قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1160|ئىنكاس: 9

تارىختىكى تەلكە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

4

دوست

776

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   55.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33131
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 260
توردىكى ۋاقتى: 32
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-1 19:21:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارىختىكى تەلكە

ئابدۇشۈكۈر مەخسۇت
1. تەلكە دېگەن نام توغرىسىدا
ت   ەلكە - دۆلەت يولى 312 – لېنىيىسىدىكى ئۈرۈمچى – غۇلجا تاشيولىنىڭ تەلكە داۋىنىدىن تەلكە ئېغىزىغىچە بولغان، تەڭرىتاغ تىزمىسىنىڭ ئاقتاغ جىلغىسىغا جايلاشقان شەرقىي شىمال - غەربىي جەنۇب  يۆنىلىشىدىكى ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 28 كىلومېتر كېلىدىغان تاغ جىلغىسىنىڭ نامى بولۇپ،  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان  مەتبۇئاتلاردا بۇ جاي بەزىدە «تەلكە»، بەزىدە «كەڭساي» دەپ قالايمىقان قوللىنىلىۋاتىدۇ.
«تۈركىي تىللار دىۋانىدا مۇنداق ئىككى خىل مەلۇمات بار، ئۇنىڭ بىرى «تالقىغ»- «تاغلارنىڭ تۇتاشقان يېرى، تاغ قىساڭى، قىساڭ جىلغا، قىساڭ ساي»①؛ يەنە بىرى «تەلىك - ئېغىز، تۆشۈك، جىرا»②. «تەلكە» دېگەن نامنىڭ يۇقىرىقى ئىككى ئاتالغۇنىڭ قايسىسىدىن ئۆزگىرىپ كەلگەنلىكى ھەققىدە ئېنىق بىرنەرسە دېيىشى قىيىن بولسىمۇ، لېكىن، ھەر ئىككىلىسىلا تەلكىنىڭ يەر شەكلىگە، يەنى ئېگىز تاغلار ئارىسىدىكى جىلغىدىن ئىبارەت جۇغراپىيىلىك يەر تۈزۈلۈشىگە تامامەن  ئۇيغۇن كېلىدۇ. بۇ جىلغىغا ياسالغان يولمۇ يەرلىك ئاھالىلار ئارىسىدا تەلكە ئېغىزى، تەلكە يولى، تەلكە داۋىنى دەپ، ئىككى تەرەپتىكى تاغلار تەلكە تاغلىرى  دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتىدۇ.  «كەڭساي» بولسا تەلكە يولىدىكى ئەڭ كەڭ بولغان مەلۇم دائىرىدىكى بۆلەكنىڭ نامى بولۇپ، ئومۇمىي جىلغىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.
   چىڭ دەۋرىدىكى خەنزۇچە يازمىلاردا بۇ جىلغىنىڭ  نامى «塔勒奇» (تەلكە) دەپ يېزىلغان. «شىنجاڭنىڭ خەرىتىلىك تەزكىرىسى» دە «塔勒奇 (تەلكە) — ئۇيغۇرچە سۆز، تاللىق دېگەن مەنىدە»③ دەپ ئىزاھلانغان. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2010- يىلى نەشر قىلغان،  ما داجېڭ قاتارلىقلار رەتلەپ نەشر قىلدۇرغان «شىنجااڭنىڭ يېزا - قىشلاق تەزكىرىسى» نىڭ 204- بېتىدە تەلكە ئېغىزى «تەلكە ئامان ئۆتىڭى» (塔勒奇阿满驿) دەپ، كەڭساي «ئېبولچىر ئۆتىڭى» (鄂博勒齐尔驿)دەپ، سايرام بويىدىكى سەنتەي «ئېلجۇيتۇبوم ئۆتىڭى» (鄂勒著依图博木驿) دەپ يېزىلغان.   ھازىرقى كەڭساي  دېگەن نام كېيىن قويۇلغان. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى دەۋرىدە بۇ جايدا بىر ئاتلىق پولك تۇرغۇزۇلغان بولۇپ، «كەڭساي ئاتلىق پولكى» دەپ ئاتالغان. ئۇزۇن ئۆتمەي، يەنى 1947- يىلى بۇ جايدا ھەربىي – سىياسىي كادىرلارنى تەربىيىلەش ئۈچۈن بىر ھەربىي مەكتەپ قۇرۇلغان. شۇنىڭدىن كېيىن كەڭساي بىر ئىنقىلابىي نام سۈپىتىدە تېخىمۇ كەڭ تارقالغان.
    تەلكە بىر جىلغىنىڭ نامى بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ يەر شەكلى مۇرەككەپ، مەنزىلى ئۇزۇن، تۇتۇشىدىغان ساي – جىرالار كۆپ، ھەرقايسى بۆلەكلەرنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى، يەر بايلىقى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، يەرلىك ئاھالىەر ۋە بۇ جايدىن داۋاملىق ئۆتۈپ تۇرىدىغان كۆچمەن چارۋىچىلار تەرىپىدىن  يەنە ھەر خىل ناملار بىلەن ئاتالغان. يەنى بۇ جىلغا تەلكە ئېغىزى، تاللىق، ئالمىلىق (تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا بۇ جايدىكى  ياۋا ئالمىلىقنىڭ كۆلىمى 7740 مو كېلىدۇكەن)، قىيىنبۇلاق، كەڭساي، يىلاندى (يىلان كۆپ جاي)، قايراقتى (بىلەي تاش كۆپ چىقىدىغان جاي دېگەن مەنىدە)، 1- كۆۋرۈك، 2- كۆۋرۈك، چارۋاقتى، دۆڭقارىغاي (دوڭ قارىغاي، يەنى ئىچى كاۋاك قارىغاي)، كۆكۈيۈن ساي (كۆكئۆيساي)، گېنېرالساي، كۆكساي، شاقىراتما، ئورمان، داۋان، سىمپۇتوزا قاتارلىق ناملار بىلەن ئاتالغان جايلاردىن تەشكىل تاپىدۇ. بۇ جايلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بولۇپ، بۇ ناملار شۇ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن قويۇلغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئالمىلىقنىڭ كۆلىمى چوڭ، مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل بولغانلىقى بىلەن يىراق – يېقىنغا نامى مەشھۇردۇر. شۇڭا، خەنزۇچە ماتېرىياللاردا  پۈتكۈل تەلكە  يولىنىڭ نامى كۆپىنچە  «果子沟» (ئالمىلىق ساي)  دەپ يېزىلىپ كەلمەكتە.
2. تەلكىنىڭ جۇغراپىيىلىك تۈۈزۈلۈشى ۋە تەبىئىي بايلىقلىرى
   تەلكە تاغ ئارىسىدىكى جىلغا بولۇپ،   دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 2000 مېتر، تاشيول يۈزىنىڭ ئوتتۇرىچە يانتۇلۇقى℅6 كېلىدۇ.  تەلكە داۋىنى تىك ھەم ئۇزۇن بولۇپ، نۇرغۇن خەتەرلىك ئايلانمىلىرى بار. قىش پەسلىدە قار – شىۋىرغاننىڭ، ياز پەسلىدە يامغۇر سۈيىنىڭ تەسىرىدە  بۇ يولدىكى قاتناش ھەر ۋاقىت ئۈزۈلۈپ قالىدۇ.  
   تەلكە  جىلغىسىغا ئىككى تەرەپتىكى چوڭ – كىچىك 22 ساي (جىلغا) تۇتۇشىدۇ، ساي – سايلاردىن ئېقىپ چۈشكەن قار  ۋە بۇلاق سۇلىرى جىلغا ئىچىدىكى تەلكە دەرياسىغا قوشۇلۇپ، بىر چوڭ ئېقىننى ھاسىل قىلىدۇ. بۇ ئېقىننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېقىن مىقدارى 8.1m3/s ، سۇغىرىش مەيدانى 89790 مو (1985- يىلىدىكى ماتېرىيال)، ئۇنىڭدىن سىرت قىش، باش ئەتىياز ۋە كەچكۈز ۋاقىتلىرىدا  ناھىيەگە قاراشلىق 3 سۇ ئامبىرىنى سۇ بىلەن تەمىنلەيدۇ. تارىختىكى خاتىرىلەنگەن ئەڭ چوڭ كەلكۈن  ئاپىتى قاتتىق يامغۇر يېغىش سەۋەبىدىن 1973- يىلى 6- ئاينىڭ 28- كۈنى يۈز بەرگەن بولۇپ، كەلكۈن سۈيىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېقىن مىقدارى 114m3/s   قا يەتكەن④.
   تەلكە ۋە ئۇنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى تاغلاردا ئەتىۋارلىق دەرەخ، چاتقال ۋە ئۆسۈملۈك تۈرلىرىدىن: شەمشاد، قارىغاي، تاغ سۆگىتى، ئۈچقات، تەڭرىتاغ چېتىنى، ئارچا، قىيىن، تاغ تېرىكى، جۇڭغار دولىنى، تاغ ئالمىسى، تاغ ئۆرۈكى، كۆكسۇلتان، ياۋا ياڭاق، ئۇششاق يوپۇرماقلىق زىرىق، قارىقات، يۇلغۇن، تىۋىلغا، چىغ، دورىلىق يەر مەدىكى، بىمۇ  قاتارلىقلار؛ ياۋايى ھايۋاناتلاردىن: ئېيىق، بۇغا، ئىلىك، ئارقار، توشقان، تاغ تېكىسى، بۆرە، تۈلكە، بورسۇق، تىيىن، يىلان، چىل، كەكلىك، كەپتەر، ئۇلار، بۈركۈت،  قىرغاۋۇل، ياۋا توڭگۇز قاتارلىقلار بار.
    تەلكىنىڭ يەر شەكلى مۇرەككەپ، كىلىماتى ئۆزگىرىشچان، قىش پەسلى ئۇزۇن، ياز پەسلى قىسقا بولۇپ، تەبىئىي مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل. شۇڭا بۇ جاي قەدىمدىن بۇيان ھەر خىل قىزىقىشتىكى كىشىلەرنى جەلپ قىلىپ كەلمەكتە. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى غۇلجىنى ئازاد قىلغاندىن كېيىن بۇ جاي غۇلجىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئۆتكۈزىدىغان ساياھەت ئورنى بولۇپ كەلگەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سايرام كۆلى بويىدا ھەر يىلى قەرەللىك ھالدا يەرمەنكە ئۆتكۈزۈلۈشى بىلەن تەلكە ئىچىمۇ يىراق يېقىندىن كەلگەن  ساياھەتچىلەرنىڭ ئىلى ساياھەتچىلىكىدىكى بىر قىززىق  نۇقتىسىغا ئايلاندى.
تېخى يېقىنقى يىللاردىمۇ تەلكىنىڭ تاغ چوققىلىرى ئىنتايىن ھەيۋەتلىك  بولۇپ، قىش – ياز قېلىن قار بىلەن قاپلىنىپ تۇراتتى. ياۋايى ھايۋانلار قەدەمدە بىر دېگۈدەك ئۇچرايتتى. تەلكە دەرياسىنىڭ سۈيىدىن كېچىپ ئۆتۈش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بولۇپمۇ كەڭسايدىن سىمپۇتوزىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى تاغ يولى تار، قىيالىرى تىك، قورام تاشلار ھېلىلا دومىلاپ چۈشۈدىغاندەك، چوققىلىرى ئاسمانغا تاقاشقىدەك ئېگىز كۆرۈنەتتى. بۇ يولدا ھەرقانداق يولۇچىنىڭ يۈرىگى سىقىرايتتى. شۇڭا، مەيلى سودىگەرلەر بولسۇن، ياكى ھارۋىكەشلەر بولسۇن ۋەياكى چارۋىچىلار بولسۇن بۇ يولدا يالغۇز ماڭمايتتى.  ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا،  چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ تاغ – مۇزلۇقلىرىغا ئاتاپ نەزىر قىلىش ئادىتى بولغان بولۇپ، ئىلى تەۋىسىدە 16 ئورۇندىكى تاغ مۇزلۇقلىرىغا ئىلى جياڭجۈنى تەرىپىدىن ھەر يىلى ئەتىياز ۋە كۈز پەسىللىرىدە مەخسۇس سۇپا ياساپ نەزىر  ئۆتكۈزۈلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە تەلكە ۋە سايرام بويىدىمۇ ئىككى نەزىر – چىراغ ئۆتكۈزۈش نۇقتىسى بولغان⑤.
3. تەلكە يولىنىڭ ئېچىلىشى
    تەلكە يولىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئېچىلغان ۋاقتى توغرىسىدا يازما ماتېرىيال ئۇچراتمىدۇق. ئەمما شۇنىسى روشەنكى، تەلكە تېغىنىڭ شىمالى يەنى جۇڭغار ئويمانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلار قەدىمدىن بۇيان ناھايىتى مۇنبەت يايلاق بولغاچقا، ياۋايى ھايۋانلارنىڭ قىشلىق ماكانى بولغان. تەلكە تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى ئىلى ۋادىسى بولسا ياز پەسلىدىكى گۈزەل يايلاق بولغان. مۇشۇ ئەتراپتا ياشىغان ياۋايى ھايۋانلار قىش پەسلىدە شىمالدىكى جۇڭغار ئويمانلىقىغا، ياز پەسلىدە ئىلى ۋادىسىغا كۆچۈپ ئەۋلاتمۇ – ئەۋلات ياشاش جەريانىدا بۇ جىلغا  ياۋايى ھايۋانلارنىڭ قىشلىق ۋە يازلىق كۆچۈشىدىكى  مۇھىم ئۆتكەللىرىدىن بىرى بولغان. شۇنىڭ بىلەن ئەڭ دەسلەپ تۇياقلىق ھايۋانلارنىڭ ئىزى بۇ جايدا ئىپتىدائىي يولنى يەنى چىغىر يولنى ھاسىل قىلغان.
     خەن – تاڭ دەۋرلىرىدە ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن غەربىي يۇرت ئوتتۇرىسىدىكى قاتناش ئالاقىسى ئاساسەن خېشى كارىدورى ئارقىلىق قاشقوۋۇق، ياڭگۈۇنلەردىن ئۆتۈپ، ئاندىن غەربىي يۇرتقا بارىدىغان شىمالىي يول بىلەن غەربىي يولغا ئايرىلاتتى.  ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن ئىلىغا ئاساسەن مۇزئارت داۋىنىدىن ئۆتۈپ كېلەتتى. بۇ قەدىمىي يول جەنۇبتا ئونسۇ ناھىيىسىنىڭ قىزبۇلاقتىن باشلىنىپ، شىمالدا موڭغۇلكۈرە ناھىيىسىنىڭ شوتا يېزىسىغا چۈشەتتى، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 240 چاقىرىم كېلەتتى. بۇ يىپەك يولىنىڭ ئەڭ خەتەرلىك بۆلىكى ئىدى.  يىپەك يولىنىڭ بۇ تارمىقىدىن باشقا يەنە شىمالىي شىنجاڭنى كېسىپ ئۆتىدىغان يايلاق يولىمۇ بار ئىدى. بۇ يول قاڭقىللار ئوردىسى (ھازىرقى جىمىسارنىڭ جەنۇبىدا)  دىن  چىقىپ، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي چېتىنى ئايلىنىپ ئۇيسۇن (ھازىرقى چۇ دەريا، ئىلى دەريا ۋادىلىرى) ئېلىگە كېلەتتى. مانا بۇ «كېيىنكى خەننامە. غەربىي يۇرت تەزكىرىسى» دە يېزىلغان «غەربتە ئۇيسۇنغا تۇتۇشىدىغان»⑥ يولدۇر. «غەربيي يۇرتنىڭ خەرىتىلىك تەزكىرىسى» نىڭ 3- جىلدىغا يېزىلغان كىرىش سۆزدە «شىمالىي يول ئېۋىرغول (قۇمۇل) دىن باشلىنىپ پۇلېي (بارىكۆل) دىن ئۆتۈپ، تېلى قەبىلىسى (ھازىرقى ئۈرۈمچى تەۋەسى)، تۈرك خانلىقىنىڭ ئوردىسى (ھازىرقى كۈنەس)، چۇ، سىر دەريالىرىدىن ئۆتۈپ، شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسى ئارقىلىق ئوتتۇرا دېڭىزغا بارىدۇ »⑦ دېيىلگەن. بۇ شىمالىي يول تەلكىدىن ئۆتمەي، بورتالا ياكى تارباغاتايغا بارغاندىن كېيىن غەربىي جەنۇبقا قايرىلىپ ئىلى دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ۋادىسىغا بارىدىغان يول ئىدى. «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا يېزىلىشىچە قاراخانىيلار دەۋرىدە ھازىرقى قورغاس  تەۋەسىدە ياغما،  توخسى، چىگىل قاتارلىق تۈرك قەبىلىلىرى ياشايتتى. قۇياس ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ شەھەرلىرىدىن بىرى ئىدى. ئەينى دەۋرلەردە قورغاس ئوت- چۆپلىرى بولۇق، سۈيى ئەلۋەك، تۇپرىقى مۇنبەت بولغان تىپىك چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق، باغۋەنچىلىك رايونى ئىدى.
13- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا موڭغۇل يايلىقىدا باش كۆتۈرۈپ چىققان چىڭگىزخان تەسىر دائىرىسىنى تېزدىن كېڭەيتىپ، خارەزم دۆلىتىگە ئەلچى ۋە سودا ئۆمىكى ئەۋەتكەن. بىراق خارەمز شاھ سودىگەر ۋە ئەلچىلەرنى ئۆلتۈرۈپ، چىڭگىزخاننىڭ قاتتىق غەزىپىنى كەلتۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن 1219- يىلى 100 مىڭدىن ئارتۇق موڭغۇل قوشۇنى غەرپكە يۈرۈش قىلىپ بورتالاغا كەلگەندە، كۈز پەسلى بولۇپ قالغان. بەزى ماتېرىياللاردا يېزىلىشىچە،  چىڭگىزخان ھەربىي يۈرۈش سۈرئىتىنى تېزلىتىش ئۈچۈن تەلكە تېغىدىن ئۆتۈشنى قارار قىلغان ۋە  ئىككىنچى ئوغلى چاغاتاينى لەشكەرلىرى ۋە ئىلى تەۋەسىدىكى بىر قىسىم پۇقرالارنى يىغىپ بۇ يولنى ياساشقا بۇيرىغان ( «يىپەك يولىغا ساياھەت» (خەنزۇچە)،  2001 – يىللىق 3- سان، 14- بەت). يەنە بەزى ماتېرىياللاردا چىڭگىزخان  ئالمىلىق شەھىرىگە (بۇ ۋاقىتتا ئالمىلىق بوزارنىڭ باشقۇرۇشىدا بولۇپ، ئۇمۇ چىڭگىزخانغا ئەل بولغان ئىدى) چۈشكەن ۋاقىتتا، بوزارنىڭ ئوغلى سۇناتېكىنخان چىڭگىزخانغا ھەمرا بولۇپ تەلكە ئىچىدە ئوۋ ئوۋلاشقا بارغان. تەدبىرلىك  چىڭگىزخان تەلكىگە ئىچكىرىلەپ كىرىپ نۇرغۇن ئوۋ ئوۋلاش بىلەن بىرگە بۇ جىلغىدا تاغنى كېسىپ ئۆتىدىغان يول ياسالسا كېيىنكى ھەربىي يۈرۈشلىرىگە نۇرغۇن قولايلىقلارنى يارىتىدىغانلىقىنى ھېس قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئىككىنچى ئوغلى چاغاتايغا لەشكەرلىرى ۋە بوزارنىڭ پۇقرالىرى بىلەن بۇ يولنى ياساشقا بۇيرۇق بەرگەن.  چاغاتاي تاشلار دومىلىتىپ، دەرەخلەرنى كېسىپ، تاغ باغرىنى قېزىپ ئەگرى – بۈگرى ھالەتتىكى يالغۇز ئاياق  بۇ يولنى ھارۋا ماڭالىغۇدەك دەرىجىگە كەلتۈرگەن. پۈتۈن جىلغا ئىچىدىكى يولنىڭ 48 جايىغا ياغاچ كۆۋرۈك ياساشقا توغرا كەلگەن⑧. مانا بۇ تەلكە يولىنىڭ تۇنجى قېتىم ئادەم كۈچى بىلەن كېڭەيتىپ ياسىلىشىدۇر. بۇ قېتىم ئېچىلغان تەلكە يولىنى غەرب تارىخچىلىرى «شەرق – غەرب قاتنىشىدىكى ئالتۇن كۆۋرۈك» دەپ تەرىپلىگەن.
    شۇنىڭدىن كېيىن بۇ يولنىڭ ئېچىلىشى شەرق – غەرب سەيياھلىرى، ھەربىي – سىياسىئونلار، سودىگەر ۋە ئەلچىلەر ئۆمەكلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان.  1225- يىلى چىڭگىزخان بويسۇندۇرغان جايلىرىنى تۆت ئوغلىغا سۇيۇرغال قىلىپ بەرگەن  ئىككىنچى ئوغلى چاغاتايغا شەرقتە ئىلى ۋادىسىدىن باشلاپ جەنۇبتا ھازىرقى قاراشەھەرنىڭ غەربىدىكى بارلىق زېمىنلار، غەربتە ئامۇ دەرياسىغىچە بولغان پۈتكۈل زېمىن ئۇنىڭ باشقۇرۇشىغا قارىغان. بۇ خانلىق تارىختا چاغاتاي خانلىقى دەپ ئاتالغان،  ئالمىلىق شەھىرىنى پايتەخت قىلغان. چاغاتاي خان باتۇر ۋە كۈچلۈك خان بولۇپ، قاتتىق قول ھەم ئىنتىزامچان ئىدى. چىڭگىزخان دەۋرىدە چىڭگىزخاننىڭ سوتچىسى ھەمدە ھەربىي يۈرۈشلەردىكى تۆھپىكارى بولۇپ، موڭغۇل ئنمپېرىيىسى بويىچە ئەڭ ئالىي ئىمتىيازغا ئىگە ئىدى. چىڭگىزخان ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئورنى تېخىمۇ ئۆرلىگەن  ھەمدە ئۇنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى بولغان ئالمىلىقمۇ مۇھىم ئورۇنغا ئايلىنىپ، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ئەمەلدارلارنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمىگەن.  ئالمىلىق شەھىرىنىڭ شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ پايتەختى بولۇشى بىلەن تەلكە يولىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئورنى ۋە شەرق – غەرب ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى كۆۋرۈكلۈك ئورنى تېخىمۇ مۇھىملاشقان. شۇنىڭ بىلەن  چاغاتاي خان بۇ يولنى ئاسراش، رېمۇنت قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆتەڭ- راباتلارنى تەسىس قىلىپ، مەخسۇس خادىم تۇرغۇزۇپ قاتناشنىڭ راۋانلىقىغا ئىمكانقەدەر كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن. يۈەن سۇلالىسى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، غەربىي يۇرتتا مالىمانچىلىق توختىمىغان، چاغاتاي خانلىقىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى نىزالار كۆپەيگەن، ئۇيراتلار غەربكە ھەربىي يۈرۈش قىلىپ،  ئىلى تەۋەسىنى بېسىۋالغان. شۇنىڭ بىلەن تەلكە ھەققىدىكى ئۇچۇرلارمۇ خاتىرىلەنمىگەن.
     چىڭ سۇلالىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن  ئىلىنى بېسىۋالغان جۇڭغار قەبىلىسى چىڭ سۇلالىسى بىلەن كۆپ قېتىم ئۇرۇش قىلغان. 1755- يىلى چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى تەلكىدىن ئۆتۈپ داۋاچىنىڭ تەسىر كۈچىنى يوقاتقان ھەمدە ئىلىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن كۈرەدە جياڭجۈن مەھكىمىسى تەسىس قىلغان.
كۈرەنىڭ شىنجاڭنىڭ سىياسىي، ھەربىي مەركىزىگە ئايلىنىشى بىلەن تەلكە يەنە ئىستراتېگىيىلىك مۇھىم ئورۇنغا ئايلانغان. ئىلى جياڭجۈنى تەلكە ئىچىگە ئۆتەڭ تەسىس قىلىپ، ئوردىنىڭ ئەمىر پەرمانلىرىنى يەتكۈزگۈچى خادىملارنى كۈتىۋالىدىغان ھەمدە يولدىن ئۆتكەن سودا كارۋانلىرىنى ۋە باشقا يولۇچىلارنى كۆتۈۋېلىش ئۈچۈن تەلكە ئىچىگە ئىككى جايدا ئۆتەڭ تەسىس قىلىپ، مەخسۇس ئادەم تۇرغۇزغان. بىراق بۇ ۋاقىتتىكى تەلكە يولى ئۇزۇن يىللىق تاشلىنىپ قېلىش سەۋەبىدىن بۇزۇلۇپ، ئىنتايىن خەتەرلىك ھالەتكە كېلىپ قالغان ئىدى. چيەنلوڭنىڭ ئاخىرقى يىللىرى جياچىڭنىڭ دەسلەپكى يىلى ئىلى جياڭجۈنلىكىگە تەيىنلەنگەن باۋ نىڭ چيەنلوڭنىڭ 60- يىلى ( 1795- يىلى) دىن جياچىڭنىڭ 1- يىلى (1796- يىلى) غىچە ئەسكەرلەر بىلەن خەلق ئاممىسىنى تەشكىللەپ تەلكە يولىنى بىرنەچچە قېتىم چوڭ رېمۇنت قىلدۇرۇپ، 48 كۆۋرۈكنى 42 گە ئازايىتقان، ماتېرىياللاردا «تەلكىدە ئىلگىرى 48 كۆۋرۈك بولغان بولسا مۇشۇ ۋاقىتتا  42 گە ئازايتىلدى، جياچىڭنىڭ 3- يىلى (1798- يىلى)  داۋان ئۈستىگە  ئۇنىڭ تۆھپىسىنى خاتىرىلەپ ئابىدە تىكلەندى. ئۆتكەن – كەچكەنلەر ئىچىدە  ئاتتىن چۈشۈپ زىيارەت قىلىپ، پۇل تاشلاپ ماڭمايدىغانلار يوق»⑨ دەپ خاتىرىلەنگەن.
    گۇاڭشۈنىڭ 10 – يىلى (1884- يىلى) شىنجاڭ ئۆلكە بولۇپ قۇرۇلغاندىن كېيىن تەلكىدە ھەربىي ئۆتەڭ تەسىس  قىلىنىپ يەرلىكنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. مۇشۇ ۋاقىتتا  تەلكە يولى يەنە ئىلى جياڭجۈنى تەرىپىدىن كېڭەيتىپ ياسىلىپ، 42 كۆۋرۈك 27 گە ئازايتىلغان. «شىنجاڭنىڭ يېزا - قىشلاق تەزكىرىسىگە دائىر ماتېرىياللار» دېگەن كىتابتا يېزىلىشىچە، «بۇنىڭ ئىچىدە 6- كۆۋرۈك تىك قىياغا ئېسىپ ياسالغان بولۇپ، كەڭلىكى پەقەت 10 چىلا كېلەتتى، ھەر يىلى ئەتىيازدا قارلار ئېرىپ كەلكۈن كەلگەندە كۆۋرۈكنى بۇزۇپ ئېقىتىپ كېتەتتى.  گۇاڭشۈنىڭ 32- يىلى (1906- يىلى) 6- ئايدا ئىلى جياڭجۈنى ما لياڭ تەلكە يولىنى  3 ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ سىمپۇتوزىدىن تەلكە ئېغىزىغىچە  قايتىدىن كېڭەيتىپ ياسىغان». «شىنجاڭنىڭ خەرىتىلىك تەزكىرىسى» دە: بۇ قېتىم «تاشلارنى چېقىپ يېڭىدىن بىر يول ئېچىلدى، كىچىك كۆۋرۈكتىن 7 سى، چوڭ كۆۋرۈكتىن 11 ىلا قالدى»⑩  دېيىلگەن. ياڭ زېڭشىن شىنجاڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋاقىتتا، يەنى 1918- يىلى تەلكە يولىنى كەڭ - كۆلەملىك رېمۇنت قىلدۇرغان. ياڭ زېڭشىننىڭ تەلكە يولىنى رېمۇنت قىلدۇرغانلىقى توغرىسىدا يازغان دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلگەن: «سۈيدىڭ ناھىيىسىگە قاراشلىق تەلكە دېگەن جاي غۇلجىغا بارىدىغان مۇھىم يول بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 80  چاقىرىمدىن ئارتۇق كېلىدۇ. بىر تەرىپى تىك قىيا، بىر تەرىپى چوڭقۇر ئېقىن بولۇپ، ئىنتايىن خەتەرلىك. يۈەن دەۋرىدىن چىڭ دەۋرىگىچە بىرنەچچە قېتىم ياسىلىپ ھارۋا ماڭالايدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈلگەن. چوڭ – كىچىك كۆۋرۈكتىن 18 ياسالغان. ئىلگىرى چىڭ سۇلالىسى گۇاڭشۈنىڭ بىرىنچى يىلى ئۆلكە قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىلى جياڭجۈنى ئىككى قېتىم چوڭ رېمۇنت قىلدۇرغان بولسىمۇ ھەر يىلى بۇزۇلۇپ تۇرغان. 7- يىلى 5- ئايدا ئىلى باسقاۋۇلى، سۈيدىڭ ناھىيىسىنىڭ ئامبىلى قاتارلىقلار ئىلگىرى – كېيىن تېلېگرامما يوللاپ تەلكە يولىنىڭ ئۇزۇنغىچە رېمۇنت قىلىنمىغانلىقى، بۇ يىل ئەتىياز، ياز پەسلىدىكى كەلكۈندە يولنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ بۇزۇلۇپ كەتكەنلىكى، كۆۋرۈكلەرنىڭ ئېقىپ كەتكەنلىكى، سودىگەرلەرنىڭ ئات- ئۇلاق ۋە ھارۋىلىرىنىڭ تاغ كەينىدىن ئايلىنىپ مېڭىۋاتقانلىقى ، ئەگەر ۋاقتىدا رېمۇنت قىلىنماي قىش پەسلى يېتىپ كەلسە تېخىمۇ تەسكە توختايدىغانلىقىنى مەلۇم قىلغان. مەلچەرىمچە يول ياساشقا ئىلى كۈمۈش تىزىسىدىن 40 مىڭ سەر، خەلق پاراۋانلىق ئاشلىقىدىن 480 دەندىن ئارتۇق بۇغداي كېتىدىكەن، بۇنى ئۆلكە كۈمۈش پۇلىغا سۇندۇرغاندا 24 مىڭ سەر بولىدۇ. ھازىر يول – كۆۋرۈكلەر ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغانلىقتىن قاتناش ئۈزۈلۈپ قالدى. ئەگەر ۋاقتىدا رېمۇنت قىلىنمىسا، بىرەر ۋەقە يۈز بېرىپ قالسىلا كاشىلا بولىدۇ. قۇرۇلۇش 7- يىلى 8- ئايدا ئىش باشلىنىپ 10- ئاينىىڭ 13- كۈنى تاماملاندى. جەمئى شياڭپىڭ كۈمۈش پۇلىدىن 11666سەر 2 مىسقال 6 تىيىن 4 لى، خەلق پاراۋانلىق ئاشلىقىدىن 371 دەن 6 كۈرە 7 شىڭ 1 ئوچۇم 3 قوشۇق بۇغداي چىقىم قىلىندى. بۇنىڭدىن باششقا ئىئانە قىلىنغان ۋە قەرز ئېلىنغان پۇل 11 مىڭ سەردىن ئارتۇق.   ئىش بېشىدىن بىر نەپەر، يول ئاسراش ئىشچىسىدىن 16 نەپەر تەيىنلەپ، دائىملىق تۇرغۇزدۇق»⑪. 1936- يىلى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت سوۋېت مۇتەخەسىسلىرىنى تەكلىپ قىلىپ تەلكە يولىنى قېدىرىپ تەكشۈرۈپ  ماشىنا قاتنىيالايدىغان قىلىپ لايىھەلەپ ياساتقان. بىراق ئىقتىساد يېتىشمىگەچكە ئەڭ كەڭ يېرىمۇ 8 مېترغا يەتمەيدىغان، ئېگىز – پەسلىكى، يانتۇلۇقى ئۆلچەمگە توشمايدىغان، سائەتلىك سۈرئەت 10 كلومېتردىن ئاشمايدىغان  ئاددىي تاشيول ياسالغان. شىنجاڭ تاشيول باش ئىدارىسى 1936 - يىلى 11- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچى – غۇلجا يولىدا ھەر سەيشەنبە كۈنى ئاپتوموبىل قاتنىشىنى يولغا قويغان(يېقىنقى زامان تاشيول قاتنىشى » خەلق قاتناش نەشرىياتى،  164- بەت.). (تەلكە يولىدىن تۇنجى قېتىملىق يۈك ئاپتوموبىلى بەلكىم مۇشۇ 11- ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى ئۆتكەن بولۇشى مۈمكىن). مۇشۇ ۋاقىتتا 2 توننىلىق يۈك ماشىنىسى  دىخۇا (ئۈرۈمچى) دىن غۇلجىغا 7 كۈندە ئاران كېلەلەيتتى. داۋانغا كەلگەندە يۈكنىڭ يېرىمىنى چۈشۈرۈۋېتىپ، قالغان يېرىمىنى داۋان ئۈستىگە ئېلىپ چىقىپ چۈشۈرۈپ قويۇپ، قايتىپ كېلىپ ئاندىن قالغان يېرىمىنى بېسىپ ئېلىپ ماڭاتتى.  20 – ئەسىرنىڭ 40 – يىللىرىدا ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئۇدا 3 قېتىم تەلكە يولىنى ئومۇمىيۈزلۈك رېمۇنت قىلىپ كېڭەيتىپ ياسىغاندىن كېيىنلا ئاندىن بۇ يولنىڭ پەقەت ئۇلاق ۋە ھارۋا بىلەنلا قاتنىغىلى بولىغان 700 يىللىق تارىخىغا خاتىمە بېرىلدى. ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاند ا، ياپونغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 6000 توننا ھەر خىل ياردەمگە ئەۋەتىلگەن ماددىي بۇيۇمى، 986 ئايرۇپىلان، 82 تانكا، 1300 دىن ئاتۇق زەمبىرەك، 14 مىڭ ئاپتومات ۋە باشقا ئوق-دورا، ھەربىي بۇيۇملىرىنىڭ ھەممىسى تەلكە يولى ئارقىلىق ئۈرۈمچىگە، ئاندىن ياپونغا قارشى ئۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە توشۇلغان⑫.
    ئازادلىقتىن  كېيىن، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت تەلكە يولىنى  زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ ياسىدى ھەمدە تەلكىدە ئورمانچىلىق مەيدانى بىلەن تاشيول ئوچاستىكىسىنى قۇردى. 1954- يىلى تەلكىدە ئۆلكىلىك دېھقانچىلىق – ئورمانچىلىق نازارىتىنىڭ تەلەپ قىلىشى بىلەن  كۆچەتخانا  قۇرۇلدى، ھازىر تەلكە ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ئورمانلىق كۆلىمى 130 مىڭ 367مو كېلىدۇ. 1957- يىلى ش ئۇ ئا ر قاتناش نازارىتى تاشيول ئىدارىسى 200 كىشىلىك بىر قۇرۇلۇش ئەترىتى ئەۋەتىپ، 1958- يىلىنىڭ ئاخىرىغا  قەدەر قار – شىۋىرغانغا قارىماي تەلكە يولىنى كېڭەيتىپ، تۈزلەپ ياسىدى. 1959- يىلىدىن 1960- يىلىغا قەدەر قاتناش نازارىتى تەخمىنەن  300 كىشىلىك ئىككى ئوتتۇرا ئەترەت ئەۋەتىپ، تەلكە يولىنى ياخشىلاپ ياسىدى، بۇ قېتىملىق ياخشىلاپ ياساشتا تاغ باغرىنى پارتلىتىپ، كەڭسايدىن سىمپۇتوزىغىچە بولغان ئارىلىقنى 8 كىلومېتر ئۇزارتىپ، يول يۈزىنىڭ كەڭلىكىنى 8.5 مېترغا يەتكۈزدى، چوڭ ئايلانمىنى 3 كە ئازايتىپ، قوش يۆنىلىشلىك ئاپتوموبىل يولى قىلىپ ئۆزگەرتىپ، دۆلەتنىڭ 3- دەرىجىلىك تاشيول ئۆلچىمىگە يەتكۈزدى. 1961  - يىلى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى يول ياساش ئەترىتى 1000 غا يېقىن ئادەمنى تەشكىللەپ 3 يىل جاپالىق كۈرەش قىلىپ، داۋاندىكى 3 چوڭ خەتەرلىك ئايلانمىنى تۈزلەپ ياسىدى، ھەمدە يول يۈزىنى 8.5 مېترغا كېڭەيتتى، ئەڭ چوڭ يانتۇلۇقنى ℅12 تىن℅6 كە چۈشۈرۈلۈپ، دۆلەتنىڭ 3- دەرىجىلىك تاشيول ئۆلچىمىگە يەتكۈزۈلدى. سائەتلىك سۈرئىتى 20 كلومېترغا يەتتى، غۇلجىدىن ئۈرۈمچىگە 3 كۈندە بارغىلى بولىدىغان بولدى. ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، ئۇزۇنلۇقى 30.6 كىلومېتر كېلىدىغان تەلكە دەرياسىنىڭ كەڭساي بىلەن ئالمىلىق سايدىكى بۆلىكىگە 76- ۋە 73- يىلى ئىلگىرى – كېيىن سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇلغان، تەلكە ئېغىزىدىكى سۇ بۆلۈش ئورنى 67- يىلىدىن 74- يىلىغا قەدەر بولغان ئارىلىقتا ياساپ پۈتكۈزۈلگەن. 1978- يىلى قاتناش نازارىتى يەنە خادىملارنى ئەۋەتىپ داۋان چوققىسىنى ياخشىلاپ ياساپ، ئەسلىدىكىدىن 8 مېتر پەسلەتتى. 80- يىللاردا ئىلى تاشيول باش ئوچاستىكىسى يەنە بىر قىسىم ئايلانمىلارنى ئۇدۇللاپ تۈزلەپ ياساش ئاساسىدا قىيىنبۇلاققا تەلكە ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ پولات چىۋىقلىق بىتون كۆۋرۈكنى ياساپ، پۈتۈن يولنى ئاسفالىتلىق قىلىپ ئۆزگەرتتى⑬. شۇنىڭ بىلەن بۇ يول بويىغا ئاشخانا، ياتاق، ماگىزىنلار ياسىلىپ، شوپۇر ۋە يولۇچىلار ئۈچۈن قولايلىق يارىتىلدى. 1989- يىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن كەڭسايدا ياغاچ تەكشۈرۈش پونكىتى قۇرۇلدى.
تەلكە يولى نۇرغۇن قېتىم رېمۇنت قىلىنغان، كېڭەيتىپ ياسالغان بولسىمۇ، لېكىن تەبىئىي ئاپەتتىن مۇداپىئە كۆرۈش جەھەتتە ئىشلەنگەن خىزمەتلەر يېتەرلىك بولمىغانلىقتىن، قاتناش ھەر ۋاقىت تەبىئىي ئاپەتنىڭ تەسىرىدە ئۈزۈلۈپ قالدى. سىتاتىستىكا قىلىنىشىچە،  50- يىللاردىن 90- يىللارغىچە قاتتىق شىۋىرغان، قاتتىق سوغۇق، قار كۆچۈش، قارا يامغۇر،  تاغ سىيرىلىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان ئالاھىدە چوڭ ئاپەت 10 قېتىمدىن ئېشىپ كەتتى. قاتناشنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىش ۋاقتى 1 ئايدىن ئاشتى. ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىمدىلا 4000 تۇياقتىن ئارتۇق چارۋا كۆچۈش جەريانىدا تەلكە ئىچىدە توڭلاپ ئۆلدى، چارۋا مالنىڭ قاپسىلىپ قېلىشى ئەڭ كۆ بولغاندا بىر قېتىمدىلا نەچچە تۈمەن تۇياققا يەتتى. 30 نەچچە ئادەم ئۆلدى، ماشىنىلارنىىڭ توسۇلۇپ قېلىش ئەھۋالى ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىمدىلا 1000 غا يېقىنلاشتى، ئادەملەرنىڭ قاپسىلىپ قېلىشى بىر قېتىمدىلا 2000 دىن ئېشىپ كەتتى، ئاپتوموبىل، كۆۋرۈك، يول، سۈڭگۈچلەر كۆپلەپ بۇزۇلۇپ ئىقتىسادىي زىيان زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتتى.
    ئۈزلۈكسىز يۈز بېرىپ تۇرىدىغان بۇنداق تەبىئىي ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش ئۈچۈن، 1994- يىلى 7- ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق تاشيول  پىلانلاش قېدىرىپ لايىھلەش  ئاكادېمىيىسى نەق مەيداننى قايتا – قايتا تەكشۈرۈش، ئۆلچەش ئارقىلىق «ئۆزگەرتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇش لايىھەسى» نى تۈزۈپ چىقتى. كېيىنكى يىلى 6- ئايدا سابىق ئىلى ۋىلايەتلىك «دۆلەت يولى 312 لېنىيىسىنىڭ سوڭشۇتۇدىن تەلكە ئېغىزىغىچە بولغان بۆلىكىنى ئۆزگەرتىپ ياساش قۇرۇلۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى» قۇرۇلدى ھەمدە ئالدىنقى مەزگىللىك قۇرۇلۇش ئۈچۈن 20 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى. 1996- يىلى 3- ئاينىڭ باشلىرىدا ئۆزگەرتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشىغا قوماندانلىق قىلىش ئورنى كەڭسايغا كېلىپ ئورۇنلاشتى. ئاي ئاخىرىدا قۇرۇلۇش قىلىشنى ھۆددىگە ئالغان ئاپتونوم راونلۇق تاشيول كۆۋرۈك شېركىتى، قوراللىق قىسىم قاتناش 1-،2- باش ئەترىتى، ئىلى تاشيول قۇرۇلۇش شېركىتى قاتارلىق ئورۇنلار 2000 دىن ئارتۇق قۇرۇلۇش ئىشچىسى ۋە 500 دانە ھەر خىل ماشىنا – ئۈسكىنىلەر قۇرۇلۇش مەيدانىغا كەلتۈرۈلۈپ رەسمىي ئىش باشلىدى. شۇ يىلى 6- ئايدا قۇرۇلۇش ھالقىلىق باسقۇچقا يەتكەندە ئىلى ئوبلاستلىق جامائەت خەۋپسىزلىك، قاتناش تارماقلىرى زىچ ماسلىشىپ، 5 يېرىم ئايغا سوزۇلغان قاتناش باشقۇرۇش ۋە ئاپتوموبىللارنى تارقاقلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىشلىدى. بۇ قېتىملىق قۇرۇلۇش 1997- يىلى 8- ئاينىڭ 28- كۈنى تاماملاندى.  قۇرۇلۇش قىلغۇچىلار يەر تۈزۈلۈشىنىڭ مۇرەككەپ، تار ۋە ئەگرى – بۈگرى،  تىك قىيالارنىڭ خەتەرلىك ، كىلىمات ناچار بولۇشتەك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك كۆۋرۈكتىن 10نى، توسما تامدىن 3.3 كىلومېتر، قار توسۇش كارىدورىدىن 1.7 كىلومېتر ياسىدى. يۇقىرى تېخنىكىلىق تەلەپ بويىچە ياسالغان بۇ يول شىنجاڭ بويىچە ئەڭ ئۇزۇن تاغ جىلسىسى تاشيولى بولۇپ،  ئۇزۇنلۇقى 35.6 كىلومېتر، يول ئۇلىنىڭ كەڭلىكى 12 مېتر، ئەڭ چوڭ يانتۇلۇقى℅5 ، چوڭ – كىچىك كۆۋرۈكتىن 15ى، سۈڭگۈچتىن 81ى، 100 مىڭ كۇپتىن ئارتۇق يول ئاسراش قوپۇرۇلمىسى ياسالدى. پۈتكۈل قۇرۇلۇشقا 200 مىليون يۈەن مەبلەغ كەتتى⑭.   
    2011-  يىل 9- ئاينىڭ 30- كۈنى 56.2 كىلومېتر ئۇزۇنلۇقتىكى، شىنجاڭ بويىچە تۇنجى تاغلىق رايون تېز سۈرئەتلىك تاشيولى بولغان سايرام – تەلكە تېز سۈرئەتلىك تاشيولى پۈتۈپ رەسمىي قاتناش باشلاندى. شۇنىڭ بىلەن  دۆلەت يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ ليەنيۈنگاڭدىن قورغاسقىچە بولغان مۇھىم تەركىبىي قىسمى پۈتۈپ، كۈيتۇن – سايرام يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ئاخىرى غەلبىلىك ئۇلاندى.
   بۇ يول «بوشلۇقتىكى يول» دەپ ئاتالغان بولۇپ، بۇنىڭ سەۋەبى،  پۈتكۈل يول ئېگىز كۆۋرۈك  ۋە تونىللار ئارقىلىق تاغنى كېسىپ يانتۇ ھالەتتە ياسالغان بولۇپ، پۈتۈن لېنىيىدە 5 ئالاھىدە چوڭ كۆۋرۈك، 19 چوڭ كۆۋرۈك، 5 تونېل بار. بۇنىڭ ئىچىدىكى سايرام تونىلى دەپ ئاتالغان باش تونىل سايرام – تەلكە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدىكى ئەڭ ئۇزۇن تونىل بولۇپلا قالماستىن، بەلكى پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئەڭ ئۇزۇن تونىل ھېسابلىنىدۇ. تونىل ئېغىزىدىكى كۆرسىتىش بەلگىسىدە تونىلنىڭ 1827 مېتر ئۇزۇنلۇقتا ئىكەنلىكى، سۈرئەتنى 70 كىلومېتردا كونترول قىلىش لازىملىقى كۆرسىتىلگەن. بۇنىڭدىن قالسا گېنېرالسايدىكى تونىل بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1487 مېتر  كېلىدۇ. مۇشۇ تونىلدىن چىققاندىن كېيىن تەلكە يولىمۇ ئاخىرلىشىدۇ. كۆۋرۈكتە قوش يۆنىلىشلىك تۆت ئاپتوموبىل يۈرىدىغان قىلىپ لايىھەلەنگەن بولۇپ، كەڭلىكى تەخمىنەن 20 مېتر، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 700 مېتر كېلىدىغان تەلكە كۆۋرۈكى بۇ يولدىكى ئەڭ ئۇزۇن كۆۋرۈك ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭ يەر يۈزىدىن ئېگىزلىكى 200 مېتر بولۇپ، شىنجاڭ بويىچە ئەڭ ئېگىز كۆۋرۈك ھېسابلىنىدۇ.  تەلكە يولىنىڭ بۇ قېتىمقى ياسىلىشى بىلەن كەلكۈن، قار كۆچۈش، تاغ گۈمۈرۈلۈش، قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ قاتناشقا توسالغۇ بولۇشىغا خاتىمە بېرىلگەن.
ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى دەۋرىدىكى تەلكە
تەلكە يولى ئىلىنىڭ دەرۋازىسى ھېسابلانغاچقا، ئەينى دەۋردە  ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ جان تومۇرى ئىدى.
    ئىنقىلابنىڭ  ئېھتىياجى بىلەن 1944- يىلى 11- ئاينىڭ 8- كۈنى ئۈچ ۋىلايەت  مىللىي ئارمىيىسىنىڭ لېسكىن قوماندانلىقىدىكى  پارتىزانلار ئەترىتى  تەلكە يولىغا ھۇجۇم قىلغان، ھەمدە سەنتەيگىچە بولغان يولنى ئىگىلىگەن. بۇ چاغدا غۇلجا شەھىرىدىكى گومىنداڭ قوشۇنلىرى لياڭشاڭ، ھەرەمباغ، ئايرۇدۇرۇم قاتارلىق مۇھىم سىتىراتېگىيىلىك ئورۇنلاردا كۈچلۈك مۇداپىئەدە تۇرۇپ سىرتتىن كېلىدىغان ياردەمچى قوشۇننى كۈتىۋاتاتتى. گومىنداڭنىڭ شىنجاڭدىكى ھەربىي قوماندانى جۇ شياۋلياڭ 1944- يىل 11- ئاينىڭ 14- كۈنى جىددىي ھەربىي ئىشلار يىغىنى ئېچىپ، ئىلىغا بەش تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىش بىلەن ھەرەمباغ ۋە كۈرەدىكى مۇھاسىرىدە قالغان قىسىملىرىغا ياردەم بېرىپ، قوزغىلاڭچىلارنى باشتۇرۇشنى قارا قىلغان ئىدى. بۇ بەش يول ئۈرۈمچى – ئىلى تشيولىدىكى تەلكە، ئاچال داۋىنى، قاراشەھەرنىڭ غەربىي شىمالىدىكى داغۇتۇ داۋىنى، مۇزداۋان ۋە تەلكىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئاقسۇ داۋىنى (داشىگو داۋىنى) دىن ئىبارەت بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تەلكىنىڭ ئىستىراتېگىيىلىك ئورنى ئەڭ مۇھىم ئىدى. شۇڭا گومىنداڭ زاپاس 7- دىۋىزىيىسىنىڭ كوماندىرى لى يۈشياڭ قوماندانلىقىدىكى تۆت باتالىيون ۋە 3- پولكقا بىۋاسىتە قاراشلىق جەڭگىۋار ئەترەتنى تەلكىگە ياردەمگە ئەۋەتكەن.  «7- دېۋىزىيىنى ئاساسىي كۈچ قىلغان گومىنداڭ قىسىملىرى پۈتۈنلەي پىيادە ئەسكەر ئىدى، ئۇلاردا زەمبىرەك، ئۇرۇش ماشىنىسى قاتارلىق ئېغىر تىپتىكى قورال – ياراقلار، شۇنىڭدەك چېگرا رايونلارغا ماسلىشىدىغان ئاتلىق ئەسكەر قىسىملىرىمۇ يوق ئىدى. بۇ قىسىملار ئۇيغۇر، قازاق خەلقلىرى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئىلىنىڭ چېگرا رايونلىرىغا چوڭقۇر ئورۇنلاشقان بولسىمۇ، ئەمما تەمىنات يەتكۈزۈش مۇساپىسى ئۇزۇن، خەۋەرلىشىش ۋاسىتىلىرى ناچار بولغاچقا، ئەمەلىيەتتە بىپايان قۇملۇقتا يىتىم ھەرىكەتتە پالەچ ۋە بۆلۈنۈش ھالىتىگە چۈشۈپ قالغان ئىدى. ئوفېتسىرلەر قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان بىلىمسىز كىشىلەر بولغاچقا، چېگرا رايونلارنىڭ تارىخى ئەھۋالى، مىللەتلەرنىڭ كەيپىياتى، جەمئىيەت ئەھۋالى توغرىسىدا ھېچنىمە بىلمەيتتى. ئۆزلىرىنىڭ قورالىغا ھەدىدىن ئارتۇق ئىشىنىپ كېتىپ مىللىي ئارمىيىنىڭ كۈچىنى تۆۋەن مۆلچەرلەيتتى. ئەمەلىيەتتە ئىلكى ۋالىيسى چياۋ گېنجۇ 1944- يىلى 7- ئايدا شىڭ شىسەي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان ۋە نەزەربەنت قىلىنغاندىن كېيىن ھەرقايسى جايلاردىكى مەمۇرىي ئەمەلدارلار مەنسەپ باقىۋەندە ئەمەس دەپ قاراپ كۈن ئۆتكۈزۈشنىڭلا كويىغا چۈشۈپ، يەرلىك ئورۇنلارنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش ئىشلىرىنى قولىنىڭ ئۇچىدىلا ئىشلەپ ئىنتايىن مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان ئىدى. گوچى بىلەن لىيۈيشياڭ ئىككىسى يېڭىدىن دېۋىزىيە قوماندانى بولغانلىقى ئۈچۈن، ھەربىي ئىشلارغا قوماندانلىق قىلىش قابىلىيىتى ۋە تەجرىبىسى يوق ئىدى. مانا بۇ ئېغىر ۋە خەتەرلىك ئەھۋالغا قارىتا قىسىملارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى بولۇۋاتقانلارنىڭ ئىششەنچىسىنى يوقىتىپ ساراسىمىگە چۈشۈپ قالدى. بۇ چاغدا ئىلى رايونىدا 10- ئاينىڭ ئاخىرى بولۇپ  قالغاچقا قىش كىرىپ، توختىماي قار يېغىپ، ھاۋا ناھايىتى سوغۇق بولدى. ئەسكەرلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئىچكىرىلىك بولغاچقا، قاتتىق سوغۇققا چىدىيالمايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە قىسىمنىڭ كىيىم – كېچەكلىرى جەڭ ئېھتىياجىغا ماس كەلمەيتتى. مەسىلەن: ھەربىي پىيما يول يۈرۈشكە تولىمۇ ئەپسىز ئىدى. تېرە پەلەينىڭ 4 بارماقنى تىقىدىغان يېرى بىرلەشتۈرۈپ تىكىلگەنلىكتىن، ئۇنى كىيگەندە مىلتىقنىڭ تەپكىسىنى باسقىلى بولمايتتى. بىر قېتىم 571- پولكنىىڭ 2- باتاليونى كەڭسايدا مەلۇم ئېگىزلىكنى تالىشىش ئۈچۈن بولغان ئۇرۇشتا ھۇجۇمغا ئۆتكەندە ئەسكەرلىرى تاققا چىقالمىغان. باتاليو كوماندىرى كەي جىنۋۇ ئەسكەرلەرنى پىيما ۋە پەلەيلەرنى سېلىۋېتىپ ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە بۇيرۇغان. نەتىجىدە ئەسكەرلەرنىىڭ قول، پۇتلىرى پۈتۈنلەي ئۈششۈپ كەتكەن. چىقىممۇ چوڭ بولغان. بۇ ئەھۋالغا قاراپ باتاپيون كوماندىرى كەي جىنۋۇ ئەلەمگە چىدىيالماي ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىپ تۈگەشتى. ئۇرۇش باشلانغاندىن كېيىن تېلېفون، خەۋەرلىشىش لىنىيىسى ئالدى بىلەن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، قىسىملار ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغانلىقتىن، قىسىملار بىر – بىرىگە ھەمدەمدە بولالمىدى. بولۇپمۇ قاتناش توسىلىپ قالغانلىقتىن، ماددىي ئەشيالار بىلەن تەمىنلەش ئىشى مۇھىم مەسىلىگە ئايلاندى»⑮. ئۇلار سىمپىتوزىدا قوماندانلىق ئىشتابى قۇرۇپ 12- ئاينىڭ 2- كۈنى تاڭ سەھەردە ھۇجۇمغا ئۆتۈپ پارتىزانلارنى چېكىندۈرۈپ، كونا ئەرتەينى ئىگىلىۋالغان. ھەمدە تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ كەڭسايغا كەلگەن.  مىللىي ئارمىيە بىلەن تاشيول ئىشچىلىرى دەرەخ شاخلىرى، قار – مۇزلارنى دۆۋىلەپ يولنى توسۇپ تۇرۇپ گومىنداڭ قوشۇنىغا قاخشاتقۇچ زەربە بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن گومىنداڭنىڭ تانكا، ئاپتوموبىللىرى رولىنى پۈتۈنلەي  يوقاتقان، دۈشمەن بىلەن پارتىزانلار قاتتىق تىركىشىۋاتقان  مۇشۇنداق پەيتتە غېنى باتۇر 500 كىشىلىك پارتىزانلار ئەترىتىنى باشلاپ ياردەمگە كەلگەن. كېيىن گومىنداڭ قوشۇنى چېكىندۈرۈلگەندە تاشيول ئىشچىلىرى مىللىي ئارمىيىنىڭ ھەربىي يۈرۈش ئېھتىياجى ئۈچۈن  يولنى تېزلىكتە راۋانلاشتۇرغان. مۇشۇ ۋاقىتلاردا تەلكە ئىچىدىلا 50 تىن ئارتۇق ياغاچ كۆۋرۈك ياسالغانىدى⑯.
    كەڭساي ئۇرۇشى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تارىخىدىكى ئىنتايىن كەسكىن ئۇرۇشلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، گومىنداڭ قوشۇنلىرى كەڭسايدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ كەتسىلا تەلكىدىن چىقىپ كېتەلەيتتى. شۇڭا دۈشمەنمۇ، پارتىزانلارمۇ جان – جەھلى بىلەن ئېلىشقان ئىدى.  بۇ 1945- يىلى  12- ئاينىڭ 6- كۈنى بولغان ۋەقە ئىدى. ئەشۇ دەھشەتلىك ئۇرۇشتا تاتار مىللىتىدىن بولغان پارتىزان رەخىمجان قىياتاشتىن پەسكە سىيرىلىپ چۈشۈپ گومىنداڭ تانكىسىغا يېقىن قالغاندا ئوق تېگىپ قۇربان بولغان؛  تاتار مىللىتىدىن بولغان ھەمشىرە پاتىمە يارىدار جەڭچىنى يۈدۈپ كېتىۋاتقاندا ئوق تېگىپ قۇربان بولغان؛  مەلۇماتلىق ئوقۇتقۇچى، تەنتەربىيە ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن پائالىيەتچان ئۇستاز، كوماندىر ئارۇپ ئەۋزىمۇ شۇ كۈنى تاغ چوققىسىدىكى ئۈرۈك دەرىخىنىڭ يېنىدا ئوق تېگىپ قۇربان بولغان⑰. 1947- يىلى مىللىي ئارمىيىنىڭ باش شتابى ھەربىي – سىياسىي كادىرلارنى تەربىيىلەش ئۈچۈن مۇشۇ كەڭسايغا ھەربىي مەكتەپ قۇرغان. مەكتەپ ئورنى كەڭساي يول ياساش ئىدارىسىنىڭ ياغاچ قۇرۇلمىلىق بىناسىدا ئىدى. ئەخمەتجان قاسىمى بۇ مەكتەپنىڭ سىياسەت، تىل – ئەدەبىيات دەرسىنى بېرىش ئۈچۈن شەھەردىن نۇر سادىروۋ ۋە زۇزۇن قادىرىنى تەكلىپ قىلغان. غازىيوپ بۇ مەكتەپنىڭ مۇدىرى بولغان. كېيىنكى چاغلاردا ئەخمەتجان قاسىمى ۋە باشقا مىللىي ئارمىيە رەھبەرلىرى بۇ جايدىن ئۆتكەندە مەكتەپكە چۈشۈپ ئوفېتسېر جەڭچىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ ئەھۋال سوراپ، يوليورۇق بېرىپ تۇرغان.  ئەشۇ يىللاردا، يەنى  1945- يىل 4- ئاينىڭ 8- كۈنى بۇ جايدا «كەڭساي 3- ئاتلىق پولكى» قۇرۇلۇپ بايراق تاپشۇرۇپ ئالغان ئىدى.
    سوپاخۇن سوۋۇروفنىڭ ئەسلىمىسىگە ئاساسلانغاندا، ئۈچ ۋىلايەتتىكى تاشيول ئىدارىسىنىڭ ئاسرايدىغان تاشيول لېنىيىسى غۇلجىدىن ماناس دەرياسى بويىغىچە، شىخودىن چۆچەك، ئالتايلارغىچە ئىدى. يوللارنىڭ سۈڭگۈچ ۋە تاشما سۇلۇق يۈزىنى ياساشتا پولات ماتېرىياللىرى ۋە سىمۇنت بولمىغانلىقتىن چەتتىن ئىمپورت قىلىشقا توغرا كېلەتتى. بۇنىڭ ھىقىمى كۆپىيىپ كېتەتتى. شۇڭا چىقىمنى ئازايتىش ئۈچۈن بۇنداق يوللارمۇ ياغاچ- تاشلاردىن ياسىلاتتى. شۇ سەۋەبتىن ئورمانلار كېسىلىپ ئورنىنى تولدۇرۋالغۇسىز زىيان بولاتتى. يول يۈزى كالىغا سۆرەم سۆرىتىش ئارقىلىق رېمۇنت قىلىناتتى ۋە تۈزلىنەتتى. بەك ناچار يەرلەر گىردىر (يول تۈزلەش ماشىنىسى) بىلەن تۈزلىنەتتى. كەڭساينىڭ يولى ھەم تار ھەم تىك داۋان بولۇپ، مال – چارۋىلار، ئات ھارۋىلىرى، ماشىنا ۋە پىيادىلەرنىڭ ھەممىسى شۇ يولدىن ئۆتۈشى كېرەك ئىدى. شۇڭا بۇ يولدا دائىم دېگۈدەك خەتەرلىك ھادىسىلەر كۆرۈلۈپ تۇراتتى.
تەلكە ھەققىدىكى تەسۋىرلەر
    1221- يىلى چىڭگىزخانغا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ سىرىنى يېشىپ بېرىش ئۈچۈن تەكلىپ بىلەن موڭغۇل ئوردىسىغا بارغان  ئەۋلىيا چيۇ چۇجى تەلكە يولىدىن ئۆتكەن ۋە بۇ يول  ھەققىدە تەپسىلىي خاتىرە قالدۇرغان. ئۇنىڭدىن باشقا موڭغۇل خانى مۆڭگۈ غەربىي ئاسىياغا ئەلچىلىككە ئەۋەتكەن چاڭ دې، 13- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، يەنى 1249-1253- يىللار ئارىلىقىدا ياشىغان، «تارىخىي جاھانكۇشاي» (دۇنيانى بويسۇندۇرغۇچىنىڭ تارىخى) ناملىق تارىخىي ئەسەرنىڭ مۇئەللىپى — پېرسىيە تارىخچىسى جۇۋەينى،  كىچىك ئەرمىنىيەت پادىشاھى ھايتۇن 1، ياۋروپالىق سودىگەر ف. پېگوللايت، رىم پادىشاھىنىڭ ئەلچىسى مالىنوللى، نوشىرۋان يائوشېف قاتارلىقلارمۇ  تەلكە يولى ھەققىدە مۇھىم ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ، شەرق – غەرب ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا زور تۆھپىلەرنى قوشقان.  ئۇنىڭدىن باشقا سادىر پالۋان، ئېلاخۇن كۆككۆز، زۇنۇن قادىرى، زوردۇن سابىر، ئابدۇراھمان ئەبەي، رەخىم قاسىم، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، د. تۇرەخمەتوف، خ . تالىپ  قاتارلىق مەشھۇر ئۇيغۇر شەخسلەرنىڭ قوشاق، ئەسلىمە، رومان، شېئىرلرىدىمۇ تەلكە ھەققىدە نۇرغۇن ئەھميەتلىك  ۋەقەلەر خاتىرىلەپ قالدۇرۇلغان.
    چىڭ سۇلالىسى داۋگۇاڭنىڭ 22- يىلى (مىلادى 1842- يىلى) 11- ئاينىڭ 6- كۈنى لىن زېشۈي تەلكە تېغىدىن ئۆتكەندە تەلكە ھەققىدە مەخسۇس قىسقىچە خاتىرە قالدۇرغان. ئۇنىڭ خاتىرىسىدە يېزىلىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا دېڭىزنى ئايلىنىپ غەرپكە قاراپ تەخمىنەن  40 چاقىرىم ماڭغاندا سىمپۇتۇزىغا يېتىپ بارغان. بۇ جايدا تاغنى كېسىپ ئاچقان داۋان يولى بولۇپ، بۇرۇنقىلارنىڭ خاتىرىلىرىدە تەلكە تېغى دەپ يېزىلغان. بۇ جايدا بىرنەچچە ئاشخانا بولغان، ئۇ بۇ ئاشخانىدا بىردەم ئولتۇرۇپ شىۋىرغان پەسلىگەندە ھارۋىغا چىقىپ يولىنى داۋاملاشتۇرغان، بىراق ئىككى چاقىرىم ماڭمايلا بوران كۈچىيىپ ئادەم ۋە ئاتلارنى ئۇچارتىپ كەتكىلى تاس قالغان، ھارۋا ئىچىگە قار تىقىۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھارۋىدىن چۈشۈپ ھارۋا ئارقىسىدىن ئەگىشىپ مېڭىشقا مەجبۇر بولغان. يەنە ئىككى چاقىرىمدەك يول يۈرگەندىن كېيىن بوران پەسلىگەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەنە ھارۋىغا چىقىۋالغان. بۇ يەردە ئۇ يول ياساش ھەققىدىكى ئابىدىنى كۆرگەن. تاغدىن چۈشكەندىن كېيىن ئالمىلىق ساي دېگەن يەرگە يەلگەن. بۇ جاينىڭ مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل ئىكەنلىكىنى ئەمما قىش كېلىپ قالغاچقا بۇ مەنزىرىلەرنى تاماشا قىلغىلى بولمىغانلىقىنى تاغدىن چىققىچە 10 نەچچە كۆۋرۈكتىن ئۆتكەنلىكىنى يازغان⑱. ئەۋلىيا چيۇ چۇجىنىڭ تەلكىدىن ئۆتكەندە يازغان خاتىرىسى كېيىن ئۇنىڭ شاگىرتى لى جىچاڭنىڭ «ئەۋلىيا چيۇ چۇجىنىڭ غەرپكە ساياھەت قىلىش خاتىرىسى» گە تەپسىلىي كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، مۇنداق دېيىلگەن: «سەھەردە قوپۇپ، غەربىي جەنۇبقا قاراپ تەخمىنەن 20 چاقىرىم ماڭغاندا چوڭ كۆل (سايرام كۆلى) بولۇپ، ئايلانمىسى 200 نەچچە چاقىرىم كېلىدۇ، قارلىق چوققىلار ئوراپ تۇرىدۇ، چوققىلارنىڭ ئەكسى كۆل سۈيىدە كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ئۇنى تەڭرى كۆلى دېيىشىدىكەن. كۆلنى بويلاپ جەنۇبقا ماڭغاندا ئوڭ- سول تەرەپلەردە تىك چوققىلار قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، قارىغاي، قىيىنلارنىڭ ئېگىزلىكى 100 چىدىن ئاشىدۇ. ساي – سايلاردىن چۈشكەن سۇ جىلغىدىكى ئېقىنغا قوشۇلۇپ، جىلغا ئىچىدە ئەگرى – بۈگرى ھالەتتە ئاقىدۇ. چاغاتاي خان غەرپكە يۈرۈش قىلغاندا تاشلارنى قومۇرۇپ يولنى راۋانلاشتۇرۇپ، دەرەخلەرنى كېسىپ 48 ئورۇنغا كۆۋرۈك ياسىغان، كۆۋرۈكلەردىن ھارۋا ئۆتەلەيدۇ. سۇ – ئوتلىرى مول، ھاۋاسى ساپ»⑲.
     موڭغۇل خانى مۆڭكە غەربىي ئاسىياغا ئەۋەتكەن ئەلچى چاڭ دې مۇنداق يازغان: «يەنە غەربىي جەنۇبقا قاراپ ماڭغاندا بورتالادىن ئۆتىدۇ، شەھەرنىڭ شىمالىدا دېڭىز بار (سايرام كۆلىنى دېمەكچى)، شامال بەك قاتتىق بولۇپ، ئادەمنى دېڭىزغا ئىتتىرىپ چۈشۈرىۋېتىدۇ. غەربىي جەنۇبقا قاراپ 20 چاقىرىم يۈرگەندە، تۆمۈرچازا دېيىلىدىغان ئۆتكەل بار (ھازىرقى سىمپۇتۇزا)، ئۆتكەلگە قارىغۇچىلارنىڭ ھەممىسى خەنزۇ، ئۆتكەل يولى ئوڭغۇل – دوڭغۇل خەتەرلىك. ئۆتكەلدىن ئۆتسە ئالمىلىق شەھىرىگە بارىدۇ، شەھەردە سۇلار ئېقىپ تۇرىدۇ، نۇرغۇن مىۋىلەر بولۇپ، ئانار بىلەن ئۈزۈمى ئەڭ ئىسىل⑳.
مىنگونىڭ 36- يىلى (1947- يىلى) يېزىلغان شۈ چۇڭخاۋنىڭ «شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تەزكىرىسى. شىنجاڭنىڭ ئورمانچىلىقى» دېگەن كىتابىدا مۇنداق يېزىلغان: «... 70 چاقىرىم نېرىدىكى سىمپۇتوزا دېگەن يەردە تاغ – جىلغىلارنى قاپلاپ بۈك – باراقسان ئكسكەن قارىغايلىق بار. قارىغايلارنىڭ تولىسىنىڭ غولى 2-3 ئادەمنىڭ غۇلىچى يەتكۈدەك يوغان بولىدۇ. قارىغاي تۈرلىرىدىن قىل يوپۇرماقلىق قارىغاي، تال قارىغاي، ئاق قارىغاي دېگەنلەر بار. يەنە ئارچىمۇ بار. يۇقىرى تۆۋەن داۋاندىن ئۆتۈپ 20 چاقىرىم نېرىدا كەڭساي دېگەن يەر بار. كەڭسايدىكى يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە قارىغاي، ئارچىدىن باشقا، ئوخشاپ كەتكەن ياۋا مېۋىلىك دەرەخلەر كۆپ، ئۇنىڭدىن قالسا شاپتۇل، ئۆرۈك، چىلان قاتالرىقلارمۇ كۆپ، يەنە قىيىن ۋە قات – قات قوۋزاقلىق دەرەخ تۈرىدىكىلەرمۇ بار. دەريا بويلاپ ئارىلاپ يۇلغۇنۇقلار ئۇچرايدۇ، بەس – بەستە ئېچىلغان ياۋا گۈللەر ئەتراپقا خۇشپۇراق چېچىپ تۇرىدۇ»(21). بۇلاردىن باشقا يەنە  يوللىغ چۇساينىڭ «غەربكە ساياھەت خاتىرىسى»، خۇڭ دېچىننىڭ «شىنجاڭنىڭ تارىخ – جۇغراپىيە ئومۇمىي تەزكىرىسى»  قاتارلىق ئەسەرلەردىمۇ تەلكىنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى ھەققىدە قىسقىچە خاتىرىلەر قالدۇرۇلغان.

بىز ئىلىدىن چىققاندا،
دوستلار قالدى قايغۇرۇپ.
تەلكىنىڭ داۋانىدا،
ھارۋام سۇندى لەڭ ئۇرۇپ.
لوسىگۇڭ ئۆتەڭ دەيدۇ،
تەلكە ئېغىزى بىر قولتۇق.
تەلكىدە كارۋان تولا،
ئۆتەلمەستىن ئۈچ قوندۇق.

بىز ئىلىدىن چىققاندا،
دوستلار قالدى قايغۇرۇپ.
تەلكىنىڭ داۋانىدا،
ھارۋام سۇندى لەڭ ئۇرۇپ.
لوسىگۇڭ ئۆتەڭ دەيدۇ،
تەلكە ئېغىزى بىر قولتۇق.
تەلكىدە كارۋان تولا،
ئۆتەلمەستىن ئۈچ قوندۇق.
تەلكىنىڭ داۋانىدا،
پىششىپ قاپتۇ تاغ ئۆرۈك.
تەلكە ئاتلاپ ئۆتكىچە،
يولىدا توققۇز كۆۋرۈك.
تەلكە دېگەن چوڭ داۋان،
يامان يېرى تاش داۋان.
تاش داۋاندىن ئۆتكىچە،
ئوقۇيمىز مىڭ سۇبىھان.
تەلكە دېگەن ئېگىز جاي،
قاپتىلىدا قورام تاش.
كېتىپ بارغان كارۋاننىڭ
كۆزلىرىدىن ئاقار ياش.
تەلكىنىڭ داۋانىدىن،
كارۋان توختىماي ئۆتتى.
سۇلايمان يىغلىغان بىلەن،
ئېلاخۇن يىغلىماي ئۆتتى.
تەلكىنىڭ داۋانىنىڭ
ئىككى ئۆتىڭى تاشلىق.
تاش ئۆتەڭدىن ئۆتكىچە،
تۈگەپ كېتىدۇ ياشلىق.

تەلكىدىن چىقىپ سايرام،
ئەتراپى بوران – قاينام.
ئاتلارنى دۆڭگە تارتىپ،
ئۇتەيدە ئالدۇق ئارام.
تەلكىنىڭ داۋانىدا،
پىششىپ قاپتۇ تاغ ئۆرۈك.
تەلكە ئاتلاپ ئۆتكىچە،
يولىدا توققۇز كۆۋرۈك.

تەلكە دېگەن چوڭ داۋان،
يامان يېرى تاش داۋان.
تاش داۋاندىن ئۆتكىچە،
ئوقۇيمىز مىڭ سۇبىھان.

    مانا بۇ «ھارۋىكەش قوشاقلىرى» دا تەسۋىرلەنگەن تەلكە.  تەلكە ھەققىدە يەنە بىز كۆرمىگەن- ئاڭلىمىغان نۇرغۇن ۋەقەلەر،  ھېكايىلار، شېئىر – قوشاق،  ناخشا – مەدھىيىلەر بار. تارىختىن بۇيان  بۇ جايدىن ئۆتكەن ئەدىب – شائىرلار، سەيياھلار، سىياسىئونلار، سودىگەرلەر، چارۋىچىلار، ھارۋىكەشلەر تەلكىنىڭ گۈزەل ھەم خەتەرلىك مەنزىرىسىدىن ھاياجانلانغان ۋە  ئۆز ھېسسىياتلىرىنى خاتىرىلەرگە  پۈتۈشكەن ياكى قوشاق توقۇپ ناخشا قىلىپ ئېيتىشقان.  شۇڭا، تارىختىن بۇيان ئۇنىڭ نامى ئۆچۈپ قالمىغان، بەلكى كىتاب – دەستۇرلارغا پۈتۈلۈپ، يىراق – يېقىنغا تارالغان.
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
① مەھمۇد قەشقەرى: «تۈركىي تىللار دىۋانى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1- توم 504-بەت.
② مەھمۇد قەشقەرى: «تۈركىي تىللار دىۋانى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1- توم  604 – بەت.
③⑫⑬⑭ ۋاڭ كېجى: «ئىلىدىكى يەر ناملىرىنىڭ تارىخى» (خەنزۇچە)، شىجاڭ گۈزەل سەنئەت – فوتو سۈرەت نەشرىياتى 2002 – يىل نەشرى.
④  «قورغاس ناھىيىسى دېھقانچىلىق ئىگىلىكىنىڭ رايونلارغا ئايرىلىشى»  قورغاس ناھىيىلىك دېھقانچىلىق ئىگىلىكىنى رايونلارغا ئايرىش كومىتېتى تۈزگەن، 1984- يىل.
⑤ «چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە شىنجاڭدا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى تەرىپىدىن تاغ – مۇزلۇقلارغا ئاتاپ نەزىر قىلىش ئادىتى توغرىسىدا تەتقىقات»،  «غەربىي يۇرت تەتقىقاتى» (خەنزۇچە)، 2007 – يىل 1- سان.
⑥ «كېيىنكى خەننامە»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،  «غەربىي يۇرت تەزكىرىسى» گە قارالسۇن.
⑦⑧ خوڭ تاۋ: «تەلكىنىڭ قىسقىچە قاتناش تارىخى» ، «شىنجاڭ ئىجتىمائي پەنلەر تەتقىقاتى» (ئىچكى ژۇرنال، خەنزۇچە) 1987- يىللىق 21 -سان.
⑨ «شىجاڭنىڭ خەرىتىلىك تەزكرىسى» (خەنزۇچە)، 63- جىلد.
⑩ «شىجاڭنىڭ خەرىتىلىك تەزكرىسى» (خەنزۇچە)، 87- جىلد.
⑪ ياڭ زېڭشىن: «ئىستىغپار ھوجرسىدا يېزىلغان مەكتۇپلارنىڭ داۋامى»، (خەنزۇچە) 1- جىلدى. خوڭ تاۋنىڭ «تەلكىنىڭ قىسقىچە قاتناش تارىخى» ناملىق ماقالىسىدا ئېلىنغان نەقىل. «شىنجاڭ ئىجتىمائي پەنلەر تەتقىقاتى» (ئىچكى ژۇرنال، خەنزۇچە) 1987- يىللىق 21 -سان.
⑮ «شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى»، 10- قىسىم 196- بەت.
⑯ « شىنجاڭ تاشيول قاتناش تارىخى 1- قىسىم، يېقىنقى زامان تاشيول قاتنىشى» (خەزۇچە)  خەلق قاتناش نەشرىياتى، 256- بەت.
⑰ ئابلەت ئابدۇللا: «ئىلى يولى ۋە زۇنۇن قادىرى»، «ئىلى تارىخ ماتېرىياللىرى»  15- سان، 232- بەت.
⑱ «لىن زېشۈ ئىلىدا»، ئىلى پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى كۇتۇپخانىسى بىلەن مەكتەپ ئىلمىي ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى تۈزۈپ باستۇرغان (خەنزۇچە)، 23- بەت.
⑲⑳ «يىپەك يولىغا ساياھەت» (خەنزۇچە)،  2001 – يىللىق 3- سان، 14- بەت.
(21) «شىنجاڭ ئومۇمىي تەزكىرىسى. 35- توم. ئورمانچىلىق تەزكىرىسى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2005 – يىل نەشرى 102 –بەت.
قوشۇمچە پايدىلانغان ماتېرىياللار:
1. ئابدۇشۈكۈر مەخسۇت: «تەلكە يولىنىڭ ياسىلىشى» شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى 1997- يىل 6 – ئاينىڭ 21– كۈنىدىكى سانى.
2. «گۇاڭشۈ يىللىرىدىكى سۈيدىڭ ناھىيىسىنىڭ يەرلىك تەزكىرىسى» (خەنزۇچە)، ئىككىنچى جىلد.
3. «گۇاڭشۈ يىللىرىدىكى ئىلى مەھكىمىسىنىڭ تەزكىرىسى» (خەنزۇچە)، 2- جىلد.

12

تېما

0

دوست

1060

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11234
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 29
تۆھپە : 306
توردىكى ۋاقتى: 37
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-2 02:28:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەلكە ھەققدە مۇكەممەل يېزلغان ئەسەركەن ، تەلكە ھەققىدىكى تارىخ قوشاقلارمۇ كۆپ  يېزلغان ...مۇشنداق ياخشى يازمىنى يولىغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت .

تەلكە داۋىنى

ئالىپ ئوغۇز

بۇلۇت ئۈستىدە ئولتۈرىدۇ بىر بوۋاي ،
چىرمىۋالغان ئۇنى چەكسىز خىياللار .
تامغان يېشى ئۆركەشلەيدۇ جىلغىدا ،
ساھىلىدا يېشل قارغاي چايقىلار .
قوينىدىكى تىلسىمات تاغ يولى،
تۇمان ئارا تەۋرەر تىنماي دار سىمان .
باقار گاھى چۈشلىرىگە قىيالماي،
كېلىپ قالسا سادىر ئوغلى ئېسىگە .
ياكى كارۋانلارنىڭ ئۇنتۇلغان ناخشىسى ،
شامال كەبى سۆيۈپ ئۆتسە مەڭزىگە .
بار ئۇنىڭدا كۆك ئاسماننىڭ مەنزىلى ،
سانسىز يۇلتۈز قانات قاققان باغرىدا .
ئۆتۈپ قالساڭ يېنىدىن سالام بېرىپ ئۆت !
ھايات _ ماماتىڭ تۇرار ئەنە قولىدا .



يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

1049

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   4.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33141
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 312
توردىكى ۋاقتى: 32
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-2 10:30:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماڭا سادىر پالۋاننىڭ شىئىرلىرى لازىمتى توردىن تاپقىلى بولامۇ

0

تېما

0

دوست

934

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   86.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33827
يازما سانى: 106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 276
توردىكى ۋاقتى: 22
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-2 11:57:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تەلكە ھەققىدىكى مۇپەسسەل ماقالا بوپتۇ...تەشەككۈر!

0

تېما

9

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   10.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8496
يازما سانى: 511
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 981
تۆھپە : 3918
توردىكى ۋاقتى: 1613
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-2 12:08:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غۇلجىدا ئۆسۈپ ئەر بوغىچە تەلكىمىز ھەققىدە ھېچ ئاڭلىمىغان ھېكايىلەرنى ئاڭلاتتىڭىز ، بارىكاللا-ھەشقاللا ئۇستاز....!!!!

0

تېما

0

دوست

150

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   50%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33916
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 44
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-2 14:14:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەشھۇرلىرىمىزنىڭ تەرجىمىھالى
http://bbs.anatuprak.cn/read.php?tid=8023&page=1

6

تېما

7

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   24.22%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22736
يازما سانى: 250
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 6460
توردىكى ۋاقتى: 96
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-2 15:29:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەنزۇچە نىمە دەپ ئاتايدۇ ؟ سۈنئىي ھەمراھ خەرىتىسىدىن كۆرۈپ باقاي . ياخشى چۈشەندۈرۈش بوپتۇ !

0

تېما

4

دوست

2682

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   22.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33780
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 850
توردىكى ۋاقتى: 23
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-2 21:01:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ماقالە ئىكەن ، تەلكە تاغلىرى دېگەن ناخشىنى ئىسىمگە سالدى....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )