازارىتىنىڭ يوقلۇقى، سەنئەت ساھەسىدىكى كۆپچىلىك كىشىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە سەل قارىشى، سەنئەتنى تاۋارغا ئايلاندۇرىۋالىدىغان ھەرىكەتلەرنىڭ كۈچىيىشى، سىرتقى مۇھىتتىن كىرگەن بەزى ئىجتىمائىي پىكىر ۋە غەيرى ئەقىدىلەرنىڭ تەسىرى قاتارلىق بىر  مۇنچە  مەسىلىلەر جەمئىيەتتە سەنئەت ھەققىدە ھەر خىل قاراشلارنىڭ مەيدانغا چىقىشىغا سەۋەب بولماقتا.
مەلۇمكى، تەقدىرى ۋە كەلگۈسى ھەققىدە ئويلىنىۋاتقان ھەر قانداق بىر مىللەت ئاۋۋال ئۆزىنىڭ مىللەتلىك سۈپىتىنى تونۇش، مىللىي ھاياتىنى يېڭىدىن يارىتىش ۋە دۇنيا بىلەن تەكشى قەدەم ئېلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلىشى، بولۇپمۇ ئۆزىنىڭ يىلتىزىنى ئىزدەش، تارىخىنى قېزىش، كۈلتۈر پاسىلىنى ئايرىش، مەدەنىيەت مەنتىقىسىنى ئېنىقلاش بىلەن بىرلىكتە، يەنە ئىلمىي  چۈشەنچە تىكلەش، ئىلغار مەدەنىيەتكە يۈزلىنىشتەك ئەقلىي ۋە ئىلمىي پائالىيەتكە مۇراجىئەت قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك. مىللىي ھاياتنىڭ ئۇلىمۇ دەل مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن قۇرۇلىدۇ. سەنئەتنى چۈشىنىش ۋە سەنئەتكە قانداق پوزىتسىيە بىلەن قاراشمۇ بىزنىڭ ئىلمىي چۈشەنچە تىكلەش ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش يولىمىزدىكى مۇھىم بىر تېما. ئەلۋەتتە، بۇ ماقالىنىڭ مەقسىتىمۇ سەنئەتنىڭ شەكىللىنىشى، ئالاھىدىلىكى، پەن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە  سەنئەتنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى رولى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىش ئارقىلىق سەنئەتتىن ھىدىرقايدىغان ياكى ئۇنىڭغا قارشى مەيداندا تۇرىدىغان كىشىلەرگە ئازراق بىر چۈشەنچە بېرىشتىن ئىبارەت.
   ئىنساندا تەبىئىي تۇيغۇ ۋە ئادەتتىكى چۈشەنچىدىن باشقا، يەنە بىر خىل گۈزەللىك تۇيغۇسى ۋە يۈكسەك تەپەككۇر بولىدۇ. سەنئەت ئىنساننىڭ ئاشۇ گۈزەللىك تۇيغۇسى ۋە يۈكسەك تەپەككۇرىنىڭ نەتىجىسى. بىر  نەرسىنىڭ ياكى بىر ھەرىكەتنىڭ گۈزەل، مۇكەممەل ۋە تەسىرلىك بىر شەكىلنى ئېلىشى سەنئەتتۇر. سەنئەت ئىنساننىڭ تەبىئەت، دۇنيا، ئىنسان، ھايات ھەققىدىكى تۇيغۇ ۋە چۈشەنچىسىنى سىزىق، يېزىق، رەڭ، شەكىل، ئاۋاز، سۆز ۋە رېتىم قاتارلىق ئامىللارنىڭ ياردىمى ئارقىلىق، گۈزەل، تەسىرلىك بىر شەكىلدە ۋە خۇسۇسىي بىر ئۇسلۇبتا ئىپادە قىلىشىدىن پەيدا بولغان بىر روھىي پائالىيەت. شۇڭا، ھەر قانداق بىر سەنئەت ئەسىرى ئىنساننىڭ تۇيغۇسىغا خىتاب قىلىدۇ. ئۇ يىگانە بولىدۇ، ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان يەنە بىر خىل ئەسەرنى تاپقىلى بولمايدۇ.
   سەنئەت ئىنسان ئۈچۈن بىر خىل ئېھتىياج. يەنە كېلىپ بۇ ئىنسان ئۈچۈن ھەم تەبىئىي ھەم زۆرۈر بولغان بىر ئېھتىياج. شۇ سەۋەبلىك، ئىنسان سەنئەتسىز ياشىيالمايدۇ، سەنئەتسىز جەمئىيەتمۇ ئالغا باسمايدۇ ۋە مەدەنىيەتلىك جەمئىيەت ھېسابلانمايدۇ. بۇ جەھەتتە 1981 – يىلى ب د ت تەرىپىدىن ‹‹ئىنسانىيەت ئۈچۈن غۇرۇر ۋە شەرەپنىڭ سىمۋولى›› دېگەن نام بىلەن خاتىرىلەنگەن مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ سەنئەت ھەققىدە دېگەن سۆزلىرىنى تىلغا ئېلىش كۇپايە. ئاتاتۈرك مۇنداق دېگەن : ‹‹بىر مىللەت سەنئەتكە ئەھمىيەت بەرمىگەندە زور ئاپەتكە مەھكۇم بولىدۇ››، ‹‹بىر مىللەت سەنئەت ۋە سەنئەتكاردىن مەھرۇم بولسا مۇكەممەل بىر ھاياتقا ئىگە بولالمايدۇ››، ‹‹سەنئەتسىز قالغان مىللەتنىڭ ھاياتلىق تومۇرىدىن بىرى ئۈزۈلگەن بولىدۇ››، ‹‹بىر مىللەت رەسىم سىزمىسا، بىر مىللەت ھەيكەل ياسىمىسا، بىر مىللەت پەننىڭ زۆرۈر نەرسىلىرىنى ياراتمىسا، ئېتىراپ قىلىش كېرەككى، شۇ مىللەتنىڭ تەرەققىيات يولىدا ئورنى يوقتۇر.›› ئىنسانىيەت ھازىر غەرب مەدەنىيىتى دەۋرىدە ياشاۋاتىدۇ. غەرب مەدەنىيىتىنى ياراتقان ئامىل بولسا 14~16- ئەسىرلەردە ياۋروپادا مەيدانغا كەلگەن ۋە ھاياتنىڭ ھەر ساھەسىدە زور ئۆزگىرىش ياسىغان رۆنېسانىس ھەرىكىتىدۇر. بۇ ھەرىكەت دەل سەنئەتتىن باشلانغان. شۇڭا، بۇ ھەرىكەت يەنە ‹‹سەنئەتنىڭ تىرىلىشى›› دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مانا بۇ سەنئەتنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتتىكى رولىنى چۈشىنىشتە ئەڭ ياخشى بىر مىسال. شۇنى ئۇنۇتماسلىق كېرەككى، سەنئەت ۋە ئۇنىڭ رولى ھەققىدە گەپ قىلغاندا، ئۇنى ھەرگىزمۇ ئىلىم - پەن، ئىقتىساد، تېخنىكا، ھەربىي كۈچ ۋە سىياسەت قاتارلىق ئامىللار بىلەن بىر قاتارغا قويۇپ باھالاشقا بولمايدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ سەنئەتنىڭ ۋەزىپىسى مەۋجۇت ھالەتنى ئۆزگەرتىش ئەمەس. سەنئەت ئىنسانغا مەلۇم بىر نەرسىنى ئۆگىتىشنى ياكى مەلۇم بىر نەرسىگە ئېنىقلىما بېرىشنى مەقسەت قىلمايدۇ. سەنئەت ئىنسانغا پەقەت سەزدۈرۈش، ھېس قىلدۇرۇش، تۇيدۇرۇش، ئەسلىتىش، چاقىرىق قىلىش ئارقىلىق ئىنساننى مۇشۇ ئامىللارنىڭ دائىرىسىدە ئويلاندۇرىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئىنساننىڭ روھىنى ئويغىتىپ، ۋۇجۇدىنى جانلاندۇرۇپ، تەپەككۇرىنى قوزغايدۇ. باشقا ساھەلەردىكى ئىزدىنىش، يېڭىلىق، ئىسلاھات ۋە ئىنقىلاپلار سەنئەتنىڭ غىدىقلىشى، ئىلھامى ۋە قوزغىتىشى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇنىڭدىن مەلۇمكى، بىر مىللەتنىڭ ئويغىنىشى ۋە كۈچىيىشىدە تۇنجى قەدەم سەنئەتتىن باشلىنىدۇ.     
   سەنئەت ئىنسان ئۈچۈن مەۋجۇتلۇق شەرتلىرىدىن بىرى. ئىنسان بار يەردە چوقۇم سەنئەت بولىدۇ. ئىنسان تەبىئەت دۇنياسىدا ھەر خىل رەڭ، شەكىل، ئاۋاز، تاش، قۇم، سۇ ۋە باشقا تەبىئەت ھادىسلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىدۇ. ئىنسان مۇشۇ مەۋجۇتلۇقلارنى ۋە تەبىئەت ھادىسلىرىنى كۆزىتىش، تەھلىل ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بۇلارغا ئۆز ئېھتىياجى بويىچە شەكىل بېرىدۇ. سەنئەت سەنئەتكارنىڭ تەبىئەتكە ۋە ھاياتقا يېڭى تەرتىپ ۋە يېڭى شەكىل بېرىش ئىستىكىدە ئوتتۇرىغا چىققان. شۇ سەۋەبلىك، سەنئەتنى ئىنساننىڭ ئۆزىنى ئىپادىلەش شەكىللىرىدىن بىرى دەيمىز. ئەگەر سەنئەتكار بولمىسا سەنئەتمۇ بولمايدۇ. سەنئەتكار باشقىلارنىڭ تۇيغان، ھېس قىلغان، كۆرگەن ۋە ئويلىغانلىرىنى ئۇلاردىن پەرقلىق بىر شەكىلدە تۇيغان، ھېس قىلغان، كۆرگەن، ئويلىغان ۋە ئۇنىڭغا يەنە ئۆزىنىڭ زوقى ۋە چۈشەنچىسىنى قوشۇش ئارقىلىق ئۇنى پەرقلىق بىر شەكىلدە ئەكس ئەتتۈرگەن كىشىدۇر. شۇڭا، سەنئەتكار ئىدراكى تەرەققىي قىلغان كىشى دەپ قارىلىدۇ. مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ ‹‹ئەپەندىلەر، ھەممىڭلار مىللەت ۋەكىلى بولالايسىلەر، مىنىستىر بولالايسىلەر، ھەتتا جۇمھۇررەئىس بولالايسىلەر، لېكىن سەنئەتكار بولالمايسىلەر›› دېگەن سۆزى دەل مۇشۇ مەنىدە ئېيتىلغان. دېمەك، سەنئەتكار بىر ئىجادكاردۇر. ئۇ ئاددىيلا بىر ئىنسان ئەمەس، بەلكى يۈكسەك خاراكتېرگە ئىگە بىر شەخس. ئۇ ئاخىرىلاشماس بىر يولنىڭ پىدايى يولۇچىسى. ئەلۋەتتە، بۇ يولنىڭ ئېگىز-پەس، تار ۋە تىكەنلىك يەرلىرىمۇ بار. سەنئەتكارنىڭ بۈيۈكلۈك دەرىجىسى بۇ يولنى قانچىلىك باسقانلىقىغا باغلىق.   
   ئۇيغۇر تىلىدىكى ‹‹سەنئەت›› سۆزى ئەرەبچىدىن كىرگەن سۆز بولۇپ، ئەسلى مەنىسى ‹‹ھۈنەر››، ‹‹كەسپ››، ‹‹ئۇستىلىق››، ‹‹ماھارەت›› دېگەنلىك بولىدۇ. ئىلمىي ئوقۇم بويىچە ئېيتقاندا، ھازىر دۇنيادا ‹‹سەنئەت›› دېگەندە كۆزدە تۇتۇلىدىغىنى ‹‹گۈزەللىك›› دېگەن مەنىدۇر. ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلاردىمۇ مۇشۇ ئۇقۇم ئومۇملىشىشى كېرەك.  ‹‹قۇرئان كەرىم››دە ئاللاھ بۈيۈك بىر سەنئەتكار سۈپىتىدە تەرىپلىنىش بىلەن بىللە، يەنە ئاللانىڭ كائىناتنى ۋە كائىناتنىڭ ئەڭ كىچىك بىرلىكى بولغان ئىنساننى ‹‹ئۈستۈن ئىقتىدارغا ئىگە›› قىلىپ ‹‹ئەڭ گۈزەل شەكىلدە›› ياراتقانلىقى سۆزلىنىدۇ. ‹‹ئاللاھ گۈزەلدۇر، گۈزەللىكنى سۆيىدۇ››، ‹‹ئاللاھ  سەنئەتنى ۋە سەنئەت مەشغۇلاتىدا ماھارەتلىك بولغانلارنى ياخشى كۆرىدۇ›› دېگەن ھەدىسمۇ مۇسۇلمانلاردا  گۈزەللىكنىڭ، يەنى سەنئەت پائالىيىتىنىڭ جانلىنىشىغا يول كۆرسەتكەن. بۇنىڭدىن مەلۇمكى، ئىسلام دىنىدا سەنئەتكە قارشى تۇرىدىغان بۇيرۇق يوق. سەنئەت كەڭ دائىرىلىك بىر ئۇقۇم، ئۇنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ساھەلىرىمۇ كۆپ. سەنئەت سەنئەتكارنىڭ قوللانغان ماتېرىيالىغا قاراپ ‹‹ئاۋازلىق سەنئەت››(ئەدەبىيات، ناخشا-مۇزىكا)، ‹‹تەسۋىرىي سەنئەت›› (بىناكارلىق، ھەيكەلتىراشلىق، رەسساملىق، خەتتاتلىق قاتارلىق)، ‹‹دىراماتىك سەنئەت›› (تىياتىر، ئۇسسۇل، تاڭسا، كىنو، بالېت، ئوپېرا قاتارلىق) دېگەن ئۈچ چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. ئاۋازلىق سەنئەتنىڭ ماتېرىيالى تىل ۋە ئاۋاز، تەسۋىرىي سەنئەتنىڭ ماتېرىيالى ماددا، دىراماتىك سەنئەتنىڭ ماتېرىيالى بولسا ھەرىكەتتۇر. ئىنسان تەپەككۇر، ھەرىكەت، ئىجادىيەت ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان، شۇنىڭدەك ئېتىقاد، ئىستەك ۋە غايىسى بار بىر بىيولوگىيەلىك ۋە پىسخولوگىيەلىك جانلىق بولغاچقا، تەبىئىي مەۋجۇتلۇقلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ۋە تەبىئەت دۇنياسىدىكى تەرتىپ-قانۇنىيەتنى ئۆگىنىش ۋە چۈشىنىشنى خالايدۇ. نەتىجىدە ئىنسان تەبىئەت دۇنياسىدىكى ماددا ۋە ھادىسلەرنى كۆزىتىش، تەھلىل قىلىش ۋە تەجىرىبىدىن ئۆتكۈزۈش  ئارقىلىق ئومۇمىي جەھەتتىن كۈچكە ئىگە بولغان بىر يۈرۈش پىرىنسىپلارنى ياراتقان. بۇ پائالىيەتلەر تۈرلۈك پەنلەرنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن. مانا شۇ پەن بىلەن سەنئەت ئوتتۇرىسىدا مۇنداق پەرق بار:
1- سەنئەت جانلاندۇرۇش، پەن ئېنىقلىما بېرىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. پەن تامامەن ھەقىقىي ۋە ئوبيېكتىپ بولىدۇ، سەنئەت بولسا خىيالىي ۋە سۇبيېكتىپ بولىدۇ.
2- پەن كونكرېت ھەقىقەتلەرنى ئابىستراكت فورمۇلا، نەزەرىيە ۋە قانۇنىيەت ئارقىلىق چۈشەندۈرىدۇ. سەنئەت بولسا ئابىستراكت تۇيغۇ ۋە چۈشەنچىلەرنى كونكرېت ھالدا ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
3- پەن ئەھلى توغرا نەتىجىگە ئېرىشىشنى مەقسەت قىلىدۇ. تەبىئەت دۇنياسى ھەققىدىكى بارلىق پائالىيىتىنى مۇشۇ مەقسەتتە ئېلىپ بارىدۇ. سەنئەتكار بولسا تەبىئەتتىكى مەۋجۇتلۇقتىن تەسىرلىنىپ گۈزەللىك يارىتىدۇ. يەنى پەندە توغرىلۇق، سەنئەتتە گۈزەللىك مەقسەت قىلىنىدۇ.
4- پەن ئومۇمەن توغرا نەتىجىلەرگە ۋە سىستېمىلىق تەجرىبىلەرگە تايانغان زىھنىي پائالىيەتلەرنىڭ تامامىنى تەشكىل قىلىدۇ. سەنئەت ئىنساننىڭ بۇ ئوبيېكتىپ ھەقىقەتلەر بىلەن بولغان ئېستېتىكىلىق ئالاقىسىدۇر.
5- پەن شەيئىلەرنىڭ سەۋەبلىرىنى چۈشەندۈرىدۇ، سەنئەت بولسا ئۇلارنىڭ شەكلىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
6- پەن ئومۇمىي بولىدۇ، كىشىنىڭ ئىرادىسى بويىچە ئۆزگەرمەيدىغان ھەقىقەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. سەنئەت خۇسۇسىي بولىدۇ، شەخسنىڭ تۇيغۇ ۋە خىياللىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.
7- پەن تەنگە، سەنئەت روھقا خىتاب قىلىدۇ. ئىنسان ماددىي ئېھتىياجلىرىنى قامداش جەرىيانىدا پەندىن كۆپ پايدىلىنىدۇ. روھىي دۇنياسىدىكى تەشنالىقنى بولسا سەنئەت ئارقىلىق قامدايدۇ.
8- پەن سەزگۈ ئەزالىرى ئارقىلىق ئېرىشىلگەن ھەقىقەتلەرنى مەركەز قىلىدۇ. تۇيغۇ، خىيال، قورقونچ ۋە ئېتىقاد قاتارلىقلار سەنئەتكە چېتىلىدۇ.
9- پەننىڭ ئىجتىمائىيلىقى سەنئەتتىن كۆپ بولىدۇ. ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ داۋاملىشىشىدا پەنگە بولغان ئېھتىياج سەنئەتكە بولغان ئېھتىياجدىن كۈچلۈك بولىدۇ.
   بۇنىڭدىن مەلۇمكى، پەن ‹‹ئومۇمىي تېمىلار›› بىلەن مەشغۇل بولىدۇ، تەجرىبە، تەتقىقات ۋە ستاتىستىكىلىق پاكىتلارغا تايىنىپ، ھەر ۋاقىت ۋە ھەر يەردە كۈچكە ئىگە بولغان پىرىنسىپلارنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، ئۆگىتىشنى ۋە بىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. سەنئەت ماكان ۋە زامانغا قاراپ ئۆزگىرىدىغان ‹‹خۇسۇسىي تېمىلار››نى سەزدۈرۈش ۋە تۇيدۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن قولغا ئالىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۆزگۈرىۋاتقان نەرسىلەرنىڭ ئارقىسىدىكى ئۆزگەرمەي داۋاملىشىدىغان   مۇھەببەت، ئۆلۈم، جۇدالىق، سېغىنىش، ھايات سۆيگۈسى قاتارلىق ئالەمشۇمۇل بولغان قىممەت سىستېمىسىنى تېما قىلىدۇ. سەنئەتنى ياشاتقان نەرسىمۇ دەل مۇشۇ ئۆزگەرمەس، ئىزچىل داۋام قىلىدىغان قىممەت سىستېمىسىغا تايانغانلىقى، ياخشىلىقنى تېخىمۇ مۇھىمى گۈزەللىكنى مەقسەت قىلغانلىقىدۇر. سەنئەت ئەسەرلىرىدە ئومۇمەن ئوخشاش تېمىلار تەسۋىرلەنسىمۇ، ھەر بىر سەنئەت ئەسىرىنىڭ پەرقلىق بىر ئىپادىلەش شەكلى بولىدۇ. شۇڭا، سەنئەتنىڭ ئەڭ مۇھىم خۇسۇسىيىتى گۈزەللىك، تەسىرچانلىق، خاسلىق، دېداكتىكىلىق، ئالەمشۇمۇللۇق ۋە ئىجادىيىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت، دېيىلىدۇ.
داۋامى بار.

(مەنبەسى : ‹‹ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى››، 2014-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى سانى)

0

تېما

1

دوست

2158

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   5.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25524
يازما سانى: 175
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 646
توردىكى ۋاقتى: 74
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-1 14:24:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ كىچىك ئالمام ... ...
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

12

تېما

0

دوست

1060

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11234
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 29
تۆھپە : 306
توردىكى ۋاقتى: 37
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-1 15:13:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alipoguz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-1 15:26  

  ھەرخىل سەنئەت تۇرلىرىنىڭ تەرقىياتنى قولاش كېرەك . ياۋرپا ئاقارتىش ھەركىتىدا ئەدىپلەرنىڭ رولى زور بولغان ،سەنئەتنىڭ رولىنى سەل چاغلاشقا بولمايدۇ ،كىمدۇ بىر <<سەنئەت بىزنىڭ قانداق ياشاۋاتقانلىقىىزنى ئەمەس بەلكى قانداق يېششمىز كېرەكلىكىنى دەپ بېرشى كېرەك>>دەپ ئېيىتىپتىكەن ...مەن <<سەنئەت ئۈچۈن سەنئەت >>دىگۈچىلەرنى ئويلسام بىھارام بولىمەن ، سەنئەتنىڭ  ئىجتىما  رولىنى ، كىشلەرگە ئاتا قىلغان گۈزەلكىنى قولاش كېرەك ...

10

تېما

15

دوست

8495

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   69.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15861
يازما سانى: 848
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 69
تۆھپە : 2526
توردىكى ۋاقتى: 641
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-1 16:23:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى  قوغداش  ،مىللەتلەرنىڭ  ئەبەدى  ئەمىنلىكى  ئۈچۈن ...ئۆلۈملەرنىمۇ  ناغرا  سۇناي .. داقا  دۇمباق ... ئۇسۇل  مەشرەپ....لەر  بىلەن  ئۇزۇتىشىمىز  كىرەك.

0

تېما

0

دوست

1351

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   35.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32503
يازما سانى: 115
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 412
توردىكى ۋاقتى: 81
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-1 16:30:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ناخشا  مۇزىكىنى  ياخشى  كورىمەن،بىراق  باللىرىمغا  تەشەببۇس قىلمايمەن،ئۇلارنى  ئىلىم-پەن  بىلىملىرنى  تىرشىپ  ئوگۇنۇشكە  رىغبەتلەندۇرمەن،چۇنكى  پەن-تېخنىكىلا  بىر مىللەتنى  دۇنياغا  تۇنۇتالايدۇ،خۇددى  ياپۇنلاردەك،،،،  چەكتىن  ئاشقان  ناخشا ئۇسۇل  بىر مىللەتنى  سىگانلارغا  ئوخشاش  قىلىپ  قۇيدۇ،  بۇ  پەقەت  مىنىڭ  شەخسى   كوز  قارىشىم.

8

تېما

0

دوست

4527

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   84.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8179
يازما سانى: 193
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 794
تۆھپە : 845
توردىكى ۋاقتى: 353
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-1 16:37:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aptap تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-1 18:02  

ياخشى

0

تېما

0

دوست

1351

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   35.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32503
يازما سانى: 115
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 412
توردىكى ۋاقتى: 81
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-1 17:01:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتاپ  ؛  بۇنداق  چېچىلماڭ  ئىلمى  بۇلۇڭ،  بەك  چېچىلسىڭىز  سەۋدا  بۇلۇپ  قالسىز.

17

تېما

28

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.71%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 1541
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 4354
توردىكى ۋاقتى: 1730
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-1 18:32:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوللايمىز، ئەتىگەنگە تاپسا چۈشنىڭ غىمىنى قىلىپ بۇلالمايۋاتقان خەلقىمىزگە ئىيىغا كۆپ بولمىسىمۇ بىرە مىڭ يۈەندىن بېرىپ ناخشا ئېيتىشنى، ئۇسول ئويناشنى ئۈگىتىپ 10 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم بىر ۋاقىتتا ئۇسول ئويناش دۇنيا جىنىس رىكوتى، ئون مىليوندىن ئارتۇق ئادەم بىر ۋاقىتتا ناخشا ئېيتىپ ۋەتەننى كۆيلەش دۇنيا جىنىس رىكوتلېرىنى قولغا كەلتۈرۈشكە يولباش بۇلىشىڭىزغا قاتتىق ھاياجان بىلەن تىلەكداشمەن!...
شۇنداق قىلالامسىز؟...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )