قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 664|ئىنكاس: 3

ئۇيغۇرلاردىكى قوشنىدارچىلىق يوقاپ كېتەرمۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

4

دوست

776

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   55.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33131
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 260
توردىكى ۋاقتى: 32
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-1 19:15:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرلاردىكى قوشنىدارچىلىق يوقاپ كېتەرمۇ
ئەخمەتجان ئابلىز
   ھەممىزگە مەلۇم مەملىكىتىمىز چوڭ ئائىلىسىدىكى باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاشلا ئۇيغۇرلارمۇ ئۆزىگە خاس تارىخىي ،ئېتىنكىلىق ئومۇملۇققا ئىگە قەدىمىي مىللەت. ئۇلارنىڭمۇ ئۆزىگە خاس مەدەنىيىتى،ئۆرپ-ئادىتى ،دىنىي ئىتقادىي ،ئەدەبىيات –سەنئىتى قاتارلىقلار بار.ئۇلار ئۇزاق ئەسرلىك تارىخي تەرەققىيات جەريانىدا  ئىنسانلار مەدەنىيىىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قۇشۇپ ئىلغار مىللەتلەر قاتاردىن ئورۇن ئالغان.لىكىن بۈگۈنكى دەۋىرگە كەلگەندە ،زاماننىڭ تەرەققىياتى، مەدەنىيەتنىڭ يېڭلىشى ،ئىنسانلار جەمىيىتنىڭ   ئۆزگىرىشى قاتارلىقلار ئۇيغۇرلارنىڭ نەچچە مىڭ يىللاردىن بىرى داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان ئۆرپ-ئادەتلىرىدە ئۇنتۇلۇش،ئۆزگىرىش يۈز بىرىپ ،باشقىچە بىر ئۆرپ-ئادەتلەرنىڭ  ئاسارەت چاڭگىلسىغا چۈشۈپ قالدى.جۈملىدىن ئۇيغۇرلاردىكى قوشنادارچىلىق مەدەنىيىتى بۇنىڭ تىپىك مىسالى دىيشىگە بولىدۇ.ئۇيغۇرلار قەدىمدىن تارتىپ قوشنادارچلىققا كۆڭۈل بولۇپ كەلگەن.لىكىن ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە قوشنادارچلىق بارغانسرى يۇقىلىش گىردابىغا بىرىپ قالماقتا.بۇ ھەقتە مىنىڭ  ئاڭلىغان ۋە كۆرگەنلىرىم بۇ رىئاللىقنىڭ بىر كارتىنسى بولالايدۇ دەپ قارايمەن.
   بىر نەچچە يىل  ئىلگىرى شەھەرلىك بىر دوستۇم بىلەن بىللە بولغان ۋاقىتىمىدا ئۇ ماڭا مۇنداق بىر ۋەقەنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى.دوستۇمنىڭ ئېيىتىشچە،ئۇ شەھەردىكى مەلۇم ئولتۇراق رايۇندىن بىر ئۆي سېتىۋالغان بولۇپ،بۇئۆيگە كۆچۈپ كىرگىلىمۇ بەش-ئالتە يىل بولۇپ قاپتۇ. بۇ جەريانىدابىر كورپۇستا ئولتۇرغانلار بىلەن كۈندە دىگۈدەك بىر ئشىكىدىن كىرىپ- چىقسىمۇ لىكىن ئۇلارنىڭ ئىسىم –فامىلىسى ،قەيەردە،قانداق كەسىپ بىلەن شۇغۇللىندىغانلىقىنى تاھازىرغىچە بىلمەي كەپتۇ.پەقەت  ئۇدۇل قوشنىسى بىلەنلا دۇقۇرۇشۇپ قالغان كۈنلەردە زۆرۇرىيەت يۈزسىدىن سالام –سائەت قىلىپ كىلۋاتقانلىقىنى ئېيىتىپ،شەھەردىكى بۇ غەلىتىلىك تۇرمۇشتىن  بىزار بولۇپ  ،ئاشۇ سەھرادىكى قوشنادارچىلىقىنى بەكمۇ سېغىىپ قالغانلىقىنى ئېيىتقان ئىدى. بۇ گەپنى ئاڭلاپ دەسلەپىدە ئۇنىڭ دېگەنلىرىگە ئىشەنمەيلا قالغان ئىدىم.‹‹ھەركىم بېشىغا كەلگەندە بىلەر››دېگەندەك بېشىمغا كەلگەندە تۇنۇشۇمنىڭ دىگەنلىرىنىڭ ھەققىي راسىتلىققا ئىشەندىم. مەنمۇ بۇ يىل خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن ناھيىنىڭ مەلۇم ئولتۇراق رايۇندىن بىر يۇرۇش ئۆي سېتىۋالغان ئىدىم.مەن سېتىۋالغان بىنادا ئۈچ كورپۇس بولۇپ 24ئائىلە ئولتۇراتتى.بىزنىڭ 1-كورپۇستا سەككىز ئائىلە ئولتۇراتتۇق. باشتا مەن كىملەر مىنىڭ قوشنام بولغاندۇ دەپ ھەربىر قەۋەتلەرنى بېسىپ ئۆتكەندە ئىشكىلەرگە سەپسېلىپ،قوشنالىرىم بىلەن تۇنۇشۇش ئىسىتىكى توغۇلغان ئىدى.ئەپسۇس،مىڭ ئەپسۇس،بۇ ئارزۇ-ئارمانلىرىم توزغاقتەكلا تۇزۇپ كەتتى.ئۇلار ئشىتىن كىلىدىيۇ ،ئىشىكنى ‹‹گۈپلا››تاقاپ ،سىرىت بىلەن بولغان ئالاقىنى ئۈزۈپ تاشلايدۇ،مانا ھازىرىغا قەدەر يەلكىسىدە كۆتۇرگەن، يەلكەمدە دەسسەپ تۇرغان قوشنامنىڭ كىمىلىكنى بىلمەي ،ئىزتىراپلىق ئىچىدەئەتراپىقا سىنچىلاپ قاراپ كەلمەكتىمەن. بۇ يىللىقى قۇربان ھىيىتتا يۈز بەرگەن بىر ئىش زادىلا ئىسىمدىن كۆتۇرۇلمەيدۇ. ئۆيگە چىقىپ كىتىۋاتسام پەستىدىكى قوشنام ئەخلەت تۆككىلى سىرىتقا چىققان ئىكەن، بىزئىشىك ئالدىدىلا ئۇچىرىشىپ قالدۇق، قەلبىم قانداقتۇر بىر خۇشاللىققا ئەسىر بولغاندەك يۈرەكلىرىم توختىماي تىپچەكلەيىتى،چۈنكى بۇ قوشنام بىلەن بۇ ئاي،بۇ كۈنلەرگە تەۋە تۈنجى قىتىم ئۇچرىشىم ئىدى.ياش دىمەتتە خىللا كىچىك بولساممۇ ،ئەمما ئەخلاق يۈزىسىدىن ئاۋۋال سالام قىلىدىم. ئۇمۇ سالاممىنى ئىلىك ئالدى.ئارىدىن بىزبىر ئاز مۇڭدىشىپ قالدۇق،بىر ۋاقىتتا توت-بەش ياشلار چامسدىكى بىر بالا :-بوۋا ،مۇمام سىنى چاقرىۋاتىدۇ، تاماق يەۋالسۇن –دەيدۇ دىدى چۈچۈك ،تاتلىق تىللىرى بىلەن . بالىنىڭ ئوماقلىققا بەكمۇ ھەۋسىم كەلدى، ئۇنى كۆتۇرۇپ ئەركىلەتكۈم ،پشانسىگە سۆيگۈم ،ئازغىنە بولسىمۇ ھېيىتلىق بەرگۈم كەلدى. لىكىن بالا قىيا ئېچىلغان ئىشىكىنى ‹‹جاڭڭىدە›› ياپتى،ياق،ئۇ ئىشكىنى ياپتى ئەمەس ،قەلىب قەسىرىلىرىمدە بىخلانغان مۇھەببەت ئشىكىنى ياپتى. قوشناممۇ:- ھە،تۇنۇشۇپ قالغىنمىز ئوبدان بولدى، بۇنىڭدىن كىيىن ئېزدىشىپ تۇرايلى دىدى-دە،ئوۋچىدىن ھۇركىگەن توشقاندەك ئېتتىكلا ئۆيگە كىرىپ كەتتى.بشىم پىر قىلغاندەك بولدى. ئۆيگە قانداق كىرىپ قالغانلىقىمنىمۇ بىلىمىدىم، ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ كىرىسلوغا ئۆزۈمنى تاشلانغىچە ،يىراق-يىراقلارغا خىيال قوشلىرىم ئۇچماقتائىدى.
    ئەقلىمنى بىلگەن چاغلىرىمدىن باشلاپ ئاتا-ئانامنىڭ چوڭلارنى ھۆرمەتلەش،ئۇرۇق-تۇققان ، قولۇم-قوشنىلار بىلەن ئەپ ئۆتۇش،بېلىش تۇنۇشلار يولدا ئۇچراپ قالغاندا ئۆيگە تەكلىپ قىلىش  قاتارلىق ئىزگۈ ئۈگۈتلىرىنى ئىسىمدە مەھكەم ساقلاپ كەلگەن ئىدىم. ئاشۇ چاغلاردا ئاتا-ئانام دائىم دىگۈدەك مىنى قوشنىلاردىن خىمىرتۇراچ،سەرەڭگە،تۇز-ياغ،پالتا-كەكە، كۆلەلگە،سەي-ئوتياش،كاۋا-چامغۇر،ئۇن-گۈرۈچ،يىپ -يېڭنە ئىشقىلىپ بىزدە بولمىغان لازىملىق نەرسە بولسىلا ئېلىپ چىقىشقا بۇيرۇيتى. مەنمۇ شۇنداق تىز چاپاتتىم، نىمشقا دەيسىز،قوشلىرىم بىزدىنمۇ شۇنداق نەرسىلەرنى سۇرايىتى ،بىزمۇ يوق دىمەسىتىن بار بولسىلا بىرەتتۇق. ئۇلارمۇ شۇنداق قىلاتتى. مەن بىرەر قىتىم بولسىمۇ قاپاقلىرىنىڭ تۈرۇلگەنلىرىنى  بىلمەيمەن.تېخى  ئاپام ئۆزنىڭ ئوخشىتىپ ئەتكەن –پولۇ-لەغمەن،ئۈگرە- چۆپ، مانتا-سامسا ،ئۆپكە –ھېسىپ،مىۋە-چىۋە،گۈلە-قاق...لاردىن  قوشنىلىرىمىزغا سۇناتتى. قوشنىلىرىمىزمۇ ‹‹ئال تاۋىقىم ،يان تاۋىقىم ››نى بىلەمدىغانغۇ تاڭ بىزگىمۇ سۇناتتى.بىرەرىمىزنىڭ ئۆيدە توي-توكۇن،نەزىر چىراغ ئشىلىرى بولۇپ قالسا ئۇنى بىر دىمەڭ، بىر –ئىككى كۈن يىقىندىن ھەمدەمدە بولۇپ ، نان يېقىش، ساڭزا- سامبۇزا سېلىش، ھۆيلا-ئاراملارنى سۇپۇرۇپ تازلاش،توي بولغان كۈنى بولسا  ھاردىم –تالدىم دىمەي مىھمانلارنى ئۇزىتىش قاتارلىق ئىشلارنى بىر قوللوق قىلىشىدۇ، ئۆلۈم –يىتىم ئشىلىرى بولۇپ قالسا يېنىمىزدا تۇرۇپ  تەسەللىي بىرىپ سەۋىر قىلىشقا ئۈندەيدۇ.تۇپراق بېشىقا بىللە بىرىپ مىيىتنى ئۈزىتىش ، بېشىمىز ئۆلۈم –يېتىم سەۋەبدىن نىمە قىلارشىمىزنى بىلمەي قالغانلىقىمىزنى كۆرۇپ مال-چارۋىلارنى يېغىشتۇرۇش، ئېسىقلىق ئېشى ئېتىپ ھالىمىزدىن خەۋەر ئېلىش ،نەزىر كۈنى باشتىن –ئاخىر جامائەتنى ئۈزىتىش قاتارلىق ئىشلىرىمىزغا ھەمدەم بولىدۇ، دىمەك، كۈلكىمىزگە ھەمرا،يىغىمىزغا شىرىك بولاتتى…
     ئىشكىنىڭ ‹‹تاراققىدە›› ئېچىلىشى ،ئايالىمنىڭ :-نىمە خىيالغا پېتىپ يىتىپ كەتىڭىز-دىگەنلىرى خىيال قوشلىرىمنى قايتۇرۇپ كەلدى.-نىمە خىيال بولاتتى، دەپ بايام يۈز بەرگەن ئىشنى سۆزلەپ بەردىم. ئايالىم خىلى ئوقۇمۇشلۇق ئايال بولغاچمىكىن ئانچە ئېرەن قىلماستىن: -ۋاي، شۇنچىلىك ئىشقىمۇ باش قاتۇرغانمۇ ، قاراڭ ،زامان تەرەققىي قىلدى،ئادەملەر ئۆزگەردى،سىزنىڭ سەھرادىكى قوشنادارچلىقىڭىزمۇ تۈگەپ قالاي دىدى -دىمەسمۇ يۈرىكىم قاتتىق بىر ئاغدى، ئۇلۇغ بۇۋا-مۇمىلىرىمىز بىزگە قوشنادارچىلىقىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئەسكە سېلىپ تۇرۇش ئۈچۈن ‹‹يىراقتىكى تۇققاندىن ،يىقىنىدىكى قوشناڭ ئەلا››،‹‹قوشنا بولساڭ يىقىن بول، بولمىسا بۆلەك بول››دېگەندەك قىممەتلىك ،بىباھا ئەقىل –دۇردانلىرىنى قالدۇرۇپ كەتكەن ئەمەسمۇ؟
    راسىت زامان تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، مەدەنىيەت كۈنسىرى يېڭلىۋاتىدۇ،ئادەملەرمۇ ئۆزگىرىۋاتىدۇ، راسىتىنلا كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئايالىم دىگەندەك دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ قەدىمىي ئىزناللىرىنى سەھراللىرىمىزدىنمۇ تاپالماي قالارىمىزمۇ؟...يۈرىكىم ئاچچىق دەسىتىدىنمۇ ۋاياكى ھاياتقا بولغان ئوتلۇق مۇھەببىتنىڭ يالقۇنلىشدىنمۇ ئەيتاۋۇر بىلىمدىم ،كۆزۈمدىن بىر ئېللىق ئېقىم مەڭزىمىنى بويلاپ ئېقىپ كىتىۋاتاتتى.
مەنبە : تەرمىلەر  

0

تېما

0

دوست

498

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   99%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6922
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 80
تۆھپە : 106
توردىكى ۋاقتى: 104
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-2 16:43:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، «پىسىخىكام» قېرىندىشىم، ئوبدان يازما بىلەن بىزنى ئۇچراشتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت. بۇ يازمىدا دېيىلگەن ئەھۋاللار ھەقىقەتەن ئەتراپىمىزدا مەۋجۇت. شەھەرلىشىش— سەھرادا تۇغۇلۇپ، قەلبى ئاشۇ پايانسىز سەھرا قوينىدەك كەڭ، ساپ بولغان مېھماندوست خەلقىمىزنىڭ نۇرغۇن ئېسىل پەزىلەتلىرىنى يۇرتۇپ(يۇتۇپ) كەتمەكتە. بىنالىشىش — خوشنىلار ئارىسىدا شەكىلسىز بىر قېلىن پەردىنى تارتىپ قويىدىغاندەك، بۇرۇندىن ناھايىتى ئىناق ۋە غەرەزسىز ياشاپ كېلىۋاتقان خوشنىلار مۇشۇ بىنا دېگەنگە كۆچكەندىن كېيىن، نېمە ئۈچۈندۇر بىر-بىرىدىن يىراقلىشىپ قالىدىغاندەك ھېس قىلىپ قالدىم. يازمىدا بىز دېيەلمىگەن گەپلەر دېيىلىپتۇ.
   بىر گەپ: «قوشنا بولساڭ يىقىن بول، بولمىسا بۆلەك بول» دېگەن بۇ خەلق ماقالى ئەسلى « قوشنا بولساڭ يۆلەك بول، بولمىسا بۆلەك بول.» دېگەن شەكىلدە كېلەتتى، بەلكىم يازما ئاپتورى ئىشلەتكىنى يەرلىك ۋارىيانتى بولۇشىمۇ مۈمكىن.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

2

دوست

5426

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   8.52%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9200
يازما سانى: 377
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 63
تۆھپە : 1642
توردىكى ۋاقتى: 240
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-2 21:32:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېما بۇرۇن بىر قىتىم يوللانغانمۇ قانداق ؟؟؟
مېنىڭچە ،خوشنىدارچىلىق يوقاپ كەتمەيدۇ ،ئۇ بىر خىل شەكىلدىن يەنە بىر خىل شەكىلگە تەرەقىي قىلىۋاتىدۇ . ئارتۇقچە ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق...........................  

1

تېما

4

دوست

8178

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   63.56%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12096
يازما سانى: 472
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 640
تۆھپە : 2111
توردىكى ۋاقتى: 644
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-3 14:18:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشىكلىرى ئەنسۇكەن،
قوشنىلىرى خەنسۇكەن.

دېگەن چاقچاق گەپ چىققىلى ئۇزۇن يىللار بولدىغۇ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )