تاۋار ئۆي سىتىۋىلىشتىن جىدىدى ياردەم ۋە ئاچچىق ساۋاق
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، باغداش مۇنبىرىدىكى تورداشلار، ئۆي سىتىۋىلىش جەھەتتىكى تەجىربىسىزلىكىم تۈپەيلى ئۆمرۈمدە تۇنجى قىتىم سىتىۋالغان تاۋار ئۆي سودىسىدا كۈتۈلمىگەن ئوڭۇشسىزلىق ۋە زىيانغا ئۇچىردىم ھەم ماجىراغا چۈشۈپ قالدىم، شۇڭا تېمىنى ئۆي سىتىۋالماقچى بولغان ماڭا ئوخشاش بىلىمى يوقلارغا ساۋاق بولۇپ قالسۇن، قانۇن ساھەسىدىكى ئادۇۋكات ۋە سوتچىلارنىڭ سودا-سانائەت تارماقلىرىدا ئىشلەيدىغانلارنىڭ نەزىرى چۈشۈپ قالسا ياردەم قىلارمىكىن دېگەن مەقسەتتە يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن. نۆۋەتتە ساتقۇچى تەرەپنىڭ سودا ئوبرازىغا زىيان سىلىش خاتالىقىنىڭ مېنىڭ زىممەمگە يۈكلىنىپ قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۆزۈمنىڭ سالاھيتىم ۋە ساتقۇچى تەرەپنىڭ ھەقىيقي سالاھىتىنى ئاشكارىلاشقا مۇمكىن بولمىدى، تورداشلارنىڭ توغىرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
2012-يىلى يىل بىشىدا. يەنى تاۋار ئۆينىڭ باھاسى پەلەككە چىققان، ناھيىمىزدە تاۋار ئۆيلەرنىڭ باھاسى چاپ-چاپ بولىۋاتقان ۋاقىتلاردا «ئىچكىردە بىر كىۋادىرات مېتىر ئۆي ئۈچ تۈمەن ئەتىراپىدا ئىكەن، بۇ يەردە ئۆي ھەقىقەتەن ئەرزان» دىگەن پاراڭلار تارقىلىپ يۈرگەن كۈنلەردە بىر كاتتا جەمەت ناھيىمىزنىڭ ئاۋات كوچىسىدا 400 ئائىللىك ئۆي، 400 ئىغىز دۇكان بار ئىگىز قەۋەتلىك ئولتۇراق رايونىغا ئىش باشلاپ، داغدۇغا قوزغىدى، ئىجارە ئۆيدىن قۇتۇلۇپ ئۆز ئالدىمغا ئۆيلۈك بولۇش كويىدا يۈرگەن مەن يىغقان نەچچە تۈمەن پۇلنى ئالدىراپ تاپشۇرۇپ تالىشىپ يۈرۈپ شۇ يلى 5-ئايدا ئۆي تاللاپ زاكالەت پۇلى تاپشۇردۇم، خۇددى ھەممە ئۆي بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە تۈگەپ كىتىدىغاندەك كۆرۈنۈش ھاسىل قىلىپ، بازارلىق ئۆيلەرگە سىتىلىپ بولغان دىگەننى بىلدۈرىدىغان قىزىل يۇلتۇزنى چاپلاپ قويسا، بىر تىللىق كىشىلەركەنمىز، بىزنى ئالدىماس، بىر تىللىقلار مەھەللىسى بولۇپ قالغۇدەك دەپ ئويلاپ، ئۆينىڭ باشقا ئەھۋالى، كىيىنكى خوجىلىق ئىشلىرى... دىگەندەكلەر بىلەن ھېساپلاشماي ئالدىن تۆلەيدىغان %30 پۇلنىڭ يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن تۆلەپ بانكا قەرىزى بىجىرىپ بىرىدىغانغا كىلىشىپ، ئاتالمىش «تاۋار ئۆينى ئالدىن سىتىش-سىتىۋىلىش كىلىشىمنامىسى» ئىمزالىدۇق، تاۋار ئۆي دىگەن تىپىلماسنىڭ خورمىسى بولۇپ كەتكەندەك، « بۇ كىلىشىم دىگەن ۋاقىتلىق كىلىشىم، كىيىن رەسمىي توختامنامە ئىمزالايمىز» دىسە، «ماقۇل» دەپ شۇ ئۈچ بەت، ھەممە ھوقۇق ساتقۇچىلارغا، ھەممە مەسئۇلىيەت ئالغۇچىلارغا يۈكلەنگەن ئاشۇ كىلىشىمنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپتىمەن.
شۇ يىلى يىل ئاخىرىدا قالدى پۇلنى «ئالدىن تۆلەيدىغان %30 پۇلنى تۆلەپ بولغانلارنىڭ مۇكاپاتلىق چەك تارتىش پائالىيتى» دېگەن دىراممىغا ئۈلگۈرتۈپ تۆلەپ يۈز يۈەنمۇقىممىتى يوق سىفىرلىق فوتو ئاپراتتىن بىرنى مۇكاپات ئېلىپ قايتتىم. ئۇلار بارلىق ئۆي سىتىۋالغۇچىلارغا قارىتىلغان مۇكاپاتلىق چەك تارتىش پائالىيتىدە 3 تال خوندا ماركىلىق ئاپتومۇبىلنى مۇكاپات ئوبىكىتى قىلىپ تەشۋىق قىلغان بولۇپ، ئىككىگە بۆلۈپ ئىلىپ بىرىلغان بۇ پائالىىيەتتە ئىككى ئاپتوموبىلنى ئىككى يەرلىك ئەمەلدارغا چىقىرىپ بەردى، بىرسىنى سىتىش بۆلۈمىنىڭ ئالدىدا بىر يىل توختىتىپ قويۇپ ئاخرىدا يۈتتۈرمە قىلدى.
2013-يىلى ساتقۇچى تەرەپنىڭ ئۆينى باشقىلارغا سىتىۋىتىش، زاكالەت پۇلىنى قايتۇرۇپ بەرمەسلىك قاتارلىق تەھدىتلرى ئارقىسىدا بانكا قەرىزى بىجىرىپ بەردىم،بۇ چاغدا ئۆينىڭ كۆلىمى ئەسلى كىلىشىمدىكىدىن بىر كىۋادىرات مېتىر كىچىكلەپ كەتكەن ئىكەن. قۇرۇلۇش باشلاپ بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، 18 قەۋەتلىك بىنانىنىڭ 6-قەۋىتىمۇ پۈتمەستە ئۇلارغا 280 مىڭ يۈەننى تۆلەپ بولدۇم، ئۇلارنىڭ ۋەدىسى بويچە (كىلىشىمدە بۇ مەزمۇن يوق) ئۆينى 2013-يىلى 10-ئايدا تاپشۇرۇپ بىرىدىغان بولدى.
ئۆينى 2014-يىلى 8-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئاچقۇچىنى تارقىتىشقا باشلىدى، يەنە بەرگەن ۋەدىسىدىن 10 ئاي ئۆتۈپ كەتتى، ھىيىتلار ۋە قىش يىقىنلاپ كەلگەن بولغاچقا ئۆتكەن يىلى ئاچقۇچنى ئالغانلار %5 گىىمۇ يەتمەسىلىكى مۇمكىن، مەنمۇ ئاچقۇچنى ئالغۇم كەلمىسىمۇ ئۆينى كۆرۈپ كەلدىم، ھاڭۋىقىپلا تۇرۇپ قالدىم، ئەسلى تاللىغان ئۆينىڭ لاھىيسى %100 ئۆزگەرتىۋىتىلگەن، قۇرۇلۇش كۆلەم كۆپ ئىسىراپ بولۇپ كەتكەن ئىدى. ئاچقۇچ تاپشۇرۇپ بىرىش رەسمىيتىدە ئۆي ئەسلىدىكى 105.92 كىۋادىرات مېتىر كۆلەمدىن( كىلىشىمدە بار) 4 كىۋادىرات مىتىر يەنە، قەرىز بىجىرىپ بەرگەن كۆلەمدىن 3 كىۋادىرات مېتىر كىچىكلەپ 101.49 كىۋادىرات مېتىر بولۇپ قاپتۇ.
ئەمەلىيەتتە ئۇ كىلىشىم دەل بىزنىڭ پۇت-قولىمىزنى چۈشەيدىغان ئارغامچا بولۇپ چىقتى، ئۇلارنىڭ نۇرغۇن ئاغزاكى ۋەدىلىرى بىر-بىرلەپ يوققا چىقتى، ئەمدى بولغاندا مەن قاتارلىق نەچچە يۈز ئادەم شۇلارنىڭ ئالدامچىلىقىنىڭ قوربانىغا ئايلىنىپ كەتتۇق. ۋاقىت ۋە سەھىپە ئىتىبارى بىلەن كىلىشىمنىڭ تەپسىلى مەزمۇنىنى يېزىپ بولالمىدىم، مانا ئارىدىن ئۈچ يىلغا يىقىن ۋاقىت ئۆتتى، ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى تىخى ئالمىدىم، مەن رازى بولمىغان ياكى نامۇۋاپىق دەپ قارىغان تەرەپلەرگە قارىتا ئۇلار بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە ئاغزاكى پاراڭلاشقان بولساممۇ ئۇلار يەنىلا ئۆز گىپىنى گەپ قىلىپ تۇردى، ئەمدى «دەۋا قىلىش ئاستا پويىزى» غا چىقايمۇ ياكى باشقا ئۆي سىتىۋالغۇچىلارغا ئوخشاش،« ئەلھۆكىمىللا، خۇدايىم تەڭشەپ قويار» دەپ بولدى قىلسام بولارمۇ؟ قېرىنداشلارنىڭ سەمىيمى ياردەم پىكىرلىرىنى بىرىشىنى سورايمەن.
ھازىر مەن نارازى بولغان تەرەپلەر:
1.قۇرۇلۇشنى 10 ئايغا يىقىن كىچىكتۈرۈپ پۈتتۈردى، شۇڭا بۇنىڭغا مۇۋاپىق جاۋاپ بىرىلسە.
2.ئۆينىڭ كۆلىمى ئەسلى كۆلەمدىكىدىن، كىلىشىمدىكىدىن 4.43 كىۋادىرات مېتىر، %4.18 كىچىكلەپ كەتكەن، بۇنىڭغا مۇۋاپىق جاۋاپ بىرىلسە
3. ئۆينىڭ لاھيىسى ئەسلىدىكىدىن پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋىتىلگەن، يەنى ئۆي ئىچىگە 3.78 كىۋادىرات مىتىر كۆلەم ئىسىراپ قىلىپ بىر كارىدور چىقىرىلغان، زال چوڭ، ياتاق ئۆيلەر زىيادە كىچىك، ئوبۇرنىسىمۇ بەكلا كىچىك، شۇڭا بۇنىڭغا جاۋاپ بىرىلسە.
مەن ساتقۇچى تەرەپ بىلەن سۆزلەشتىم، لىكىن ئۇلار بىرسىگىمۇ يىقىن كەلمىدى،ئۇلارنىڭ جاۋابى:
1. تەلەپكە ئۇلارنىڭ جاۋابى : بىز پەقەت 8 ئاي كىچىكىتۈردۇق، قانۇندا بۇنىڭغا يول قويۇلغان، لىكىن كەچۈرۈم سوراش ئۈچۈن 2014-يىلى 6-ئايدىن 2015-يىلى ئالتە ئايغىچە بولغان خوجىلىق ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىۋەتتۇق دېگەندىن ئىبارەت.
2. تەلەپكە جاۋابى:قانۇندا %3 ئەتىراپىدا كىچىكلىسە بولىدۇ، دەپ بار، شۇڭا بىز سەۋەنلىك ئۆتكۈزمىدۇق.
3. تەلەپكە جاۋابى: قەتئىي يالغان گەپ قىلىۋاتىسىز، بىز لاھىيەنى ئۆزگەرىتمىدۇق، لاھىيە ئەسلىدىكىسى شۇ.... ( مېنىڭ قولۇمدا ئەسلى لاھىيەگە ئائىت ھىچقانداق توختام ماددىسى، ئىسپات بولمىغاچقا، شۇلارنىڭ گىپى گەپ بولىۋاتىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئولتۇراق رايونىدىن ئۆي سىتىۋالغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دىگۈدەك ئۆي لاھىيەسى ئۆزگەرتىۋىتىلگەن)
ئەمدى مەن يۇقارقى تەلەپلىرىمگە جاۋاپ تېپىش ۋە ساتقۇچى تەرەپ بىلەن تىخىمۇ ئىلگىرلەپ مۇنازىرگە چۈشۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك سۇئال ۋە مەسىللەرگە ئۇچىردىم، ئادۇۋكاتلار جاۋاپ بەرسىكەن.
1. ئاتالمىش «تاۋار ئۆينى ئالدىن سىتىش-سىتىۋىلىش كىلىشىمنامىسى» ساتقۇچى بىلەن مەن ئوتتۇرىمىزدىكى سىتىش-سىتىۋىلىش ھەركىتىنى چەكلەش ۋە تەدبىقلاشتىكى ئەڭ ئاخىرقى ئۆلچەممۇ ياكى دۆلەتنىڭ ئۆلچەملىك توختامنامىسى بولامدۇ؟ ئۇنىڭ قانۇنسىز توختام، ياكى تەڭسىز توختام ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا قانۇنىي ئاساس بارمۇ؟
2. بىزگە ئۆي ساتقان ۋاقىتتا كۆرسەتكەن ئۆي لاھىيەسى قۇرۇلۇشنى تەستىقلىغۇچى تەرەپلەردە ساقلىنىشى مۇمكىنمۇ يوق؟ ياكى قۇرۇلۇش ئىدارىسىدىمۇ ھازىرقى ئۆي لاھىيەسى بارمىدۇ؟ بىر كۇرپۇستىكى 16 ئادەمدىن يىرىمدىن كۆپى لاھىيەنىڭ ئۆزگىرەپ كەتكەنلىكى ھەقىقدە ئىسپات بەرسە قانۇنى ئىسپات قىلىشقا بولامدۇ؟
3. ئاتالمىش «تاۋار ئۆينى ئالدىن سىتىش-سىتىۋىلىش كىلىشىمنامىسى» دىكى ئۆينىڭ كۆلىمىدىن ھازىرقى كۆلەم 4.01 كىۋادىرات مېتىر كىچىكلەپ كەتكەن، بۇ ئۆينى قايتۇرۇش ياكى تۆلەم ئىلىشتىكى ئاساس بولالامدۇ؟
4. قانۇندا قۇرۇلۇشنى كىچىكتۈرۈپ تاپشۇرغانغا قارىتا قانداق بەلگىلىمە بار؟ قورودىكى گۈللۈك ،فونتان قاتارلىقلاردىن ئەسەرمۇ يوق ،ھويلا ۋە ئۇنىڭ ئاستى پۈتۈنلەي ھەقلىق مەشىنا توختىتىش رايونى بىرتۈپمۇ كۆچەت تىكىلمىگەن ،ئاپتۇماتىك گېنراتورلۇق لېفىت دىگەنمۇ يالغان ئىكەن، مۇشۇ تۈرلەردە دۆلەتنىڭ قانداق ئۆلچىمى بار؟ قۇرۇلۇش قىلغۇچىنىڭ قولىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئىجازەتنامىلەردە بۇ تۈرلەر بولىشى مۇمكىنمۇ؟
6. بۇ ماجىرانى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورنى سورامدۇ ياكى سوت مەھكىمىسىمۇ؟ ئەگەر سوتقا چۈشسەم قانچىلىك داۋا ھەققى تاپشۇرۇشۇم مۇمكىن؟
7. ئۆينى قايتۇرىۋىتىش ياكى ئۇلاردىن مۇۋاپىق تۆلەم ئىلىشىم ئۈچۈن يەنە قانداق قانۇنى ئىسپات، ئاساسلار بولىشى مۇمكىن؟
گەپنىڭ قىسقىسى ئۇلار قىلغان ۋە ھازىرمۇ قىلىۋاتقان يالغان ۋەدە، چىرايلىق گەپ، ئادەم ئالداش ۋە مەن تارىتقان زىيان، رىئاللىق پەقەت ئىددىيەمدىن ئۆتمىدى، بۇ 3 يۈەنلىك ئەمەس 300 مىڭ يۈەنلىك سودا، پات-پات قىلىۋالغىلى بولىدىغان سودا ئەمەس، ئاشۇ يارىمىغان ئۆيدە، ئاشۇ سەمىمىيەتسىز كىشىلەرنىڭ خوجىلىقى ئاستىدا يەنە 70 يىل ئۆتۈشكە كۆزۈم يەتمىدى. مەن زادى قانداق قىلىشىم كىرەك؟
يۇقارقىسى پەقەت مەنلا ئەمەس، خىزمەتداشلىرىم، دوسىتلىرىم ۋە يۇرىتداشلىرىم بولۇپ 500 دىن كۆپ ئادەم ئۇچىرغان مەسىلە، شۇڭا بىلىدىغانلارنىڭ بىلىدىغىنىنى ئايىماي مەسلەھەت بىرىشىنى سورايمەن، نۆۋىتى كەلگەندە ھەقىيقى سالاھىتىم بىلەن تور يۈزىدە ساتقۇچى سودىگەرلەرگە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىشىم مۇمكىن.
|