تىل سۆزلەردىن تەشكىل تاپىدۇ . ھەر بىر سۆزنىڭ ئۆزىگە خاس مەزمۇنى ۋە تارىخى بولىدۇ .شۇڭلاشقا مەلۈم سۆزنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئۆز ئىچىگە ئالغان مەنە قاتلىمىنى تەپسىلى يېشىپ بېرىش ئۈچۈن تالاي ئەسەرلەرنى يېزىشقا توغرا كېلىدۇ ،چۈنكى بىر سۆز مەلۇم دائىردە ، شۇ مىللەتنىڭ ئۇزاق ئەسىرلىك ھاياتلىق تەجىرىبىللىرىنى ئۆزىگە جەملىگەن بولىدۇ .شۇڭلاشقا بىر مىللەت تىلىنىڭ ئايرىم بىر تىل بولۇپ شەكىللىنىشى تاسادىپىي ھادىسە بولماستىن ، ئۇ ئۇزاق تارىخىيلىققا ئىگە بولغان بىر جەريان .بۇ ئۇزاق جەرياننى كۆزدە تۇتقاندا . بىر مىللەت تىلىنىڭ يوقۇلىشى شۇ مىللەتنىڭ تارىخى سەھنىسىدىن ئەبىدى يۈتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ . چۈنكى تىل بىر مىللەتنى باشقا بىر مىللەتتىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان بەلگە بولۇپ قالماستىن ، ئۇ يەنە بىر مىللەتنىڭ روھىدۇر . بىزنىڭ روھىمىز بولغان ئانا تىلىمىز ئۆزىنىڭ رەڭدارلىقى ، نەپىسلىكى ، ئىپادىلىگەن مەزمۇنىنىڭ موللىقى بىلەن دۇنيادىكى ھەرقانداق تىللاردىن قېلىشمايدۇ .ئەمەلىيەتتە دۇنيادا ناچار تىل مەۋجۇت ئەمەس . تىللار پەقەت ئىشلىتىلىش دائىرسىگە قاراپ ئائىلە تىلى ، رايون تىلى ،دۆلەت تىلى ، دۇنيا تىلى ...قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ .تىللار ھېچقاچان ناچار تىل ، ياخشى تىل دەپ تۈرلەرگە ئايرىغان ئەمەس .ناۋادا بىرەرسى تىللارنى ناچار ۋە ياخشى دەپ تۈرگە ئايرىسا ، ئۇ ھالدا ئۇ كىشى دۇنيادىكى ئەڭ ئەقىلسىز كىشىنىڭ بىر بولۇپ قالغان بولىدۇ .ئەجداتلىرىمىز ئۇزاق ئەسەرلەردىن بۇيان ئانا تىلىمىزنىڭ ساپلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ئىزىتىنى ساقلاپ كەلدى .لېكىن ،ھازىر بىز ئانا تىلىمىزنىڭ ساپلىقىدىن ئاستا ـ ئاستا يىراقلىشىۋاتىمىز .بىز ئەلشىر نەۋائى ياشغان دەۋىرلەردىكى تىل مۇھىتىنى قويۇپ تۇرۇپ ،18 ۋە 19 ئەسىرلەردىكى تىل مۇھىتىمىز بىلەن ھازىرقى تىل مۇھىتمىزنى سېلشتۇرۇپ كۆرسەك ، تىل پەرقىنىڭ نەقەدەر زور ئىكەنلىكىنى بايقايمىز . ھازىر بىز ئۇ دەۋرلەردىكى ئەدىبلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرنى لۇغەت بولىسا چۈشىنەلمەيدىغان ھالغا كېلىپ قالدۇق .بۇ نېمە ئۈچۈن ؟ بۇنى ئۆزىمىزدىن كۆرسەك بولىدۇ . بىز ئۈزلۈكسىز ئەجدادلىرىمىزدىن مىراس قالغان نەپىس ۋە مول ئىپادىلەش كۈچىگە ئىگە بىر قىسىم سۆزلەرنى ئىشلىتىشنى يىنىكلىك بىلەن تەرك ئېتىپ ، ئۇنىڭ ئورنىغا يات تىللاردىكى سۆزلەرنى قوبۇل قىلىۋەردۇق . نەتىجىدە تىلىمىز تېخمۇ قوپاللىشىپ ،ئارىمىزدىكى مېھىر ـ مۇھەببەت ، ۋاپا ـ دىيانەت كىشىنى چۆچۈتكىدەك دەرىجىدە سۇسلىشىپ كەتتى .تىلىمىز ساپ تىلغا ئەمەس ئەبجەش تىلغا قاراپ تەرققىي قىلماقتا . تۇرمۇشىمىزدا ھازىر: لازا ، سەي ، لابا ،جوزا ،داشۆ ، ۋاڭبا ...جوزا قاتارلىق نۇرغۇنلىغان يات تىللارنى ئىشلىتىش ئادەتكە ئايلىنىپ كەتتى .بىز مۇشۇنداق تىلىمىزغا سەل قارىساق ،ئەدىبلىرىمىز يازغان كىتاپلارنى كەلگۈسى ئەۋلادلار ئوقۇش ئۈچۈن لۇغەتكە مۇراجەت قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ . بىز تىلىمىزدىكى سۆزلەرنى قازماي ، شەرقتىن ۋە غەرپتىن كەلگەن سۆزلەرنى ئورتاق تىلىمىزغا بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ ، ئۇنى ئانا تىلىمىزنىڭ ئورنىغا قارسىغا دەسسىتىۋاتىمىز.ئوتتۇرا ئاسىيا ئويغۇنۇش دەۋرنىڭ بۈيۈك مۇتەپەككۇرى ۋە گۇمانىزمچى شائىر ئەلشىر نەۋائى ئۆزىنىڭ يالغۇزلىقىغا قارىماي، شۇ دەۋىرلەردە ئانا تىلىمىزنى قوغداش يولىدا دادىللىق بىلەن كۈرۈش ئېلىپ باردى . ئۇ تۈرۈك تىلنىڭ پارس تىلىدىن قېلىشمايدىغانلىقىنى دەۋرداشلىرىغا جاكارلاش بىلەن توختاپ قالماي ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئانا تىلىدى ئىجادىيەت ئېلىپ باردى . ئۇ بۇ ئارقىلىق ئانا تىلىغا بولغان چەكسىز سۆيگۈسىنى ئىپادىلىدى . ئۇ ئۆز ئەمىلىيتى ئارقىلىق تۈرۈك تىلىنى تىرىلدۈرۈش ھەركىتىنى ئېلىپ باردى . بىز كەلگۈسىدە ئەلشىر نەۋائىيدەك ئانا تىلىمىزنى قوغداش ھەركىتىنى ئېلىپ بارالامدۇق ياكى بارالمامدۇق بۇنى بىزنىڭ ئانا تىلغا بولغان سۆيگۈمىز بىلەن ۋاقىت بەلگىلەيدۇ .ھېكايەت : مەن ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا مەلۇم ئىش بىلەن چىگىر شەھەر ئالاتوۋغا بېرىپ بىر مېھمانخانىغا چۈشتۈم . كەچكى ناشتا ۋاقتىدا ، قازاقىستانلىق بىر قازاق يىگىت ئۆزنىڭ نېمە تاماق بۇيرۇتىدىغانلىقىنى كۈتكۈچىلەرگە چۈشەندۈرۈپ قويىشىمنى ئۆتۈندى . مەن قوشۇلغانلىقىمنى بىلدۈرۈپ ئۇنىڭدىن :‹‹ نېمە تاماق بۇيرۇتىسىز ؟ ›› دەپ سۆرىدىم ، ئۇ : ‹‹ كارتۇچكا بىلەن كالا گۆشىدە ئېتىلگەن تاماق .›› دېدى . مەن شۇنچە تىرىشىپمۇ ئۇنىڭ ‹‹كارتۇچكا ›› دېگەن سۆزىنى زادى چۈشۈنەلمىدىم .مەن ئۇنىڭدىن :‹‹ ياڭيۇ بىلەن ئېتىلگەن تاماقمۇ ؟››دەپ سورىدىم ، ئۇ :‹‹ياق ، ھېلىقى يەردىن قېزىلىدىغان نەرسە ...›› دەپ ھەركىتى بىلەن كۆرسەتتى . مەن ئۇنىڭغا لوبو ، بەيسەي ، خۇڭشۇ ، سەۋزە ...قاتارلىق نۇرغۇنلىغان كۆكتاتلارنىڭ ئىسىمنى بىرمۇ ـ بىر ئاتىغان بولساممۇ ئۇلار ئەمەس بولۇپ چىقتى . دەل شۇ چاغدا بىر خەنزۇ تەرجىمان مەسىلىنى ھەل قىلىپ بەردى .مەن تەرجىماندىن ‹‹ كارتۇچكا ›› دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى سۆرىدىم ،ئۇ دەل ياڭيۇ بولۇپ چىقتى . ئىككىمىزنىڭ تىلى ئالتاي تىل سېستىمىسىدىكى مىللەت تۇراپ، نېمە ئۈچۈن تەرجىمان كېرەك قىلدىغان ھالغا كېلىپ قالدۇق ؟ بۇ يەردە يات تىللار ھەل قىلغۇچ رول ئويناپ ، بىر ـ بىرىمىزنىڭ سۆزىنى چۇشىنەلمەسلىككە سەۋەب بولدى . بىز يات تىلنى ئۆزىمىزنىڭ ئورتاق تىلىغا ئەككىرىۋەرسەك ، يۇقىرقىغا ئوخشىغان كۈلكىلىك ۋەقەلەر كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىز ئارسىدا تېخمۇ ئەۋجىب كېتىدۇ .خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا ، بىر مىللەتنىڭ تىلىنىڭ يوقۇلىشى شۇ مىللەت روھىنىڭ ئۆلۈشىدۇر . |