توردا ماقالا يېزىش ۋە مەن ئابدۇۋەلى تۇرسۇن ( بىڭتۇەن مىللىي پېداگوگىكا مەكتىپى )
تۈنۈگۈن توردا يېزىق ھەققىدە بىر پارچە ماقالا يېزىپ ئېلان قىلىۋىدىم ئۇنىڭغا خېلى كۆپ ئىنكاسلار چۈشۈپتۇكەندۇق . ئەمما ئاخشام سىرتتا ئاغىنىلەر بىلەن پائالىيەتتە بولۇپ قالغانلىقىم ئۈچۈن كەچ قايتىپ كېلىپ قالدىم ، ئىنكاسلارنى كۆرۈپ باقايچۇ دەپ كوپپىيوتېرنى ئېچىپ ، كۆرۈشكە باشلىغان ئىدىم ، كۆرۈپ 27-ئىنكاسقا كەلگەندە ماقالا ۋە ئىنكاسلار تۇيۇقسىز يوقاپ كەتتى . نىمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمەي بولدى ، ئەتە سۇرۈشتۇرۈپ باقايچۇ دەپ يېتىپ قالدىم .ئەتتىگەندە باغداشتىكى يولداشلاردىن سوراپ باقسام ئۇلار ماڭا ئىشنىڭ جەريانىنى دەپ بەردى . مەن بۇنىڭغا نارازى بولمۇدۇم . چۇنكى ئۇلار دېگەن باشقۇرغۇچى . قايسى ماقالىنى ئېلان قىلىدۇ ، قايسىلىرىنى ئېلان قىلمايدۇ بۇ ئۇلارنىڭ ئىشى . ئەمما يېقىندىن بۇيان توردا بىرەر تېما يېزىلسىلا چامىسى يەتسۇن ياكى يەتمىسۇن ھەممە ماقالىنىڭ كەينىگە ئىنكاس يېزىپ ، ئاغزىغا نىمە كەلسە شۇنى جۆيلۈيدىغان ، قىشتا كوچىدا قېلىپ ، ئىشىكمۇ -ئىشىك پۇراپ يۈرۇيدىغان بىرقىىسم سەرگاندان ئىتلار پەيدا بولۇپ قالدى . بۇ قېتىم بۇلارغا ئازراق تاياق شىلتىپ ئەدەپلەپ قويماي بولمىدى .ئەمدى گەپ قىلماي ئۆتكۈزۈۋەتكۇم كەلمىدى .
مەزمۇنىدىن قارىغاندا كۆپ ساندىكى ئىنكاسلاردا يېزىق ئۆزگەرتىش ئىشىغا بولغان قارشىلىق ئاساسىي سالماقنى ئىگەللىگەن بولۇپ ، ئۇلار نورمال ھالدا تەنقىدىي پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ . بۇنداق ئىلمىي ئوتتۇرىغا قويۇشنى مەيلى مېنىڭ پىكرىمگە قوشۇلسۇن ياكى قوشۇلمىسۇن مەنمۇ ئالقىشلايمەن .بۇنىڭغا باشقا پىكرىم يوق .چۈنكى مۇنبەر مۇشۇنداق جاي. ھەركىم ئويلىغىنىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقسا بولىدۇ .ئەمما ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىكى نەرسىنى توغرا دەپ كەتكىلى بولمايدۇ . ئۇنىڭ بەزىىلرى بىزگە ياقسا بەزىىلىرى بىزگە ياقمايدۇ. ياققانلىرىنى ئالقىشلايمىز . ياقمىغانلىرىنى تەنقىد قىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن ئاق- قارا ئايرىلىدۇ. ھەقىقەت تېپىپ چىقىلىدۇ. مەن يېزىق ھەققىدە گەپ قىلسام خېلى كۆپ ساندىكى ئىنكاسچىلار دېققىتىنى تىلغا بۇراپ سۆزلەپتۇ .مەن ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ بۇ خىل ئىنكاسلىرىدا ھازىرقى قوش تىل سىياسىتىگە بولغان نارازىلىق ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان دەپ ئويلىدىم . شۇنداق بولسىمۇ ھېچقىسى يوق . بۇ ھەممىمىزدە ئوخشاش ھېسسىيات . ئۇلارنىڭ بۇ خىل ھېسسىياتىنى چۈشىنىپ تۇرغان يەردەمەن.
ئەمما تەنقىدىي ئىنكاسلار ئىچىدە ئىنتايىن ئاز ساندىكى شۇنداقمۇ ئىنكاسلار بولىدىكەنكىن بۇلارنىڭ ئىنكاستا ئىشلەتكەن سۆزى ئاجايىپ سېسىق، ‹‹ شۇنداق مەينەت ، سېسىقلىقىدىن كومپييوتېر ئالدىدا ئوتۇرغىلى بولمايدۇكەن ››، مەن بۇلارنىڭ بۇنداق سېسىقىلىقىغا قاراپ ، ئۇلارنى بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقاندا قىسىلىپ چۈشكەن يېرى شۇنداق مەينەت بولىشى مۇمكىن دەپ گۇمانلىنىپ قالدىم .چۈنكى بۇ دۇنيادا بىر قىسىم جايلارنىڭ بۇلغىنىشى خېلى ئېغىر بولسىمۇ لېكىن ئۇنىڭ بۇلغىنىش دەرىجىسىنى بايان قىلغاندىمۇ ئۇنداق مەينەت سۆزلەر تېخى ئىشلىتىلىپ باقمىغان . قارىسام بىر - ئىككى ئىنكاسچى ئاشۇنداق سۆزلەر بىلەن ئىنكاس يېزىپتۇ . ئۇلار يازغان ئىنكاس ئىچىدە ئىملا خاتالىقى بەك كۆپكەن ، جۇملە قۇرۇلمىسى ئۆزىنىڭ ئانا تىلى بولغان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىپادىلەش ئادىتىگە يات بولۇپ ، تېخى ئۇلارنىڭ سۆزى‹‹ ئورۇق قوينىڭ پوقى چوڭ›› دېگەندەك ، مەزمۇنىىدىن ئانا تىلغا بولغان مۇھەببىتىنى ئىپادىلىمەكچى بوپتۇ . بىر ئابزاس سۆزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسى بويىچە توغرا يازالماي، يەنە تېخى سەندىكى نەدىكى ئانا تىلغا بولغان مۇھەببەتكەن- ئۇ؟ ئەگەر ئۇيغۇر تىل - يېزىقىغا ھەقىقىي مېھرىڭ بولسا .ئانا تىلىنڭنى ياخشى ئۈگىنىپ ، ئاشۇ بىر ئابزاس سۆزنى ئالدى بىلەن توغرا ياز . ئىشلەتكەن جۇملەڭ گىرامماتىكا جەھەتتىن توغرا بولسۇن .دېمەكچى بولغىنىڭنى توغرا ئىپادىلەپ بەر .ئۇنداق قالايمىقان جۆيلۈپ يۇرمە . مەن سەندەك قالايمىقان جۆيلۈيدىغان سويمىلارنى جۆيلىتىۋېتىدىغان بالىلاردىن نەچچە مىڭنى تەربىيەلەپ جەمىيەتكە چىقىرىپ بولغان ئادەممەن .
يەنە بەزى ئىنكاسچىلار پۈتۈن ماقالىنى تولۇق ئوقۇماي ماۋزۇغا قاراپلا ئىنكاس يازغان . مەن بۇلاردىكى مەسئۇلىيەتسىزلىككە ، بىر ماقالىنى تولۇق ئوقۇشمۇ خوش ياقمىغان ھورۇنلىقىغا ، ‹‹شامال يەپ بوران چىقىرىدىغان بۇ خىل‹‹ AQچە ئىلمىي روھ›› قا بەك ئېچىندىم .ماقالىغا ماۋزۇ ئاشۇنداق قويۇلغىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە ئاپتور باشتىلا ناھايىتى ئېنىق قىلىپ ‹‹ يېزىق ئۆزگەرتىش -بىر ئادەم (ئۇنىڭ سالاھىيىتىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىنەزەر) دېگەنگىلا شۇنداق بولۇپ كېتىدىغان ئىش ئەمەس، ئۇ ئالدى بىلەن پۇتۇن مىللەت خەلقىنىڭ ئومۇمىي ساداسىغا ئايلىنىشى، خەلق قۇرۇلتىيدا بۇھەقتە تەكلىپ ئۇتتورىغا چۈشۈپ قارار چىقىرىلىشى ، ھۆكۈمەت پەرمان جاكارلاپ يولغا قويۇشى قاتارلىق جەرياندىن كېيىن بولىدىغان ئىش›› دەپ ناھايىتى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدۇم . پۈتۈن ماقالىدا باشقىلار يەتتە ئۆلچەپ بىر كەسسە ‹‹ يۈز ئۆلچەپ بىر كېسىدىغان ›› ئاپتور ئۆزىمۇ بۇ سەزگۈر مەسىلىدە بىز چوقۇم يېزىقىنى ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك دېگەن سۆزنى ئېغىزىدىن چىقىرىپ باقمىغان .پەقەتلا ئىككى خىل يېزىقىنى سېلىشتۇرۇپ ، ئارتۇقچىلىق ۋە كەمچىلىك كۆرسىتىپ قويغان . بىر ئىنكاستا ديىىلىشىچە بۇ گەپلەرنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر پروفېسسورى بۇرۇنلا دەپ بولغان گەپ ئىكەننغۇ؟ بۇ ئاپتوغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئىدىيە بولۇپ ، سەن توغرا دەپ قارامسەن ياكى قارىمامسەن بۇ ئۆزەڭنىڭ ئىشى . قوشۇلمىساڭ قوشۇلمايدىغانلىقىڭنىڭ سەۋەبىنى ئىلمىي ئوتتۇىغا قويۇپ قويساڭلا بولىدۇ . بۇنداق ئىنكاسلارنى كۆرگەن ئادەم مۇشۇمۇ بىزدىكى تور ئەخلاقىمىدۇ -دەپ قالىدۇ . بۇلار ئاساسەن بۇ ماقالىغا بولغان ئىنكاس بولماستىن بەلكى ھازىرقى بىزنىڭ ئانا تىلىمىز دۇچ كەلگەن كىرزىسىغا بولغان ئىنكاس بوپتۇ . شۇنداقتىمۇ بۇلارغا مەن ئەستايدىل چۈشەنچە بېرىمەن.
ئانا تىلغا ھەممە ئادەمنىڭ مۇھەببىتى بولىدۇ. مەندىكى ۋە بىزدەكلەردىكى مۇھەببەت ساڭا قارىغاندا بەك چوكقۇر . مەندە شۇنداق ئوي -پىكىر بار . ئەگەر ئازراق گەپ قىلالايدىغان ھالەتتە ئۇ دۇنياغا كېتىدىغان ئەھۋالدا بولالىسام مېنىڭ بالىلىرىمغا قىلىدىغان ۋەسىيىتىم بار . ئۇ بولسىمۇ‹‹ ئۆز ئانا تىلىڭ بولغان ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقىنى چوقۇم سەنمۇ بالىلىرىڭغا ياخشى بىلدۇرۇسەن ، ھەم سەنمۇ كېيىنكىلەرگە شۇنداق ۋەسىيەت قالدۇرۇپ كېتىسەن دەيدىغان›› . سەن ئەگەر مەن يازغان يازمىلارنى ئوبدان كۈزىتىپ باقساڭ مەن يازغان يازمىلاردىكى جۇملە قۇرۇلمىسى ، ئىملادىكى مەسئۇلىيەت مەندىكى تىلغا بولغان مۇھەببەتنى تولۇق ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ . مېنىڭ ماقالامدا ھازىر قىيىن ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقان ‹‹ئانا تىىلىمىز ›› نى بىرنىمە قىلايلى دېگەن سۆز قەتئى يوق . شۇڭا ئېنىق ھالدا ‹‹ يېزىق ئۆزگەرتىش تىل ئۆزگەرتىش دېگەنلىك ئەمەس ›› دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان .مۇشۇنداق بىر ماقالىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋلىنى بىلمەي تۇرۇپلا ماۋزۇغا قاراپ ، بىرنىمە دېگىلى تۇرساڭ سېنىڭ كىمىنى كۆرسە قاۋايدىغان ئىتتىن نىمە پەرقىڭ بولسۇن . ئەگەر ھەقىقەتەن ئۇيغۇر تىلىغا بىزدەك مېھرى - مۇھەببىتىڭ بولسا ئۇ ھالدا گەپ قىلغاندا باشقا مىللەت تىلىدىن كىرگەن سۆزنى قوشماي ساپ ئۇيغۇر تىلىدا سۆز قىل ، ئۇيغۇر تىلىنى ، ئۇيغۇر يېزىقىنى كۆپ ئىشلەت ، توغرا ئىشلەت . بۇ سېنىڭ خاتا ئىنكاس يېزىپ مۇنبەرنى بۇلغىغىنىڭدىن كۆپ ئەۋزەل .
ئاشۇنداق ساپاسىز ئىنكاس يېزىپ ، مېنى ئوسال قىلىشنى ئويلاپ قالدىڭمۇ؟ بۇ مۈمكىن ئەمەس.سەندەكلەرنى مەقسدىڭگە يەتكۈزمەيمەن. سەن شۇنداق دېگەنگە روھىم چۈشۇپ كەتمەيلا قالماستىن بەلكى ھەسسىلەپ ئۆرلەيدۇ. ئىرادەم تېخىمۇ چىڭىيدۇ . مېنىڭ ئىشخانامدىكى ئەينەك تاختا ئاستىدا ئامېرىكىلىق بىر سىياسىئوننىڭ مۇنداق بىر ئابزاس سۆزى باستۇرۇپ قويۇقلۇق. بۇ مەن ئۈچۈن دەستۇر . سەنمۇ بىلىپ قوي ، شۇ چاغدا ئاندىن مېنى ياخشى چۈشىنىسىەن:
Always aim high , work hard , and care deeply about what you believe in . And , when you stumble , keep faith. And , you’re knocked down, get right back up and never listen to anyone who says you can’t or shouln’t go on
(نىشانىڭ ھەمىشە يۇقىرى بولسۇن ،تىرىشىپ ئىشلە ، ئۆزەڭ ئىشەنگەن ئىشقا كۆڭلۈڭنى بۆل . توسقۇنلۇققا ئۇچرىساڭ ئىشەنچىڭنى يوقاتما . يىقىلىپ چۈشسەڭ ،ئورنىڭدىن دەس تۇر . سەن ئەمدى قىلالمايسەن ياكى يەنە قىلىمەن دېسەڭ بولمايدۇ دېگەنلەرنىڭ سۆزىنى ھەرگىز ئاڭلىما)
بىرى تۇركىيەدە تۇرۇۋېلىپ ، ‹‹يازە ، يەنە يازە ، مۇشۇنداق يازىۋەرسەڭ مۇنبەرگىمۇ كىرەلمەس بولۇپ قاپسەن ›› دەپتۇ . تۇركىيە بىلەن بىزنىڭ شىنجاڭ ئارىسدا ئىككى سائەت ۋاقىت پەرقى بار. دېمەك مەن ماقالا ئېلان قىلغان چاغدا سەن تېخى ئەتىگەنلىك شىرىن ئۇيقۇدا . شۇڭا دەيمەنكى چۈش كۆرۇپسەن . قەلەم قولۇمدا ، تەپەككۇر قىلىش ئۈچۈن ماڭا بېرىلگەن مېڭە ئۆزەمدە . مەن پەقەت تېنىم ساقلا بولىدىكەن، كاللام ئوچۇقلا بولىدىكەن يېزىۋېرىمەن . چوقۇم خەلقىمگە ياقىدىغان قىلپ يازىمەن ، ئۇلار ئويلىغاننى يازىمەن ، ئەمەلىيەتتە بۇرۇن يازغانلىرىمدا ئاساسەن شۇنداق قىلدىم . تۇركىيەدە تۇرۇپمۇ مۇشۇنچىلىك ئىشنى چۈشەنمىگەنلىكىڭگە ئېچىنىمەن . مېنى بىرەر چاتاق ئىش قىلىپ ، ئەمدى يۈزىنى كۆتىرەلمەيدىغان بولدى دەپ ئويلاپ قالغان ئوخشىمامسەن . ئۇنداق ئەمەس ، ئابدۇۋەلى ئەپەندى تېخى ھازىرغىچە ئۆزنىڭ ۋىجدانىغا يۈز كېلەلمدىغان ئىشنى قىلىپ باقمىدى . مەيلى خىزمەتتە بولسۇن ، ياكى باشقىلار بىلەن ئارىلىشىشتا بولسۇن ئۇنداق قىلىپ باقمىدى . بۇندىن كېيىمۇ ئۇنداق قىلمايدۇ . ئىشەنمىسەڭ سوراپ باقساڭ بولىدۇ.ماقالىدا دىيىلگىنى پەقەت يېزىقلاردىكى پەرق بولۇپ ، ھازىرمۇ مەن ئۇ قاراشلىرىمنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن دەپ قارايمەن . يەنە توققۇزىڭ قوشۇلۇپ ئونىڭ شۇنداق دېسەڭمۇ كۆڭلۈم يېرىپ بولۇپ قالمايدۇ .يەنە شۇ . پاكىت دېگەن پاكىت . ئۇ سەن ياكى مەن ھېسسىيات بويىچە ئۇنداق -مۇنداق دەيدىغانغا ئۆزگىرىپ قالىدىغان نەرسە ئەمەس . بۇ ماقالىگە ئىنكاسنىڭ كۆپ ھەم ئۆتكۇرراق بولۇشىنى ھازىر كىشىلەر قوش تىل سىياسىتىگە بولغان نارازىلىقنى مۇشۇ ماقالىغا ئىنكاس يېزىش بىلەن چىقىرىۋاپتۇ دەپ چۇشەندىم . مېنىڭ ماقالامدا پەقەتلا يېزىقنىڭ گېپى بار ئىدى . ھەرگىزمۇ تىلنىڭ گېپى يوق ئىدى .خېلى كۆپ ئىنكاسلار تىل ھەققىدە بوپتۇ. بۇنىمۇ توغرا چۈشىنىمەن . ئاچچىقىنى چىقىرىۋېلىش ياخشى ئىش، ئىچى بوشاپ قالىدۇ. ئەمەلىيەتتە بىزدىكى داڭلىق زىيالىلىلار ماقالىلىرىنى كۆپىنچە ژورناللارغا بېرىدىكەن . بۇنىڭ سەۋەبىمۇ مۇشۇنداق بىمەنە ئىنكاسلارنى كۆرۈشنى خالىمىغانلىقى بولسا كېرەك .
يەنە بەزىلەر مۇئەللىم قىشلىق تەتىلدە زېرىكىپ قېلىپ ، يازىدىغانغا بىر نەرسە تاپالماي مۇشۇنداق نەرسىلەرنى يېزىپ يۇرگەن ئوخشايدۇ دەپ يېزىپتۇ . ئۇنداق ئەمەس قېرىنداشلىرىم . مەن ئادەتتە بەكلا ئالدىراش . خىزمەت ۋاقتىدا قىلىدىغان ئىشىمنىڭ تولىلىقىدىن تورغىمۇ ھەپتىدە ئاران بىر سائەت چىقىپ قوياتتىم . تەتىل بولغاندا باشقا پىلانلىرىممۇ بار ئىدى، يېزىقچىلىقنى ئەزەلدىن چوڭ ئىش دەپ قارىغان ئەمەسمەن . بولمىسا بۇرۇندىنلا توختىماي بىرنەرسە يېزىپ تۇرغان بولاتتىم . كىشىلەرمۇ مېنى ھازىرقىدىن كۆپ بىلگەن بولاتتى . ئەمما مەن ئۇنداق قىلمدىم .مەن ئادەتتە خىزمەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىمەن . باشقۇرۇش ساھەسىدە راۋرۇس ئىشلەپ نەتىجە يارىتىپ ، مىللىلاردىن باشقۇرۇش ساھەسىدە بىر داڭلىق ماركا يارىتىش مېنىڭ خىزمەتتىكى نىشانىم . 90- يىللاردا ئانچە - مۇنچە بىرنىمە يېزىپ ، گېزىت -ژورناللاردا ئېلان قىلىپمۇ تۇرغان . شۇندىن كېيىن چورتلا تاشلاپ قويۇپتكەنمەن. بۇ قېتىم بۇنداق ئىشقا ئارىلىشىپ قېلىشىمغا ئاساسەن ئەلى قۇربان لېكسىيەسى ھەققىدىكى مۇنازىرە سەۋەپ بولدى. بىرنىمە يېزىپ قويۇپ ، كەينىدىن تەتىلدە نىسبى ھالدا بوش ۋاقىت بولغاقچقا كەينى -كەينىدىن يېزىۋەتتىم . يازغانسېرى يېڭى تېمىلار كاللامدا پەيدا بولىۋەردى. بەزىلىرىنى يېزىپ چىقاردىم .يەنە بەزىلىرىنى خاتىرلەپ قويدۇم. ۋاقتىم چىقسا چوقۇم يازىمەن. ئەمما كۆپ يېزىش جەريانىدا كومپىيوتېر ئالدىدا كۆپ ئولتۇرۇشنىڭ ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بايقاپ قالدىم . بۇ مۇنداق ئىككى تەرەپتىن بولىدۇ دەپ قارىدىم : بىرى ئېكراندىن چىققان رادئاتسىيە ئادەمگە زىيانلىق ، يەنە بىرى ئادەم كومپىيوتېر ئالدىدا كۆپ ئولتۇرسا ھەركەت ئازلاپ كەتكەچكە قان ئايلىنىشقا توسالغۇ پەيدا قىلىپ قويىدۇ . شۇڭا بۇندىن كېيىن يېزىشنى مۇۋاپىق ئازايتىمەن . ئەمما چوقۇم تاشلاپ قويمايمەن . چۇنكى خەت بېسىش سۇرئىتىممۇ تېزلىشىپ كەتتى . باشقا دوستلارنىمۇ كومپىيوتېر ئالدىدا ئولتۇرۇش سائىتىنى مۇۋاپىق تەڭشىشىنى،ھەركەت قىلىپ تۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىمەن . چۇنكى ھەممىمىز ئۇچۇن سالامەتلىك بىرىنچى .
بەزىلەر مېنى نام چىقىرىش ئويىدا بولۇۋېتىپتۇ دەپمۇ يېزىپتۇ . شۇنداق بولسا نىمە بوپتۇ . نام چىقىرىش سىلەرچە يامان ئىشمۇ ؟ مېنىڭچە ئۇنداق ئەمەس .بىزدىكى نەچچە مىڭ يىللىق ھەقىقەت بولغان ‹‹ ئاتالمىغان ئەردىن ئاتالغان دۆڭ ياخشى ›› دېگەن ماقال بۇنى ئىسپاتلاپ بەرمەمدۇ . نام چىقىرىش ، باشقىلار تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلشقا ئېرىشىش ، ھۆرمەت قىلىنىشنى ئارزۇ قىلىش بۇ دېگەن ئىنسان تەبىئىتى . سىز ئەگەر مەن ئۇنداق ئەمەس دىسىڭىز بۇ خۇددى قورسىقىڭىز ئېچىپ تۇرۇپ ، تاماققا ئىشتىھايىڭىز تارتىپ تۇرسىمۇ يەنە مېنىڭ قورسىقىم توق ، تاماق يىگۇم يوق دېگەندەكلا بىر ئىش . يالغان گەپ قىلغانلىق بولىدۇ .شۇڭا مېنى نام چىقارغۇسى باركەن دەپ ئاددى ئويلاپ يۇرمەي ، بولسا سىزمۇ نام چىقىرىشقا تىرىشىڭ .نام-ئاتاق چىقىرىشنى ئويلىمىغان ئادەمدىن چوڭ ئۈمىد كۈتۈش مۈمكىنمۇ ؟ مۈمكىن ئەمەس! بىزنىڭ مىللىتىمىز ئىچىدىن ئاشۇنداق نام چىقىرىش يولىدا قانچە كۆپ ئادەم چىقىسا شۇنچە ياخشى . ئۇلار ئاشۇنداق قىلىش ئۇچۈن تىرىشىدۇ .نەتىجىدە چوڭ -چوڭ نەتىجىلەر قولغا كېلىدۇ . مەن بۇنى مىلىتىمىز ئۈچۇن ياخشى ئىش دەپ ئويلايمەن . بولسا ھەممىمىز تىرىشىپ نام چىقىرىش يولىدا تىرىشايلى. ئۇيغۇر مىللىتى ھازىر ئاشۇنداق قىلىشقا بەك مۇھتاج.
مەن ئويلايمەنكى تەنقىد ئەسلى ياخشى نەرسە . تەنقىد ئارقىلىق ئۆزىمىزدىكى مەسىلىنى بىلىۋالىمىز . شۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ ئالغا باسىمىز . تېخىمۇ ئىلگىرلەيمىز .مانا بۇ تەنقىدنىڭ مەقسىىدى .ئەگەر جوڭگودىكى چوڭ-كىچىك ئەمەلدارلار پارتىيىمىز تەشەببۇس قىلغاندەك ئاممىنىڭ تەنقىدىي پىكىرلىرىنى كۆپ ئاڭلاپ تۇرغان بولسا ئىدى ئۇ ھالدا ئىشلار بەك ياخشى بولغان بولاتتى . خەلق ئۇلاردىن بەك رازى بولغان بولاتتى . ئەمما ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس .
ئىلمىي ئىشلاردا مۇنازىرىنىڭ بولغىنى ياخشى . كىشىلەر ھەممە مەسىلىدە بىر خىللا سۆزلەپ كەتسە بۇ دۇنيانىڭ گۈزەللىكى قالمايدۇ. مەنىسىز بولۇپ قالىدۇ. ھەربىر ئادەمنىڭ مەسىلىنى كۈزىتىش نۇقتىسى ئوخشاش بولمىغاچقا ئوخشىمىغان نۇقتىدىن چىقىپ پىكىر قىلىدۇ . بىزگە ئوخشىمىغان ئەھۋالنى ، ئوخشىمىغان تەپەككۇر ئۇسۇلىنى بىلدۇرىدۇ . بىز بىرلا خىل ئۇسۇلدا پىكىر قىلىۋەرمەي ، مەسىلىنى باشقا تەرەپتىن ئويلاشقىمۇ تىرىشايلى ، بۇ بىزگە يېڭىلىق يارتىتىش شارائىتى ھازىرلاپ بېرىدۇ . يېڭىلىق يارىتىش بىر مىللەتنىڭ جېنى . ئامېرىكا ئىقتىسادىدا كاشال چىقسىمۇ يەنە نىمە ئۇچۇن تېز سۇرئەتتە ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىش ئىقتىدارى بولىدۇ؟بۇنىڭ سەۋەبى ئۇ يەردە ئوخشىمىغان پىكىرنىڭ بولۇشىغا يول قويۇشتۇر . ئۇلاردىكى ئوخشىمىغان ئۇسۇلدا تەپەككۇر قىلىشنى بىلىش روھىدۇر. بۇنداق قىلىش خەلقنىڭ ئەقىل -پاراسەت بۇلىقىنى كەڭ ئېچىپ بېرىدۇ.خەلقنىڭ تەپەككۇرىنى بوغۇپ قويغان جەمىيەتتە تەرەققىيات تېز بولمايدۇ .
بۇ قېتىم چۇشكەن ئىنكاسلار ئىچىدە كۆپ ساندىكىسى يەنىلا ياخشى بولۇپ ،(گەرچە تەنقىد بولسىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇش ئۇسۇلى قايىل قىلارلىق) بەزىلىرى تېخى ئۇنىڭ پايدىسىنى كۆرسىتىپ بېرىپتۇ، بۇ يولداشلار ئۆزىنىڭ قانداق ساپادىكى ئادەم ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلدى . ئاپتور بۇلارغا توغرا مۇئامىلە قىلىدۇ . بولسا ھەممىىز مۇشۇنداق ساغلام پىكىر قىلىپ ، ئىنكاسنى توغرا يېزىپ ، تەنقىدنى توغرا بېرىپ ، مۇنبەرنى ئىشتان ئىچىدىكى سۆزلەر بىلەن بۇلغايدىغان بۇنداق ئاچ قالغان لالما ئىتلارنى كوچىدىن ئۆتكەن چاشقان ئۇر- ئۇرغا قاپتۇ دېگەندەك قىلىۋېتىپ ، تور مۇھىتىمىزنى ئوڭشايلى .
ئۆزەمگە ئايان ، بۇ ماقالامدا قىسمەن ئورۇنلاردا ئىشلەتكەن تىل مېنىڭ سۆزلەش ئالاھىدىلىكىمگە ئۇيغۇن ئەمەس . بۇلار ئاشۇنداق ئاغزىغا ئىككى تال خىش قويسا ئوبورنىدىن پەرقى يوق بولغان 3-4 ئىنكاسچىغا يېزىلغان بولۇپ ، ھەرگىز باشقىلارغا قارىتىلغان ئەمەس . نورمال سۆز بىلەن تەنقىد يازغانلار ھەرگىز باشقىچە خىيال قىلماڭلار .مېنىڭ قىلغان سۆزۇم ئۇلارنىڭ ئىشلەتكەن سۆزى ئالدىدا ھېچنىمە ئەمەس دەپ ئويلايمەن. چۈنكى گەپ دېگەن ئېغىزىمدىن چقتى دەپ قىلىۋېرىدىغان نەرسە ئەمەس . بۇ قېتىم بۇلار بەك ئەۋزەيلەپ كەتكەن .
2015-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن . |