- تىزىملاتقان
- 2011-11-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-19
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7022
- نادىر
- 0
- يازما
- 383
ئۆسۈش
40.44%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا generall تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-2 11:18
جۇڭگوچە ھاجەتخانا
تەرجىمان: گېنېرال
غەرب دۆلەتلىرىگە بېرىپ قايتىپ كەلگەن ۋەتەنداشلىرىمىز دائىم ئۇ يەرنىڭ ھاجەتخانىلىرىنى ماختايدۇ، تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ ھاجەتخانىلىرى خۇددى مېھمانسارايلارغا ئوخشايدۇ، دەيدۇ. مەن بىر سەھرالىق تومپاي، چەتئەللەرگە بېرىپ باقمىغان بولغاچقا ئۇلارنىڭ ھاجەتخانىلىرىنىڭ قانداقلىقىنى بىلمەيمەن، لېكىىنبىزنىڭ ھاجەتخانىلىرىمىزنىڭ قانچىلىك<<ئەسكى>>لىگىنى بىلىمەن. بىزنىڭ ھاجەتخانىلىرىمىز دەل مۇشۇنداق ناچار بولغانلىقى ئۈچۈن، چەتئەللەرگە چىققان كىشىلىرىمىزنىڭ ئۇ يەرنىڭ ھاجەتخانىلىرىنى كۆرۈپ نېمىشقا ھەيران قالىدىغانلىقىنى چۈشەنگىلى بولىدۇ.
جۇڭگو پۇقرالىرى بىر قەۋەتلىك ئادەتتىكى ئۆيلەردە ئولتۇرىدىغان چاغلاردا ھاجەتخانىنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتقان. ھەر بىر ئائىلىدە گارشۇك بار ئىدى، كىممۇ يېرىم كېچىدە نەچچە ئون مېتىر، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ يىراق جايدىكى ھاجەتخانىغا بېرىشنى خالىسۇن؟
بۇرۇن مۇنداق بىر يۇمۇر بار ئىدى: چەتئەللىكلەر جۇڭگوغا كەلسە ھاجەتخانىنى ئاسانلا تاپالايدىكەن، يەنى پۇراققا ئاساسەن ئىزدىسىلا بولىدىكەن.
ئارىلاش ئولتۇراقلاشقان بىر چوڭ قورو بار ئىكەن، ھويلىدىكى ئازگالغا كىشىلەر قاتارلىشىپ زوڭزىيىپ ئولتۇرىدىكەن، ئارىنى توسۇپ تۇرىدىغان تاختايمۇ يوقكەن. مەيلى نېمىلا بولسۇن، بۇ بىز جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ شۇ قەدەر يېقىنچىلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ يەردە زوڭزىيىپ ئولتۇرغان ۋاقتىڭىزدا دائىم خوشنىلار ئۇچراپ قالىدۇ-دە، شۇنىڭ بىلەن تاماكا چەككەچ پاراڭغا چۈشۈپ كېتىسىز. بۇنداق چاغدا ھاجەتخانا پاراڭ سورۇنىغا ئوخشاپ قالىدۇ، پەقەت شۇ پۇرىقى بىر ئاز غەيرىيرەك.
يەنە مۇنداق بىر يۇمۇر ئېسىمدە: ناھايىتى چوڭ بىر ئائىلىلىكلەر(بىر قەۋەتلىك تۈز ئۆيلەر) ھويلىسىدا پەقەت بىرلا ھاجەتخانا باركەن، شۇڭا كىشىلەر ئۇ يەردە دائىم ئۇزۇن ئۆچىرەتتە تۇرۇپ كېتىدىكەن. ئاياللار بىر قۇر، ئەرلەر بىر قۇر تۇرىدىكەن. بىر كۈنى ئەتىگەندە بىر قىزىقارلىق ئىش يۈز بېرىپتۇ، ئاياللار ئۆچىرىتىدە، يىگىرمە نەچچە ياشلاردىكى بىر يىگىت پەيدا بوپتۇ، ئۇنىڭ ئۇيقۇسى تولۇق ئېچىلمىغاندەك بولۇپ،ئەتراپتىكىلەر بىلەن كارى يوق ھالدا تۇرغۇدەك. ئاياللار قورققىنىدىن گەپمۇ قىلالماپتۇ. ھەممىسى نۆۋىتىنىڭ تېزرەك كېلىشىگە ئالدىرايدىكەن. ئىشىك ئالدىغا يېقىنلىشىپ قالغاندا ئاياللارنىڭ سەۋر قاچىسى تولۇپتۇ، كىم بىلسۇن، بۇ چاغدا يىگىت توساتتىن ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ، بىر ئۆيگە قاراپ توۋلاپتۇ:
- ئاپا، نۆۋىتىڭ كەلدى!
ھازىر شەھەرلىكلەرنىڭ كۆپىنچىسى بىناغا چىقىۋالدى، ھاجەت مەسىلىسىمۇ ھەل بولدى. لېكىن سىرتقا چىققاندا يەنىلا ئاۋارىچىلىككە ئۇچراپ قالىدىغان گەپ. جۇڭگونىڭ كۆپ قىسىم شەھەرلىرىدە ئاممىۋى ھاجەتخانىلار بەكلا ئاز، يەنە كېلىپ تاپماق تەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپ قىسىم ئىدارە - ئورگانلارنىڭ ھاجەتخانىسى سىرتقا ئېچىۋېتىلمىگەن. شۇ سەۋەب، سىز كوچا ئايلانغىلى چىققاندا ھاجىتىڭىز قىستاپ قېلىش مۈمكىنچىلىكى بولسا، ئاۋال شۇ يەرنىڭ يەر شەكلى ئەھۋالىغا پىششىق بولۇشىڭىز، نەچچە يۈز كۇۋادرات مېتىر دائىرىدىكى ھاجەتخانىلارنىڭ قەيەردىلىكىنى بىلىشىڭىز زۆرۈر. بولمىسا قاق بالاغا قالىسىز. نەچچە يىللار ئىلگىرى مەن بازار ئايلىنىپ يۈرگىنىمدە ھاجىتىم كېلىپ قالدى. ئەتراپتا ئاممىۋى ھاجەتخانا يوق ئىدى، مەن يېقىن يەردىكى بىر ئىدارىگە يۈگۈرۈپ دېگۈدەك كېلىشىمگە، دەرۋازىۋەن ئالدىمنى توسۇپ، نېمە ئىشىم بارلىقىنى سوراپ تۇرىۋالدى. مەن <<ھاجەتخانىغا>> دەپ قويۇپلا يۈگۈرۈپ كىرىپ كەتتىم. دەرۋازىۋەن دەرھال قوغداش بۆلۈمىگە خەۋەر قىلدى. مەن ئىچىدە ئولتۇرىمەن، ئىشىك ئالدىدا قوغداش خادىمى تۇرىدۇ، خۇددى رەھبەرلەردەك مۇئامىلىگە ئېرىشتىم. كېيىن ئارىمىزدا ھېچقانداق سۈركىلىش بولمىدى، ئۇلار مېنىڭ راستىنلا ھاجەت راۋا قىلغىلى كىرگىنىمنى كۆرۈپ ئۈندىمىدى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، غەرب دۆلەتلىرىدە كىشىلەر ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ ھاجەتخانىسىنى ئىشلەتمەكچى بولسا ھېچكىم توسۇۋالمايدىكەن.
بىر قېتىم مەن بىر ئاممىۋى ھاجەتخانىغا ئەمدىلا كىرىشىمگە سىرتتا بىرىنىڭ << مەن پۇل ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، ياردىمىڭىز بولسۇن، كىرگۈزىۋېتىپ تۇرىڭە>> دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلىدىم. ھاجەتخانىغا قارايدىغان ئايال يېقىمسىز ئاۋازى بىلەن<< شۇنچە چوڭ ئادەم تۇرۇپ يىگىرمە تىيىنمۇ يوقكەندە؟ ئەمىسە چىداڭ!>> دېدى. ئۇ كىشى ئۈچۈن پۇل تۆلەپ قويغۇم بولسىمۇ، لېكىن بۇ خوتۇننىڭ شۇ خىل ئاۋازىدىن سىرتقا چىققۇم كەلمىدى. قاراڭ، بىر ھاجەتخانىغا قارايدىغان ئادەم----- نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا، ھاجەتخانىغا قارىغۇچى بىلەن ئەلباشى ئوخشاش ئادەم ، ئىش تەقسىماتى جەھەتتە ئوخشىمايدۇ،ئوخشاشلىقى ھەممىسى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. بىراق جۇڭگودا نەزەرىيە بىلەن رېئاللىق ئارىسىدا پەرق بەك چوڭ، پىكرىمگە قارشى چىقمايدىغىنىڭلارغا ئىشىنىمەن. ئۇ ئايال تاسادىپىي ھالدا يېنىغا پۇل سالمىغان ھەم ھاجىتى قىستاپ قالغان بىرىگە يولۇقۇپ قالغىنىدا، خۇددى ئاكيۇ كىچىك راھىبەگە ئۇچراپ قالغىنىدەك ھەيۋىسىنى كۆرسىتىۋالدى. بۇ جۇڭگونىڭ ئۇزۇن يىللىق ئەنئەنىلىرىنىڭ بىرى ------ ئاجىزلارنىڭ ھەمىشە تېخىمۇ ئاجىزلارنى بوزەك قىلىشنى ياخشى كۆرۈشىدۇر.
...
جۇڭگودىكى كۆپىنچە ھاجەتخانىلار كەچلىكى تاقىلىدۇ. بىر تەرەپكە شەھەر ئاھالىلىرى ئەھدىنامىسى يېزىلغان: << قالايمىقان چوڭ-كىچىك تەرەت قىلماڭ>>، بىر تەرەپتە چىڭ قۇلۇپلانغان ئاممىۋى ھاجەتخانا. قانداقلا قارىسىڭىز بىر قارا يۇمۇر. پۇقرالارنىڭ ئاجرىتىش سىستېمىسى كەچ كىرىشى بىلەن ئىشلەشتىن ئاپتوماتىك توختاپ قالمايدۇ-دە، شۇنىڭ بىلەن كوچىدىكى بۇلۇڭ - پۇچقاقلار تەبىئىي تۈردە شال ئېتىزىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ.
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، بىر دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت دەرىجىسىنى يۇقۇرى-تۆۋەنلىكى ھاجەتخانىلار ئارقىلىق ئىپادىلىنىدىكەن. ھاجەتخانا بىر دۆلەتنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى. ھاجەتخانىغا قارىغۇچىنىڭ يېنىغا پۇل سېلىۋالمىغان ھالدا ھاجەتخانىغا كىرمەكچى بولغان ئادەمنىڭ چىرايىغا قاراپ ئىش كۆرۈشىدىن، جامائەت بايلىقىغا مەسئۇل بولغۇچىنىڭ ياردەمگە مۇھتاج پۇقراغا تۇتقان پوزىتسىيىسىنى بىلگىلى بولىدۇ، كەچلىكى تاقىۋېتىلگەن ھاجەتخانىلارغا قاراپ، ھوقۇق بېشىدىكىلەرنىڭ پۇقرالارنىڭ چىقىرىش ھوقۇقىغا ئېتىبارسىز قارىغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.
ئەگەر بىر كۈنى، پۇقرالارنىڭ چىقىرىش ھوقۇقى نەزەرگە ئېلىنىپ قالسا ۋە ھۆرمەتلەنسە، ھېچكىممۇ پۇل ئېلىۋالمىغانلىق سەۋەبىدىن ھاجەتخانا سىرتىدا قالدۇرۇلمىسا، ئاممىۋى ھاجەتخانىلار كەچ كىرىشى بىلەنلا تاقىۋېتىلمىسە، ھۆۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ تازىلىق ئۆيلىرىمۇ ئادەتتىكى پۇقرالارغا ئېچىۋېتىلىپ قولايلىق ياراتقان بولسا، جۇڭگونى ئاندىن ھەقىقىي تۈردە مەدەنىيەتلىك دېيىشكە بولاتتى، بىزمۇ ئىناقلىققا تېخىمۇ يېقىنلاشقان بولاتتۇق.
مەنبە: ۋاڭيى تورى
|
|