قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1420|ئىنكاس: 10
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ھاياتلىق مۇساپىسىدە ( ياپۇنىيە تەسىراتلىرى )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

3

دوست

543

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   8.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33131
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 186
توردىكى ۋاقتى: 17
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-14
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-2 02:46:17 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
ھاياتلىق مۇساپىسىدە
تۇردى لېتىپ
1. خىزمەت تېپىش ئۈنچىمۇ قىيىن ئەمەس
    ئالىي مەكتەپ پۇتتۇرگەنلەر ھۆكۈمەتنىڭ بىر تۇتاش خىزمەت تەقسىماتىدىن بەھرىلىنىدىغان «تۆمۈر تەغدىر» لىك دەۋر ئۆتۈپ كەتكىلى خېلى زامان بولدى، نۆۋەتتە  جەمئىيەتكە قەدەم قويۇش ئالدىدا تۇرىۋاتقان ياشلارنىڭ خىزمەت تېپىش ئىشى ئاتا-ئانىنىڭ زىممىسىگە يۈكلەندى. «خىزمەت تەقسىماتى» دېگەنلىك ئەسلى «تەغدىرىڭنى مەن بەلگىلەيمەن» دېگەنلىك بولاتتى. ئەكسىچە، «خىزمەتنى ئۆزەڭ تاپ» دېگەنلىك «ئۆز تەغدىرىڭنى ئۆزەڭ بەلگىلە» دېگەن بىلەن باراۋەر. شۇنداق تۇرۇپلۇق، «ئۆز تەغدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش»كە پېتىنالمايۋاتقانلار كۆپ. بۇنىڭدىكى سەۋەپ، كۆپلىگەن ياشلارنىڭ كاللىسىدا ئاتالمىش خىزمەت تېپىشنىڭ ئاتا-ئانىنىڭ ياكى جەمئىيەتنىڭ ئۆزىنى قوبۇل قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىپ، «مەن شۇنداق پاكىز، ياخشى تەربىيە كۆردۈم» دەيدىغان قاراشتىن كېلىپ چىققان، «ماڭا خىزمەت بەرسەڭلار»دىن مۇستەسنا بولالمايۋاتىدۇ. بۇ يەنىلا ئاتا-ئانا بولغۇچىلارنىڭ «بالام بىر ئوبدان چوڭ بولدى، قولغا-قول، پۇتقا- پۇت بولۇپ مېنىڭ ئىزىمنى باسىدۇ» دەيدىغان قاراشنىڭ بولغانلىقىدىن كېلىپ چىققان. كۆپلىگەن ئاتا-ئانىلار پەرزەنتىنىڭ خىزمەت ئىشىنى ئاتىلىق مەجبۇرىيەت قاتارىدىكى چوڭ ئىش دەپ قاراپ ھەر تەرەپكە چاپىدۇ. ماي ئىچىدىكى بۆرەكتەك ئۆسۈپ يېتىلگەن ياش ئەۋلادنى يەنە بىر قېتىم جەمئىيەتكىمۇ «ئەركىلەش» ھالىتىدە قەدەم قويدۇرىدۇ. ناھال جەمئىيەتتىكى خىزمەت تەلىپى ۋە رىقابەت ئۇلارنىڭ ئەركىلىكىنى كۆتۈرەلمەيدۇ، خىزمەتتىن بوشۇتۇلىدۇ، يەنە ئىزدەيدۇ، ئاللا كىملەرگە يامان بولىدۇ، ئاللا كىملەرگە مېھماندوستلۇقتا قەرز بولىدۇ، مانا بۇ دەل خىزمەت تېپىش تىراگىدىيىسىنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
    ئەمەلىيەتتە ھازىرقى ۋەزىيەتتە خىزمەت تېپىش ئۇنچىمۇ قىيىن ئەمەس، مەسىلا خىزمەت ئىزدىگۈچىنىڭ خىزمەت ئىزدەش باسقۇچىدىن خەۋەرسىز ۋە ئۆز تەغدىرىگە ئۆزى ئىگە بولۇش جاسارىتىنىڭ كەملىكىدە.خىزمەت تېپىش ئۈچۈن ئاۋال «خىزمەتچى قوبۇللاش» ئۇچۇرىنى ئىزدەش كېرەك. ئاندىن ئۆزىنىڭ تارىخىنى- تۇنۇشتۇرۇش ماتېرىيالىنى ئەتراپلىق يېزىپ چىقىپ خىزمەتچى قوبۇللايدىغان ئورۇنلارغا يوللاش ۋە يۈز تۇرانە ئىنتاھانلارغا قاتنىشىش ئارقىلىقلا مۇقەررەر ھالدا خىزمەتچى دەپ ئاتىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. مىسال ئۈچۈن خىزمەت تېپىش تارىخىمدىكى ئۆز بېشىمدىن ئۆتكەن بىر ئىشنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇناي.
2. ياپونىيە كارخانىسىغا خىزمەتكە قوبۇللىنىش
    مەن بۇ يەردە دېمەكچى بولغان خىزمەتكە ئورونلىشىش ھېچقانداق يار-يۈلەكسىز، پەقەت ئۆز ئېقتىدارىمغا تايىنىپ، ھەر خىل سىناقلاردىن ئۆتۈپ ئېرىشىلگەن خىزمەت بولۇپ، بۇ چاغ 1997-يىلى 2-ئاي، شېنجېن ئىدى. بۇ دەل شېنجېن شەھىرى ئىقتىسادى ئالاھىدە رايون بولۇپ تەسىس قىلىنىپ، دۆلىتىمىز ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋىتىش سىياسىتىنىڭ پايدىسىنى نامايان قىلغان، ئۈلگىلىك رايونلارنىڭ بىرسى بولۇپ، چەتئەل مەبلەغىنى جەلىپ قىلىش جەھەتتە كۆرۈنەرلىك نەتىجلەرنى قولغا كەلتۈرگەن چاغلار ئىدى، شياڭگاڭنى باشلىنىش قىلغان مەبلەغ سالغۇچىلار قوشۇنى زاۋۇت سېخلارنى ئۈسكىنىلىرى بىلەن قوشۇپ، شېنجېندىكى يېڭى قورولغان، 3يىللىق باج كەچۈرۈم قىلىنىدىغان ۋە ھەر خىل ئېمتىيازلىق سىياسەتلەردىن بەھىرلىنەلەيدىغان سانائەت رايونلىرىغا يۆتكەپ كېلىشكە باشلىغان ۋە  ئارقىدىن ئونىڭغا ئۇلىشىپ تەيۋەن، ياپونيە ۋە ياۋروپا ئامېرىكا ئەللىرىنىڭ كارخانچىلىرى شىنجېنغا بەس- بەستە مەبلەغ سېلىپ، زاۋۇت قورۇش دولقۇنى ئەۋج ئالغان ئىدى .
    ياپون تىلغا پىششىق ۋە ئالىي مەكتەپتە ئېلېكتىر سىستېمىسىنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش كەسپىنى ئوقىغانلىقىم بىلەن ياپونيە شىركەتلىرنىڭ زاۋۇتلىرى مەن ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تاللاش ھېسابلىناتتى. شۇ چاغدا شېنجېندىكى زاۋۇتلارنىڭ چوڭلىرىغا 100مىڭ، كىچكلىرىگە بىرەر مىڭچە ئادەم قوبۇل قلىناتتى، يېرىم ئاپتوماتىك، يېرىم قول ئەمگىكى ئاساس قىلىنغان سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى جۇڭگونىڭ ئەرزان ئەمگەك كۈچى بايلىقىدىن ئەپچىلىك بىلەن پايدىلىنىپ زور ئىقتىسادىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىش پۇرسىتى شەكىللەنگەن ئىدى. «شېنجېن ئالاھىدە رايون گېزىتى» ۋە «شېنجېن سودا گېزىتى»دە ئادەم ئېلىش ئېلانلىرى كۈندىلا دىگۈدەك داستىخان چوڭلىقىدىكى چوڭ ئىككى بەتكە لىق تۇلۇپ بېرىلەتتى. مەن بىر ياقتىن گېزىت كۆرۈپ بىر ياقتىن ئىختساسلىقلار بازىرىدا ماتېريالىمنى سۇنۇپ ھەپتە ۋاقتنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، بىر كۈنى، گېزىتتىكى بىر ئېلانغا كۆزۈم چۈشتى. «ئېلېكتىرون ياكى شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك كەسىپتە ئوقۇغان، ياپون تىلغا ياخشى ياشلاردىن باشقورغۇچى خادىم قوبۇللايمىز» دېيىلگەن ئىدى.  ئېلاننىڭ ئاستىدا زاۋۇتنىڭ ئادېرىسى ۋە تېلېفون نومۇرى بېسىقلىق تۇراتتى. مەن ئۆزەمنى تۇتىۋېلىپراق تېلېفون ئۇردۇم، قارشى تەرەپ خەنزوچە سۆزلەۋاتاتتى مەن ئۆزەمنىڭ ئېلاندىكى تەلەپكە ئويغۇن كېلىدىغانلىقىمنى ئېيتىپ ياپونيلىكلەر بىلەن پاراڭلىشىپ بېقىش تەلىپىمنى بىلدۈردۈم. تېلېفون ھايال بولماي زاۋۇت باشلىقى- ياپونيەلىك كىشىگە ئۇلاپ بىرىلىدى، مەن گەپنى ئالدى بىلەن ئۆزۈمىنى تونۇشتۇرۇشتىن باشلاپ كەسپىمنى ۋە ھازىرقى ئەھۋالىمنى دەپ ئۆتكەندىن كېيىن، ئېلاندا كۆرسىتىلگەن خىزمەت ئورنىغا ئېرىشىش تەلىۋىمنى ئېيتتىم، قارىشى تەرەپ تىزلا، زاۋۇتقا كېلىپ يۈز تۇرانە ئىنتاھانغا قاتنىشىشىم كېرەكلىكنى تەلەپ قىلدى. ئىنىق ئۇچۇرۇشۇش ۋاقتنى تۇرۇغۇزۋەتمىدى، چۈنكى، مەن تۇرغان ئورۇندىن زاۋۇتقىچە قانچىلىك ۋاقىت كېتىدىغانلىقىغا بىر نەرسە دېمەك تەس ئىدى. مەن بىر قور ئۈستى- بېشىمنى تۈزەشتۈرۈپ، چۈشلۈك تاماقتىن كىيىنلا، ئازراق ئارخىپ ماتېرىيالىمنى ئېلىپ يولغا چىقتىم، يولدا قانچىلىك ۋاقىت سەرىپ قىلغىنىم ئىسىمدە يوق، بەلكىم بىر- ئىككى سائەتچە ئاپتوبۇستا يۈرگەندىمەن، بىنا ئۈستىدىكى چوڭ خەتلەر ئارقىلىق بارماقچى بولغان زاۋۇت بىناسى ئالدىغا يىتىپ كەلدىم. قاراۋۇلخانىدىكى ئامانلىق ساقلاش خادىمى مىنىڭ كىلىش مەقسىدىمنى بىلگەندىن كېيىن، ئىشخانىغا تېلېفون قىلىپ بولۇپ، مېنى بىنانىڭ ئەڭ ئۈستىنىكى قەۋىتى بولغان 5- قەۋەت ئىشخانا رايونغا باشلاپ قويدى. ئىشخانا رايونغا كىرسەم كارىدوردا 10نەچچە ياش ماڭا ئوخشاش ھالدا تورۇپتۇ، ئۇلارنىڭ كىيىنىشى ۋە قولدىكى ماتېرىيالىدىن ماڭا ئوخشاش ئىش ئىزدەپ كەلگەنلكىنى جەزىملەشتۈرگىلى بولاتتى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى باش چۆكۈرۈپ يازما سىناق جەدىۋلىنى تولدۇرۋاتقان بولسا يەنە بەزىلىرى ئۇيان-بۇيان قاراپ ئىچىدىكى ئىشخانىغا چاقىرتىلىشىنى كۈتۈپ تۇرىشاتتى، مەن چوڭ ئىشككە يىراق بولمىغان يەردىكى كاتىپ قىزنىڭ ئۈستىلى ئالىدىغا بېرىپ كېلىش مەقسىدىمنى ئېيتتىم. يەنە ياپونيىلىك ئۇمې موتو ئەپەندىم بىلەنمۇ تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكمنى ئېيتىۋىدىم، سەل ساقلاشقا بۇيرۇلۇپ ھايال بولماي چوڭ بىر يىغىن زالىغا باشلاپ كىرىلدىم.
    يىغىن زالىدىكى چوڭ تۆت چاسسا ئۈستەلنىڭ ئۇزۇنچاق تەرىپىدە بەش- ئالتە ئادەم ئالدىغا قەغەز ماتېرىياللارنى ئېچپ قويغان ھالدا ماڭا قاراپ ئولتۇراتتى، ئۇلارنىڭ بىرىنچى ئىنكاسى ھەيران قېلىش بولدى، چۈنكى ئۇلار مېنىڭ ياپون تىلىدا راۋان سۆزلىگەن سالام-سائەت سۆزۈمدىن ۋە قىسقىچە ئۆزەمنى تونۇشتۇرۇشۇمدىن ھەيران قالغان ئىدى. ئۇلار ئەسلى ئالتە ئادەم بولۇپ، ئىككسى جۇڭگولۇق، تۆتى ياپونيىلىك ئىكەن، جوڭگولۇقنىڭ بىرسى تەرجىمان قىز يەنە بىرسى ئېنگلىزچىغا ياخشىدەك، ياپۇنچىنى ئانچە– مۇنچە ئىما قىلىدىكەن. ئۇلارنىڭ ئۆزئارا پارىڭىدىن بۇنسى ئېنىق توراتتى. تۆت ياپونيىلىك بىرىنجى ئىنكاسى تەڭلا تەرجىمان قىزغا قاراش بولدى، ئارىدىن بىرى گەپ قىستۇرۇپ شۇنداق دېدى، «سىنڭ ياپۇنچەڭمۇ شۇنداق بولسچۇ»، روشەنكى ئۇلار تەرجىمان قىزدىن ياپون تىلىغا مەندەك راۋان بولۇشىنى تەلەپ قىلىشىۋاتاتتى. ئارقىدىن ئوڭدىن بىرجۈملە سولدىن بىر جۈملە سوئال سوراشلار بولدى، مەن تۆت ئادەمنىڭ ھەرخىل سوئاللىرغا جاۋاپ بېرىشكە باشلىدىم، ئولارنىڭ ھەرخىل چاخچاق ۋە قىزىقسىنىش ئارىلاش پاراڭلىرى مىنڭ يىنىك ۋە يومۇرلۇق بەرگەن جاۋاپلىرىم بىلەن قۇشۇلۇپ يىغىن ئەھلى ناھايىتى يومۇرلۇق خوشال كەيپىياتقا چۆمگەن ئىدى. ئۇلار مەندىن ئانچىمۇ كەسپىي نەرسىلەرنى سوراپ كەتمىدى، ئاساسلىقى ياپۇن تىلىدا قانداق كىتابلارنى كۆرگەنلىكىم، نەدە كىمدىن ئۆگەنگەنلىگىم توغىرلۇق سوئاللار بولۇندى ۋە ئاخىرى ئۇقۇش ۋە جەمئىيەت تارىخىم، يېشىم سۈرۈشتە قىلىنغاندىن كىيىن، مىنڭ بۇ يەردە ئىشلەپ قېلىشىمغا ئاساسەن باش لىڭىشتىلغان بولدى ۋە ئولار سوئال سوراش نۆۋىتىنى يېنىدىكى جوڭگولۇق ئەپەندىمگە بېرىشتى، ئۇنىڭ بىرىنجى بولۇپ سورىغان سوئالى: « ياپۇنچىنى مۇنچە ئۆگىنىشكە نېمە سەۋەپ بولدى» دىن باشلاندى. مەن ئەزەلدىنلا ئويلىشىپ باقمىغان بۇ سوئال مېنى دەماللىققا گاڭگىرتىپ قويدى، خەنزوچە سوئالغا خەنزوچە جاۋاپ بەرسەملا بولاتتى، مەن تېخى ئۈندىمەيلا يېنىدىكى تۆت ياپونيەلىك تەرجىمان قىزنىڭ ياردىمىدە سوئالنىڭ مەنسنى چۈشىنىپ يەتتى-دە تەڭلا غۇدۇراشقا باشلىدى. «شۇنداقمۇ سوئال سورايدىغان ئىش بارمۇ، ئادەمنىڭ نىمە ئۈچۈن بىر نەرسنى ئىخلاس قىلىپ ئۆگىنىشنىڭ سەۋەبنىمۇ سوراش كېتەمدۇ؟ » ….. ناھايەت بۇ سوئالنى جاۋاپسىز قالدۇرۇشىمغا ئالدىن رۇخسەت قىلىنغان ئىدى، تېما يۆتكەلدى، مىنىڭ تەلىپىمنى ئاڭلايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى، مەن ياتاق تاماقنى ئۆزەم ھەل قىلىدىغانلىقىم ئايلىق مۇئاشىم ئۈچۈن ئۈچ يېرىم مىڭ يۈەندىن تۆۋەن بولمىسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتىم. ئۇلار ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنۇمنى سوراپ كۆرگەندىن كېيىن، «يىراقكەن سەل يېقىنراق جايغا كۆچۈپ كېلىشىڭ كېرەك» دېيىشپ ھازىرچە ئۈچ مىڭ يۈەن مائاش بەلگىلىنىدىغانلىقى، خىزمەتكە دەخلىي يەتمەسلىك ئۈچۈن ئۆي تېپىپ بولغىچە يەنە بىر ئاز سانلىق مىللىتىدىن بولغان (چاۋشيەن مىللىتى ئىكەن) خىزمەتچى بىلەن بىللە تۇرۇشقا بولىدىغانلىقنى ئېييتى، شۇنداقلا ئۈچ ئايلىق سىناقتىن ئوڭۇشلىق ئۆتسەم يەنە ئىككى يۈز يۈەن مائاش ئۆستۈرۈلۈپ، ھازىردىن باشلاپ بولغان ئۈچ ئايدىكى ئىككى يۈز يۈەننمۇ توللۇقلاپ بېرىدىغانلىقنى ئېييتى مەن قوشۇلدۇم.
    مانا بۇ ئوڭۇشلۇق بولغان بىر خىزمەت تېپىش جەريانى، ئەلۋەتتە ھەرقانچە ئىقتىدارلىق بولغان تەغدىردىمۇ ھەر قېتىمدىلا ئوڭۇشلۇق بولۇپ كېتىۋەرمەيدۇ، چۈنكى قارشى تەرەپ سىزنىڭ ئىقتىدارىڭىزدىن بۆلەك يەنە سىزدىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، سەمىمىيلىك، ئىپادىلىش سەنئىتى قاتارلىق سىزنىڭ ئومومىي ئىقتىدارىڭىزنى سىناپ كۆرىدۇ. بىر قېتىمدا «كاشىئو» سائەت زاۋۇتىدا يۈز تۇرانە ئىنتاھانغا قاتناشتىم. بۇ قېتىم كۆرۈشكۈچىلەر بىلەن شۇنداق قىزىقارلىق پاراڭلاشتىمكى ئۇلار شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا مېنى ئېلىپ قېلىش قارارىغا كېلىپ بولدى. لېكىن يۈز تۇرانە كۆرۈشكەنلەر مەن بىرلا كىشى بولمىغاچقا يەنە ئازراق سىناقلار ئېلىنىپ ئومۇمىي نەتىجىگە قارىلىدىغان ئىش بار ئىكەن. كۆرۈشكۈچىلەردىن بىرى ماڭا يېقىنچىلىق قىلىپ، ئۇ ئىنتاھانى بەرمىسەممۇ بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. لېكىن مەن ئۆزەمگە ئىشەنچىمنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن بەرسەممۇ بولىدىغانلىقى ئېيتىپتىمەن. ئىشىكتىن چىقسام كاتىپ قىز بىر نەچچە بەتلىك ۋەرەقىنى ماڭا تۇتقۇزدى، قەغەزچە ئىنتاھان سوئالى ئىدى. قارىمامدىغان بۇ سوئاللارنىڭ كىشىنى قايمۇقتۇرىدىغان، ئاساندەك قىلغىنى بىلەن دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈلمىسە جاۋاپنىڭ خاتا بولىدىغانلىقى ئېنىق ئىدى. مەن كاللا قاتۇرۇپ بىر سائەتچە ئىشلىدىم. قورساق ئېچىپ ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقىتمۇ بولۇپ قالدى، ئىلاجسىز بەلكىم ئۇلار بۇ جاۋاپقا قاراپ كەتمەس دېگەن ئويدا قەغەزنى تاپشۇردۇم. ھەپتە ئۆتكەندە كاتىپ قىزنىڭ جاۋابى بەك ئەپسۇس، قەغەزچە ئىنتاھان نەتىجەمنىڭ كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرغانلىقى سەۋەپلىك تاللاشتىن قالدۇرۇلغانلىقىمنى ئېيتتى. تەغدىرىمدە چوڭ ئۆزگىرىش بولىدىغان بىر ياخشى پۇرسەتنى ئۆزەمنىڭ تەمەننالىقىم تۈپەيلى قولدىن بېرىپ قويدۇم. مانا بۇ خىزمەت ئىزدەشىتىكى مەغلۇبىيەت. بۇنداق ئىشلار يەنە «سونىي» شىركىتى بىلەنمۇ بىر قېتىم يۈز بەردى. پەقەت ئىقتىدارلا بولغان بىلەن بىكار، چوقۇم ئومۇمىي ساپا بولۇشى كېرەك. يۈز تۇرانە كۆرۈشكىچىلەرمۇ تېزراق مۇۋاپىق نامزاتنىڭ كېلىپ چىقىشىنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، لېكىن ئاخىرقى كېسىمنى بېرىشتە كۆپ تەرەپتىكى ئىشلارنى ئورتاق تەھلىل قىلىپ قارار چىقىرىدۇ. شۇڭا خىزمەت تېپىشتا ئۆزىگە زىيادە ئىشىنىپ كېتىشمۇ مەغلۇبىيەتكە ئېلىپ بارىدىغان ناچار ئامىللارنىڭ بىرى.
3. خىزمەت دېگەن قانداق بولىدۇ؟
   يېڭى خىزمەتكە ئورۇنلاشقاندا، بىر مەزگىللىك تەربىيىلەش- چېنىقىش باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرمەي بولمايدۇ. قوبۇللىغان ئورۇنمۇ سىزنىڭ تەربىيىلىنىشڭىزگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن بولىدۇ. بولۇپمۇ سىزنىڭ يېڭى خىزمەت مۇھىتى بىلەن تونۇشىڭىز، يېڭى خىزمەتداشلار بىلەن چىقىشالىشىڭىز، شەخسىي تۇرمۇشىڭىزنى خىزمەتكە قولاي قىلىپ ئورۇنلاشتۇرالىشىڭىز قاتارلىقلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلغان بولىدۇ. شۇنداقلا سىزنىڭ يېڭىلىقنى قوبۇللاش ۋە ماسلىشىش ئىقتىدارىڭىزنىڭ بار يوقلىقىغىمۇ قارايدۇ. چۈنكى بۇلار سىزنىڭ كېيىنكى خىزمىتىڭىزنىڭ نەتىجىلىك بولۇش بولماسلىقىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ئامىل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. دەسلەپكى ئىككى –ئۈچ ئايلار مۇشۇنداق ئۆزئارا سىناش باسقۇچى بولىدۇ. سىزنىڭ بالدىر كېلىپ كەچ قايتىشىڭىز، ئۇچراشقان ھەر بىر ئىشقا ئەتراپلىق خاتىرە قالدۇرۇشىڭىز بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتىشىڭىزنىڭ مۇھىم شەرتى بولۇپ قالىدۇ. ھەرگىزمۇ خىزمەت ئورنۇم بار بولدى دەپ ئۆزىڭىزنى تاشلىۋەتمەسلىكىڭىز، كېچىكىپ قالماسلىقىڭىز، رۇخسەت سوراپ بالدىر كېتىپ قېلىشنى ئويلىمىغىنىڭىز ياخشى. چۈنكى ھەر بىر خىزمەت مەيلى قانداقلىكى خىزمەت تۈرى بولمىسۇن، سىزنىڭ كېيىنكى تەغدىرىڭىزنى بەلگىلەشتە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ياخشى خىزمەت ئورنى ۋە خىزمەت نەتىجىلىرىڭىزلا سىزنىڭ كەلگۈسىڭىزنىڭ پارلاق، ئاسايىشلىق قىلىدۇ. ھەقىقىي مەنىدىكى خىزمەت 3 ئاي ئۆتكەندىن كېيىنلا سىزگە تەدرىجى قۇچاق ئاچىدۇ.
ياپونىيە شىركىتىنىڭ زاۋۇتلىرىدا ئىشلەپقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپەت ئۆتكىلى بەك چىڭ تۇتىلاتتى، 50 ئادەمدىن تۈزۈلگەن قۇراشتۇرۇش لېنىيىسىدە ھەقىقى قۇراشتۇرۇش مەشغۇلاتى ئۈچتىن ئىككى ئۈلۈچنى ئىگىلىسە، تەكشۈرۈش مەشغۇلاتى ئۈچ تىن بىر ئۈلۈشنى ئىگىلەيتتى. يەنى، ھەر 50 ئادەمنڭ  30ى قۇراشتۇرۇش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارسا، 20 ئادەم ئاشۇ 30 ئادەم قىلغان ئىشنى تەكشۈرەتتى. تەكشۈرۈش نەتىجىسنىڭ لاياقەتسىزلىك نىسبتىگە قۇيۇلغان نىشان بىر پىرسەنىت. ئەگەر لاياقەتسىزلىك نىسپتى ئۈچ پىرسەنىتىن ئېشىپ كەتسە، ئىشلەپچىقىرىش توختىتىلاتتى. ئەڭ قورقۇنۇچلۇقى تۇراقسىز كۆرۈلىدىغان مەسىلىلەر، مەسىلەن، ھېلى ئانداق، ھېلى مۇنداق چىقىپ، تۇرۇپلا كاشىلا كۆرۈلىدىغان ۋە يەنە ئۆزلىگىدىن ئوڭشىلىپ قالىدىغان مەسىلىلەر ئىدى.
     كالكۇلياتور يەنى خەت ئۇرۇپ بىرەلەيدىغان ھېسابلاش ماشىنىسنى قۇراشتۇرۇش سېخىدا شۇنداق بىر تۇراقسىز ئەھۋال كۈرۈلدى.
    كالكۇلياتور، ئاساسىي جەھەتتىن قوراشتۇرۇلۇپ بولۇنغاندا، پۈتكەن مەھسۇلاتقا قارىتا بارلىق ئىقتىدارلىرى قايتا تەكشۈرۈلىدىغان بىر ھالقا بار ئىدى، يەنى كالكۇلياتورنىڭ بارلىق كۇنۇپكىلىرى بىر قېتىمدىن بېسىلىپ، بارلىق فورمۇلا– ھېسابلاش مەشغۇلاتى ئېجرا قىلىنىپ، بارلىق خەت نۇسخىلىرى بىر قېتىمدىن ئۇرۇپ چىقىلاتتى. مەخسۇس تۈزۈلگەن فورمۇلا بويىچە تەكشۈرگۈچى خادىم كۇنۇپكىلارنى بىر-بىرلەپ بېسىپ، نەتىجە بىلەن سېلىشتۇرۇپ چىقاتتى. يىڭى بىر خىل تىپتىكى كالكۇلياتور قۇراشتۇرۇلۇشقا باشلانغان كۈن ئىدى، نەچچە كۈن ئىچىدىلا ئۇلارنىڭ تەكشۈرۈشىدە لاياقەتسىز كالكۇلياتورلار ئارقا– ئارقىدىن بايقالدى. قۇراشتۇرۇش سېخىنىڭ سۈرئىتىگە ماسلاشتۇرۇلغان تەكشۈرۈش خىزمىتى ناھايىتى جىددىي ئېلىپ بېرىلاتتى. ئادەتتە مەسىلە بار دەپ قارالغانلىرى ئۈستىگە كۈرۈلگەن مەسىلە نامى، مەسلەن «قېتىۋالدى»، «كونۇپكا ئىشلىمىدى»، «قوزغالمىدى»، «ئېكران يورۇمىدى»، «خەت ئۇرمىدى»، «شاۋقۇن كۈچلۈك»، « كۇنۇپكا ئىلىۋالدى» دېگەندەك كەسپىي ئاتالغۇلار بېسىلغان پىچەت چاپلىنىپ بىر ياققا ئايرىلاتتى–دە، يەنمۇ ئىچكىرلەپ تەكشۈرۈشكە سۇنۇلاتتى. ئۇ كۈنى يېرىم كۈن ئىچىدە قايتا تەكشۈرۈلۈشكە بىرىلگەن «كۇنۇپكا ئىشلىمىدى»، «قېتىۋالدى» دېيىلگەن كالكۇلياتورلارنىڭ سانى بىراقلا ئېشىپ كەتتى. قايتا تەكشۈرۈشكە مەسئول خادىمنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى «مەسىلە يوق، يەنى لاياقەتلىك» بولۇپ چىقىۋاتاتتى. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا قايتا قارار بېرىش مىنىڭ ۋەزىپەم ئىدى. ئۇلار تۇرۇپ–تۇرۇپ بىر ئىككىدىن كالكۇلياتورنى ئۈستىلىمگە قويۇپ قويۇپ كېتەتتى. مەن شۇنداق ئىنىچكىلىك بىلەن تەكشۈرۈسەممۇ مەسىلە بايقالمايۋاتاتتى. ئېنىق بىرەر مەسىلىنى بايقىماي تۇرۇپ ئىشلەپچىقىرشنى توختىتشقا ياكى باشقا بىرەر چارە قوللىنىشقا ئامالسىز ئىدىم. ئىشلەپچىقىرىش لىنىيىسىنڭ ئاخىرقى ئۇچىدىكى لاياقەتسىز چىققان كالكۇلياتورلارنىڭ پىرسەنت سانى ھە دېسىلا ئۈچ پىرسەنتىن ئېشىپ كېتىۋاتاتتى. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا داۋاملىق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئۆزىمۇ خەتەرلىك ھەرىكەت ئىدى. مەن ئاخىرى، مەسىلە، تەكشۈرگۈچىدە بولۇشى مۇمكىن دەپ قاراپ، شۇلارنىڭ ئارقىسغا بېرىپ تەكشۈرۈش جەريانىغا زەن سالدىم. ئۇلارنىڭ قول ھەركىتى تولىمۇ چاققان ئىدىكى، بىر بەتلىك تەكشۈرۈش جەريانىنى ئون نەچچە سىكىنۇت ئىچىدىلا تاماملايتتى. بارماقلار كۇنۇپكا ئۈستىدە تاراسلاپ چاپاتتى. ئېكىراندىكى خەتلەر كۈرۈشكە ئۈلگۈرۈمىگۈدەك دەرىجىدە لىپىلداپ ئۆتۈشەتتى. پرېنتېرمۇ ئۇلارنىڭ قولى توختاپ سەل ئۆتكەندىن كېيىنراق بېسىشتىن توختايتتى.
    شۇ ئارلىقتا بىر تەكشۈرۈگۈچىنىڭ بارماق ئۇرۇشى توختاپ قالدى. ئەسىلىدە ئالدىدىكى تەكشۈرىۋاتقان كالكىلاتۇر قېتىۋالغان- كۇنۇپكا كىرگۈرۈشكە بوي سۇنمايۋاتقان ئىدى. ئۇ توختاپ ئارقىسىغا قارىدى. مەن ئۇنىڭغا يىقىنلىشىپ بېرىپ ئەھۋالنى كۈزەتتىم. تەكشۈرۈپ نەگە كەلگەنلىكنى سوراپ، فورمۇلا بويىچە كىيىنكى قەدەمنى بېسىپ باقتىم. ھەققەتەن ئىنكاس يوق ئىدى. شۇ تەرىقىدە سان-سىپىر كۇنۇپكا كىرگۈرۈش باسقۇچىدىن ئۆتۈپ فونكسىيە كۇنۇپكىسنى بېسىشقا توغرا كەلگەندە، بىر كۇنۇپكىنى شۇنداقلا باسسام كالكۇلياتور يەنە ئىش ئىشلەشكە باشلىدى. ئۇلاپلا مەنمۇ فونكسىيە كۇنۇپكىلارنى شۇنچە تېز بېسىپ باقتىم. ھېچ مەسىلە كۆرۈلمىدى. مەن قايتا تەكشۈرۈشكە بېرىۋىتىپ، ئارقىسىدا قاراپ تۇرۇدۇم. تەكشۈرگىچى ئىشچىنىڭ بارماقلىرى كۇنۇپكا تاختىسى ئۈستىدە تاراسلاپ ئويناشقا باشلىدى. بۇ قېتىم نەتىجە نورمال بولۇپ چىقتى، مەسىلە بايقالمىدى. شۇ تەرتىپ بويىچە 1- تەكشۈرۈشتە مەلۇم ئوروندا توختاپ قالسا، قايتا باشتىن كېلىپ تەكشۈرۈشنى ئورونلاشتۇرۇۋېتىپ، قايتىپ كېلىپ ئورونۇمدا ئولتۇردۇم.
   كالامنى بىر خىل ۋەھىمە قاپلىۋالغان ئىدى. ناۋادا مۇشۇ مەھسۇلاتلار خېرىدارلارنىڭ قولىغا چىقىپ مەسىلە كۆرۈلسە، مىنىڭ مۇشۇ ئوروندا ئولتۇرالىشىممۇ تەسكە توختايتتى. ھوقۇقىمدىن ئايرىلىشىم ھەتتا جازالىنىشىممۇ مۇمكىن ئىدى.مەن ئويلاپ قالدىم، نېمە ئۈچۈن مەن تەكشۈرۈسەم مەسىلە يوق. ئۇلار تەكشۈرۈسە مەسىلە بار. پەرق، ئۇلارنىڭ قولىنىڭ تېز، مىنىڭ ئاستا. دېمەك، ئاستا مەشغۇلات قىلسا مەسىلە يوق.
ئۇلار تەكشۈرۈپ نەگە كەلگەندە مەسىلە كۆرۈلدى ؟
09….123قۇشۇلغان 9،8،7،…1،0سان-سىپىر كىرگۈزىلىۋاتقاندا مەسىلە كۆرۈلگەن.
كاللامغا بىر ئىش كەلگەندەك بولۇپ ئۈستەلدىكى قايتا تەكشۈرۈشكە ئېلىپ كەلگەن كالكۇلياتورغا قول ئۇزاتتىم.
1،2،3،ناھايتى تىز باستىم مەسىلە يوق . ئاخىرى 1ۋە2نى تەڭلام باستىم ، ئارقىدىن 3نى باسسام ئىنكاس بولمىدى، كالكىلاتۇر قېتىۋالدى. « قۇشۇش» نى باسسام ئوڭشالدى.
   ساناق سان بىرىنىڭ ئارقىسىدىن بىرسى ئۇلاپ بېسىلسا توغرا بولىۋاتاتتى، ئەگەر تەڭلا بېسىلسا مەسىلە كۆرۈلىۋاتاتتى، ئارقىدىن فونكسىيە كۇنۇپكىلىرى بېسىلسا ئوڭشىلاتتى، مەن شۇ كالكۇلياتورنى كۆتۈرۈپلا زاۋۇت باشلىقى ئىشخانىسىغا چاپتىم. زاۋۇت باشلىقى كۆرۈپلا «!stop »، يەنى سېخنى توختۇتۇش بۇيرىقى بەردى. مەن تىزدىن سېخقا يۈگۈرۈپ چۈشۈپ، قولۇمنى بېشىمنىڭ ئۈستىگە قىلىپ قايچىلاشتۇرۇپ رىپېردەك «توختاش»بۇيرىقىنى بەردىم. سېخ مەسئولى گېپىمگە ئىشەنمەي ئاۋال ئۈستى ئىشخانغا تېلېفون قىلدى ۋە ئارقىدىنلا ئاقما لىنىيىنىڭ توكىنى ئۈزىۋېتىپ توختاش بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلدى. سېخ ئىچى تىمتاسلىقا چۆمدى. ئشچىلار جايدىلا زوڭزۇيۇپ ئولتۇرۇپ ھاردۇقىنى چىقاردى. (بۇ چاغلاردا شېنجېندىكى زاۋۇتلاردا ئىشچىلارنىڭ ئۆرە تۇرۇپ مەشغۇلات قىلىشى ئومۇملىشىۋاتقان چاغلار بولۇپ ئىشچىلار بارلىق مەشغۇلاتنى ئۆرە تۇرۇپ قىلاتتى. ئىككى سائەتتە بەش مىنۇت دەم ئېلىش ۋاقتىدىلا ئۇلار زوڭزۇيۇپ ئولتۇرۇپ، ھەتتا يەردىلا يېتىۋېلىپ دەم ئېلىشقا رۇخسەت قىلىناتتى. ئادەتتە ئۇلارغا ئۇرۇندۇق بىرىلمەيتى.)
    زاۋۇتتا جىددىي يېغىن ئېچىلدى. مەسىلنىڭ ئېغىرلىقى مۇقەررەرلەشتۈرۈلدى. مىنىڭ شۇ مەسىلىنى بايقاپ، دوكلات قىلغىچە بولغان ئارلىقتىكى ئالتە سائەت ۋاقىت ئىچىدە بۇ خىل كالكۇلياتوردىن بەش مىڭدىن ئارتۇقى قۇراشتۇرۇلغان بولۇپ، ئاساسىي مەسىلە كالكۇلياتورنىڭ ئىچكى توك يولى تاختىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان توپلاشتۇرۇپ ھېسابلاش ئۆزىكىنىڭ ئىچىگە ئوقۇتۇلغان پىروگراممىدا ئىدى. بۇ پىروگراممىنى شىركەت پۇل چىقىرىپ ياپونىيە NECشىركىتىگە يازدۇرغان ئىكەن، بۇ ئۆزەك ئادەتتە قايتا يازغىلى بولمايدىغان ئۆزەك ئىدى. توك يولى تاختىسىدىن بۇ ئۆزەكنى ئالماشتۇرۇشلا- مەسىلنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر چارسى ئىدى.
    بەش مىڭدىن ئارتۇق قوراشتۇرۇلۇپ، يېشىكلەرگە قاچىلىنىپ بولۇنغان ھەتتا ئالدى كونتېينېرغا تىزىلۋاتقان مەھسۇلاتنى قايتا چۇۋۇپ، توك يۇلى تاختىسىدىكى مەلۇم بىر زاپچاسنى داغماللاپ ئالماشتۇرۇش بۇ بىر چوڭ ئەمگەك ئىدى. قايتا قۇراشتۇرۇش تەننەرخى يىڭىدىن بىرنى قۇراشتۇرۇشنىڭ ئۈچ ھەسىسىدىن ئارتۇق توختايتى. بولۇپمۇ ئۆزەكنى داغمالدا قىزدۇرۇپ، سۆكۈپ ئېلىپ توك يولى تاختىسىدىكى تۈشۈكلەرنىڭ كۆزىنى ئېچىپ، يىڭى ئۆزەك قۇيۇپ داغمالاش، ئۇتتۇرلا كەلگەن ئىشچى قىلالايدىغان ئىش ئەمەس ئىدى.
   مىنىڭ بۇ سۈپەت باشقۇرۇش بۆلۈمىگە مەسئۇل بولغىنىمغا  ئىككى ئاي بولمىغان ئىدى. بۇنىڭدىن بۇرۇن ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكا بۆلۈمىدە ئىشلىگەن ئىدىم. ئۇ بۆلۈمدە ئاساسلىقى ئىشلەپچىقىرىش ھالقىلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرخىل ئۆلچەش ئۈسكۈنىسى ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش ئەسۋاپلىرىنى لايىھىلەپ ياساپ چىقىراتتۇق.
   بۇ قېتىملىق قايتا قوراشتۇرۇش مەشغۇلات جەريانىدىكى توك يولى تاختىسىدىن بىر ئۈزەكنى داغمالدا ئېرىتىپ ئېلىۋېتىپ، يىڭىدىن بىر ئۆزەكنى داغماللاش مەشغۇلاتىغا شۇنداق بىر مۇۋاپىق ئەسۋاپ بولمىسا بولمايتى.
     مەن ئالدى بىلەن ئۆزەكنىڭ توك يولى تاختىسى تۆشۈگىگە سېلىپ داغماللانغان 44 پۇتنى ئېرىتىشنى ئويلىدىم. بىرلا ۋاقىتتا 44 پۇتتىكى قەللىيىنى ئېرىتىش ئۈچۈن شۇ 44 پۇتنى تەڭلا ۋاقىتتا قوغۇشۇن ئېرىتمىسىگە چىلاش كېرەك ئىدى، شۇ ۋاقىتتا ئۆزەكنىڭ پۇتلىرىدىكى داغماللانغان قەللەي تەڭلا ئېرىيتتى–دە، ئۈستىدىن قىسقۇچ بىلەن تارتىپلا ئېلىۋېتىشكە بولاتتى. مەن بىنادىن چۈشۈپ موتسىكلىتىمغا مىنىپ، ئېلېكتىر ئەسۋاپلىرى دۇكىنىغا چاپتىم ۋە لۇغەت چوڭلۇقىدىكى ئوتتۇرىسىدا پىيالە چوڭلۇقىدا قوغۇشۇن ئېرىتىش ئوقۇرى بار 500 ۋاتلىق داغماللاش ئوقۇرى سېتىۋالدىم ۋە يىقىن ئەتراپتىكى كەپشەرلەش دۇكىنىغا بېرىپ، ئوقۇرنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئۇنىڭ ئىگىزلىكىدىن بىر سانتىمېترچە ئىگىز قىلىپ سەرەڭگە قېپى چوڭلۇقىدا چاسا قۇتا كەپشەرلەتتىم. بۇ چاسا قۇتىنىڭ ئۈستى ئاغزى ئوچۇق بولۇپ ئاغزىنىڭ چوڭلۇقى مەن ئاجراتماقچى بولغان توك يولى تاختىسىدىكى ئۆزەكنىڭ 44 پۇتىنىڭ دائىرىسىگە دەل كېلەتتى. باشقا ئېلېكتىر زاپچاسلارنىڭ پۇتلىرى تىگىشىپ قالمايتتى.
     ئاندىن داغماللاش ئوقۇرىنىڭ سىرتقى تۆت بۇرجىكىدىكى تۆت ئورۇننى توك يولى تاختىسىدىكى ۋىنتا ئورنىتىش تۆشۈگىگە ئۇدۇللاپ بەلگە ئۇرۇۋېلىپ، تۆت دانە مىخ كەپشەرلەتتىم. ئاندىن توك يولى تاختىسىنىڭ تۆت بۇرجىگىدىكى تۆشۈكنى شۇ تۆت مىخقا ئۇدۇللاپ توغىرلاتتىم. نەتىجىدە تۆك يولى تاختىسىنىڭ تۆت بۇرجىگىدىكى تۆشۈكنى شۇ تۆت مىخقا ئۇدۇللاپ، داغماللاش ئوقۇرىنىڭ ئۈستىگە باسسا، ئاجراتماقچى بولغان ئۆزەكنىڭ 44 پۇتى دەل قوغۇشۇن ئوقۇرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تۆت چاسا قۇتىغا توغىرلىناتتى. بۇ ئىشلارنى قىلىشقا بىر سائەتچە ۋاقىت كەتتى،  مەن چۈشلۈك تاماق يېيىشنىمۇ ئۇنتۇپ مۇشۇ ئىشلار بىلەن بولدۇم. دەل چۈشتىن كىيىنكى ئىشقا چۈشۈش ۋاقتىغا ئۈلگۈرۈپ زاۋۇتقا قايتىپ كەلدىم ۋە داغماللاش ئوقۇرىنى توكقا چېتىپ، ئوقۇر تىمپۇراتۇرىسىنىڭ ئۆرلىشىگە ماسلاشتۇرۇپ قەللە سالدىم. ئۇزاق ئۆتمەي ئوقۇر ئېرىگەن قەللە بىلەن تولدى. بۇنىڭدىن بىر سانتىمېتر ئىگىزلىكتىكى چاسا قۇتىغا ئەتراپىدىكى ئېرىگەن قەللەنى قوشۇقتا ئېلىپ قۇيۇپ تولدۇردۇم. پىيالە چوڭلۇقتىكى قەللە قاچىنىڭ ئوتتۇرىسىدا سەرەڭگە قېپى چوڭلۇقىدىكى تىكلەگلىك چاسا قۇتا ئىچىدە قەللە ئېرىپ لىغىرلاپ تۇرىدىغان ھالەت شەكىللەندى.
     ئەمدى توك يولى تاختىسىنى ئېلىپ تۆت نوقتىغا توغرىلاپ باسسا، ئۈستىدىكى ئاجراتماقچى بولغان ئۆزەك ئاجرايتتى. يەنە شۇ ھالەتتە يىڭى ئۆزەكنىڭ پۇتىنى توغرىلاپ شۇ ئورۇنغا سېلىپلا توك يولى تاختىسىنى ئاجرىتىۋالسا بولاتتى، ئارقىدىن داغمال بىلەن قىلىشقا تېگىشلىك ئازراقلا ئىش قالاتتى.
شۇ كۈنى چۈشتىن كىيىن ھەممە ئادەم شۇ ئىش بىلەن ئالدىراش بولدى. مەسىلە ھەل بولدى. قايتا قوراشتۇرۇش ئىشىمۇ رەتلىك داۋام قىلدى. مەن دەپ بولغۇچە ياپونىيەلىك زاۋۇت باشلىقى تاماق يېمىگەنلىگىمنى پەملەپ مىنى چىقىپ تاماق يەپ كېلىشكە بۇيرىدى. باشقىلارنىڭ مىنى ئويلايدىغانغا چولىسى يوق ئىدى. مەن ئۆمرۈمدە شۇ كۈندىكىدەك ئاراملىق ھېس قىلمىغان بولغىيتتىم، كەچلىكى تولىمۇ راھەت ئۇخلىدىم.
    ناھال دېڭىز تاشقىنىدەك ئۆركەشلەپ تۇرىدىغان بۇ خىل ئىشلەپچىقىرىش دولقۇنى كۈندە دىگۈدەك يىڭى– يىڭى دولقۇنلارنى ھاسىل قىلىپ تۇراتتى. بۇ بىز قاتارلىق زاۋۇتلارنىڭ چىشلىق چاقلىرىدەك باشقۇرۇشۇچىلارغا نىسبەتەن يىڭىدىن يىڭى جەڭلەرنى ئېلان قىلىپ تۇراتتى.بۇ خىل دولقۇنلار ئاساسەن كۈچلۈك بازار رىقابىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن قوللانماي مۇمكىن بولمايدىغان، تەننەرقنى تۆۋەنلىتىش بىلەن سۈپەتنى ياخشىلاش ئوتتۇرىسىدا تولىمۇ زىددىيەتلىك ۋە تولىمۇ كەسكىن ئامىللار ئارقىلىق ئەكس ئېتىپ تۇراتتى.
4. خىزمەتتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى
   ھەرقانداق ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەر يىڭى لايىھىلەنگەن چاغدا، ئەڭ زۆرۈر بولغان زاپچاسلاردىنلا تۈزۈلگەن بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن مەھسۇلاتلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى بارلىققا كەلگەندىن كېيىن، ئۇنى ھەرخىل سىناقلارغا بەرداشلىق بىرەلەيدىغان قىلىش ئۈچۈن تۈرلۈك تەكشۈرۈشلەر ئېلىپ بىرىلىپ، كۆرۈلگەن مەسىلىلەرگە قارىتا زۆرۈر بولغان قوشۇمچە زاپچاسلار سەپلىنىدۇ.
   ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەردە ئېلېكتىرونلۇق ئىندوكسىيە يەنى  ئېلېكتىرىك شاۋقۇننىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەڭ مۇرەككەپ ۋە ئەڭ كاللا قاتۇرۇشقا توغرا كېلىدىغان ھالقىلارنىڭ بىرى. ئېلېكتىرىك شاۋقۇن دىگىنىمىز، ئېلېكتىر دولقۇنىنىڭ ئۆزئارا تەسىرلىشىشىدىن ھاسىل بولىدىغان بىرخىل بىنورمال ئېلېكتىر دولقۇنىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ، سىرتقى ئېلېكتىر مەنبەسىدىن كېلىدىغان ۋە ئىچكى ئېلېكتىر يولىدىن سىرتقا تارقىلىدىغان دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ.
سىرتقى ئېلېكتىر مەنبەسىدىن كېلىدىغانلىرى بولسا مەزكۇر ئۈسكۈنە ئېلېكتىر مەنبەسى مۇھىتىدا مەسىلەن، توڭلاتقۇ، توك دەزمەل، تېلېۋىزور قاتارلىق ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى بىلەن ئوخشاش ئېلېكتىر مەنبەسىدىن پايدىلانغاندا، باشقا ئېلېكتىر ئۈسكۈنىنىڭ ئېلېكتىرىك تەسىر قىلىش كۈچى، شۇنداقلا مەزكۇر ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىنىڭ ھەرخىل خىزمەت شارائىتىدا بارلىق ئىقتىدارلىرىنى جارى قىلدۇرغان چېغىدىكى پەيتلىك ھاسىل قىلىدىغان بىنورمال ئېلېكتىر دولقۇنىنىڭ باشقا ئۈسكۈنىلەرگە ۋە ئۆزىنىڭ ئومۇمىي ئېلېكتىرونلۇق ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسەتمەسلىگىنى كۆرسىتىدۇ.
   ئادەتتە ئېلېكتىرون شاۋقۇننى تىزگىنلەشنىڭ ئاساسلىق ئۇسۇللىرى، ئىككى ئېلېكتىر بەلبىغى ئوتتۇرىسىغا چىپتا كوندېنساتور(چاقچۇقتىن ياسالغان كىچىك كوندىنساتور) قوشۇش، ئاقما ئېلېكتىر لىنىيىسىگە ماگىنت ئۈزۈك كەيدۈرۈش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. لېكىن بۇ ئىككى خىل زاپچاسنىڭ ھەر ئىككىسى تەننەرخنى ئاشۇرىدىغان ئامىللار بولغاچقا ئالاھىدە زۆرۈرلۈك بولمىسا، ئەڭ تۆۋەن چەكتە قوشۇشتىن باشقا خالىغانچە قوشۇۋېتىشكە يول قويۇلمايدۇ. بۇ تەرەپتىن تەدبىر كۆرۈنەرلىك بولمىسا، ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەر نورمال ئىشلەۋېتىپ غەلىتە ئەھۋاللار يۈز بېرىدىغان ياكى ئورتاق توك مەنبەسىدىكى باشقا ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلىرىنىڭ نورمال ئىشلىشىگە كاشىلا پەيدا قىلىدىغان تۇراقسىز ئامىللار كۆرۈلىدۇ.
   شۇنداق بىر يىڭى مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىلىپ ئۇزاق بولماي، ئالدى ياۋروپا ئورتاق گەۋدىسىدىكى 16 دۆلەتكە يېتىپ بېرىپ بولغان مەزگىلدە، بىزدىن يۇقىرى ئورۇندىكى تەكشۈرۈش ئاپپاراتىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە بۇخىل مەھسۇلاتنىڭ ئېلېكتىر شاۋقۇن تەكشۈرۈش تۈرىدە لاياقەتسىز بولغانلىق خەۋىرى كەلدى.
  زاۋۇتتىكىلەر ئىشلەپچىقىرىشنى شۇ زامانلا توختاتتۇق. سىرتقا چىقىپ كەتكەن مەھسۇلاتنىڭ سانى 30 مىڭدىن ئاشاتتى. نېمىلا بولمىسۇن تەدبىر قوللانماي بولمايتى. زاۋۇتتا قايتا تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئېلېكتىر كىرىش مەنبەسىدىكى ئېلېكتىر تۇراقلىقىنىڭ سۆزۈش توك يولىدا ئېلېكتىرىك شاۋقۇن يوچۈقى بار بولۇپ، ئىشلەتكۈچى ناۋادا توك مەنبە ۋىكليۇچاتېلىنى نەچچە رەت تەكرار ئۈزۈپ ياكى ئۇلاپ يەنە ئاچسا ئۈسكۈنە بىنورمال ھالەتكە كېلەتتى. توك مەنبە سىمىنى تارتىۋېتىپ، بىردەمدىن كېيىن قايتا ئۇلىسا ئوڭشىلاتتى. لىكىن بەزىدە ئىچكى ساقلىغۇچتىكى ئۇنىڭدىن بۇرۇن قىلغان سانلىق ھېسابلاشلارنىڭ خاتىرىسى يۇيۇلۇپ كىتەتتى.
    ئەڭ ئۈنۈملۈك تەدبىر_ مەزكۇر توك مەنبە توك يولى ۋىكليۇچاتېل لىنىيىسىدىكى ئىككى قۇتۇپ ئارىسىغا چىپتا كوندىنساتور قوشۇش ئىدى. زاۋۇتتىكى قوراشتۇرۇلۇش ئالدىدا تۇرغان مەھسۇلاتلارغا بۇخىل ئۇسۇلنى قوللىنىشقا بولاتتى، لىكىن ئاللا بۇرۇن تىنچ ئوكياننىڭ ئۇ قېتىغا بېرىپ بولغان، پارچە سېتىلىش بازىرىغا كىرىشكە ئاز قالغان 30 مىڭدىن ئارتۇق ئۈسكۈنىگە بۇ تەدبىرنى قوللىنىش ئاسان ئىش ئەمەس ئىدى. قايتۇرۇپ ئەپكىلىشتىن بۆلەك ئامالنى ئويلاپ يەتكىلى بولمايتى.
   شۇنچە چوڭ ئىشنىڭ ئاساسلىق ھەل قىلىش ئۇسۇلى، ئاددى قىلىپ ئېيتقاندا، توك مەنبە ۋىكليۇچاتېلىنىڭ ئۈچ تال سىمى ئوتتۇرىسىغا بىرتال چىپتا كوندېنساتورنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئىدى. مەن باشقا ئۇسۇللار ئۈستىدە ئىزدەندىم. شۇ سىمنى قىسقارتىش، ئېلېكتىر تاختىسىنىڭ ئەتراپىنى بىر ئايلاندۇرۇپ ئوراش ۋە شۇ سىمغا ماگىنت ئۈزۈك قاپلاش قاتارلىق ئۇسۇللارنى سىناپ باقتىم. ئاخىرى ماگىنت ئۆزۈك كەيدۈرۈش ئۇسۇلىلا ئۈنۈم بېرىۋاتاتتى. شۇ سىمنى ئۇياق تارتىپ، بۇياق تاتىپ يۈرۈپ كىچىك ۋاقتىمدىكى مومامنىڭ ھەدەمنىڭ چېچىنى ئۆرۈگەندىكى ھالىتى كۆز ئالدىمغا كەلدى– دە ئويناپ ئولتۇرۇپ دېگەندەك ئۈچ تال سىمنى چاچ ئۆرۈگەندەك ئۆرۈپ باقتىم، ئارقىدىن بىلىپ بىلمەيلا سىناپ باقسام ئۈنۈمى ماگىنىت ئۈزۈك كەيدۈرگەندىكىدىن كۆپ پەرق قىلمىغۇدەك دەرىجىدە ياخشى بولۇپ چىقتى. شۇ كەچىلىگى بىر ئاخشام 100 چە ئۈسكۈنىنىڭ ۋىكليۇچاتېل سىمىنى ئۆرۈپ يەنە قوراشتۇرۇش ئىشىنى قىلدىم. بىر بىرلەپ سىنىدىم، مەسىلە يوق بولۇپ چىقتى. ئەتىسى ئەتىگەندە زاۋۇتتىكىلەرمۇ مۇشۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلىۋاتقان بارلىق باشقۇرغۇچىلارغا بىردىن سىناپ كۆرۈشنى ئېيتتى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ بولىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.
    زاۋۇت باشلىقى دېڭىز سىرتىدىكى 30 مىڭدىن ئارتۇق مەھسۇلاتقا مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللىنىش تەكلىپ لاھىيېسىنى باش شىركەتكە سۇنۇپ تەستىق ئالدى. باش شىركەتتىن ئۈچ ئادەم ۋە زاۋۇتتىن ئىككى ئادەم بولۇپ جەمئى بەش ياپونىيەلىك مۇشۇ تەدبىرنى ئەمەلىلەشتۈرۈش ئۈچۈن ياۋروپا ئورتاق گەۋدىسىدىكى 16 دۆلەتكە قاراپ ئاتلاندى. ئۇلار ئاساسەن شۇ ماللارنى ھەرقايسى ئىسكىلاتلاردىلا ئادەم ياللاپ ئىشلىتىپ، بىر–بىرلەپ يەشىكتىن چىقىرىپ، ئاستى قېپىنى ئاچقۇزغاندىن كىيىن ۋىكليۇچاتېل سىمىنى ئۆرۈپ يەنە قايتا قاپقا سالاتتى– دە ئىش تامام بولاتتى.
   مىنىڭ نەق مەيدانغا بىرىشىتىمۇ زۆرۈررەك ئىشلار زاۋۇتتا مىنى ساقلاپ تۇرغاچقا، 16 دۆلەت سەپىرىگە مۇيەسسەر بولالمىدىم. كېيىنكى كۈنلەردە ئەشۇ بەش ياپونىيەلىك ئۈستۈمدىكىلەرگە بىلدۈرمەي خۇپيانە ھالدا ئۆزىنى ياۋروپادىكى 16 دۆلەتكە بېرىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرگەن ماڭا ئاغزاكى مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈۋېلىشتى.
5. ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەت
    كىشىلىك ھاياتتا بىردىنبىر قايتا ئېرىشكىلى بولمايدىغان نەرسە بار دىيىلسە، شۇ ۋاقىتتىن باشقا نەرسە بولمىسا كېرەك. ۋاقىت ئالدى بىلەن ھەر بىر كىشىگە تەڭ باراۋەر تەخسىملەنگەن بولىدۇ. ھەممىلا ئادەمنىڭ ۋاقىتتن ئوخشاشلا بەھىرلىنىش ھوقۇقى بار. بەزىلەر شۇ ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈپ بولالماي قىينالسا، يەنە بەزىلەر شۇ ۋاقىتنى مەڭگۈ يەتكۈزەلمەي ئازاپلىنىدۇ. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، شۇ ۋاقىتنىڭ كىشىگە پەقەت ۋە پەقەت بىرلا قېتىم مەنسۇپ بولىدىغانلىقىنى بىلىش كېرەك. قولدىن چىقىىپ كەتكەن، بىلەپ- بىلمەي ئۆتكۈزۈپ قويغان ۋاقىتنى ھەرقانچە بەدەل تۆلەپمۇ قايتا قولغا كەلتۈرگىلى بولمايدۇ.
مېنىڭ ئوقۇغۇچىلىق ۋاقتىمدا كۈندۈزى كەسپىي دەرسلەرنى ئۆگۈنۈشكە ۋاقىت يەتكۈزۈلمەي تۇرۇپ، ئاخشاملىرى يەنە شام يۇقۇرىدا تىل ئۆگۈنۈشكە ۋاقىت يەتكۈزەلمەيتتىم. ئۇخلاپ قېلىش، مەن ئۈچۈن ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىش بولۇپ ھېساپلىناتتى. يېتىپ كۆزنى يۇمساممۇ، ئۇخلىيايمايدىغان، ناۋادا ئۇخلاپ قالساممۇ ھايات تەھدىتىدە قورقۇنۇچلۇق چۈشلەرنى كۆرۈپ، چۆچۈپ ئويغۇنۇپ كېتىدىغان چاغلىرىم بولاتتى.
    ياتاقتا شام ياندۇرۇپ كىتاپ كۆرسەم، ياتاقداشلىرىم شام ئىسىدا ئۇخلىيالمىدۇق دەپ زارلىناتتى. ئىلاجسىز، كاردۇردا ئەڭ ئاخىرقى چىراق يۇرۇقى- قول يۇيۇش ئويىنىڭ ئىشىك تۆۋىدە تامغا يۆلىنىپ تۇرۇپ كىتاپ كۆرۈپ، پۇتلىرىم تارتىشىپ قالىدىغان. ئاخىر بولماي، سىنىپ بىناسىغا مۆكۈۋېلىپ، ئىشىك باقار بىنانى چارلاپ تەكشۈرۈپ چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن، جاھان تىنجىغۇچە ئاسما چىراقنى پەسكە چۈشۈرۈپ ئەتراپىغا پەردە يېپىپ قويۇپ، ئىنسى-جىنغا بىلدۈرمەي كىتاپ كۆرۈدىغان. يېرىم كېچىدىن ئاشقاندا بارلىق چىراقلارنى ياندۇرۋېتىپ، دوسكىغا يېزىپ ئۈگىندىغان، ئەتىسى دوسكىغا يېقىن يەردىكى ئۈستەللەرنى بىرلىك بور ئۇچقۇنى قاپلاپ كېتىدىغان، باشقا ساۋاقداشلىرىمنىڭ بىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن تاڭ ئاتقاندا ئۈستەل ۋە پوللارنى سۇرتۇپ قويۇپ سىنىپتىن ئايرىلىدىغان. ياتاقداشلىرىم ئەتىگەنلىك تاماققا ماڭغاندا مەن چايدان كۆتۈرۈپ ياتاققا ماڭىدىغان. نېمە سەۋەپ نېمە ۋەجىدىن شۇنداق قىلدىغانلىقىم مەكتەپتىكى بارلىق ساۋاقداشلىرىم ئۈچۈن بىر سىر بولىدىغان. بىر ھەپتىدە بىر ئاخشاملا ياتاقتا ئۇخلاشقا ئارانلا قىيالايدىغان چاغلىرىم بولغان ئىدى.
    ياپونىيەلىكلەرنىڭ زاۋۇتىدا دەسلەپكى كۈنلەردە شۇنداق بىر سېختا ئىشلىدىمكى ھەر بىر ئىشچىنىڭ مەشغۇلات دەۋرى سىكۇنۇتلۇق سائەتتە ئۆلچەپ بېكىتىلەتتى. ھەرقايسى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيىسىدىكى ھەربىر ئىشچىنىڭ ئەمگەك سىجىللىقىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش تولىمۇ زۆرۈر ئىدى. مەلۇم ئىشچىنىڭ مەلۇم مەشغۇلاتى ئاز ۋە ئاددىي بولۇپ قېلىپ تېز تاماملىۋېتىشىگىمۇ ۋە بەزى ئىشچىنىڭ مەشغۇلاتى مۇرەككەپ بولۇپ كۆپ ۋاقىت كېتىشىگىمۇ يول قويۇلمايتتى. بىر مەھسۇلاتنى تولۇق قۇراشتۇرۇپ بولۇش ئۈچۈن 30 مىنۇت ۋاقىت كەتسە، شۇ ۋاقىتنى 50 ئىشچىغا بۆلۈپ ھەر ئىشچىغا 36 سىكۇنۇتتىن تەقسىملىنەتتى. ۋە شۇ تەرىقىدە تىزىلغان بىر ئاشلەپچىقىرش ئاقما لىنىيىسىدە ھەر 36 سىكۇنۇتتا بىر دانە مەھسۇلات پۈتۈپ چىقاتتى. مەن باشقۇرغۇچى بولغاچقا ھەر بىر مەشغۇلات ھالقىسىنى ئەستايىدىللىق بىلەن بىربىرلەپ ئىشلەپ كۆرۈپ، مەشغۇلات قائىدىسىنى تۈزۈپ چىقاتتىم. ھەر بىر مەشغۇلاتنى پىشقان، قولى چاققان كونا ئىشچىغا 10 قېتىملاپ قىلدۇرۇپ كۆرۈپ، ئوتتۇرچە ۋاقىتنى ھىساپلاپ چىقاتتىم. شۇ ئارقىلىق ئۆلچەملىك ۋاقىت بەلگىللىنىپ يېڭى ئىشچىغا ئۈگۈتەتتىم ۋە شۇ ئىشچى پۇختا نورمال مەشغۇلات قىلغۇچە ئارىلىقتا ئۇنىڭ ئارقىسىدا سەرىپ قىلغان ۋاقىت ۋە سۈپەتنى تەكشۈرەتتىم. قولۇمدىن سىكۇنۇتلۇق سائەت زادىلا چۈشمەيتتى. كۆپ ھاللاردا ئىشچىلارنىڭ ئارقا تەرىپىدىن چاندۇرماي بېرىپ، سائەتنى ئارقامغا تۇتىۋېلىپ، ۋاقىتنى ئۆلچەپ تۇراتتىم. ئەگەر ۋاقىت ئۇزۇراپ كەتسە ياكى سۈپەت ئۆلچەمگە توشمىسا، شۇ مەشغۇلاتقا قارىتا ئاددىي ئەمما ئىشلىتىشكە قولاي قىلىپ ئەسۋاپ_قوراللارنى لاھيىلەپ ياساپ بېرەتتۇق. ئاددىي بىر مىق ئۇرۇش ئۈچۈنمۇ بولقىنى قولدا كۆتۈرۈپ مۆلچەرلەپ ئۇرۇش ئەمەس، چوقۇم مەلۇم بىر ئۇرۇن ۋە كۈچنى چەكلەپ بېرىدىغان ئۈسكۈنىنىڭ ياردىمىدە نەق جايىغا ۋە مۇۋاپىق كۈچتە ئۇرۇلىدىغان قىلىپ بېرەتتۇق.
    يەنە لازىملىق بولىدىغان قوشۇمچە ماتىرياللارنىڭ پىششىقلاپ ئىشلىنىشى ئۈچۈنمۇ كوپ باش قاتۇرۇشقا توغرا كېلەتتى. ئارتۇقمۇ بولۇپ قالماسلىقى شۇنداقلا كەملەپمۇ قالماسلىقى يەنى قۇرۇشتۇرۇش سېخىغا ئۈلگۈرمەيمۇ قالماسلىقى كېرەك ئىدى.
    تام ياكى ئۈستەل سائەتنىڭ ئىچكى ئېلېكتىر قۇرۇلمىسىنى ياسايدىغان ۋاقىتلىرىمغا، تۆت يۈزدىن ئارتۇق ئىشچى ئىشلەيدىغان سېخنى مۇكەممەل باشقۇرالايدىغان ھالەتكە كەلگەن ئىدىم. بىر قانچە قۇراشتۇرۇش لىنىيىسىگە ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان سىم ئورام ياساش ماشىنىسى بار ئىدى. ئۈچ ماشىنىنى ئۈچ ئىشچى ھەركەتلەندۈرۈپ، سىم ئورام ئوراش ئۈسكۈنىسىنىڭ ھەر بىر رەت ئالتە قولىغا غۇزەك ئۆتكۈزۈش ۋە ئورىلىپ بولغان غۇزەكنى ۋاقتىدا ئېلىۋېلىش ئىشىنى تەكرار ئېلىپ باراتتى. ماشىنىنىڭ شاۋقۇن ئاۋازى كۈچلۈك بولغاچقا، مەشغۇلات ئۈستىدە ئىشچىلار قولىقىغا مەخسۇس ئىشلەنكەن پىلاستىر تىقىۋالاتتى. ئۇلار شۇ چالەتتە كۈنىگە 8 سائەت توختىماي ماشىنىنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتىگە ماسلىشىپ، قارىماققا ئىنەك ساققاندەك مەشغۇلاتنى تىنماي تەكرارلايتتى. بىر كۈنى كەچلىكى ئىشتىن چۈشۈشنىڭ ئالدىدا، شۇ سىم ئورام ياساش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بۈگۈنكى ئىشلەپچىقىرىش سانى بىلەن قوشۇلۇپ ئەتىكى داۋاملىق ئىشلەپچىقىرىش سانى ئاساسىدا ئەتىكى ئېھتىياجىغا يېتىدىغانلىقىنى دەپ كەپتۇ. مەقسەت ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلىمىسەكمۇ بولىدۇ دېمەكچى ئىدى. مەن بۇ كونا تەجرىبىلىك ئىشچىنىڭ ھۆكۈمى توغرا بولىشى مۇمكىن دەپ قاراپ، ئارتۇقچە ئويلاشمايلا ئىشتىن چۈشۈشكە رۇخسەت قىلدىم.
شۇنداقلا ناۋادا بىھۇدە ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەشنى ئورۇنلاشتۇرىۋەرسەممۇ بولمايتتى. چۈنكى ئىشچىلارنىڭ ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلىگەندىكى ئېلىشقا تىگىشلىك مائاشى ئادەتتىكى چاغلاردىن 30پىرسەنت يۇقىرى بولغاچقا ئادەتتە زۆرۈر ئېھتىياج بولمىسا ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلىتىشكە بولمايتتى.
    مەن ئىشتىن چۈشۈپ تاماق يەپ بولۇپ، ياتىقىمغا قايتىپ كەلگۈچە يولدا، كاللامغا بىر ئىش كەلگەندەك بولدى. سىم ئورام ياساش گۇرۇپپىسى مەھسۇلاتىنىڭ بۈگۈنكى ئېشىنچە سانى كۆز ئالدىمغا كېلەتتى. شۇنداقلا ئەتىكى قۇراشتۇرۇش پىلان سانىمۇ ماڭا ئېنىق ئىدى.ياتاققا قايتىپ كېلىپ بىر ھازا كارۋاتتا ئوڭدىسىغا يېتىپ بۇ سانلارنى ئۇدۇللاپ باقسام، ئەتە چۈشتىن كېيىن ئىككى قۇراشتۇرۇش سېخى سىم ئورام ئوراش گۇرۇپپىسىنىڭ ئىشلەپچىقارغان سانىغا يېتىشىۋالىدىغاندەكلا قىلاتتى.
    مەن خاتىرجەمسىزلىنىپ زاۋۇت قوروسىغا قايتىپ كېلىپ سېخ ئىشىكىنى ئاچتىم. ۋە ئورنۇمغا بېرىپ ئولتۇرۇپ ئەستايىدىل ھېسابلاپ كۆردۈم. شۇنىڭدىن ئېنىق بولدىكى ئەتە چۈشتىن كېيىن ئۈچىنچى سائەتلىك ئىشتا ئىككى قۇراشتۇرۇش سېخىنىڭ ئاقما لىنىيىسىنى توختۇتۇپ قويۇشقا توغرا كېلەتتى. ناۋادا سىم ئورام ئوراش ماشىنىسىدىن بىرەر كاشىلا كۆرۈلسە ئىش ئۇندىنمۇ چاتاق بولاتتى.
    بىر قۇراشتۇرۇش ئاقما لىنىيىدىكى 50 ئىشچىنىڭ بىر مىنۇت توختاپ قېلىشى، مەندەك بىر باشقۇرغۇچىنىڭ  50مىنۇت ۋاقىتنى ئىسراق قىلغانلىقى بولاتتى. مېنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى مائاشىم بويىچە ھېساپلىغاندا ئاز بولغاندىمۇ 30 يۈەندىن دېرەك بېرەتتى. بىر لىنىيە بەش مىنۇت توختاپ قالسا 150 سوم بولاتتى. ئەگەر بىر سائەت توختاپ قېلىشقا توغرا كەلسە مېنىڭ بىر ئايلىق مائاشىممۇ يەتمەيتتى.
     ئادەتتىكى ئىشچىنىڭ بىر مىنۇت ۋاقتىنىڭ قىممىتى 0.1 يۈەن دەپ ھىساپلىناتتى. سائىتى 6 يۈەندىن بىر كۈن 8 سائەت          48 يۈەن، ئايدا 24 كۈن ئىشلىسە 1052 يۈەن بولاتتى. ئۇلارنىڭ مائاشى 600يۈەندىن 1200 يۈەنگىچە ئارىلىقتا ئىدى.مەن سىم ئوراش ماشىنىسىنى قوغاتتىمدە ئىشقا كىرىشتىم. قولاقلىرىم غۇڭۇلداپ، كۆز ئالدىم قاراڭغۇلاشقاندەك بولدى. شۇ ئىشلىگەنچە دەل ئۈچ سائەت ئىشلەپ، دەلدەڭشىپ كېگۈدەك مېڭىپ ياتاققا قايتىپ كەلگىنىم ھېلىمۇ ئېسىمدە. شۇنداقلا بۇ ئىش مېنىڭ سەۋەبىمدىن كېلىپ چىققان ئىش بولغاچقا ھېچكىمگە بىلدۈرۈشنى خالىمىغان ئىدىم. ئارىدىن يېرىم يىللار ئۆتكەندە بىر قېتىملىق زىياپەتتە، زاۋۇت باشلىقى قەدەھ سۆزى قىلىپ كېلىپ، مېنىڭ بۇ كەچىرمىشىمنى پۇرۇتىپ ئۆتتىۋىدى، ئەسلىدە ئۇلارنىڭ شۇ ۋاقىتتىلا خەۋرى بارلىقىنى بىلدىم.
6. ياپۇنچىنى قانداق ئۆگەنگەن
    ياپونىيە شىركىتىگە بىرىنچى قېتىم خىزمەت ئىلتىماس قىلىپ، يۈزتۇرانە ئىنتاھاندا بىر جۇڭگۇلۇق باشقۇرغۇچىنىڭ «ياپونچىنى بۇنچە پۇختا ئۈگىنىشكە نىمە سەۋەپ بولغان» دېگەن سوئالىنى جاۋاپسىز قالدۇرغان ئىدىم.كېيىن، مەن بۇ سوئال ئۈستىدە ئويلىنىپ قالدىم.
    تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدىغان چاغلىرىمدا ئائىلىمىز ئىقتىسادى يار بېرىپ، مەھەللە بويىچە بىرىنچى بولۇپ تېلېۋىزور سېتىۋالغان ئىدى. شۇ ۋاقىتلاردا «ئايال ۋالىبولچىلار» دەيدىغان كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تەرجىمە فىلىمى قويۇلغان. فىلىم گەرچە خەنزۇ تىلىدا قويۇلغان بولسىمۇ، كۆرۈنۈشلەردىن بىر ياپونىيە قىزىنىڭ تۈرلۈك قىيىنچىلار ئالدىدا باش ئەگمەي، شانلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈلگىنى ناھايىتى جانلىق ۋە تەسىرلىك قىلىپ تەسۋىرلەنگەن ئىدى. ھەر قىسىمنىڭ باش ئاخىرىدا بىر ناخشا بولىدىغان، ئەينى چاغدا تولا ئاڭلاپ، قۇلاققا يادا بولۇپ كەتكەچكە، مەنىسىنى بىلمەي تۇرۇپمۇ دوراپ ئېيتالىغۇدەك بولۇپ كەتكەن ئىدىم. بەلكىم بىر كۈنلەردە شۇ ناخشىنىڭ مەنىسىنى بىلگۈدەك بولارمەن دەپمۇ ئويلىغان بولغىيتتىم.
    ئالىي مەكتەپكە كېلىپ بىرىنچى يىلى قىشلىق تەتىلگە ئاز قالغاندا يېڭى يىللىق كېچىلىك بولدى. كېچىلىكنى ھەرقايسى سىنىپلار ئۆز ئالدىغا ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ، سىنىپنىڭ تام تۇرۇسلىرىنى رەڭلىك قەغەز بىلەن بولىشىغا ياسىدۇق. كەچلىكى دەسخانىدىكى ئۈستەل ئورۇندۇقلارنى تام ياقىلاپ تۆت چاسا قىلىپ تىزىپ، ئۈستەللەرگە گازىر- پۇرچاق، يەل-يىمىشلەرنى تىزىپ، مۇزىكا قويۇپ، كۆڭۈللۈك ئولتۇرۇش باشلىدۇق. ئوقۇتقۇچىلىرىمىز بىنا ئارىلاپ، خۇددى ھېيت پەتىسى قىلغاندەك بىزنى يوقلاپ كىرىپ قالاتتى. شۇ تەرىقىدە بىزنىڭ خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىلىرىمىزدىن بىرى بولغان ۋاڭ مۇئەللىم بىر ياپونىيلىك ئوقۇغۇچىسىنى باشلاپ بىزنىڭ يېنىمىزغا كىردى. مېنىڭ بىرىنچى قېتىم ياپونىيەلىك ياشنى ئۇچرىتىشىم ئىدى. قىزىقسىنىپ، ئۇنىڭ بىلەن يانمۇيان ئولتۇرۇپ پاراڭلاشماقچى بولدۇم. ئۇنى- بۇنى سورىغىم كېلەتتى. لېكىن بىزنىڭ قىلىشالايدىغىنىمىز خەنزۇچىدا ئارانلا دىيەلەيدىغان تىچل ئەھۋال سورايدىغان گەپتىن باشقىسى يوق ئىدى. قارشى تەرەپ مەقسىدىتى تازا ئۇقتۇرۇپ كېتەلماي، قولىغا قەغەز قەلەم ئېلىپ خەت يېزىپ ئىنكاس قايتۇردى. بىزمۇ قەغەزگە جىجىلاپ يۈرۈپ ئۇنى بىرەر نومۇر كۆرسۈتۈپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدۇق. ئۇ قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ياتىقىغا بېرىپ ئۇنئالغۇ لىنتىسى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۇردى. ۋە ھايال بولماي قايتىپ كېلىپ، ئۆزى ئېلىپ كەلگەن لىنتىدىكى مۇزىكىغا ماسلاشتۇرۇپ ھازىرقى زامان كوچا ئۇسۇلىغا ئوخشاش كېتىدىغان بىر خىل ماھارەت بىلەن بىزگە ئۇسۇل ئويناپ بەردى. بىز شاتلىقتىن چاۋاكلار چېلىشتۇق.
    شۇندىن ئېتىبارەن مەندە ياپون تىلى ئۆگىنىش ئىستىكى تۇغۇلدى. يېقىن ئەتراپتىكى ياپون تىلى كۇرسىغا بېرىپ، دەرستىن سىرت ياپون تىلى ئۆگىنىشنى باشلىدىم.قىشلىق ۋە يازلىق تەتىل كۈنلىرىدە ئۆزلىكىمدىن ئۆگەندىم. ياپون تىلى دەسلەپكى ئاساس سىنىپىدا ئوقۇۋېتىپ، ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى سىنىپنىڭ دەرسلىكلىرىنى كۆرۈپ بولدۇم. ياپون تىلى ئوتتۇرا دەرىجىلىكلەر سىنىپىنى تاماملاش ئىنتاھانى بېرىدىغان چاغدا، مەن ئوقۇۋاتقان سىنىپنىڭ ئىنتاھانىنى ياخشى بېرىپلا قالماي يەنە، يۇقىرى يىللىقنىڭ ئىنتاھانىغىمۇ قاتنىشىپ لاياقەتلىك بولدۇم. ياپون تىلىنى ئۆگەنگىلى بىر يىل بولغان چاغدا ئالدىنقى يىلى ياپونىيەلىك ئوقۇغۇچىنى باشلاپ كەلگەن ۋاڭ مۇئەللىمنى ئىزدەپ، ئەشۇ چاغدىكى ياپونىيەلك ئوقۇغۇچىنى تۇنۇشتۇرۇپ قويۇشنى ئۆتۈندۈم. ۋاڭ مۇئەللىم ئۇ ياپونىيەلىك ئوقۇغۇچىنىڭ دۆلىتىگە قايتىپ كەتكەنلىكىنى يەنە بىر ياپونىيەلىك ئوقۇغۇچىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ، ماڭا ئۇنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنىنى ئېيتىپ بەردى. مەن ئەتىسىلا شۇ ياپونىيەلىك ئوقۇغۇچىنىڭ ئىشىكىنى چەكتىم. ئۆگەنگەنلىرىم بويىچە ياپون تىلىدا ئۆزەمنى تونۇشتۇردۇم. ئۇ مېنى  قىزغىنلىق بىلەن ئويىگە باشلىدى. كېيىن ئۇنىڭ بىلەن دوستانە چىقىشىپ كەتتۇق. كۆرۈشمەيدىغان كۈنۈمىز يوق ئىدى. ئۇمۇ مېنىڭ بولغىنىمدىن خوشال، مەنمۇ ئۇنى بىر كۈن كۆرمىسەم كۆڭلۈم تىنجىمايدىغاندەك ھالغا كېلىپ قالغان ئىدى.
     ئۇ بىر تىل ھەۋەسكارى ئىكەنتۇق. خەنزۇ تىلى ئۈگەنگەندىن سىرت يەنە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە قىرغىزچە ھەتتا ئورۇسچە تاتارچە تىللارنى ئۈگۈدى. ئاز سانلىق مىللەت تىللىرىنى ئاساسەن ئۆگۈنۈپ بولغان ئىدى. كۈنىگە كەم بولغاندا ئىككى يۈز خام سوزنى قىينالمايلا ئۆزلەشتۇرىۋالاتتى. ئۇ مېنىمۇ يېتەكلەپ يېرىم يىل بولغاندا ئەمدى ياپون تىلى ئۈگەنمىسەممۇ بولىدىغانلىقىنى دەپ، كورىيەچە ئۈگۈنۈش تەكلىۋىنى بەردى. ئۇ كورىيەچىنىمۇ ياخشى بىلەتتىكەنتۇق. مېنى كىتاپ ۋە ئۇن ئالغۇ لىنتىسى بىلەن تەمىن ئەتكەندىن سىرت، مەن كورىيەچىنى باشلىغان كۈندىن باشلاپ، مېنىڭ بىلىشىم ياكى بىلمەسلىكىم بىلەن ھىساپلاشماي، مەن بىلەن بولغان دىئالوگىنى پۈتۈنلەي كورىيەچىگە ئۆزگەرتتى-مېنى كورىيە تىلى دېڭىزىغا غەرق قىلدى.
   مەن يېرىم يىلدا كورىيەچىنى ئۈگۈنۈپ بولدۇم. ئاندىن فارىسچىنى باشلىدىم. ياپونىيەلىك ئوقۇتقۇچۇم مېنى ئىلھاملاندۇرۇپ تۇردى. ئارقىدىن ئەرەپچىنى باشلىدىم. ۋە ئاخىرى ئېنگىلىسچىغا ھۇجۇم قىلدىم.شۇ تەرىقىدە ئۈچ يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، بەش خىل تىلنى ياپون تىلىنى ۋاسىتە قىلىپ تۇرۇپ ئۆزەمگە پۇختا ئاساس سالدىم.
7. ساياھەت يېتەكچىسى بولۇش
     ياپونىيەلىك ئوقۇتقۇچۇم مەن نىمە تىل ئۆگەنسەم، ماڭا شۇ تىلدا سۆزلەيدىغان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى تونۇشتۇرۇپ تۇردى. يەنە بىر قىسىم ياپونىيەلىك ئوقۇغۇچىلارنىمۇ تونۇشتۇردى. شۇلار قاتارىدا ياپونىيە توكيو ئېلېكترون ئونۋېرسىتىنىڭ فراپپىسورى مۇكاي ئەپەندىم بىلەنمۇ تونۇشۇپ قالدىم. ئۇ ئەللىك ياشلاردىن ھالقىغان پىشقەدەم فىراففىسور شىنجاڭ ئونۋېرسىتىدا ئۇيغۇر تىلى ئۈگەنگەچ بىر يىل تۇرك تىلى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللاندى. 1994-يىلى يازلىق تەتىلنىڭ ئالدىدا مۇكاي ئەپەندى مېنى يازلىق تەتىل مەزگىلىدە ئائىلىسىدىكىلەر ۋە ئۆزىنىڭ باشلىقىنى شىنجاڭغا ساياھەتكە تەكلىپ ئەتكەنلىكىنى ، شۇنىڭ ئۈچۈن مېنىڭ يۇرتقا قايتماي شۇلارغا ساياھەت يېتەكچىسى بولۇپ بېرىشىمنى تەكلىپ ئەتتى. مەن قوشۇلدۇم. بىر ئاي مۇكاي ئەپەندى قاتارلىق ئىككى ئائىلە 6 كىشىنى باشلاپ قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ، تۇرپان. غۇلجىلاردا بولدۇم. ساياھەت رايونلىرىنى ئالا قويماي مېڭىپ چىقتۇق. قەشقەرگە تۇنجى قېتىم ئايرۇپىلان بىلەن بېرىشقا،  بىرىنچى قېتىم ئايرۇپىلانغا ئولتۇرۇشقا مۇيەسسەر بولدۇم.  بىر ئايلىق سەپەر جەريانىدا ئۇلاردىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۈگەندىم. بەزى ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى ساياھەت شىركەتلىرىگە ھاۋالە قىلدىغان بولغاچقا ساياھەت شىركەتلىرىمۇ مېنى ئاستىرىتتىن تونۇدى. شۇندى كېيىن ئىككى يىل يازلىق تەتىلدە ساياھەت شىركەتلىرىدە ساياھەت يول باشچىسى بولدۇم. 1996-يىلى يازدا شىنجاڭ تەبىئەت ساياھەت شىركىتىنىڭ بەش كىشىلىك تاققا چىقىش مۇنتىزىم ئىكىسپىدىتسىيە ساياھەت ئەترىتىنى كۈتىۋېلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدۇم. ئۇلارنى ئاقتۇ ناھىيسىنىڭ قاراقۇرۇم كۆلى رايونىدىكى مۇز تاغ ئاتا چوققىسىغا باشلاپ بېرىشقا ئاتلاندىم.
    تاغقا چىقىش سەپىرىدە تاغ ئىگىزلىگەنسىرى ھاۋا شالاڭلايتتى.تاغنىڭ تۆۋىنىدە پىشقان تاماق ئەمدى پىشماسلىققا باشلايدۇ.ھەتتا قايناۋاتقان قازانغان قولنى تىقسىمۇ كۆيۈش تۇيغۇسى بولمايدۇ.تۇردى ئۆمەكنىڭ  ئاشپىزى بىلەن بىرگە تاماقنىڭ ھەربىر ھالقىسىدىن تارتىپ چىڭ تۇتتى.لېكىن ئۇلار ئالتە مىڭ مېتىر ئىگىزلىككە چىقىپ كۆنۈش مەشقى ئېلىپ بېرىۋاتقاندا يۈز بەرگەن ۋەقە ئۇلارنىڭ تاققا چىقىش پىلانىنى ئاستىن-ئۈستىن قىلىۋەتتى.
ساياھەت ئۆمىكىدىكى ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ساياھەتچىنىڭ قۇرسىقىدىن چاتاق چىقتى. ساياھەتچىنىڭ قۇرسىقى تولغاپ ئاغرىشقا ،تەرىتىدىن قان كېلىشكە باشلىدى.ئاخىرى تۇردى قالغان تۆت ساياھەتچى بىلەن كېلىشىپ بىمارنى قەشقەرگە ئېلىپ بېرىپ دوختۇرغا كۆرسىتىدىغان،قالغان تۆت ئادەم ئاشپەز بىلەن بىرگە داۋاملىق چوقىغا يامىشىدىغان بولۇپ كېلىشتى.
     ئوقۇتقىچىنىڭ كېسىلى بارغانسىرى ئېغىرلاشتى. تۇردى ئوقۇتقۇچىنىڭ تاتىرىپ كەتكەن چىرايىغا، قورسىقىنى بېسىپ ئىڭراشلىرىغا قاراپ سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى بولسا كېرەك دەپ قارىدى. جىددى دوختۇرخانىغا ئاپىرىش كېرەك ئىدى. تاغ قاپتىلىدىكى چارۋىھىلارنىڭ ئېتىنى ئىجارە ئېلىپ، ۋاتانابې ئەپەندىمنى ئاتقا مىندۈرۈپ ئالدىغا دومغا چاغلىق جاپدۇقلارنى تېڭىلدى ۋە ۋاتانابې ئەپەندى شۇ يۇك تاقلارغا ھاپاش قىلدۇرۇلۇپ پۇتلىرى ئۈزەڭگىگە تېڭىلدى.
تاغدىن پەسكە چۈشۈش سەپىرى باشلاندى، ئاتنى يېتىلەپ ، ئاتنى چاپتۇرۋەتمەسلىك ۋە ۋاقىت قىس بولغاچقا ئاتنى تېز يورغىلاپ مېڭىش ھالىتىدە ئاتنى ئالدىدا يول ئېچىپ يۈگۈردى.
    خۇددى تاڭسېڭ مىنگەن ئاتنى يېتىلىگەن سۇنۋۇكۇڭدەك ، يېرىم كۈن يول يۈرۈش جەريانىدا ئېقىن ئۈچرىسا كىيىم ئۈياقتا تۇرسۇن، ئاياقنىمۇ سېلىۋېتىشكا ئۈلگۈرمەيلا سۇغا گۈلدۈرلەپ كىرىپ، ئاخىر چوڭ يول بويىغا يېتىپ كەلدى. ئات ئىگىسى سەپكە يېتىشەلمىگەن جوباجىدەك يېرىم سائەت ئۆتكەندە ئارقىدىن يېتىشىپ كەلدى.
  ئارىلىقتا بىر كۆمۇر توشۇيدىغان ماشىنا كېلىپ قالدى  ۋە شوپۇرغا يالۋۇرۇپ يۈرۈپ كېبىنكىغا چىقىۋېلىشقا شارائەت تۇغۇلدى.
   ياپونىيەلىك ساياھەتچىنى ماشىنىغا سېلىپ ئەڭ يېقىن ئۆتەڭگە-كىچىك ماشىنا بار جايغا قاراپ ماڭدى.ماشىنىغا چىقىپلا مېھماننىڭ كېسىلى تېخىمۇ ئېغىرلاشتى.چوڭ تەرىتىنى تۇتالمايدىغان بولۇپ قالدى.ماشىنا ئەگرى بۈگرى يولدا سەل تىزراق ماڭسا جالاقشىپ كېتەتتى.بۇ چاغدا مېھماننىڭ ئاغرىقى ئەۋجىگە چىقاتتى.تۇردى شوپۇر بىلەن ئامال بار بىمارنى سىلكىمەسلىككە تىرىشىپ ئەڭ يېقىنقى بىر بىكەتكە كېلىپ چۈشتى .لېكىن بىكەتتە بىرەر ماشىنا كۆرۈنمەيتتى.ئاخىرى تۇردى يەنە شۇ قارا ماشىنىغا مۇراجەت قىلىپ سەككىز سائەتچە ماڭغاندىن كېيىن قاراڭغۇ چۈشكەندە قەشقەرگە يېتىپ كەلدى.
كېسەل قەشقەر يېڭىشەھەردىكى ھەربىي دوختۇرنىدا ياتاققا ئېلىندى.بۇ دەل 8-ئاينىڭ بىرىنجى كۈنىدىكى ئىش ئىدى.ئارىدا  دوختۇرخانا نۇرغۇن تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بېرىپ كېسەلنىڭ چوقۇر ئۈچەي ئەمەسلىكىنى دەلىللىدى.شۇ چاغدا تۇردىغا ياپۇنىيەنىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىخانىسىدىن تېلىپون كېلىپ كېسەلنىڭ ئەھۋالىنى سورىدى ۋە مەخسۇس ئايرۇپىلان ئەۋەتىپ كېسەلنى بېيجىڭغا ئالدۇرۇپ كېلەمدۇق يا دەپ سورىدى.بۇ چاغقا ھەربىي دوختۇرخانا رەھبەرلىرى ئۈرۈمچى ھەربىي رايۇن دوختۇرخانىسىدىن دوختۇر تەكلىپ قىلىپ ئەستايىدىل داۋالاشقا كىرىشكەن،مۇكەممەل داۋالاش پىلانى تۈزگەن ئىدى.تۇردى باش ئەلچىنى بۇ ئىشلاردىن خەۋەردار قىلدى.شۇنىڭ بىلەن بىمار قەشقەردە داۋالىنىدىغان بولدى.دوختۇرخانا كېسەلنى نەچچە كۈن كۈزىتىپ ،تەكشۈرگەندىن كېيىن كېسەلنىڭ نەچچە يىل ئىلگىرى قوزغىلىپ داۋالىتىلغان ئاشقازان يارىسىنىڭ قايتا قوزغالغانلىقىنى بېكىتتى.ھەقىقەتەن ئىگىز تاغدىكى  ئوكسىگىن كەم شارائىتتا چالا پىشقان يىمەكلىك بۇ ياپۇنلۇق ساياھەتچىنىڭ كېسىلىنى قوزغاپ قويغان ئىدى.
    ئوپىراتسىيە ناھايىتى مۇۋاپىقىيەتلىك بولدى. ئەپسۇس بىمارنىڭ ئاشقازىنىنىڭ بىرقىسمى كېسىپ تاشلاندى. تۇردى مۇشۇ جەرياندا كېسەلگە 24 سائەت ھەمرا بولدى.كېسەلنىڭ تەرىتىنى تۆكتى.ھەتتا كېسەلنىڭ تەلىپى بويىچە  ياپۇن تىلىدا كېسەلنىڭ تەرىتىنىڭ رەڭگىدىن تارتىپ داۋالىنىش جەريانىغىچە تەپسىلى خاتىرە يېزىپ ماڭدى.
-دادامنىمۇ بۇنچە كۈتۈپ باقمىغان ئىدىم،-دەيدۇ تۇردى مۇشۇ ئىشنى ئەسلىگەندە.
تۇردى بىركۈنى كېسەل كارۋىتى يېنىدا تۇرۇپ بىمارنىڭ پاسپورتىغا نەزەر سېلىپ دەل 8-ئاينىڭ 8-كۈنى كېسەلنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىكەنلىكىنى سەزدى.بۇ كۈنگە ئاران بىر كۈن قالغان ئىدى.شۇنىڭ بىلەن ئۇ دوختۇرخانا رەھبەرلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ بىمارنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈپ بەرمەكچى بولۇشتى.دېگەندەك سەككىزىنچى ئاۋغۇست بىمارنىڭ كېسەلخانىسى گۈل بىلەن توشتى.بىمار ئۆزىنىڭ بۇ تۇغۇلغان كۈنىدىن ھەيران قالدى ۋە تۇردىغا ھەشقاللا  ئوقۇدى.تۇردى بىمارنى شۇ كۈتكەن پېتى بىمار دوختۇرخانىدىن چىقىپ شاڭخەيدە ياپۇنىيەگە قايتىدىغان ئايرۇپىلانغا چىققۇچە بولغان ئارىلىقتا بىمارغا ھەمراھ بولدى.تۇردى يازغان كېسەللىك خاتىرىسى كېيىنكى مەزگىلدە بىمارنىڭ ياپۇندىكى داۋالىنىشى ئۈچۈن پايدىلىق ئاساس بولۇپ قالدى.بۇ ئىش ئەينى چاغدا مەتبۇئاتنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كېسەلخانىغا مۇخبىرلار يېغىپ كەتتى.لېكىن تۇردى مۇشۇ جەرياندا ئىزچىل  بۇ جەرياندىكى ئۆزىنىڭ رولىنى ناھايىتى تۆۋەن مۇقامدا بىتەرەپ قىلدى.
   ساياھەت شىركىتى تۇردىنىڭ بۇ قېتىملىق خىزمىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. بىمار دوختۇرخانىغا قالدۇرغان لەھۋەدىن تارتىپ ،كېيىن ئېيتقان رەھمەتلىرىگە قەدەر بولغان بىر نەچچە پايدىلىق ئامىل ،بولۇپمۇ تۇردىنىڭ كەسپكە ئۆزىنى بېغىشلاش روھى شىركەتنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىنى مۇئەييەنلەشتۈرىشىگە ئېرىشتى.شۇڭا ئۇلار تۇردىغا يەنە بىر  ئامېرىكىدىن كەلگەن ساياھەت ئۆمىكىگە يىتەكچىلىك قىلىپ كىرىيە ناھىيەسى تەۋەلىكىدىكى  قارا قۇرۇم تېغىغا چىقىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇردى. تۇردى مېنىڭ ئېنگلىزچە سەۋىيەم دېگەندەك ئەمەس دەپ رەت قىلغان بولسىمۇ شىركەت ئۇنىڭ رەت قىلىشلىرىغا پەرۋا قىلمىدى.
   ھەقىقەتەن بۇ قېتىمقى ساياھەت جاريانىمۇ  مۇزتاغ ئاتا چوققىسىغا قىلغان ساياھەتتەك جاپالىق بولدى. قىرىق كۈن جەريانىدا تۇردى ساياھەتچىلەرنى ئەتراپلىق رازى قىلىپ قالماي نۇرغۇن جاپا-مۇشاقەت ۋە خىيىم –خەتەرلەرنى بېشىدىن كەچۈردى .ھەتتا بۇ ئىشلارنى ئۇنتالماي كېيىنچە شۇ چاغدا قالدۇرغان خاتىرىسىگە ئاساسەن «قاراقۇرۇمغا سەپەر» ناملىق ئەدەبىي خاتىرىسىنى يېزىپ چىقتى. گەرچە بۇ خاتىرە شۇ يىللاردا مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئېلان قىلىنمىغان بولسىمۇ كۆرۈپ باققان بەزى ئەدەبىياتچىلارنى خېلى ھاياجانغا سالدى.
8. مېنىڭ ياپونىيە چۈشۈم
   مېنىڭ ياپونىيە چۈشۈم، ياپونچە ئۆگۈنۈپ بىر يىل بولغاندىن باشلاپ، ياپونىيەلىكلەرنى چۈشىنىش باسقوچىغا كىرگەن بولسا ياپون مەدىنيىتى، ياپونىيە ئۆرۈپ ئادىتى، ياپونىيەلىكلەرنىڭ قىممەت قارشى قاتارلىق جەھەتتىكى تونۇشۇم ياپونىيەلىكلەر بىلەن بىرگە ئۆگىنىش، ساياھەتتە بىرگە بولۇش ۋە خىزمەتنى بىرگە ئىشلەش قاتارلىق جەريانلار 1998-يىلىنىڭ ئاخىرلىرى ئاساسەن قانائەتلىنەرلىك دەرىجىگە يەتكەن ئىدى. شۇنى قىستۇرۇپ ئۆتۈشكە بولۇدۇكى ياپونىيەلىكلەرنىڭ ۋاقىت قارشى، ۋەدىگە ئەمەل قىلىش ۋە ئادىمىيلىك قاراشلىرى توغىرسىدىكى تەربىيە ئۇلارنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ دۆلەت تىلى دەرسلىك كىتاپىدىنلا باشلىناتتى.  مەن ئۇلارنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپتىن تارتىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكىچە بولغان دۆلەت كەرسلىك كىتابىنى ئەستەيىدىل كۆرۈپ چىققان بولۇپ، پايدىلىنىش قىممىتى بار دەپ قارىغانلىرىمنى 1997-يىللىرى ئۈرۈمچىدىكى ۋاقتىمدا ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ نەشىرياتلارغا بەرگەن ئىدىم. يېڭىلىق ھىس قالغانلىرىمنى ماقالە سۈپىتىدە يېزىپ، شىنجاڭ ياشلىرى، شىنجاڭ مەدىنيىتى زۇرناللىرىدا ئېلان قىلدۇرغان ئىدىم.
    ياپونىيەلىكلەرنى چۈشۈنۈش جەھەتتە گەرچە كۆپ بىلىملەرگە ئىگە بولغان بولساممۇ، ئۇلار ئۆسۈپ يېتىلگەن ۋە ياشاۋاتقان ياپوم ئىلىگە قەدەم ئېلىشىم 1999-يىلى ماڭا نىسىپ بولدى. ياپونىيە شىركەتلىرىدە ئىشلەش جەريانىدا خىزمەتە يولۇققان مەسىلىلەرگە قارىتا ئەستايىدىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئېرىشكەن نەتىجىلىرىنى ھەپتىدە بىر دوكلات سۈپىتىسە يۇقۇرىغا يوللاپ تۇراتتىم. بولۇپمۇ ياپونىيە باش شىركەت لاھىيلىگۈچى خادىملىرىنىڭ يېڭى مەھسۇلات لايھىسى ۋە بىر قىسىم ئېپسون، ن.ې.س،توشىبا، مىتسۇبىشى قاتارلىق شىركەتلەر تەمىنلىگەن زاپچاسلاردا كۆرۈلگەن سۈپەت مەسىلىرىگە قارىتا قايتا-قايتا تەجىربە ئىشلەش ئارقىلىق خۇلاسىلەپ چىققان نەتىجىلىرىمنىڭ دوكىلاتى باش شىركەت ئارقىلىق ئاشۇ شىركەتلەرگە يوللاپ بېرىلىدىكەنتۇق. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇ چوڭ شىركەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرى مېنى شۇ دوكلاتلار ئارقىلىق خېلى بۇرۇنلا بىلەتتىكەنتۇق. ۋە ئاخىرى شۇلارنىڭ تەكلىپى بويىچە ئېپسون، ن.ې.س،توشىبا، مىتسۇبىشى شىركەتلىرىنىڭ ياپونىيەدىكى باش شىتاپ مەركىزىدە يۈز تۇرانە سۆھبەت ۋە ئۈگىنىشكە ئەۋەتىلدىم. شۇنداق قىلىپ ياپون تۇپرىقىغا قەدەم بېسىش پۇرسىتىگە ئېرىشىتىم.
    تۇنجى قېتىم ياپۇنىيە چىگرىسىغا قەدەم قويغىنىمدا جۇڭگودىن چىقىش، شىياڭگاڭغا كىرىش، شىياڭگاڭدىن چىقىش، ياپۇنىيەگە كىرىش قاتارلىق ئۆتكەللەردىن ئوڭۇشلىق ئۆتۈپ ياپونىيە ئايرۇدۇرومىدىن چىقىدىغان چاغدىكى ئەڭ ئاخىرقى توساقتا تاموژنا خادىمى يولوچىنىڭ قولىدىكى رەسمىيەت قەغىزىگە كۆز قىرىنى سالماي تۇرۇپئ ئاغزاكى پاراڭلىشىش ئارقىلىق ياپونىيە دۆلىتىگە قەدەم قويۇش مۇددىئاسىنى سوراپ باقىدىغان بىر ئىش بار ئىكەن. مەن ياپونىيەگە كەلگەنلىكىمدىن بەلكىم ھاياجانلانغانلىقىمدىن بولسا كېرەك، ئۆزەمنىڭ كېلىش مەقسىدىم، سالاھىيىتىم ۋە مۇناسىۋەتلىك جاۋابلارنى ياپونچىدا سۆزلەپ كېتىپتىمەن. قارشى تەرەپنىڭ ماڭا بولغان گۇمانى مەن قانچە چۈشەندۈرگەنسېرى شۇنچە ئېشىپ كېتىۋاتاتتى. بەلكىم مېنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر دېگەن يەدىن كەلگەن، گۇاڭدوڭدا ۋىيزا ئېلىپ، شياڭگاڭدىن ئۆتۈپ ياپونىيەگە كەرگەن، چىراي تۇرقى جۇڭگولۇققا ئوخشىمايدىغان، ياپونچىنى ياخشى سۆزلەيدىغان قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەر مېنىڭ گۇمانلىق بولۇشۇمغا سەۋەپ بولۇۋاتاتتى. مېنى ئىچىدىكى ئىشخانا باشلىقىنىڭ يېنىغا ئېلىپ مېڭىشقا تەمشەلدى. مېنىڭ كېلىش مەنبىئىمنىڭ جانلىق شاھىدى ياپونىيەلىك ىىزمەتدىشىمنى ئېسىمگە ئېلىپ ئاللا بۇرۇن توساقتىن ئۆتۈپ بولۇپ خېلى يىراقتا مېنى ساقلاپ تۇرغان ياپونىيەلىك خىزمەتدىشىمنى ئېسىمگە ئېلىپ، تاموژنا خادىملىرى ئارقىلىق ئۇ كىشىنى چاقىررتتىم. ئۇ كېلىپ بىر ھازا چۈشەندۈرگەندىن كېيىن ئۇلار مېنى نائىلاج دىگۈدەك توساقتىن ئۆتكۈزۇشتى.
    بىر قېتىم ئېپسون شىركىتىنىڭ باش شىتابى تۇرۇشلۇق ماتسموتو شەھرىگە (ماتسموتو قەدىمقى شەھرىمۇ مۇشۇ يەردە ) تەكلىپ بويىچە بىر ياپونىيىلىك خىزمەتدىشىم بىلەن بىرگە ئېۋەتىلدىم. ئۇلارنىڭ ئالى ئىنجىنىر ۋە سۈپەت باشقۇرۇش خادىملىرى بىلەن بىر كۈلۈك سۆھبەتتىن كېيىن كەچلىكى ئېپسوننىڭ باش دېرىكتورى بىز تەرەپنى كەچلىك زىياپەتكە تەكلىپ قىلدى. ئۇ يەر بىز تۇرىۋاتقان ماتسموتو شەھرى ئالى مېھمانسارىيىنىڭ بىرىنچى قەۋىتىگە جايلاشقان ياپونچە ئەئەنىۋى رېستوران ئىكەن. زىياپەت كەچلىكى سائەت يەتتىدە باشلىناتتى.
    مەن شۇ كۈنى ماتسموتو شەھرىنىڭ ، ئۈچ يىل بۇرۇن مۇز تاغقا سەپەر ئۈستىدە يارىلىنىپ ، دوختۇرخانىدا بىرگە بولغان ۋاتانابى ئەپەندىم تۇرۇشلۇق گىفۇ ناھىيسىگە يىراق ئەمەسلىكىنى بىلىپ يېتىپ، ۋاتانابى ئەپەندىمگە تېلفۇن قىلغان ئىدىم. كۆرۈشكىلى ئۈچ يىل بولغان ۋاتانابى ئەپەندى قەۋەتلا خوشال بولۇپ، كەچلىكى دەرستىن چۈشۈپلا ماشىنىسىنى ھەيدەپ مەن تۇرۇشلۇق مېھمانخانىغا كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. مۆلچەرىچە كەچ سائەت توققۇزلاردا يېتىپ كېلەلەيتتى. مەن كەچ سائەت يەتتىدە زىياپەتكە كىرىش ئالدىدا مېھمانخانا كۈتىۋېلىش ئورنىغا مېنىڭ بىر ئەپەندىمنىڭ ئىزدەپكېلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، كەلگەن ھامان ماڭا خەۋەر بىېرىپ قويۇشنى ھاۋالە قىلدىم. ئۇلار قوشۇلدى.
    كەچلىك زىياپەت دەل سائەت يەتتىدە باشلاندى. باش دېرىكتور قاتناشقان زىياپەت تولىمۇ سالاپەتلىك تولىمۇ كىبىرلىك تۇسى ئىچىدە باشلاندى. ئەنئەنىۋى يۇسۇندىكى ياپونچە ئايرىمخانا ئوتتۇرسىدا ئۈزۈن ئۈستەل قويۇلغان بولۇپ، ئۈستەل ئاستى پولدىن يېرىم مېتىرچە تۆۋەنلىتىلگەن. مېھمانلار ئۈستەل ئىككى يېقىدا يېرىم مېتىرچە ئورۇن تاشلاپ ، پۇتىنى ئۈستەل ئاستىغا ساڭگىلىتىپ، خۇددى كاڭدا ئولتۇرغادەك ئولتۇرىشاتتى. يەنە تېخى پۇتسىز پەقەت تەگلىك ۋە يۆلەنچۈكتىن تۈزۈلگەن ئورۇندۇقمۇ بار ئىدى. ئاستىنى بېسىپ تۇرۇپ، ئارقىغا سەل يۆلىنىپ ئولتۇرۇشقىمۇ بولىدىكەن. مېنىڭ پەرىزىمچە بۇ زىياپەت 2 سائەت ئىچىدە تۈگەيتتى.
    تولىمۇ قويۇق ھۆرمەت ۋە ئەنئەنىۋى ئەخلاق تۈسىنى ئالغان بۇ زىياپەت ئۇزۇندىن-ئۇزۇن ئۆز-ئارا تەكەللۇپ سۆزلىرى بىلەن باشلىنىپ، يەنە شۇ تەكەللۇپ سۆزلەر بىلەن سۈرلۈك تۈستە داۋام ئەتتى. ئېپسون ئەپەندىم قەدەھنى قولىغا ئالمىسا ھىچكىم قەدەھ سوقۇشتۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمايتتى. ھەر بەش مىنۇتتا بىر قېتىم سىرىلمە ئىشىك چېكىلىپ تولىمۇ تەكەللۇپ بىلەن يۈكۈنۈپ كىرىپ كەلگەن ياپونچە تون كىيگەن مۇلازىم ئايال كىچىك پەتنۇسلاردا ھەر-بىر مېھماننىڭ ئالدىغا بىر كىشىلىكتىن قورىما تارتىپ چىقىپ كېتەتتى. ئۇ قورۇما بىزەكلىك جاۋاھىرلارنىڭ ئىچىدە يا بىر تال پىدىگەن ياكى ئىككى تال راك يەنە بىر پىيالە شورپا چاغلىقلا نەرسە ئىدى. ھەممەيلەن بىر چوكا تەۋرىتىپلا ناھايىتى ئوخشىغانلىقىنى ماختىشىپ سورۇن جىمىقاتتى. ئارىلىقتا تەكەللۇپ سۆزلەرنى ھارغۇچە قىلىۋېتىپ بىر رومكا ھاراق ئىچىلەتتى-دە يەنە سۈرلۈك تۇس ھۆكۈم سۈرەتتى. مېنىڭ خىيالىم سىرتتا ۋاتانابى ئەپەندىنىڭ كېلىش خەۋرىنى كۈتۈش بىلەن ئىدى.
    ئاخىر سائەت توققۇزمۇ بولدى. مۇلازىم مېنى بىر ئەپەندىنىڭ ئىزدەيدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. مەن كەچۈرۈم سورىۋېتىپ سىرتقا چىقتىم. ۋاتانابى كاردۇردا تۇراتتى. بىز ئاددىلا سالام سائەت قىلىشقاندىن كېيىن ۋاتانابى ماڭا ئۆزىنىڭ يېقىنراق يەردىن بىرەر ئاشپۇزۇل تېپىپ، غىزالىنىپ تۇرىدىغانلىقىنى مېنىڭ تېزدىن سورۇنغا قايتىپ كىرىپ كېتىشىم كېرەكلىكىنى ئېيتتى. مەن ئۇ سورۇندىن تاۋىم يوق، كىرىپ ئۆزرىخاھلىق ئېيتىپ يېنىپ چىقىدىغانلىقىمنى ئېيتىپ چىڭ تۇرىۋالدىم. ۋاتانابى ئىلاجسىز قوشۇلدى. مەن زىياپەت سورۇنىغا قايتىپ كىرىپ، كۆرۈشمىگىلى ئۇزاق بولغان بىر قەدىناسىمنىڭ كېلىپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ، ئالدىن قايتىشقا رۇخسەت بېرىشنى ئۆتۈندۈم. ئېپسون ئەپەندى ماقۇل بولدى. قالغانلارمۇ ئارتۇقچە بىر-نىمە دىيەلمىدى. ئارىدىن پەقەتلا سورۇننىڭ ئەڭ پەگارىدا ئولتۇرغان ئېپسون ئەپەندىمنىڭ كاتىۋى بولسا كېرەك بىر قىزچاق راۋان خەنزۇ تىلىدا مېنى رايىمدىن يېنىشقا دەۋەت قىلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە مۇنداق قىلسام باش دېرىكتورغا ھەتتا ئېپسون شىركىتىگە تولىمۇ ھۆرمەتسىزلىك قىلغان بولاركەنمەن. مەن پەرۋا قىلمىدىم. ئاخىرىدا ئۇ قالغان قورۇمىلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىمىز دەپ تۇرىۋالدى. مەن قايتۇرىۋېتىشنى ئېيتتىم. ئۇ تولىمۇ بىئاراملىق ھىس قىلىپ ئۆزئورنىدا قالدى. ئۇ كۈندىكى قورۇمىلارنىڭ سانى 4تىن ئاشىدىغان بولۇپ شۇ كەمگىچە ئاران يېرىمى تارتىلىپ بولۇنغان ئىكەن. مېنىڭ ئەزەلدىنلا ئوپچە سورۇندا يەيدىغان نەرسىلەردىن ئۆزەمنى قاچۇردىغانلىقىمدىن خەۋەرسىز سورۇن ئەھلى ھەي شۇنچە لەززەتتىن ۋاز كەچتى دەپ مېنى ئەيىپلەپ قالدى بولغاي. مەن يېنىپ چىقىپ ۋاتانابىگە بولغان ئەھۋالنى ئېيتتىم ئۇ مېنى مەن يېيەلەيدىغان ۋە مېنى ياقتۇردۇ دەپ قارايدىغان ئاشپۇزۇلغا ماشىنىدا پاراڭلاشقاچ بارىدىغانلىقىمىزنى ئېيتىپ ماشىنىسىغا باشلىدى.
    ئەتىسىدىن باشلاپ مەن ئىشلەۋاتقان شىركىتتىكىلەرنىڭ ھەممىسى، مېنىڭ ئېپسون ئەپەندىنىڭ سورىنىنى يېرىم يولدا رەت قىلغانلىقىمنى بىلىپ كېتىپتۇ. كۆپىنچىسى ئۇ كۈنى توساتتىن كېلىپ قالغان دوستۇمنى مېنىڭ يۇرتدىشىم بولسا كېرەك دەپ پەرەز قىلىشىپتۇ. مەن پۇرسەت تېپىلغىنىدا ئۇلارغا ئۇ قەدىناس دوستۇمنىڭمۇ ياپونىيەلىك ئىكەنلىكىنى ، بىزنىڭ تاغقا چىقىش سەپىرىدە ھايات ماماتلىق كۈرەشلاردە بىرگە بولغان تارىخىمىزنىڭ بولغانلىقىنى ئېيتىپ چۈشەنچە بەرگەن بولدۇم. شۇندىلا كۆپچىلىك مېنىڭ ئېپسون ئەپەندىنىڭ سورىنىنى تاشلاپ قاچقانلىقىمنى تىلغا ئالمايدىغان بولۇشتى. لېكىن كېيىن بىلدىمكى ياپونىيە جەمىيىتىدە بۇ خىل سورۇندا بىرەر كىشىنىڭ كاتتا ئەرباپتىن بۇرۇن سورۇندىن يانالىشى مۈمكىن ئەمەسكەن. پەقەت شۇ ئاۋال قايتىپ كەتكەن ئادەمنىڭ يۈز-ئابرويى سورۇندىكى كاتتا دەپ قارالغان ئەرباپتىنمۇ يۇقىرى بولغاندىلا ئەھۋال باشقىچە بولىدىكەن.
    ياپونىيەدە خىزمەتتە بولىۋاتقان كۈنلىرىمنىڭ بىرىدە، ئەينى چاغدا ئۈرۈمچىدە بىر يىل تۇرغان ۋە مەن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىر ئايلىق ساياھەتتە بىرگە بولغان مۇكاي ئەپەندى مېنىڭ ياپونىيەدە ئىكەنلىكىمدىن خەۋەر تېپىپ شىركەتكە تېلېفون قىلىپ مېنى تاپتى. مەن ئۇنىڭ مېنىڭ ئەينى يىللاردا ياپونىيەگە ئوقۇشقا كېلىشىمگە تىگىشلىك ياردەم قولىنى سۇنمىغانلىقىدىن نارازى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشنى رەت قىلدىم. ئۇ كۈندۈزى نەچچە رەت تېلېفون قىلىپ، مېنى گەپكە كۆندۈرەلمىگەندىن كېيىن، كەچلىكى ئىشتىن چۈشۈشكە ئاز قالغاندا تېلىفۇن قىلىپ، ئەينى چاغلاردىكى باشلىقىنىڭ ھازىر توكيو ئېلېكترون ئونۋېرسىتىدا چوڭ ھوقوققا ئېرىشكەنلىكىنى دارىتمىلاپ تۇرۇپ، ھازىر ئۇنىڭ ئۆزى بىلەن بىرگە مەن ئىشلەۋاتقان بىناننىڭ چىقىش ئېغىزىدا مېنى ساقلاۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. مەن ئىلاجسىز بۇ ئىككى مائارىپچى زات بىلەن كۆرۈشتۇم. ئۇلار نەچچە تازىم بىلەن قوشۇپ تالاي تەكەللۇپلارنى قىلغاندىن كېيىن مېنى ماشىنىسىغا سېلىپ، ئىكېبۇكۇرونىڭ داڭلىق ئاشپۇزۇل بىناسىنىڭ ئەڭ ئۈستىگە باشلاپ كەلدى ۋە شىنجاڭچە قورۇمىلارغا ئوخشۇشۇپ كېتىدىغان ھەتتا كاۋاپمۇ بار بولغان بىر رېستورانغا باشلىدى. تاماق ئۈستىدە مۇكاي ئەپەندى ئەينى چاغدا ماڭا بولغان كۆز قارشىنىڭ توغرا بولمىغانلىقىنى دەپ كەچۈرۈم سورىۋېتىپ، ئەمدى ناۋادا ياپونىيەدە ئوقۇش ئارزۇيۇم بولسا ھەر تەرەپتىن ياردەمدە بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن ئىپادە بىلدۈرمىدىم. سورۇن ئاياقلاشقاندا ئونۋېرست كاتتىسى ئەپەندى مېنى ماشىنىسىدا مەن تۇرۇشلۇق ئورۇنغا ئەكىلىپ قويغاچ مۇشۇ يەكشەنبە كۈنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلدى.
    مەن ۋەدەم بويىچە يەكشەنبە كۈنى تېز پويىزغا ئولتۇرۇپ ئونۋېرست ئەپەندىمنىڭ ئويى بار رايۇنغا كەلدىم. بىكەتتىن چىقىشىمغا ئۇ ئەپەندىم ئالدىمغا تەييار بولدى. ۋە ماشىنىسىغا سېلىپ ئۆيىگە باشلاپ ماڭدى. يولدا ئۆيدە ئىككى ئوغلىنىڭ مەن بىلەن بەكمۇ پاراڭلاشقىسى بارلىقىنى ئېيتىپ ، ئۆزىنىڭ ئايالى بىلەن بازارغا نەرسە كېرەك ئېلىپ كەلگىلى باردىغانلىقىنى مېنىڭ بالىلىرى بىلەن ئۆيدە پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ تۇرۇشىنى ئېيتتى. مەن ئۇلارنىڭ بۇۇغۇسىدىن ئاتلاپلا كاردۇر تاملاردىكى مەن ئەينى چاغدا شىنجاڭدا ئۇلار بىلەن ساياھەت ئۈستىدە قالدۇرغان خاتىرە سۈرئەتلەرنىڭ رامكىلارغا ئېلىغلىق تۇرغانلىقىنىغا كۆزۈم چۈشتى. ئىككى ياپونىيىلىك ئۆسمۇر كۆڭلىدىكى قەھرىماننى كۈتۈشۈپ ئولتۇرۇپتىكەن. بىز قىزغىن پاراڭلار بىلەن كۈننىڭ كەچ بولغانلىقىنى بىلمەي قېلىشتۇق. زادى نىمىلەر توغىرسىدا پاراڭلاشقانلىقىمنى ھازىر ئېسىمگە ئالالمايمەن. بىرلا يېرى ئېنىقكى مەندەك ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئۇتۇق قازىنىۋاتقان ياش بىلەن  جەمىيەتنى قىلچە چۈشەنمەيدىغان ئۆسمۇر ئوتتۇرسىدا ئاساسەن غايە ۋە كىشىلىك ھايات توغىرسىدا پاراڭلارنىڭ بولۇنغىنى ئېنىق ئىدى.
كويىكې ئەپەندى ئەر ئايال سىرتتىن قايتىپ كېلىپ، تاماق تەييار بولغۇچە ئارىلىقتا مېنى ئونۋېرسىتقا باشلاپ چىقتى. ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈگىنىش ۋە تۇرمۇش شارائىتىنى ئەستايىدىل تونۇشتۇرۇپ ماڭا نەق مەيداننى كۆرسەتتى. يەنە بىر ئۇيغۇر ئوچۇغۇچىنىڭمۇ بارلىقىنى ئېيتىپ ، ئۇنىڭ تۇرالغۇسىغا باشلاپمۇ باردى. ئۇ ئۆيدە يوق بولۇپ چىقتى. ۋە كەچتە ئۆيىگە كېلىش توغىرلىق  ئىشىكىگە خەت قالدۇرۇپ قويۇپ قايتىپ كەلدۇق. كەچلىگى ياپونىيە ئائىلىۋى تاماق ئۈستىلىدە بولدۇم. بىر چاغلاردا ھازىر شۇ مەكتەپتە ئوقىۋاتقان شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچى كىرىپ كەلدى. شىنجاڭدىكىدەك كىرىپلا مېھمانلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ قول تۇتۇپ كۆرۈشۈپ ئەمەس، پەگادا تازىم بەجا كەلتۈرۈپ، يۈكۈنەپ تۇرۇپ بىزنىڭ ئاغزىمىزغا باقتى. ئۇ ئۆزىنىڭ كەچتە يەنە بىر قانداق يەردە ئىشلىمىسە بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، سورۇنغىمۇ كەلمەي ئارقىسىغا ياندى. مەن ناۋادا قايتىدىن ئوقۇغۇچىلىق دەۋرگە قايتسام مېنىڭ كۈنۈممۇ مۇشۇنداق ھالەتكە قايتىدىغانلىقىنى ئويلاپ تىنىم شۈركەنگەندەك بولدى.مەن ئۇ كەچلىكى شۇلارنىڭ ئۆيىدە قۇنۇپ قالدىم.
   ئەتىسى ئەتىگەندە ئۇلار مېنى ئالدىنقى كۈنى دىيىشكىنىمىزدىنمۇ بۇرۇنراق ئالدىرىتىپ ماشىنىسىغا چاقىردى. مەن پايپاق ۋە گىلاستۇكلىرىمىمۇ تاقاشقا ئۈلگۈرمىگەن ھالدا، ھەممە نەرسەمنى سومكامغا پۇرلاپلا سېلىپ ئۇلارنىڭ تازىلىق ئۆيىدىن چىقتىم. بېكەتكە كەلگۈچە ئارىلىقتا پايپاق ۋە كىلاستۇكلىرىمنى رەتلەپ كىيىۋالدىم. تېز پويىز بېكىتىگە كېلىپ ماشىنىدىن چۈشتۈق. ئايالى ماشىنىنى ھەيدەپ ئۆيىگە قايتىپ كەتتى.
    مېتروغا چىقىشتىن بۇرۇن كويىكې ئەپەندىم مەن ئۈچۈن بىلەتنى ئېلىپ، مېنىڭ قولۇمغا تۇتقۇزدى( تۇنۇشۇمنىڭ كارتى باركەنتۇق) مېترودا بەلكىم بىر سائەتتىن ئارتۇق ماڭغاندۇق، تۇنۇشۇم ئالدىن ماڭا تۇتۇپ بەرگەن ئورۇندا ئولتۇرۇپ ئۇيقۇلۇقتا سەل كۆزۈم يۇمۇلۇپ خۇدۇمنى يوقۇتۇپ قويغان بولسام كېرەك، مەنزىلگە بېرىپ قارىسام بىلەت يوق تۇرىدۇ. مەن مېترودا چۇشۈرىپ قويغانلىقىمنى جەزىم قىلىپ يەنە بىرنى ئېلىشنى ئېيتتىم. لېكىن نەدىن نەگىچە دەپ قايسى يەردىن بېلەت توللۇقلاپ ئېلىشىمنى بىلمەيتتىم. كويىكې ئەپەندىم سەل بىئارام بولۇپراق، تېزدىن بىكەتتىن چىقىش توسىقىنىڭ يېنىدىكى كىچىك ئۆيگە بېشىنى سوزۇپ تۇرۇپ “ مەن بۇ دوستۇمغا راستىنلا بىلەت ئېلىپ بەرگەن ئىدىم. ئۇ يولدا يۈتتۈرۈپ قويۇپتۇ، مەن ھەقىقەتەن بىلەت ئېلىپ بەرگەن ئەپۇ قىلىڭ…“ دىدى مېنى كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ، بېكەت باشلىقى باش لىڭشىتىپ ئىشخانىسىنىڭ يەنە بىر ئىشىكىنى بىزگە ئېچىپ بەردى. بىر قېتىم ئۆتكۈزگەن چوڭ سەۋەنلىكىم كويىكې ئەپەندىنىڭ دادىللىق بىلەن ئۇستىگە ئېلىشى نەتىجىسىدە كەچۈرۈم قىلىنىشقا ئېرىشتىم. ئەگەر يالغۇز بولغان بولسام خەققە يالۋۇرغۇچە پۇل خەجلەپ يەنە بىرنى ئالسام بولمىدىمۇ دەپ ئويلار ئىدىم. لېكن مەيلى مەن يەنە قانچە پۇل تۆلەپ يەنە بىر بىلەت ئالماي بەرىبىر باشقىلارنىڭ كۆزىدە بىكەتكە كىرىش توسىقىدىن سوقۇنۇپ كىرىۋالغان دەپ قارىلىدىغانلىقىمنى ئەسلا ئويلىماپتىكەنمەن.
   بىز ئاخىرقى بېكەتكە چۈشۈپ بولۇپ، بىر چايخانىدا ئالدىرىماي ئولتۇرۇپ ناشتىلىق قىلدۇق. مەن نېمە دەپ ئەتىگەندە ئۇنچە ئالدىراپ ئۆيدىن چىققانلىقىمىزنى سورىسام كويىكې ئەپەندى «ئەگەر سەل ۋاقچىراق چىقساق پويىزدا ئادەم كۆپىيىپ ئورۇن قالمايتتى. سېنى ئىككى سائەتلەپ پويىزدا ئۆرە تۇرۇشقا چىدىمايدۇ دەپ پىلاننى ئۆزگەرتىم» دېدى.
   بىز تاماقتىن كېيىن خوشلىشىپ، نەچچە كۈندىن كېيىن يەنە بىر ئۇچرىشىشقا كېلىشىپ، ھەرقايسىمىز ئۆز ئىشىمىزغا كېتىشتۇق.
   كېيىنكى قېتىملىق ئۈچرۈشۈشتا ئۇلار ئانچە مۇنچە سوغا سالام ئېلىپ كېلىشكەن ئىدى. بىز كەسكىن پاراڭلاشتۇق. ئۇلار ئەينى چاغدا مېنىڭ غەيرىتىم ۋە تىرىشچانلىقىمغا سەل قارىغانلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشتى. ئەمدى خىزمەتتىن چېكىنىپ توكيو ئېلېكترون ئونۋېرسىتىدا ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇشۇمنى قايتا- قايتا تەكلىپ قىلىشتى. مەن يەنە ئون يىلغا سوزۇلىدىغان ئوقۇش ھاياتىغا قايتىشنى كەسكىن رەت قىلدىم. ئۇلار يەنە ئون يىلدىن كېيىن مېنىڭ قانداقراق ھالەتكە كېلىدىغانلىقىمنى سوراشتى، مەن تولۇق ئىشەچ بىلەن «يەنە ئون يىلدىن كېيىن ھازىر مەن ئىشلەۋاتقان شىركەتتىكىدەك مەن ئۆزەم قۇرغان شىركەت بولىدۇ» دەپ ئېيتتىم. ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە بۇ ئىشنىڭ ئەمەلگە ئېىشى ئاشماسلىقىنى ۋاقتى كەلگەندە ئېنىقلاپ كۆرۈش ئويىنىڭ پۈكۈلگەنلىكى ئېنىق ئىدى.
يازما باغداش تورىغا مەنسۇپ تۇردى لىتىپ ئاكىنىڭ قۇشۇلىشى بىلەن يوللاندى .

0

تېما

5

دوست

945

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   89%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13396
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 294
توردىكى ۋاقتى: 92
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-17
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-2 17:16:51 |ئايرىم كۆرۈش
ئىزدىنىش يولىدىكى ياشلار ئۈچۈن ياخشى تېما ئىكەن .داۋامىنى ساقلايمىز .
بۇ تېمىنى توك يولى ئىشلىرىغا قىزىقىدىغان ئابلىمىت ناملىق تورداشنىڭ ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقىشىنى ئارزۇ قىلىمەن .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

11

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   25.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1576
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 4567
توردىكى ۋاقتى: 1337
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-19
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-2 19:05:58 |ئايرىم كۆرۈش
ئاپتۇرنىڭ تىرىشچانلىق بىلەن ئۆگىنىش ۋە ئەستايدىل روھى ماڭا بەك تەسىر قىلىدى. ياپۇنىيەنىڭ نېمە ئۈچۈن خەلقئارادا ،يۇقىرى يېڭى تېخنىكىدا ئالدىدا ماڭدىغانلىغىنى تېخىمۇ چۇڭقۇر چۈشەندىم. ياپۇنىيەدە ئوقۇش ۋە خىزمەتلەردە بۇلىۋاتقان قېرىنداشلارغا سەمىمىي سالام يوللايمەن.

1

تېما

1

دوست

3379

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   45.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9944
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 302
تۆھپە : 870
توردىكى ۋاقتى: 570
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-19
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-2 19:11:59 |ئايرىم كۆرۈش
پاھ-پاھ-پاھ، ئىنژىنىرنىڭ يازمىسى دېگەن مۇشۇنداق مۈرەككەپ زاپچاسلارنى ئۇستىلىق بىلەن قوراشتۇرغاندەك چىقىدىغان گەپكەن مانا. ئاشۇ ئىش ئۇستىكى ئۇششاق ھالقىلارنى  تىل ياكى يېزىق بىلەن بىلەن ئىپادىلەشكە خىلى- خىلى ئادەم ئاجىزلىق قىلىدۇ.
زوق ۋە ئىلھام بېغىشلىغىنىڭىزغا رەھمەت

0

تېما

0

دوست

1549

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   54.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30581
يازما سانى: 97
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 484
توردىكى ۋاقتى: 102
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-19
5#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-2 23:46:06 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ  يازمىنى  يازغان  ئاكىمىز  ھازىر  نىمە  ئىش  قىلىدۇ  ،بەك  ياخشى  يىزىپتۇ  بۇنى

15

تېما

26

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 1472
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 35
تۆھپە : 4080
توردىكى ۋاقتى: 1575
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-20
6#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-3 20:54:37 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-3 21:02  

  دۆلىتىمىز زاۋۇتلېرى ھەقىقەتەن سۈپەت ئۈتكىلىگە قويغان تەلەپتە شىركەت دىرىكتورلېرى قول قويسىلا بۇشاشتۇرۇش ئىلىپ بارىدۇ. بىز قىتىم بىز تەكشۈرۈپ لاياقەتسىز چىققان ماللارنى بۇيرۇق بىلەن قايتا ئىشلەتكەن، تۈۋەندىكىلەر مەسلىنى ھەل قىلىشتا مۇۋاپىق بولمىغان يەرنى كۆرسەتسە ‹‹يۇقىرىدىن بېرىلگەن ئۆلچەمنى قىلچىلىك ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ›› دەيدۇ. مەن بۇنداق ئىشلارنى بىشىمدىن ئۈتكۈزگەن.

  تىما ئىگىسىنىڭ قەلەي ئېرىتمىسى ئارقىلىق ئۆزەكنى ئاجىرتىۋىلىشى ھەقىقەتەن ياخشى ئۇسولكەن، يىپ-يىڭى مەھسۇلاتنى داغمالدا رەڭگىنى ئوزگەرتىپ قويسا كونا مال بۇلۇپ قالىدۇ...

توك مەنبە ۋىكليۇچاتېلىنىڭ ئۈچ تال سىمى ئوتتۇرىسىغا بىرتال چىپتا كوندېنساتورنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئىدى. مەن باشقا ئۇسۇللار ئۈستىدە ئىزدەندىم. شۇ سىمنى قىسقارتىش، ئېلېكتىر تاختىسىنىڭ ئەتراپىنى بىر ئايلاندۇرۇپ ئوراش ۋە شۇ سىمغا ماگىنت ئۈزۈك قاپلاش قاتارلىق ئۇسۇللارنى سىناپ باقتىم. ئاخىرى ماگىنت ئۆزۈك كەيدۈرۈش ئۇسۇلىلا ئۈنۈم بېرىۋاتاتتى
توك يۇلىنى ئايلاندۇرۇپ؟...

1

تېما

7

دوست

2929

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   30.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24872
يازما سانى: 212
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 890
توردىكى ۋاقتى: 137
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-18
7#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-3 20:59:54 |ئايرىم كۆرۈش
تۇردى ئىنىمىزنىڭ جاسارىتى ھەقىقەتەن مەندەك بىر بوۋاينى تەسىرلەندۈردى، مۇمكىن بولسا مەنمۇ قېرىغاندا بىر تىل ئۆگەنسەم دەيمەن!

15

تېما

26

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 1472
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 35
تۆھپە : 4080
توردىكى ۋاقتى: 1575
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-20
8#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-3 21:24:48 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-3 21:25  
darya0997 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-2 17:16
ئىزدىنىش يولىدىكى ياشلار ئۈچۈن ياخشى تېما ئىكەن .داۋام ...


  ماڭا ئەسكەرتكىنىڭىزگە رەھمەت. بۇ تىمىنى كۆرۈپ مىللىتىمنىڭ تېخنىكىغا يۈزلىنىشىدىن تىخىمۇ ئۈمۈتلەندىم. مۇشۇنداق ئۈلگە بۇلىدىغان ئادەم چىقمىسا ياشلارنىڭ قىزىقىشى يۇقىرى بولمايدۇ...
  تۇردى لىتىپ ئاكا تۇغرىلىق باشقا ماتىريال بارمۇ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )