ئۇدۇلدىكى قوشنىمىزنىڭ ئىسمى ھاشىم ، تونۇش-بىلىشلەر ،ھەم مۇشۇ ئەتراپتا ئولتۇرىدىغانلار بۇ ئادەمنى ھاشىمھاجى دەپ چاقىرىشىدۇ. ئانچە-مۇنچە ئۆزى بىلەن تەڭ كىشىلەرنىڭ ئۇنى ھاشىم دەپ چاقارغىنىنىمۇ ئاڭلاپ قالىمەن. دادامدىن <بۇ ئادەمنىڭ ئىسمى ھاشىم ئىكەن ، بەزىلەر ھاشىمھاجى دەيدىكەن ، بەزىلەر ھاشىم دەيدىكەن ، زادى قايسى راس> دەپ سورىسام < ھاشىمھاجىكا دەپ چاقىرساڭ خوش بولىدۇ > دەپ جاۋاپ بەرگەن ئىدى ، شۇڭا مەنمۇ ئۆزى بار يەردە <ھاشىمھاجىكا >دەپ چاقىرىپ ، بىرەرسى ئىسمىنى سوراپ قالسا<ھاشىماخۇن < دەپ بىرىپ يۈرىۋېرەتتىم . بىر كۈنى بىرەيلەن قورۇدا چىقىپ كىتىۋاتسام ئالدىمنى توسۇپ<ماۋۇ ئۈچىنجى قەۋەتتە تۇرىدىغان ئىگىز ئادەمنىڭ ئىسمى نىمە ئىدى ئۇكام ، بىر ئىش بىلەن ئىزدەپ كىلىۋىدىم< دەپ سوراپ قالدى ،‹ھە ، ھاشىماخۇن › دەپ تۇرىشىمغا ھاشىمھاجىكام قورۇنىڭ ئىشكىدىنلا ئۆزى چىقىپ قالدى ، چاندۇرمايلا< ئاكا تىچلىقمۇ ، باركەنسىز ھە > دىسەم ، يىراقتىلا چاقماقتەك كۈلۈپ تۇرۇپ < ھاجى بولغىنى كەتتىمىكىن دىگەنمىتىڭ ئۇكام ؟> دەپلا كىلىپ كۆرۈشتى . راس ھاجى بولغانمۇ يا نىمىسى نىمە بولغان ئۇنى مەنمۇ بىلمىدىم ، گەپنىڭ ئۆزىگە كەلسەك ھاشىمكام( ھاشىمھاجىكام ) قىززىق ئادەم ، ئۇ يىلدىن بۇ يىلغا زادى نىمە ئىش قىلىۋاتقىنىنى مەنمۇ بىلمەيمەن ، لىكىن نىمە ئىش قىلىۋاتقىنىمىزنى ئۆزى بەش قولدەك بىلىپ تۇراتتى. مەن ئۆزەمچە ھاشىمكام مۇشۇ بىزنىڭ قورۇدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ نىمە ئىش قىلىۋاتقىنىنى ، قانداق ئادەملىكىنى بەش قولدەك بىلىدۇ دەپ ئويلاپ يۈرسەم يەنىلا دادام ماڭا ئۆزەمنىڭ سەل ئاددى ئويلىۋالغىنىمنى ھىس قىلدۇردى ، دادامنىڭ دەپ بىرىشىچە ھاشىمكامنىڭ بۇ مەھەللىدىكىلا ئەمەس ، دۆلەت ئىچى ھەتتا خەلىقئارا ئىشلاردىنمۇ خەۋرى بارمىش. مەن < ئۇ ئادەم يا كىتاب ئوقىمىسا ، كۈندە چىقىۋاتقىنىنى ، كىرىۋاتقىنىنى كۆرىمەن. يا بۇ يەردىن باشقا يەرگىمۇ بارمايدۇ ، نەدە تۇرۇپ ئۇنداق جىق نەرسىنى بىلىدۇ ئۇ ئادەم> دىسەم ، دادام پىيالىدىكى چېيىنى كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ئىچىۋىتىپ<ھەممە ئادەم كىتاب ئوقۇسا ، پالانى كىتابتىن ئالغان تەسىراتىم دەپ ئۈندىدارغا چىقىرىپ قويمايدۇ ، ياكى ما ئاستى قەۋەتتىكى ھېلىقى بىلەرمەن ساقال تاغىقى ئاداشتەك كۈندە كىتابتىن بىرنى قولتۇقلىۋېلىپ قورۇنىڭ ئالدىدىكى ئادەم جىق يەرگە بېرىپ كىم گەپ قىلسا شۇنىڭ ئاغزىغا چىكىتتەك قاراپ ئولتۇرمايدۇ قارا> دىۋىدى شۇنىڭدىن كىيىن ئۈندىدارغا ئوقىغان كىتاپ توغۇرلۇق ھېچنىمە چىقارمايدىغان بولدۇم . ھاشىمكام چاقچاقچى ئادەم بولغىنى بىلەن بىرەر ئادەمنىڭ چاقچىقىنى كۆتۈرەلمەي قېيداپ قالغىنىنى بىلمەيمەن ، گەپنى يامان ئەمەس ، تېتىملىق قىلاتتى . مەن بۇ ئادەمنى بىلىملىك دەي دىسەم يۈرۈشى مۇشۇ ئىدى ، بىلىمسىز دەي دىسەم خېلى-خېلى ئادەملەرمۇ بۇ كىشىدىن دەپ تارتاتتى ، بىر مەزگىل<زادى مۇشۇ ئادەم بىلىملىكمۇ -بىلىمسىزمۇ ؟> دىگەن بىرەسمى مەسلە ئۈستىدە ياندىن ئىزدىنىش قىلىپمۇ باققانتىم ئۆزەمچە ، ئىزدىنىشلىرىمنىڭ نەتىجىسىدە بۇ سوئالىم< ھاشىمكامنى قويۇپ تۇراي ، ھاشىمكامنى زادى ئۇنداقمۇ-بۇنداقمۇ دىگۈدەك مەندە دەسمىي بارمۇ ؟> دىگەن سوئالغا ئۆزگىرىپ كەتتى . بۇنداق ئويلىشىمغا يەنە شۇ دادام سەۋەپ بولغانمىكىن دەيمەن ، دادام ئۆزىنىڭ زىيالىيلىقىنى ئىتىراپ قىلغىنى ئۇنىمايدىغان بىر كىشى ، باشقىلار ئۆزىنى<زىيالىي > دەپ قالسا ئازراق قاپىغى تۈرۈلۈپ قالىدۇ ، <ھاشىم تەتقىقاتى> بىلەن يۈرگەن بىر كۈنۈم دادام بىلەن سىرىتقا چىقىپ كىتىۋاتسام ھاشىمكام ئىسېل كاستۇملارنى كىيىپ ، قېتىپ چىقىپ كىتىۋېتىپتۇ ، چىرايلىق كۆرۈشۈپ سالاملاشتۇق ، كىتىپ قالدى ، <ماۋۇ ئادەم ياشىرىپ شۇنداق روھلۇق بولۇپ كىتىپتىغۇ بۈگۈن>دىسەم دادام <ئۆزىگە دىگەن بولساڭ خوش بولاپ كىتىتى ھاشىمھاجىكاڭ> دىدى . < ھە > دەپ قويدۇم . يەنە بىر كۈنى يەنە دادام بىلەن پەلەمپەيدىن چىقىپ كىتىۋاتساق يەنە شۇ ھاشىمكام ئۈستى-بېشى توپا ، قولىدا گۈرجەك ، يەنە باشقا نەرسىلەر پالاقشىپ چۈشۈپ كىتىۋاتىدۇ ، سالاملاشتۇق ، چۈشۈپ كەتتى< ماۋۇ ئادەم نىمە توپا چىراي بۈگۈن> دىسەم ، دادام <ھىلىمۇ ياخشى ئۆزى بار يەردە دىمىدىڭ ، تىرىكىپ كىتەتتى ، ھەركىمنىڭ ئۆزىنىڭ تۇرمۇشى بار > دەپ قويدى ، كىرىپ كەتتۇق . ئالدىنقى كۈنى ماشنىنى قورۇغا توختۇتۇپ ئەمدى بېشىمنى چىقىرىشىمغا ھاشىمكام يەنە ئۇچراپ قالدى ، ئەمدى بىر پاراڭلىشىپ تۇرىۋىدۇق قورۇنىڭ يەنە بىر چېتىدىكى ئىككى خوتۇن جىدەللىشىپ ،ۋارقىرىشىپ كەتتىبىرسى -بىرسىنى ساراڭ دىسە ساراڭ دىيشىپ ئىككىلىسى خۇددى ئىشىكلىرىدە ئالالمىغان دەردى باردەك جالاقشىتىپ يېپىشىپ كىرىپ كىتىشتى< توۋا ، نىمانداق قىلىدىغاندۇ ماۋۇ خوتۇنلار بىر-بىرلىرىنى چىشلىشىپ> دىسەم ھاشىمكام كۈلۈپ تۇرۇپ <ئوڭشلىپ كىتىدۇ ئۇكام ، خەقلەر كازافىي بىلەن سادامنى خەق ئۈچۈن چىشلىشىپ مانا ئۆزلىرى دات تولىشىپ يۈرۈشمەمدۇ. ئىككى توك-توك خوتۇن چىشلەشسە ھېچ گەپ ئەمەس ، ئەتە يەنە سۈيقاش سۇنۇشىدۇ بۇلار> دىدى . <ئاكا قىززىق گەپ قىلىسىز جۇمۇ> دىسەم ،<ما ئۇكامنىڭ گىپىنى ، ئىسىڭدە بولسۇن ، قوشناڭدىن رەنجىمە جۇمۇ ھەرگىز . > دىدى . -ياق قوشنىلاردىنغۇ رەنجىمەيمەن . -ئەمسە مەيلى . -ھاشىمكا ئالدىراشمۇ يا ؟ - بىرەر دۆڭ بارمىتى تۈرتىۋىتىدىغان ؟ -ھاھا ، سىزگە دۆڭ تۈرتكۈزگىنى بولمايدۇ . -ھە ئەمسە مەيلى ، ھاشار چاپقاندىن پاراڭ سوققان ياخشى، سەن بالىمىغۇ بەلەن گۇي . -ھاشىمكا ، ئانچە-مۇنچە ھازىرقى ئىشلارغىمۇ دىققەت قىلىپ تۇرامسىز ؟ -قانداق ئىشلارغا ؟
- ئەمدى دەيمەنغۇ ، ھەرخىل پاراڭ ،مەسلىلەر دىگەندەك . - كىلە ما يەردە ئولتۇرىمىز .
يەنە بىر قوشنىمىز ئاپتاپ سۇنغىنى قويۇپ قويغان ئورۇندۇققا كىلىپ ئولتۇردۇق . -مۇنداق گەپ قارا ئۇكام ، ھە بالام دىسەممۇ بولىدىغۇ ھە سىنى ، سەنمۇ خېلى ئەقىللىق بالا بولدۇڭ ، خېلى ئىش چۈشىنىسەن. -رەھمەت .
-مۇنداق گەپ قارا ، ئادەم بولغاندىكىن ئەتراپتىكى ئىشلارغىلا ئەمەس ، مۇشۇ دۇنيادا نىمە ئىش ، نىمە گەپ ، بۇنى بىلىپ تۇرۇش كىرەك . -دۇرۇس ، دۇرۇس .
- ئىككى مەلىم بەك دىيىشىپ كەتتىغۇئۆتكەندە ؟ -قايسى ئىككى مەلىمنى دەيسىز ؟
-ھېلىقى بىرسى ماۋۇ تىلىۋىزوردا چىقىدىغان، مۇنىرە غوپۇرنىڭ پىروگىراممىسىدىكى ئورۇق بالا ، يەنە بىرسى بىر ئايال دەيدۇ ،مەن كۆرمەپتىكەنمەن . - ھە ھە ، بىلدىم ، شۇنداقراق بىر ئىشبولغان . سىزمۇ بىلىدىكەنسىز ھە ، مەن تېخى ... - ھە مىنى بىلمەيدۇ دەپ ئويلىغانمىتىڭ ،بەك بىلەرمەن چاغلىما ھە ئۆزەڭنى . ھاشىمكام چاق –چاق ئارىلاش سۆزلەۋاتاتتى .
-ياق ئاكا ، سىزنىڭ ئالدىڭىزدابىلەرمەنمىلىك قىلىشقا ھەددىم ئەمەس . - مىنىڭ ئالدىمدا ئەمەس ، ھېچكىمنىڭ ئالدىدا بىلەرمەنلىك قىلساڭ بولمايدۇ ، گىپىم قاتتىق كەتمىدىغۇ ھە ؟ -ياق –ياق ، قاتتىق ئەمەس .
-ئەمسە ياخشى ، سەن بىلەرمەنلىك قىلساڭ ،سەندىن بىلەرمەن بىرسى چىقىدۇ ، سەن نوچىلىق قىلساڭ سەندىن نوچى بىرسى چىقىدۇ .شۇندقمۇ يا ؟ - توغرا دىدىڭىز .
- نىمىشقا دىسەڭ ، مەن ئۆمرۈمدە جىق نوچىنى كۆرگەن ، جىق چېلىشقىمۇ چۈشكەن ، كۆردۈڭمۇ ماۋۇ تارتۇقنى ؟ ھاشىمكام يۈزىنىڭ سول تەرىپىدىكى تارتۇقنى كۆرسەتتى . -ۋوي مەن بۇنى قورۇقمىكىن دەپ يۈرۈپتىمەن جۇمۇ نەچچە ۋاقتىن ، ئەسلى تارتۇق دەڭا بۇ . - ئەللىككە كىرىپ بولغۇچە قورۇپ باسمايدۇ ھەي ئۇكام بىزنى . شۇ نوچىلىقنىڭ تارتۇقى شۇ . -ياشلىقىڭىزدا يەپ بېقىپتىكەنسىز دە قارام مۇشتىن بىر-ئىككىنى ، ھې ھې . - مۇش ئەمەس .
-ھە ھە ؟
-ياش ۋاقتىمدا ماۋۇ ئايىمخاچاڭغا كۆيۈپ، ئالىمەن دەپ يۈرگەن چاقتىمدا مەندىن تالىشىپ يۈرىدىغان بىر توخۇنىڭ پوقى بار ئىدى ، بىر كۈنى بازاردىن يېنىپ ئادەم يوق يولدا كىتىۋاتسام تۆتى چىقىپ ئالدىمنى توسىۋالدى ، ھاي دىسەم ئۇنىماي كۆڭلەكنىڭ ياقىسىغىلائېسلىدۇ .مۇشۇ ئۆمرۈمدىچۇ ئۇكام ، ئىككى ئادەمنى كۆرسەم خۇيۇم تۇتىدۇ . -قايسى ئىككى ئادەمنى ؟
-بىرسى مۇشتۇمۇم يوغان دەپ ئۆزىگە ئىشىنىپ مەيدىسىنى كىرىپ يۈرگەن ئادەمنى كۆرسەم قولىنى چانىۋەتكۈم كىلىدۇ ، يەنە بىرسى مەن بەك بىلەرمەن دەپ ئۆزىنى داڭلايدىغانلارنىڭ ئاغزىغا تۈكۈرۈپ قويغۇم كىلىدۇ . -ھاھا .
ھاشىمكامنىڭ گەپلىرىدىن كۈلۈپ كەتتىم . بۇئادەم ئىگىز –بەستىلىك بولغاچقا كۈلۈپ تۇرغاندا خۇش چاقچاقتەك كۆرۈنگىنى بىلەن قاپىقىنى تۈرۈپ قالسا شۇنداق سۈرلۈك كۆرىنەتتى . نىمىشقا دىسەڭ قارا، سىنىڭ مۇشتۇمۇڭ يوغان بولسا ، مۇشتى سەندىن يوغاندىن بىرسى چىقىدۇ ، نوچىلىق قىلساڭ يەيسەن شۇ . -ئاندىن ماۋۇ تارتۇقتەك تارتۇقتىن بىرسى قالىدۇ ، ھە ؟ مەن قەستەن ھاشىمكامنى گەپكە سالدىم .
-سەن ماۋۇ تارتۇققا چاق-چاق قىلما ،مابىتىم بار تارتۇق بۇ ، سەل تۇرۇپ دەپ بىرىمە . -ماقۇل .
-ئاندىن ئاۋۇ بىلەرمەنلەرگە كەلسەڭ قارا ،قەدىمدىن سورىساڭ ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ، يېقىندىن سورىساڭ سادام ھۆسەيىندەك نوچىلارمۇ ئۆتكەن ، نىمە بولدى ؟ مەيلى قانداق بولسۇن ھەممىسى يەنە ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كەتتى . -شۇ ، شۇ .
- ھە ، نوچىلىق ، كىبىرچۇ قارا ، ياخشى نەرسە ئەمەس ، مەن بەك بىلىمەن دىگەنلەرگە خەق پىسسىڭڭىدە كۈلۈپ قويىدۇ كاسىسىچە . -مىڭ پارچە كىتاپ ئوقىغان ئادەمدەك گەپ قىلىسىز جۇمۇ ئاكا. -مىڭ پارچىدىن جىق چىقارمىكى .
- شۇنداق جىق كىتاپ ئوقىغانمىتىڭىز ؟ ئەجەپ مەن بىلمەيدىكەنمەن ، بىرىپ تۇرىڭە بەش -ئوننى . -سىلەرچۇ ئۇكام ، قولىغا كىتابنى ئېلىپ خەقكە كۆرىدىغان يەردە تۇرۇپ كۆزەينىكى قاتۇرۇپ تاقىۋېلىپ يۈرۈيدىغانلارنى ، ياكى كىتابتىن بىرنى سىقىمداپ تۇرۇپ ئىكرانغا چىقىدىغانلارنى كىتاپ ئوقۇپتىكەن دەپ يۈرۈيسىلە . -ئۇنداقمۇ ئەمەس .
- ما تىلىۋىزوردا بىرىدىغان بىرپىروگىراممىدا چىقىدىغان ، دائىم كاستۇم كىيىۋالىدىغان بىر بالا بارغۇ ، ئىسمى نىمە ئارزۇمۇ ، نىمىتى ئىسمى ؟ -كىمنى دەيسىز ئاكا ؟
- ھە ، ھە ، كۆڭۈلدىكى سۆزنىڭ .
-ھە ، ئۆمىد غېنى ئاكىنى دەمسىز ؟
- شۇ شۇ .
- ياخشى ئاكىمىز ئۇ ، ئىدىيسى ئوچۇق ،ياخشى پىكىر قىلىدۇ . - شۇنداقراق يىرىمۇ بار ، ئا بالا كىتابنى بەك جىق ئوقۇيدىغان ئوخشايدۇ ھە . - مىنىڭ بىلىشىمچە شۇنداققۇ دەيمەن .
-لىكىنچۇ قارا ، ئا پىروگىراممىدا ئوبدان سۆزلەيتى ئا بالا ، ئالدىنقى كۈنى بىر نىمىنى چىقىرىپتىغۇ ، بىزنىڭ ئەكبەر ئۆيدە كۆرەپ ئولتۇرىتى ئىڭىكىنى يۆلەپ . - ھە ، ئۆمىد پاراڭلىرى دەپ بىر تورپىروگىراممىسى قىلدى ئۇ ئاكىمىز ، ئەڭ يېڭى تىمىلاردا پاراڭ ، مۇنازىرە قىلىۋاتقان ئوخشايدۇ . -ئۇ قىلغىنى ئوبدان بوپتۇ ، بىزنى بەك قارا قوساققۇ چىقىرىۋىتىپتىمۇ نىمە ھە ؟ -ئۇنداق ئەمەستۇ ؟
- مەن ئۆزەمنى بەك بىلىملىك دەپمۇ كەتمەيمەن ، لىكىن بەك دۆت دەپمۇ قاراپ كەتمەيمەن ، سەن داشۆدە ئوقىغان ، مەنداشۆدە ئوقىمىغان بىلەن بەلكىم ساڭا دەرىس بىرەلەيدىغان يەرلىرىم بار ، شۇنداقمۇيا ؟ - چوقۇم ، چوقۇم ئاكا .
-كىتابنى ئوقۇدۇم دەپ ئەتىدىن –كەچكىچە دۈم يېتىپ ئوقىغىنى بولمايدۇ ،مۇشۇجەمىيەتنىڭ ئۆزى بىر كىتاپ ، شۇنداقمۇ يا ؟ -ھەقىقەتەن شۇنداق .
- سەن ئاۋۇ قەغەز كىتابنى مىڭ ئوقىيالىغىنىڭ بىلەن ماۋۇ جەمىيەت كىتابىنى ، ئادەم بولۇش كىتابىنى ئوقۇشنى بىلمىسەڭ ئوقۇغان قەغەزلىرىڭ نۆل مەن ساڭا دەپ قوياي . -ھاشىمكام بارغانچە ئەستايىدىل سۆزلەۋاتقاندەك قىلاتتى . -كىتابنى ئوقىيالمىسىچۇ ، ھېلىقى رەھمەتلىك بالىنىڭ ئىسمى نىمىتى ؟ -قايسى بالىنى دەيسىز ئاكا ؟
- ئاسيانىڭ چىمپىيونى بولغانچۇ ؟ مۇشلاشچى .
- ھە ، ئابدۇراھمان ئابلىكىم .
-رەھمەتلىكنىڭ گىپى چىقىپ قالدى ، ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن ، ئامىن . -ئامىن .
- كىتابىنى ئوقۇشنى بىلمىسە ، قانداق كىتابنى ئوقۇشنى بىلمىسە ، شۇ بالا تۈگەپ كەتسە كەينىدىن قەھرىمانمىزنى كىم ئۆلتۈردى ؟ دەپ تۇترۇقسىز بىرنەرسە يازغانلاردەك بولىدۇ قارا . -ئۇلارمۇ شۇ بەلكىم ئۆزىنىڭ ئويلىغىنىنى يازغاندۇ . -نىمىنى ئويلايدۇ ؟ كىتاب ئوقىغان ئادەم شۇنداق ئويلامدا ؟ قۇرۇپ كەتسۇن ئانداق نىمىلەرنىڭ ئوقىغان كىتابى . ھاشىمكام تىزىغا شاپىلاقلاپ سۆزلەشكە باشلىدى. -ئاللاھ ئۆلتۈردى ئاللاھ ! بىلىۋاتامسەن ما گىپىمنى ؟ كىتاپ ئوقۇيمەن مانچىلىك ، ۋاي مەن پالانى كىتابنى ئوقىغان دەيدىغان نىمىلەرنىڭ كاللىسى شۇنچىلىكمىكەن ؟ كىتابنى جىق ئوقىۋەتسە ياراتقۇچىنىڭ ھەرخىل سەۋەپ بىلەن ئۆزى بەرگەن جاننى ئۆزى ئالىدىغاننى بىلمەمدۇ شۇلا ؟ ئا مىنىڭ قاراقورساق خوتنۇم جېنىدا قارا ، ئۆلەپ كىتىپتۇ دىگەن گەپنى ئاڭلاپ قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئاھ قىلىپ جەننەت تىلىدى خۇدادىن ، كىتاپ ئوقىغانلار بىر جاننى كىمنىڭ ئۆلتۈرگەننىڭ ، قايسى جەمىيەتنىڭ ئۆلتۈرگىنىنىڭ سورىقىنى قىلىدىغان كىمكەن ئۆزى ؟ئۇنداق كىتاپ ئوقىغان پاخ-پاخ زىيالىيلاردىن قارا ، يەنە مۇشۇ مىنىڭ ساۋاتسىزخوتنۇم ياخشى جۇمۇ . كىتاپ ئوقىمىغان بىلەن ئادەم بولۇشنى بىلىدۇ ، ئۈچ بالىنى داشۆدە ئوقۇتتى ئىشقىلىپ . قانداق ئادەم بولۇشنى بىلمىسەڭ مىڭ كىتابنى ئوقىۋەتسەڭمۇ بىكار ئۇ . ئىسىڭدە تۇرسۇن ، ما بىزنىڭ ئۇيغۇر جەمىيتنى بىز تۆرىلىشتىن بۇرۇن قانداق ئۇنى مەن بىلمىدىم ، مۇشۇ ھازىر ئۇيغۇردەك ئۆزىنىڭ ئېسىل ئادەملىرىنى ھۆرمەتلەيدىغاندەك يەنە بىرنى تاپلاميسەن مەن ساڭا دەپ قوياي ، چەتئەل -پتئەل ، كۇلى ئىچكىرلىرىڭنىمۇ كۆردۇق ، چولپان ، داڭدارلىرىنى رەسۋا قىلىپ تاس قالىدۇ شۇلار ، ما شىنجاڭدىن چىقىپ باقمىغان ، مەلىسىنىڭ نېرىسىدا كىم بار شۇنى بىلمەيدىغان نىمىلەرنىڭ ما خەلقنى چىشلەپ تاتقانلىرىنى ۋاي مەن قانداق قىلاي . -ھەدىمىز راس ياخشى ئايال ، ئۆزىمۇ شۇنداق ئوڭلۇق . - ھە دەيمەن ، شۇڭا شۇ ساۋاتسىز خوتۇننى ئالىمەن دەپ ھېلىقى تۆت نوچىنى دۇمبالاپ ، چىدىماس گۇيلا كەينىمدىن كىلىپ ئۇرىۋىتىپ قالغان تارتۇق ماۋۇ شۇ . ھاشىمكام ھېلىقى تارتۇقىنى يەنە بىركۆرسىتىپ قويدى . -سىزمۇ قاراپ تۇرمىغان بولغۇيتىڭىز ھەكالتەك بىلەن سالسا ؟ - ماڭ قارا ، ھازىر ما باللا تاياققائەمەس ، گەپكە چىدىماي بىر-بىرسىنى توردا تىللايدىغان بولىۋالدى دەيدۇ . ئوغالبالا دىگەن بارغۇ ۋىجدانىمىز ، غورۇرىمىزغا تاقىلىدىغان ئىش بولسا ھىلىغۇ كالتەككەن ، تىغقىمۇ تىك بارالىساق بولىدۇ . لىكىن ئا توردا تىللىشىش ۋىجدانى بارلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ مەن ساڭا دەپ قوياي . ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ، لۇتپۇللا مۇتەللىپ دىگەنلەر بەلكىم مۇشۇ ھازىر ئۆزىنى بەك ئىلىملىك چاغلايدىغان ،< ئۇيغۇرلار كىتاپ ئوقىمايدۇ يەي ، مەن چەتنىڭ كىتابلىرىنى ئوقۇيمەن يەي ، مەن كىتابخانىغا كىرسەم ئۇيغۇرلار كىتاپ ئوقىمايدىكەنەي >دەپ نالە-پەريات قىلىۋاتقانلاردىن كىتابنى ئاز ئوقىغان بولىشى مۇمكىنغۇ ھە . - شۇ جۇمۇ ، 20-30 يېشىدىلا كەتكەنلەرئەمەسمۇ . - نەق شۇ ، ئاۋۇلار ئاران 20-30 يېشىغىچە كىتاپ ئوقىغان ،ئۇ چاغدا كىتاپ ئاز تېخى ، لىكىن مانا ھازىرغىچە نامى ئۆچمەۋاتىدىغۇ ؟ نىمىشقا ؟ ئا ۋىجدان بار باللار ئاۋۇ ، ما ھازىرقىلاردەك كۆپۈك ۋىجدان ئەمەس ، رەسمى ئەركەك ۋىجدان بار باللا جىما ئاۋۇ . شۇڭا قورقماي تىغنىڭ ئالدىغا بارالايدۇ . ئاۋۇلار مانا ھازىرقى مەمەدانلاردەك ئاتالمىش كىتابىنى جىق ئوقىمىسىمۇ نەپ بىرىدىغان ، پايدىلىق يىرىنى ئوقىغان ، ئاندىن كەمتەرلىك بىلەن شۇ بىلىمىنى خەلقىگە بەرگەن ، ئەڭ ئاخرىدا يامان يىرى كەلگەندەك جاننىمۇ بەرگەن . - راس دەيسىز ، شۇ شىھىتلەرنىڭ روھى يۈتمىسۇن بىزدىن . - روھى يۈتمىسۇن دەپ كەتكەنلىرىڭىنى ، ۋىجدان دىگەن بارغۇ قارا ، مەن دەپ بىرەيمۇ ،يىزىدىكى قارا قورساق ، يەر تېريىدىغان ، قولى قاداق ، كەتمەن ، ئارا تۇتىدىغان دىھقاندا بار جۇمۇ ھازىر ؟ مەن ھاشىمكامنىڭ گىپىنى تازا چۈشىنەلمەي ئۇنىڭ كۆزىگە قارىدىم . -نىمىشقا دىسەڭ ، قېنى بېرىپ ئېتىزىنىڭ يېنىدىن ئۆتكەچ بىرەر دېھقاننىڭ قىزىغا قاش ئېتىپ باقە قېنى ، كۆرەپلا قالسا كەتمەن بىلەن ھوشۇقىڭنى چېقىۋىتىپ نىمە كۈن كۆرسە ئاندىن كۆرىدۇ ئاۋۇلار . گەپنى چوڭ قىلىدىغان ئاتالمىش بىلمدارلارچۇ ؟ يۇمشاپ ئاشۇمىجەزى بوشاپ ، خوتنىنى بىرەرسى تانسىغا تارتىپ قۇچاقلاپ يۈرسىمۇ ‹جەمىيەتنىڭ تەرەققىياتى›دەپ ئۆزىنىڭ بىلى بوشلۇقىغا جەمىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى سەۋەب قىلىپ قويىدۇ ،جەمىيەت تەرەققى قىلدى دىگەن گەپ خوتۇنۇڭنىڭ بىلىنى كىم تۇتسا بولىدۇ دىگەن گەپ ئەمەستۇ ئۇ ؟ سەنغۇ توي قىلمىدىڭ ، قارا تېخى مانىڭ يالغان نۇمۇس قىلىپ يەرگە قاراپ ئولتۇرۋېلىپ كەتكىنىنى . -ھاھا ، قىززىقچى ئادەم جۇمۇ سىز .
- مەن مۇشۇ كىتابنى جىق ئوقىغانلار بىلەن جىق ئارلاشقان ، بىر ئاغىنىمىز بولىدىغان ئەتىدىن كەچكىچە چەتنىڭ كىتابىنى ئىزدەپ تىلەپ ئوقۇيدىغان ، كەينىدىن تىتەم –پەتى بولاپ قالدى ئا بالا . -قانداق تىتەم-پەتى بولاپ قالدى ؟
- مۇنداق گەپ قارا تۇرسۇنبەگ ئۇكام ، سەن چەتنىڭكىنى ئوقىساڭ بولىدۇ ، لىكىن كاللاڭدا ئېنىق سان بولۇپ ئاندىن ئوقۇ ،نىمىشقا؟كىتاپ دىگەن ئىدىيە ئاۋۇ ، كىتابنى يازغان ئادەمنىڭ ئىدىيسى بىلەن يېزىلىدىغان نەرسە ئۇ ، ئامرىكىلىق ئۆزىنىڭ ئامرىكا ئىدىيسىنى سىڭدۈرۈپ يازىدۇ ،خىرىستىئانمۇ ئۆزىنىڭ ئىدىيسىنى سىڭدۈرۈپ يازىدۇ ، شۇڭا مەن مانچە چەتنىڭ كىتابىنى ئوقىغان دەپ پو ئاتقىنىڭ بىكا ئۇ ، شۇنى قانداق ئوقۇشنى ، قانداق يىرىدىن پايدىلىنىشنى بىلمىسەڭ . بولمىسا سەنمۇ بوشاپ كىتىسەن بولاق مانتىنىڭ خېمىرىدەك . -بۇ دىگىنىڭىزنىمۇ ئاساسى بار .
-ئابدۇرېھىم ، ئابدۇشۈكۈر دەيدىغان تەڭ دىمەتلىكلىرىمىز بار ئىدى ، رەھمەتلىكلەرمۇ جاھاننىڭ خوۋلۇقىنى كۆرۈپ بولالماي كەتتى ،ياتقان يىرى جەننەت بولسۇن ، ئۇلارمۇ بەلەن يازىتى ، بىزنىڭ ئادەملەر يازمايدۇ ئەمەس ، يازاي دىسە تازا يازىدۇ . ساڭا يەنە شۇنى دەپ قوياي ، ھەرگىز خەلقىڭدىن رەنجىيدىغان ئىشنى قىلماجۇمۇ . ما خەلىق دىگەن بەك چوڭ ، بەك ئۇلۇغ نىمە ماۋۇ ، مانىڭغا چاق – چاق قىلىدىغان ، بۇنى ئانداق-مانداق دىسەڭ كۇپۇرلۇق ئۆتىدۇ ، خەلقىڭ ھېچقانداق ئەمەس ، بىر قانداق دىسەڭ شۇ سەن ئۆزۈڭ شۇ ، سەن شۇ خەلىقنىڭ ئىچىدىكى بىر بۇردا سەن شۇ ، سەن قانداق بولساڭ بۇ جاھان ،بۇ خەلقىڭ ساڭا شۇنداق كۆرنىدۇ . - جىڭ گەپ قىلدىڭىز .
-ھە ئاندىن يادىمدا بار چاغدا دەپ قوياي يەنە ، ئۆمۈدلۈك ياشاڭلا ، ياش بولغاندىكىن ، ئاتمايدىغان تاڭ يوق ، ھەممە نىمىدىن قاقشىماڭلا ئۇكام ، نىمىدىن قاقشىساڭ شۇ بىر نىمە كۆزەڭگە ئاسماندىكى كۈندەك كۆرۈنۈپ كىتىدۇ . كىتابنى ئوقۇ ، ئوقۇغۇنىڭنى پەش قىلما ، ياخشى ئادەم بول ، لىكىنمەن ياخشى ئادەم دەپ جار سالما ، راس ياخشى بولساڭ ئۇنى خەق بىلىدۇ ئۆزى . -ماقۇل ئاكا .
-ئاندىنچۇ ، سەن مۇشۇ خەلقنى ، مۇشۇ يەرنى سۆي ، ئەركىشى بىرسى ئۆزىنىڭ ئائىلىسىنى سۆيمەك كىرەك ،ئائىلىسىنى سۆيمىگەن ئەركەك بىجىرىم ئەركەك ئەمەس ، يەنە بىرسى ئاتا-ئانىسىنى سۆيمەك كىرەك ، سىنىمۇ باللىرىڭ ھۆرمەتلەيدىغان بولىدۇ . يەنە بىرسى مۇشۇ ياشاۋاتقان تۇپرىقىنى ، مۇشۇ يەردىكى خەلقىنى سۆيمەك كىرەك ، بۇنى قىلالمىساڭ سىنى رەسمى ئەركىشى دىگىنى بولمايدۇ ، كىملىك گۇۋاھناماڭغا ئەر كىشى دەپ يېزىۋالغىنىڭ بىكا ئۇ . - سىز بىلەن ئانچە-مۇنچە پاراڭلىشىپ تۇرىلى ئاكا . - قىلىدىغان ئىشىم يوق بىكارچى بولغاندىكىن ھە مەن ؟ -ھاھا .
ئەمدى تېخى يەنە بىر گەپكە ئاغزىمنى ئۈمچەللەپ تۇرسام ھاشىمكامنىڭ نەۋرىسى چىقىپ<مومام تاماق پىشتى دەيدۇ ، چوڭ دادا > دەپ قالدى ، ھاشىمكامنىڭ نەۋرىسىنى قۇچاقلاپ كۆتۈرۈپ سۆيۈپ كەتتى. -تاتلىقلىقىڭنى سەن جىننىڭ .
ھاشىمكام ماڭا قارىدى .
-قوپمامسەن ئۇكام ، ما سوغاقتا گەپكە سېلىپ سەنمۇ ئادەمنى ، چاپلاپئولتۇرىۋىرىپتۇ ، بىللە تاماق يەيمىز ئەمدى توڭغان يەرگە بارىدۇ . -ھاھا ، نىمە تاماق ئەتكەندۇ .
ھاشىمكام نەۋرىسىدىن سورىدى .
-نىمە تاماق ئىتىپتۇ چوڭ ئاناڭ ؟
- چۆچۈرە .
ھاشىمكام ماڭا قارىدى .
-يەمسەن يا ؟
- ئازراق ئىشىم بار ئىدى ، بوپتۇلا ، چۆچۈرىنى ئىچىپ بولۇپ ئاندىن قىلاي . -ماڭە ئەمسە .
ھاشىمكام بىلەن ئىشىكتىن ئالدى – كەينى كىرگەچ سورىدۇم . -ئاكا ، ما باياتىن دىگەنلىرىڭىزنىڭ بەزىلىرىنى رەتلەپ يېزىپ چىقىرىپقويايمۇ ؟ -نىمىنى ؟
- ئا بايىقى پاراڭلارنىچۇ ؟
- يا ئاللا ئۇكام ، پاراڭنىمۇ يازىسىلە دىگىنە ئەمدى ، مەن مۇنداق بىر دىيشىدىغان پاراڭنىمۇ ئالدىغا ئاپارات قويىۋېلىپ قىلىدىغان بولاپ كىتىپتۇ ما خەق دەپ ئولتۇرسام ، بىزنىڭ قورۇدىن پاراڭنى رەتلەپ يازىدىغان سەن چىقىپسەندە ، ھاھا . - ھاھا ، ياق ئاكا ، ئەمدى شۇ باياتىندىن ئىككىمىز پاراڭلاشتۇق ، شۇڭا باشقىلارمۇئاڭلاپ باقسا دەيمەنغۇ . - سىلە ياش باللارنىڭ قىلىدىغان ئىشىڭلار يوق ھە ، بىكارچىلىقتىنغۇ ھەممەئىش چىقىدۇ زادى . - ھاھا ، ياق بىكارمۇ ئەمەس ئاكا .
- نىمە قىلساڭ قىلە ، مىنى دىدى دىمە ئىشقىلىپ ، ئەمدى ئەتە قوپۇپ ئىككى توك–توك گەپنى سىلىمۇئەمدى تورغا چىقىپ دەيدىغان بولۇپ كەتتىڭلىمۇ ھاجىم دەيدۇ ما بۇرادەر باللا . - ھاھا ، سىزنىڭ ئاغىنىلىرىڭىز دەيدۇ ئۇنى چوقۇم .
- دىسە ھەق .
-ئەمسە ئىسمىڭىزنى ئۆزگەرتىۋىتەي .
- ۋاي نىمە قىلساڭ قىلە ، ئايىغىڭنى سالماي كىرىۋەر بولدى ، بۇ بىر خاننىڭ ئوردىسى بولمىغاندىكىن . ھاشىمكام ئىشىكنىڭ بوسۇغىسىدىن كىرگەچ يەنە چاق-چاقتا سوققىلى تۇردى
-كىتابنى جىق ئوقىۋەتكەن ئادەم دىگەننىزە ، مانا مۇشۇنداق بوسۇغىنىڭ تېشىغا كەشىنى سېلىپ قويسىلا ئۆزىنى مەن پاكىز ، ئىلمىي دەيدىغان بولۇپ قالىدۇ . -ھاھا ، بولدى مەن ئادەم بولاي ئاكا .
- ئاۋال چۆچۈرىدە بىر مىھمان بولە . ھوي قېنى سىلە .
شۇ پاراڭلار بىلەن چۆچۈرىنى ئىشتىھا بىلەن يىيىشكە باشلاپ كەتتۇق . |