ئوقۇتقۇچى ئادەم، ئىلاھ ئەمەس
تەرجىمان: گېنېرال ( خوڭشيۇ تورى 2015-1-28 10:50:16 كۈنىدىكى ماقالا)
كىشىلەر دائىم << ئوقۇتقۇچىلىق ئالەمدىكى ئەڭ شەرەپلىك خىزمەت>>، << شام كۆيۈپ تۈگىگىچە يورۇقلۇق ئاتا قىلىدۇ>> دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ئوقۇتقۇچىنىڭ بېغىشلاش روھىنى سۈپەتلەيدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئوقۇتقۇچىغا بىر نۇر ئاتا قىلىپ، ئۇنى باشقىلارنى ئاپەتتىن قۇتقۇزىدىغان ئىلاھقا ئوخشىتىپ قويغان، ئوقۇتقۇچى بۇ نۇر ئاستىدا ياشاپ چارچىدى.
خەتەر ئالدىدا ئوقۇغۇچىلارنى تاشلىۋەتسە بولمايدۇ، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەرسىسىنى ئالسا بولمايدۇ، بىرەر تال ئالما بولسىمۇ بولمايدۇ، ھەتتا ئوقۇتقۇچى سەت گەپ قىلسىمۇ بولمايدۇ. ئەگەر بىرەر خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويسىڭىز ئىنتايىن چوڭ چاتاققا قالىسىز، مەڭگۈ ئۆزىڭىزنى ئاقلاپ بولالمايسىز. مېنىڭچە ئوقۇتقۇچىمۇ ئادەم، ئوقۇتقۇچى ئاۋال ئادەم، ئاندىن قالسا ئۇنىڭ كەسپى ئوقۇتقۇچىلىق. ئۇنىڭدا ئىنساندا بار ئارتۇقچىلىق ۋە كەمچىلىكلەر بولىدۇ. مەيلى ۋېنچۇەندىكى يەر تەۋرەشتە ئوقۇغۇچىلارنى تاشلاپ قاچقان << فەن قاچقۇن>> بولسۇن، مەيلى خيلوڭجياڭدا ئوقۇغۇچىلارنى باتۇرلۇق بىلەن قۇتقۇزغان جاڭ لى لى بولسۇن، خەتەر يۈز بەرگەن شۇ پەيتتە ئۇلاردا ئاقىۋەتنى ئويلاپ ئولتۇرغۇدەك ۋاقىت يوق بولۇپ، پۈتۈنلەي ئىنسان تەبىئىتى بويىچە ئىش كۆرگەن، بۇنىڭ كەسپىي ئەخلاق بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. شېكىسپىر شۇنداق دېگەن:<< مېھىر-شەپقەت زورلاشتىن كېلىپ چىقمايدۇ، ئۇ ماننىتولغا ئوخشاش ئاسماندىن پانىي ئالەمگە چۈشكەن، ئۇ ئىلتىپاتقا ئېرىشكۈچىگە بەخت ئاتا قىلىپلا قالماي، ئىلتىپات قىلغۇچىغىمۇ بەخت ئاتا قىلىدۇ>>. شۇڭا ياخشىلىق قىلىش،قىلماسلىق قەلبتىكى قاراشقا باشلىق، ھەرگىزمۇ سىرتقى بېسىمنىڭ تەسىرىياكى نام-ئاتاققا ئېرىشىش ئۈچۈن ئەمەس.
بۇ يىل نۇرغۇن يەرلەردە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشىنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلىش ۋەقەلىرى يۈز بەردى. نۇرغۇن ئادەملەر قوللىدى، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر قارشى تۇردى. يېقىندا جىنەن لىچېڭ 5-ئوتتۇرا مەكتىۋىدە ئوقۇتقۇچىلار دەرس توختىتىپ، مائاش ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلدى، بەزى ئاتا-ئانىلار << ئوقۇتقۇچىلار مائاش ئېلىپ تۇرۇپ يەنە نېمىشقا رازى بولمايدۇ؟ ئۇلار بەك ئاچكۆزكەن>> دېيىشتى. سىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەر كۈنى سەھەر سائەت تۆتتە تۇرۇپ ئەتىگەنلىك تەكرارغا ئۈلگۈرىدىغانلىقىنى، كەچلىك تەكراردىن سائەت ئونغا يېقىن چۈشىدىغانلىقىنى، شەنبە،يەكشەنە كۈنلىرى ئىش قوشۇپ ئىشلەيدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ھەممىسى سەككىز سائەتلىك ئىش تۈزۈمىدىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى بىلىشىڭىز كېرەك. ئوقۇتقۇچى ئىنسان، ئىلاھ ئەمەس. ئوقۇتقۇچىلىق پەقەت بىر كەسپ، تۇرمۇش كەچۈرۈشتىكى بىر ۋاستە. ئوقۇتقۇچى ماقامىغا يەتكەن ئەۋلىيا ئەمەس. ئوقۇتقۇچىلار نېمىشقا ھوقۇقىنى قوغدىسا بولمىغۇدەك؟ كۇڭزىنىڭ :<< كەم بولمىسا تەكشى بولماس، نامراتلاشمىغۇچە خاتىرجەملىك بولماس، تەكشى بولسۇن، كەم بولمىسۇن، خاتىرجەملىك قىڭغىر بولمىسۇن>>( كۇڭزىنىڭ سۆزلىرىنى تەرجىمە قىلىش ماڭا تەس بولسىمۇ چامىمنىڭ يېتىشىچە تەرجىمە قىلىپ باقتىم، تۈزىتىپ چۈشەنگەيسىلەر-- گېنېرال) دېگەن سۆزىنىڭ بۈگۈنكى جەمئىيەتتە يېڭىچە چۈشەندۈرمىسى بار بولدى. مېنىڭچە << كەم بولمىسا تەكشى بولماس>> دېگىنى ھەممىگە تەكشى تەقسىم قىلىش ئەمەس، كۆپ ئىشلىگەن كۆپ ئالسۇن، ئاز ئىشلىگەن ئاز ئالسۇن، دېگەنلىكتۇر. مانا بۇ ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقتۇر.
ھازىر ئوقۇتقۇچىلار دائىم ئۆزىنى مەسخىرە قىلىدۇ:<< توخودىنمۇ بۇرۇن تۇرىمىز، پاھىشىدىنمۇ كەچ ياتىمىز>> دەپ. مېنىڭچە،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس تاشلاپ مائاش ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلىشى ئۆزىگە بولغان تونۇشىنىڭ ئويغىنىشى، شۇنداقلا جۇڭگولۇقلارنىڭ ھوقۇقنى قوغداش ئېڭىنىڭ ئويغىنىشىدۇر.
ئامېرىكىدا ئوقۇتقۇچىنىڭ مائاشىنىڭ ئەڭ تۆۋەن باشلىنىش چېكى ئاساسەن شۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇش تارىخىنى ئاساس قىلىدۇ، باكلاۋېرلىق، ماگىستىرلىق، دوكتۇرلۇق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى(ئەڭ تۆۋەن چېكى) ئوخشىمايدۇ، ئاندىن يىللىق ستاژىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ مائاشىنىڭ ئومۇمىي سوممىسىمۇ ئېشىپ بارىدۇ. ھەر قايسى شتات،ھەر قايسى ئورۇنلارنىڭ مائاش كىرىمى ۋە ئىستېمال سەۋىيىسى ئوخشاش بولمىغاچقا، ھەر قايسى ئورۇنلاردىكى مائاشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. 30 يىل ئەتراپىدا ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللانغان ئوقۇتقۇچىنىڭ يىللىق كىرىمى ئوقۇتقۇچىلىقنى باشلىغان چاغدىكى 20-30مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ 50-70مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ.
دۆلىتىمىزدە ئوقۇتقۇچىنىڭ مائاشىدا ئاۋالئۇنۋانىغا قارايدۇ،ئوتتۇرا مەكتەپ ئالىي دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى، ئوتتۇرا مەكتەپ بىرىنچى دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى، ئوتتۇرا مەكتەپ ئىككىنچى دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى، ئوتتۇرا مەكتەپ ئۈچىنچى دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى دەپ. خىزمەت ستاژى بىلەن ئوقۇش تارىخىنىڭ مائاش تەڭشەشتە رولى ئىپادىلەنمەيدۇ. بىزنىڭ شۇنچە يىل كىتاب ئوقۇغىنىمىزنىڭ نېمە پايدىسى؟ تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىسى بىلەن ئالىي تېخنىكوم ئوقۇغۇچىسىمۇ شۇنداق مائاش ئالسا، ئالىي تېخنىكوم ئوقۇغۇچىسى خىزمەتكە بۇرۇن چىقىدۇ، ئۇنۋان باھالاشتا بىز تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىغاندا ئەۋزەللىككە ئىگە، ئۇلارنىڭ تۈرلۈك گۇۋاھنامىلىرى كۆپ. ئېلىمىزنىڭ ئوقۇتقۇچىلار مائاش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ بارغانچە ياخشىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
|