قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 974|ئىنكاس: 7
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

«ساختا مال» توغرىسىدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

1

دوست

200

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   66.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31795
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 62
توردىكى ۋاقتى: 9
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-5
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-2 12:23:40 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ugwolf تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-2 14:11  

«ساختا مال» توغرىسىدا

مۇھەممەدجان خېۋىر تاۋارىم

  ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغىنىدەك بىر نەچچە كۈندىن بېرى ئالى بابا گۇرۇھى بىلەن سودا سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش باشقارمىسى ئوتتۇرىسىدىكى جېدەل توردا يامراپ كەتتى،شۇ سەۋەپتىن ئالى بابانىڭ پايچېكى چۈشۈپ ،مايۈەن ئەپەندى« جۇڭگودىكى بىرىنچى باي»لىق ئورنىنى باشقىلارغا تارتقۇزۇپ قويدى.
ئالى بابا گۇرۇھى سوداسانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلىنى سوتقا ئەرز قىلىش ئېھتىماللىقىنىڭمۇ بارلىقىنى ئېلان قىلدى.
بۇنى بىر ھەپتە بۇرۇن سودا سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش باشقارمىسى ئېلان قىلغان توردىن سېتىۋالغان ماللارنى ئۆرنەك ئېلىپ تەكشۈرۈش كەلتۈرۈپ چىقارغان .مەزكۇر دوكلاتتا كۆرسىتلىشىچە ئالى بابانىڭ تور سوداسۇپىسى(ئالى بابا،تاۋباۋ،تيەنماۋلانى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ)نىڭ ساختا مال بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %65 ئەتراپىدا بولغان بولۇپ،«ساختا مال»نىڭ جەننىتى بولغان. بۇدوكلات ئېلان قىلىنىشى بىلەن كېپىنەك ئېففىكتى پەيدا قىلىپ ئالى بابا گۇرۇھىنىڭ بازار قىممىتىنىڭ تۆۋەنلىشى،پاي چېكىنىڭ چۈشىشى،تىجارەت كىرىمىنىڭ كېمىيىشى،ئىستىمالچىلارنىڭ ئالى باباغا بولغان ئىشەنچىسنىڭ تۆۋەنلىشىنى قاتارلىق بىر قاتار ئىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
  خوش ئەمىسە تور سودا سۇپىلىرىنى «ساختامال»لارنىڭ جەننىتى دەپ قاراش ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇنمۇ؟
   ئىسلاھات ئىشىكنى ئېچىۋېىتىش شامىلىغا ئەگىشىپ دۆلىتمىزدە نۇرغۇنلىغان شەخسىي كارخانىلار مەيدانغاكېلىپ دۆلىتىمىز تەرەققىياتىغا نۇرغۇن تۆھپىلەرنى قوشتى،دۆلىتىمىزدە ئەمگەككۈچى،يەر مەيدان ھەققى قاتارلىق بىرقۇر ھەقلەرنىڭ دۇنيا سەۋىيىسىدىن تۆۋەن بولىشى تۈپەيلىدىن جۇڭگو تەدرىجىي «دۇنيا زاۋۇتى»غا ئايلاندى،نۇرغۇنلىغان دۇنياۋى داڭلىق ماركىلار جۇڭگودا ئىشلەپچىقرىلىشقا باشلىدى.ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئارىسىدا بىر قىسىم نائىنساب سودىگەرلەر ساختا،ناچار،ئوخشىتىپ ياسالغان مەھسۇلاتلارنى ياساپ ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى زىيانغا ئۇچراتتى،بۇ ھەقتە دۆلىتىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن ئورگانلىرى ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارنى يولغا قويغان بولسىمۇ تولۇق چەكلەش كۈچىنى كۆرسىتەلمىدى.
20-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا ئالى بابا گۇرۇھى تۇنجى قاتاردا دۆلىتىمىزنى ئېلىكترونلۇق سودا دەۋرىگەباشلاپ كىردى،بۇ ئەنئەنىۋى سودىغا نۇرغۇن خىرىسنى ئېلىپ كىلىپ نۇرغۇنلىغان كارخانىلارنىڭ يوقىلىپ يېڭى ئىدىيىدىكى كارخانىلار قۇرۇلۇپ دۆلىتىمىز مىسلى كۆرۈلمىگەن تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى.
  تورسودىسى ماكان-زاماننىڭ چەكلىمىسىگەئۇچرىمىغانلىقتىن ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلدى،ئەلۋەتتە بۇ جەرياندا بىر قىسىم ھيلىگەر سودىگەرلەر ھەرخىل يوچۇقلاردىن پايدىلىنىپ ساختا ماللارنى تور سوداسۇپىلىرىدىن پايدىلىنىپ دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سېتىپ نۇرغۇن ھارام پايدىغا ئېرىشتى.
  شۇنىڭ بىلەن ئەمدىلەتىن يېتىلىۋاتقان تورسوداسۇپىلىرى«ساختا مال» پاتقىقىغا پېتىپ قالدى،ئىستىمالچىلارنىڭ ئۇلارغا بولغان ئىشەنچىسى تۆۋەنلەپ كەتتى.
ئەجىبا تورسوداسۇپىلىرى «ساختا مال» قارىتا ھېچقانداق چەكلەش تەدبىرى قوللانمىدۇ؟
   ئۇنداق ئەمەس ئالىبابا گورۇھى ھەر يىلى نۇرغۇن مەبلەغ چىقىرىپ «ساختا مال»غا زەربە بېرىشكەئىشلىتىۋاتىدۇ،ھەمدە ئۆزلىرى يىغقان ئۇچۇرلارنى سودا سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىلىرىگە تەمىنلەپ ئۇلارنىڭ خىزمىتىگە يېقىندىن ياردەمدە بولىۋاتىدۇ.  ھەتتاكى 15كۈندە شەرتسىز مال قايتۇرۇش،مال يارىمىسا شەرتسىز مال قايتۇرۇش قاتارلىق سىياسەتلەرنى چىقىرىپ ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقۇق نپەئەتىنى قوغداشقا تىرىشىۋاتىدۇ.
ئەمىسە بىز نىمىشقا توردىن مال سېتىۋالساق دائىم ساختا مالغا ئۇچرايمىز؟
   بۇنىڭدىكى تۈپكى سەۋەب بىز ئۆزىمىز ئەرزان باھا قوغلىشىپ ساختا ماللارنى پەيدا قىلىۋاتىمىز،مەسىلەن دۇنياغا داڭلىق ئادىداس ماركىلىق ئاياقنىڭ ئەمەلىي دۇكان باھاسى 500يۈەندىن كەم ئەمەس،بۇنى توردىن ئىزدىسەك ئادىداسنىڭ ئورگان دۇكىنىدىن سېتىۋالماقچى بولساق300نەچچە يۈەنگە ئالغىلى بولىدۇ.بىراق بەزى دۇكانلاردا ھەتتا 50يۈەنگىمۇ ساتىدۇ(ئەلۋەتتە ئورگان تەرەپ دۇكىنى ئەمەس)،بىز مال سېتىۋالغان قارىغۇلارچە باھاقوغلىشىپ 50 يۈەنلىكىنى ئېلىپ قولىمىزغا تەككەندە سۈپىتى ياخشى بولمىسا ئۆزىمىزدىن ئاغرىنماي توردا ساختا مال ساتىدۇ دەپ جار سالدۇق،تورسودا سۇپىلىرى مال دۇكاندار دىگەنگە ئوخشاش چىقمىسا مالنى قايتۇرسىڭىز بولىدۇ دىسە ئۆزىمىز ئېرىنچەكلىك قىلىپ قايتۇرمىدۇق  ياكى قايتۇرۇشنى بىلمىدۇق،ئاخىرىدا يامان نامغا قالغىنى يەنە ئاشۇ بىچارە تورسودا سۇپىلىرى بولدى.
ئۇنداقتا ساختا مالنى قانداق پەرقلەندۈرىمىز؟
1.    ساختا مالنىڭ ھەقىقىي سۈپەتلىك مال بىلەن پەرقلىنىدىغان ئەڭ روشەن تەرىپى باھا،ساختا مال ھەددىدىن ئارتۇق ئەرزان بولىدۇ،شۇڭا توردىن مال سېتىۋالغاندا ھەددىدىن ئەرزان مالنى سېتىۋېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
2.    مال سېتىۋالغاندا ئىشەنچىلىك بولغان تورسودا سۇپىلىرىنى تاللاش ھەمدە ئامال بار ئۈچىنچى تەرەپ پۇل تۆلەش ئۇسۇلىنى قوللانغان تورسوداسۇپىلىرىنى تاللاش كېرەك ھەمدە بىۋاستە سودىگەرگە پۇل سېلىپ بېرىشتىن ساقلىنىش كېرەك.بۇنداق قىلغاندا پۇلىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
3.    ئەگەر بۇنداق توربەتلەردىن مال ئالغاندىمۇ ساختا سۈپەتسىز تاۋارلارنى سېتىۋېلىپ قالسىڭىز،دەرھال تور سودا سۇپىسىنىڭ قۇرغۇچىلىرى بىلەن ئالاقە قىلىپ ئەھۋالنى ئىنكاس قىلىڭ،ئۇلار چوقۇم سىز رازى بولغۇدەك جاۋاب بېرىدۇ.ئەگەر ئۇلارمۇ ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىسە سودا سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورۇنلىرى بىلەن ئالاقە قىلىپ ئەھۋالنى مەلۇن قىلسىڭىز بولىدۇ.
ھەرگىزمۇ ئازراق پۇلنىڭ ئىشىكەن بولدى قىلىۋىتەي دىگەن خيالنى قىلماڭ،سىزنىڭ مۇشۇنداق «بولدى قىلاي» دىيىشىڭىز بىلەن تېخىمۇ كۆپ تورداشلارنىڭ مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچرايدۇ.
ساختا مالغا زەربە بېرىش سىزنىڭ ،مېنىڭ ھەم دۆلىتىمىزمەمۇرىي ئورۇنلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى،قانداقتۇر مەلۇم بىرشەخس،ئورگان،سۇپا(تور سودا سۇپىسى)نىڭلا مەسئۇلىيىتى ئەمەس.

تاۋارىم تورى يازمىسى   http://tawarim.com/

2

تېما

1

دوست

824

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   64.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33927
يازما سانى: 85
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 230
توردىكى ۋاقتى: 57
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-19
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-2 13:04:24 |ئايرىم كۆرۈش
ساختا مالنى رەت قىلىش جوڭگۇ ئىقتىسادىنى ئۆلتۈرۈش بىلەن تەڭ .
ساختا مالغا پۇقرالارنىڭ ئىھتىياجى يوقمۇ ؟ئەلۋەتتە ئىھتىياجى بار .تاۋباۋدىن ئەرزان مالنى ئىزدەپ تىپىپ ،ئالغان چاغدا سىز ئەجىبا ساختا مال ئىكەنلىكى بىلمەمسىز ؟بىلىسىز پەقەت سىزنىڭ ئىقتىسادى شارائىتىڭىزغا نىسبەتەن ساختا مال ئالىسىڭىز .شۇڭا مايۇن ئىنىقلا قىلىپ .ئۆزۈڭلارنىڭ ئاچكۈزلىكىنى تاۋباۋنىڭ خاتالىقى دەپ ،ساختا مال ئالغانلىقىڭلار ئۈچۈن تاۋباۋدىن ئاغرىنماڭلار دىدى .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

1

دوست

200

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   66.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31795
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 62
توردىكى ۋاقتى: 9
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-5
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-2 13:24:56 |ئايرىم كۆرۈش
putin يوللىغان ۋاقتى  2015-2-2 13:04
ساختا مالنى رەت قىلىش جوڭگۇ ئىقتىسادىنى ئۆلتۈرۈش بىلە ...

ماۋۇ گەپنىڭ جېنى بار

0

تېما

3

دوست

1774

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   77.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7577
يازما سانى: 109
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 35
تۆھپە : 526
توردىكى ۋاقتى: 84
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-19
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-2 15:27:08 |ئايرىم كۆرۈش
putin يوللىغان ۋاقتى  2015-2-2 13:04
ساختا مالنى رەت قىلىش جوڭگۇ ئىقتىسادىنى ئۆلتۈرۈش بىلە ...

دۆلىتىمىزدە زور كۆپچىلىك بىلىپ بىلمەيلا ساختا تاۋارلارغا ئېھتىياجلىق بۇلۇپ قالىدۇ،بۇنىڭ ھەممىسى ئىقتىسادقا مۇناسىۋەتلىك.
بىر تاۋارنى يەرلىكتە 100كوي ساتسا سىز تاۋباۋدىن 40كويغا ئالغان بولسىڭىز ناھايتى ئېنىقلا 40كويغا ئالغان مېلىڭىزنى ساختا دەپ قارايدۇ،ئەمىليەتتە ھەر ئىككىلىسىنىڭ ساختا تاۋار ئىكەنلىگىنى بىلىشمەيدۇ.ساختا تاۋار قانداق بۇلدۇ؟بۇ مەسلىگە نىسبەتەن شەخىسلەرنىڭ قارىشى ئوخشاش ئەمەس،كۆپ قىسىم كىشلىرمىز ئادەتتە قىممىتى ئارقىلىق جىڭ ياكى ساختىلىقىغا ھۈكۈم قىلىشىدۇ.مەن ئويلايمەن،ئالغان مېلىڭىز سىزنىڭ تۈپكى ئېھتىياجىڭىزنى قاندۇرالمىغان بولسىلا ئۇ ساختا تاۋاردۇر.

2

تېما

1

دوست

824

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   64.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33927
يازما سانى: 85
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 230
توردىكى ۋاقتى: 57
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-19
5#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-2 15:46:15 |ئايرىم كۆرۈش
karluk007 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-2 15:27
دۆلىتىمىزدە زور كۆپچىلىك بىلىپ بىلمەيلا ساختا تاۋارل ...

پىكرىڭىزگە قۇشۇلىمەن .

7

تېما

0

دوست

799

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   59.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6108
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 70
تۆھپە : 208
توردىكى ۋاقتى: 38
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-19
6#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-2 21:00:16 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hukumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-3 11:50  

ماددى نەرسىلەرنى ساقتا ھەم يالغان دەپ تۇرايلى ، .ئەمما مەۋھۇم نەرسىدە ئالدىۋەتسىمۇ ھېچكىم ئىگە بولمىدى .
ئوتكەن يىلى ئاز كەم 4000 يۈەنلىك كۆچمە خەۋەرلىشىش پۈتۈن مەملىكەت تەۋەسىدە ئورتاق ئىشلىتىشكە بۇلىدىغان 40 تال قىممەت تۇلۇقلاش كارتىسىدىن 37 تېلى ئىناۋەتسىز چىقىپ قالدى .
ساتقۇچى تەرەپ قارا پۇل يۇيغۇچى دەپ بۆھتان چاپلىدى، ھەم بىزنى شىنجاڭلىق ئوغرى يانجۇقچى دەپ ھاقارەت قىلدى ، مۇشۇ گەپ بىزگە ھار كىلىپ مەخسۇس تەرجىمانغا بىر بەت ئەرز نامىنى ئۆلچەملىك خەنزۇچە يازغۇزۇپ ئەرز قىلدۇق ئاقمىدى.

سودا تورى باشقۇرغۇچىلىرى ئىسپات تەلەپ قىلدى ، دىگەن ئىسپاتىنى تۇلۇق تەمىنلىدۇق.
سودا تورى باشقۇرغۇچىلىرى قايسى ئىسپاتنى تەلەپ قىلسا بىز تۇلۇق تەمىنلەپ بەردۇق.
باشقۇرغۇچىلار دەلىل ئىسپات تۇلۇق بولغاندىن كىيىن . بىر ھەپتە، 15 كۈن ............
مۇشۇنداق ۋاقىت بەلگىلەپ بىرىپ ۋاقىتنى قەستەن كەينىگە سۇزۇپ  ھەممىنى يوق قىلدى.
ئاخىرىدا  ئالدانغىنىمىز ئالدانغان بولدۇق.
كىين شۇ ساتقۇچىنىڭ نۇمۇرىنى كۈرگۈزۈپ توردىن ئىزدەپ باقتۇق ، بىزدىن باشقا بىر نەچچەيلەننىڭمۇ توردا بۇنىڭ ئالدامچىلىغىنى ئاشكار ئىلان قىلغانلىقىنى بىلدۇق.
~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~
ئاخىرىدىكى مۇنداق يەكۇنلىدۇق.
ساتقۇچى تەرەپنىڭ توردىكى دەرىجىسى بەك يۇقىرى ئالدىنقى قاتاردىكى ساتقۇچى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تور دۇكىنى مەۋھۇم ماللارنى ئاپتۇماتىك چىقىرىدىغان دۇكان، بۇنداق دۇكاننى ئىلتىماس قىلىش تەس نەچچە تۈەمنلەپ پۇل خەجلەشكە توغرا كىلىدۇ.
بىزنىڭ ئەرزىمىز مۇۋەپىقيەت قازىنىپ قالسا ئۇ دۇكان شەرتسىز تاقىلىدۇ.
داۋامىنى يازمىساممۇ ئۈزۈڭلار چۈشنۈپ بولدۇڭلار ھەقاچان
بۇرۇنمۇ بىزنى ئالدىغان 2 دۇكان ئاشۇنداق تاقىلىپ پۇللىرىمىز قايتۇرۋېلىنغان ، ئۇ باشقا بىر تور سودا سۇپىسى ئىدى.
بىراق بۇ قېتىمقىسى پەيپەي سودا سۇپىسى.
~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~`
مەن بۇ ئىنكاس ئارقىلىق سىلەرگە داتلىماقچى ئەمەسمەن، ھە توردا نەرسە سېتىۋالماڭلار دىمەكچىمۇ ئەمەسمەن.
مەن ھەم يېڭىدىن توردى سېتىۋالغۇچىمۇ ئەمەس،2004- يىلىدىن باشلاپ توردىن سېتىۋېلىشنى باشلىغان. 2006- يىلى مەنمۇ تۇنجى قېتىم توردا نەرسە سېتىپ كارتامغا ئاغدۇرۇپ باققان.
شۇڭا مەيلى ياكى كونا بۇلۇڭلار . توردىن نەرسە سېتىۋالغاندا ئاگاھ بۇلۇڭلار

3

تېما

1

دوست

1397

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   39.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1638
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 139
تۆھپە : 335
توردىكى ۋاقتى: 59
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-19
7#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-3 00:26:25 |ئايرىم كۆرۈش
بىزمۇ بېشىمىزغا يىمۈگۈچە بولدى قىلمايدىغان خەق.بىزنىڭ مىللى بازىرىمىزمۇ  تار دائىردىكى ئۆزىمىز بىلەنلا چەكلىنىدىغان بازار.بىز ساتساق قىممەت كۆردۈق،ياراتمىدۇق،ئۆزىمىزگە ئون كوينى جىق خەجلەپ قۇيۇشتىن باش تارتتۇق،ئاخىرىدا خەققە قۇيۇلۇپ يۈردۇق.تەييار بازالىرىمىزغا چىقىپ ھەركەت قىلغاچ،تاللاپ،كىيىپ،يارتىپ سېتىۋېلىشتىن زىرىكىۋاتىمىز.قول بىلەن تۇتۇپ،يارتىپ،نەق مالنى ئالغانغا يەتمەيدۇ.سودىگەرلىرىمىزنىمۇ قولاپ قۇيۇڭ!ھەم قوللاپ قويايلى دوستلار.

1

تېما

1

دوست

200

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   66.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31795
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 62
توردىكى ۋاقتى: 9
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-5
8#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-3 15:28:56 |ئايرىم كۆرۈش
hukumran يوللىغان ۋاقتى  2015-2-2 21:00
ماددى نەرسىلەرنى ساقتا ھەم يالغان دەپ تۇرايلى ، .ئەمما  ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم  قايسى تور سودا سۇپىسىدىن ئالغان ئىدىڭىز؟ئاز تولا بولسىمۇ ياردىمىم  تىگىپ قالار 497499634 نومۇرلۇق ئۈندىدارنى قوشۇڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )