قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1109|ئىنكاس: 11
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئىبراھىم ئەمەت: قايدىسەن قىزىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

6

دوست

853

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   70.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28753
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 14
تۆھپە : 276
توردىكى ۋاقتى: 64
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-6
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-2 18:19:23 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
قايدىسەن قىزىم
( ھەقىقى دېلوغا ئاساسەن يېزىلدى)
ئىبراھىم  ئەمەت                          
   

"ساۋۇر ئاخۇننىڭ قىزى ھەلىمە يوقاپ كېتىپتۇ" دىگەن خەۋەربىر دەمدىلا بۇ تاغلىق يېزىغا پۇر كەتتى.مانابۇگۇن كۇنگە يەكشەنبە ،ئۆتكەن  يەكشەنبەكۈنى ناھىيە بازىرىدىكى ياتاقلىق مەكتەپكە كەتكىنىچە ئىز-دېرەكسىز غايىپ  بولغان  ھەلىمىخاننى ئاتا-ئانىسىمۇ،مۇئەللىممۇ،دوسلىرىمۇ  ھىچ يەردىن دىرىگىنى قىلالمايۋاتاتتى.ساۋۇر ئاخۇننىڭ45ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان ئايالى قىزىنىڭ دەردىدە قالايمىقان سۆزلەيدىغان بولۇپقالغان ئىدى.ھەلىمىخاننىڭ ئىز-دېرىكى بولمىغانسىرى مەھەللىدە  ئەپقاچتى گەپلەرئاينىپ قالدى.
---ھەلىمىخاننى جىن ئەپقېچىپتۇمىش.
---بەك ئۇزقىزبالا ئىدى،پايلاپ يۇرگەن بىر خوجايىن
ئىچكىرىگە  ئەپقېچىپ كېتىپتۇدەك.
---ياقەي،ئاڭلىساق بىر شەھەرلىك يىگىت ئالداپقاچقانمىش.
  ”بالا كەلسە قوشكەپتۇ“دىگەندەك ،50يىلنىڭ ياقىئۈزىنىڭ بەندىچىلگىنى قىلىپ كەلگەن ساۋۇر ئاخۇنغا قىزىنىڭ يوقاپ كېتىشىدىن كۆرە ،مەھەللەكويلاردا بولۇۋاتقان ھەررەڭ-سەررەڭ گەپلەر بەكلا ھار كېلىۋاتاتتى.
   دېھقان  بولۇشىغا قارىماي ،ساۋۇر ئاخۇن بۇبىر تاللائارزۇلۇق قىزىنى ئالقىنىدا پۇۋلەپ ،ئۆزى قىينالسىمۇ قىزىنىڭ ھىچنىمىسىنى كەم قىلماي مۇشۇ كەمگە كەلگەن ئىدى.ھەلىمىخانمۇ ئەقىللىق ھەم چىرايلىق چوڭ بولغان.مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدى سانىلاتتى.ھەر قېتىم قىزىنىڭ ئەلا نومۇربىلەن سىنىپ ئاتلىغىنىنى كۆرگەندە،تارتقان جاپاسى ئۇنتۇلۇپ ھاردۇغى چىقىپ قالغاندەك يېنىكلەپ قالاتتى.ھەلىمە ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقىپلا باشقىچە بوي تارتىپ تېخىمۇ زىلۋالىشىپ كەتتى.مەھەللىدىكى بۇرۇتى خەت تارتقان بالىلار ھەلىمەماڭغانيولدىن مارىشىپ قالاتتى.تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۇتتۇرگەن يىلى دادىسى يېزىدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭيوقلۇغىنى نەزەرگە ئېلىپ،قىزىنى ئوقۇتماسلىقنىيىتىگىمۇكەلگەن،لېكىن ياخشى ئوقۇپ كەلگەن ھەلىمەنىڭ قار-يامغۇر يىغىسىغابەرداشلىق بېرەلمىگەن دادا يەنىلاھەلىمەنى ئۆز قولى بىلەن يېزىدىن 70كىلومېتىريىراقتىكى ناھىيەبازىرىدىكىياتاقلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئاپىرىپ بەردى. ھەلىمەھەرجۇمە ئاپتۇۋۇز بىلەن قايتىپ كېلەتتى،يەكشەنبە كۇنى مەكتەپكە قايتىپ كېتەتتى.
---ئىسىت،ئوتتۇرامەكتەپتەئوقۇتمىسامبوپتىكەن.قىزىنىڭدەردىدەساۋۇر ئاخۇن ئىككى كۇندىلا قېرىپ كەتكەندەك كۆرۇنەتتى.ئەمدىلا چار باسقانساقال-بۇرۇتى بىر كېچىدىلا ئاقىرىپ كەتتى.قىزىنىڭ .ئامراق تامىغىنى ئېتىپساقلاپ تۇرغانئانا قىزى كېلىشكە تېگىشلىك بولغان جۇمەكۇنى دەرۋازىغاتولاچىقىپ كۆز يۇمماي بىر كېچىنى ئۆتكۇزدى.ئەتىسى ئۇرۇق-تۇققانلارنىڭ ئۆيىنى ئالاقويمايئىزدەپ چىقىشتى.مەكتەپكە باردى،مۇئەللىمدىن ”جۇمە كۇنى قايتىپ كەتكەن“دىگەن جاۋاپنى ئېلىپ قۇرۇق قولقايتىپ كېلىشتى.”بىرەر دوستىنىڭ ئۆيىگەكەتكەنمىدۇ-يە “،ساۋۇر ئاخۇن شۇنداق خىياللار بىلەن مەكتەپكەبېرىپ
بېقىش نىيىتىگەكەلدى .كەچلىك يوقلىما ۋاختى توشتى ،لېكىن ھەلىمىخاننىڭ ئورنى يەنىلا بوش تۇراتتى،ساۋۇر ئاخۇن ئەمدى ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي يىغلىۋەتتى.مەسىلىنىڭئېغىرلىغىنى ھېسقىلغان مەكتەپ رەھبەرلىگى بۇ ئىشقا جىددى قاراپ ج خ ئىدارىسىگە دېلو مەلۇم قىلدى.
※※※
مەھەللىدىن ئالاھەزەل ئون چاقىرىم يىراقتا بىر مال قوتىنىباربولۇپ،لېتىپدىگەن بىر مالچى بۇيەردە ئۆي ماكان تۇتۇپ باشقىلارنىڭ قويىنى باقاتتى.قۇربان ھېيىتقا ئۇلگەرتىپ بوداۋاتقان ماللار مالچىنىڭ ھاردۇغى چىققۇدەك سەمرىگەن ئىدى.ماللارغا ئوغرى تېگىشتىن ھەزەر ئەيلەپ لېتىپ ئاخشىمى ئىتلىرىنى قوتاننىڭ تېشىغا قويۇۋېتىپ، ئۆزى قوتاننىڭ تېشىدىكى كەپىدە ئۇخلايتتى،خۇداغا شۇكرى ،بۇيىل كىرگەننىڭ ياقى  ئوغرى يولاپ باقمىدى.نامازخۇپتەننى ئوقۇپ بولغان لېتىپ ئادىتى بويىچە ئىتلىرىنى ئەگەشتۇرۇپ، قوتاننى بىرئايلىنىپ چىققاندىن كىيىن ،ئورنىغا كېلىپ ياتتى،بۇگۇن ھاۋا بۇلۇتلۇق بولغاچقىمىكىن كېچە ئاسمىنى بەئەينى گۆر قاراڭغۇسى بولۇپ كەتكەن ئىدى.
      قوتاندىن ئۈن يېتىم يىراقتا ئۈچ  قارا كۆلەڭڭە قوتان تەرەپكە قاراپ ئاستا-ئاستايېقىنلاپ  كېلىۋاتاتتى،ئاغزىنىپىلاستېر بىلەن چاپلاپ ئېلىپ ماڭغان ئۇچ تال مۈشۈك تىپىرلاپ زادىلا ئارام بەرمەيۋاتاتتى.
   ----ھەممە تەييارلىق پۈتتىمۇ؟-سورىدى ئىگىزبويلۇق بىرى.
----ئاق فوسفۇرنى مۈشۈككە سۈرسەملا ئىش پۇتىدۇ –دىدى قايسىدۇر بىرى.
---لېتىپنىڭ ئىتلىرى بەك يامان،بەك يېقىنلاپ كەتمەيلى-دىدى يەنە بىرى.  
    بۇ ئۈچ نەپەر كۆلەڭگە مۇشۇ ئەتراپتا نامى بارئوغرىلار بولۇپ ،بۈگۈنكى ھەركىتى ئۈچۈن ئەتراپلىق تەييارلىق قىلغاندەك قىلاتتى.
   قوتانغا 200 مېتىرچە قالغاندا ئوغرىلار فوسفۇرسۈركەلگەن مۈشۈكلەرنى قوتان تەرەپكە قارىتىپ قويۇۋەتتى.قۇلاقلىرىنى دىڭ تۇتۇپ كۈزەتچىلىك قىلىۋاتقان ئىككى ئىت دالىدا يۈگرەپ كېتىۋاتقان ئۈچ ئوت شارنى كۆرۈپسەل تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالدىيۇ،ئارقىسىدىن قۇيۇندەك قوغلىغان پېتى يار تەرەپتىكى ئورمانغا كىرىپ كەتتى.مۈشۈكلەر بەدەر قاچقان پېتى دەرەخكە يامىشىپ چىقىۋالدى.ئاق فوسفۇر قاراڭغۇدا يالت-يۇلت قىلىپ نۇر چاچاتتى.ئىتلار دەرەخنى تولا چۆگىلەپ ھالىدىن كېتىشتى.ئىتلارنىڭ سۈرەن سېلىشىدىن ئويغىنىپ كەتكەن لېتىپ دالىدا كۆرۈنگەن ئوتتىن قورقۇپ جان –ئىمانى جىقتىدە،ئۆيى تەرەپكە قاراپ بەدەر تىكىۋەتتى.
※※※※
    لېتىپنىڭ قوتىنىدىن 50چە مالنى ھەيدەپ كەتكەن ئوغرىلار كېچىچە مالنى ھەيدەپ مېڭىپ خوشنايېزىدىكى بىر قاسساپقا بازا نەرقىدىن خېلىلا ئەرزان ئۈتكۈزۇپ ،پۇلنى بۆلۈشۈپ قايتتى.ئولجىدىن خوشال بولۇپ بېشى ئاسمانغا يەتكەن ئەيسا ئۈزىگە تەككەن 20مىڭ سومنى ئالغاندىن كېيىن ،ساۋۇت نەشىخوردىن ئازراق نەشە ئېلىپ ئۆيىگە قايتىپ كېلىپلانەشىگە دۈم چۈشتى ۋەتېزلا ئۇخلاپ قالدى.
   ئەيساكەڭ كەتكەن قۇملۇقتا يالاڭاياق كېتىپ باراتتى،ئالدىدىكى قۇم دۆۋىسىنىڭ ئۈستىدە بىرتال ئالتۇن تۇخۇم پارقىراپ تۇراتتى،ئەيسا بار كۈچى بىلەن يۈگۈردى،تۇخۇم”لىككىدە“سەكرەپ ،يەنەبىر قۇم دۆۋىسىگە كۆچتى ،ئەيسا قوغلىدى،تۇخۇم يەنەكۆچتى،ئەيسا يەنە قوغلىدى....مانا ئەيسانىڭ قولى تۇخۇمغا تېگەيلا دەپ قالدى ،ئەيساتۇخۇمغا قولىنى ئۇزىتىشىغا ،يەردىن بىر قول چىقتىدە،ئەيسانى يەر ئىچىگە تارتىشقاباشلىدى.يەر يېرىلىۋاتاتتى،ئەيسا بېلىگىچە قۇمغا كىرىپ كەتتى،ئۆزىنى ھەر يانغائۇرۇپ يۇلقۇنۇپ چىقماقچى بولدى،لېكىن ئەيسا ئۈستىگە يۇلقۇنغانسىرى  ،قول يەر تېگىگە بەكرەك تارتاتتى،قۇم مەيدىسىگىچە كەلدى،قۇتۇلۇشقا كۆزى يەتمىگەن ئەيسا بىچارىلەرچە تۆت ئەتراپقاقاراشقا باشلىدى،ئالدىدا ھەلىمە ئانىدىن تۇغماپېتى،كۆزلىرىدىنقان تامچىلىغان غالەتتە، ئۇنىڭغاغەزەپ بىلەن قاراپ تۇراتتى. ”ھەلىمە ئۆلگەن ئەمەسمىدى“،شۇلارنى ئويلاپ ،ئەيسا پۈتۈنكۈچى بىلەن ۋارقىرىۋەتتى.
  ئۇيقۇدىن چۆچۈپ ئويغانغان ئەيسا ئالا-تاغىل ۋارقىرىغىنىچە ،تالاغا يۈگرەپ چىقتىدە ،ئۆزىنى تۈن قوينىغا ئاتتى.
   كەچ كىرىپ كەتكىنىگە قارىماي،تېخى ئىشتىن چۈشمىگەن جىنايى ئىشلار رازۋېتكا باشلىغى ئاسىم،ئۈستەل ئۈستىدىكى بىرقانچە پارچە رەسىمنى لوپا ئەينەكنىڭ ياردىمىدە ئىنچىكەسېلىشتۇرۇپ ئولتۇراتتى.شۇ چاغدا تېلىفون ئەنسىز جىرىڭلاپ قالدى.
  --- جىنايى ئىشلار رازۋېتكا ئەترىتىمۇ،مەن ئاياغ ساي ساقچىخانىسى،ئەيسا دىگەن بىرى ′بىز ھەلىمە دىگەن بىر قىزنى ئۆلتۈرىۋەتكەن،جىنايىتىمنى تاپشۇرىمەن‵دەيدۇ،گەپ-سۆزلىرى سەل ئالا-تاغىل تۇرىدۇ،ساراڭمىكىن،دىسە  ساقتەك،ساقمىكىن دىسە،ساراڭدەك.ئاشۇنداق بىر دېلو بار-يوقلۇغىنى ئۇقۇپ باقاي دىگەن.تېلىفوننى ئېرىنچەكلىك بىلەن ئالغان ئاسىم دەرھال سەگەكلەشتى،قارشى تەرەپكە تېگىشلىك ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدىدە،خادىملىرىنى ئېلىپ  ئاياغ ساي تەرەپكە يۈرۇپ كەتتى.
   ساقچىخانىداقوللىرىغا كويزا سېلىنغان ئەيسا ئەنسىزلىك بىلەن ھەر تەرەپكە ئەلەڭلەپ قارايتتى.ئاسىم بىرەر سائەتچە ھەپىلىشىپ ئەيسانىڭ كەيپىياتىنى نورماللاشتۇرۇشقاتىرىشتى،ئەيسا خېلىلا ئەسلىگە كېلىپ قالغاندەك قىلاتتى.سوراق باشلاندى.....
    تاتلىق ئۇيقۇدا ياتقان مامۇت بىلەن ئسمايىل ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېلىندى،ئىككى كۈن سوراق قىلىش ئارقىلىق دېلونىڭ ئەھۋالى ئاساسەن ئايدىڭلاشتى.ئەمدى گەپ جەسەتنى تېپىشتا قالغان ئىدى.  
※※※
  دەرستىن چۈشكەن ھەلىمە دائىملىق ئادىتى بويىچە،ياتاققا كىرىپ،نەرسە-كېرەكلىرىنى يىغۇشتۇردىدە،ئالدىراپ،بىكەتكە قاراپ ماڭدى،بېلەت ئېلىپ ئاپتوۋۇزغا جايلىشىپ بولغاندا نامازدىگەر ۋاختى بولغان ئىدى،يەنە ئىككى ئورۇن بوش بولغاچقا شوپۇرماڭىدىغاندەك ئەمەس،ئۆيىگە ئالدىرىغان يولۇچىلار غۇدۇراشقا باشلىدى:
---ماڭايلى ئۇستام ،كەچ كىرگۈچە ئۆيگە بېرىۋالساق بولاتتى.
---يولدا بىرەر يېرىم يولۇچى ئۇچراپ قالار ،ماڭايلى بولمىسا.
---مال-چارۋا ئەتىگەن يەم بەرگەن پېتى ئىدى ،ئېچىرقاپ كەتتىدە بۇكەمگە.
   ھەلىمەنىڭ چىرايىدىن ئالدىراۋاتقانلىغى چىقىپ تۇرسىمۇ ،چىش يېرىپ بىر نەرسە دىيەلمىدى،”دىمىسىمۇ شۇنچەئەر كىشى تۇرغان يەردە ،ئېغىز غېرىشلاپ يۈرسەم سەت ئەمەسمۇ “،دىگەنلەر خىيالىدىن كەچتى.70كىلومېتىر يولنى بۇ ئەبجەخ ئاپتوۋۇز بىلەن ئىككى سائەت ماڭماي بولمايتتى. ”ئۆيدىكىلەر؟ئەنسىرەپ قالىدىغان بولدىدە،بىچارە ئانامنىڭ كۆزى تۆت بولۇپ كېتەر ھەقاچان،ھەرقېتىم ئۆيگە بارغۇچە ئانامنىڭ كۆزى دەرۋازىدا،خەير بۇكۇنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتەر“.”گۈر“قىلىپ ئوت ئالغان ماشىنا ھەلىمەنىڭ خىيالىنى بۆلۈۋەتتى. ”ئاخىرى ماڭدىدەكاساپەت“،كىمدۇ بىرى بوشقىنا ئىسقىرتىۋەتتى.
--ئەگەر تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ ئالى مەكتەپكە ئۆتەلىسەم ئاتا-ئانام قىينىلىپ قالارمۇ؟،مېنى ؟ئوقۇتىمەن دەپ قاق سەنەم بولۇپ كېتەرمۇ؟ئوقۇمىسامچۇ،لېكىن ،دوختۇر بولۇش ئارزۇيۇم بارئىدى،ئەگەر دوختۇر بولالىسام،يېزىغا قايتىپ كېلىپ شىپاخانا ئاچساممۇ مەيلىتى.....شېغىل يولدا ئېغاڭلاپ كېتىۋاتقان ئاپتوۋۇز ئېتىزلارنى،يول بويىدىكى دەرەخلەرنى ئېرىنچەكلىك بىلەنئارقىدا قالدۇرۇپ كېتىپ باراتتى،كۈن ئاستا-ئاستا ئولتۇرۇشقا باشلىدى. بىردەمدىلا ھەممە يەرنى قاراڭغۇلۇق قاپلىدى،قاراڭغۇدا ھېچ يەرنى ئىلغا قىلغىلى بولمايتتى.
   ”گۇم“قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئاپتوۋۇز يولنىڭ چېتېگە چىقىپ كەتتى.شوپۇر جىددى تورمۇزلاپ ماشىنىنى توختاتتى،چاق ئېتىلغان ئىدى.
---ئەستا ،مانەسچىلىكنى كۆرۈڭ،شوپۇر زەردە بىلەن ئېتىلغان چاقنى بىرنى تەپتى.
---ئۇستام،قانچىلىك ۋاقىتتائوڭشىلار ئەمدى.سوراپ قالدى بىرەيلەن.
---خۇدايىم  بۇيرۇغاندا.دىدى رەللە بولۇپ تۇرغان شوپۇرزەردە بىلەن.زاپاس چاقنى ئېلىپ شوپۇرنىڭ جۇدۇنى يەنە تۇتتى.
---ھەي داۋۇت دىگەن ھارىمى،زاپاس چاققا يەل ئۇرماي نىمىش قىلدىڭ؟
---شۇ،بارسام يەل ناسوسى بۇزۇقكەن،يەل ئۇرالماي يېنىپ كەلگەن شۇ.داۋۇت ئىسىملىك بالا چاق يېنىدا شۈمشىيىپ تۇراتتى.شوپۇر ئاغزىنى بۇزۇپ تىللاپلا كەتتى.دىمەك ماشىنىدىن ئۈمىت يوق ئىدى.ئالدىرىغان يولۇچىلارنىڭ بىردىن-ئىككىدىن پىيادە قايتىشقا تەرەددۇت قىلىشقانلىغىنى كۆرۈپ ھەلىمە ئىككىلىنىپ قالدى. ”قانداق قىلاي؟ماڭمىسام ئاپتوۋۇز قاچان ئوڭشىلىدۇ ؟بۇنىڭ ئۆزى خۇداغا ئامانەت.ماڭسام يەنە قانچىلىك ماڭارمەن،قورقار مەنمۇ،ھەي،ئاپام بىچارەئىشىك ئالدىدا ئولتۇرىدىغان بولدىدە،ماڭساممۇ ماڭاي“،شۇلارنى خىيال قىلغاچ ھەلىمەماڭغانلارغا قوشۇلۇپ مېڭىپ كەتتى.ماڭغانسېرى توپ ئازلاپ باراتتى،يولۇچىلاربىردىن -ئىككىدىن ئۆيلىرىگە كىرىپ كەتتى،مانا ئەڭ ئاخىرقى ھەمرايىمۇ ئۆيىگە كىرىپ كېتىش ئالدىدا تۇرىدۇ.
---قىزىم،بولمىسا بۈگۈن كېچەبىزنىڭ ئۆيدە قونۇپ ئەتىگەن ماڭامسىز-يا،سىز بىلەن تەڭ دىمەتلىك قىزىم بار ،ھەمرابولىدۇ.دىدى يولۇچى.
---بولدى چوڭ دادا ،سىلىگە رەخمەت.ئاتا-ئانام شۇتاپتا يولۇمغاقاراپكۆزتېشىلەي ،دىدى،مېڭىۋېرەي.قورقۇنچتىنمۇ،ياكى باشقا سەۋەپتىنمۇبۇنىسى ئېنىق ئەمەس،شۇتاپتا ئاچچىق بىر نەپەس ھەلىمەنىڭ بوغۇزىغا قاپلاشقاندەك قىلاتتى،ئۇنىتىترەك باستى لېكىن چاندۇرماسلىق ئۈچۈن چىشلىرىنى مەھكەم چىشلىۋالدى.
---ئۆيدە بالىلارنىڭ ئانىسى ئاغرىق ئىدى،شۇنىڭغا دورىغا بارغان،بولمىسا ئاپىرىپ قوياركەنمەن،ئەستا،تازىمۇبىرقاملاشمىغان ئىش بولدىدە.يولۇچى ھەسرەتلىك تىنىپ قويدى.
--خۇداغا ئامانەت بالام،ئۆيلىرىگە ئامان –ئېسەن بېرىشقا نېسىپ بولغاي .
ھەلىمە يۈگرەپ دىگۇدەك ماڭماقتا،بردەمدىلا قارا تەر بېسىپ كەتتى.نەلەردىندۇ ئىتلارنىڭ ئەنسىز قاۋاشلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى.كەڭ كەتكەن قوناقلىققا كەلگەندە ،ھەلىمە يولنى ئاز-تولا ئىلغا قىلغاندەك بولدى.
-ھە بۇ ھاشىم بوۋاملارنىڭ قوناقلىغىدەك قىلىدۇ،يەنە ئىككى كېلومېتىر ماڭسام ئۆيگە بارىمەن،ئەنسىرەپ كەتكەنسەن ھە ،ئانا،مانا ئازقالدى،ئۆيگە كىرىپلا باغرىڭغا ئۆزەمنى ئاتىمەن.قوناقلىقتىن ئېتىلىپ چىققان3كۆلەڭگە ھەلىمەنىڭ جېنىنى ئېلىپ يېنىدا قويدى. ”ئاپا“،ھەلىمە توۋلاشقا ئۆلگۈرمەيلاقاۋۇل بىر قول ئۇنىڭ ئاغزىنى مەھكەم تۇتۇۋلدى-دە،ئۆچ كۆلەڭگە ئۇنى قوناقلىققاسۆرەپ كىرىپكەتتى.نەشىنى بولۇشىغا چەككەن ئۈچ ئەبلەخ قوناقلىقتا ھەلىمەنى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئۇسۇللاربىلەن ،ئاياغ-ئاستى قىلدى.بىچارە قىز ئۈنسىز تىپچەكلەپ ھالىدىن كەتتى...شۇنداق قىلىپ توڭگۇز زىرائەتنى چەيلىگەن كەبى،بىر مەسۇمە نابۇت بولدى.ھەلىمە ھۇشىدىن كەتكەن ئىدى.
--كەتمەيلىمۇ،دىدى بىرى.
--ئەمدى خۇماردىن چىققىلىۋاتسا ئادەم،نىمىگە ئالدىرايسەن؟،دىدى،يەنە بىرى.
--تونۇپ قالمىغاندۇ-ھە،ئەگەرتونۇپ قالغان بولسىزە،تۈگەشكىنىمىز شۇ.
--ئەمىسە قانداق قىلىمىز،ئۆلتۆرىۋېتەمدۇق يا.
--شۇنداق قىلايلى بولمىسا،ئۆلتۈرىۋېتەيلى.
  ئۇلار ھەلىمەنى بوغۇپ ئۆلتۈردى ۋە قوناقلىقنىڭ نېرىسىدىكى بىنەم يەرنى كولاپ كۆمۈۋېتىشتى.....
ساقچىلار ھەلىمە كۆمۈۋېتىلگەن نەق مەيدنغا يېتىپ بارغاندا ،ھەلىمەنىڭ ئوڭ قولى بىلىگىنىڭ ئۆستىدىن چىقىپ قالغان بولۇپ، كىمدۇ بىرسىنى تۇتۇۋلماقچى بولغاندەك شامالدا لەپەڭلەپ تۇراتتى.قىزىنىڭ قەستكە ئۇچرىغانلىغىنى ئاڭلىغان ئايسىخان بىر كېچىدىلا ساراڭ بولۇپ قالدى.
ئالاھەزەل يېرىم يىلدىن كېيىن،ناھىيە بويىچە ئوچۇق سوت ئېچىلدى.بۇ نائەھلىلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى.
               
2011-يىل.2-دېكابېر.ئۈرۈمچى-

0

تېما

1

دوست

2421

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   14.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33780
يازما سانى: 84
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 764
توردىكى ۋاقتى: 22
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-19
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-2 23:39:24 |ئايرىم كۆرۈش
نىمە دېگەن ۋەھشىي ئۇلار ........ ھەيييييييي    بىچارە قىز   
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

1278

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   27.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24196
يازما سانى: 99
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 378
توردىكى ۋاقتى: 109
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-20
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-3 03:20:33 |ئايرىم كۆرۈش
بۇنداق ھايۋانغا ئوخشاش ئادەملەر ئۆلسىمۇ ئازلىق قىلىدۇ.

0

تېما

5

دوست

945

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   89%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13396
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 294
توردىكى ۋاقتى: 92
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-17
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-3 10:31:00 |ئايرىم كۆرۈش
پەرزەنىتلەرگە ئاگاھ بولايلى .نېمە دېگەن ئېچىنىشلىق .

4

تېما

0

دوست

5932

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   18.64%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3358
يازما سانى: 384
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 629
تۆھپە : 1393
توردىكى ۋاقتى: 414
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
5#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-3 11:08:44 |ئايرىم كۆرۈش
ئۇلۇق ئاللا ئىگەم  ھەممىمىزگە  ئىنساپ ئىمان  ،خاتىرجەملىك  ئاتا  قىلسۇن  .

15

تېما

26

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 1472
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 35
تۆھپە : 4080
توردىكى ۋاقتى: 1575
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-20
6#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-3 11:36:51 |ئايرىم كۆرۈش
  قىمار، نەشە، زەھەر دىگەنلەرنى قاتتىق تۇتۇش كېرەك دەپ يۈرسە تىكىپ ئوينايدىغان ئۇيۇنچۇقخانىلار...

0

تېما

4

دوست

1098

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   9.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31651
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 334
توردىكى ۋاقتى: 126
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-19
7#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-3 11:58:19 |ئايرىم كۆرۈش
تېما ئىگىسى، بۇ تېما ئارقىلىق مۇنازىرە قاينىمىغا غەرىق بۇلۇپ كەتكەن تورداشلارنى  ئىجتىمائى تۇرمۇشنىڭ قايناملىرىدىن پەخەس بۇلۇشقا ئۈندەپسىز.

26

تېما

0

دوست

1397

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   39.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33336
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 62
تۆھپە : 434
توردىكى ۋاقتى: 114
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-19
8#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-3 12:19:15 |ئايرىم كۆرۈش
ئىبرايىم ، ياخشى يېزىپسەن ، مۇنبەرگە ئۆزگىچە خۇش-پۇراق گۈلدىن بىرنى سۇنۇپسەن. داۋاملاشتۇرۇپ تۇرارسەن .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )