قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 964|ئىنكاس: 5
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

خىزمەت يوقمۇ ياكى ساپامۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

3

دوست

543

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   8.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33131
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 186
توردىكى ۋاقتى: 17
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-14
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-2 02:44:19 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
خىزمەت يوقمۇ ياكى ساپامۇ

تۇردى لېتىپ ئاكىمىزنىڭ ياپۇنىيە تەسىراتلىرى :
   خىزمەت دېگەن تۇرمۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى، ياشاشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. ئاتا-ئانا، دوست يارەنلەرنىڭ ياردىمىدىن مۇستەسنا، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ، مۇستەققىل ياشاشنىڭ مۇقەررەر شەرتى. خىزمىتى بار بولۇش تاپاۋىتى بار، يەيدىغان ئىچىدىغىنى، كىيىدىغىنى ۋە تۇرىدىغان جايى بار  دېگەنلىك بىلەن باراۋەر.
   يېشى سەكسەنگە ئۇلاشقان، بىر ئۆمۈر خىزمەت ئالدىراشچىلىقى بىلەن ئائىلە قۇرۇپ پەرزەنتلىك بولمىغان بىر ياپونىيەلىك تونۇشۇم بار ئىدى. ھەر يىلى شىئەنگە كېلىپ 5 يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىدا بىر ئاي تۇرۇپ دەم ئېلىش قىلاتتى. بىر كۈنى تاماق ئۈستىدە ئۇنىڭ مېڭىش تۇرۇش- ھەرىكىتىنىڭ خېلىلا قولاشماي قېلىۋاتقانلىقان بولسىمۇ جىددى خىزمەت چىقىپ قېلىپ ھەر دائىم چاقىرتىلىپ قېلىش ئېھتىماللىقىنى ئېسىدىن چىقارمايۋاتقانلىقى كۆرگەن مەن، نېمە دەپ دەم ئېلىشقا چىقىپلا كەتمەيدىغانلىقىنى سورىشىم بىلەن ئۇ كىشى كۆزۈمگە قاراپ «ئەگەر مېنىڭ مۇشۇ خىزمىتىم بولمايدىغان بولسا، مەن يەۋاتقان مۇشۇ تاماق نەدە تۇرۇپتۇ؟» دەپ كىنايىلىك جاۋاب بەرگەن ئىدى. باشقىلارنىڭ ياردەم قىلىش ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالماسلىق ئۈچۈن بۇ پىشقەدەم ياپونىيەلىك قوللىرى تىتىرىگەن، ھەرىكىتى قولايسىزلاشقان، 4 سائەت ئايرۇپىلاندا ئۇلتۇرۇشمۇ تەسلەشكەن مۇشۇ يېشىدا يەنىلا خىزمەتنى قولدىن بەرمىگەن ئىدى. يېنىدىكى خىزمەت تېلېفونى سايراپ، تېز كېلىش تەلەپ قىلىنسا مەيلى دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدە بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر شەرتسىز خىزمەت ئورنىغا قايتاتتى.
  ياپونىيەلىكلەر ئۈچۈنلا ئەمەس، دۇنيادىكى ھەر قانداق بىر ئىنسان ئۈچۈن يېشى خىزمەت قورامىغا يەتكەنلا بولسا قىلىدىغانغا خىزمەت بولۇشى ھەممىدىن مۇھىم. مەيلى ئۇ خىزمەت قانچىكى ئاددىي، ياكى قانچىكى مۇشكۈل بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، خىزمەت، شۇ خىزمەت ئىگىسىنى ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش پۇرسىتى بىلەن تەمىن ئېتىدىغان بىردىن بىر قورال.
  خىزمەت تېپىش ياشاش شارائىتى ھازىرلاش بىلەن باراۋەر. بالىلىق، ياشلىق مەزگىلىدە مەيلى قانداقلىكى ئالەمشۇمۇل ئىقتىدارلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بولمىسۇن، مەلۇم خىزمەت ئورنىغا ئېرىششىلگەندىلا ياشاشنىڭ، ئۆزىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەشنىڭ بىردىن-بىر شەرتى ھازىرلانغان بولىدۇ. مېنڭ ئۇنداق ئىقتىدارىم بار، مۇنداق ئىقتىدارىم بار دەپ خىزمەتنىڭ ئۆزىنى ئىزدەپ كېلىشىنى كۈتۈش سېپى ئۆزىدىن ئەخمەقلىق.
   جەمئىيەتكە يېڭىلا قەدەم قويغان، ئۆزەمدە بەش خىل تىل بىلىش ئالاھىدىلىكى ۋە ئېلېكتىر كەسپىنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملىغان نەتىجەم بولغان چاغلىرىمدا خىزمەت تاللاش يۈزىسىدىن بىر مەزگىل خىزمەتسىز ئۆتكەن ۋاقتىم بولغان. خىزمەتتىن ئېچىرقاپ كەتكەن مەن، كەسپىمگە ۋە تىل ئالاھىدىلىكىمگە ماس كېلىدىغان خىزمەت تېپىش ئۈچۈن دۆلىتىمىزنىڭ شېنجېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونىغا بارغان ئىدىم. تۈنجى قېتىملىق ئوڭۇشلۇق خىزمەت ئورنىغا ئېرىشكەن ۋاقتىمدا دەسلپكى ئۇچرىشىشتا ئۆزەمنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىم، تاماقلىنىش شارائىتىمنىڭ باشقا خىزمەتچىلەرنىڭكى بىلەن تۈپتىن ئوخشىمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويمىغان ئىدىم. كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەتكە ئېرىشىش بەدىلىگە بىر ئاي مۇسۇلمانچە ئەمەس تاماق ئۈستىلىدە گاڭپەن دۈملەيدىغان قازاندىن ئۆزەمنىڭ خاس قاچامغا گاڭپەننى ئۇسۇپ ئېلىپ، ئۈستىگە ئاچچىقسۇ ۋە لازا تەككۈزۈپلا تەخسىدىكى قورۇمىلارغا چوكا سوزماي يېيىشكە مەجبۇر بولغانمەن. مۇددەت بىر ئايغا توشقاندىن كېيىن مېنى خىزمەتكە قوبۇللىغانلارنىڭ دىققەت ئېتىبارىغا نائىل بولۇپ، مېنىڭ تاماقلىنىش ئادىتىم ئۈستىدە تەپسىلى سۈرۈشتۈرۈشلەر بولۇنغان ۋە ماڭا ئايرىم قازان- قۇمۇچ تەييارلىنىپ، توخۇنى ئۆزەم سويۇپ بېرىدىغان، گۆشنى ئۆزەم دەم ئېلىش كۈنلىرى سېتىۋېلىپ كېلىدىغان پۇلىنى ئاشپەز بېرىدىغان ۋە كۈنلىكى ئۈچ ۋاق تامىقىمنى ئاشپەز مېنىڭ تەلىۋىم بويىچە ئايرىم قازان، ئايرىم قوراللاردا باشقىلارنىڭكىگە قىلچە ئارىلاشتۇرماسلىق شەرتىدە ئېتىپ بېرىدىغان ھالەت شەكىللەنگەن ئىدى.
    ئەگەر يېڭىدىن خىزمەت ئىزدەپ كەلگەن ۋاقتىمدا ئۆزەمنىڭ تاماقلىنىش شارائىتىم ئۈستىدە ئۆز تەلىۋىمنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان بولسام بۇ خىزمەت ئورنىغا ئېرىشەلمەيدىغانلىقىم ئېنىق ئىدى. ئۇلار بىر ئايلىق كۈزىتىش جەريانىدا مېنىڭ ھەقىقەتەن قابىلىيەتلىك ياخشى خىزمەتچى بولۇپ چىقىدىغانلىقىمنى جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن مېنىڭ تۇرمۇش شارائىتىمغا نەزىرىنى ئاغدۇرغان ۋە مېنىڭ تەلىپىم بويىچە ئورۇشلاشتۇرۇپ بەرگەن ئىدى.
    شۇ ئورۇندا ئىشلەپ بىر يىلدىن ئاشقاندىن كېيىن ھەر قېتىملىق ئىختىساسلىقلار بازىرىغا خىزمەتچى قوبۇللاشقا بارىدىغان چاغدا مەيلى قايسى بۆلۈمگە بولمىسۇن، مەن بىلەن ئالاقىسى بولسۇن بولمىسۇن مېنى بىرگە ئېلىۋالىدىغان ھالەت شەكىللەندى. خىزمەت ئىزدۈگۈچىلەر ئادەم دېڭىزى ھاسىل قىلغان مۇشۇ قىستاڭچىلىقتا ھەر بىر خىزمەت ئىزدىگۈچى بىلەن قىسقا پاراڭلىشىپ دەسلەپكى باھانى بېكىتىش مېنىڭ زىممەمگە يۈكلەنگەن ئىدى.
خىزمەت تېپىش دېگەن ھاياتلىق يولى تېپىش بىلەن باراۋەر، ئۇ خۇددى چۆلدە ئۇسسۇلۇقتا ھالى قالمىغان يولۇچىنىڭ سۇغا تەشنا بولغىنىدەك تەشنالىق جەريان بولۇشى كېرەككى، ھەرگىزمۇ ياراتساڭ ئىشلەيمەن، ياراتمىساڭ تۇرقۇم شۇ ماڭىمۇ ئامال يوق دەيدىغان بەخۇتلۇق ئىچىدىكى تاللاش بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. بىر ئۆلۈش خىزمەت قىلىپ قېلىش پۇرسىتىنى بايقىغان ھامان يۈز ئۆلۈش تىرىشچانلىق كۆرسىتىش بەدىلىگە ئەشۇ خىزمەتكە ئېرىشىشنى كۆزلەش كېرەك. بولمايدىكەن جەمئىيەتتە پۇت تېرەپ تۇرۇشقا ئامال يوق، ھەتتا نورمال ياشاشقىمۇ ئىلاج يوق، كوچا پىكارتەلەپلىرى سېپىگە قوشۇلۇپ كېتىشى تۇرغانلا گەپ.
    خىزمەت ئىزدەش تولىمۇ مۈشكۈل، قىلچىلىك بىخەستىلىك قىلىشقا بولمايدىغان مۇرەككەپ بىر جەريان. بىر ئادەمنىڭ دۇنيادىكى ھەرقانداق خىزمەتنى قىلىشقا قۇدرىتى يېتىدىغان ھەممىگە قادىر ئونۋېرىسال ئىقتىدار يېتىلدۈرۈپ بولالىشى مۇمكىن ئەمەس. پەقەت ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ياخشى بايقىغان ئاساستا ئۆزىنىڭ كەسپى، ئىشتىن سىرت ئۆگەنگەنلىرى ۋە ئۆزىدە ئەزەلدىن بار بولغان ئارتۇقچىلىرىنى ياخشى رەتلەپ چىقىپ، شۇنىڭغا مۇمكىن قەدەر ماس كېلىدىغان خىزمەت ئورنىغا ئۆزىنىڭ خىزمەتكە ئېرىشىش ئارزۇسىنى سۇنغاندا خىزمەت تېپىش مەقسىدىگە يەتكىلى بولىدۇ.
   دۇنيادا ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ باشقا بىر ئادەم بىلەن ئىقتىدار، ئالاھىدىلىك جەھەتلەردە ئوپ-ئوخشاش بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. پەقەت ھەر ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاس، باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان ئالاھىدىكى بولغىنى ئۈچۈن ھەممىلا ئادەمگە قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەت تېپىلىدۇ. خىزمەت تېپىشتا مەن باشقىلارغا ئوخشاش ئەمەس مېنىڭ باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان مۇنداق ئالاھىدىلىكلىرىم بار دېگەننى كۆپرەك ئويلاشقان تۈزۈك. شۇڭا خىزمەت تېپىشتا مېنىڭ پۇت- قولۇم تۈزۈك، بەش ئازايىم تولۇق، باشقىلار قىلالىغان ئىشلارنى مەنمۇ قىلالايمەن دېيىش روشەنكى خىزمەتسىز قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەكسىچە مەن باشقىلار قىلالىغاننى مەنمۇ قىلالايدىغان بولۇشقا تىرىشقاندىن باشقا مېنىڭ مۇنداق ئالاھىدىلىكىرىم بولغاچقا مەن يەنە مۇنداق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيمەن دېيىش خىزمەت تېپىشىڭىزنى ئاسانلاشتۇرىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنى ئەتراپلىق دەڭسەپ، ئېرىشمەكچى بولغان خىزمەت ئورنىنىڭ ئاساسلىق تەلىپى بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرۈشكە، ئۆز-ئۆزىگە ئالدىن ئالا باھا بېرىپ تۇرۇشقا ئادەتلىنىش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئۆزىنىڭ ئەتراپلىق تۇنۇشتۇرۇش ماتېرىيالىنى تۈزۈش دەل يۇقىرىقىلارنى ھازىرلاشنىڭ بىرىنچى باسقۇچى ھېسابلىنىدۇ. ئوقۇغۇچىلىق دەۋردىكى بىلىم ئېلىش باسقۇچىدا يەنە مەلۇم ۋاقىت ۋە زېھىن چىقىرىپ خۇددى كۈندىلىك خاتىرە يازغانغا ئوخشاش ئۆزىگە ئۆزى باھا بېرىپ تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىشى، پۇرسەتلا بولسا ئۆزىنىڭ تونۇشتۇرۇش ماتېرىيالىنى تۈزۈپ چىقىپ بىر قىسىم خىزمەت ئورۇنلىرىغا خىزمەت ئىلتىماسى سۇنۇپ بېقىشى كېرەك. گەرچە كۆپ ھاللاردا كەسپى تېخى تاماملانمىغان، جەمئىيەتتىكى خىزمەت ئېھتىياجىدىن خەۋەرسىز قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلى قوبۇللاشقا ئېرىشەلمىگەن تەغدىردىمۇ ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدىكى كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەت ئورنىغا ئېرىشىشنىڭ تەييارلىق باسقۇچىنى بېسىشقا تەجرىبە توپلىغان بولىدۇ. خىزمەت تېپىشتىكى ئۆز ماتېرىيالىنى كۆرسىتىپ باشقىلارنىڭ قوبۇللىشىغا ئېرىشىش ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن بىلەن ئوخشاش، خىزمەت تېپىشتىكى يۈز تۇرانە كۆرۈشۈش بولسا ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانى بەرگەن بىلەن ئوخشاش. بۇنداق ھەل قىلغۇچ ئىمتاھانلاردىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ كېتىش ئۈچۈنمۇ ئالدىن پۇختا، ئەتراپلىق، تەكرار تەييارلىق قىلماي بولمايدۇ. يۈز تۇرانە كۆرۈشۈشتىكى كەسىپ ماس كەلمەسلىك، شارائىت يار بەرمەسلىك قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن كۆپ قېتىم رەت قىلىنىش دەل ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ خىزمەت ئورنىغا ئېرىشىش ئۈچۈن قىلىنغان تەييارلىق ھېسابلىنىدۇ.
     يۇقىرىقىدەك چېنىقىش پۇرسىتىنى بېشىدىن ئۆتكۈزمىگەن نۇرغۇن ئىقتىدارلىق ياشلار يۈز تۇرانە كۆرۈشۈشتە غەلبە قىلالمىغاننى ئاز دەپ، روھى جەھەتتىن زەربە ھېس قىلىپ، يەنىمۇ ئىزدىنىپ قايتا خىزمەت ئىزدەش راھىدىن يانىدۇ-دە باشقىلارنىڭ ياردەم قىلىشىنى كۈتۈپ يېتىشقا مەجبۇر بولىدۇ. نەتىجىدە نەچچە ئاي ھەتتا نەچچە يىل ساقلاپمۇ تۇراقلىق خىزمەت ئورنىغا ئېرىشەلمەي جەمئىيەتتىن زارلىنىپ ياشاشقا ئادەتلىنىپ قالىدۇ. بۇنداق ئادەملەرنىڭ تەغدىرى روشەنكى خاراپلىققا يۈزلىنىپ جەمئىيەتكە يۈك ھەتتا بالايى-ئاپەت بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەكسىچە ھەر قېتىملىق يۈز تۇرانە كۆرۈشۈش پۇرسىتىنىڭ بولغىنىنى جەمئىيەتنى چۈشۈنۈپ بېقىش، ئۆزنى يەنىمۇ پۇختىلاش ئۈچۈن تېپىلغۇسىز پۇرسەت دەپ بىلىشى كېرەك ئىدى. شۇنداقلا يۈز تۇرانە كۆرۈشۈش پۇرسىتىنى مۇمكىن قەدەر قەدىرلىشى كېرەككى، ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ياكى ئارىغا ئادەم سېلىش، ئارقا ئىشىك قىلىشقا ئورۇنۇش، سىرتتىن تىڭتىڭلاپ كۆرۈشلەرنىڭ ھەممىسى شۇ خىزمەت ئورنىغا ئېرىشىشنىڭ پۇرسىتىنى يوققا چىقىرىدۇ. بولۇپمۇ ھەر بىر خىزمەت ئورنىنى خۇددى ئۆزىگە سېلىنغان بىر قېتىملىق بويۇنتۇرۇقتەك ھېس قىلىپ، ئۆزىنى قوغداش تىپىدىكى مۇئامىلە ۋە گەپ ئۈستىدە ئۆزى ئۈستىدە توختالماستىن كەلگۈسى خىزمەتنىڭ سالمىقى، خىزمەت ۋاقتى، تەمىناتلار ئۈستىدە تولا سوئال سوراشلار خىزمەت ئىزدۈگۈچىنىڭ خىزمەتسىز قېلىشىغا ئاساسلىق سەۋەپ بولۇپ قالىدۇ. ھەقىقىي، مەلۇم بىر خىزمەت ئورنىغا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلغان ئادەمدە شۇ خىزمەتنى مەن قىلىپ باقسام دېيەلەيدىغان جۈرئەت بولۇشى كېرەككى باشقىلار ماڭا شۇ خىزمەتنى قىلغۇزماقچى دەيدىغان ئوي بولماسلىقى كېرەك. كېيىنكى تەغدىرىگە بېرىپ چېتىدىلىدىغان ھەل قىلغۇچ ئىشقا قورقماي جۈرئەت قىلغۇدەك جاسارەت بولمىغان، ئۆز ئارزۇسى ۋە كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا جۈرئىتى بولمىغان ياكى مۇستەققىل يۈز تۇرانە كۆرۈشۈشكە پېتىنالمىغان خىزمەت ئىزدىگۈچىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەت ئورنىغا ئېرىشەلىشى تۈپتىن مۇمكىن ئەمەس.
    خىزمەت دېمەك شۇ خىزمەتكە ئېرىشكۈچىنىڭ كېيىنكى ھاياتىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ئامىل بولغانىكەن، خىزمەت پۇرسىتى قەدىرلەش جەمئىيەتتىكى ھەرقانداق بىر ئادەم ئۇچۇن ئورتاق مەجبۇرىيەت. مەيلى ئۇ خىزمەت سىزگە لايىق كەلسۇن ياكى كەلمىسۇن، ھەتتا سىزگە لازىم بولسۇن ياكى بولمىسۇن ئەشۇ خىزمەت ئورنى ئېھتىياجىنىڭ بولغانلىقىلا قەدىرلەشكە تېگىشلىك مۇھىم پۇرسەت. ئادەملەر خىزمەت- ئەمگەك قىلىش ئارقىلىقلا ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالالايدۇ. جەمئىيەتمۇ كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئەمگىكى ئارقىلىقلا تەرەققىي قىلىدۇ. شۇنداق بولغانىكەن خىزمەت تېپىش پەقەت يېڭىدىن جەمئىيەتكە چىققانلارنىڭلا ئىشى ئەمەس، پەقەت ئەقلىي ھۇشى جايىدا، مەلۇم ھەرىكەت ئىقتىدارى بار ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ داۋاملىق ئويلايدىغان ئىشى بولۇشى كېرەك. خۇددى يۇقىرىدا تىلغا ئالغان 80 ياشلىق بوۋايغا ئوخشاش مىدىراش مۈمكىنلىكى بولسىلا خىزمەت قىلىش پۇرسىتىنى قولدىن بەرمەسلىكى، باشقىلارغا يۆلىنىۋېلىشقا ئورۇنماسلىقى كېرەك. شۇڭا ھەرقانداق ئادەم داۋاملىق ئۆز خىزمەت ئورنى بولۇشىنى چوڭ بۆلۈشى، خىزمەت ئورنى يوقلار تېخىمۇ خىزمەت ئورنىغا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىشى، شۇنداقلا خىزمەت ئورنى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنى قەدىرلىشى كېرەك.
    شۇنداقلا ھەرقانداق بىر ياش ئۆسۈپ يېتىلىش باسقۇچىدا، ئىقتىدار يېتىلدۈرۈش بىلەن بىرگە ئاممىۋىي مۇناسىۋەت قىلىشتىمۇ ئۆزىنى چېنىقتۇرۇپ تۇرۇشى، ئۆز-ئۆزىگە باھا بېرىشنى ئۆگىنىۋېلىشى، ئۆزىنىڭ ئارخىپ ماتېرىيالىنى رەتلەپ يېزىش ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك.
2011-يىلى 4-ئىيۇل ئۈرۈمچى

0

تېما

1

دوست

3003

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   33.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5247
يازما سانى: 208
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 83
تۆھپە : 876
توردىكى ۋاقتى: 142
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-19
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-2 19:25:58 |ئايرىم كۆرۈش
ياپونىيەلىكلەر ئۈچۈنلا ئەمەس، دۇنيادىكى ھەر قانداق بىر ئىنسان ئۈچۈن يېشى خىزمەت قورامىغا يەتكەنلا بولسا قىلىدىغانغا خىزمەت بولۇشى ھەممىدىن مۇھىم.. ....                     ..                       ئۇيغۇر ياشلىرى نىمىشقا خىزمەت قىلمايدۇ -دەپ ئاچچىغىم كېلىپ قالىدىغان بولدى-دە.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

15

تېما

26

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 1472
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 35
تۆھپە : 4080
توردىكى ۋاقتى: 1575
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-20
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-2 22:04:41 |ئايرىم كۆرۈش
bariber يوللىغان ۋاقتى  2015-2-2 19:25
ياپونىيەلىكلەر ئۈچۈنلا ئەمەس، دۇنيادىكى ھەر قانداق بى ...

ئۇقۇغان كەسپىدە ئىشلەيمەن دىسە ئىچكىرىدە بۇلىدۇ، ئەمما بۇ يەرلەردىمۇ بار بولغان يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەردە يۇرتتا ئىشلەيمەن دىسە يول تارراق...

4

تېما

1

دوست

1457

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   45.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16349
يازما سانى: 126
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 428
توردىكى ۋاقتى: 145
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-18
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-3 03:33:08 |ئايرىم كۆرۈش
ساپا بار، كەسىپچانلىق يوق.
ئالى مەكتەپتە جۇۋاچچىلىق كەسپىدە ئوقۇۋىدىم، ھازىر ئاشپەزلىك خىزمىتىنى قىلىۋاتىمەن.
ئالى مەكتەپتە ھارۋىكەشلىك كەسپىدە ئوقۇۋىدىم، ھازىر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرىغا تارىخ دەرسى بىرىۋاتىمەن( دەرس ئۆزلىشەمدۇ- ئۆزلەشمەمدۇ كارىم يوق بالىلارغا كىتاپ ئوقۇپ بەرسەملا بولدى)
ئالى مەكتەپتە خىمىيە كەسپىدە ئوقۇغان ئىدىم، ھازىر يىزىلىق ھۆكۈمەتتە تەشۋىقات خىزمىتىنى ئىشلەۋاتىمەن.............يەنە...يەنە..................
ئۈف.....بولدىلا، يا قاغا بولالماي، يا قۇشقاچ بولالماي ئۆتۈپ كىتىدىغان ئوخشايمەن. ئوقۇش پۈتتۇرگەندىن كىيىن، ھۆكۈمەت ھەر قايسى پەن، ھەر قايسى كەسىپلەرنىڭ تۈرىنى ئايرىماي، قۇشقاچ بولسىمۇ قاسساپ سويسۇن دىمەي، ئىمتىھان مەزگىلىدە  ‹‹ سالاھىيەت تەكشۈرۈش››تىن ئۆتكۈزۈپلا ئىمتىھان ئىلىۋەرگەندىكىن ‹‹ساپا، كەسىپ›› دىگەننىمۇ ئۇنتۇپلا قالىدىكەن كىشى.
شۇڭا ساپا ، كەسىپ توغرىسىدا گەپ بولسىلا تۆۋەندىكىلەرنى ئويلاپ قالىمەن:
مائارىپىمىزدا ئاتنى جۇۋازغا، كالىنى مەپىگە قېتىپ قويدۇق، بۇلبۇلنى ھوقۇشتىن ناخشا ئۆگۈنىشكە سالدۇق. شۇنىڭ بىلەن گۆھەرچىنى توپىغا كۆمۈپ، گۆھەرنى تاش بىلەن چاقتۇق. ئاخىرىدا ‹‹ ساپا، كەسىپ›› دىگەنلەرنىڭ پەقەت ئالى مەكتەپتىلا قالغانلىغىنى، جەمىيەتتە بولسا بۇلارنى ئايرىمايدىغانلىغىنى، ھۆرمەت قىلمايدىغانلىغىنى، ئالى مەكتەپتىكى مەزگىلىمىزدە ‹‹ جەمىيەتكە چىققاندىن كىيىن ئوقۇغان مۇشۇ كەسپىمنى تەرەققى قىلدۇرۇپ ، چوقۇم بىرەر نەتىچە يارىتىمەن›› دەيدىغان ئارزۇلىرىمىزنىڭ جەمىيەتتە كۆپۈككە ئايلىنىۋاتقانلىغىنى ھىس قىلىپ ، ئاچچىق ئويلارغا چۆمدۇق.
مانا بۇ بىزدىكى ساپانىڭ پاجىئەلىك تەقدىرى.

0

تېما

1

دوست

2115

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   3.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21527
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 674
توردىكى ۋاقتى: 159
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-19
5#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-3 16:10:36 |ئايرىم كۆرۈش
تۇردى لېتىپ ئاكىمىز ھازىرمۇ ياپونىيەدە خىزمەت قىلامدۇ؟ يېقىنقى مەزگىللەردىكى پائاليەتلىرىدىن خەۋەردار بولساق دىگەن ئۈمۇۈتتە ئىدىم؟

5

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   10.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2547
يازما سانى: 732
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2588
تۆھپە : 2660
توردىكى ۋاقتى: 905
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-18
6#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-4 11:59:34 |ئايرىم كۆرۈش
  پايدىلىق تەپەككۇرلىرىڭىزغا رەھمەت.
ئوخشىمىغان ئىككى مۇھىتتىكى ئوخشاش نەرسىنى مۇھىتنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ تۇرۇپ سېلىشتۇرۇش توغرا ئەمەس . ئەلۋەتتە ئوكيان بىلەن دېڭىزنىڭ ،  دېڭىز بىلەن كۆلنىڭ نۇرغۇن ئوخشىماسلىقى بۇلىدۇ .
  ساپا دىگەن ئۇقۇمدا مەلۇم مۇھىتتا يۇقىرى ساپا ھىساپلانغان ئەخلاق يەنە بىر مۇھىتتا ساپاسىزلىق ھىساپلىنىشى مۇمكىن .
  مىنىڭچە بىزدە كام بولغىنى ساپا ئەمەس ، بىلىم ، ئىقتىدار تېخىمۇ ئەمەس .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )